كۆرۈش: 433|ئىنكاس: 0

سابىرجان سىيىت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]


سابىرجان سىيىت 1967-يىلى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ يامانيار يېزىسىدا ئۇقۇمۇشلۇق مەرىپەتپەرۋەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1984-يىلى خىزمەتكە قاتنىشىپ 1994-يىلغىچە يامانيار يېزىلىق خەلق  ھۆكۈمىتىدە كاتىپ، تەشۋىقات، تەشكىلات، خىزمەتلىرىنى ئىشلىگەن. 1994-يىلىدىن ھازىرغا قەدەر قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەلىك رادىيو-تېلىۋىزىيە ئىدارىسىدا مۇخبىر –تەھرىر بولۇپ ئىشلىمەكتە، ئۇ كاندىدات ئالى مۇخبىرلىق ئۇنۋانىغا ئىگە.
سابىرجان سىيىت 1986 –يىلى «قەشقەر گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان «گۈل يېزام» ناملىق شېئىرى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كىرىشكەن بولۇپ، ھازىرغىچە ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى گېزىت–ژۇرناللاردا 500 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، نەسىر، ھېكايىلىرى ۋە «ئۇيغۇر تەبىر بىشارەتلىرىنىڭ تارىخىي قىمىتتى»،  «ئۇيغۇر مىسكەرچىلىكى ھەقىدە قىسقىچە بايان»، «ئۇيغۇر باپكارچىلىقنىڭ تارىخىي قىممىتى توغرىسىدا »، «ئۇيغۇر تېلىۋىزىيە سەنئىتىنىڭ جەمئىيەتتە تۇتقان ئورنى ۋە رولى توغرىسىدا» ‹مۇخبىرلىق ئالدىدىكى تەييارلىققا سەل قاراشقا بولمايدۇ › قاتارلىق 20 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالىسىنى نوپۇزلۇق گېزىت –ژۇرناللاردا ئېلان قىلدۇرغان، بىر قىسىم ئىلمىي  ماقالىلىرى خەنزۇچە گېزىت –ژۇرناللارغا تەجىمە قىلىنىپ ئوبزور ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭ بىر بۆلەك شېئىر، نەسىرلىرى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان «دېھقانلار قوشىقى» (1990-يىلى)، «رۇبائىيلىق كالىندار» (قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1998-يىلى)، «تاللانغان رۇبائىيلار» (1999-يىلى)، («قەشقەردە توي» (1999-يىلى مىللەتلەر نەشىرياتى)، جوڭگۇ ئۇيغۇر مەدەنىيتى تارىخى تەتقىقات 5-توم» (2011-يىل) جوڭگۇ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تارىخى تەتقىقاتتى 6-توم  قاتارلىق بىرلەشمە توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن. ئۇ باشقىلار بىلەن بىرلىكتە توپلاپ رەتلىگەن «ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى» ‹17-›(1999-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپدىن نەشىر قىلنغان). قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى «قۇياش كۈلگەن سەھەر » ناملىق ھېكايە-نەسىرلەر توپلىمى (2000-يىلى)، «يۇرت ئوغلى» (2001-يىلى)، «چۆلدە چاقنىغان يۇلتۇز» (2005-يىلى) قاتارلىق ئەدەبىي ئاخبارات توپلاملىرىنى، « ئۇيغۇر ئويۇنلىرى 1-، 2 -، 3-قسم» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى (2003-،2006 -يىل) نى نەشر قىلىپ تارقاتتى. 2007-يىلى «ئۇيغۇر مىسكەرلىكى»، «ئۇيغۇر تۈنكىسازلىقى» قاتارلىق ھۈنەر-كەسىپكە ئائىت كىتابلىرى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرپىدىن نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى. 2010-، 2011-يىللىرى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى «بۈركۈت شەجەرىسى »، «يارقىن ئىزلار»، ‹‹ھايات –سۇيگۇسى››، ‹ھايات جىلۋىسى › قاتارلىق ئەدەبىي ئاخباراتلار توپلىمىنى نەشر قىلىپ تارقاتتى. شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى ‹خەيرلىك سەھەر › پروگراممىسىدا ئۇنىڭ ‹سەھەر ئۈنچىلىرى › ئاساسى تېما قىلىنغان 2000 دىن ئارتۇق قىسقا نەسىر ۋە ئەقىلىيە سۆزلىرىنى ئاڭلاتتى. « ئۇيغۇر مەشرەپ ئۇيۇنلىرى»، «ئۇيغۇر تەپەككۇر جەۋھەرلىرى» ناملىق كىتابى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپدىن پات ئارىدا نەشردىن چىقىدۇ. ئۇ توپلاپ رەتلىگەن 1000پارچىدىن ئارتۇق چۆچەك، 1500پارچىدىن ئارتۇق قوشاق، 2500 پارچىدىن ئارتۇق ماقال-تەمسىل قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى نەشر قىلدۇرغان «ئۈچ توپلام »غا كىرگۇزۇلگەن. ئۇنىڭ « ياشلىق سۆيگۈسى» ناملىق شېئىرى «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلى 1993-يىلى ئۇيۇشتۇرغان «تەڭرىتاغ قەلەمكەشلىرى ئەدەبىي ئىجادىيەت يىغىنى» دا 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، «چېچەك ۋە ياشلىق»ناملىق نەسىرى «قەشقەر گېزىتى» 1994-يىلى ئۇيۇشتۇرغان «تەبىئەت بەرگەن تۇيغۇلار» تېمىسىدىكى ئەسەرلەرنى باھالاشتا 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 2006-يىلى 6-ئايدا ئۇنىڭ «ئۇيغۇر تەبىر بىشارەتلىرى ۋە ئۇنىڭ تارىخىي قىممىتى» ناملىق ماقالىسى 4-نۇۋەتلىك جوڭگۇ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تارىخىي ئىلمى مۇھاكىمە تەتقىقات  يىغىنىدا 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 2011-يىلى 8-ئايدا ئۇنىڭ «ئۇيغۇر مىسكەرچىلىك سەنئىتى توغرىسىدا بايان» ناملىق ماقالىسى 5-نۆۋەتلىك جوڭگۇ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تارىخىي ئىلمىي مۇھاكىمە تەتقىقات يىغىنىدا ئوقۇلۇپ ئالىم، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ۋە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.
  ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ 26 يىللىق ئاخباراتچىلىق ھاياتىدا قەشقەر  يېڭشەھەر ناھىيەسنىڭ يېزا-قىشلاقلىرىنى ئايلىنىپ، ناھىيە تەۋەسىدىن 10مىڭ پارچىدىن ئارتۇق ئاخبارات ئەسەرلىرىنى يېزىپ،  مەملىكەت ۋە ئاپتونۇم رايون دەرىجىلىك تەشۋىقات ئورۇنلىرىدا ئېلان قىلدۇرغان. «ساخاۋەتلىك زېمىن »، «تاتلىقجاننىڭ ھېكايسى»، «مۇقام ياڭرىغان ھويلا»، «گۈزەل شەندۇڭ قالدۇردى كۆپ تەسىرات، كۆزلەر كۈلۈپ يۈرەك يايراپ بولدى شاد»، «مۆجىزە» قاتارلىق 25 پارچىدىن ئارتۇق ئاخبارات ئەسەرلىرى مەملىكەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئاز سانلىق مىللەت تىلىدىكى رادىيو-تېلىۋىزىيە ئەسەرلىرىنى باھالاشتا 1-،2-،3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرشكەن، كۆپلىگەن ئاخبارات ئەسەرلىرى ئاپتونۇم رايون بويىچە ئۇيۇشتۇرۇلغان تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە ھەرخىل مۇكاپاتلارغا ئېرشكەن. ئۇ يەنە چوڭ ھەجىملىك  ‹‹جۇڭگۇ ئۇيغۇر مەشرەپلىرى›› ناملىق فىلىمنى سۇرەتكە ئېلىشقا، سىنارىيىسىنى يېزىشقا قاتناشقان .  ئۇ شىنجاڭ خەلق  رادىيو ئىستانسسى، «شىنجاڭ گېزىتى»، «شىنجاڭ ئوسمۈرلىرى گېزىتى»، «شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى» قاتارلىق ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى نوپۇزلۇق ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ  تەكلىپلىك مۇخبىرى.
سابىرجان سىيىت جوڭگۇ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تارىخىي تەتقىقات ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جوڭگۇ ئۇيغۇر 12مۇقام ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جوڭگۇ ئاخباراتچىلار جەمئىيىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك يازغۇچلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ۋە قەشقەر ئېغىز ئەدەبىياتى تەتقىقات جەمئىيىتنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى. مۇئاۋىن باش كاتىپ ، ئۇنىڭ نامى ۋە ئىجادىيەت ئەھۋالى «جوڭگۇ شەخسلىرى قامۇسى»، «جوڭخۇا ئەزىمەتلىرى»، «جوڭگۇ ئىخساسلىقلار ئامبىرى»  قامۇسىغا كىرگۈزۈلگەن

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش