يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 1281|ئىنكاس: 10

غوجىمۇھەممەد: ئوتتۇز ئۆلۈم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئوتتۇز ئۆلۈم
غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد

1

ئۆلگىلى قوي بىردەمگىنە،
ياتاي كىرىپ قەبرەمگىنە.

چۆلنى گۈلگە قايتۇر
تاپشۇر مېنى جەندەمگىنە.

كىرەي ئىشىق يولىغا
تولدۇر مېنى تەللەمگىنە.

كۆزۈمدە دۇنيانى يۇماي
ئاخىر ئاشۇ زەللەمگىنە...

2

يوق بىر دىلبەر ماڭا يار ئىكەن،
ئۇنىڭدا ھەتتا يوقمۇ بار ئىكەن.

كېچىنى كۆيدۈرۈپ قۇياش قىلغان
كۈندۈز قاراڭغۇ گۈلزار ئىكەن.

كۆز كۆزنى كۆرۈپ قارىغۇ بولغاندەك
سۆز ھەم سۆزدە تارمار ئىكەن.

ھايات چىرىغىنى ياندۇرغان
ئۆلۈمدىكى ئىپتىخار ئىكەن.

جەننەت، دوزاخ دەپ ئىككى يولنى بېرىپتۇ،
قايدىن بارسام ئىختىيار ئىكەن.

3

بىلمەيىن دۇنياغا كېلىپتىمەن،
كېلىپ، بىلگىنىم بىلمەسلىك ئىكەن.

تۇغۇلۇپلا يىغلاپتىمەن،
پىشانەمگە پۈتۈلگىنى كۈلمەسلىك ئىكەن.

ھەر كۈن نەچچە ئۆلۈپ ياشاپتىمەن،
ئەسلى تەقدىرىم ئۆلمەسلىك ئىكەن.

كۆڭلۈمنى باغلاپتىمەن شەيتان دەپ،
ھەقنىڭ ئاڭا بەرگىنى كۆنمەسلىك ئىكەن.

ھەق بىر ئىكەن، ئاندا ھېكمەت
دۇنيانى ئىككىگە بۆلمەسلىك ئىكەن.

4

سۆزلەرنى ئۆلتۈرۈپ، ناۋا قىلسام،
شېئىرغا سۆزسىزلىكنى راۋا قىلسام.

ئاپئاق بەتلەردىن ئوقۇپ ئەپسۇننى ئاپئاق
كىتابتىكى قارا خەتلەرگە داۋا قىلسام.

بارچە رەڭلەرنى قارىغا قايتۇرۇپ،
ناخشىنى جىمجىتلىقتا ئادا قىلسام.

ئىرىشتۈرسەم ئادەملەرنى يالىڭاچ تەنگە،
يىرتىپ كىيىملەرنى، جۇدا قىلسام.

قېزىپ دىللاردىكى سۇكۇناتنى
سايدىكى قارا تاشتەك سادا قىلسام.

ئەسلى يۈزىنى كۆرسەتسەم ئادەملەرگە،
چېقىپ ئەينەكلەرنى، نىدا قىلسام.

ئىچىمگە يۈگرەپ كىرىپ، تېشىمغا يىغلاپ چىقىپ
مېنى ماڭا بىۋاپا قىلسام...

ئېگەم كەچۈرەرمۇ سوراق كۈنى
شۇنداق جاۋاب بېرىپ «خاتا» قىلسام؟!...

5

ھاياتىم سۇئال بولسا، جاۋاب مەندە ئەمەس،
قەلبىم ئاياق بولسا، شاراب مەندە ئەمەس.

بىر ئۆمۈر ئىزدىدىم ئۆزۈمدە، تاپالمىدىم،  
يار باشقا يەردە بولسا، ئازاب مەندە ئەمەس.

رەببىمگە قانداق يېتىمەن ئاڭا يۈرمەي تۇرۇپ،
دۇنيا ئىتىكابخانا بولسا، ساۋاب مەندە ئەمەس.

دوزاخ ۋە جەننەت ئارىسىدىكى يولدىن ئىزدىسۇن مېنى،
ئىچىمدىن نەغمە ياڭرار، داپ- راۋاپ مەندە ئەمەس.

6

قەلىب ئىشىكىنى ئاچماڭ دېدىلەر،
ئېشق گۈلزارىدىن قاچماڭ دېدىلەر.

ئۆزىڭىزدە پىنھان گۆھەرسىز،
گۆھەرنى ھەريان چاچماڭ دېدىلەر.

مېڭىپ يۈرىدىغان قەبرىدۇر تەن،
ئۇندا بىغەم ياتماڭ دېدىلەر.

يەرنى ۋەتەن ئۈچۈن سېتىڭ، مەيلى
لىكىن ۋەتەننى ساتماڭ دېدىلەر.

ئۆلگىلى كەلدىڭىز، تىرىلمەككە
جان چىققۇچە ساقلاڭ دېدىلەر.

7

جەسەد  ئاخشاملىرى مەن سەن بىلەن بىللە،
يىغلىشار قۇچاقلىشىپ جان تەن بىلەن بىللە.

سۇنۇق قوۋۇرغامدا بىر ئايال كارۋان
ماڭار چۆللەرگە ياندىشىپ گۈلشەن بىلەن بىللە.

بۇقۇلدار سامادا بىر ئۆلۈك كەپتەر
جۆر بولۇپ روھىمدىكى كىشەن بىلەن بىللە.

يۈزۈمدىكى توپىلىق يولدا يالاڭئاياغ
كېلەر كۆز يېشىم يېتىلىشىپ ۋەتەن بىلەن بىللە.

پەردىنى قايرىسام، كۈلۈشۈپ ئولتۇرۇپ
شاراب ئىچىۋىتىپتىمەن بىر لېۋەن بىلەن بىللە...

ماڭسام ئارقامدا قالىمەن، توختىسام كېتىمەن ئۇزاپ،
قاچان بولارمەن ئۆزۈم مەن بىلەن بىللە؟

8

مېنى قانداقمۇ مۇھەببەت ئۆلتۈرسۇن؟
ياق، مۇھەببەت خەنجىرى- نەپرەت ئۆلتۈرسۇن.

كۈلەي، كۈلكەمنىڭ يىرتىقىدىن
ماراپ تۇرغان ھەسرەت ئۆلتۈرسۇن.

ھەقىيقەت ئېلىپ بارسۇن دار ئالدىغا،
مېنى داردىكى يالغانچىلىق، لەنەت ئۆلتۈرسۇن.

توغرىلىق- ئۆلگەن ئادەمدە،
خاتالىقىمنى رەئىيەت ئۆلتۈرسۇن.

يېسەم بىر قۇچقاچنى بىراۋا
قارنىمدا مېنى تەبىئەت ئۆلتۈرسۇن.

ياشاي تېنىمدىن چىقىپ تۇرۇپ
مېنى ھەر نەپەس بىر جەسەد ئۆلتۈرسۇن.

مېنى ھېچكىم ئۆلتۈرمىسە، كىم ئۆلتۈرەر؟
ئۆلتۈرسۇن، ئۆلتۈرسۇن، تا ئەبەد ئۆلتۈرسۇن.

9

قانات سۇنسا ئاسمان بار،
ئاشىق ئۆلسە داستان بار.

ئادەم ئۆلۈپ تۇپراق بولۇر،
تۇپراقتا يەنە ئىنسان بار.

ھەق پىراقى- ئوتتۇر،
ئوت بولسا يەنە شەيتان بار.

تەن بولسا بار كۆڭۈل ئىشتىياقى،
كۆڭۈل بولسا ھايۋان بار.

يىغلىمايلى، كۈلمەيلى،
دۇنيا دېگەن يالغان بار.

10

قەلبىڭدىن ئىزدە يىراقتا بولسام،
ياندۇر مىنى، چىراقتا بولسام.

قۇتقاز ئۈزۈپ، مۇھەببەتنى
رىشتىڭدىكى ئۇلاقتا بولسام.

قۇرۇتىۋەت يامغۇرنى
لېۋىڭدىكى ئاياقتا بولسام.

كېسىۋىتىپ تىلىمنى
سورا سۇئالىڭنى، سوراقتا بولسام.

11

يار كېلىپتۇ، كۆزۈم كۆرۈشكە تەييارلان،
يۈرىكىم گۈلخان بولۇپ كۆيۈشكە تەييارلان.

دۇنيا دېگەن قۇپقۇرۇق ئاياقنى تاشلا،
لېۋىم ئۇنىڭ لېۋىگە سۆيۈشكە تەييارلان.

ئايىغىغا سامانىڭ شاخلىرى ئېگىلۇر،
قولۇم ئۇنىڭ بويىدىن يۇلتۇزلارنىڭ ئۈزۈشكە تەييارلان.

بارماقلىرىدا رەت- رەت ئۆلۈم،
جېنىم، مۇھەببەت ئىچرە ئۆلۈشكە تەييارلان.

12

قۇل بولۇپ چىقتىم تالاغا، پادىشايىم كەلدىمۇ؟
پادىشاھىم بولغۇدەك خۇش، بىر گۇناھىم كەلدىمۇ؟

ئاڭلىنۇر كۆز ياشلىرىمدىن نەغمىسى
ئىشقى شەيدالىق بېغىدىن چارىپايىم كەلدىمۇ؟

ئۆتتى مەڭزىمنى سىيپاپ مەيىن خىيال،
باش ئېگىپ كۆڭلى مۇلايىم كەلدىمۇ؟

سال دېدى، ئەڭلىمنى سالدىم، جانغىچە
يالىڭاچ بولدۇم، سازايىم كەلدىمۇ؟

13

بۇلبۇلۇڭمەن، مېنى گۈلگە ھەيدە،
ئاندىن گۈلدىكى چۆلگە ھەيدە.

يالىڭاچ تېنىڭمىدۇ روھىمدا لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان؟
مېنى روھىڭدىكى كۆيۈپ ئۆچكەن كۈلگە ھەيدە.

كەزدىم كەربالانى سېنى ئىزدەپ،
مېنى ئاندىن بەتەر كۆڭۈلگە ھەيدە.

14

كۆڭۈل پەشتاقلىرىدىن سېنى سوراپ كېلىمەن،
يۈرىكىمنى ئىزلىرىڭدا ياماپ كېلىمەن.

ئەتىرگۈل دەرۋازىسىدىن جەڭگاھقا كىرىمەن،
خازانلار ئارىسىدىن جەسىدىڭنى ساناپ كېلىمەن.

كېچە تاملىرىدىن قارايسەن ماڭا، قولۇڭدا قان ئېقىپ تۇرغان ئايپالتا،
ئايپالتىدا چۈشلىرىمنى چاناپ كېلىمەن.

كۆز يېشىم يىغلىمايدۇ مۇھەببەتنىڭ قىيامەتلىك يامغۇرلىرىدەك،
يامغۇر توختىغىچە قان ئىچىدە قاناپ كېلىمەن.

مەندىن باشقا ھېچكىم يوق،
ئۆزۈمنى ئېشق ئوتىغا تۇترۇق قىلىپ قالاپ كېلىمەن.

15

دەرياغا تاشلىۋىتىڭلار مېنى، كۆرۈۋالسۇن قىرغاقلار،
ئۆلۈۋالسۇن دەريا بويىدا يارنىڭ چېچىنى تاراۋاتقان تارغاقلار.

تاشلىۋىتىڭلار يولغا، سەھەردىكى ئەزان ئۈنىدە
تولسۇن ئېشىق كۈيىگە ھەرياقلار.

تاشلىۋىتىڭلار چۆلگە، پايانسىز ناخشامنى
ئوقۇپ بەرسۇن قۇياشقا زېمىندىكى خوخا، تەسكەن، يانتاقلار.

تاشلىۋىتىڭلار تاغقا، تاشلار يېرىلىپ
ئاھىمدىن كۆكتە چاقسۇن چاقماقلار.

تاشلىۋىتىڭلار قاقاسلىققا، جۇشقۇنلۇقنى تاپسۇن تەبىئەت،
ئاتلارنىڭ ئايىغىغا يۈگرەپ كېلىپ يايلاقلار.

مېنى ئۆزۈمگە تاشلىۋەتمەڭلار،
مەندە مەندىمۇ يوق پەريادلار...

16

چاچلىرىڭ ئېشق لەشكەرلىرىنىڭ مېنى باغلايدىغان ئارغامچىسى،
قۇل بەخىتلىكتۇر، تەگكىنىدىن ئۆزىگە پادىشاھىنىڭ قامچىسى.

ۋەتەن ئۇلۇغ، سەن بولغاچ ئۇندا
خەلقلەر- مۇھەببەتنىڭ غالچىسى.

چۆل ئوڭدا ياتار سېنى ئاسماندا كۆرۈپ،
كىندىكىدە تەقدىر پالچىسى.

تىرىكلىك- ياشاشقا باھانە،
بولمىسا جاندا ھايات ئۆلۈمدىن بىر قانچىسى.

كۆز يېشىڭ مۇھەببەت سەۋەبىدىن تۆكۈلگەن بولسا
جاھاننى غەرق قىلار بىر تامچىسى.

كەل، يۈزۈڭنى ئالقىنىمغا قوي، خەندە ئۇراي
تاڭ ئاتقۇچە ئاي يورۇقىدا تۇراي...

17

جەسەد جەندەمنى تالاشما، ساڭا كېپەن ئەمەسمەن،
ئۆلۈكلەر قوغداۋاتقان ۋەتەندىكى مەن ئەمەسمەن.

كۆزلىرىم يار يولىدىكى بۇلاقلاردا قۇرۇپتۇر،  
بۇلبۇل ناۋاسىدىكى غايىبانە گۈلشەن ئەمەسمەن.

قاتتىق قىيناقلاردا كېرىلگەن، يىرتىلغان، قانىغان،
ئاتنىڭ قۇيرۇقىدا سۆرىلىپ ئۆلگەن تەن ئەمەسمەن.

جىن قوشۇقى ئۇماچ ئۇسۇۋاتقان ئارقا مېڭەمدىن
ئاچ ئەرۋاھلارغا بىر لوقما چۈش بەرگەن ئەمەسمەن.

زىمىستان قىش يىغلاۋاتقان لالما ئىتنىڭ كۆزلىرىدىن
ئىسسىق ئۆيۈمنى تېپىپ بىر كېچە تۈنىگەن ئەمەس.

ئالغا! دېگىنىچە ئارقىسىغا كېتىۋاتقان ئۆتمۈشنىڭ
ئەڭ ئالدىدا بايراق كۆتۈرۈپ يۈگۈرگەن ئەمەسمەن.

كۆز يېشىمنى ئىچكەنلەر نەقەدەر ساپ دېيىشەر لەۋ تامشىتىپ،
چۈنكى ئەزەلدىن يىغلاپ تۇرۇپ كۈلگەن ئەمەسمەن.

مېنى چاقىرىڭلار ئۆلۈش نۆۋىتى كەلسە،
ياشاش ئۈچۈن تىخى بىر قىتىممۇ ئۆلگەن ئەمەسمەن.

18

گۈل ئېچىلدى، بۇلبۇل توختىدى،
بۇلبۇل ئۆلدى، ئېچىلىشتىن گۈل توختىدى.

ئاشىق كىردى مەشۇق ئىشىكىدىن،
بوسۇغىدا چۆل توختىدى.

سۇمرغ چىقتى ئۇچۇپ ئوتتىن
روھىدا پىچىرلاشتىن كۈل توختىدى.

مۇھەببەت تۈگىدى، قۇچاقلىشىپ
ئىككى تەن ئارىسىدا كۆڭۈل توختىدى.

19

قۇياش، مەشرىقتىن مەغرىبقىچە يارنى كۆردۈڭمۇ؟
كۆزىدە مېنى ئىزدەپ كىشنەۋاتقان تۇلپارنى كۆردۈڭمۇ؟

كىرپىكى ئاھۇ تېغىغا ماڭغان بىغۇبار كارۋان،
چېچىدىن يېغىۋاتقان قاپقارا قارنى كۆردۈڭمۇ؟

لېۋىدە كىپىنەكنىڭ قەبرىستانلىقى
قەبرىستانلىققا گۈل كۆتۈرۈپ ماڭغان گۈلزارنى كۆردۈڭمۇ؟

بويى تىك، يىقىلماس، ئەبەدىي...
ئۇندا مەن ئېسىلىپ تۇرغان دارنى كۆردۈڭمۇ؟

باق ئۇنىڭ قەلبىگە، قانچىلىق چوڭقۇر، قانچىلىك قاراڭغۇ،
ئۇندا مەن ئېتىكاپتا ئولتۇرغان غارنى كۆردۈڭمۇ؟

ئۆلدۈم، يەنە ئۆلىمەن، يار ئۇ تەرەپتە بولسا،
ئۇنىڭ تېنىدە جەسىىتمنى كۆمۈۋاتقان گۆركارنى كۆردۈڭمۇ؟

20

يار دەپ ئاغزىمدىن قان چىقار بولسا،
يار دەپ تېنىمدىن جان چىقار بولسا.

كۆزۈمنى ئويۇۋىتەي، تىلىمنى كېسىۋىتەي، قۇلىقىمنى ئېتىۋىتەي،
قاراشتىن، سۆزلەشتىن، ئاڭلاشتىن ئىمان چىقار بولسا.

ئۆلسەم تۇپراققا كۆممەڭلەر
مۇھەببەت كۆمۈلگەن يەردىن ئاسمان چىقار بولسا.

يارنىڭ باغرىدا قۇياش بولاي، ئاندىن يورۇق پاتاي
قاراڭغۇ ئۆلۈمدىن داستان چىقار بولسا.

يۈزۈم تاملارغا چاپلانسۇن، كۆزۈم دەرۋازىلارغا مىخلانسۇن،
يار دېگەن سۆزدىن ئىسيان چىقار بولسا.

ئۈزەي دىل زەنجىرىنى، بۇزاي كۆڭۈل ئېغىلىنى
تەلۋە- سەۋدالىقىمدىن ھايۋان چىقار بولسا.

مەندىن كىيىن دۇنيادا نە راست؟
ئۆلسەم يەنە مەندەك ئىنسان چىقار بولسا...

21

كۆز يېشىدىن ئىزدىدى مارجانىنى،
ئىزدىدى تەندىن ئېشق بارخانىنى.

كەتتى چۆلگە ئاھىدىن ئاۋات قىلىپ
تىپتىنىچ قەلبى قەلەندەرخانىنى.

يورغىلاپ يۈردى خىيالى رەستىدە،
لال ئېتىپ كۆڭلى بىھۇش مەستانىنى.

قىپقىزىل قاننى قىزىلگۈل ئەيلىدى،  
ئۆلتۈرۈپ بۇلبۇل كەبى مەردانىنى.

تەننى تۇپراق قىلسا نە تەڭرىم ئەجەب،
يەتتە قات قىلدى كۆڭۈل ئاسمانىنى.

يەتكۈسى ھەركىم ئۆلۈمنىڭ ۋەسلىگە
سەرپ ئېتىپ ئېشق يولىدا تەن- جانىنى.

ئەي پەلەك، يارنى ئۆلۈمدىن ئايرىما،
نەزمىلەرگە چاچ ئۇنىڭكى قانىنى.


22

ئۆلۈك ئاتلىق چىقتى سەپەرگە،
پاتقان كۈننى ئېسىپ كەمەرگە.

ئوتتا سۇدىن قىلىچ سوقتى،
كۆز يېشىدىن ئاتلاپ خەتەرگە.

مۇھەببەتنى قىلدى شىرىن
ھەسەلنى ئۇ قوشۇپ زەھەرگە.

قويدى خۇدا ئۆلۈمنى چىكىت قىلىپ
ئادەم دېگەن بۈيۈك ئەسەرگە.

23

دۇنياغا يارنى ئىزدەپ كەلگەنلەرگە سالام،
دۇنيادىن يارنى ئىزدەپ كەتكەنلەرگە سالام.  

يار دېگەن سۆزدىكى دارغا ئېسىلىپ،
مۇئەللەقتە يارنى ئىزدەپ يۈرگەنلەرگە سالام.

يارنى سۆيۈۋىتىپ، ئادىشىپ كېتىپ،
باشقا بىر ئايالنىڭ قۇچىقىدا ئۆلگەنلەرگە سالام.

يارنى ۋۇجۇدىغا كۆمۈپ
زېمىندا قەبرە بولۇپ ئۈنگەنلەرگە سالام.

يار- يوقتا باركى، باردا يوق،
يوقتىكى بارغا كۆنگەنلەرگە سالام.


24

مېنى ئۆلۈم چىرمىۋالدى ھەر تەرەپتىن،
چىقماس ياكى جېنىم مېنىڭ دەرغەزەبتىن.

يۇمشاق پاتتىم گۆشلىرىمگە شىرىن ئاغرىپ،
لەختە- لەختە بولۇپ چىقتىم بىئەدەبتىن.

ماڭا دەھشەت قەھرىمانلىق ياراشماسمۇ،
يۈرىكىمگە تەگسە بىر ئوق شان- شەرەپتىن؟

ئۇخلاپ قېلىپ ئويغانمىسام دوستۇم كەبى،
بىلەلمىسەم:  ئۆلۈپ قالدىم نە نەسەۋەبتىن.

ياكى ئۆلۈم سەۋەبى يوق بىر ئىشمىدۇ،
ئىش ئەمەس ئۇ كەلگەن ياكى باشقا گەپتىن؟

مېنى ئۆلۈم چىرمىۋالدى ھەر تەرەپتىن،
ھايات تۇرۇپ ئۆلدۈم نىچۈن، نە سەۋەبتىن؟!...

25

مۇھەببەتنى يوقاتتىم ئىككى تەنلىك كېچىدە،
غايىب بولدۇم ئۆزۈم ھەم شىرىن ئاغرىق ئىچىدە.

باغرىمدىكى دۇنيانى تۇغقان ئايال شۇمىدۇ،
شېئىردىكى پەرىشتە تۇرماس نىچۈن گېپىدە؟

دەشتىبايان ئىيتاي دەپ كىرمەپمىدىم چۆلگە مەن،
كۆردۈڭلارمۇ كۆڭلۈمنى ئاشىقلارنىڭ سېپىدە؟

پەلەك قاخشال روھىمدىن خازانلاردەك تۆكۈلدى،
ئۆلسەم ئەمدى ياتارمەن تۇپراقلارنىڭ بېتىدە...

ياق، ياق ئەمدى سۆيگۈنى قۇتۇلدۇراي شېئىردىن
يارنى سۆيۈپ توختىماي جۇدالىقنىڭ لېۋىدە...

26

مۇھەببەت مېنى نەپرەتكە تېگىشتى،
شېئىر مېنى ھەسرەتكە تېگىشتى.

باشلاپ قويۇپ ئاياللارغا
كۆڭلۈم مېنى ئىشرەتكە تېگىشتى.

خىيالىم قاراڭغۇ تاملاردا
يالغۇزلۇقۇمنى دەردكە تېگىشتى.

يوق بىر يارنىڭ قامچىسى
يۈرىكىمنى جاراھەتكە تېگىشتى.

ماشىنىلار يارنى ئېلىپ قاچتى،
ئەقىدەمنى سانائەتكە تېگىشتى.

كۆڭلۈمدىكى يار ئۇخلىغان كەپىنى
ئاسمانپەلەك ئىمارەتكە تېگىشتى.

تۈڭلۈك ماراپ تۇرغان تۈكلۈك خىيالنى
قىزىل چاچلىق جىنايەتكە تېگىشتى.

ناخشىلار مېنى قان قۇسۇپ
كۆز ياشتىكى پاساھەتكە تېگىشتى.

چاچلىرىمنى ئايغا ئېسىپ
يۇلتۇز مېنى ھاقارەتكە تېگىشتى.

ئۆلۈم بىلەن قورقىتىپ
ئىمانىم مېنى ئىبادەتكە تېگىشتى.

مەن دۇنيانى تېگىشتىم يالغانغا،
دۇنيا مېنى ھەقىيقەتكە تېگىشتى.

27

ھەركىمگە بىر ئەجەل،
دۇنيا- ئەجەلگە غەزەل.

بېسىقماس سەۋدالىق،
مۇھەببەت ئەزەلدىن- ئەزەل.

ئۆلۈم- كەلمەس، بىز بارىمىز،
چۈنكى ئۇ بىر سىرلىق جاناندۇر گۈزەل.

28

دىل قاراڭغۇسىدا چىراغ يېقىپ ئولتۇرغىنى سەنمۇ؟
ئېشق جامىمغا يىغلاپ تۇرۇپ شاراب تولدۇرغىنى سەنمۇ؟

تەن قەپىسىدىن قۇش بولۇپ ئۇچقان جېنىمنى
كۆڭلىنىڭ ئېگىز شاخلىرىغا قوندۇرغىنى سەنمۇ؟

دۇنيا سۇندۇرغان مۇھەببەتلىك كۆڭلۈمنى
كەيىپ بارماقلىرىدا يەنە سۇندۇرغىنى سەنمۇ؟

ئاي شولىسىدىن لىباس كېيىپ، يۇلتۇزلاردىن مارجان ئېسىپ،
قۇياشنى قوينىغا سېلىپ،  مېنى يوققا بولدۇرغىنى سەنمۇ؟

ئۆزىگە باشلاپ قويۇپ قېچىپ كەتكەن ئىشرەت كېچىسىدە،
ئەي ي ي...مېنى سەندە يالغۇز قالدۇرغىنى سەنمۇ؟

29

بەلكى تىخىچە كەلمىگەن، كەلمىشىنى چىللاۋاتقان سالاتمەن،
بەلكى قەبرىدىن قېچىپ چىققان ھاياتمەن.

بەلكى ئاسمانغا مەقسەتسىزلا ئېتىلغان ئوق،
بەلكى ئوق تەكگەن قاناتمەن.

بەلكى مەن كۆكتە چاقناۋاتقان سانسىز يۇلتۇزلارنىڭ بېرسى،  
بەلكى قۇياش بىر كېچىلا قونۇپ كەتكەن راباتمەن.

يار كوچىسىدا رەسۋا بولغىلى قويۇڭلار،
جەندەمدە شاھ، تەختىمدە بىر قۇل، ئاۋاتمەن...

30

رەھمەت، كەلدىڭلار ئات چاپتۇرۇپ چەللەمگە،
قۇلاق سالدىڭلار غىرىبخانەمدىكى سەۋدايى- مۇساپىر غەلۋەمگە.

بۇ نەزىملەر ئۆلۈمىمگە پۈتۈلدى،
چۈنكى، تىرىكلىكىم ياراشمىدى جەندمگە.

قۇياش كۆزىنى پارقىرىتىپ قاراپ قالدى، كۆردۈڭلارمۇ
ئۈچ مېتىر خەسىگە ئوراپ ئېلىپ كەتكەن زەللەمگە.

نېمىلەر يۆگەلدى دۇنيا دەستۇرخانىدىن، كۆردۈڭلارمۇ
ھەقنىڭ ئىشقىدا چۇۋۇلۇپ كەتكەن سەللەمگە.

مۇكاپات ئالدىممۇ، يا ئالمىدىممۇ مۇھەببەت جۇمھۇرلىرىدىن
بىلدىڭلارمۇ، يار دەپ بىر ئۆمۈر تارتقان جەبرەمگە.

ئۆزى ئۈنگەن خوخا- يانتاقلارنى چەيلىۋەتمەڭلار
گۈل تىزىمەن دەپ قەبرەمگە.

گۇناھلىرىمنى سۆزلىگەي ئوغۇللىرىمدىن ئادىل ۋە كامىل
تاڭلا بىر كۈنى ھابىل ھەم قابىل ئاتلىق نەۋرەمگە يا چەۋرەمگە ...

2014- يىلى دىكابىر. كۇچا
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   parhat kazim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-29 15:52  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-1-28 01:46:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت» دېگەن ئىسىمنى ئاڭلىساملا قەلبىم لەرزىگە كېلىدۇ...
  شېئىرنى تولۇق ئوقۇپ چىقتىم. مېنىڭچە بۇ شېئىر ئىپادىلەش ياكى شەكىل جەھەتتىن بولمىسۇن تولىمۇ ئۆزگىچە يېزىلغان شېئىر بوپتۇ. بولۇپمۇ شېئىردىكى قاپىيەلەر كىشىگە ئۇيغۇرتىلىنىڭ ھەقىقي گۈزەللىكىنى ھېس قىلدۇرىدىكەن. رەھمەت ئاكا! مۇكاپاتتا ئالدىنقى رەتتە بولىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئا.ئابدۇرېھىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-28 01:53  


ۋاقتى: 2015-1-28 04:22:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
28




دىل قاراڭغۇسىدا چىراغ يېقىپ ئولتۇرغىنى سەنمۇ؟
ئېشق جامىمغا يىغلاپ تۇرۇپ شاراب تولدۇرغىنى سەنمۇ؟


-«ئېشىق- ئۇشۇق- ئوشۇق'-------------------- بۇ زادى قايسى گېپىڭ ؟
ئەگەر »ئىشق« دېسەڭ يەنىلا كونا سەنەمدىكى مىسرايىڭنىڭ ئىپتىداسى بوپتۇ.

ۋاقتى: 2015-1-28 04:25:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئا.ئابدۇرېھىم يوللىغان ۋاقتى  2015-1-28 01:46
«غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت» دېگەن ئىسىمنى ئاڭلىساملا قەل ...

مەن مۇكاپات ئۈچۈن شېئىر يازار شائىرنى ياقتۇرمايمەن، بولۇپمۇ ساڭا بۇ كېسەل يۇقسا بولمايدۇ. ئۇيغۇر شائىرلىرى مۇكاپاتقا ئېرىشسىمۇ ، تاسادىپىيلىق دەپ بىل.

باھا سۆز

ماقۇل!  ۋاقتى: 2015-1-28 02:21 PM
ماقۇل!  ۋاقتى: 2015-1-28 02:21 PM
ۋاقتى: 2015-1-28 08:19:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېرىندىشىم غوجمۇھەممەتنىڭ  شېئىرلىرىدىكى ھەربىر جۈملە سۆز  روھى دۇنياسىنىڭ كۆڭۈل ئەينىكىدىكى ئەكسىدۇر خالاس. ئەگەر ئەينى ئۆزى بولغان بولسا شېئىر شئېرغا ئوخشىماس ،مەنالار تىلغا سىغماس . دېققەت قىلغىن قېرىندىشىم ، قەلىبنىڭ قۇرۇغدىلىشى ھاياتنىڭ قۇرۇغدىلىشىدىن خەتەرلىك . ئۆزىنى سۆيگەن ۋە  ئاشۇ سۆيگۈسىنى ساخاۋەت قىلىپ ھەممىگە بەرگەن پىداكارلارغا رەببىم چەكسىز روھى قۇۋۋەت ۋە  ئۈزۈلمەس مۇھەببەت ئاتا قىلسۇن .

ۋاقتى: 2015-1-28 10:28:45 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قويدى خۇدا ئۆلۈمنى چىكىت قىلىپ,
ئادەم دىگەن بۈيۈك ئەسەرگە。
يۇقىرقىدەك مىسرالارنى ئوقۇپ يەنىلا شائىرغا بارىكاللا ئىيتماي تۇرالمىدىم,غوجامۇھەممەت مۇھەممەت بۇ پۈتۈن ئەسىرى ئارقىلىق ياشاشنىڭ قىممىتى ,شىئىرنىڭ ھىكمېتىدىن بىزگە بىر دەرىس بەردى。تۇرپان ژۇرنىلىدىكى رەزىل ئاپتاپ تىمىسى ئاستىدىكى بىر بۆلۈك ئەسەرلەردىن شائىرنى تونۇۋالغان ئىدىم,شائىرغا بەرىكەت,نۇسرەت تىلەيمەن ,مۇكاپاتتا ئەڭ ئالدىنقى رەتتە بولۇشىڭىزغا چىن قەلبىمدىن تىلەكداشمەن。

ۋاقتى: 2015-1-28 15:33:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياشىسۇن شېئىر! ياشىسۇن غوجىمۇھەممەت!

ۋاقتى: 2015-1-28 18:13:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەلۇم مەنىدىن ئىيتقاندا ، ئادەمنىڭ ياشاش ئۈچۈن قىلغان كۈرەشلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆلۈمدىن قېچىش ئۈچۈندۇر . بىز قانچە قاچقانسىرى ئۆلۈم بىزنى قوغلاپ كەلمەكتە . بىزدە ئۆلۈمدىن قېچىش پىسخىكىسى ئەمەس ، مەردانە ھالدا ئۆلۈمگە يۈزلىنىش پىسخىكىسى شەكىللەنگەن دەقىقە ، بىز نېمە ئۈچۈن ياشاۋاتقانلىقىمىزنى چۈشىنىمىز . قاراپ باقساق مازارلارمۇ ، بازارلارمۇ ھەقىقەتەن ئاۋات بولماقتا . ئەمدى بىزنىڭ ئاۋات قىلىدىغىنىمىز ئۆز روھىمىزنى تاۋلاپ چىقىشتۇر . ھەر كۈنى سىغىنىپ تۇرۇپ ئەسلەيدىغان ئۇستازىم ھەم ئاكام غوجىمۇھەممەت مۇھەممەتنىڭ قەلبىدىن ياڭراۋاتقان ھەر بىر سادا ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئۆلۈمدىن ئىبارەت بىر مەۋجۇدلۇقنى بىزگە بىلدۈرمەكتە .
ئاخىردا ئۇنىڭ ھەممە ئىشلىرىغا ئاسايىشلىق ۋە ئاراملىق تىلەپ مىرئەھمەد مامۇت

ۋاقتى: 2015-2-22 01:19:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆلۈمنىڭ ئوتتۇزىنچىسىدىن باشقىلىرى ئېسىل ئىكەن!!!

ۋاقتى: 2015-2-22 12:41:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سال دېدى ، ئەڭلىمنى سالدىم جانغىچە !

مانا بۇ شېئىر ...!

ۋاقتى: 2015-9-3 21:46:37 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇتەندە قايتا تۆرەلدى مەشرەپ

   - غۇجىمۇھەممەد مۇھەممەدكە

خۇتەندە قايتا تۆرەلدى مەشرەپ ،
دېدى :چىنئىنسان بولايمەن يارەب .
ئ‍ۆتكۈر كۈيلىگەن پەرۋانىدۇر ئ‍ۇ ،
چىراق ئ‍وتىدا مەردانە كۆيدەپ .

ئ‍ەشئارلىرى بوپ گوياكى ساداق ،
چاچار يۈرەكنىڭ غۇنچە قانىنى.
ھەيرانمەن ئ‍اڭا ، ئ‍ەگدىكىن قانداق ،
ئ‍ەلپىراقىنىڭ ئ‍اتەش ياسىنى …؟


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش