يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 813|ئىنكاس: 6

تۇردى لېتىپ ئىزگۈ:«ئىزگۈ»نى چۈشىنىپ بېقىشنى خالامسىز؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
«ئىزگۈ»نى چۈشىنىپ بېقىشنى خالامسىز؟



تۇردى لېتىپ ئىزگۈ

        
    ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىگە تۈشلۇق غايىسى بولىدۇ، ئەينى چاغدا مەن تۇرمۇش قىيىنچىلىقىدا تىڭىرقاپ يۈرگەن چاغلىرىمدا، كەلگۈسىدە چوقۇم ئۆز ئالدىمغا ئىگىلىك تىكلەپ، كۆپ پۇل تېپىشنى كۆڭلۈمگە پۈككەن ئىدىم.
ئېلېكتر ئىلمىگە بولغان قىزىقىشىم بىلەن ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتۈپ، مۇشۇ كەسىپكە قوبۇل قىلىنىپ، كەسپنى تىرىشىپ ئوقۇش بىلەن بىرگە، قوشۇمچە قىلىپ ياپون تىلىنىمۇ پۇختا ئۆزلەشتۈردۈم. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، شېنجېندىن ئىبارەت ئىقتىسادنىڭ يېڭىچە يۈكسىلىش دەۋرىنى بالدۇر كۈتىۋالغان شەھەرگە كېلىپ، بىر مەزگىللىك جاپالىق خىزمەت ۋە قىيىن تۇرمۇشنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، پۇل-پىچەككە كۆمۈلۈپ ياشاشتەك جەرياننىمۇ باشتىن كەچۈرۈپ، كەلگۈسىدە ئەھمىيەتلىك ئىشتىن بىرنى قىلىشقا بەل باغلىغان ئىدىم. شۇنداق قىلىپ مىڭ بىر جاپادا، شېنجېندىن ئىبارەت جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا باشلامچىلىق بىلەن ئۇچقاندەك ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان چوڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ سىياسەت جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزەمنىڭ دەسلەپكى ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇردۇم.
كېيىن، يۇرتقا بولغان چەكسىز مۇھەببىتىم مېنى يۇرتۇمغا قايتۇرۇپ كەلدى. يۇرتقا قايتىپ كەلگەن دەسلەپكى كۈنلەردە، تارازىنىڭ سودا تىجاەرتتە مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىپ، تۆت يىل ئېلېكترونلۇق تارازىنى كېڭەيتىش بىلەن مەشغۇل بولدۇم. بۇ جەرياندا ”تاللا بازىرى“ سودىسى بىلەن كۆپ قېتىم ئۈچرىشىپ، يۇرتىمىزدا سودا پۇرسىتىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم. كۆپ ئىزدىنىش ئارقىلىق، 2006- يىلىدىن باشلاپ شېنجېندىكى دوستلىرىم بىلەن ھەمكارلىشىپ، سودىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي تەرەققىيات نىشانى قىلغان ”ئىزگۈ يۇقىرى پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى“ نى قۇرۇپ چىقتىم. 2007-يىلى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۇيغۇرچە ”ئېلېكترونلۇق غەللە“ نى ياساپ چىقىپ بازارغا سالدىم. ئۈرۈمچىدە سودا پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى ”كەررېفور تاللا بازىرى“ نىڭ تېخنىكىلىق مۇلازىمىتىنى قولغا كەلتۈرۈش زۆرۈرىيىتى بىلەن ئۈرۈمچىدىمۇ ”ئىزگۈ ئۇچۇر پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى“ نى قۇرۇپ چىقتىم.
”ئېلېكترونلۇق غەللە“ سېتىش ۋە كەررېفوردەك ئۈچ ئورۇندىكى چوڭ تاللا بازارىنىڭ تېخنىكىلىق مۇلازىمىتىنى ئۆز ئۈستۈمگە ئالغان ئۈچ يېرىم يىل جەريانىدا، سودا- تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ ۋە تىجارەتچىلەرنىڭ ئۇنىڭدىنمۇ ئىلغار سىستېما ۋە ئۈسكۈنىلەرگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىگىنى بىلىپ يەتتىم. شۇنداق قىلىپ، 2008-يىلى شياڭگاڭ ”شيەنخۇا كومپيۇتېر سىستېمىلىرى شىركىتى“ بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ، ئۇلار تۈزۈپ چىققىلى خېلى ئۇزۇن بولغان، نۇرغۇن ئالىي مېھمان سارايلارنىڭ سودا سېتىق ئىشلىرىدا ئىشلىتىلىپ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكەن ”يېمەك-ئىچمەك تىجارىتىنى باشقۇرۇش سىستېما يۇمشاق دېتاللى“ نى يەرلىكلەشتۈرۈپ ئېچىش ۋە بىرلىكتە بازارغا يۈزلەندۈرۈپ سېتىپ چىقىرىش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈردۈم.
ئۇ چاغدا بازارغا سالغان سىستېمىمىز ئاساسلىقى سىمسىز ”تاماق بۇيۇرتقۇ“ نى ئاساس قىلغان ھالدا، توپلاشتۇرۇپ پۇل يىغىش ۋە ئارقا سەپ ئاشخانىغا تاماق زاكاز قىلىش تالونىنى يەتكۈزۈپ بېرىپ تۈرگە ئايرىپ، بېسىپ چىقىرىپ بېرىدىغان پرىنتېرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. تېز تاماقخانىلاردا خېرىدارلارنىڭ تاماق بۇيرۇتمىلىرىنى خاتىرىلەپ يازىدىغان كۈتكۈچىلەر بۇ ئۈسكۈنىگە تايىنىپ، خېرىدارنىڭ ئالدىدا تۇرۇپلا قولىدىكى ”كۆچمە ئۈسكۈنە“ ئارقىلىق خېرىدارنىڭ بۇيرۇتمىلىرىنى خاتىرىلەپ، بىر كۇنۇپكىنى بېسىپلا  بىۋاستە ھالدا ناھايتى تېزلىكتە تاماق ئېتىۋاتقان ئاشپەز ئۇستامنىڭ قولىغا يەتكۈزۈپ بېرەلەيدىغان بولدى. ئۈرۈمچىدە 2008-يىلى ”تاشكەنت تېز تاماقخانىسى“، ”مەنۋە تېز تاماقخانىسى“ قاتارلىق بىر قانچە تېز تاماقخانىلار بۇ سىستېمىدىن پايدىلىنىپ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى. كۈتكۈچىلەر خېرىدار بىلەن ئاشخانا ئارقا سېپى ئارىلىقىدا يازما تالونلارنى توشۇپ يۈگرەپ يۈرۈيدىغان، خېرىدارلار تاماقلىرى ۋاقتىدا چىقماي زارلىنىدىغان ئىشلار ھەل بولدى. شۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا ئۈرۈمچىدىكى تەسىر دائىرىسى بىر قەدەر چوڭ بولغان ”جام رېستورانى“ ۋە يېڭى ئېچىلغان ”ھەرەمباغ رېستورانى“ مۇ مۇشۇ سىستېمىنى سېتىۋېلىپ ئىشلىتىپ، ئۆز تىجارىتىدە ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. شىركىتىمىزمۇ ئۈسكۈنىلەرنى بازارغا يۈزلەندۈرۈپ سېتىپ چىقىرىش جەھەتتە بەلگىلىك دەرىجىدە ياخشى ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ خىل كۆچمە تاماق بۇيرۇتۇش سىستېمىسىنىڭ بازىرى كەڭ تۈردە ئېچىلىپ، قەشقەر، ئاقسۇ، كورلا شەھەرلىرىدىمۇ يېمەك-ئىچمەك تىجارەت بازىرىنىڭ ئالدىدا مېڭىۋاتقان، ياسىداق رېستورانلار بەس- بەستە شىركىتىمىزنىڭ بۇ سىستېمىسىنى سېتىۋېلىپ ئىشلەتتى. شىركىتىمىزنىڭ تىجارەت بازىرىمۇ بارغانسېرى كېڭىيىپ، يىلدا قىرىق-ئەللىك ئورۇنغا سىستېما ئورنىتىشقا باشلىدۇق.
2010-يىلى ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلئارا ئايرۇدرۇمى 3- ئايرۇپىلان ساقلاش بىناسى (T3) دىكى بىر رېستوراننىڭ بۇ خىل سىستېمىنى ئىشلىتىش ئارزۇسىنىڭ بارلىقى توغرىلىق ئۇچۇرغا ئېرىشتۇق. گەرچە شىركىتىمىزدىن باشقا يەنە ئونغا يېقىن كەسىپداش شىركەتلەر بۇ تۈرگە ئىلتىماس سۇنغان بولسىمۇ، شىركىتىمىزنىڭ بۇ خىل سىستېمىسىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق كارتا مەسغۇلات سىستېمىسى ئىقتىدار ۋە قوللىنىشچان تېخنىكا جەھەتتە ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىگەن بولغاچقا، رىقابەتتە يېڭىپ چىقىپ، بۇ تۈرنى قولغا كەلتۇردۇق. ئىككى يىل ئىچىدە ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودرومنىڭ T1،T2 ۋە T3 تىن ئىبارەت ئۈچ ئايروپىلان ساقلاش بىناسى ۋە ئىشچى خىزمەتچىلەر ئاشخانىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەش ئورۇننىڭ مۇشۇ خىل سىستېمىنى ئورنىتىش خىزمىتىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك تاماملاپ، ئۆزئارا تورلاشتۇرۇپ سېتىش ۋە باشقۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇردۇق.
يېقىنقى يىللىرىدىن بۇيان ”ھەرەمباغ يېمەك- ئىچمەك شىركىتى“ تىجارەت دائىرىسىنى قەشقەر، خوتەن، كورلا، كۇچا، ھەتتا ئىچكىرى ئۆلكىلەرگىچە كېڭەيتىشكە باشلىدى. شىركىتىمىز بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ”ھەرەمباغ يېمەك- ئىچمەك شىركىتى“ نەدە تىجارەت باشلىسا، شۇ جايدا ئۇلارنى سىستېما بىلەن تەمىنلىدۇق. شىركىتىمىز بازار ئېھتىياجىنى توغرا ئىگەللەپ، ئۇچۇر-تېخنىكا جەھەتتە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، ئەسلىدىكى سىستېمىنى پەقەت كۆچمە تاماق خاتىرىلەش تۈرى دائىرىسىدىن ھالقىتىپ، كۆپ دۇكان ئورتاق ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق كارتا سىستېمىسى، ئارقا سەپ خام ماتېرىيال باشقۇرۇش سېستېمىسى قاتارلىقلارغا كېڭەيتتۇق. بۇ سىستېمىغا ماس ھالدا، ئارقا سەپ تالون پرىنتېرلىرىدىن بىرەرسىدە كاشىلا پەيدا بولۇش سەۋەبىدىن بەزىدە خېرىدارلار بۇيرۇتقان تاماقلىرىنىڭ كېچىكىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، قايسى پرىنتېردا كاشىلا كۆرۈلسە شۇ پرىنتېرغا يوللانغان تالونلار دەل ۋاقىتىدا ئاپتوماتىك ھالدا باشقا پرىنتېرغا يوللاپ بېسىلىدىغان "ئاتلاپ بېسىش" ئىقتىدارىنى بارلىققا كەلتۈردۇق. بۇ سىستېما كۆپ ئىقتىدارلىق نازارەت قىلىش رولىغا ئىگە بولۇپ، پەيدا بولغان كاشىلا قاچان ھەل بولسا، دەل شۇ چاغدا ئۆزلىكىدىن ئەسلى ھالىتىگە قايتىدىغان ئالاھىدىلىكى جەھەتتە، سىستېما ئىشلەتكۈچىلەرنى يەنىمۇ خاتىرجەم قىلىشتا چوڭ رول ئوينىدى.
2012-يىلى "ئالما" مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازارغا كىرىشىگە ئەگىشىپ، ”كۆچمە بۇيرۇتقۇ“ نىڭ ئىقتىدارىنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونغا ئۆزگەرتىپ ئىشلىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈستىدە ئىزدەندۇق. شۇ يىلى يانفون ئارقىلىق تاماق بۇيرۇتۇش ۋە تاختا كومپيۇتېرنى تاماق تىزىملىك دەپتىرى قاتارىدا ئىشلىتىشكە بولىدىغان ئېلېكترونلۇق تاماق تىزىملىكى سىستېمىسىنى تۈزۈپ چىقتۇق. 2013- يىلىدىن باشلاپ، تاماق بۇيرۇتۇش يانفونى ۋە تاختا كومپيۇتېرلىق تاماق تىزىملىكى سىستېمىلىرىنى سېتىپ چىقىرىشقا باشلىدۇق. ”مىراج شىركىتى“ نىڭ ئۈرۈمچى 3-ئوتتۇرا مەكتەپ يېنىدىكى كاتتا رېستورانى بىزنىڭ سىستېمىمىزنى ئىشلىتىپ، ياخشى ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن باشقا تارماق دۇكانلىرىمۇ تەدرېجى ھالدا بۇرۇن ئىشلىتىۋاتقان سىستېمىدىن ۋاز كېچىپ بىزنىڭ يېڭى سىستېمىمىزغا كۆچۈشكە باشلىدى.
2014-يىلى ”ئۈندىداردا تاماق زاكاز قىلىش سىستېمىسى“ نى ياساپ بازارغا سالدۇق. كەڭ ئىستىمالچىلار بۇ سىستېمىدىن پايدىلىنىپ، ھەرقايسى رېستوران ۋە تېز تاماقخانىلارنىڭ ئۈندىدار ئاممىۋىي سۇپىسىنى تاللاپ قوشۇۋېلىش ئارقىلىق، ئۆزىگە يارىغان رېستۇران ۋە تېز تاماقخانىلاردا خالىغانچە تاماق زاكاز قىلالايدىغان يېڭىچە ئۇسۇل مەيدانغا كەلدى، بۇنىڭلىق بىلەن خېرىدارلار رېستوران ۋە تېز تاماقخانىلارغا بارماي تۇرۇپلا ئالدىنئالا يەيدىغان تاماقلىرىنى بىۋاستە بۇيرۇتالايدىغان قولايلىق شارائىت يارىتىلىپ، كەڭ ئىستېمالچىلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. ئۈرۈمچى ”گۈزەل قاش تېشى ئالىي مېھمان سارىيى“، ”ئەلقۇت رېستورانى“، ”مەنۋەر قەھۋەخانىسى“ قاتارلىق بىر قانچە ئورۇنلار سىستېمىمىزنى ياقتۇرۇپ سېتىۋېلىپ ئىشلىتىپ، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە ياخشى ئۈنۈم يارىتىلدى.
يۇرتىمىزدا يېمەك-ئىچمەك كارخانىلىرىنىڭ ”زەنجىرسىمان كۆپ دۇكانلىشىش“ قا قاراپ تەرەققىي قىلىشىنىڭ تۈرتكىسىدە، 2014-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ”زەنجىرسىمان كۆپ دۇكان ئۇچۇرىنى توپلاشتۇرۇپ نازارەت قىلىش“ سىستېمىسىنى ئۆزلەشتۈرۈپ بازارغا سالدۇق. بۇنىڭ بىلەن، دۇكان ئىگىلىرى قانداق يەردە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، يانتېلفونى ئارقىلىقلا ھەرقايسى زەنجىرسىمان دۇكانلارنىڭ كۈندىلىك تىجارەت ئەھۋالىدىن تولۇق خەۋەردار بولالايدىغان ھالەت شەكىللەندى. ”ئەلبېك تېز تاماقخانىسى“ ئۈرۈمچىدىكى  تۆت تارماق دۇكىنىدىن باشلاپ، ئەسلىدىكى سىستېمىلىرىنى شىركىتىمىزنىڭ  سىستېمىسىغا ئالماشتۇرۇشقا كىرىشتى. ھازىرغىچە ”يەكەن ئەلبېك تېز تاماقخانىسى“ نى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەش دۇكاننىڭ سىستېمىسى شىركىتىمىز تەمىنلىگەن سىستېمىغا ئالماشتۇرۇلۇپ بولدى. باشقىلىرى داۋاملىق ئالماشتۇرۇلۇش ئۈستىدە تۇرىۋاتىدۇ. ھازىرغىچە يۇرتىمىز، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى مۇسۇلمانچە رېستوران ۋە خوشنا ئەللەردىكى رېستورنلار بولۇپ 200 دىن ئارتۇق ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان باشلامچى يېمەك-ئىچمەك تىجارىتى كارخانىسى ”ئىزگۈ شىركىتى“ نىڭ ئىخلاسمەن خېرىدارىغا ئايلاندى.
شىركىتىمىز قۇرۇلغان بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، ئۇچۇر تېخنىكىسىدىن ئىبارەت بۇ زامانىۋىي قورالدىن پايدىلىنىپ، يۇرتىمىزنىڭ يېمەك-ئىچمەك تىجارىتىنىڭ زامانغا خاس ھالدا تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشتى. بۇ نەتىجىلەرنىڭ ھەممىسى بىر تەرەپتىن شىركىتىمىز خادىملىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ھالدا جاپالىق ئىزدىنىپ تەتقىق قىلىپ، ئۇچۇر-تېخنىكىسى جەھەتتە توختىماستىن يېڭىلىق يارىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنىڭ نەتىجىسى بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن دەل يېمەك-ئىچمەك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كەڭ كارخانىچى دوستلار ۋە پەن-تېخنىكا يېڭىلىقلىرىغا ھېرىسمەن خەلق ئاممىسىنىڭ يېقىندىن قوللاپ قۇۋۋەتلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ.
يېقىندىن بۇيان ئىزگۈ سۆزىنى تەشكىلىي نامى قىلغان ئىزگۈ كەپتەرچىلىكى، ئىزگۈ ئاۋازلىق ئەسەر سالونى، ئىزگۈ بىزەكچىلىكى، ئىزگۈ مەرىكە رىياسەتچىلىكى دېگەندەك ئىزگۈ نامىدىكى ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلاپ قېلىۋاتىمىز. شىركىتىمىزنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئېلىپ بارغان مەزكۇر توردىكى ئىزگۈ تور ئەدەبىياتى مۇكاپاتى توختاملىق، قائىدىلىك پائالىيەت بولغىنىدىن باشقا يۇقىرىقىدەك پائالىيەتلەرنىڭ شىركىتىمىز بىلەن ھىچقانداق مۇناسىۋىتى يوق.  ئىزگۈ شىركىتىنى چۈشىنىپ باقماقچى بولسىڭىز مۇشۇ توردىكى تۇردى لېتىپ ئىزگۈ نامىدىكى ماقالىلەرنى كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ، شۇنداقلا شىركەت تور بېتى www.izgu.com ۋە http://shop115952226.taobao.com/ گە كىرىپ مەھسۇلاتلىرىمىز بىلەن تونۇشۇپ باقسىڭىز بولىدۇ. 0991-8523333 ھەردائىم سىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.
شۇنىڭدەك بۇنىڭدىمۇ كېيىنمۇ تور ئەھلىنىڭ شىركىتىمىزنى يېقىندىن قوللاپ بېرىشىنى، شىركىتىمىزنىڭ قانۇنلۇق نامى ۋە ماركىسى بولغان ئىزگۈ سۆزىنىڭ  خالىغانچە سۈيئىستىمال قىلىنىشىغا نازارەتچىلىك ۋە چەكلەش پۇزىتسىيىسىدە بولۇشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز.
izgu.jpg
izgu logo.jpg
تۇردى لېتىپ ئىزگۈ 2015-يىلى 22- يانۋار



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-1-23 10:09:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     بۇ بىر ئوبدان ماقالا ئىكەن، بەنمۇ سىزنى باشقىدىن چۈشەندىم، داۋاملىق ئىلگىرلەڭ، مۇۋاپىقىيەت سىزگە مەڭگۈ يار بولسۇن قېرىندىشىم.
ۋاقتى: 2015-1-23 10:55:40 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەلىبە-تىنىمسىز ئىزدەنگۈچىلەرگە مەنسۈپ!

«ئىزگۈ» نىڭ ئىشلىرىغا بەرىكەتلەر يار بولۇپ تۇرسۇن……
ۋاقتى: 2015-1-23 12:18:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاپانى كىم  كىم تولا تارتسا ،شۇ ئالۇر گۆھەرنى تاشتىن،
گۆھەرنى ئالغۇچە تاشتىن، نى سەۋدا ئۆتىدۇ باشتىن.
ۋاقتى: 2015-1-25 12:28:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنىمۇ زور مۇۋاپىقىيەتلەر يار بولسۇن
ۋاقتى: 2015-1-25 14:04:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزگۈنىڭ قەدەملىرى يەنىمۇ ئىزگۈ پەللىلەرگە يەتكەي!

سىلەردەك ئىلغار پىكىرلىك، ئۆزنىڭ كارخانا باشقۇرۇش ئىددىيەسى بار تىجارەتچى - كارخانىچىلىرىمىزنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز!
ۋاقتى: 2015-1-26 10:31:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەسلەپتىن تارتىپ تورغا يوللىغان ماقالىلىرىڭىز مېنى ناھايىتى قىزىقتۇرغان ۋە مېنى قايىل قىلغانىدى. راستىنى دېسەم سىزنى يېڭىلا ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن، كارخانا ساھەسى بويىچە كۈچلۇك ئىزدىنىش روھىغا باي بىرەر ياش بولسا كېرەك دەپ ئويلىغانىدىم. ئەمەلىيەتتە سىز ئاللىقاچان مىللىتىمىز ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈشنى باشلىغان دادىل ئىختىساسلىقلاردىن ئىكەنسىز. سىزنى ھەقىقىي چۈشەنگەن چېغىمدا كۆپ ئاپىرىن ئېيتتىم، ئاپىرىن سىزگە تۇردى ئەپەندى!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش