كۆرۈش: 1674|ئىنكاس: 17

جاسارەت تاش(ت) (ئىزگۈگە) : پاستېرناك شېئىرلىرىدىن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
پاستېرناك شېئىرلىرىدىن


جاسارەت تاش تەرجىمىسى


帕斯捷尔纳克.jpg

——«ئىزگۈ تور ئەدەبىيات مۇكاپاتى» پائالىيتىگە

         تەرجىماندىن: بورىس لېنىدوۋىچ پاستېرناك (1890—1960) رۇسىيەنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى ئاتاقلىق شائىرى، يازغۇچىسى ۋە ئەدەبىي تەرجىمانى. ئۇ 1890-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى موسكۋادا سەنئەتكار يەھۇدىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. بالىلىق دەۋرىدە قوشنىسى سىكرىيابىن (رۇسىيەنىڭ ئاتاقلىق مۇزىكانتى) نىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، مۇزىكانت بولۇشقا بەل باغلىغان ھەمدە مۇزىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورىدىن مۇزىكا نەزەرىيەسى ۋە مۇزىكا ئىشلەشنى ئۆگەنگەن. كېيىنچە، ئاتا-ئانىسى بىلەن زىيادە يېقىن ئۆتىدىغان ئاۋستىرىيەلىك شائىر مارىيا رىلكېنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى ئارقىلىق شېئىرىيەتكە قىزغىن ھەۋەس باغلىغان ۋە رىلكېغا ئۆمۈر بويى ئەقىدە قىلىپ ئۆتكەن. 1909-يىلى موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، كېيىن ئەدەبىيات-تارىخ فاكۇلتېتىغا ئالمىشىپ پەلسەپە ئۆگەنگەن، 1912-يىلى گېرمانىيەنىڭ ماربۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىپ پەلسەپە كەسپىدە ئوقۇغان. 1-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ۋەتىنىگە قايتىپ كېتىپ، ئورالدىكى بىر زاۋۇتتا خىزمەت قىلغان، ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن، ئورالدىن موسكۋاغا بېرىپ كۇتۇپخانىدا ئىشلىگەن. 1913-يىلى تۇنجى ئەسىرىنى ئېلان قىلغان.
       20-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا، پاستېرناك رۇسىيە پرولېتارىيات يازغۇچىلىرى بىرلەشمىسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئىجادىي ئەسەرلەرنى ئېلان قىلالماي، ئەدەبىي تەرجىمە بىلەن مەشغۇل بولۇپ، شېكىسپىر، شىللېر قاتارلىق ئەدىبلەرنىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلغان. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشى مەزگىلىدە، يەنى 1943-يىلى جەڭگاھقا بېرىپ مۇخبىرلىق قىلىپ، نۇرغۇن ئەدەبىي ئاخبارات ۋە ئوچېرك ئېلان قىلغان. 1956-يىلى مەشھۇر رومانى «دوختۇر ژىۋاگو»نى يېزىپ تاماملىغان. لېكىن، بۇ رومان تۈرلۈك سىياسىي، ئىجتىمائىي توسالغۇلار سەۋەبىدىن، سوۋېت ئىتتىپاقىدا نەشر قىلىنماي، ئىتالىيان تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ ئىتالىيەدە نەشر قىلىنغان. 1958-يىلى، ئۇ «زامانىمىزدىكى لىرىكىلار ۋە ئۇلۇغ رۇس ئەدەبىياتى ئەنئەنىسى ساھەسىدە زور ئۇتۇق قازانغان»لىقى ئۈچۈن، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. شۇنىڭ بىلەن، ئەسلىدىلا سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ھەسەتخور ئەدىبلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ۋە سىياسىي مۇھىتنىڭ بېسىمىغا ئۇچراۋاتقان پاستېرناك تېخىمۇ ئېغىر كۈنلەرگە قېلىپ، يازغۇچىلار جەمئىيىتىدىنمۇ قوغلاپ چىقىرىلغان. ھەتتا بەزىلەر ئۇنى پۇقرالىق ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قوغلاپ چىقىرىش كېرەك دەپ جار سالغان. پاستېرناك ئاشۇنداق ئېغىر بېسىملار ئاستىدا، نوبېل مۇكاپاتىنى ئېلىشتىن ۋاز كەچكەن ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەينى چاغدىكى رەھبىرى خرۇشوفقا خەت يېزىپ، ئۇنىڭدىن ئۆزىگە زىيادە ئېغىر چارە كۆرمەسلىكنى ئۆتۈنگەن. شۇنىڭدىن كېيىن، ھېچكىم بىلەن ئارىلاشماي يەككە-يېگانە ياشاپ، 1960-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى موسكۋا شەھىرىنىڭ سىرتىدىكى پېرېدىلگىنو ئولتۇراق رايونىغا جايلاشقان ئۆيىدە ئالەمدىن ئۆتكەن.


ئۆتمۈشتىكى بەزى ئىشنى ئالسا تەن


ئۆتمۈشتىكى بەزى ئىشنى ئالسا تەن،

مەن بىلەن تەڭ ئەگەر سۆيگۈ ئىلاھى،

قېتىپ قالار دېرىزىنىڭ يېنىدا

ئىككىمىزنىڭ كۆلەڭگىسى، نىگاھى.


خۇددى تىترەپ تۇرغان بىر تال قومۇشتەك،

سۆيگىن مېنى، سەھەردىكى پارلاق نۇر،

سۆيگىن، بۈگلۈك بېشىدىكى پەرىشتەم،

خىلۋەت بازار مۇھەببەتكە شاھىتتۇر.


چىراغ نېچۈن ئۆچتى پىلىك بېسىلىپ،

ئۇ شۈمۈردى تاڭنىڭ نۇرى — توزاننى،

كۈن نۇرىدا خوراز ئېلىپ چوغدەك تۈس،

چىللىماقتا تاڭ قالدۇرۇپ جاھاننى.


要是爱神同我一起


要是爱神同我一起

,接纳了部分往昔的事情

在颤动作响的玻璃窗前

。会凝结住你我的身影


,照耀我吧,屋顶上方的晨曦

,照耀吧,床头的天神

,犹如一株哆哆嗦嗦的芦苇

。荒僻小镇是爱的见证


,是为何人欲灭了灯芯

,它已沾上黎明的飞尘

被远处阳光照红的公鸡

。正在空地上呢握啼鸣

*** *** ***



ئۇخلاۋاتقان باغدا ياتار قوڭغۇزلار


ئۇخلاۋاتقان باغدا ياتار قوڭغۇزلار

چوغداندىكى شاخارلاردەك چېچىلىپ.

مېنىڭ جىسمىم، شامىم بىلەن تۈزۈپ سەپ،

رەڭدار، گۈزەل دۇنيا تۇرار ئېسىلىپ.


بۇ ئالەمدە يوق بىر دىنغا كىرگەندەك،

تۈنگە كىردىم ئىزدەپ ئۇنىڭ سېھرىنى.

غۇۋا، قېرى ئاق تېرەكلەر ئۇ يەردە

توسۇۋالغان ئاينىڭ ئاپئاق چېھرىنى.


كۆلچەك ئوخشار ئېچىلغان سىر-تۈگۈنگە،

ئالما شېخى سۆزلەر ئۇزۇن داستاننى،

گۈللۈك تۇرار ياغاچ قوزۇق ئۈستىدە

كۆكرىكىدە تىرەپ چەكسىز ئاسماننى.


甲虫撒在睡梦中的花园


,像炭火盆里青铜色的灰烬

。昏睡的花园把甲虫撒一地

,空中悬挂着五光十色的天体

。却和我,和我的蜡烛平齐



,像改奉闻所未闻的信仰

,我正在从白天走进今夜

这里,灰暗老朽的白杨

。给我挂上了月亮的光界


,这里,池塘像揭开的奥秘

,苹果树絮语,似拍岸浪拂面

,花园悬如木桩上的建筑物

。还把天空擎在自己的胸前

*** *** ***


كۆتۈرۈلدۈم تاڭ ئالدىدا مەيداندىن


كۆتۈرۈلدۈم تاڭ ئالدىدا شاۋقۇنلار

قۇتراۋاتقان رومبىسىمان مەيداندىن.

پېچەتلەيدۇ يامغۇر ناخشا-كۈيۈمنى

چۈشۈپ دائىم تەرى تۈرۈك ئاسماندىن.


ھاۋا ئوچۇق چاغدا مېنى ئىزدەي دەپ،

كىرمە مۇزدەك كەسىپداشلار توپىغا.

شىمال مېنىڭ ئۆي-ماكانىم ئەزەلدىن،

ئەسىر بولدى جىسمىم ئىلھام ئوقىغا.


ئۇ① شېئىردا ئېغىرلاشقان ئېغىزدەك

دومسايغانچە چۆكۈپ زۇلمەت قوينىغا،

بوسۇغىدىن تۈندەك قاراپ تۇرماقتا

ئاقلاش سۆزى سېتىۋېلىش ئورنىغا.


ئەيمىنىمەن كۆز سېلىشتىن شىمالغا،

لېكىن مېنى شۇلا ئوبدان بىلىدۇ:

نېچۇن مەندەك ئۆز ئوغلىنى ھەمىشە

ھەممە يەردە ئىجارىگە بېرىدۇ.

        ئىزاھات: ①بۇ يەردىكى «ئۇ» شىمالنى كۆرسىتىدۇ.

打从在一个个喧声如雷的


打从在一个个喧声如雷的

,黎明前的菱形广场上升腾

我的歌声总被那一张张

。躲不过的大雨封条查封


每逢晴朗的日子你可别

。在我冷冰冰的同行圈里找我

,我浑身上下都浸透着灵感

。北方从小就是我寄身的场所


北方沉浸在黑暗中 —— 恰似

,不堪诗章重负的嘴唇两瓣

,皱眉蹙额地,有如黑夜

。从门槛瞩望辩词的收购站


,我害怕面对北方这家伙

:但只有它对我心知肚明

,为什么不是养子的我

。总在什么地方受它租赁

*** *** ***


ھەيران①


تۇتالماس ئۆزىنى گۇگۇمدا ھەيران

ھاياجان-شادلىققا ئەيلىنىپ غەرق.

قەلبىدىن ئوخچىغان جاراڭلىق ناۋا

ئۇرار كەڭ بوشلۇقتا توختىماي بەرق.


ھەيراننىڭ مەردانە كۈي-ناخشىسىنى

ئاسماندا ھېچنېمە قىلالماس تەقىب.

كۆر، قاچتى زېمىنمۇ كۆزلەپ دالدىنى،

سېھىرلىك ھەيرانغا بولالماي رەقىب!


قازاندا زىلال سۇ قاينىغان كەبى،

شاۋقۇنلاپ لەيلەر ھور چەكسىز كۆك ئارا.

جىلغىدىن بىپايان ئۇپۇققا قەدەر

كۆرۈنمەس يەر-زېمىن، زەن سېلىپ قارا.



         ئىزاھات: ①ھەيران — ئەڭ تېز ئۇچىدىغان پەسىل قۇشلىرىنىڭ بىر تۈرى. ئۇنىڭ قانىتى ئۇزۇن، پۇتى قىسقا ۋە ئاجىز بولىدۇ.

雨燕


傍晚的雨燕毫无办法

。克制自己内心的欢乐

,欢乐从吵嚷的胸腔冲出

。并四处流淌,难以停歇


傍晚的雨燕身边没有一物

在高空那里能够阻挠

,它们雄辩的呼声:胜利了

!你们瞧,大地已经逃跑


,有如在锅里沸成了白色喷泉

——吵吵嚷嚷的水汽正在散开

你们瞧,你们瞧,从天边到峡谷

。大地似乎已不再存在

*** *** ***


ياز كېچىسىدىكى يۇلتۇزلار


دەھشەتلىك قىسسىنى ئەيلىدى بايان،

ئېنىق بىر ئورۇننى ئېغىزغا ئېلىپ.

ئىشىكنى ئېچىپلا ياغدۇردى سوئال،

تىياتىرخانىدا يۈرگەندەك مېڭىپ.


جىمجىتلىق، سەن بارچە شەيئى ئىچىدە

مەن ئۈچۈن ئەڭ گۈزەل، يېقىملىق، تاتلىق.

بەزىلەر شەپەرەڭ ۋەجىدىن بىراق،

قوينۇڭدا چېكەر دەرد، تاپالماي شادلىق.


ئىيۇلنىڭ كېچىسى، چەت يېزا-قىشلاق

باغاشلار سۇس سېرىق، كۆركەم زىيانى.

كەڭ ئاسمان كۆرسىتەر تۈمەنمىڭ سەۋەب،

ياغدۇرماق بولغاندا بالا-قازانى.


يۇلتۇزلار چاقنايدۇ چۆمۈپ شادلىققا،

ئالتۇندەك نۇرلارغا ئەيلىنىپ قامال،

ئۇزۇنلۇق-كەڭلىكنىڭ مەلۇم جايىدا،

مېردىيان ئىچىدە تۇرار بىمالال.


چاچ، كالپۇك، كەش، لەقەم، كىيىمنىڭ پېشى

تۇرغاچقا شامالدىن ئۆتۈنۈپ-تىلەپ،

كۈچىنىڭ بارىچە ئىنتىلەر شامال

ئېگىلگەن گۈللەرنى قويۇشقا تىرەپ.


ئادەملەر ئوينىشىپ كاردىن چىقارغان،

يا ئۇلار يەتكىچە مەينەت-كىر قىلىپ،

پەرۋاسىز تاشلىغان جىمى نەرسىلەر

قۇم-شېغىل ئىچىگە كېتىدۇ كىرىپ.


夏日的繁星


,进述了一个惊人的故事

。告诉了一个准确的地点

,打开门洞,有人在询问

。有人在走动,像在剧院


寂静,你在我的感觉中

。是一种最美最好的存在

,寂静使某些人痛苦不堪

。是因为老鼠在窜去奔来


七月之夜,郊外的村镇

。浅淡地蒙上神奇的色彩

,天空套上了无数的缓绳

。因为它任性会种下祸害


星星闪烁,快乐和甜蜜

,四处洋溢着,异彩纷呈

如浇似琳,是在某一层

。天幕,是在那子午圈中


风满足了嘴唇、头发和

鞋子的心愿,应了裙据

和绰号的请求,正试图

。把那月季花高高地托起


,罩着薄纱的热清的星星

,把风蹭磨出污痕的一切

,把风玩耍和摆弄的一切

。都纷纷扬扬撒向那砂砾

*** *** ***


ئەكس سادا


بولغاندەك قۇدۇقنىڭ بېشىدا چېلەك،

زۇلمەتتە بۇلبۇللار بولىدۇ ھامان.

بىلمىدىم، يۇلتۇزنىڭ دولقۇندەك نۇرى

شېئىردىن شېئىرغا ئاقامدۇ راۋان.


تۈن ناخشا ئۈستىدە كېتەر كېڭىيىپ

بۇلبۇللار قىلىشسا جاراڭلىق ناۋا.

تېخىمۇ چوڭقۇرلار دەرەخ يىلتىزى

ناخشىنىڭ ساداسى سوقۇلسا ئاڭا.


ناۋادا ھەيۋەتلىك، كۆركەم قېيىنزار

ئاۋازسىز ئۆتۈشنى ئەيلىسە ئۇدۇم،

مېنىڭچە، ئورمانغا ناخشا ساداسى

كىشەندەك جاراڭلاپ سوقۇلار چوقۇم①.


ئازابلار پولاتتىن چۈشەر تامچىلاپ،

پاتقاقتەك كېڭىيىپ بارار تۈن-كېچە،

يېيىلدى قاپقارا پەردىسى ئۇنىڭ

گۈللۈكتىن ئەڭ يىراق ئېكىنزارغىچە.



ئىزاھات: ①شائىر بۇ مىسرالاردا ناخشا ساداسىنىڭ ئورمانلىقتىكى ئەكس ساداسىنى ئىپادىلەپ بەرگەن.


回声


,黑夜定然拥有夜莺

。一如深井定把水桶拥有

我不知道涟漪般的星星

。是从诗歌流来还是流向诗歌


,但夜莺的歌声愈是嘹亮

。歌之上的子夜愈是广阔

,如果歌声朝根部碰撞

。根的反冲会愈是深刻


如果说白桦林的壮丽

,用不着高声呼喊

那么我觉得,歌声对井架的

。碰撞定然铿锵似铁链


,愁思从钢铁上滴落下来

,夜色也扩散似一片稀泥

,人们目送它弥漫开去

。从花畦直到边缘的耕地


ئورماندىكى باھار


نەشتىرىنى سانجىپ ياۋۇز جۇت-سوغۇق

قار-مۇزلارنى ئېرىگىلى قويمىدى.

بۇ يىل باھار كەلدى بەكلا كېچىكىپ،

لېكىن ئاۋام ئويلىغاندەك بولمىدى.


تاڭ سەھەردە قىلىپ خوراز پوخۇرلۇق،

مېكىياننى مالال ئەيلەپ يۈرمەكتە.

قارىغايلار جەنۇب تامان يۈزلىنىپ،

كۈنگە قاراپ قاپىقىنى تۈرمەكتە.


قۇياش ئىللىق نۇرلىرىنى تۆكسىمۇ،

ئاچچىق سوغۇق مۇزلىتىدۇ قوللارنى،

ئۈستى قارا تۈسكە كىرگەن قار-مۇزلار

نەچچە ھەپتە بېسىپ ياتتى يوللارنى.


شەمشادلارنىڭ سۇلغۇن غازاڭ، شاخلىرى

ئۇخلىماقتا قار ئاستىغا كۆمۈلۈپ.

قار-مۇزلىرى ئېرىپ كەتكەن يەر يۈزى

تۇرار سۇغا، كۈن نۇرىغا چۆمۈلۈپ.


مامۇق كەبى بۇلۇتلۇق كۆك قارايدۇ

باھادىكى مەينەت سۇغا قىيالماي،

تۇرۇپ قالدى ئېگىز شاخلار ئۈستىدە،

ئىسسىپ كەتكەچ مىدىر-سىدىر قىلالماي.


树林里的春天


坏透的严寒季节

,拖延着冰融雪消

,春天比常年来得晚

。但也更出人意料


公鸡一早就春情勃发

。对着母鸡直纠缠不休

,松树扭转身子脸朝南

。望着太阳把眉头紧皱


,尽管晒得热气腾腾

仍然一连有好几个周

坚冰用它那发黑的外壳

。把条条道路全都封住


林中云杉的枯枝败叶

,处处覆盖上一层雪被

,雪融化后的地方被淹没

。上面半是阳光半是水


布满绒毛般乌云的长天

,像卡在头上的枝娅间

,俯视着肮脏的春的液汁

。由于炎热它不能动弹

*** *** ***


تەنەپپۇستىن كېيىن


بۇنىڭدىن توپتوغرا ئۈچ ئاي مۇقەددەم

قىش پەسلى تۇنجى رەت قۇتراپ قار-بوران،

بىزنىڭ تام-قاشاسىز گۈلزارىمىزنى

شەپقەتسىز پەنجىدە ئەيلىدى خازان.


شۇ چاغدا كۆڭلۈمدىن كەچتى بىر خىيال:

ھېچيەرگە چىقماستىن زاھىدتەك ئۆتەي،

كۆپەيسۇن باھارغا ئاتالغان نەزمەم،

قىش پەسلى ھەققىدە ئەشئارلار پۈتەي.


ئەرزىمەس ئىشلىرىم ئالدىمدا بىراق

قار كەبى توپلاندى، توسۇلدى يولۇم.

زىمىستان قىش ھازىر قالدى يېرىملاپ،

روياپقا چىقماستىن پىلانىم-ئويۇم.


بولدى دەل شۇ چاغدا كۆڭلۈمگە ئايدىڭ،

نېمىشقا قىش پەسلى قارنىڭ ياغقىنى،

قىشنىڭمۇ تۈنلەرگە سانجىپ قارلارنى،

گۈللۈكتىن ھۇجرامغا تويماي باققىنى.


سوغۇقتا تاتارغان لېۋىنى يېقىپ،

«پۇرسەتنى چىڭ تۇتقىن» دېدى قىش ماڭا.

ۋە لېكىن قېرىنداش ئۇچلىغان پېتى،

چەك باسماس چاقچاقنى قىلدىم مەن ئاڭا.


قىش پەسلى سەھەردە چىراغ يېنىدا

مىسىلداپ ئولتۇرسام قىلىپ ئۇششاق ئىش،

بىر سىرلىق بىشارەت قالدۇرۇپ ماڭا،

تۇيدۇرماي غىپپىدە كېتىپ قالدى قىش.


休息以后


,在三个月之前的日子里

,初次降临的几场暴风雪

对我们易受损伤的花园

。迎头袭来,十分猖撅


:我马上也在心中掂量

,我要像个隐士敛迹

然后拿吟唱冬天的诗篇

。来充实我的春天的诗集


,可是琐碎事堆积成山

。像成堆的积雪把路拦

,和当初我的打算正相反

。冬天的时光已经过半


,于是乎我终于明白

,为何当飞雪纷纷扬扬

,冬天用雪花划破黑暗

。从花园向我屋里张望


,它用冻得苍白的嘴唇

”!悄声对我说:“快一些

,而我笨拙地开玩笑作答

。手里一直在削着铅笔


趁我在一个冬天的早晨

,在灯下桌前稍事耽搁

冬天就来了,但又留下

。莫名其妙的预兆走了

*** *** ***


شىۋىرغاندىن كېيىن


قار-شىۋىرغان توختىغاندا قۇتراشتىن،

جىمجىتلىققا چۆكتى پۈتكۈل يەر-جاھان.

بالىلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاي دەپ،

قۇلاق سالدىم دەريا بويى-قاش تامان.


بەلكىم خاتا ئويلاپ قالغان ئوخشايمەن،

ئەقىل-ھۇشۇم يوقاپ، دېمىم سىقىلدى.

قىش گەج بىلەن قاتۇرۇلغان ئايالنىڭ—

ھەيكىلىدەك يەرگە دۈملا يىقىلدى.


نۇرغۇن ئەسىر بېسىلغان گەج ھەيكەلدىن

ھۇزۇر ئېلىپ تۇرار ئاسمان، كەڭ ئۇپۇق.

ھويلا، ئوتۇن، دەرەخ — جىمى مەۋجۇدات

قىلدى ئاپئاق قارنى پۇزۇر تون-يوپۇق.


يول ئېغىزى، مۇز پارچىسى، يول ئۇلى،

بېكەت، رېلىس، ئازگال، ئورمان، جىلغىلار

خۇددى تەكشى سىر بېرىلگەن تاختىدەك

كۆرۈنمەكتە شۇنچە كۆركەم، جىلۋىدار.


تۈندە ئۇيقۇ مېنى تۇتقۇن قىلغۇچە

سەگەكلىشىپ تۇردۇم ئېچىپ كۆزۈمنى،

كائىناتنى ئاق بەتلەرگە كىرگۈزۈپ،

شېئىرلارغا سېلىپ قويدۇم ئۆزۈمنى.


چاتقاللارغا تولغان دەريا بويى ھەم

دەلدەرەخنى سىزدىم جانلىق شۇ قەدەر،

ۋاراقلاردا بالقار ئۆگزە دېڭىزى،

ئاق تون كىيگەن چەكسىز زېمىن، بۇ شەھەر.


暴风雪之后


,在平息下来的暴风雪之后

。周围地区降临了宁静

我偷了点闲凝神倾听

。河的对岸儿童的喧声


,我大概不对,我弄错了

。我头昏目眩,失却理智

,冬天仰面倒栽在大地

。像石膏塑成的洁白女尸


苍天自上而下地观赏

。受到紧压的多世纪死寂的塑像

——庭院、木片、树上的嫩枝

。切都披上白雪的盛装


,河上的冰块、道口和月台

,树林、钢轨、路基和沟壕

,如铸成了无解可击的形态

。没有凹凸,没有棱角


,夜间,没来得及人梦打吨儿

,我却清醒地从沙发一跃而起

,把整个世界放进一贡纸

。把自己却置身诗节的边界里


,树墩和树根塑造得多美

,还有树丛长遍了河岸

,房顶的海洋跃然纸上

。整个世界、城市在雪间

*** *** ***


شەرەپ بىلەن ئۆتۈپ بولسام داۋاندىن


شەرەپ بىلەن ئۆتۈپ بولسام داۋاندىن،

ئۇزاق يولدا چېكىپ ئازاب-ئوقۇبەت،

بۈك-باراخسان ئورماندىكى ئاپتاپتەك،

دەۋر ماڭا ئېچىپ قويدى يېڭى بەت.


ھەممە يولنىڭ بېشى ئىدى مۇشۇ يەر

تالاي يىللار بۇرۇنقى بىر زاماندا،

يۇلتۇزلاردەك پارلار ھازىر چىراغلار

مۇشۇ يولغا تۇتاش يىراق ماكاندا.


بىزنىڭ قورۇ-جايىمىزنى تونۇدۇم

تاشلاپ ئۆگزە، ئىشىكلەرگە بىر نەزەر:

ئەڭ چەتتىكى ئىككىنچى ئۆي شۇ چاغدا

كۇتۇپخانا ئىدى، جىمجىت شۇقەدەر.


دۆڭدىن چۈشۈپ، پەلەمپەيدىن ھالقىدىم،

ۋادەكلەرنى تۇتۇپ چىقتىم ئايۋانغا.

پەر-قانىتىم بوغۇق چاغدا، بۇ يەردە

ئارمانلارنى يوشۇرغان مەن پىنھانغا.



       ئەسكەرتىش: بۇلارنىڭ ئىچىدە يەنە «فېۋرال»، «ھاملېت» دېگەن ئىككى پارچە شېئىر بار ئىدى. مەن بۇرۇن ئۇ ئىككى پارچە شېئىرنى باشقا مۇنبەرگە يوللىغاچقا، بۇلارنىڭ ئىچىگە كىرگۈزمىدىم.

当我荣耀地走过了


当我荣耀地走过了

,生活的种种磨难

,仿佛密林中的阳光

。时代开启了新篇


,记得在遥远的岁月

,这里是路的起点

这条路通向的远方

。如今已灯火灿灿


,我根据屋顶和房门

:认出自家的庭院

,这就是当年的书房

。靠边数的第二间


,走下斜坡,踏上台阶

。登上露台,手握栏杆

在那有翅难飞的年代

。这里曾埋藏思绪万千



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   parhat kazim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-21 11:58  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-1-20 18:00:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاسارەت تاش ئەپەندىنىڭ تىنىگە سالامەتلىك، ئىجادىيىتگە زور ئۇتۇقلار تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2015-1-20 19:16:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاسارەت تاش ئاكىنىڭ ئىسىل شېئىرلارنى تەرجىمە قىلىپ بىزگە سۇنغىنىدىن خو بولدۇم.
تېخىمۇ جاسارەتلىك بولۇڭ.

ۋاقتى: 2015-1-20 20:45:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاسارەت تاش ئەپەندىنىڭ تېنىگە سالامەتلىك ، ئىجادىيىتىگە زور ئۇتۇقلار تىلەيمەن .

ۋاقتى: 2015-1-20 21:42:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئېسىل شېئىرلارنى تاللاپ تەرجىمە قىلىپسىز، مۇبارەك بولسۇن! سىزگە مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمەن!

ۋاقتى: 2015-1-20 21:55:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىمە قىلىنغان ئەسلى نۇسخىسىنى بىللە قوشۇپ بېرىش ناھايىتى ياخشى ئىش بوپتۇ!

ۋاقتى: 2015-1-20 22:41:21 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل شىئىرلاركەن، بەركەتلىك بولۇڭ

ۋاقتى: 2015-1-20 23:11:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شېئىرلارنىڭ تەرجىمىسى شۇنچىلىك پاساھەتلىك چىقىپتۇ. بەكلا ياقتۇردۇم. مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2015-1-21 10:09:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  دوستۇم، «ئورماندىكى باھار» بىلەن «ئەكس سادا»نىڭ قىيانى دىللار قەلئەلىرىنى ئىگىلىگۈسى!

ۋاقتى: 2015-1-21 11:24:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستازنىڭ شېئىرلىرىغا ئىزچىل دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىمەن ھەم ھەربىر تەرجىمە قىلغان شېئىرلىرىدىن شېئرىيەت تەرجىمىچىلىكى ھەققىدە دەرس ئېلىۋاتىمەن، بۇ شېئىردىنمۇ ئاز بولمىغان نەرسىلەرنى بايقىدىم، بۇمۇ ماڭا نىسبەتەن ياخشى دەرس بولدى. رەھمەت...

ۋاقتى: 2015-1-21 13:51:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Jasarattash:
شېئىر تەرجىمە قىلغاندا نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
بۇ شېئىرلارنى قايسى شېئىر توپلىمىدىن تەرجىمە قىلدىڭىز؟

ۋاقتى: 2015-1-21 13:53:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ شېئىر تەرجىمە قىلىشنى ئۆگىنەي دېگەن،بولسا شېئىر تەرجىمە قىلىشتا يىتەكچى
بۇلىدىغان خەنچە كىتابلار بولسا تەۋسىيە قىلسىڭىز؟
سىز ئەڭ ياقتۇرغان داڭلىق چەتئەللىك شائىرلارنىڭ شېئىر توپلاملىرى بولسا  تەۋسىيە قىلسىڭىز؟

ۋاقتى: 2015-1-21 13:58:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2015-1-26 20:40:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاسارەتكامنىڭ  ئەدەبىي تەرجىمىچىلىكى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيىتى ھاياتىنىڭ بىر قانىتى بولسا، 90-يىللاردىكى ئۇيغۇر يېڭى شېئىرىيەت ھەركىتىگە بولغان ئاكتىپ پوزىتسىيىسى ۋە بۇ يىللاردىكى ئاپتورلارنى قوللاش، كۆلەملەشتۈرۈش جەريانىدا كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى يەنە بىر قانىتى. شەخسەن مەن جاسارەتكامنىڭ كېيىنكى خىزمىتىنىڭ ئەھمىيىتىنى ئىنتايىن زور دەپ قارايمەن. جاسارەتكام ئۇيغۇر شېئىرىيىتى بىلەن ئاپتورلارنىڭ بۈگۈنى ئۈچۈن شۇ يىللاردا ھەقىقەتەمۇ قان-تەرىنى سۇدەك تۆككەن ئادەم.

ۋاقتى: 2015-2-16 18:59:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل شىئىرلاركەن،سىزگە مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمەن!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش