جىگدە چېچىكى
ماھىرە
جىگدە چېچىكى! نېمانچە خۇشپۇراقسەن… بىلەمسەن، شۇ تاپتا ئەنبەر كەبى ھىدلىرىڭ دىمىغىمغا ئۇرۇلغىنىدا،ئۆزۈمنى خۇددى ساماۋى چۆچەكلەردە تەسۋىرلەنگەن بېھىش باغدىكى مەلىكىلەردەك بەخت تۇيغۇسى ئىچىدە ، دىماغنى غىدىقلىغۇچى خۇشپۇراقلىرىڭدىن مەست بولۇپ باغرىڭغا سىڭىپ كەتكۈم كېلىۋاتىدۇ....
سېنىڭ پەسلىڭ بولغان باھارنىڭ ئىللىق شامىلىدا خۇشپۇراق ھىدلىرىڭنى ئەتراپقا كېچە- كۈندۈز سېخىلىق بىلەن چاچماقتىسەن... بىلمىدىم، نىمىشقىكىن بۇ قېتىم كىشىنى سېھىرلىگۈچى چېچەكلىرىڭدىن تارىغان ئەنبەر كەبى مەززىلىك پۇراقلىرىڭغا يىللاردىكىدىن بەكرەك مەپتۇن بولدۇم .ئويلاپ باقسام نەچچە كۈن ئۆتۈپتۇ، يوللىرىمدا، ئىزلىرىمدا سېنىڭ خۇشپۇراق ھىدىڭ ماڭا ھەمراھ بولۇپ كېلىۋېتىپتۇ. ھەر كۈنى دېگۈدەك شاخلىرىڭنى قايرىپ چېچەكلىرىڭ چىققان نوتىلارنى رەھىمسىزلەرچە پۇتاپ ئۈزۈپ ماڭىمەن. بىلىمەن، مەندىن زارلىنىسەن، ماڭا ئاچچىقىڭ كېلىدۇ…
ھېلىمۇ ئېسىمدە: ھەر قېتىم چېچەك تۇتقان نوتىلىرىڭنى پۇتۇغىنىمدا ،سېنى ماڭا تۇيدۇرماي ھومىيىپ قاراۋاتقاندەك ھېس قىلىمەن ۋە دەرھال ساڭا ئەيمىنىپ قارايمەن .ئەمما سەن ھېچنېمىنى كۆرمىگەندەك كۆزلىرىڭنى مەھكەم يۇمۇپ مېنى خالىماي قارشى ئالىسەن.
كەچۈرگىن، جىگدە دەرىخى! ساڭا ئۆزۇرلۇكمەن.ئاشۇ دىللارنى سېھىرلىگۈچى خۇشپۇراق ھىدلىرىڭغا ئاشىقمەن .ھىدلىرىڭ مېنى شامال بولۇپ سويۇدۇ .مەن، سەن سېخىلىق بىلەن ئەتراپقا چاچقان ھىدلىرىڭنى قىزغانچۇقلۇق بىلەن قانماي پۇرايمەن. كائىناتنىڭ سېنىڭ ھىدىڭ تارقىغان ئۆكسۈشلىرىدىن تىنماي نەپەسلىنىمەن…
ئىشەنمەمسەن؟ مانا قارا، كېچىلەردىمۇ دېرىزەمنى ياپماس بولدۇم، تۆشەكتىكى ئۇيقۇلۇرۇممۇ خۇشپۇراقلىرىڭ ئىچىدە شۇنچە ھۇزۇرلۇق ۋە تاتلىق…مانا ئاخىرى تاڭمۇ ئاتتى، ئۇپۇقنىڭ سۈزۈلۈشى بىلەن كۆزۈمنى ئېچىپ تۇنجى نەپەستە يەنە مەززىلىك ھىدىڭنى پۇرىدىم. مۇشۇ دەقىقىلەردە ئۆزۈمنى شۇنچە بەختىيار سەزمەكتىمەن...ساڭا ھېچ قانىدىغاندەك ئەمەسمەن...
كاللامغا تۇيۇقسىز خىيال كىردى-دە، چاققانلىق بىلەن ئورنۇمدىن تۇردۇم ۋە تېزدىن يۈز- كۆزلىرىمنى يۇيۇپ يېپىنچامنى ئالدىم-دە سىرتقا - سېنىڭ باغرىڭغا قاراپ يۈگۈرگەندەك بىنادىن چۈشتۈم... مانا، ئۆزۈم يالغۇز يېنىڭغا كېتىۋاتىمەن، سىرتقا چىقىشىمغا سەھەرنىڭ جانغا راھەت مەيىن شامىلى يۇزۇلۇرۇمنى سەلكىن يەلپۈپ ئۆتتى، ئەتراپ شۇنچە گۈزەل بولۇپ .دەرەختىكى سازچى قۇشلار بەس-بەستە سايرىشىپ سەھەرنىڭ جىمجىتلىقىنى بۇزۇپ يەنە بىر كۈنلۈك قايناق ۋە جۇشقۇن ھاياتنىڭ باشلانغانلىقىغا گۇۋاھ بولۇشۇپ، ھەممىنى ئۆزلىرىگە مەھلىيا قىلماق بولغاندەك ۋىچىرلاشماقتا...
ئاھ، جىگدە دەرىخى! مانا باراقسان شاخلىرىڭ ئاستىغا ھايالشىمايلا كەلدىم. سالامەتمۇ سەن؟ سېنىڭ قىياپىتىڭگە تەلمۈرۈپ قانماي قاراۋاتىمەن .كۆز ئالدىمغا باش باھاردا ئېچىلغان شاپتۇل ،ئۆرۈك، ئالما چېچەكلىرى كېلىشكە باشلىدى، سەن ئۇلاردەك كىشىلەرگە دىللارنى سۆيۈندۈرگۈچى ئاجايىپ گۈزەللىكنى ئاتا قىلالمايسەن. غوللىرىڭ قوتۇر بېسىپ كەتكەن، شاخلىرىڭمۇ شۇنچە كورۋمسىز ھەم قوپال. ياپراقلىرىڭمۇ، چەچەكلىرىڭمۇ ئوخشاشلا كىشىنى ئانچە جەلپ قىلالمايدۇ ،سەن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ھېچنېمە ئەمەس…
...ئەمما سەندىكى خۇشپۇراق ،سەندىكى پاكلىق، سەندىكى تەبىيلىك، سەندىكى ئاددىيلىق ئىككىنچى بىر نەرسىدە ئەسلا يوق…
سېنىڭ خۇشپۇراق ھىدلىرىڭ، كىشىنى مەست قىلغۇچى سېھرىڭ ،تەبىئەت دۇنياسىغا ئاتا قىلغان ئەنبەر كەبى چاچقۇلۇرۇڭ ئۇنىمۇ، مېنىمۇ ۋە باشقىلارنىمۇ ئۆزىگە ئىختىيارسىز مەپتۇن قىلىدۇ. سېنىڭ ساددىلىقىڭ، سېنىڭ سېخىلىقىڭ، سېنىڭ ئاددىلىغىڭ ھەم ئالدىمدىكى بۇ كۆرۈمسىز تۇرقۇڭغا قاراپ ھەرقاچان ئاپپاق ساقاللىق، قوللورى ئېغىر ئەمگەكتە يېرىلىپ يىرىكلىشىپ، چىرايلىرىغا يىللارنىڭ كەچمىشلىرى سېخى سوۋغىلىرىدىن ئىزنا قالدۇرۇپ كەتكەن مىننەتسىز ۋە مەڭگۈلۈك سۈكۈتتە مۈكچىيىپ، پۇكلەنگەن بويىنى تىك تۇتۇپ، ھىچنىمىگە تەن بەرگۈسى يوق مەردانىلەرچە جاسارىتى بىلەن ياشاپ ئوتكەن مىسكىن چىراي قەدىرلىك بوۋىلىرىمنى ئەسلىدىم… ئۇلارغا شۇنداقمۇ ئوخشىدىڭ سەن... يەنە ،ئۆزىنىڭ ئاددىيلىقى، سەمىمىيىتى، ئەستاسيىدىللىقى بىلەن كىشىلەر قەلبىگە نۇر ۋە بىلىم ئۇرۇقلىرىنى چېچىپ كېلىۋاتقان ھۆرمەتكە سازاۋەر ئوت يۈرەك، گۈل چىرايلارنى كۆڭۈل ئېكرانىمدا قايتا نامايەن قىلدىڭ .ئۇلارمۇ خۇددى ساڭا ئوخشاشلا ئاددىي ۋە ئەھمىيەتلىك ياشىغان ئىدى...
سەن باغلارغا ئاشۇ تۇرقۇڭ بىلەن ئانچە يارىشىپ كەتمىسەڭمۇ، ھەممىدىن خالى ئېتىز قىرلىرىدا ،كەڭرى كەتكەن دالالاردا يېگانە ياشىساڭمۇ لېكىن سەن ئاشۇ سېخىلىقىڭ بىلەن ھەممىنى ئىپار كەبى كىشىنى سېھىرلىگۈچى خۇشپۇراق چاچقۇلۇرۇڭ بىلەن دىللارغا شادلىق، كۆڭۈللەرگە ھۇزۇر، ئۇيقۇغا راھەت، زېمىنغا ھەمراھ بولۇپ مەننەتسىز ياشايسەن، كەچ كۈزدىكى مىۋىلىرىڭ ئۇچار قۇشلارنىڭ ئوزۇقى بولىدۇ، قەھىرتان قىشتىمۇ ئۇلار سەن بىلەن ھاياتلىقىنى غەمسىز داۋاملاشتۇرىدۇ…
ئىشىنىمەن،سەن خۇشپۇراقلىق چېچەكلىرىڭ، ھەقىقى ساپلىقىڭ بىلەن مەزمۇت ياشاپ كېلىۋاتىسەن. سەن قەلبىمدە ئەزەلدىن ھورمەتلىكسەن. سەندە نە كىبىر، نە خوشامەت، نە رەڭۋازلىق، نە ساختىلىق بولسۇن؟ مەن سېنىڭ ئاشۇ خۇشپۇراقلىرىڭ بىلەن شادلىنىمەن .سېنىڭ ئاشۇ مەردانىلىكىڭ، شۆھرەت تامادىن خالى ئاددىيلىقىڭ بىلەن پەخىرلىنىمەن .سېخى خۇشپۇراقلىرىڭدا ئۆزۈمنى تېخىمۇ بەختىيار ھېس قىلىمەن… ئاددىيلىق، سېخىيلىق، تەبىئىيلىكتە ساڭا ھېچنېمە يەتمەيدۇ... سەن ئەنە شۇنداق ئېسىل ھىسلەتكە ئىگە مېۋىلىك. خۇشپۇراقلىق دەرەخسەن.... ..
2012-يىلى 17-ماي كەچ سائەت 7:30 خىزمەت ئۇستىدە يېزىلدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ماھىرە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-18 18:51