يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 2724|ئىنكاس: 2

ئىقبال تۇرسۇن: مەدەنىيەت نىسپىيلىك نەزەرىيىسى ۋە شىنجاڭ مىللەتلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مەدەنىيەت نىسپىيلىك نەزەرىيىسى ۋە شىنجاڭ مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ ماسلىشىپ راۋاجلىنىش مەسىلىسى

ئىقبال تۇرسۇن


ⅩⅩ ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن بۇيان ئېلىمىزنىڭ زامانىۋىيلاشتۇرۇش قەدىمىنىڭ ئۇچقاندەك تېز ئىلگىرىلىشى ۋە شەرق-غەرب مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئىقتىسادنىڭ يەرشارىلىشىش يۈزلىنىشى پەيدا قىلغان مەدەنىيەت ۋە ئۇنىڭ تەقدىرى مەسىلىسى بارغانسېرى كىشىلەرنىڭ كۈچلۈك بەس-مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلانماقتا. بولۇپمۇ خەلقئارادىكى مىللەت، دىن ۋە رايون خاراكتېرلىك سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، دۇنيا تەدرىجىي ھالدا توقۇنۇشتىن يارىشىش ۋە بىرلىشىشكە يۈزلەنمەكتە. بۈگۈنكى دۇنيا سىياسىيسىنىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئىقتىسادنىڭ بىر گەۋدىلىشىشى، مەدەنىيەتنىڭ يەر شارىلىشىشىنى تېزلىتىۋاتقان شارائىتتا مىللىي مەدەنىيەتنىڭ تەقدىرى زادى قانداق بولىدۇ؟ مەدەنىيەتنى مىللىيلاشتۇرۇش، يەرلىكلەشتۈرۈش يولىغا ماڭامدۇق ياكى دۇنياۋىلاشتۇرۇش يولىغىمۇ؟ بۇ ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتىگە زادى قانداق قاراش كېرەك؟ يېڭى ئەسىردە شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ھەمدە ماسلىشىپ راۋاجلىنىشىغا قانداق كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ؟ بۇ شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ 21-ئەسىردىكى چىقىش يولى ۋە تەرەققىياتىغا باغلىق بىر مۇھىم، رېئال مەسىلە.
1
ئىنسانىيەت مەرىپەت دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن بۇيان تۈرلۈك ئىرق، مىللەت ۋە رايونلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش، زىددىيەت، توقۇنۇش ۋە زور كۆلەملىك ئۇرۇشلار ھەر بىر دەۋردىكى ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ تۈرلۈك مەدەنىيەت تىپلىرى ۋە ئۇلارنىڭ پەرقى ئۈستىدە ئويلىنىشىغا تۈرتكە بولغانىدى. مىلادى ⅦⅩ-ئەسىرلەردىن باشلاپ مەدەنىيەت مەسىلىسى پەيدىنپەي جەمئىيەتشۇناسلىق ۋە ئىنسانشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنىغا ئايلاندى.
غەرب ھازىرقى زامان ئىنسانشۇناسلىق تارىخىدا ⅩⅨ-ئەسىردە ئەڭ كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە مەدەنىيەت تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى (Cultural Evolution) ئوتتۇرىغا چىققاندىن تارتىپ تاكى ⅩⅩ-ئەسىر ئىنسانشۇناسلىق ساھەسىدە مەدەنىيەت نىسپىيلىك نەزەرىيىسى (Cultural Relativism) شەرقىي ئاسىيا سەھنىسىدە رول ئوينىغانغا قەدەر ئارىلىقتا مەدەنىيەت تارقىتىش (Diffusionism)، قۇرۇلمىچىلىق (Structuralsm)، ئىقتىدارچىلىق (Functionalism)، مەدەنىيەت تارىخى تەنقىدچىلىك ئېقىمى (Cultural History Critisism) قاتارلىق مەدەنىيەت ئېقىملىرىنى ھەم ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن بەس-مۇنازىرىنى شەكىللەندۈردى. ھازىرغىچە مەدەنىيەتكە 200 خىلدىن ئارتۇق تەبىر بېرىلگەن بولسىمۇ، ھېلىھەم ئومۇملۇققا ئىگە كۆزقاراش تىكلەنگىنى يوق. ھەر خىل مەدەنىيەت تىپلىرى، مەدەنىيەت قاتلىمى ۋە مەدەنىيەت پەرقى مەسىلىسىدە مەدەنىيەت تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى بىلەن مەدەنىيەت نىسپىيچىلىك نەزەرىيىسى ئوتتۇرىسىدىكى بەس-مۇنازىرە تا بۈگۈنگىچە داۋاملاشماقتا. ئۇنىڭ ئېلىمىزنىڭ ھازىرقى مەدەنىيەت ساھەلىرىگە قالدۇرغان ئىجابىي ۋە سەلبىي تەسىرى تولىمۇ چوڭقۇر. مەدەنىيەت نىسپىيچىلىك كۆزقارىشىنى ئامېرىكىلىق ئىنسانشۇناس فرانس بوئاس (1942-1852~Frans.Boas ) قاتارلىقلار ⅩⅩ ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدا ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ ئامېرىكا ئىندىئانلىرى بىلەن ئېسكىموس قەبىلىلىرىنىڭ تۇرمۇشى ۋە مەدەنىيىتىنى تەكشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ تەن قۇرۇلۇشىنىڭ، ئەقىل ۋە تەپەككۇرىنىڭ دۇنيادىكى باشقا مىللەت خەلقلىرىگە ئوخشايدىغانلىقىنى، پەرقنىڭ ئىنتايىن ئازلىقىنى بايقىغان. شۇنىڭ بىلەن مەيلى قانداق تەن، ئىرققا تەۋە مىللەت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئەقلىي ۋە جىسمانىي ئىقتىدارى ئوخشاش، ھەممىسىنىڭ ئۆز تۇرمۇش شەكلى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزىگە يارىشا ئاساسى ۋە مۇۋاپىق تەرىپى بار؛ مەدەنىيەت ھەرگىز يۇقىرى-تۆۋەن، ئېسىل-ناچار، ئىلغار-قالاق، مەدەنىي ياكى مەدەنىيەتسىز دەپ ئايرىلمايدۇ، دەپ قارىغان. شۇ ئاساستا بوئاس قاتارلىق ئىنسانشۇناسلار ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇپ، مەدەنىيەت تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى ۋە مەدەنىيەت تارىخى تەنقىدچىلىك ئېقىمى قاتارلىق مەدەنىيەت ئېقىملىرىنىڭ كۆزقاراشلىرىنى رەت قىلىپ، مەدەنىيەت نىسپىيلىك نەزەرىيە ئېقىمىنى تىكلىگەن. شۇنداقلا بۇ ئارقىلىق مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىك ئىددىيىسىنى ئىلمىي ھالدا شەرھلىگەن(گوجيەنپىڭ: «مەدەنىيەت ۋە زامانىۋىلىشىش»، شەنتۇ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 2002-يىل نەشرى، 42-بەت).
مەدەنىيەت نىسپىيلىكى نەزەرىيىسى مەدەنىيەت تەدرىجىي تەرەققىيات ئېقىمىنىڭ «مەدەنىيەت تاق لىنىيىلىك راۋاجلىنىدۇ» دەيدىغان مەدەنىيەت قىممەت قارىشىنى ئىنكار قىلىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتى تەدرىجىي تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىشىنىڭ مەھسۇلى بولماستىن، بەلكى كۆپ مەنبەلىك راۋاجلىنىش جەريانى، ھەر قانداق بىر مىللىي مەدەنىيەت ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بىر گەۋدە، ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە تېگىشلىك مەۋجۇتلۇق ئاساسى ھەم خاس قىممىتى بار، مەدەنىيەت ئىلغار-قالاق، يۇقىرى-تۆۋەن، ئېسىل-ناچار دەپ ئايرىلمايدۇ، ھەر قانداق بىر مەدەنىيەتكە باھا بېرىشتە شۇ خىل مەدەنىيەتنىڭ كونكرېت ھالىتى ۋە شەكلىدىن ھالقىغان ئومۇمىي پرىنسىپ ياكى ھەممىگە باب كېلىدىغان قىممەت پرىنسىپى ۋە ياكى ئۆلچىمى مەۋجۇت ئەمەس، دەپ قارايدۇ. بۇ خىل پىكىر ئېقىمىنىڭ خەلقئارا مەدەنىيەتشۇناسلىق ساھەسىدە تېز ئەۋجىگە چىقىشىنىڭ ئالاھىدە ئارقا كۆرۈنۈشى بار ئىدى. ⅨⅩ-ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە ياۋروپا ۋە ئامېرىكا ئىنسانشۇناسلىقى ساھەسىدىكى ئالىملار دۇنيادىكى ھەر خىل مەدەنىيەت تىپلىرى ۋە مەدەنىيەت قاتلىمىنىڭ بىرەر مەركىزى بارمۇ-يوق؟ دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ بىرەر ئۆرنىكى بارمۇ؟ دېگەن مەسلىنى تەتقىق قىلىپ، غەربنىڭ ئىرقىي ۋە مەدەنىيەت ئەلالىق نەزەرىيىسىنى كۆتۈرۈپ چىققان. بۇ قاراشنى بازارغا سالغۇچىلار دارۋىننىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى ۋە مورگاننىڭ قەدىمكى جەمئىيەت ۋە ئىنسانلار مەدەنىيىتىنىڭ ئۈچ باسقۇچلۇق تەرەققىيات كۆزقارىشىغا تايىنىپ، مەدەنىيەتنىڭ بىر لىنىيىسىنى بويلاپ ئىپتىدائىي ياۋايىلىق دەۋرىدىن جاھىلىيەت دەۋرىگە، ئاخىرىدا مەرىپەت دەۋرىگە قەدەم قويغانلىقى، تۈرلۈك ئامىللار تۈپەيلىدىن ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەرنىڭ ئىلگىرىلەش سۈرئىتى ۋە دەرىجىسى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، بەزى مىللەتلەر مەدەنىيىتى يۈكسەك دەرىجىگە يەتكەندە، يەنە بەزى مىللەتلەر مەدەنىيىتى تۆۋەن باسقۇچتا تۇرىۋاتقان بولىدۇ. ئۇلاردا ئاددىيلىق ۋە مۇرەككەپلىك، ئىلغارلىق ۋە قالاقلىق، مەدەنىيلىك بىلەن جاھىللىق پەرقى بار دەپ قارىغان. بۇ خىل تەدرىجىي ئىلگىرىلەش نەزەرىيىسىچە بولغاندا، بەزى مىللەتلەر «مەرىپەت» دەۋرىگە كىرگەندە، يەنە بەزى مىللەتلەر تېخىچە «جاھىلىيەت» دەۋرى ياكى «ياۋايىلىق» باسقۇچىدا تۇرغان بولىدۇ. بۇ مەنتىقىدىن پەن-تېخنىكا تەرەققىي قىلغان ئەللەردىلا ئېسىل، يۇقىرى دەرىجىلىك مەدەنىيەت بولىدۇ، ھازىرقى زامان مەدەنىيىتى قەدىمكى مەدەنىيەتتىن ئېسىل ۋە يۈكسەك دەيدىغان يەكۈن كېلىپ چىقىدۇ. بۇ قاراشقا ئاساسلانغاندا، ياۋروپا ۋە ئامېرىكا ئىنسانشۇناسلىرىنىڭ: شەرقلىقلەر جاھىلىيەتتە قالغان خەلقلەر، ھەقىقىي مەدەنىيەت غەربتىن تارقالغان، غەرب مەدەنىيىتى — ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ مەنبىيى، غەرب مەدەنىيىتى دۇنيادىكى ھەممە مەدەنىيەت تىپلىرى ۋە مەدەنىيەت قاتلىمى ئىچىدىكى ئەڭ ئېسىل، ئالىيجاناب، يۈكسەك ۋە ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان مەدەنىيەت دەيدىغان غەرب مەدەنىيەت مەركەزچىلىك ئىددىيىسى مانا مەن دەپ ئۆزىنى ئاشكارىلايدۇ.
مەدەنىيەت تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى ئەسلىدە غەرب يېقىنقى زامان سانائىتى مەزگىلىدە پەيدا بولغان بىر خىل ئىدېئولوگىيە فورمىسى. ئۇ غەربلىكلەرنىڭ مەدەنىيەت ئەندىزىسى ۋە قىممەت كۆزقارىشىنى باشقا مىللەت ۋە رايونلارغا مەجبۇرىي تېڭىشىغا باھانە-دەستەك تېپىپ بەرگەن. شۇڭا، ئاتالمىش غەرب مەدەنىيەت مەركەزچىلىكى ئەمەلىيەتتە «ئۆزىنىڭ قىممەت كۆزقارىشى ۋە مەدەنىيەت ئۆلچىمىنى باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىگە مەجبۇرىي تېڭىپ، ئۇلارنى دەرىجىگە تۇرغۇزۇپ، پەقەت ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتىنىلا تەبىئىي، ساغلام مەدەنىيەت، باشقا بارلىق مەدەنىيەتتىن ئۈستۈن تۇرىدىغان مەدەنىيەت دەپ قاراشتىن بۆلەك نەرسە ئەمەس[ۋاڭ نىڭشېڭ: «مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقى»، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى نەشرىياتى، 1998-يىل 1-نەشرى].
ئەنگىلىيىلىك تارىخشۇناس ئارنولد. تويىنبىي (1975- 1889 ~Arnold Toynbee ) ئۆزىنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى «تارىخ تەتقىقاتى» (Astudy of History) ناملىق كىتابىدا غەرب مەدەنىيەت مەركەزچىلىك ئىددىيىسىنىڭ مەنبەسىنى تەھلىل قىلغاندا مۇنداق دەپ يازغان: «بىز غەربلىكلەر باشقىلارنى ‹يەرلىكلەر› دەپ ئاتىغىنىمىزدا، ئۆز خىيالىمىزچە ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت خاسلىقىنى نەزەرىمىزدىن پۈتۈنلەي ساقىت قىلىۋېتىمىز». ئۇنىڭچە، بۇ خىل ھېسسىياتنى پەيدا قىلغان تۈپ سەۋەب «غەرب مەدەنىيىتىنىڭ ماددىي جەھەتتىكى دۇنياۋىي غەلبىسىدىن پەيدا بولغان. ئۆزىنى چوڭ تۇتۇش ھېسسىياتىدىن تاشقىرى، ئاتالمىش ‹تارىخنىڭ بىردەكلىكى› دەيدىغان خاتا چۈشەنچىدىن، يەنى مەرىپەتنىڭ ئېقىنى پەقەت بىز غەرب تەرەپنىڭلا، قالغان بارلىق مەدەنىيەتلەر ئۇنىڭ تارماق ئېقىنى بولمىغىنىدا پەقەت قۇملۇققا سىڭىپ كەتكەن ئېقىن دەيدىغان قاراشنىڭ تۈرتكىسىدىن باشقا يەنە مۇنداق ئۈچ سەۋەبتىن: ئۇ بولسىمۇ، ئۆزىنى مەركەز قىلىدىغان خاتا تۇيغۇ، ‹شەرق ئۆزگەرمەيدۇ› دەيدىغان خاتا تۇيغۇ، شۇنىڭدەك يەنە مەدەنىيەت بىر تۈز سىزىقنى بويلاپ ئىلگىرىلەيدۇ دەيدىغان خاتا تۇيغۇنىڭ تەسىرىدىن ئىبارەت»[تويىنبىي Toynbee: «تارىخ تەتقىقاتى»، 1-قىسىم، شاڭخەي خەلق نەشرىياتى، 1966-يىل نەشرى، 46-بەت].
ئامېرىكىلىق سىياسىيشۇناس سەمۇئېل. خانتىڭتۇن «مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى ۋە دۇنيا تەرتىپىنىڭ قايتا ئورنىتىلىشى» دېگەن كىتابىدا، ئىدېئولوگىيىلىك توقۇنۇش ⅩⅩ ئەسىردىكى دۇنيا سىياسىيسىنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى، 21-ئەسىردە «يەر شارىدىكى ئاساسلىق توقۇنۇش ئوخشىمىغان مەدەنىيەت كوللېكتىپى ئارىسىدا يۈز بېرىدۇ. مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى يەر شارى سىياسىيسىنى بەلگىلەيدۇ. ئوخشىمىغان مەدەنىيەت قاتلاملىرى كەلگۈسىدىكى ئۇرۇش لىنىيىسىگە ئايلىنىشى مۇمكىن» دەپ قارىغان ھەمدە غەرب جەمئىيىتىنى «تەرىقەتچىلىك-ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ بىرلىشىشىدىن، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مەدەنىيەتنىڭ گىرۋىكىدىن مەدەنىيەت مەركىزىگە كىرىپ قېلىشىدىن، غەربنىڭ خوجايىنلىق ئورنىنى ئىگىلىشىدىن» ھوشيار بولۇشقا ئاگاھلاندۇرغانىدى[خانتىڭتۇن (S.Huntingtun): «مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى ۋە دۇنيا تەرتىپىنىڭ قايتا ئورنىتىلىشى»، شىنخۇا نەشرىياتى، 1998-يىل 2-نەشرى]. خانتىڭتۇن ئوتتۇرىغا قويغان توقۇنۇش نەزەرىيىسى ئەمەلىيەتتە غەرب مەدەنىيەت مەركەزچىلىكىگە چاپان ياپقانلىق ھەم ئۇنىڭ پايدىسى ئۈچۈن مۇقام توۋلىغانلىق ئىدى. مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى نەزەرىيىسى شەرقىي ئاسىيا ئەللىرىدە بىر پەس بەس-مۇنازىرە ۋە غۇلغۇلا قوزغاپ سىنگاپور، مالايسىيا، تەيۋەن، شياڭگاڭ، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدا ئۆز مەدەنىيىتىنى قايتا تونۇش شوئارىنى ئەۋجىگە چىقاردى. سىياسىي ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدە غەرب مەدەنىيىتىگە قارشى «يېڭى تەرىقەتچىلىك» ۋە «تارىخ ئوخشىماسلىق»نەزەرىيىسى ھەم «شەرقىي ئاسىيا ئورتاق گەۋدىسىنىڭ قىممەت قارىشى» قاتارلىق سىياسىي ۋە مەدەنىيەت قارىشىنى كۈچەپ تەرغىپ قىلدى. ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى زاماندىكى داڭلىق مەدەنىيەت تەنقىدچىسى ئىدۋارد سەئىد (Edward Said) ئۆزىنىڭ «شەرقشۇناسلىق» (Orientalism) ۋە «مەدەنىيەت ۋە جاھانگىرلىك» (Culture and Emperialism) دېگەن مەشھۇر ئەسەرلىرىدە غەرب مەدەنىيەت مەركەزچىلىك ئىددىيىسىنى تەنقىد قىلىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ مەۋجۇتلۇق شەكلى ھەمدە شەرق مەدەنىيىتىنىڭ قىممەت كۆزقارىشىنى ھىمايە قىلغانىدى. لېكىن ئۇنىڭ مەدەنىيەتنى چۈشىنىش ۋە باراۋەر مۇئامىلە قىلىشنى تەشەببۇس قىلىشى 3-دۇنيا ئەللىرى تەرىپىدىن خاتا چۈشىنىلگەن ۋە ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي مەقسىتىگە سۈيئىستېمال قىلىنغاچقا، ئاخىرى «غەرب مەدەنىيەت مەركەزچىلىكى»نىڭ ئەكسىگە، يەنى «شەرق مەركەزچىلىك» ئىددىيىسىگە ئايلىنىپ قالدى[ئىدۋارد سەئىد (Edward Said): «مەدەنىيەت ۋە جاھانگىرلىك»، ئۈچ بىرلەشمە كىتابخانىسى، 2003-يىل 1-نەشرى]. شۇنداق قىلىپ، شەرقىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ھە دېسىلا «شەرقىي ئاسىيا قىممەت قارىشى»، «يېڭى تەرىقەتچىلىك»، «شەرقچە ئالاھىدىلىك» دەيدىغان ئۆزىنى مەركەز قىلىش خاھىشى باش كۆتۈرۈشكە باشلىدى.
مەدەنىيەت نىسپىيلىكى نەزەرىيىسى مەدەنىيەتنىڭ كۆپ مەنبەلىكىنى تەرغىپ قىلىدىغان قىممەت نەزەرىيىسى بولۇش سۈپىتىدە غەربنىڭ ئىرقىي ئايرىمىچىلىق ۋە مەدەنىيەت ئەلالىق ئىددىيىسىنىڭ بىر تەرەپلىمىلىكىگە رەددىيە بەرگەن ھەمدە ئىنسانىيەتنىڭ كۆپ خىل تۇرمۇش شەكلىنىڭ تىنچ بىللە تۇرۇش غايىسىگە ۋەكىللىك قىلىپ، مەلۇم دەرىجىدە ئىجابىي رول ئوينىغانىدى. لېكىن سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىن مەدەنىيەت نىسپىيلىكى كۆزقارىشى ئىنسانشۇناسلىق ساھەسىدىن سىياسىي سەھنىگە يۆتكەلدى. بەزىلەر مەدەنىيەت سەھنىسىدىن سىياسىي سەھنىگىچە بۇ ئېقىمنى ھەقىقىي سىياسىي پايدىلىنىش قورالىغا ئايلاندۇرۇپ، قەدىمكى سىياسىي تۈزۈم ئەندىزىسىدىكى «جەمئىيەت بىرىنچى»، «شەخسنىڭ ھوقۇقى ئىككىنچى» دەيدىغان ھوقۇق قارىشى، ئەخلاق قىممەت قارىشىنى غەربنىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە باغلىق ھالدا ئوتتۇرىغا قويغان مەدەنىيەت، قىممەت كۆزقارىشى، ھوقۇق ۋە ئەخلاق پرىنسىپىغا قارشى ئورۇنغا چىقىرىپ قويماقتا.
مەدەنىيەت نىسپىيلىك قارىشىنىڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقى شۇ يەردىكى، ئۇ بېكىنمىچىلىك ھەم بىر تەرەپلىمىلىك بىلەن مەلۇم بىر مىللىي مەدەنىيەتنىڭ ھەممە تەرىپىنى ئېسىل دەپ كۆككە كۆتۈرۈپ، سېلىشتۇرۇش ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى چەتكە قاقىدۇ. باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى تۆۋەن كۆرىدۇ. ئۇنى ئۆزىگە سىڭدۈرىۋېتىشكە ئۇرۇنىدۇ. ئىنسانىيەتكە ئورتاق پرىنسىپ ۋە ئۆلچەملىرىنىمۇ ئۆز مەنپەئىتىگە بېقىندۇرۇپ ئىزاھلايدۇ ياكى بۇرمىلايدۇ.
مەدەنىيەت نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ ئۆزى ئەسلىدە ئۇنچىلىك مۇرەككەپ پىكىر ئېقىمى بولمىسىمۇ، ئۇ ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق، باراۋەر، تىنچ بىللە ياشاش ئارزۇسىنى ئىپادىلىگەن ئېقىم بولسىمۇ، ئەمما نۆۋەتتىكى مەدەنىيەت تەتقىقاتى ساھەسىدە خاتا چۈشىنىلگەن ۋە ئاز ساندىكى بەزىلەرنىڭ مەنپەئىتىگە پايدىلىنىپ كېتىلگەنلىكتىن، ئۇ مەيلى پەلسەپىۋى نۇقتىدىن ياكى رېئال جەھەتتىن بولسۇن، ئۆزىنىڭ بىر تەرەپلىمىلىك، ئېغىر كەمتۈكلۈك ۋە چەكلىمىلىكىنى ئاشكارىلىماقتا.
2
دۇنيادا ئوخشىمىغان مەدەنىيەتنىڭ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشى تەبئىي ھالدا توقۇنۇش ۋە سۈركىلىشنى پەيدا قىلىدۇ. شەرق-غەربنىڭ تارىختىكى سىياسىي ۋە مەدەنىيەت توقۇنۇشلىرى ئىككى قېتىملىق دۇنياۋى ئۇرۇشقا سەۋەب بولغان. پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە مىسلىسىز ئېغىر بالايىئاپەتلەرنى ئېلىپ كەلگەن. بۈگۈنكى دۇنيادا بىر ياقتىن كەسكىن توقۇنۇش داۋام قىلسا، يەنە بىر ياقتىن يارىشىش، قوشۇلۇش يولىدا كېتىۋاتىدۇ. ئەگەرⅩⅩ ئەسىردىكى شەرق-غەربنىڭ مەدەنىيەت مۇناسىۋىتىنى «توقۇنۇش» بىلەن خاراكتېرلەنگەن دېسەك، ئۇ ھالدا 21-ئەسىر ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۆز-ئارا قوشۇلۇش، بىرىكىش ۋە بىر-بىرىنى تولۇقلاشقا يۈزلىنىش دەۋرى بولۇشى مۇمكىن. ھازىر مەدەنىيەت ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەردە بەزىلەر مەدەنىيەتنىڭ مىللىيلىكىنى تەكىتلەپ، يەرلىكلەشتۈرۈش، خاسلاشتۇرۇش يولىغا مېڭىشنى تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ. يەنە بەزىلەر مەدەنىيەتنىڭ خەلقئارالىقى، ئورتاقلىقىنى تەكىتلەپ، مەدەنىيەتنى دۇنياۋىيلاشتۇرۇش يولىنى تەرغىپ قىلىۋاتىدۇ. باشقا يەنە بىر قىسىم كىشىلەر شەرق-غەرب مەدەنىيىتىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ھەر ئىككىسىنىڭ ئىجابىي تەرىپىنى قۇبۇل قىلىپ، زامانىۋى ئىلغار مەدەنىيەت يارىتىش كېرەك دەپ قاراۋاتىدۇ. ئەمما شەرق-غەربتىن نېمىنى قۇبۇل قىلىشى، قانداق قۇبۇل قىلىشى ھەم قانداق زامانىۋىيلاشتۇرۇشى، قايسى تەرەپتىن ئوخشىشى، نېمىدە ئوخشىماسلىقى ئەمەلىيەتتە كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا ئايدىڭ ئەمەس. ئەنئەنە بىلەنمۇ چەكلىنىپ قالمايدىغان ھەم غەربنىڭ ئەندىزىسىنىمۇ كۆچۈرۈپ كەلمەيدىغان ئىجادىي تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تىكلەش ھازىر ھەربىر مىللەت مەدەنىيىتىدە چوڭقۇر ئويلانمىسا ۋە ھەل قىلمىسا بولمايدىغان مەسىلە. ئۇنداقتا شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ تەڭ باراۋەر مەۋجۇت بولۇشى، ئورتاق ماسلىشىپ تەرەققىي قىلىشىدا ئورتاق بولغان پرىنسىپ ۋە قىممەت كۆز قارىشى بارمۇ؟ ئەگەر بار بولسا ئۇ نېمە؟ ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ بىر-بىرىنى ئېتراپ قىلىشى، تونۇشى ۋە بىرلىشىشى ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ھازىرقى ئومۇمىي تەرەققىيات يۈزلىنىشى. لېكىن خۇددى بەزى تەنقىدچىلەر ئېيتقاندەك، «شەرق-غەربنىڭ قوشۇلۇشى»، «ئارتۇقچىلىقنى قۇبۇل قىلىپ كەمچىلىكنى تولۇقلاش» بىر گۈزەل غايە بولسىمۇ، ئەمما «قانداق قوشۇلۇش»، «نېمىنى قوشۇش» ۋە «قوشۇلغاندىن كېيىن نېمىگە ئايلىنىش»مەسىلىسى بىر زىددىيەتلىك مەسىلە. چۈنكى مەيلى شەرقنىڭ ياكى غەربنىڭ قەدىمدىن تا ھازىرغىچە يارىتىلغان مەدەنىيىتى مەلۇم ئۆزگىچە دۇنيا قاراشقاتايانغان مەدەنىيەت. ھەر قانداق بىر مەدەنىيەت باشقا مەدەنىيەتلەر بىلەن بىرلىشىپ مەدەنىيەت بولغان ئەمەس[ۋۇشىۋەن: «يېڭى دەۋردىكى مەشھۇر ئەسەرلەر ھەققىدە لېكسىيە»، گۇاڭشى پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 2004-يىل 1-نەشرى]. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، تارىختىكى مەدەنىيەت شەكىللىنىشىدىن تاكى بۈگۈنگىچە ئۆزىنىڭ باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان تۇرمۇش شەكلى، دۇنيا قارىشىنىڭ خاسلىقىنى ئاساس قىلغان ھالدا پەيدا بولغان. مەدەنىيەت تەرەققىياتى داۋامىدا ئالماشتۇرۇش، قۇبۇل قىلىش بىلەن قايتا ئىجاد قىلىش ئارقىلىق پەلسەپە، دىن، مەدەنىيەت، ئەدەبىيات-سەنئەت جەھەتلەردىكى خاسلىقنى ھەم ئىنسانىيەتكە ئورتاق ھېسسىيات، ئىدىيە كۆزقاراشلارنى بارلىققا كەلتۈرگەن.
ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىن قارىغاندا، بىر مىللەت ياكى رايوننىڭ ئىجتىمائى تەرەققىياتى تۆۋەن باسقۇچتىن يۇقىرى باسقۇچقا، ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككە، بىر خىللىقتىن كۆپ خىللىققا قاراپ ئىلىرىلەيدۇ. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتى تارىخىي، جۇغراپىيىلىك ۋە سىياسىي ئامىللارنىڭ تەسىرىدە تەكشىسىز بولىدۇ. بۇ خىل تەكشىسىزلىك بىر نەچچە خىل مەدەنىيەت ئارىسىدىمۇ، بىر دۆلەتنىڭ ئاساسلىق مەدەنىيىتى بىلەن ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان مەدەنىيىتى ئوتتۇرىسىدىمۇ كۆرۈلىدۇ. ھەر بىر مىللەتنىڭ ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتى تارىختا ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئازلىقتىن كۆپلۈككە، تېيىزلىقتىن چوڭقۇرلۇققا قاراپ ئىلگىرىلەشتىن تاشقىرى، يەنە تارىختا باشقا مەدەنىيەتلەر بىلەن سۈركىلىش، توقۇنۇش، ئالاقە ئالماشتۇرۇش جەريانىدا ئۆزىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، تەدرىجىي مۇستەقىل مەدەنىيەت سېستىمىسى بولۇپ شەكىللىنىدۇ.
مەيلى قانداق ئىرق، قانداق تىل ۋە قانداق دىنىي ئېتىقادقا ئىگە بىر مىللەت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئالدى بىلەن ھەممىسى ئوخشاش بىر ئىنسان، ئوخشاش بىر يەر شارىدا ياشايمىز. دىنىي ئېتىقاد ۋى ئۆرپ-ئادەتلەردىكى پەرقلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا، تەبىئىتىمىز، ھېسسىياتىمىز، ئەخلاق، ئىززەت-غورۇر، قەدىر-قىممەت قاتارلىق تۈپ تەرەپلەردە ئومۇمىي ئورتاق قىممەت قارىشىمىز بار. جەمئىيەتشۇناسلىقنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن قارىغاندا، ئىنسانىيەتتە بىر خىل ئەبىئىي «مېھرى-شەپقەت  ھېسسىياتى بار. بۇ «مېھرى-شەپقەت» خاھىشى كوللېكتىپلار ئارىسىدا ئالاقە پائالىيىتىنى پەيدا قىلىدىغان ئەسلىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ»[«جۇڭگو بۈيۈك ئېنسىكلوپېدىيىسى» جەمئىيەتشۇناسلىق تومى، 218-بەت]. ماسلۇ، گادامىر قاتارلىق پەيلاسوپلار ئادەمنىڭ بىر خىل تۇغما «ياخشى كۆرۈش» ۋە «ئېھتىياجى» بولىدۇ. «ھاياتلىقنىڭ مەۋجۇتلۇق شەكلى دەل ئىنساننىڭ ئۆزىنى ئىپادىلىشى، ھالبۇكى ئۆزىنى ئىپادىلەش تەبىئەتنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك مەۋجۇتلۇق ھالىتى. ھاياتلىقنىڭ گەۋدىلىك ئەھمىيىتى-دەل ئۆزىنى ئىپادىلەش»[گادامىر (H.Gadamer): «ھەقىقەت ۋە مېتود»، شاڭخەي تەرجىمە نەشرىياتى، 1989-يىل 1-نەشرى، 39-بەت] دەپ قەيت قىلىدۇ. سۇبيېكتنىڭ ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن، تاشقى دۇنيا بىلەن ئالاقە ئورنىتىش ھەم ئالماشتۇرۇشقا تايانماي بولمايدۇ. بۇ خىل ئېھتىياج تاشقى دۇنيا ۋە شەيئىلەر بىلەن بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىزنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. مارتىن بوبنىڭ قارىشىچە، ئادەم ۋە شەيئىنىڭ ئۆزئارا بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىشى، كىشىلەر ئارىسىدا «مەن» ۋە «سەن» دەيدىغان مۇناسىۋەتنىڭ بولماسلىقىنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ. مۇھىمى، ئىچكى قىسىمدىكى ئالاقە يەنى ئۆز-ئارا چۈشىنىشتە «ئىككى ئادەمنىڭ ناھايتى ئېنىق ھالەتتە بىر-بىرىنىڭ قارشى تەرىپىگە ئۆتەلىشىدىن ئىبارەت»[مارتىن بوب (M.Bob): «ئادەم ۋە ئادەم»، يازغۇچىلار نەشرىياتى، 1992-يىل 1-نەشرى، 16-بەت].
گېرمانىيىلىك پەيلاسوپ خابىرماس (Habermass) سۇبيېكت بىلەن ئوبيېكتنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقىسى ۋە مۇناسىۋەت شەرتىنى: چۈشىنىش، ھەققانىيلىق، سەمىمىيىلىك ۋە توغرىلىق دەپ تۆت نۇقتىدىن ئىزاھلىغان. ئۇ ئىنسانىيەتنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ۋە چۈشىنىشىنى «جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي ھەمكارلىقىنىڭ ئاساسى» دەپ قاراپ، ئىنسانىيەتنىڭ تۇرمۇش، مەدەنىيەت ئالاقىسىنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ئىككى پرىنسىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇنىڭ بىرى، «ھەققانىيەت پرىنسىپى». يەنى بۇ پرىنسىپ ئادەم بىلەن ئادەمنىڭ پەرقچانلىقىغا ھۆرمەت قىلىش، شەخسنىڭ باراۋەر ھوقۇقىغا كېپىللىك قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. يەنە بىرى، ئەڭ تۆۋەن چەكتىكى «ئىتتىپاقلىشىش پىرىنسىپى». بۇ پرىنسىپ بىر شەخسنىڭ باشقىلارغا ھېسداشلىق قىلىشى ۋە ھۆرمەت قىلىشىنى، ئۆزئارا بىر-بىرىنى ھەر ۋاقىت ئەپۇ قىلىدىغان بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، مەيلى ئىككى مىللەت، ئىككى دۆلەت ياكى ئىككى شەخسنىڭ ئالاقىسىدا بولسۇن ياكى ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىلىشىش، چۈشىنىش ۋە تەڭ ياشاش مەقسىتىگە يېتىشتە بولسۇن، خابىرماس ئۆزئارا ئالاقە باغلاش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، بىر-بىرىگە ئۆتۈش ۋە بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم يول ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ[خابىرماس (Habermass): «ئالاقە ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىلگىرىلىشى»، چۇڭچىڭ نەشرىياتى، 1989-يىل 1-نەشرى،66-،69-بەت].
ئىنسانىيەت مەيلى قانچىلىك دەرىجىدە پەرقلەنمىسۇن، ئوخشىمىغان دۆلەت، ئىرق ۋە مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادىتى، دىنىي ئېتىقادى، ئەدەبىيات-سەنئىتى، ئۆزىگە يۇغۇرغان ئىنساننىڭ ھېسسىياتى، ئارزۇ-ھەۋىسى، ئىددىيە-كەيپىياتىدا زور دەرىجىدە ئوخشاشلىق بار. ئادەم ۋە تەبىئەت، ئادەم بىلەن ئادەم، ھاياتلىق ۋە تەقدىر، خۇشاللىق ۋە قايغۇ، مۇھەببەت ۋە نەپرەت، ھايات-ئۆلۈم قاتارلىق بىر مۇنچە مەسىلىلەردە ئىنسانلار ئۆزئارا ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تەسىرات، تەجرىبە ۋە كۆزقاراشقا ئىگە. مانا بۇ ئىنسانىيەتنىڭ ئەخلاق، ئىززەت-غورۇر، گۈزەللىك-قىممەت قاراشلىرىدىكى ئورتاق ھېسسىياتۋە ئىددىيىسى بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت ئالاقىسىدا ھەم ئۆز مەدەنىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەنقىدىي پوزىتسىيىدە مىللىي مەدەنىيەتنى ئىسلاھ قىلىپ، قايتا قۇرۇش ھەم ھەربىر مىللەتنىڭ تىل-يېزىق، دىنىي ئېتىقاد، مىللىي ئۆرپ-ئادەت، ئەدەبىيات-سەنئىتىنىڭ ئەنئەنىسى ۋە ئالاھىدىلىكىگە ھۆرمەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
3
ئېلىمىز كۆپ مىللەتلىك سوتسىيالىستىك دۆلەت. مىللەتلەرنىڭ كۆپ خىللىقى بىلەن كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتنىڭ بىر گەۋدە بولۇپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى- جۇڭگو مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ تۈپ ئالاھىدىلىكى. بىرنەچچە مىڭ يىللىق مىللەتلەر مۇناسىۋىتى تارىخىدا ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىسىدا سىياسىي مەدەنىيەت ئالاقىلىرى قەدىمدىن بۇيان قويۇق داۋاملىشىپ كەلگەن. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىق، دىنىي ئېتىقاد، ئۆرپ-ئادەت، قائىدە-يوسۇنلىرى، پەلسەپە، ئەدەبىيات-سەنئەت ئۆزئارا سۈركىلىش، ئۇچرىشىش، ئۆتۈشۈش ۋە ئۆزئارا قۇبۇل قىلىش جەريانىدا بىر-بىرىنىڭ مەدەنىيىتىدىكى ئىلغار، يېڭى تەركىبلەرنى مەلۇم دەرىجىدە قۇبۇل قىلىپ، ئۆزىنى بېيىتىپ، كۆپ مەنبەلىك، مول مەزمۇنلۇق ئۆزگىچە مەدەنىيەت سېستىمىسىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن. بولۇپمۇ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق، قىرغىز، موڭغۇل، خۇيزۇ قاتارلىق مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى دىنىي ھەم مەدەنىيەت ئالاقىلىرى ئىنتايىن چوڭقۇر بولغان. قەدىمدە ھىندى بۇددىزمى مەدەنىيىتى، قەدىمكى گىرىك-رىم ۋە مىسىرنىڭ يەھۇدى خرىستىئان مەدەنىيىتى بىلەن ئەرەب-ئىسلام مەدەنىيىتى يىپەك يولىنىڭ مۇھىم ئۆتىڭى—شىنجاڭ رايونىدا ئوتتۇرا-مەركىزىي ئاسىيانىڭ تۈركىي تىللىق خەلقلەر مەدەنىيىتى بىلەن ئۇچراشقان ۋە ئۆتۈشكەن. ئوتتۇرا جۇڭگو سۇلالىلىرىنىڭ تەرىقەتچىلىك ۋە داۋجياۋ مەدەنىيىتى شىنجاڭ ئارقىلىق ھىندى، گىرىك ۋە تۈركىي تىللىق خەلقلەر مەدەنىيەتلىرى بىلەن ئۆتۈشكەن. ئۇيغۇرلار گىرىك، ھىندى ۋە ئەرەب ئىسلام مەدەنىيىتىنى ئۆزلەشتۈرۈش بىلەن تەڭ ئۆز نۆۋىتىدە خەنزۇ مەدەنىيىتىنىڭمۇ تەسىرىگە كۈچلۈك ئۇچرىغان. ھىندى بۇددىزمى يەھۇدى خرىستىئان مەدەنىيىتى بىلەن بىر قاتاردا ئۆز مەدەنىيىتىنىمۇ ئوتتۇرا جۇڭگو مەدەنىيىتىگە يەتكۈزۈپ، ئۇلارغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. شىنجاڭدىكى مىللەتلەر قەدىمدىن بۇيان مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، جاپالىق كۈرەش قىلىپ، ئىچكى-تاشقى دۈشمەنلەرگە تەڭ قارشى تۇرۇپ، بىر-بىرىنىڭ ئۆرپ-ئادەت ۋە تۇرمۇش ئۇسۇللىرىنى ئۆگىنىپ، قۇبۇل قىلىپ، قان بىلەن گۆشتەك ئىناق، ئىجىل ياشاپ كەلگەن. ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىلىشىپ ياشىغان ماكانلار كەڭرى، قاتناش قولايسىز، تارقاق، بېكىنمە، مەھەللىۋى مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى كۈچلۈك بولغانلىقتىن، تۇرمۇش شەكلى، دۇنيا قارىشى بېكىنمىچىلىك ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئۆزىنىڭ تۇرمۇش، قائىدە-يوسۇن، دۇنيا قارىشىنىلا ئەڭ ئېسىل، ئۆزىنىلا ئەڭ مۇنەۋۋەر مىللەت دەپ قارايدىغان ئۆزىنى مەركەز قىلىش ئىددىيىسىمۇ ھەرقايسى مىللەتلەردە بىر قەدەر ساقلانغان.
يېرىم ئەسىردىن بۇيان ۋەتىنىمىزدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە مائارىپى باراۋەر تەرەققىي قىلدى ۋە زور نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. ھەرقايسى مىللەتلەر بىر-بىرىگە يول قويۇپ، ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ ماس ھالدا تەرەققىي قىلدى. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن بېرى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ئاساسىدا دەۋرنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ، قەدەممۇ قەدەم يېڭىلىنىپ كەلمەكتە. تارىخىي ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ھەر مىللەت خەلقلىرىنىڭ مەدەنىيىتى باراۋەر، ئادىل، ئۆز-ئارا ھۆرمەت قىلىش، بىر-بىرىنى ئېتراپ قىلىش ھەم ئۆزئارا يول قويۇش ئاساسىدا بىر-بىرى بىلەن ھەمكارلاشقاندىلا، ئۆز ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلغان ئاساستا تەنقىدىي پوزىتسىيىدە يېڭىلانغاندىلا، ئاندىن ئورتاق بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ ھەم ماسلىشىپ راۋاجلىنالايدۇ.
كۆپ مەنبەلىك، كۆپ قاتلاملىق مەدەنىيەتنىڭ ئۆزئارا ئارىلىشىپ ئىجىل-ئىناق ماسلىشىپ راۋاجلىنىشى شىنجاڭنىڭ ھازىرقى مەدەنىيىتىنىڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى. شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق، قىرغىز، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بولۇش بىلەن تەڭ، بۇ مىللەتلەر كۆپ ئەسىرلەردىن بېرى شىنجاڭدا بىر-بىرىگە ھەمكارلىشىپ، تەسىر كۆرسىتىپ، ئورتاق ھايات كەچۈرۈپ كەلگەن. ئۇلارنىڭ تۇرمۇش، ئۆرپ-ئادەت، تىل-يېزىق ھەم كۆزقاراشلىرىمۇ بىر-بىرىگە سىڭىشىپ، كۆپ خىللىق، كۆپ مەنبەلىك ئاساسىدىكى ھازىرقى زامان شىنجاڭ مەدەنىيىتىنى بارلىققا كەلتۈردى. ئىسلام دىنى مەدەنىيىتى، بۇددا دىنى مەدەنىيىتى، داۋجياۋ دىنى ۋە خرىستىئان دىنى مەدەنىيەتلىرىمۇ ئاشۇ مىللەتلەرنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى بىلەن ئارىلىشىپ، شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ خىل شەكىلدە مەۋجۇت بولۇش، ماسلىشىپ راۋاجلىنىشتەك دەۋر ئالاھىدىلىكىنى ياراتتى. شىنجاڭدا تېرىقچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە شەھەر قول-ھۈنەرۋەنچىلىكىنى ئاساس قىلغان كۆپ دىنىي ئېتىقاد ئاساسىدىكى تىل-يېزىق، ئۆرپ-ئادەت، ئەدەبىيات-سەنئەت قاتارلىق مەدەنىيەت زور دەرىجىدە راۋاجلاندۇرۇلۇپلا قالماي، غەربىي رايونغا خاس رايون ئالاھىدىلىكىنى، مىللىي ئالاھىدىلىكىنى ھەم دەۋر ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلدى. تۇرمۇش سەھنىسىدىن تا مەدەنىيەت سەھنىسىگىچە بىر-بىرىنى ئۈلگە قىلىپ، ئىلغار تەرەپلىرىنى ئۆز-ئارا قۇبۇل قىلىپ ئۆگىنىدىغان، باشقا رايون ۋە ئەللەر مەدەنىيىتى، پەن-تېخنىكىسىغا ھېرىسمەن بولىدىغان بىر خىل ئېچىۋېتىش ئېڭىنى، شۇنداقلا ئېسىل ئەنئەنىنى تىكلىدى.
شىنجاڭدىكى مىللەتلەر بۇنداق مەدەنىيەت ئارىلاشمىلىق مۇھىتىدا ئۆز تىل-يېزىقى، دىنىي ئېتىقادى ۋە ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى تاشلاپ قويغىنى يوق. ھەرقايسى مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ قەدىمىي ئەنئەنىۋى مىللىي بايرام ۋە سەنئەت پائالىيەتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ۋارسلىق قىلىپ بارماقتا ھەم يېڭىلىماقتا. ئۆزلىرىنىڭ بۇرۇندىن كېلىۋاتقان دىنىي ئېتىقادى، قائىدە-يوسۇنلىرى، تىرىكچىلىك شەكىللىرىنىڭ غوللۇق تەرىپىنى يەنىلا چىڭ تۇتۇپ قوغداپ كەلمەكتە. مىللىي بايرام، ئەنئەنىۋى مۇراسىم، دىنىي ئېتىقاد ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ئېڭىنى، مىللىي خاراكتېر، ئىستېتىك گۈزەللىك قارىشىنى كۈچەيتمەكتە. شۇڭا شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ كۆپ مەنبەلىك كۆپ قاتلاملىق مەدەنىيىتى قانداقتۇ ئۆزىنىڭكىنى يوقاتقان ئارىلاشما داشقايناق مەدەنىيەت بولماستىن، يەنىلا دەۋر ئېقىمىغا ئەگىشىپ يېڭىلىققا، ئىلغارلىققا ئىنتىلگەن، ئۆزىنىڭكىنى جارى قىلدۇرغان ئاساستا بىر-بىرى بىلەن ماسلىشىپ مەۋجۇت بولغان ۋە تەرەققىياتقا يۈزلەنگەن مەدەنىيەتتىن ئىبارەت.
شىنجاڭنىڭ يېرى كەڭ، مىللەتلەر كۆپ، تۇرمۇش شەكىللىرى ھەر خىل. ئۇيغۇرلار شىنجاڭدىكى قەدىمىي مەدەنىيەتكە ئىگە خەلق. قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، سالا، تاتار، تاجىك قاتارلىق مىللەتلەر ئۇيغۇرلار بىلەن قەدىمدىن بېرى دىنىي ئېتىقاد، ئۆرپ-ئادەت، تىل-يېزىق قاتارلىق جەھەتلەردە چوڭ ئوخشاشلىقنى ساقلاپ كەلگەن. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، تارىخىي ئەنئەنە، تىل-تەپەككۇر، دۇنيا قاراش، ئەدەبىيات-سەنئەتلەردە خەنزۇ، خۇيزۇ، موڭغۇل، شىبە قاتارلىق مىللەتلەر بىلەن تارىختىن بېرى ئىنتايىن قويۇق ئالاقىدە بولۇپ، ئۆزئارا بىر-بىرىدىن ئۆگىنىپ، دوستانە، ئىتتىپاق، ئىناق ياشىغان. بىر-بىرىنىڭ ئۆرپ-ئادىتى، مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى چۈشەنگەن، قۇبۇل قىلالىغان. شۇنداق قىلىپ، شىنجاڭ مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزئارا كەڭ ئۇچرىشىش، ئۆتۈشۈش ۋە قوشۇلۇشتەك روشەن ئالاھىدىلىكىنى شەكىللەندۈرگەن. شىنجاڭنىڭ يېرى كەڭ، ئاھالە بىر قەدەر تارقاق، مىللەت كۆپ، دىنىي ئېتىقاد كەڭ بولۇشتەك جۇغراپىيىلىك ئامىل، دىنىي مەدەنىيەت ئامىلى، مىللىي ئىستېتىك تەركىب ئامىللىرى تۈپەيلىدىن، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتە ئۆزىنى تونۇش ۋە قوغداش ئېڭى كۈچلۈك، يېڭىلىققا ئىنتىلىش ئېڭى بىلەن مەدەنىيەت ئاڭلىقلىق ئېڭى يۇقىرى بولغان. مانا بۇ كۆپ خىل مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇش ۋە مەدەنىيىتىنىڭ تۈپ مەنبەلىك، ئارىلاشما ھالەتنى يارىتىشى ھەم ئىجىل-ئىناق ماسلىشىپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ۋە راۋاجلىنىشىدىكى تۈپ سەۋەب.
ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇش ۋە مەدەنىيەت ئالاقىسى ئۆز-ئارا ساغلام ۋە نورمال ماسلىشىپ تەرەققىي قىلماقتا. كۈنسېرى مۇرەككەپلىشىۋاتقان خەلقئارا ۋە ئىچكى ۋەزىيەتتە مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ باراۋەر، ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ھەمدە ماسلىشىپ تەرەققىي قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتا مېنىڭچە، ئالدى بىلەن ھەر بىر مىللەت ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ۋە ئالاھىدىلىكىنى مەردانە ساغلام پىسخىكا، ئاڭ بىلەن قايتا چۈشىنىشى، ئېچىۋېتىش ئېڭى بىلەن ئىسلاھ قىلىشى زۆرۈر.
ھازىر دۆلىتىمىز سىياسىي، ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئىنتايىن تېز قۇدرەت تاپماقتا. ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشى، ئۇچۇر-ئالاقە ۋە ئالماشتۇرۇشنىڭ يېڭى يۈكسىلىش دەۋرىگە كىرىشىگە ئەگىشىپ، خەلقئارا بىلەن مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائى ئالاقە ئالماشتۇرۇش كۈچەيمەكتە. بۇ جەرياندا شەرق ۋە غەرب مەدەنىيىتى ئوتتۇرىسىدا بەزى سۈركىلىش، توقۇنۇش يۈز بېرىش تەبىئىي ئەھۋال. بۇنداق شارائىتتا ئالدى بىلەن جۇڭگونىڭ كۆپ مىللەتلىك بىرلىككە كەلگەن دۆلەت ئىكەنلىكىدەك ئەمەلىيەتنى چىڭ تۇتۇپ، كۆپ مىللەتلەر ئارىلىشىپ ياشاۋاتقان جايلارنىڭ مەدەنىيىتىنى ئاسراش، قوغداش، ماسلىشىپ راۋاجلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش تولىمۇ مۇھىم.
شىنجاڭدىكى ھەممە مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس مىللىي مەدەنىيىتى بار. بۇ ئۇزۇن تارىختا شەكىللەنگەن. ئۇلار بىرلىشىپ شىنجاڭنىڭ كۆپ خىل، ئارىلاشما، مول، رەڭدار يەرلىك مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلغان. شۇنداقلا يېرىم ئەسىردىن بېرى دۇنيانىڭ شىنجاڭنى تونۇشىدا رول ئويناپ كەلگەن. سانىنىڭ ئاز-كۆپ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مەدەنىيىتى ئىلغار ياكى مەدەنىيىتى قالاق مىللەت يوق. پەقەت ئىسلاھ قىلىش، دەۋرگە ماسلاشتۇرۇشقا تېگىشلىك ئايرىم تەرىپىلا بار. مەدەنىيەتنىڭ مىللىيلىكى، خاسلىقى قانچە ئېنىق بولسا، ئۇنىڭ قىزىقتۇرۇش، جەلپ قىلىش كۈچىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. بىر مىللەتنى چۈشىنىشتە ئالدى بىلەن ئۇنىڭ مەدەنىيىتىنى چۈشىنىش كېرەك. شۇڭا شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادىتىنى، دىنىي ئېتىقادىنى، مەدەنىيەت خاسلىقىنى چۈشىنىش، ھۆرمەت قىلىش ھەم جارى قىلدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇنداق قىلماي ئەكسىچە، كۆزىمىزگە سىغمىغان ھەممە تەرىپىنى قالاق، ناچار دەپ چەتكە قاقساق، كەمسىتسەك بۇ ھەر بىر مىللەتنىڭ تۇرمۇش، ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتىنىڭ ئىجىل-ئىناق ئۆتۈشىگە، مىللىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىسىز.
مېنىڭچە شىنجاڭدىكى مىللەتلەر 21-ئەسىردىكى تەرەققىيات يولىدا ئۆز مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئېچىۋېتىش ئېڭى ۋە ئىجادچانلىق روھى بىلەن ئۆز مەدەنىيىتىگە تەنقىدىي ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭ تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەش ئاساسىدا ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇق ۋە تەرەققىيات يولىنى تاپالىغاندىلا، ئاندىن تېخىمۇ زور ھاياتىي كۈچكە ئېرىشەلەيدۇ.

(«شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى»نىڭ 2005-يىللىق 4-سانىدىن ئېلىندى)

(ئاپتور: شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى، فىلولوگىيە پەنلىرى دوكتۇرى)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-20 01:30  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-1-20 11:10:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىقبال تۇرسۇن تىرىشقان تاپار،تاشقا مىخ قاقار دىگەن شۇ،مەن تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقاندا سىزنىڭ ‹‹ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىغا قانداق تەييارلىق قىلىش كېرەك››دىگەن يازمىڭىزنى كۆرگەن ئىدىم،بوراتالا شەھەرلىك رادىئو ئۇزېلىنىڭ دىژورنىخانىسىدا بىرگە ‹‹شىنجاڭ خەرىتىسى››سىزغان ئىدۇق،شۇ چاغدا تولىمۇ ئەستايىدىل ،كەمتەر،ئىجتىھاتلىق پەزىلىتىڭىزگە قايىل بولغاندىم...ئىجادىيەتلىرىڭىز قۇتلۇق بولسۇن....

ۋاقتى: 2015-1-20 14:47:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالىنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى ھەقىقەتەن يۇقۇرى ئىكەن. مەن بۇ ماقالىدىن ئوبدانلا نەپ ئالدىم. ئىقبال مۇئەللىم ئەستايىدىل، تەلەپچان مۇئەللىم بولۇپلا قالماي ئادىمىيلىكى بىلەنمۇ ھەر بىرىمىزگە ئۈلگە بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. مۇئەللىمىمنىڭ تىنىگە سالامەتلىك، قەلىمىگە بەركەت تىلەيمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش