يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 525|ئىنكاس: 13

تەمكىن: ئۆلمەيدۇ چىنلىققا قانغان مۇھەببەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئۆلمەيدۇ چىنلىققا قانغان مۇھەببەت

قۇمۇلدىن جەنۇپقا ماڭغان يۈرەككە،
لىققىدە قويۇلغان سۆيگۈ قاچىلاپ.
ئەقىدە كۆكىدە ئېچىلغان باھار،
كۈتۈشكە جابدۇنغان چېچىنى تاراپ.

تاغلاردىن جىلميىپ كۆكلەيدۇ قۇمۇل،
قۇمساڭغۇ رېۋايەت سۆزلەيدۇ خوتەن.
بىلىمەن چۈشمەيدۇ خەرىتىگە ھەم،
سۆيگۈ دەپ نامى بار ئۇلۇغ بىر ۋەتەن.

چېقىلغان ئەينەكتەك سۇنغان ھىجراننىڭ
كۆكسىدە پارالايدۇ «ئۈمىد»دىگەن خەت.
ھېجرانغا تىك بېقىپ ياشاش بەك ئېغىر،
يۈرەكلەر قىتىدا ئۆلمەس مۇھەببەت.

تىتانىك قاراسلاپ سۇنغان دەقىقە
مۇزىكا ئەۋجىدە ئۈزۈلگەنتى تار.
تولغاندا قەلبىمگە لىپمۇ لىق ۋىسال
تومۇزدا مۆلدۈرلۈك يېغىپ كەتتى قار.

چاراسلاپ دەز كەتتى يۈرەككە قات-قات،
ھەر پارچە بەرگىدە «ئارزۇ» دىگەن خەت.
سۆيگۈنىڭ ئارقىغا يانغىنى يالغان
ئۆلمەيدۇ چىنلىققا قانغان مۇھەببەت.

2015-يىل 18-يانۋار كېچە. شەھرى خوتەن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-20 00:07  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-1-19 17:56:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھارمىغايسىز،مۇبارەك بولسۇن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-19 18:09:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرنىڭ 3-كۇبلىتىدا تەكرارلىق كىتىپ قاپتۇ، ئۆزرىلىكمەن.

ۋاقتى: 2015-1-19 20:43:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرىڭىزنى ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم. بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيەت سەپىرىڭىز تىخىمۇ نۇرانە بولغاي.

ۋاقتى: 2015-1-19 20:46:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرنى ياقتۇردۇم.

ۋاقتى: 2015-1-20 10:12:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    شېئىرىڭىزدىن چوڭقۇر مۇھەببەت بالقىپ تۇرۇپتۇ. مۇشۇنداق مۇھەببەتلىك شېئىرلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي!

ۋاقتى: 2015-1-20 10:54:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۆيگۈنىڭ ئارقىغا يانغىنى يالغان
ئۆلمەيدۇ چىنلىققا قانغان مۇھەببەت...

ياخشى يېزىپسىز ، قۇت بولسۇن !

ۋاقتى: 2015-1-20 18:36:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرىڭىزدىن سۆيۈندۈم.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-20 19:01:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋولقانى1 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-19 20:43
شېئىرىڭىزنى ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم. بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيە ...

رەھمەت. مەنلا ئەمەس سىزمۇ يازارسىز؟

ۋاقتى: 2015-1-20 22:57:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرىڭىزدىن چوڭقۇر مۇھەببەت بالقىپ تۇرۇپتۇ. مۇشۇنداق مۇھەببەتلىك شېئىرلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي!

ۋاقتى: 2015-1-21 11:23:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرىڭىز شۇنداق مەنىلىك يېقىشلىق چىقىپتۇ.داۋاملىق يېزىپ تۇرغايسىز!!!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-21 12:00:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاق يوللىغان ۋاقتى  2015-1-21 11:23
شېئىرىڭىز شۇنداق مەنىلىك يېقىشلىق چىقىپتۇ.داۋاملىق يې ...

سىزگە يارىغانلا بولسا يەنە ئۇرۇنۇپ باقاي، ئۇزاق ۋاقىت ئۈچەكتە ياتقىنىمىنىڭ زىينىنى تازا تارتىۋاتىمەن. ئۇزاپ كەتكەنلەرگە يىتىشىۋىلىشىم ئۈچۈن جەريان كىتىدۇ خانىم.

ۋاقتى: 2015-1-21 12:24:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېزىقچىلىق جەھەتتە خېلى ئىقدارىڭىز باركەن بولمىسا،شۇنچىلىك ئۇزۇن ۋاقىت ئۆچەكتىن چىقالمىغىنىڭىزغا قارىغاندا چوقۇم بىرەر سەۋەپ بولۇشى مۇمكىن.قولىڭىزغا قايتا قەلەم ئېلىشىڭىزدىمۇ مەلۇم سەۋەپلەر تۇرتكە بولدىمىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم.بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيەتلىرىڭىزگە ئۇتۇق يار بولسۇن!!!

ۋاقتى: 2015-5-2 20:21:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرنى ياقتۇردۇم، بولۇپمۇ :

تىتانىك قاراسلاپ سۇنغان دەقىقە
مۇزىكا ئەۋجىدە ئۈزۈلگەنتى تار.
تولغاندا قەلبىمگە لىپمۇ لىق ۋىسال
تومۇزدا مۆلدۈرلۈك يېغىپ كەتتى قار.

چىنلىققا قانغان مۇھەببەت ئۆلمەيدۇ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش