- UID
- 1
- ھوقۇقى
- 255
- يازما
- 532
- نادىر
- 10
- جۇغلانما
- 5874
- تىزىملاتقان
- 2012-3-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-24
- توردا
- 2158 سائەت
|
|
|
|
|
«قۇتادغۇ بىلىك»نىڭ يېڭىدىن تەرجىمە قىلىنغان خەنزۇچە نۇسخسى بىلەن خەنزۇچە دىكلاماتسىيە قىلىنغان نەشرىنى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى
% @+ z' U8 o7 F" `2 U2 S
2 I; K. ?0 o9 S3 s
N7 b+ H9 K& J0 Z- n% g2 R
% q% x; q0 v: z0 \1 P
2015-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن ئاۋال قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ مەشھۇر نامايەندىسى شائىر، ئالىم ، مۇتەپەككۇر ، دۆلەت ئەربابى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ شاھانە ئەسىرى«قۇتادغۇ بىلىك»نىڭ يېڭىدىن تەرجىمە قىلىنغان خەنزۇچە نۇسخسى بىلەن خەنزۇچە دىكلاماتسىيە قىلىنغان نەشرىنى تارقىتىش مۇراسىمى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. مەزكۇر ئەسەرنى تالانتلىق ياش ئەدەبىي تەرجىمان دىلمۇرات تەلئەت تەرجىمە قىلغان بۇلۇپ، كىتاپ مىللەتلەر نەشرياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. پائالىيەتنى مىللەتلەر نەشرياتى تەشكىللىگەن، مىللەتلەر ئۈن-سىن نەشرياتى بىلەن شىنجاڭ ئېرپان ئېلىكتىرون ھەسسىدارلىق شىركىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان.$ V/ L, q: S4 p7 c# F
پائالىيەتكە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرلىردىن ئىسمايىل ئەھمەد، ئىسمايىل تىلىۋالدى، مەدەنىيەت مىنىستىرلىكىنىڭ سابىق مىنىستىرى، ئاتاقلىق يازغۇچى ۋاڭ مېڭ، دۆلەت مىللى ئىشلار كومىتىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى چاۋ، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتىگۇرۇپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى،«قۇتادغۇ بىلىك»نىڭ تۇنجى خەنزۇچە نەزمى نۇسخىسىنى تەرجىمە قىلىشقا قاتناشقان پىشقەدەم ئەدەبىي تەرجىمان ليۇ بىڭ، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان قاتارلىق رەھبەرلەر ۋە بېيجىڭ، ئۈرۈمچىدىن بولۇپ ئەدىب، يازغۇچى ۋە تەتقىقاتچىلاردىن بولۇپ 150 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى. پائالىيەتكە مىللەتلەر نەشرياتىنىڭ باش مۇھەررىرى جاڭ روڭفۇ رىياسەتچىلىك قىلدى.
4 B- o+ I7 X( `! T, D6 ^- w پائالىيەتتە ۋاڭ مېڭ، ليۇ كۇيلى، ليۇ بىڭ،ئازات سۇلتان،رەيھان قادىر، ئابدۇللا ئۆمەر قاتارلىقلار سۆز ۋە مەخسۇس تەييارلىغان ماقالىلىرىنى ئوقۇپ، كىتاپنىڭ نەشر قىلىنغانلىقى ھەم خەنزۇچە دىكلاماتسىيە قىلىنغان نەشرىنىڭ قىممىتى، ئەھمىيىتى ۋە ئۇنىڭ كۆرسىتىدىغان تەسىرى قاتارلىقلار ھەققىدە ئوخشاش بولمىغان نۇقتىلاردىن قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويدى شۇنداقلار يۇقۇرى باھالارنى بەردى.5 n- ~9 I% L9 J* m% C' A# @6 g' x
«قۇتادغۇ بىلىك» قىممىتى ۋە تەسىرى ئېلىمىز ۋە چەتئەللەردىكى ئىلىم ساھاسىدىكىلەرگە ئاللىقاچان تونۇشلۇق بولسىمۇ، لېكىن كەڭ خەنزۇ ئوقۇرمەن ۋە ئاڭلىغۇچىلارغا نىسپەتەن ئۇلارنىڭ بۇ ئەسەرگە بولغان تونۇشىنى بەكمۇ چوڭقۇر دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. بۇ قېتىم مەزكۇر ئەسەرنىڭ قايتىدىن خەنزۇچە نەشر قىلىنىشى ۋە دىكلاماتسىيە نۇسخىسىنىڭ تارقىتىلىشى مىللەتلەر ئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەدەبىي ئالماشتۇرۇشلارنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئەسەرنىڭ ئاۋاملىشىشى ۋە دۇنياۋىلىشىشى قاتارلىق جەھەتلەردە ئىجابىي رول ئوينايدۇ.
1 G l( V2 V8 V& ~' B- S, P8 g& ?بۇ قېتىم«قۇتادغۇ بىلىك»نىڭ يېڭىدىن تەرجىمە قىلىنغان خەنزۇچە نۇسخسى بىلەن خەنزۇچە دىكلاماتسىيە قىلىنغان نەشرىگە شىنجاڭ ئىرپان ئېلىكتىرون چەكلىك شىركىتى مەبلەغ سالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ يىللاردىن بۇيان مىللى مەدەنىيەت مىراسلىرىمىزنى قېزىش، راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردە كۆرسىتىۋاتقان قىممەتلىك ئەمگەكلىرىنىڭ داۋامى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.; I' B" g) I- \ [
7 \* p' @& p- z( \! r
+ D u! R) |$ A7 j" O/ O
, Q( T/ y5 E. i2 n& e
0 L7 D+ }9 v% L5 f! S
|
|
|
|
|
|
|