A
ياش دېڭىزى ئۈستىدە كېلەر بىر قولۋاق،
ئۈستىگە مىنگەشكەن گۇگۇم بۇژغۇنى.
مەن سېنى سۆيۈشكە ئامالسىز قالدىم،
يالغۇز ھېس قىلماقتىمەن مۇزدەك تۇيغۇنى.
زەر شولا چاچماقتا چوڭقۇر كۆزلىرىڭ،
مېنىڭ بۇ زېمىستان تەنھا كېچەمگە.
ئاھ سەن ئەي يالغۇزلا ئېچىلغان بىر گۈل،
مەن سېنى پۇرىيالماي قالغان بىر بەڭگە.
قار ياغماس كېچىلەر تەسۋىرلەش قىيىن،
ئۆلمەس ھېسىياتنى نازۇك تۇرقۇڭنى.
شۇندىمۇ سۆيگۈمنى ئەيلەيمەن بايان،
ئەي دۇنيا يوغان ئاچ مامكاپ قۇلقىڭنى……
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا زۇلتاپ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-18 13:21