غەربكە ساياھەت
م.ئوسمان شەرارى
سۇن ۋۇكۇڭنىڭ ئۇچرىشىشقا چىقىشى
(8-قىسىم)
سۇن ۋۇكۇڭ مەۋلۇد ئىبراھىنمىڭ لايىق تۇنۇشتۇرۇش مەركىزىگە بېرىپ تېزىملىتىپ قويغاندىن كىيىن،مەۋلۇد ئىبراھىم نۇرغۇن جەھەتلەردىن ئەستايىدىل ئىزدىنىپ، سۇن ۋۇكۇڭغا لايىق ئىزدەپتۇ.ئاخىرى مەلوم بىر سېرىك ئۆمىكىدە ئىشلەيدىغان ‹‹غىلدىر-غىلدىر غايىبخان››ئىسىملىك دائىم غايىب بۇلۇپ چوڭ ئىشلارنى ھەل قىلىدىغان بىر قىزنى تېپىپتۇ ۋە ئۇنىڭغا سۇن ۋۇكۇڭنىڭ تەرجىمھالىنى كۆرسېتىپتۇ.مەۋلۇد ئىبراھىم بىر كۈنى سەھەردە سۇن ۋۇكۇڭغا خەۋەر قىلىپ تېلفون قىلىپتۇ:
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،سۇن ۋۇكۇڭ ئەپەندى،قانداق،ئەھۋال ياخشىمۇ؟
سۇن ۋۇكۇڭ:
-ھە..ياخشى...ياخشى...مەۋلۇدئىبراھىم ئوخشىمامسىز؟ئوبدان تۇردىڭىزمۇ؟
مەۋلۇد:
-ياخشى.سىز ماڭا ھاۋالە قىلغان ئىش پۈتۈپ قالغان،شۇڭا سىزنى خەۋەرلەندۈرۈپ قۇياي دەپ تېلفون قىلغان.چۈشتىن كىيىن مەركىزىمىزگە بىر كېلىپ كەتكەن بولسىڭىز،كونكرت ئىشلارنى كەلگەندە دېيىشكەن بولساق قانداق دەيسىز؟
سۇن ۋۇكۇڭ:
-ۋاسسېي،ھەقىقەتەن مەركىزىڭلارنىڭ ئىش سۈرئىتى ياخشى ئىكەن-ھە!ماقۇل مەن چۈشتىن كېيىن باراي.رەھمەت جۇمۇ راست!
مەۋلۇد ئىبراھىم:
-بولدى،ئالدىراپ رەھمەت ئېيتمىسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.ئىشلار ئىزىغا چۈشكەندە رەھمەت ئېيتسىڭىزمۇ ئۈلگۈرسىز.كىم بىلىدۇ،بۇ لايىق كۆڭلىڭىزدىكىدەك چىقماي قالامدۇ تېخى؟
سۇنۋۇكۇڭ؛
-ئۇنداق بولمايدۇ،سىز بىجىرگەن ئىشتىن نۇقسان تېپىشقا مېنىڭ ئون كاللام بارمۇ دەيسىز،ھەددىم ئەمەس...ھەددىم ئەمەس.
مەۋلۇد ئىبراھىم:
-ھا...ھا...ھا...شۇنداق-ئويلىغان-بولسىڭىزلاياخشىغۇ،ئەمسە مۇشۇنداق بولسۇن.چۈشتىن كىيىن كۆرۈشەيلى.
مەۋلۇد ئىبراھىم بىلەن سۇن ۋۇكۇڭ چۈشتىن كىيىن كۆرۈشمەك بۇلۇپ خوشلىشىپتۇ.سۇنۋۇكۇڭ كۆڭلىدە‹‹مەن لايىق ئىزدەۋاتقان ئىشىمنى مۇشۇ چاغقىچە يا ئۇستازغا،يا ئىنىلىرىمغا ئېيتىپ باقمىدىم.ئەمدى بۇ ئىشىممۇ ھال بۇلۇپ قالغىلى تۇردى،شۇڭا بۇ توغرۇلۇق ئۇلارغا ئېغىز ئاچمىسام بولمايدۇ،ئۇ يەرگە بېرىشتىن بۇرۇن مەن ئۇلارغا مەسلىھەت سېلىپ باقاي››دەپ ئويلاپ،ھەمراھلىرىنىڭ قېشىغا كىرىپتۇ.بۇ چاغدا كۆپچىلىك دەل ناشتىلىق قېلىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلۋاتقان ئىكەن.سۇن ۋۋۇكۇڭ:
-ئۇستاز،ئىنىلىرىم سىلەرگە بىر ئىشنى مەسلىھەت سالماقچى ئىدىم.
جۇباجيې:
-ۋوي...ۋوي...مايمۇن ئاغا سىزگە نېمە بولدى ئەمدى؟ئەجەپ موللا مۈشۈك بۇلۇپ كېتىپسىزغۇ؟ئۇستاز ئۇ چۇقۇم بىر خاتا ئىش قىلىپ قويدى،ئۇنى ئوبدان ئەدەپلەپ قويمىسىڭىز بولمىدى جۇمۇ؟
سۇن ۋۇكۇڭ:
-باجيې،بولدى غەلۋە قىلماي گېپىمنى ئاڭلا.مەن توي قىلماقچى.
سۇن ۋۇكۇڭنىڭ گېپىنى ئاڭلىغان كۆپچىلىك ئاغزىدىكى يەۋاتقان نەرسىلىرىنى پۈركۈۋېتىپتۇ،
تاڭ سىڭ:
-ۋۇكۇڭ،تېنچلىقتۇ؟‹‹دۆڭ قوپتى››دېگەندەكلا گەپ قىلسەنغۇ ئەمدى؟يا مەن خاتا ئاڭلاپ قالمىغاندىمەن؟
جۇباجيې:
-ياق...ياق..ئۇستاز،ھەرگىز خاتا ئاڭلاپ قالمىدىڭىز،ئاغام توي قىلىمەن دېدى.توۋۋا...توۋۋا...ئۇ نەچچە كۈن ياقى ھېلىقى شەرۇل پەيدا بىلەن بىللە تىمسىقلاپ يۈرۈشىۋىدى،ئەسلى قىزلارغا قانات سۆرەپ يۈرۈپتىكەندە.تېخى مېنى ئۈجمە كۆڭۈل دەيدۇ...
تاڭ سىڭ:
-شۇنى دىگىنە،بۇ ئۈرۈمچىنىڭ قىزلىرىنى بوش چاغلىغىلى بولمايدۇ جۇمۇ ۋۇكۇڭ.ئۇلار دېگەن سېنى دەريا بۇيىغا ئاپىرىپ سۇغارماي قايتۇرۇپ ئېلىپ كېلىدۇ بىلىۋال.ئۇلار چۇقۇم سىنىڭ گۈرزەڭ بىلەن بىشىڭدىكى چەمبىرەكنى كۆزلەۋاتقان گەپ.ھەي ئۇلارغا ئەخمەق بۇلۇپ قالما يەنە؟بولدىلا...ھە قېنى دەپ باقە،كىمگە ئۆيلەنمەكچى بۇلۇۋاتىسەن؟
سۇن ۋۇكۇڭ:
-كىمگە ئۆيلىندىغانلىقىمنى بىلمەيمەن.بۇگۈن كۆرۈشمەكچى ئۇ قىز بىلەن.ئاڭلىسام ئىسمىنى ‹‹غىلدىر-غىلدىر غايىبخان››دەيدۇ،ئۆزى سەنئەت ئۆمىكىدە ئىشلەيدىكەن.كونكرت ئەھۋاللارنى چۈشتىن كىيىن كۆرۈشكەندە بىلىمەن.
تاڭ سىڭ:
-ۋاي خۇدايىم،نېمە دەيدىغانسەن؟ئەجەپ چوڭ سۈپەت بۇلۇپ كېتىپسەنغۇ؟ئۇ ئالماقچى بولغان قىزىڭنىڭ ئىسمىدىن قارىغاندىلا بىردەم ئۇ يەر،بىردەم بۇ يەردە يۈرۈيدىغان قىز ئوخشايدۇ جۇمۇ!ئالدىراپ ئالىمەن دەپ سالما.سېنى ھەممىدىن ئەقىللىق دېسە قىلۋاتقان ئىشىڭنى قارا سېنىڭ.ھەي...بولدىلا،كۆرۈشكەندە بىرنېمە بولار.قېنى تامىقىمىزنى يەۋېرەيلى.
ئەنە شۇنداق كايىش،ئەيىبلەشلەر ئىچىدە سۇن ۋۇكۇڭنىڭ ئۆيلىنىش ئىشى توغرىسىدىكى مۇنازىرە ۋە تەھلىللەر ئاخىرلىشىپتۇ.چۇشتىن كېيىن سۇن ۋۇكۇڭ مەۋلۇد ئىبراھىمنىڭ مەركىزىگە يېتىپ كەپتۇ.ئۇلار سالاملاشقاندىن كىيىن مەۋلۇد ئىبراھىم:
-ئۇ قىز بىلەن قەيەردە كۆرۈشىشنى ئويلىشۋاتىسىز؟
سۇن ۋۇكۇڭ:
-قايسى كۈنى ئابدۇكېرەم ئابلىزنىڭ ئىتوت پىلاستىنكىسىنى كۆرسەم‹‹ھايات غىزالىق چايخانىسى››دەپ چايخانىنى تۇنۇشتۇرغان ئىدى،قارىغاندا شۇ يەر كۆرۈشۈشكە بەكرەك ماس كېلەمدۇ قانداق؟
مەۋلۇد ئىبراھىم:
-ناھايىتى توغرا ئويلاپسىز،ئەمسە شۇ يەردە ئۇچرىشىدىغانلىقىڭلارنى ئۇ قىزغا يەتكۈزۈپ قۇياي.
مەۋلۇد ئىبراھىم ھېلىقى قىزغا تېلىفون ئۇرۇپ ئەھۋالدىن خەۋەردار قىلغاندىن كىيىن سۇن ۋۇكۇڭغامۇنداق دەپتۇ:
-ئۇ قىز ماقۇل بولدى.ئەمدى گەپ سىزدە قالدى.سىز ئۇ قىز بىلەن مۇشۇ پېتى كۆرۈشسىڭىز ئۇ قىز سىزدىن قورقۇپ قېچىپ كەتمىسۇن يەنە.شۇڭا مەن سىزنى بۇرۇن مەن ئاچقان ساتراشخانىغا ئاپىرىپ سىزنى تازا پەردازلىۋېتەي.يۈرۈڭ.
ئۇلار ئىككىسى ساتراچخانىغا كىرىپ سۇن ۋۇكۇڭنىڭ پۈتۈن بەدىنىدىكى تۈكلەرنى پاكىز ئالدۇرۋەتكەندىن كىيىن، يوللۇق ماركىلىق ئەرەنچە كىيىملىرى دۇكىنىغا كىرىپ بىر يۈرۈش كىيىم ئېلىپ كىيىم ئالماشتۇرغاندىن كىيىن مەۋلۇد ئىبراھىم سۇن ۋۇكۇڭنى‹‹ھايات غىزالىق چايخانىسى››غا ئاپىرىپ قۇيۇپتۇ.سۇن ۋۇكۇڭ ئۇ يەرگە كىرىپ بۇ جايخانىنىڭ، ئۇ ئەرشتە كۆرگەن يۈرۈن سۇلتاننىڭ ئوردىسىدىنمۇ ئىسىل ئىكەنلىكىگە ئىنتايىن ھەيران قاپتۇ.ئۇ چەتتەرەك بېرىپ بىر دېرىزە تۈۋىگە كېلىپ ئولتۇرۇپتۇ.ئۇ بىردەم-بىردەم ئىشىك تەرەپكە قاراپ ھېلىقى قىزنى تۇنالماي قىلىشىدىن ئەنسىرەپ ئولتۇرالمايلا قاپتۇ.ئالاھەزەل يېرىم سائەتلەر توشقاندىن كىيىن تۇيۇقسىز ئۇ ئولتۇرغان ئۈستەل ئۈستىدىن بىر ئاۋاز چىقىپتۇ؛
-ياخشىمۇسىز،سىز سۇن ۋۇكۇڭ ئەپەندى بۇلامسىز؟
سۇن ۋۇكۇڭ تۇيۇقسىز كەلگەن بۇ ئاۋازدىن چۆچۈپ كېتىپ:
-سىز...سىز...كى...كىمۇ؟قې...نى...قېنى سىز؟
تۇيۇقسىز ئۇنىڭ ئالدىدىن بىر پارچە ئىس كۆتۈرۈلۈپ قارشى تەرەپتىكى ئورۇندا سېرىق چاچلىق،قوللىرىنى سەل-پەل سېرىق تۈك بېسىپ كەتكەن،ئاغزى ئورانگۇتاننىڭ ئاغزىغا ئوخشاپ كېتىدىغان،بۇيى چاققان بىر قىز پەيدا بۇلۇپتۇ.
سۇن ۋۇكۇڭ:
-يا...ياخشىمۇ...سىز؟سى...سىز...غىلدىر-غىلدىر غايىبخانمۇ؟مەن...سۇن ۋۇكۇڭ.
غىلدىر-غىلدىر غايىبخان:
-ھەئە،مەن غىلدىر-غىلدىر غايىبخان.قانداق بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟بەك قورقۇپ كەتتىڭىزما؟ئەجەپ سايىم شاپى زۇنۇنگۈلنى كۆرگەندەك دۇدۇقلاپ كەتتىڭىزغۇ؟
سۇن ۋۇكۇڭ:
-ھا..ھا...ھا...سىزمۇ ‹‹شادلىق مىنۇتلىرى››نى ئاڭلايدىكەنسىزدە؟مەن دائىم باشقىلارنىڭ ئالدىدا تۇيۇقسىز پەيدا بۇلۇپ يۈرەتتىم،لېكىن باشقىلار مېنىڭ ئالدىمدا مۇنداق پەيدا بولۇپ باقمىغان.شۇڭا سەل جىددىيلىشىپ قالدىم.سىز بۇ ھۈنەرنى نەدىن ئۆگەنگەن؟
غىلدىر-غىلدىر غايىبخان:
-بەلكىم خەۋىرىڭىز باردۇ،مەن سېرىك ئۆمىكىدە ئىشلەيمەن.مەن بۇرۇن يۇقاپ كېتىش ئۇنۋېرستىتىنىڭ غايىب بۇلۇش فاكولتىىتىنى پۈتكۈزگەن.بۇ ھۈنەرنى شۇ مەكتەپتە ئوقۇغان چاغدا ئۆگەنگەن.بۇنداق ھۈنەردە سىزگە يېتەلمەيمىز دەڭا.
سۇن ۋۇكۇڭ:
-ھە ئەمسە خېلى ئالىي مەلۇماتلىق ئىكەنسىز-ھە؟ھە راست،نېمە تاماق يەيسىز؟قورۇمىلارنى بۇيرۇتقاچ تۇرايلى.
سۇن ۋۇكۇڭ بىلەن غىلدىر-غىلدىر غايىبخان بىر مۇنچە قورۇمىلارنى بۇيرىتىپ،قۇرسىقىنى راسا تويغۇزغاندىن كىيىن سۇن ۋۇكۇڭ سۆز باشلاپتۇ:
-ئەمدى نەق گەپكە كەلسەك،مەۋلۇد ئەپەندى سىزگە مېنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىمنى ئېيتقاندۇ؟
غىلدىر-غىلدىر غايىبخان:
-ھەئە،مەن خەۋەر تاپتىم.
سۇن ۋۇكۇڭ:
-ئەھۋالىم بولسا مۇشۇنداق،مەن كۈيۈمچان،سەمىمىي،ئائىلە ئىشلىرىغا ماھىر،مېنى چىن كۆڭلىدىن قەدىرلەيدىغان بىر قىزغا مۇھتاج ئىدىم.باياتىن ياقى سىز بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا نۇرغۇن جەھەتلەردا ماڭا ماس كېلدىغانلىقىمىزنى ھېس قىلدىم.سىز قانداق ئويلىغانسىز بۇنى بىلمىدىم.مۇمكىن بولسا سىزمۇ ئەستايىدىل ئويلىشىپ باقسىڭىز.بۇ ئۈرۈمچىلىكلەردە‹‹ئوغۇل چوڭ بولسا ئۆيلىنىدۇ،قىز چوڭ بولسا ياتلىق بۇلىدۇ››دېگەن گەپ بار.بولسا ئىككىمىز ئائىلە قۇرۇپ قالغان بولساق.
غىلدىر-غىلدىر غايىبخان:
-مەۋلۇد ئەپەندى ماڭا ئەھۋالىڭىزنى بىر قۇر ئېيتىپ بەردى،قارىسام سىز بۇرۇنقىدىن بەك چوڭ سۈپەت،تەمكىن بۇلۇپ كېتىپسىز.مەن دەل مۇشۇنداق مىجەزدىكىلەرنى ياقتۇرىمەن.سىزنىڭ يولبۇيى شۇنداق ياخشى ئىشلارنى قىلغانلىقىڭىزنى ئاڭلاپ سىزگە بولغان ھۆرمىتىم ئاشقان ئىدى ھەم كۆڭلۈمدە‹‹ مۇشۇنداق كىشىنىڭ بىر ئۆمۈر خىزمىتىنى قىلالىغان بولسام نەقەدەر ياخشى بۇلاتتى-ھە!›› دەپ ئويلاپ كېتەتتىم.مانا ئەمدى پۇرسەت كەلگەندە بۇ پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قۇيۇشۇم ناتايىن.مەن سىزنىڭ خىزمىتىڭىزنى بىر ئۆمۈر ياخشى قىلىشقا قۇشۇلىمەن.
سۇن ۋۇكۇڭ:
-راستما؟رەھمەت سىزگە...رەھمەت.مەن سىزنىڭ مېنى بۇنچىلىك چوڭ كۆرۈپ كېتىدىغانلىقىڭىزنى چۈشۈمدىمۇ ئويلاپ باقمىغان.رەھمەت.سىزنىڭ ماڭا مۇشۇنداق ئىشەنگەنلىكىڭىز شەنىگە سىزنى كىنوغا تەكلىپ قىلاي،ماقۇلمۇ؟
غىلدىر-غىلدىر غايىبخان:
ۋوي،ئۈرۈمچىلىكلەرنىڭ خېلى ئادەتلىرىنى ئۆگىنىۋاپسىز-ھە؟مۇنداق بولسۇن،ھازىر سائەت بەش بۇلاي دەپتۇ،‹‹يازغۇچىلار مۇنبىرى››مۇ قىزىپ كەتتى شۇ تاپتا،بىز مۇشۇ يەردە ئازراق شىمىشكا بۇيرىتىپ،شىمىشكا چاققاچ تېلىفونۇمدىن يازغۇچىلار مۇنبىرىنى كۆرسەك قانداق دەيسىز؟
سۇن ۋۇكۇڭ:
-ما دۆتلىكىمنى قارىمامدىغان،بۇ خۇشاللىقىمدا يازغۇچىلار مۇنبىرىنى ئۇنتۇپ قالغىنىمنى قارىمامسىز.بۇ گەپنى ياخشى قىلدىڭىز.ماقۇل شۇنداق قىلايلى.
شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئىككىسى شىمىشكا چاققاچ تېلىفوندىن يازغۇچىلار مۇنبىرىگە يوللانغان تېمىلارنى كۆرۈپ ئولتۇرۇپتۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-17 23:21
|