يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 534|ئىنكاس: 5

شەرارى: غەربكە ساياھەت(7-قىسىم)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                             غەربكە ساياھەت

                                        م.ئوسمان شەرارى

                           سۇن ۋۇكۇڭنىڭ ئۆزىگە لايىق ئېزدىشى
                                                  (7-قىسىم)
        تاڭ راھىبلىرى مېھمانخانىدا يېتىپ قوپۇپ شۇنى ھېس قىلدىكى،بۇنداق چوڭ، تەرەققىي قېلغان شەھەردە ھەر كۈنى ئېسىل مېھمانخانىدا تۇرىۋەرسە،ئېقتىسادىي جەھەتتە بەك كۆپ قىزىل رەقەم كۆرۈنىدىغانلىقىنى ھېس قېلىپ،ئەرزان ئىجارىلىك ئۆيلەردىن بىرنى ئېلىپ ئولتۇرۇش نېيىتىگە كەپتۇ.لېكىن سۇن ۋۇكۇڭ بىر ئۆي تۇتسا ئۆينى تازلاپ، كىر-قات يۇيۇشتا ئايال كېشى بولمىسا بولمايدىغانلىقىنى ھېس قېلىپ،ئۈرۈمچىدىن ئۆيلىنىش نىيىتىگە كەپتۇ.ئۇ بىر كۈنى سەھەردە ھېچكىمگىمۇ دەپ قويماي،لايىق ئىزدىگىلى مېڭىپتۇ.ئۇ سىرتقا چىقىپ قەيەرگە بېرىشنى بىلمەي،شەرۇل پەيدانى چاقىرىپتۇ.سۇن ۋۇكۇڭنىڭ چاقىرىشىنى كۈتۈپ تۇرغاندەكلا شەرۇل پەيدا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە پەيدا بوپتۇ.سۇن ۋۇكۇڭ:
     -شەرۇل ئۇكام،مەن بۇ گەپنى تۇنجى بۇلۇپ ساڭا مەسلىھەت سېلۋاتىمەن.شۇڭا بۇ گەپنى باشقىلاردىن سىر تۇتقىن جۇمۇ؟
شەرۇل پەيدا:
     -چاتاق يوق ئۇستاز،قېنى دەڭا،قانداق گەپ ئىدى؟
سۇن ۋۇكۇڭ:
   -بۇ مۇنداق گەپتى دېگىنە،سەنمۇ بىلىسەن،بىز ھازىر بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانسارايدا تۇرغىلى خېلى كۈنلەر بۇلۇپ قالدى،گەرچە بىزنىڭ ياتاق-تاماق پۇلىمىز يۇقىرىدىن ئاتچۇت قىلىنسىمۇ،لېكىن بۇ ياقا-يۇرتتا بىز ئولتۇردىغان ئىللىق ئۆي-ماكان بولسا،كۆڭلۈڭ سەل پۈتۈن تۇرىدىكەن.شۇڭا بىز ھېلىقى مېھمانسارايدىن كۆچۈپ چىقىپ،ئىجارىگە ئۆي ئېلىپ ئولتۇرۇشنى قارار قىلدۇق.ئۆزەڭمۇ بىلىسەن،بىز تالا-تۈزدە قۇنۇپ يېتىپ،ساخاۋەتچىلەر بەرگەننى يەپ قۇرساق تويغۇزۇپ،ئۆي ئىشلىرىنى قېلىپ ئۆگەنمىگەن ئىكەنمىز،شۇڭا ئائىلە ئىشلىرىنى قېلىشتا سەل قىينىلىپ قالىمىزمىكىن دەپ ئويلاپ،ئۈرۈمچىدىن ماڭا بىرەر لايىق بولسا توي قېلىپ،ئۇستاز ۋە ئىنىلىرىمنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتەي دەيمەن.
شەرۇل پەيدا:
   -ياخشى ئويلاپسىز ئۇستاز،بۇ دۇنيادا ھەر بىرىمىز جۈپتىمىز بىلەن يارلغان،ئۇستازىڭىز بىلەن باجيې ئۇستاز توي قېلىپ بوپتۇ.ماقۇل،سىز بۇنداق قارارغا كەلگەن ئىكەنسىز مەنمۇ قاراپ تۇرماي،مەن تۈنۆگۈن رادىئو ئىستانسىغا بېرىپ ھېلىقى مەۋلۇد ئىبراھىمنىڭ‹‹ئەلۋىدا بويتاقلىق لايىق تۇنۇشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزى››قۇرغانلىقىنى ئاڭلاپ قالغان ئىدىم.ئەمسە سىز ئۇدۇل شۇ يەرگىلا بېرىپ بېقىڭ،مەن ھازىر بىر سېرىك ئۆمىكىگە يۈزتۇرانە ئىمتىھان بەرگىلى بارماقچى ئىدىم.بولمىسا بىللە بېرىشىپ بېرەر ئىكەنمەن.
سۇن ۋۇكۇڭ:
   -ھە مۇنداق ياخشى ئىشلارمۇ بار دېگىن،ماقۇل ئەمسە،سەن ئۆز ئىشىڭغا بېرىۋەرگىن.مەن شۇ يەرگە بېرىپ باقاي.
ئۇلار شۇنداق دېيىشىپ شەرۇل پەيدا بىر تاكسىنى توساپ شوپۇرغاسۇن ۋۇكۇڭنى ئۇدۇللا مەۋلۇد ئىبراھىمنىڭ مۇلازىمەت مەركىزىگە ئاپىرىپ قۇيۇشنى تاپىلاپتۇ.سۇن ۋۇكۇڭ ئىشىكتىن كىرىپلا بۇ مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ دېرىكتورى مەۋلۇد ئىبراھىمنىڭ قىزغىن مۇئامىلىسىگە مۇيەسسەر بۇلۇپتۇ:
-             ئەسسالامۇئەلەيكۇم،خوش كەپسىز مېھمان، ۋوي-ۋوي،بۇ كىمۇ ئەمدى،ئەرشكە تەڭداش ئەۋلىيا سۇن ۋۇكۇڭ ئەپەندىغۇ؟كېلىڭ-كېلىڭ،يۇقىرى ئۆتۈڭ.كاتىپ تىز يادىكار چايلىرىدىن دەملەڭ.
مەۋلۇت ئىبراھىمنىڭ كاتىپى شادىيە خالىق دەرھال ئۇلارغا بىر پىيالىدىن چاي قۇيۇپتۇ.سۇن ۋۇكۇڭ مەۋلۇد ئىبراھىمنى كۆرۈپ ھاياجانلانغىنىدىن سۆزلەپلا كېتىپتۇ:
-ئامىي توبا،مەۋلۇد ئەپەندىم،سىزنىڭ ئاۋازىڭىزنى رادىئودىن تۇلا ئاڭلاپ ماڭا بەك تۇنۇشلۇق بۇلۇپ كەتكەن،بۈگۈن كۆرۈشۈشكە مۇيەسسەر بولدۇق.دىدار غەنىمەت،دىدار غەنىمەت.ئىسىمدە قىلىشىچە،سىز بۇرۇن ساتراچخانىمۇ ئاچقانغۇ دەيمەن.قانداق ساتراچخانىنىڭ سودىسى يۈرۈشمىگەن ئوخشىمامدۇ؟ھە راست،ئۇنىڭدىن كېيىن دوغاپ سېتىپمۇ يۈردىڭىز تېخى.ھەي،ھەقىقەتەن جىم تۇرالمايدىغان ئادەم ئىكەنسىز جۇمۇ؟
مەۋلۇد ئىبراھىم:
   -ھا...ھا...ھا...قارىغاندا ‹‹شادلىق مىنۇتلىرى››نى بەك سىجىل ئاڭلايدىكەنسىز-ھە؟مېنى مۇشۇنچىلىك چوڭ كۆرۈپ،ئەستە تۇتقىنىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر.مەنمۇ سىزنى بۇرۇن تېلىۋۇزوردىنلا كۆرەتتىم.مانا كۆرۈشۈش شەرىپىگە نايىل بولدۇم،خۇشالمەن،خۇشالمەن...
سۇن ۋۇكۇڭ:
   -نېمە؟سىرتقا چىقماقچى بۇلىۋاتقانما؟مەن تېخى سىزنى مېنىڭ ئىشىمغا ياردەم قىلامدىكىن دەپ كەلگەن ئىدىم.
مەۋلۇد ئىبراھىم:
-شۇنداق،راستىنى دېسەم،مېنىڭ ھازىر سىز بىلەن كېچىچە دېگۈدەك مۇڭداشقۇم بار ئىدى،بىراق،پروگراممىغا چىقىدىغان ۋاقتىم تۇشۇپ قالاي دەۋاتىدۇ.شۇڭا ئاساسلىق مەقسەتنى بىۋاستىلا دېيىشىپ قالغان گەپنى باشقا كۈنى دېيىشكەن بولساق قانداق دەيسىز؟
سۇن ۋۇكۇڭ:
   -ماقۇل،سىزمۇ ئالدىراش ئادەم،ۋاقتىڭىزنى ئالماي، مەقسىتىمنى بىۋاستىلا ئېيتاي.مەن مۇشۇ ئۈرۈمچىدىن توي قىلدىغان لايىق ئىزدەۋاتقان ئىدىم.شەرۇل پەيدا مۇشۇ يەرگە كېلىشىمنى ھاۋالە قىلغان ئىدى،بىلمىدىم،سىزنىڭ بۇ مەركىزىڭىز راستلا شەرۇل پەيدا ئېيتقاندەك شۇنداق ياخشىمۇ؟
مەۋلۇد ئىبراھىم:
-قارىغاندا،بىزگە ئىشەنمەيۋاتقاندەك قىلىسىز،قاراڭ، بۇ بىزنىڭ خېرىدارلاردىن تاپشۇرۋالغان رەھمەت خەتلىرى.بۇ خەتلەرنىڭ ئارىسىدا سىزنىڭ تۇنۇشلىرىڭىزمۇ بار.كۆرۈپ بېقىڭ.
سۇن ۋۇكۇڭ تامدىكى رەھمەت خەتلىرى ئارىسىدىن ئۆزىنىڭ ئۇستازى تەرىپىدىن قوغلىنىشىغا سەۋەب بولغان پاسىق سۆڭەك جىننىڭمۇ تەشەككۈرنامىسى بارلىقىنى كۆرۈپ ئەجەبلىنىپ سورىدى:
-نېمە؟پاسىق سۆڭەك جىنمۇ مۇشۇ يەردىن لايىق تاپتىما؟
مەۋلۇد ئىبراھىم:
-شۇنداق،ئۇمۇ مۇشۇ يەرگە كېلىپ تىزىملاتقان ئىدى،بىزنىڭ تۇنۇشتۇرشىمىز بۇيىچە،ئىسكىلىتشاھ ئىسىملىك بىر ئەپەندى بىلەن تۇنۇشۇپ توي قىلدى،مەن ئۆزۈم ئۇلارنىڭ تۇيىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ بەرگەن ئىدىم.ھازىر ئۇلارنىڭ بىر قىزى بار،ئىسمى ئۇستىخان.ئۇلارنىڭ ئائىلىسى بەك بەخىتلىك.
سۇن ۋۇكۇڭ:
-ھە،مۇنداق دەڭ،ئەمسە ھەقىقەتەن قابىليىتىڭلار بار ئىكەن.ئۇنداق بولسا ماڭىمۇ بىرەرسىنى تۇنۇشتۇرۇپ قۇيسىڭىز،ئەگەر ئېپىمىز كېلىشىپ قالسا مەنمۇ سىزنى تۇيۇمىزغا رىياسەتچى بۇلۇشقا تەكلىپ قېلىپ،ئەرشتىكىلەرگىمۇ مەركىزىڭىزنى تەشۋىق قېلىپ قۇياتتىم.
مەۋلۇت ئىبراھىم:
   -ماقۇل،قېنى شەرتلىرىڭىزنى دەڭ،مەن تېزىملىۋالاي،ئۇنىڭدىن كىيىن ئۈچ پارچە بىر سۇڭلۇق رەڭلىك رەسىم ۋە كىملىكىڭىزنىڭ كۆپەيتىلمە نۇسخىسىنى تاپشۇرسىز.تېزىملىتىش ھەققىنى بولدى ئالماي.بۇ كۆرۈشۈش سوۋغىسى بۇلۇپ قالسۇن.ئەگەر بىز تۇنۇشتۇرغان لايىق بىلەن كېلىشىپ ياخشى ئۆتۈپ كەتسەڭلار، مېنى چىمەن تاغقا ئاپىرىپ ئوينىتىپ كەلسىڭىز ھەم مەركىزىمنى كۆپرەك تەشۋىق قېلىپ قويسىڭىزلا بۇلىدۇ.
سۇن ۋۇكۇڭ:
   -مېنىڭ باشقا چوڭ شەرتىممۇ يوق،لېكىن بىر ئۆتىنىشىم بار ئىدى،مېنىڭ تەرجىمھالىمنى يازغان چاغدا يېشىمنى كىچىكلىتىپ يازغان بولسىڭىز،بولمىسا قىزلار يېشىمنى كۆرۈپلا قېچىپ كەتمىسۇن دەپ ئەنسېرەۋاتىمەن.مېنى كۆرگەنلەرغۇ،ھېچقايسىسى 500 نەچچە ياش كىرىپتۇ دېمەيدۇ،شۇڭا يېشىمنى 25 ياش دەپ يازغان بولسىڭىز قانداق دەيسىز؟
مەۋلۇت ئىبراھىم:
   -ياخشى...ياخشى ..بۇ گەپنى ناھايتى جايىدا ئېيتتىڭىز.ماقۇل شۇنداق قېلايلى.ھە يەنە بىر گەپ راست،سىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىڭىزنى ۋە قارشى تەرەپ تويلىقىنى قانداق بېرىدىغانلىقىڭىزنى قانداق يازسام بۇلار؟
سۇن ۋۇكۇڭ:
-قارشى تەرەپ تويلۇقتىن غەم قىلمىسىمۇ بۇلىدۇ،مەن تويلۇققا ئائىلە سايمانلىرى ۋە ئائىلە ئېلىكتىر ئۈسكۈنلىرى سالىدىغانغا پۇلنى قانچە دېسە،شۇنچە بېرىمەن.ئالتۇن زىبۇ-زىننەتكە كەلسەك،بىشىمدىكى ئالتۇن چەمبىرەك ۋە قۇلۇمدىكى ئالتۇن گۈرزىنىڭ ھەممىسىنى بېرىمەن.ئۇلارنى نېمە ياسىتىۋالسا ئېختىيارى.توي كۆچۈرۈشكە كەلسەك،قىزنى بۇلۇتتا كۆچۈرىمەن.
مەۋلۇد ئىبراھىم:
   -ۋاھ...بۇ ھەقىقەتەن كاتتا بىر توي بولغۇدەك.بۇ گەپلىرىڭىزنى ئاڭلىغان قىزلار چۇقۇم ئالدىڭىزدا ئۆچرەت بۇلۇپ كېتىدىغان بولدى.ماقۇل، مەن بۇ نۇقتىلارنى تۇلۇق يېزىپ قۇياي.ئەگەرسىزگە لايىق چىقىپ قالسا مەن سىز بىلەن ئالاقىلىشاي.
سۇن ۋۇكۇڭ:
   -رەھمەت سىزگە،مەۋلۇت ئەپەندىم.ئەمسە مېنىڭ بۇ ئىشىمنى سىزگە تاپشۇردۇم.ئەگەر قارشى تەرەپ مېنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالىمنى سۈرۈشتۈرۈپ قالسا،ياخشى گېپىمنى كۆپرەك قىلىپ قۇيارسىز.
مەۋلۇد ئىبراھىم:
   -ئەلۋەتتە شۇنداق بۇلىدۇ-دە.ئەنسىرىمەڭ،سىزگە سىز ئويلىغاندىنمۇ ياخشى قىز تېپىپ بېرىمەن.ئەمسە سۆھبىتىمىز مۇشۇ يەرگىچە بولسا.بىز كېيىن ۋاقىت چىقىرىپ ئايرىم پاراڭلاشمامدۇق؟ھازىر‹‹شادلىق مىنۇتلىرى››باشلىندىغانغا ئازلا قالدى.مەن ماڭاي.بولمىسا زۆھرە كېرەم مېنى ئىزدەپ ئىدارىگە ئېلان چىقارمىسۇن.
سۇن ۋۇكۇڭ:
   -ماقۇلە،ئەمسە مەنمۇ دارھال قايتىپ رادىئونى ئېچىپ تەييار بۇلۇپ تۇراي.زۆھرە قىزغا مەندىن سالام دەپ قۇيۇڭ.خەير-خوش،كۆرۈشكىچە ئامان بۇلۇڭ.
ئۇلار شۇنداق دەپ ئۆزئارا ياخشى تىلەكلىرىنى بىلدۈرىشىپ خوشلىشىپتۇ.سۇن ۋۇكۇڭ ئالدىراپ-تېنەپ مېھمانسارايغا قايتىپتۇ.ئۇ ياتاقنىڭ ئىشىكىنى ئىچىپ كىرىشىگە ھەمراھلىرى رادىئودىن مەۋلۇد ئىبراھىمنىڭ ئۈرۈمچى شەھەر رايونىنىڭ كەلگۈسى 24 سائەتتىكى ھاۋارايى مەلۇماتىنى ئاڭلاۋاتقان ئىكەن.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-16 15:53  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-1-16 18:21:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قىسمىمۇ ياخشى چىقىپتۇ داۋامىغا تەشنا مەن

ۋاقتى: 2015-1-16 19:04:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يېزىپسىز سىڭلىم. بەركەتلىك بولۇڭ.

ۋاقتى: 2015-1-16 19:42:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجىرىڭىزگە ئاپىرىن !

ۋاقتى: 2015-1-17 09:47:41 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈلكىلىك چىقىپتۇ .بۇنى يوللىغان ئەجىرىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر سالامەت بۇلۇڭ.

ۋاقتى: 2015-1-17 15:59:25 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىغا تەقەززار بۇلىۋاتىمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش