غەزەللەر
نۇرمۇھەممەت توخنىياز
ئۇيغۇر
غۇرۇر تەختىدە سۇلتانسەن، كى بولسا مىللىتىڭ ئۇيغۇر،
جاھان ئىچرە باھاسىزدۇر، ئەزەلدىن قىممىتىڭ ئۇيغۇر.
ياراتقان نەسلى، ئەجدادىڭ، تالاي تارىخ، پۈتۈكلەرنى،
ئۇلار بىرلەن بۈيۈك تەڭرى تېغىدەك ھۆرمىتىڭ ئۇيغۇر.
بوۋام مەھمۇد «دىۋانى»دىن، ئاماننىسا مۇقامىدىن،
بۇ دۇنياغا تارالغان كەڭ، سېنىڭ شان-شۆھرىتىڭ ئۇيغۇر.
تالاي مىھنەت، ئەجىر بىرلەن، ياراتتىڭ كۆپ مۆجىزاتلار،
كۆڭۈلنى قىلدى لال، ھەيران، شىجائەت، غەيرىتىڭ ئۇيغۇر.
سېنىڭ جايى ماكانىڭدۇر، ئەزىز تەكلىماكان، تارىم،
ئاڭا سىن بەرگۈسى جەزمەن، تېنىمسىز مېھنىتىڭ ئۇيغۇر.
تونۇتتى نام، ئەمالىڭنى، ئەدىب، ئەللامە، ھاپىزلار،
ياشاپ كەلدى بولۇپ مەشھۇر جاھاندا سەنئىتىڭ ئۇيغۇر.
سۆيۈپ ئەخلاق، گۈزەللىكنى، ئۇلۇغ تارىخ بىنا قىلدىڭ،
قەلىبلەردە ياشار مەڭگۈ، جولالىق خىسلىتىڭ ئۇيغۇر.
ئەقىل بىرلەن تېپىپ پۇلنى، مىزان ئەيلەپ ھالالىقنى،
مەداتكار بوپ يۆلەكسىزگە، كى ياغدى ھىممىتىڭ ئۇيغۇر.
ئەسىرلەردىن بىرى كۆكلەپ، ياشاپ كەلدىڭ دىيارىمدا،
تاشار دىلدىن غورۇر، ئىلھام بولۇپ كۈي شەۋكىتىڭ ئۇيغۇر.
2014-يىل 8-ئاينىڭ 14-كۈنى. ئاۋات
ھەققىم بار
قولى تەككەن جاناننىڭ تاماقلارىدا ھەققىم بار،
ۋۇجۇدىمنى چىرمىغان قارماقلاردا ھەققىم بار.
تاپتىڭ ئىشلەپ پۇلىڭنى، تاپتىم ياشاپ يولۇمنى،
يانچۇقلارغا تەڭ كىرگەن، يارماقلاردا ھەققىم بار.
بولمىغاچ بىز بىتەلەي، ياغدى ئاخىر قۇت تەلەي،
چىن سۆيگۈگە ئىنتىزار، پىراقلاردا ھەققىم بار.
كۆرەلمىگەچ جىسمىڭنى، يادلاپ دائىم ئىسمىڭنى،
بۇ ھاياتتا ئېلىنغان، سىناقلاردا ھەققىم بار.
كۆردۈم تالاي ئۆتمىشنى، كۆردۈم ئازاپ، كەچمىشنى،
مەندىن كەتسەڭ يىراقلاپ، يىراقلاردا ھەققىم بار.
بولدۇم سەنچۈن سەۋدايى، باردۇر ئۇنىڭ داۋايى،
ئاققان سۆيگۈ مىھرىمىز، بولاقلاردا ھەققىم بار.
2014-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى. ئاۋات
ئاۋاتقا بىر كېلىڭ دوستلار
كېلىڭ دوستلار ئاۋات دولان دىيارىغا زىيارەتكە،
قاراپ كۆزلەر قالار ھاڭ-تاڭ ئىگىز ھەيۋەت ئىمارەتكە.
ھۇسۇل ئاشقاچ ئۇدا ھەر يىل، چىرايلاردا خوشال كۈلكە،
ھالال-مېھنەت ئەجىر بىرلەن، ئىرىشتى ئەل سائادەتكە.
ئۆتەر بۇندا جىمى مىللەت، ئىناق دائىم قېرىنداشتەك،
تىنىچلىقتىن ھامان تۇرمۇش ئىگە بولغاچ كاپالەتكە.
گويا جەننەت كەبى باغلار، مىۋىسى بەك ئىسىل، سەر خىل،
ئاشۇ شەربەت مىۋىلەردىن، تولار تەنلەر جاسارەتكە.
بۇ يۇرتنىڭ خەلقى بەك ئوبدان، سېخى، مەردانە ھەر ئىشتا،
ۋۇجۇدى قەلبى لىق تولغان ئەدەپ-ئەخلەق، دىيانەتكە.
كېلەر بولساڭ مۇشۇ كۈندە، ئاۋات دولان دىيارىغا،
كۆزۈڭ قانسا، دىلىڭ قانماس قاراپ يېڭى قىياپەتكە.
ئەزەلدىن كۈي خومار ئەلنىڭ بەخىت كۈيى جاراڭلايدۇ،
كۆڭۈللەردىن ئاقار سۆيگۈ، زامانەمگە، سىياسەتكە.
2014-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى. ئاۋات
بار
ئىلىم ئەھلى، ئىلىم خۇمار كىشلەردە دىيانەت بار،
دىيانەتلىك كىشلەردە گۈزەل ئەخلاق، ئادالەت بار.
كۈلەر دىللار گۇيا ئاپتاپ كەبى ئۆملۈك ئىناقلىقتىن،
ئەزەلدىنلا ئىناق ئەلدە ئاۋامغا قۇت، سائادەت بار.
دېگەن ئەجدادىمىز شۇنداق، بۆلۇنگەننى يېگەي بۆرە،
قەيەردە بۆلۈنۈش بولسا، شۇ يەردە شۇم قاباھەت بار.
گوروھۋازلىق، ئىناقسىزلىق بۇزار ئەلدە تىنىچلىقنى،
تىنىچلىق بولمىغان ئەلدە، ھامان قايغۇ، نادامەت بار.
ئىناقلىق مىسلى ئەڭگۈشتەر، مۇققەدەس بۇرچىمىز قوغداش،
ئىناقلىق بولسىلا مەۋجۇد، كۆڭۈل شاد ھەم پاراغەت بار.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-15 16:21
|