باشقا بىر ئورخان
سەيپىدىن ئەزىز ئەردەۋىل تەرجىمىسى
كىچىك چاغلىرىمدىن باشلاپلا دۇنيايىمدا مەن كۆرەلمەيدىغان بىر قىسىم نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى ھىس قىلىشقا باشلىدىم، ئىستانبۇل كوچىلىرىنىڭ مەلۇم يېرىدە، بىزنىڭ ئۆيگە ئوخشايدىغان باشقا بىر ئۆيدە باشقا بىر ئورخان تۇراتتى، مەن بىلەن قوشكىزەكتەكلا قىلاتتى ، ھەتتا مېنىڭ شەكىلدىشىم ئىدى،بۇ ئوينىڭ نەدىن، قانداق كەلگەنلىكى ئېسىمدە يوق، شەكسىزكى چىگىچ ۋە مۇرەككەپ پىتنە-ئىغۋا، يېڭىلىشىش، خىيالىي تۇيغۇ ۋە ۋەھىمىدىن كەلگەن، لېكىن ماڭا ئېنىق بولغىنى ئۆزۈمنىڭ كۆلەڭگىدەكلىكى ئىدى.
بەش ياش ۋاقتىمدا باشقا بىر ئۆيگە بىر مەزگىل تۇرۇشقا ئەۋەتىلدىم. ئۇ دادام-ئاپامنىڭ باش-ئايىقى چىقماس ئايرىلىپ تۇرۇشى، پارىژدا ئۇچرىشىشقا كېلىشىشلىرى ئاخىرلىشىپ، ئاكام بىلەن مېنى ئىستانبۇلدىكى باشقا-باشقا جايدا تۇرغۇزۇش قارارىغا كېلىشكەن چاغلىرى ئىدى.ئاكام مومام بىلەن نىشانتاشتىكى جەمەتىمىزنىڭ پامۇك سارىيىدا تۇرىدىغان بولدى،مەن چىخانگىردىكى ھاممامنىڭ ئۆيىگە ئەۋەتىۋىتىلدىم. ماڭا ناھايتىمۇ مېھرىبانلىق قىلىنىدىغان بۇ ئۆينىڭ تېمىدا بىر پارچە سۈرەت ئېسىقلىق ئىدى، گاھى چاغلاردا ھاممام ياكى تاغام سۈرەتنى كۆرسىتىپ كۈلۈمسىرىگەن ھالدا:
ـــ قارا ! ئاۋۇ سەنغۇ ، دەيتتى.
ئاق رەڭلىك رامكىدىكى چوڭ كۆزلۈك، ئوماق ئۇ بالا ھەقىقەتەن ماڭا قەۋەتلا ئوخشايتتى، ھەتتا ئۇنىڭ شىلەپىسىمۇ مەن ئاندا-ساندا كىيىۋالىدىغان شىلەپىگە ئوپئوخشاش ئىدى، رەسىمدىكى بالىنىڭ مەن ئەمەسلىكىمنى بىلەتتىم ( ئۇ بىراۋ ياۋرۇپادىن ئەرزان باھادا ئالغاچ كەلگەن «ئوماق بالىلىق» ناملىق سۈرەت ئىدى)، بىراق مەن يەنىلا ئۆزۈمدىن « بۇ باشقا بىر ئۆيدە تۇرىۋاتقان ئورخان شۇمىدۇ ؟» دەپ توختىماي سورايتتىم.
Another Orhan
From a very young age, I suspected there was more to my world than I could see Somewhere in the streets of Istanbul, in a house resembling ours, there lived another Orhan so much like me that he could pass for my twin, even my double. I can’t remember where I got this idea or how it came to me. It must have emerged from a web of rumors, misunderstandings, illusions, and fears. But in one of my earliest memories, it is already clear how I’ve come to feel about my ghostly other.
When I was five I was sent to live for a short time in another house. After one of their many stormy separations, my parents arranged to meet in Paris, and it was decided that my older brother and I should remain in Istanbul, though in separate places. My brother would stay in the heart of the family with our grandmother in the Pamuk Apartments, in Ni?anta?y, but I would be sent to stay with my aunt in Cihangir. Hanging on the wall in this house–where I was treated with the utmost kindness–was a picture of a small child, and every once in a while my aunt or uncle would point up at him and say with a smile, “Look! That’s you!”
The sweet doe-eyed boy inside the small white frame did look a bit like me, it’s true. He was even wearing the cap I sometimes wore. I knew I was not that boy in the picture (a kitsch representation of a “cute child” that someone had brought back from Europe). And yet I kept asking myself, Is this the Orhan who lives in that other house
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا saypidin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-14 22:12