يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 2961|ئىنكاس: 11

تۇغلۇق: «يىللارغا جاۋاب» ناملىق شېئىرنىڭ پەلسەپىۋى مەزمۇن قاتلىمى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

«يىللارغا جاۋاب» ناملىق شېئىرنىڭ پەلسەپىۋى مەزمۇن قاتلىمى

مۇھەممەدئىمىن قۇربان تۇغلۇق


ئوت يۈرەك شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئەدەبىي مىراسلىرى ئىچىدىكى ئەڭ يارقىن نامايەندىلەرنىڭ بىرى بولغان «يىللارغا جاۋاب» (زۆرۈر دەرس «تىل-ئەدەبىيات» بىرىنچى كىتاب) ناملىق لىرىكىسى ئۇنىڭ قىسقىغىنا ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، يەنى 1944-يىلى يېزىلغان. بۇ ئۇنىڭ ئۆزىگە نېسىب بولغان ھايات مۇساپىسى ئىچىدىكى ئەڭ يىتىلگەن، دۇنيا قارىشى ۋە كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى جەھەتتە ئەڭ مۇكەممەللەشكەن دەۋرى. شۇڭا لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ دەل مۇشۇ يىللاردا ئىجاد قىلىنغان بۇ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە يالقۇنلۇق شىېئىردا ئۆزى ياشاپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان قاباھەتلىك ھەم مۇشەققەتلىك يىللار قوينىدا بىر-بىرلەپ يەكۈنلەپ چىققان پەلسەپىۋى قاراشلىرى يۈرەكنى لەرزىگە سالغۇدەك قايناق ھېسسىيات بىلەن سۇغۇرۇلغان ھالدا ئاجايىپ بىر تەبىئىي ۋە بەدىئىي رەۋىشتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئىنچىكىلىك بىلەن مۇھاكىمە قىلغىنىمىزدا بۇ شىېئىرنىڭ تۆۋەندىكىدەك پەلسەپىۋى مەسىلىلەرنى نوقتىلىق ئەكس ئەتتۈرگەنلىكىنى كۆرەلەيمىز:
بىرىنچى، ۋاقىت بىلەن ھاياتلىقنىڭ مۇناسىۋىتى
ۋاقىت-ماددا ھەركىتى ئۈزلۈكسىزلىكنىڭ بىر پۈتۈن جەريانىنى ئىپادىلەيدىغان چەكسىزلىك بولۇپ، بارلىق شەيئىلەرنىڭ مەۋجۇدلۇقى ئەنە شۇ چەكسىزلىكتىكى تىنىمسىز سۈپەت ئۆزگىرىشىدىن ئىبارەت. شۇڭا ۋاقىت بىلەن ھاياتلىق ئوتتۇرىسىدا كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان بىر خىل مۇناسىۋەت مەۋجۇت. شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۆزىنى ۋاقىتتىن ئىبارەت چەكسىزلىك ئىچىدە قويۇپ، شۇنىڭدەك ئۇنى «يىللار»دىن ئىبارەت ۋاقىت بىرلىكىلىرى ئارقىلىق كونكېرىتلاشتۇرپ پىكىر يۈرگۈزۈپ، ۋاقىت بىلەن ھاياتلىقنىڭ دىئالېكتىك مۇناسىۋىتىنى ئوبرازلىق ئەكس ئەتتۈرگەن. بولۇپمۇ، پۈتۈن ھاياتلىقنىڭ ۋاقىت ئۆزگىرىشىنى (توغرىسى سۈپەت ئۆزگىرىشىنى) «ئاققان سۇلار»، «ئاتقان تاڭلار»نىڭ قايتىلانماسلىقى، «يورغا يىللار»نىڭ ئالمىشىشى، ياشلىق گۈلىدىن تۆكۈلىدىغان «بىر يوپۇرماق»، ياشلارغا بېرىلگەن ھايات سوۋغىسى («قىزلارغا قورۇق، ئەرلەرگە ساقال») قاتارلىق رىئال تۇرمۇشقا يېقىن ھەم قايناق ھېس-تۇيغۇلار بىلەن تويۇنغان شىئېرىي ئوبرازلار ئارقىلىق ئۆزىگە خاس بەدىئىي رەۋىشتە دەلىللىگەن. بۇ يەردە ئەسلەپ ئۆتۈش ئارتۇق ئەمەسكى، ئۇيغۇر كىلاسسىكلىرىدىن ئايازبىك قوشچى: «ھاياتلىقنىڭ تۇلپارى چېپىپ تۇرىدۇ، سېنىڭ جان ھاسىلىڭ ئاشۇ ئاتنىڭ ئۈستىدەدۇر، ئۇ قانچىلىغان مەنزىللەرنى ئارقىدا قالدۇرۇپ، يۈرۈپ تۇرىدۇ، سەن غەپلەتتە ئۆتسەڭ، ھەممىدىن مەھرۇم قالىسەن، ئۆتۈۋاتقىنى-ۋاقىت، ئۇ سائەت، كۈن ئەمەس، كېتىۋاتقان ئۆمۈردۇر. ئەگەر ئۇنى ۋاقىت-سائەت دېسەڭمۇ، يەنىلا ئايلار، يىللار كېچە-كۈندۈزلەپ يۈرۈپ تۇرىدۇ، ئۇ ساڭا ئۆتۈۋاتقاندەك كۆرۈنگىنى بىلەن، سېنى دۇنيادىن ئېلىپ كېتىشنىڭ قەستىدە يۈرىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇرغان. راسىت، بۇ بىر قانۇنىيەت. ھەر قانداق ئىش قانۇنىيەتنىڭ سىرتىدا ئەمەس. شۇنداقتىمۇ، ئۆزىگە نېسىپ بولغان ئۆمۈر مۇساپىسى جەريانىدا ۋاقىتتىن قانداق پايدىلىنىش، ھاياتلىق بىناسىنى قانداق قۇرۇپ چىقىش،... قاتارلىق مەسىلىلەر، ئەلۋەتتە، ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆزىگە باغلىقتۇر، شۇڭا
ياشلىق ئادەمىنڭ زىلۋا بىر چېغى،
تولىمۇ قىسقا ئۇنىڭ ئۆمرى بىراق.
يىرتىلسا كالىدارنىڭ بىر ۋارىقى،
ياشلىق گۈلىدىن تۆكۈلىدۇ بىر يوپۇرماق.
دېگەن ئوتلۇق مىسرالارنى قايتا-قايتا ئوقۇپ مۇلاھىزە قىلىپ، ئىچكى مەنىسىنى ئۆزلەشتۈرۈش جەريانىدا چوقۇم ئۇيغۇر كىلاسسىكىلىرىدىن يەنە بىرى ئىمىر ھۈسىيىن سەبۇرىنىڭ: «بىلىش كېرەككى، ئۆمۈرنىڭ پۇرسىتى ئازدۇر، ئىنسان ھاياتنىڭ مەنپەئەتلىك ۋاقتى تېخىمۇ ئازدۇر» دېگەن سۆزىنى ئەسكە ئېلىپ، ۋاقىتنى قەدىرلەش كېرەك. دېمىسىمۇ ۋاقىتنى قەدىرلىمىگەنلىك-ئاخىرقى ھىسابتا ئۆزىنى قەدىرلىمىگەنلىكتۇر. شۇڭلاشقىمۇ تىئوفراست: «ئىنساننىڭ بېشىغا چۈشۈشى مۇمكىن بولغان ئەڭ ئېغىر يوقىتىش-ۋاقىتنى قولدىن بېرىشتۇر» دەپ قاتتىق ئاگاھلاندۇرغان.
ئىككىنچى، ئەجدادلار بىلەن ئەۋلادلارنىڭ مۇناسىۋىتى
ئىنساننىڭ تەبىئەتتىن پايدىلنىپ يارتقان ھەرقانداق ماددى ۋە مەنۋى بايلىقلىرىنىڭ ھەممسى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ كۆرەش قىلغانلىقنىڭ نەتىجىسى. مانا مۇشۇ ماددى ۋە مەنىۋى بايلىقلارنىڭ جەمئىيەت ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئۈزۈلمەس ئېنىرگىيە مەنبەسىگە ئايلىنىش جەريانى تەبئىي ھالدا ئەجدادلار بىلەن ئەۋلادلارنىڭ ئىنسانىي مەسئۇلىيىتى ۋە ۋىجدانىي مەجبۇرىيىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىشىنى بەلگىلىگەن. ئەجدادلار بىلەن ئەۋلادلارنىڭ ئالمىشىش جەريانىدىكى مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى نېمە ئۈچۈن يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ؟ بۇ ئەلۋەتتە ھەر قايسى دەۋرلەردىكى جەمئىيەت تەرەققىياتىغا باغلىق. شۇڭا شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئىلگىرىكىلەر بىلەن كېيىنكىلەر ياكى ئەجدادلار بىلەن ئەۋلادلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى، يەنى كۆرەشچان ئەجدادلارنىڭ ئىزىنى چوقۇم ئىگىلمەس- سۇنماس ئىرادىگە ۋە پىداكىرانە روھقا ئىگە جەڭگىۋار ئەۋلادلارنىڭ بېسىپ ماڭىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى
كۈرەشچان بوۋىلار قوغلىشىپ يىللار،
كۈرەش نەۋرىلىرىنى چوقۇم تاپىدۇ.
ئاخشام بەخت ئۈچۈن قۇربان بولغانلار،
قەبرىسىنى يادلاپ گۈللەر ياپىدۇ.
دېگەن مىسىرالار ئارقىلىق ئوبرازلىق ئىپادىلىگەن.
دەرھەقىقەت، ئەجدادلار بىلەن ئەۋلادلارنىڭ دىئالېكتىك مۇناسىۋىتى دەل بىز (بۈگۈنكىلەر) ئارقىلىق ئەبەدىيلىككە ئايلىنىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا، بىز ھازىرقى بەخت-سائادىتىمىزنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش يولىدا جان پىدالىق بىلەن قۇربان بولغان جەڭگىۋار ئەجدادلىرىمىزنىڭ بۈگۈنكى ئەۋلادى، ھالبۇكى، يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ھالال پۇشتىمىزدىن يارالغان (يارىلىدىغان) كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ ئەجدادى. شۇنداق ئىكەن، بىز مۇشۇ دەۋرىمىزگە خاس ئەۋلاد (كېيىكى ئەجدادلار) لاردا بولۇشقا تېگىشلىك ئىنسانىي مەسئۇلىيەت ۋە ۋىجدانى مەجبۇرىيەتنى تولۇق ھېس قىلالىدۇقمۇ-يوق؟ تارىخ يۈكلىگەن ۋەزىپىلەرنى تولۇق ئورۇنداپ، ئەجدادلىرىمىز (ئاتا-بوۋىلىرىمىز) دىن مىراس قالغان ئارزۇ-ئارمانلارنى رىئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ساپانى ھازىرلىيالىدۇقمۇ-يوق؟ بىز دۇنياغا نىمە ئۈچۈن يارالدۇق؟ قانداق ياشىشىمىز كىرەك؟.... مانا بۇ مەسىلىلەرگە ئۆز ئەمىلىيىتىمىز ئارقىلىق تولۇق ھەم توغرا جاۋاب بېرىش ـــ بىزنىڭ مەڭگۈ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچىمىز. شۇڭا بىز بۇنىڭغا تەخىرسىز ھالدا ھەقىقى ۋىجدانىمىز بىلەن ۋە پاك ئىمانىمىز بىلەن جاۋاب بېرىشكە تەييارلىنىشىمىز كىرەك، ئەلۋەتتە. چۈنكى، بۇ مەسىلىگە بېرىلگەن جاۋابنىڭ قانداق بولۇشى-ئەجدادلار روھىنىڭ ئەۋلادلار ۋۇجۇدىدا چېچەكلەپ مېۋە بېرىشى ياكى ئاستا-ئاستا قۇرۇپ يىگىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر.
ئۈچىنچى، غايە بىلەن ئىرادىنىڭ مۇناسىۋىتى
دۇنيادا غايىسىز ئادەم بولمايدۇ، بىراق ھەممىلا ئادەمدە ئالىيجاناپ غايە بولۇشى ناتايىن، چۈنكى، ئالىيجاناپ غايە ھەقىقەت بايرىقى ئاستىغا ئۇيۇشۇپ، بىر نىيەت-بىر مەقسەتتە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئومۇمىي خەلقنىڭ كۈرەش نىشانىغا ئۇيغۇنلاشقان ھەم ئۇنى ئىلگىرى سۈرىدىغان غايە بولۇپ، ئۇنىڭ ئىشقا ئېشىشى ئۇنداق ئاسان ئەمەس. بۇنىڭ ئۈچۈن تولۇپ-تاشقان ئىشەنچ ۋە قەتئىيەت بولۇشى كېرەك. ئىشەنچ ــ مەقسەت مەنزىلىگە يىتىشنىڭ ئاساسى بولۇپ، «ھەر قانداق توسقۇنلۇق قەتئىيەت بىلەنبويسۇندۇرۇلىدۇ» (لىئوناردو داۋىنچى). چۈنكى، قەتئىيەت ــ ئەقىل بىلەن ئىرادىنىڭ بىرلىشىشى ئاساسىدىكى كۈچتۇر» (ژوكوۋىسكىي). دېمەك، غايە ئاخىرقى ھىسابتا ئەقىل نۇرىدا نۇرلانغان ئىرادە ئارقىلىق رىئاللىققا ئايلىنىدۇ.
مەيلى ساقال سوۋغا قىلسا قىلسۇن يىللار،
مەنمۇ تاۋلىنىمەن يىللار قوينىدا.
ئىجادىم-شېئىرىمنىڭ ئىز-تامغىسى بار،
ئالدىمدىن قېچىپ ئۆتكەن ھەر يىل بوينىدا.

قېرىماسمەن كۈرەشنىڭ كەسكىن چېغىدا،
شېئىرلىرىم يۇلتۇز بولۇپ يانار ئالدىمدا.
ئۆلۈم پەستە قېلىش كۈرەشنىڭ داۋانلىق تېغىدا،
چىدام-غەيرەتنىڭ يەڭگىنى ھەر دەم يادىمدا.
بۇ كوبلېتلاردا ئوت يۈرەك شائىرنىڭ كۈرەش يولىدىكى قايتماس ئىرادىسى بىلەن «كۈرەشنىڭ داۋانلىق تېغىدا» يېڭىشكە بولغان ئىشەنچىسى ئوتتۇرىسىدىكى دىئالېكتىكىلىق مۇناسىۋەت «ئالدىدىن قېچىپ ئۆتكەن ھەر يىل بوينىدا» مەڭگۈ ئۆچمەس «ئىز-تامغىسى» بولۇپ ئېسىلغان، شۇنىڭدەك ئالدىدا «يۇلتۇز بولۇپ» يانىدىغان شېئىرلىرىنى، مۇنداقچە ئېيىتقاندا ئەقىلنى تۈپكى ئاساس قىلغان تەبئىي مۇۋازىنەت ئاساسىدا ئوبرازلىق ئىپادىلەنگەن بولسا
ئېسىلارمەن مىلتىق ئېتىپ تاۋلانغان قولغا،
يېپىشارمەن بايراق بىلەن ئالغا ئاتلىغان يولغا.
كۈرەش باياۋانىدا ھارماسمەن ئەسلا،
يېڭىش بىلەن كېلىپ چىقىمىز كەڭ غالىپ يولغا.
دېگەن مىسرالاردا يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا «كەڭ غالىپ يولغا يېتىشتەك» ئالىيجاناب غايە بىلەن جەڭگىۋار ئىرادىسى ئوتتۇرىسىدىكى دىئالېكتىك مۇناسىۋەت ناھايىتى ئېنىق گەۋدىلەندۈرۈلگەن.
تۆتىنچى، كىشىلىك قەدىر-قىممەت بىلەن مەڭگۈلۈك ھاياتلىقنىڭ مۇناسىۋىتى
ھاياتلىق مەڭگۈلۈك ھەركەتتىن ئىبارەت بولۇپ، ئىنسان دۇنياغا پەقەت بىر قېتىم كىلىدۇ. شۇڭا ھاياتلىق تولىمۇ قىممەتلىك. ئەمما ئىنساننىڭ ھاياتى تەقدىر-قىسمەتتە ئورۇنلاشتۇرۇلغان چەكلىك ۋاقىت ئىچىدە داۋاملىشىپ ئاخىرلىشىدۇ. ئېنىق ئېيتىش كىرەككى، بۇ يەردە مۇھاكىمە قىلىنىۋاتقان ھاياتلىق ئەسلىدە جىسمانىي ھاياتلىق بىلەن مەنىۋى ھاياتلىقنىڭ بىرىكمىسىدۇر. ئالدىنقىسى پۈتۈن جانلىقلارغا ئورتاق، كېيىنكىسى پەقەت ئىنسانلارغا خاس بولۇپ، ئۇ ئالدىنقىسىنى ئاساس قىلغان ھالدا ئۇنىڭدىن زامان ۋە ماكان جەھەتتە زور دەرىجىدە ھالقىپ كەتكەن كىشىلىك قەدىر-قىممەتتىن ئىبارەت. كىشىلىك قەدىر-قىممەت ئىنسانغا نىسىپ بولغان چەكلىك مۇددەت ئىچىدىكى ھاياتلىقنىڭ گۈلتاجى بولۇپ، ئۇ مۇنداق ئىككى تەرەپتىن كېلىدۇ. بىرى، ئۆزى ۋەكىللىك قىلغان خەلقنىڭ ئومۇمى ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن جان تىكىپ ئەلەم كۈرىشى قىلىش، ھەتتا قىممەتلىك ھاياتىنى  قۇربان قىلىش؛ يەنە بىرى، ئۆزى ۋەكىللىك قىلغان خەلقنىڭ ھايات يولىنى قانداق قۇرۇش مەسىلىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھىچنىمىدىن قورقماي قەلەم كۈرىشى قىلىشتىن كېلىدۇ. قارايدىغان بولساق لۇتپۇللا مۇتەللىپ بۇ ئىككى خىل پەزىلەتنى تەڭ يېتىلدۈرگەن ئىرادىلىك ئەزىمەت. ئۇنىڭ ھايات شەجەرىسىنى ۋاراقلىساق ئەينى دەۋردىكى ئۆزى ۋەكىللىك قىلغان خەلق ئاممىسىنىڭ بەخت-سائادىتى ئۈچۈن ئۆلۈمنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەي، ئاخىرقى نەپىسىگىچە كۈرەش قىلغانلىقىدىن سۆيۈنىمىز. چۈنكى پىسارىيىۋ ئېيىتقاندەك: «ئۆلۈمگە تىك قاراش، ئۆز-ئۆزىنى ئالداشقا بېرىلمەستىن ئۇنىڭ يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى ئالدىن سىزىش، ئاخىرقى مىنۇتقىچە دادىل تۇرۇش، بوشاشماسلىق ۋە قورقماسلىق-ئىرادىلىك كىشىلەرگە خاس» ئۇلۇغۋار پەزىلەتتۇر.
يىللار مەيدەڭنى تۇتۇپ قاقاقلاپ كۈلمە،
ئالدىڭدا قىزىرىشتىن ئارتۇق كۆرىمەن ئۆلۈمنى.
قېرىتىمەن دەپ ئارتۇق كۆڭۈل بۆلمە،
ئاخىرقى جەڭگە ئاتاپ قويارمەن ئوغلۇمنى.
دېگەن مىسىرالاردا ئەكس ئەتكىنى دەل ئىنساننىڭ مەڭگۈلۈك قەدىر-قىممىتىنى نامايان قىلىپ بېرىدىغان بىرىنجى تەرەپ. بۇنداق خاراكتېردىكى ئادەملەر ھەقىقىي مەنىدىكى چىداملىق ئادەملەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ تاغلاردەك مۇستەھكەم ئىرادىسى ۋە ئۆلۈم ئالدىدىمۇ مەڭگۈ تىز پۈكمەيدىغان روھى ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىنى لەرزىگە سالىدۇ. شۇڭا مۇتەپەككۇر بىكون: «چىداملىق ئادەملەرگە ئۆلۈمنىڭ يېقىنلىشىشى ئانچىلىك تەسىر قىلمايدۇ، چۈنكى، ئۇلارنىڭ ھەر بىرى ئاخىرقى مىنۇتلارغىچە ئىرادىسىنى ساقلاپ قالىدۇ» دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن.
يىللار دېڭىزى دولقۇنلۇق بولساڭمۇ،
ئۇپقۇنلىرىڭنى يارىدۇ بىزنىڭ كاراب.
يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قورقىتىپ باقساڭمۇ،
ئىجاد يىللارنى قېرىتىدۇ، دەپ بېرىمىز جاۋاب.
دېگەن مىسىرالاردا ئەكس ئەتكىنى دەل ئىنساننىڭ مەڭگۈلۈك قەدىر-قىممىتىنى نامايان قىلىپ بېرىدىغان ئىككىنچى تەرەپ. راسىت، «ئىجاد يىللارنى قېرىتىدۇ». ئىجادىيەت ۋە كەشپىياتتىن باشقا نەرسىلەر «يىلنىڭ ئۆتۈشى بىلەن» شەكىللەنگەن «يىللار دېڭىزى»دا بىر-بىرلەپ غەرق بولىدۇ. دەل مۇشۇنىڭغا ئاساسەن «ھاياتنىڭ پۈتۈن خۇشاللىقى-ئىجاد قىلىشتا، ئىجاد قىلىش ئۆلۈمنى بىكار قىلىدۇ» دەپ ئېيتقان ئىدى رومىن روللان.
دېمەك،يۇقىرىدا تىلغا ئالغىنىمىزدەك ئىككى خىل پەزىلەت (ئەل-ۋەتەننىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئەلەم كۆرىشى قىلىش ۋە قەلەم كۆرىشى قىلىش  ــ ئىجادىيەت ۋە تەتقىقات بىلەن مەشغۇل بولۇش)نى ھازىرلىغان ئادەمنىڭ جىسمانى ئۆمرى ئاخىرلاشسىمۇ، مەنىۋى ھاياتى مەڭگۈلۈككە ئىگە بولىدۇ، خالاس.

«شىنجاڭ مائارىپى» ژۇرنىلى 2014-يىل 11-سان



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

داۋۇت2 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
ۋاقتى: 2015-1-14 19:52:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
داۋۇت2 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
ۋاقتى: 2015-1-14 19:55:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
داۋۇت2 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
ۋاقتى: 2015-1-14 20:08:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2015-1-14 20:46:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

داۋۇت2 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
ۋاقتى: 2015-1-14 22:08:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2015-1-14 22:55:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋۇت2 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-14 22:08
ئەمىسە ل.مۇتەللىپ ئۇلۇغ پەيلاسوپ ئىكەن دە، ئەجەپ بىلمە ...

ل.مۇتەللىپنى پەيلاسوپ ياكى بىر نېمە دېمىدىم،پەقەت دېداكتىك پەلسەپە بار دەۋاتىمەن.ئاستىدىكى مۇناسىۋەتسىز پاراڭلارنى قوشمىسىڭىزمۇ بوپتىكەن.

ۋاقتى: 2015-1-14 23:13:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەمەندەر يوللىغان ۋاقتى  2015-1-14 22:55
ل.مۇتەللىپنى پەيلاسوپ ياكى بىر نېمە دېمىدىم،پەقەت دې ...

ئەجەپلەنمەڭ! بۇ ‹‹داۋۇت›› لار بىر كىشى ئەمەس. ئۇلار بىر توپ بولسىمۇ توردىكى ئىنكاسلىرى بىرلا «داۋۇت» ئارقىلىق بىزگە يېتىدۇ.

ۋاقتى: 2015-1-15 00:05:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    توردىشىمىز داۋۇت 2 ، بەلكىم ئىلمىي مۇنازىرە قوزغىماقچى بولىۋاتقانسىز. ئەمما پىكىرلىرىڭىز ئاساسسىز، مۇددىئايىڭىز يوللۇق ئەمەس. چۈنكى:
  1.مەمىتىمىن قۇربان تۇغلۇقنى «پەلسەپە دېگەن گەپنى قەتئىي چۈشەنمەپسىز »دېيىش ئاشۇرىۋەتكەنلىك، ئۇ پەلسەپىنى ئازراق بولسىمۇ چۈشىنىدۇ ۋە ماقالىسىدە چۈشىنىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپتۇ.
  2.«دىداكتىكا بىلەن پەلسەپە دېگەن ئىككىسى ئىككى ئۇقۇم»دەپسىز، توغرا ئىككىسى ئىككى ئۇقۇم، لېكىن بۇ يەردە پەقەت ئۇقۇملا ئىككى، ھەتتا بۇ ئىككى ئۇقۇمنىڭ مەزمۇنىمۇ ئىككى. بىراق ئەخلاق پەلسەپىسى بولغان-دىداكتىكا دىن ئىبارەت جۈزئىي ئوقۇم، سىز «پەلسەپە»دەپلا ئاتىغا ئومۇمىي ئۇقۇمنىڭ ئىچىدە بولىدۇ ۋە يەنە شۇ پەلسەپە نوقتىسىدىن بۇ ئىككى ئۇقۇم بىر-بىرىنى چەتكە قاقمايدۇ. شۇنداق بولغان ئىكەن سىزنىڭ دىداكتىكا ۋە پەلسەپە ئۇقۇملىرى ۋە ئۇلارنىڭ مەزمۇن جەھەتتىن بىر-بىرىنى مەنتىقىلىق قوللايدىغانلىقى ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىڭىز ۋە بىلىشىڭىز سەل چولتىمۇ قانداق؟!
  3. ياشلار بەلكىم يېڭى بىر پەلسەپە ئىچىدە ياشاۋاتقان بولغاچقا، ئۇلار ئېھتىمال پەلسەپىگە ياماندۇر. لېكىن پەلسەپىنىڭ ئۆزى يامانلاردىن ئېھتىيات قىلىدىغان ئىلىم ئەمەس. بەلكى ئۇ ئىلىملەر ۋە ئىلىملەر مۇنازىرىسىنى ھەقىقى ئىلمىي قىممەتكە ئىگە قىلىدىغان ئىلىم.(ئەسلى بۇ ئىنكاسىڭىزدىكى دەيدەيچىلىكنى مۇنازىرە قىلىشىنىڭ ئەھمىيىتى يوق ئىدى).
  4.«ئەجدادلار بىلەن ئەۋلادلارنىڭ دىئالېكتىك مۇناسىۋىتى.بۇ قانداق گەپ؟»بۇ سوراق جۈملە سىزنىڭ «دىئالىكتىكا»نى «قەتئىي»چۈشەنمەيدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا مۇشۇ ئىنكاسىڭىزدىكى ئاخىرقى ئىككى سوراققىمۇ جاۋاپ بېرىشنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى مەشھۇر پەيلاسوپ نەسردىن ئەپەندى ئۆز لەتىپىلىرىنىڭ بىرىدە؛«بىلمىگەنلەرگە بىلدۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق» دېگەن. بۇ لەتىپىنى ئۆزىڭىز بىلمەيدىغان يەردە ئەمەستەك قىلىسز.
5. سىزنىڭ 6-قەۋەتتىكى ئىنكاسىڭىز تېخىمۇ پەلىپەتىش بولۇپ، سىزنىڭ «ماتېرىيالىزىم»بىلەن «ماتېرىيال»نىڭ سېلىشتۇرۇپ،ئۆزىڭىزچە يەكۈن چىقارغىنىڭىز، سىزدەۋاتقان ئاتالمىش «ياش بالىلار»نىڭمۇ كۈلكىسىنى قوزغايدۇ.
  ئۇنىڭدىن كېيىن، بوزلاننى تىلغا ئېلىشىڭىز بىر ئوت قۇيرۇقلۇق قىلغانلىق بولۇپلا قالماي،جۇڭگو خەلقىنىڭ داھىسىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ، لۇتپۇللا مۇتەللىپنى «ئىنقىلاپچى» قىلىۋېلىپ، «پەيلاسوپ»دېيىشكە قوشۇلمىغانلىقىڭىز تېخىمۇ بىمەنە بولۇپ قالغان. بۇ يەردە يەنە نۇرغۇن گەپ قىلىش مۇمكىن ئىدى. مەن قىسقىراق دەي: «ئىنقىلاپچى»ھەم «پەيلاسوپ» بولسا بولمامدىكەن؟ بۇلار مەزمۇنەن زىت ئۇقۇملار ئەمەسقۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەمىتىمىن قۇربان ماقالىسىدە لۇتپۇللا مۇتەللىپنى «پەيلاسوپ»دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشنى باش مەقسەت قىلمىغان، بەلكى ئۇنىڭ بىر پارچە شېئىرىدىكى پەلسەپەۋى مەزمۇننىڭ قاتلىمىنى تەتقىق قىلغان. سىز ماۋزۇدىكى «پەلسەپەۋى»دېگەن سۆزگە دىققەت قىلىش بىلەن بىللە ئۆزىڭىزنىڭ مۇنازىرە پەلسەپىڭىز ئۈستىدە ئوبدانراق ئويلىنىپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللاسى +100 يىغىش سەۋەبى
ئېلى ياسىن + 100 --------‏قوللايمەن،ئورۇن.

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2015-1-16 12:27:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋۇت2 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-14 20:08
ئەجدادلار بىلەن ئەۋلادلارنىڭ دىئالېكتىك مۇناسىۋىتى
ب ...

دىئالېكتىك مۇناسىۋەت دېگەن قارمۇ قارشىلىق ئارىسىدا بولاتتىغۇ؟
................................................................................
بۇ نىمە دىگەن گەپ داۋۇت قارى :
دىئالىكتىكىلىق ماتىرىيالىزىمدا: ‹‹قارىمۇ-قارشىلىقنىڭ بىرلىگى قانۇنى››،‹‹سان ئۆزگىرىشى سۈپەت ئۆزگىرىشى قانۇنى››‹‹ئىنكارنى ئىنكار قىلىش قانۇنى››مۇ بار ،شۇڭا ئۇنىڭدا ئەۋلاد بىلەن ئەجداد دىئالىكتىكىسى دەل شۇ سان سۈپەت ئۆزگىرىشىگە مۇناسىۋەتلىك بولماسلىقىغا باھانىڭىز بارمۇ؟

ۋاقتى: 2015-1-16 21:09:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇغلۇق فامىلىسىنى يارمۇھەممەت تاھىر بالدۇر قوللانغانمۇ ياكى سىز بالدۇر قوللانغانمۇ؟ باشقا مەقسەت يوق، پەقەت بىلگۈم كەلدى،

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-19 12:21:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام، ئاتەش ئەپەندى،  «تۇغلۇق» فامىلىسىنى ئۇستازىم يارمۇھەممەد تاھىر (ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي!) دىن ئىككى يىل ئىلگىرى مەن قوللانغان.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش