يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 704|ئىنكاس: 11

ئاننا سىۋىر شىئېرلىرىدىن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئاننا سىۋىر شىئېرلىرىدىن

(پولشا)

ئەيبۇ ياقۇپ تەرجىمىسى

斯维尔.jpg


    ئاننا سىۋىر (Anna Swir 1909-1984) ۋارشاۋادىكى بىر رەسسام ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن.ئالى مەكتەپتە ئوتتۇرا ئەسىردىكى پولشا ئەدەبىياتىنى ئۈگۈنگەن.دەسلەپكى شىئېرلىرىدا ئۆسۈپ يېتىلىش مۇھىتىنىڭ ئىزنالىرى روشەن ھالدا ساقلانغان.شىئېرلىرىدىكى كۆپلىگەن ئىماگلار ئاساسلىقى داڭلىق رەسىم ۋە رەسىملەر توپلاملىرىدىن، ئوتتۇرا ئەسىرگە بولغان مەستانىلىقىدىن كەلگەن.
    ئۇرۇش ئۇنىڭ تۇرمۇشى ۋە ئىجادىيىتىنىمۇ ئۆزگەرتتى. گېرمانىيە پولشانى بېسىۋالغاندىن كېيىن ئۇ يەر ئاستىدىكى قارىشلىق كۆرسەتكۈچى گېزىتلەرنى ئەسەر بىلەن تەمىنلەپ تۇردى. 1944-يىلىدىكى ۋارشاۋا قوزغىلىڭىدا ئۇ قوزغىلاڭچىلارنىڭ سېستىراسى بولۇپ ئىشلىدى.قولغا ئېلىنىپ،ئېتىلىشنىڭ ئالدىدا تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ قۇتقۇزۇۋېلىندى. ئۇ «ئۇرۇش مېنى باشقا بىرئادەم قىلىپ تاۋلاپ چىقتى. شۇنىڭدىن بۇيان ئۆزۈمنىڭ ۋە دەۋىرداشلىرىمنىڭ تۇرمۇشى شىئېرلىرىمدا ئىپادىلەندى» دەيدۇ. 1974-يىلى ئۇ ئۇرۇش يىللىرىدىكى كەچۈرمىشلىرى تەسۋىرلەنگەن «كوچا ئىستىھكاملىرى» ناملىق شىئېرلار توپلىمى بىلەن ئىستىتىزىمدىن قول ئۈزۈپ رىئالىزىمغا، ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىنى، تەننىڭ گۈزەللىكىنى تەسۋېرلەشكە ئۆتكەنلىكىنى جاكالايدۇ. ئۇ ئىنساننىڭ ئىچكى ھېس ـ تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلەشكە تولىمۇ ماھىر بولۇپ، 60 ياشتىن كېيىن مۆجىزىدەك «شامال»، «مەن ئايال»،«ئىتنىڭ قۇيرۇقىدەك خوشاللىق»، «قۇياشتەك تولۇش» قاتارلىق كۆپلىگەن شىئېر توپلاملىرىنى نەشر قىلدۇرىدۇ.
   «نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن پولشالىق شائىر چېسلاۋ مىلوش ئۇنىڭ شىئېرلىرى ھەققىدە توختۇلۇپ:«ئاننا سىۋېرنىڭ سەزگۈ ئەزالار تەسۋىرلەنگەن كەسكىن شىئېرلىرىدىن ئاز ئۇچىرايدىغان پاكىزلىقنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ شىئېرلىرىدىكى تەن، ھەرقاچان روھ بىلەن باغلىنىپ تۇرىدۇ. روھ، تەندىن ھېچقاچاندا ئايرىلغان ئەمەس» دەپ باھا بېرىدۇ.

ئىككىنچى سۆيگۈ ناخشىسى

سۆيگۈ كېچىسى،
بەئەينى قەدىمى ۋېنىتسىيەلىكلەر ياسىغان
نەپىس چالغۇلاردا ئورۇندالغان
مۇزىكا كېچىلىكى.

ساغلاملىق
پەرىشتىلەرنىڭ ساغرىسى.
زېرەكلىك
چۈمۈلىلەر بارخىنى.
يارقىنلىق
ياڭراتقۇغا كىرگەن
ھاۋانىڭ ئۆزى.
تولغانلىق
شاھانا قەسىردىكى
قارا تەنلىك شاھ، ئەر ـ ئايالنىڭ
ھۆكۈمىرانلىقى.

شۇ كېچە سەن بىلەن بولۇش
ئىككى نۆۋەت تۇغ ـ ئەلەم قۇچقان
بىر قەپەس بەھەيۋەت ئۇرۇش.

   第二首情歌

  爱之夜
  精致,一如老威尼斯
  那些精致乐器
演奏的音乐会。


        健康,
一如小天使的
  屁股。
  聪慧
  一如蚁冢。
  鲜艳,一如吹入
  喇叭的空气。
  充裕,一如端坐于
  金子宝座上的
  黑人国王夫妇的
  统治。

  与你共度的爱之夜,
  一场宏大的巴洛克战斗
  以及两次胜利。

سىقىلار دېمىم

سۆھبەت نە ھاجەت،
بولسا توۋلاشقا نەپەس.
مېڭىش نە ھاجەت،
يۈگرۈشكە بولسا ئىمكان.
ياشاش نە ھاجەت،
كۆيسەك ياندۇرۇپ گۈلخان.

يۈگرىگەنچە توۋلايمەن خوشال،
ئۈمىدسىزلىك ئىچرە يۈگرەيمەن ۋە ھەم.
سىقىلار دېمىم
كېرىلمەكتە ئىچىمدە ئۆپكەم.

ئاڭلىغانمەن،
كۈچلۈك ھاياجاننى تەنگە داۋا دەپ...

我气喘吁吁


  能叫喊的话
  为何仅仅交谈
  能奔跑的话
  为何仅仅行走
  能燃烧的话
  为何仅仅活着

  我正在快乐地奔跑,叫喊
  我正在绝望地奔跑,叫喊
  我气喘吁吁
  我的肺正在疯狂地劳作

  我听说

  剧烈的情感,有益于健康。

ئون پۇتۇم بار

يۈگۈرگىنىمدە،
پۇتۇم بىلەن كۈلىمەن.

يۈگۈرگىنىمدە
دۇنيانى پۇتۇم بىلەن غەرىق قىلىمەن.

يۈگۈرگىنىمدە،
ئون پۇتۇم بار.
ھەممە پۇتلىرىم
تىنماي ۋاقىرار.

پەقەت يۈگۈرگەن چاغدىلا،
مەۋجۇتمەن ئەسلى.

 我有十条腿

  奔跑时,
  我用我的腿大笑。

  奔跑时,
  我用我的腿吞没世界。

  奔跑时,
  我有十条腿。
  所有的腿
  都在叫喊。

  惟有在奔跑时,
  我才存在。

يېتىم بالا

يىرتقۇچسەن،
تۈندە كېلىپ ئىزدىگىنىڭدە.
ئايال پەقەت تۈننىڭ قوينىدا
يىرتقۇچلارغا «ماقۇل،مەيلى دەر.»
بەلكىم قويسەن مۇلايىم
ۋە يا غالجىر ئىت
پەرىق ئەتمەك مۈشكۈل كېچىدە...

سەن پەرۋاسىز بولغاچقا يىرتقۇچ
پىچىرلىسام شىرىن ئاھاڭدا.
ئەلەم بىلەن ۋاقىرىغىنىمنى
بىلەلمەيسەن ئۇشبۇ زاماندا.

لېكىن ئەشۇ بەدبەشرە تېنىڭ،
چۈشىنىشكە قادىردۇر مېنى.
ئۇمۇ ماڭا ئوخشاش چېكىدۇ ئازاپ
كەتسەڭ خورەك تارتىپ ئۇيقۇغا،
يىرىك تۈكلەر كۆڭۈل ئارامى.

قۇچاقلىشىپ كەتتۇق ئۇيقىغا
بىز يىتىم،
گويا ئىككى ئىتنىڭ كۈچۈكى...

 孤儿
  
  夜里来找我时,
  你是一头野兽。
  惟有夜晚
  能让女人嫁给野兽。
  你兴许是一只野山羊,
  或者一条疯狗。
  黑暗中我难以看清。
  
  我喃喃地说着一些甜蜜的废话。
  你听不懂,因为你是野兽。
  你永远都不会明白
  我为何会叫喊。
  
  可你那野兽身体
  比你更懂我。
  它同我一样悲伤。
  当你呼呼大睡时,
  它那毛茸茸的温暖安慰着我。
  我们相拥着睡在一起,
  就像两个成了孤儿的幼犬。
 
قىزىم

ياسىدىم بىر ئوي،
تاپتىم بىر ئەرنى،
خىزمەتلىرىم داۋامدۇر شۇنداق،
ئاندىن، ئارامغىمۇ چىقىمەن ئاخىر،
قىزىم قىلار ئىشنىڭ ئاخىرىنى.

ئۇمۇ ئوي ياسايدۇ،
تاپىدۇ بىر ئەر،
داۋام قىلار ھايات يىلسىرى.

قىزغا ھاياتلىق بەرمەك،
ئۇنى ھۆكۈم قىلدۇق قاماققا دىمەك...

 我的女儿

  我造了一幢房子,
  我找了一个男人,
  我在做我的工作,
  然后,我将退休,让我的女儿接班。

  她将造一幢房子,
  她将找一个男人,
  她将继续做那份工作,

  然后,她将退休。
  给予她生命,就是判处她徒刑。

غېرىپلىق

غېرىپلىق...
غېرىپلىقنىڭ مەرۋايىتى
بارغانچە بارار يوغاناپ
مەن تۇرىمەن ئۇنىڭ ئىچىدە.
ئۆسمەكتىمەن زورىيىپ،
كېڭىيىۋاتقان قارا كېچىدە.

سۈكۈت ــ ئاۋازنىڭ بېشى،
تىمتاسلىق بولسا ھەركەتنىڭ ئانىسى...

غېرىپمەن،
ھېچنىمە ئەمەسلىكىم ئۈچۈن.
بەخت نىمىدۇر؟
ئەمەسمەن ھېچنەرسە،
چۈنكى ھەممە نەرسە بولغىنىم ئۈچۈن.
ماھىيەتتىن مەھرۇم مەۋجۇتلۇق
مەۋجۇتلۇقتىن مەھرۇم ماھىيەت
ئۇ تامام ئەركىنلىك...

پاكمەن،
مەۋجۇت ئەمەس نەرسىدەك
ساقمەن،
ئەپلاتۇننىڭ پىكىرلىرىدەك
مولمەن،
مۈمكىنچىلىكتەك.
كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇزىتىمەن قول
مىڭلاپ پارلاق ئىستىقباللارغا.
كىچىككىنە شادلىق ئۈچۈنمۇ
ئۆزگۈرىمەن مازغاپلارغا.
مىدوزىغا ئوزگۈرىمەن گاھ
ئۇنىڭ ھەممە ئۇزلۇقىنى دەپ.
قۇش سىياققا كىرىمەن يەنە
كۆكتە ئەركىن پەرۋازلارنى يەپ.
تاش بولىمەن ھەم يەنە ئوبدان،
ئەبەدىيلىك قىينىدى ھەجەپ...

غېرىپمەن، كۈچلۈكمەن
چۈنكى غېرىپلىقىم قوغدايدۇ مېنى.
غېرىپمەن،
غېرىپ ئەمەسلىك ئۈچۈن.
مەن غېرىپ ئەمەس،
چۈنكى، مەۋجۇتتۇرمەن تامام مەن پۈتۈن.
كەم ـ كۈتىسىز شۇنداق مۇكەممەل،
مول ۋە شۇنداق ھەممە نەرسە تەل.

ئاندىن كېلەر ھەممە ئالدىمغا
بېرىشەر
تېرە، كۆز،جىنس، ئىسىملارنى.
ھەمدە يەنە ئىنساننىيەتنىڭ
كەلگۈسى ۋە ئۆتمۈشلىرىنى...

孤独

  孤独,
  孤独的珍珠越长越大,
  我栖身其中。
  一个扩张的
  空间
  让我越长越大。

  沉默,声音的源头。
  静止,运动之母。

  我孤独。
  我孤独,因而我什么都不是。
  怎样的幸福。
  我什么都不是,因而我什么都是。
  失去本质的存在,
  失去存在的本质,自由。

  我纯洁,一如非存在物
  保险,一如柏拉图思想,
  丰富,一如一种可能。
  我笑着将手伸向
  一千种灿烂的前程。
  我可以变成海上泡沫,
  获得那稍纵即逝的快乐。
  抑或变成水母,永久拥有
  水母全部的美。
  抑或一只鸟,享受着飞翔的快乐,
  抑或一块石头,品味着永恒的快乐。
  抑或银河。

  我孤独,我强大。
  孤独保护着我。
  我孤独,因而我又不孤独,
  我不孤独,因而我才存在,
  犹如完美一般完美,
  犹如丰富一般丰富。

  随后,人们会来到我面前,给予我
  皮肤,眼睛的颜色,性别和名字。
  还将给予我人类的
  过去和未来。

ئىشىق ئايرار سۆيگىنىڭدىن

ئۆچلۈك قىلىسەن،
سۆيۈش بېرىپ تۇرۇپمۇ ماڭا.
سۆيۈشۈڭگە ئېرىشىپ تۇرۇپ
مەن ئاسىيلىق قىلىمەن ساڭا.
تومۇر قىلىپ بەرگەنتىڭ ئۇنى،
تېنىمدا ئۇ
دەريا كەبى ئاقماقتا مانا.

شۇ دەريا مېنى باشلار
مەڭگۈ يېتىپ بارالماس يەرگە.
مەڭگۈ ھېس قىلالماس
مەڭگۈ چۈشىنەلمەس
ساماۋى بىھىشكە.

ناتونۇش ۋە ئۆچەكىسەكمۇ
ئوخشىمىغان تىللاردا راۋان،
كۈيلىمەكتىمىز ئىشىق كۈيىنى.
تېنىڭ ئىشىق،
تېنىم قورال،
سەندىن ئېشىپ بارىدۇ ھامان،
قورالىمنىڭ ئىگىزلىكى...

غەرىق بولمايمەن جىسمىڭغا،
تەنلىرىمدە بولغىن سەن غەرق.
كۇلۇپ تۇرغان مېنىڭ ئۆزلىكىم
قورالدۇر،
ھەم جىسمىمنىڭ يارقىن بېزىكى،
ئۇ يەنە قۇتقۇزۇش چەمبىرىكىدۇر
لۆمشۈپ ئاققان بىپايان ئېقىندىكى...

تېرە ئايرىپ تۇرار ئىككى يۈرەكنى،
سۆيگۈ  ئايرار سۆيگەن كىشىنى.
ئېھ گۈزەل تۈننىڭ ناخشىسى
كېچىدىكى ئۇرۇشنىڭ كۈيى.

 爱让爱的人分离

  你嫉恨
  你给予我的迷恋,
  因为我用那迷恋
  背叛了你。
  你只是将它当做水脉给了我,
  它却在我体内
  发掘出一条河。

  这条河带着我
  抵达你无法抵达的地方,
  那些你永远难以体验
  永远难以理解的
  天堂。

  我们用不同的语言
  唱着我们的情歌,
  我们陌生,又充满敌意。
  你的肉身只是迷恋
  我的肉身的工具,
  我的肉身远比你的
  更加崇高。

  我不会在你体内淹没。
  只愿你在我体内淹没。
  我那大笑的自我
  是我的武器,我的裸体的装饰,
  我的救生圈。

  皮肤让两颗跳动的心分离,
  爱让爱的人分离。
  一首优美的夜之歌,
  一首搏斗之歌。

ئۇلار يۇغۇرلۇپ كەتتى

تېنىمىزنى باشقۇرماق كېرەك،
بولمىسا ئۇلار كېچىدە
پارچىلىنىپ، يۇغۇرلۇپ كېتەر.
ئۇخلاپ قالغان تەننى،
كۈزەتمەك كېرەك.
ئۇنىڭ چۈشلىرىنى يۇلۇش كېرەك.
ئوتتۇرا ئەسىردىكى،
گۇناھكارلارنىڭ كۆزلىرىنى ئويغاندەك
ئويۇش كېرەك.

ياكى
ئۆلتۈرەيلى تەنلىرىمىزنى.
ھاياتلىقنىڭ نىزامى
چەك قويمىغان ئۆلتۈرۈشكە رەقىبنى...

 它们融为一体

  我们必须看管好我们的肉体。
  撕裂后
  它们在我们的梦里
  融为一体。
  我们必须密切注视
  我们那睡着的肉体,
  拔掉
  它们的梦
  就像中世纪人们剜掉
  那些被判处极刑者的眼睛。

  要么,我们就杀死我们的肉体?
  生命的法则
  允许我们杀死敌人。


خەنزۇچە «تەرجىمىلەر»ژۇرنىلىنىڭ 2011-يىللىق 1-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-1-14 15:54:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەيبۇنىڭ ئىلھامى تازا كەپتۇ-دە!
ياخشى شېئىرلاركەن بۇ.



قۇش سىياققا كىرىمەن يەنە
كۆكتە ئەركىن پەرۋازلارنى يەپ.
تاش بولىمەن ھەم يەنە ئوبدان،
ئەبەدىيلىك قىينىدى ھەجەپ...


بۇ مىسرالار بەك ياقتى ماڭا!

ۋاقتى: 2015-1-14 16:04:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىمان بىرىنچى شېئىرنىڭ بىرىنچى مىسراسىدىكى «老威尼斯»نى خاتا چۈشىنىۋالغاچقا، تەرجىمە خاتا بوپ قاپتۇ. مېنىڭ چۈشىنىشىمچە، «老威尼斯» دېگىنى ھەرگىزمۇ «ۋېنىس بوۋاي» دېگەن سۆز ئەمەس، بەلكى «بۇرۇنقى ياكى كونا ۋېنىتسىيە» دېگەن سۆز. بۇ شېئىرنىڭ ئالدىنقى ئۈچ مىسراسىدا «مۇھەببەت كېچىسى خۇددى بۇرۇنقى دەۋرلەردە ۋېنىتسىيەدە نەپىس سازلار بىلەن ئورۇندالغان يېقىملىق مۇزىكىلاردەك گۈزەل ھەم يېقىملىق» دېگەن مەنە ئىپادىلەنگەن. ئۇقۇم جەھەتتىكى بۇنداق خاتالىق باشقا شېئىرلاردىمۇ باركەن.

باھا سۆز

تەكشۈرۈپ كۆردۈم، سىزنىڭ ئەسكەتكىنىڭىز توغرىكەن!  ۋاقتى: 2015-1-15 12:27 PM
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-14 16:38:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Jasarattash يوللىغان ۋاقتى  2015-1-14 16:04
تەرجىمان بىرىنچى شېئىرنىڭ بىرىنچى مىسراسىدىكى «老威尼斯» ...

بۇلار بۇرۇن تەرجىمە قىلىپ تاشلاپ قويغان يازمىلار ئىدى. سىز كۆرسەتكەندەك بەزى ئۇقۇملارنىنىڭ مەنبەسىنى تېخى تەپسىلى تەكشۈرۈپ بولالمىدىم.
ئەسكەرتكىنىڭىزگە رەھمەت!

ۋاقتى: 2015-1-14 17:52:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەيبۇ، ئوقۇرمەنلەرگە زوق ئاتا قىلدىغان شېئىرلارنى ئۈزۈلدۈرمەي تەرجىمە قىلىپ، يېپ-يېڭى بىر دۇنياغا باشلاپ كىرىۋاتقانلىقىڭىزغا تەشەككۈر!

ۋاقتى: 2015-1-14 18:01:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىماننىڭ قەلىمىدىن تامغان سۆز دۇردانىلىرى بەكلا پاساھەتلىك چىقىپتۇ.مەنمۇ خەنزۇ تىلىنى يامىداپ قوياتتىم لىكىن، مېنىڭ يامىدىشىم ساپلا ئاددى گەپلەر بولۇپ،پاساھەتتىن سۆز ئېچىش مومكىن بولمايۋاتىدۇ.
ئەيبۇ ئەپەندىگە يەنىمۇ يۈكسەكلىكلەر نېسىپ بولغاي!

ۋاقتى: 2015-1-14 18:15:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Jasarattash يوللىغان ۋاقتى  2015-1-14 16:04
تەرجىمان بىرىنچى شېئىرنىڭ بىرىنچى مىسراسىدىكى «老威尼斯» ...




        تەرجىمىنىڭ تەسلىكى شۇ يەردە، بولمىسا نۇرغۇن ئادەملەر تەرجىمان بولۇپ كېتەتتى. «تەرجىمە قايتا ئىجادىيەت» دېگەن گەپنىڭ تېگىگە ئەمدى يېتىۋاتىمەن. رەھمەت!

ۋاقتى: 2015-1-14 21:55:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرىنجى شېئىردا 屁股 دېگەن سۆز  肛门  دەپ تەرجىمە قىلىنىپ قالدىمۇ نېمە ، ئەيبۇ ئاكا ؟

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-15 12:02:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
saypidin يوللىغان ۋاقتى  2015-1-14 21:55
بىرىنجى شېئىردا 屁股 دېگەن سۆز  肛门  دەپ تەرجىمە قىلىنىپ ق ...

بىلدىم، شۇنداق بوپ قاپتۇ. «ساغرىسى»، «كاسسىسى»، «قوڭى» دىگەن گەپلەرمۇ بار ئىدى.

ۋاقتى: 2015-1-15 12:29:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


  • بۇلار بۇرۇن تەرجىمە قىلىپ تاشلاپ قويغان يازمىلار ئىدى. سىز كۆرسەتكەندەك بەزى ئۇقۇملارنىنىڭ مەنبەسىنى تېخى تەپسىلى تەكشۈرۈپ بولالمىدىم.
  • ئەسكەرتكىنىڭىزگە رەھمەت![/


ئاشۇنداق دېدىغۇ ،ئالدىرماڭلار

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەسئۇد ئىسا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-15 12:30  


ۋاقتى: 2015-1-15 13:09:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تەرجىمە بوپتۇ، سۆيۈپ ئوقىغۇدەك.   بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   روزى2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-15 13:10  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-15 14:07:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر پارچە ئەسەرنى ئون ئادەم تەرجىمە قىلسا، ئون خىل چىقىدۇ. ھېچكىممۇ مېنىڭكى ئەڭ توغرىسى دىيەلمەيدۇ. تورىمىزدا ئەدەبىي تەرجىمانلارمۇ خېلى بار.  مېنىڭ بەزى تەرجىمىلىرىمنى خەنزۇچىسى بىلەن قوشۇپ يوللىشىم، كۆپچىلىك بىلەن بىللە ئۈگىنىش، تەسىراتلىرىمىزنى ئالماشتۇرۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

ئۈستىدىكى بەزى دوستلارنىڭ بولۇپمۇ جاسارەت تاشنىڭ بەرگەن پىكىرى دەل جايىنى تېپىپتۇ. ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق ئىكەن. چامىمنىڭ يېتىشىچە ئۆزگەرتىپ قويدۇم.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش