يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 704|ئىنكاس: 14

شەرارى: غەربكەساياھەت(5-قىسىم)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
غەربكە ساياھەت

م.ئوسمان شەرارى

تاڭ راھىبلىرىنىڭ تالاش-تارتىشى

(5-قىسىم)
تاڭ پادىشاھى راھىبلارنىڭ خىزمەت قىلىش ئارزوسىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن مۇنداق دەپتۇ:
-كەچۈرۈڭلار،مەن سىلەرنىڭ ئارزويىڭلار بۇيىچە سىلەرنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرالمايمەن.
سۇن ۋۇكۇڭ:
-قارىغاندا ئالىيلىرى،بىزنىڭ خىزمىتىمىزنى ئاللىبۇرۇن بېكىتىپ بولغان ئوخشىماملا؟
تاڭ پادىشاھى:
-ئەگەر مەن سىلەرنى قەيەردە ئىشلەڭلار دېسەم ئىشلەمسىلەر؟
كۆپچىلىك پادىشاھنىڭ تەقسىملىشىگە قۇشۇلدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ.پادىشاھ بۇنىڭدىن خۇشال بۇلۇپ:
-ماڭا ئىشەنگىنىڭلارغا،ماڭا بولغان ساداقىتىڭلارغا كۆپتىن-كۆپ رەھمەت.ھازىر ھەممە جايدا‹‹غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئىچىش،غەربىي رايونغا ياردەم بېرىش››دولقۇنى كۆتۈرۈلۋاتىدۇ.مۇشۇنداق مۇھىم چاغدا مەن سىلەردەك ئېختىساسلىقلارنى بۇ يەردە چىڭ تۇتىۋالسام بولمايدۇ.شۇڭا سىلەرنى غەربىي رايونغا،يەنى شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان پىدائىي قىلىپ ئەۋەتمەكچى ئىدىم.بۇنىڭغا قانداق قارايسىلەركىن؟
بۇ گەپنى ئاڭلاپ راھىبلار ھەيرانۇ-ھەس قاپتۇ.جۇباجيې:
-ۋاي ئاللا،نېمە دەيدىغانلا ئالىيلىرى؟شىنجاڭغا دەيدىلىغۇ-ئەمدى؟ئۇ يەردە نېمە ئىش قىلارمىز؟
تاڭ پادىشاھى:
-ھازىر شىنجاڭدا نۇرغۇن ساھەلەر سىلەردەك ئىختىساسلىقلارغا مۇھتاج بۇلۇۋاتىدۇ.شۇڭا بۇ ۋەزىپىدىن باش تارتمىغايسىلەر.
سۇن ۋۇكۇڭ:
-ئالىيلىرى،سىلىنىڭ بۇ گەپلىرى سەل قاملاشماي قالدىمۇ قانداق؟بىز غەربكە بېرىپ نۇرغۇن جاپالار ئارقىلىق بۇ شان-شۆھرەتكە ئىگە بولغان تۇرساق،بىزنى يەنە بىر جاپاغا ئىتىرىشنى ئويلاۋاتاملا-قانداق؟بىز ئۇنداق تۇغما جاپاكەشلەر ئەمەس جۇمۇ؟
تاڭ سىڭ:
-ئالىيلىرى،ۋۇكۇڭ توغرا دەيدۇ.مېنىڭمۇ ئۇ يەرگە بارغۇم يوق.گەرچە شىنجاڭ ئىنتايىن گۈزەل مېۋە-چېۋىلىرى كۆپ،كىشىلىرى مېھماندوست بولسىمۇ،لېكىن ئۇ يەرنىڭ ھاۋاسى قورغاق.شىنجاڭغا بارسام،ھەر قانداق ئالۋاستى كۆرسە كاپلا قىلىپ يەۋالغۇسى كېلىدىغان بۇ يۇمران ھەم يۇمشاق تېرەم تۈگىشىپ كەتمەمدۇ؟ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن غەربتىن قايتىپ كېلىپ خانىمىم بىلەن تېخى كۆرۈشمىگەن تۇرسام.ئۇ مېنىڭ بۇ يۇمران تېرەمنى ‹‹بىزنىڭ تېرىمىز كورىيە مايلىرىنى سۈرسەكمۇ،سىزنىڭ تېرىڭىزدەك بولمايدۇ››دەپ ماختايتتى.
جۇباجيې:
-توغرا،ئۇستازنىڭ تېرىسى نى-نى خانىم-قىزلارنىڭكىدىنمۇ يۇمران ھەم پارقىراق.ئۇنى كۆرگەن ئالۋاستىلارنىڭلا ئەمەس،ئادەملەرنىڭمۇ يەۋالغۇسى كېلىدىغان تۇرسا .راست گەپنى قىلغاندا بىزنى كۆپ بالا-قازاغا ئۇچراتقانمۇ،نۇرغۇن ئايال ئالۋاستىلارنى ئۆزىگە ئاشىق-بىقارار قىلغانمۇ دەل شۇ ئۇستازنىڭ تېرىسى.شۇنداقتۇ ئاغا.
سۇن ۋۇكۇڭ:
-باجيې،راست شىنجاڭغا بارغۇڭ يوقما؟ئۇ يەردە نۇرغۇن مېۋە-چېۋىلەر بار.يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئېسىل يېمەكلىكلىرى..مەسىلەن:نان،پولو،كاۋاپ...قاتارلىقلار.ئەجىبا،سېنىڭ بۇ نەرسىلەرنى يىگۈڭ كەلمەيۋاتامدا؟
جۇباجيې:
-مايمۇن ئاغا،مېنى زاڭلىق قىلۋاتىسىز-ھە؟مېنىڭ ئۆز نەپسىمنى دەپ ئۇستازنىڭ گۈزەللىكىنى ۋەيران قىلغۇم يوق.مەن ئۇنچىلىك شەخسىيەتچى ئەمەس.
گەرچە باجيې ئاغزىدا شۇنداق دېسىمۇ،لېكىن ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا كاۋاپ ھەم پولولار كېلىۋېلىپ،ئاغزىغا سېرىق سۇ كېلىپ كېتىپتۇ ۋە مۇنداق دەپتۇ:
-بىراق ئۇستاز،شىنجاڭ ئۇنداق بىز دېگەندەك قۇرغاقمۇ ئەمەس،تېرىڭىزمۇ ئۇنچىلىك بۇزۇلۇپ كەتمەس؟ھېلىقى چاغدا بىز شىنجاڭدىن ئۆتكەن چاغدا تېلىۋىزوردىن خىلمۇ-خىل تېرە ئاسراش مايلىرىنى كۆردۇققۇ.شۇلارنى ئىشلەتسىڭىز بۇلىدۇ ئەمەسمۇ؟ئەمدى بۇمۇ ئالىيلىرىنىڭ كۆڭلى تۇرسا،بارمايمىز دېسەك سەت تۇرامىكىن؟شۇنداقمۇ ئالىيلىرى؟
سۇن ۋۇكۇڭ خۇددى باجينىڭ شۇنداق دېيىشىنى كۈتۈپ تۇرغاندەكلا،شياسىڭغا قاراپ كۆزىنى قىسىپ قۇيۇپ مۇنداق دەپتۇ:
-ئالىيلىرى،ئاڭلىدىلىمۇ؟بىزنىڭ باجينىڭ ئۆزىنى قۇربان قىلىش روھى بەك كۈچلۈك.شۇڭا ئۇنى ھەقىقىي قەھرىمان،باتۇر دەپ تەرىپلىسەك ھەرگىزمۇ ئازلىق قىلمايدۇ.ئۇ بىز راھىبلارنىڭ پەخرى،ئارىمىزدىن چىققان ۋەتەنپەرۋەر.
ئاغىسىنىڭ ئۆزىنى ماختىغانلىقىنى ئاڭلىغان جۇباجيې خۇشال بولغان ھالدا مۇنداق دەپتۇ؛
-ھا...ھا...ھا...مايمۇن ئاغا،ئۆمرىڭىزدە تۇنجى قېتىم بىر راست گەپ قىلدىڭىز جۇمۇ؟سىز ئەمدى ئوڭشىلىپ ئادەم بۇلۇپسىز.ئەمدى مېنىڭ ئاغام بۇلۇشقا مۇناسىپ كەلگۈدەكسىز.ھا...ھا...ھا...
سۇن ۋۇكۇڭ كۈلۈپ تۇرۇپ:
-ئەمسە باجيې مېنىڭ گېپىم توغرىكەندە؟سەن بىز ئۈچۈن قۇربانلىق بېرەلەيسەن شۇنداقمۇ؟
جۇباجيې:
-ئەلۋەتتە توغرا،دېمىسىمۇ مەن شۇنداق ماختاشلارغا مۇناسىپمەن.بۇددىنىزىم ئىشلىرى ۋە سىلەر ئۈچۈن قۇربانلىق بېرىشكە دائىم تەييارمەن.
سۇن ۋۇكۇڭ:
-ئالىيلىرى،سىلىمۇ ئاڭلىدىلا.باجيې بىز ئۈچۈن قۇربانلىق بېرىشكە تەييار ئىكەن.شۇڭا غەربىي رايونغا بېرىشكە بىز باجيېنى كۆرسەتسەك قانداق؟بۇنداق باتۇر ئەزىمەت ئۇ يەرگە يالغۇز بارسىمۇ چۇقۇم چوڭ ئىشلارنى تەۋرىتەلەيدۇ.شۇڭا باجيېنى ئەۋەتەيلى.
سۇن ۋۇكۇڭنىڭ بۇ گېپىدىن باجيې ئىنتايىن چۈچۈپ كېتىپتۇۋە ئاچچىقىدا:
-توۋۋا،بۈگۈن بۇ مىراخورنىڭ ئاغزى نىمانچە مايلىشىپ كەتتىكىن دېسەم،‹‹جىننىڭ قەستى شاپتۇلدا›› ئىكەندە؟ۋۇ ئۆلگۈر مىراخور،مېنى ئۆلتۈرۋەتسىمۇ ئۇ يەرگە يالغۇز بارمايمەن.قارا بۇنىڭ شۇملۇقىنى.
سۇن ۋۇكۇڭ:
-نېمە بولدۇڭ باتۇر پالۋان؟نېمە قورقىۋاتامسەن؟ھى..ھى...ھى...
جۇباجيې ئۆز-ئۆزىگەپىچىرلاپ مۇنداق دەپتۇ:
-كىم قورقۇپتۇ؟داۋاملىق ئادەمنى قەستلەيمەنلا دەپ يۈرگەن.نېمە گۇناھ قىلغان بولغىيتتىمكىنتاڭ بۇ مايمۇنغا؟مېنى تېخى شىنجاڭغا يالغۇز ئەۋەتەيل، ئۇنداق پالۋان،مۇنداق باتۇر دەپ كەتكەنلىرىدىن ئايلىناي.قىل قاپتىمەن ئۇنىڭ توزىقىغا چۈشكىلى.ھېلىمۇ ئۇنىڭغا گوللانماپتىمەن جۇمۇ؟بۇدساتۋا بىر ساقلاپتۇ.
تاڭ سىڭ قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىپ:
-بۇ باجينىزە،قۇرساققا كەلگەندە ھېچنىمىگە قارىمايدۇ.باجيې،سەن قاچانغىچە قۇرساق غىمىدىلا يۈرىسەن؟
تاڭ پادىشاھى:
-بولدى قىلىڭلار،تالاشماڭلار.مەن قارار قىلغان ئىشىمنى ھەرگىز ئۆزگەرتمەيمەن.شۇنداق بولسۇن.مەيلى قۇشۇلۇڭلار ياكى قۇشۇلماڭلار،سىلەرنى شىنجاڭغا ئەۋەتكىنىم ئەۋەتكەن.بۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر.
جۇباجيې:
خوپ بولدى،ئۆلگۈر مىراخور.جاجاڭنى يە تازا.سۈيقەستىڭ بىدچىت بولدىغۇ.ھا...ھا...ھا...
تاڭ سىڭ:
-ۋاي-ۋۇي راستلا بارامدۇق؟ئالىيلىرى مەن بارمىساممۇ بۇلار؟مەن بۇ شاگىرتلىرىمدەك باتۇر، قەھرىمانمۇ ئەمەس.قۇلىدىن ئىش كېلىدىغان ئەزىمەت،دانامۇ ئەمەس.قايسى كۈنى ئۇنۋان تارقاتقاندا مېنى يولبۇيى ئاۋارىچىلىق تېپىپ كەلگەن دېدىلىغۇ؟يەنە شۇنداق بالا-قازالارنى تېرىماسلىقىم ئۈچۈن مەن بارمىسام قانداق؟
سۇن ۋۇكۇڭ:
-ئۇستاز،مۇنداق دېمەڭ.سىز بىزنىڭ رەھبىرىمىز تۇرسىڭىز،سىز بارمىسىڭىز بىز قۇماندانسىز قۇشۇن بۇلۇپ قېلىپ، خۇددى قانىتى يوق قۇشتەك بۇلۇپ قالمايمىزمۇ؟
تاڭ سىڭ ئاچچىقىدا مۇنداق دەپتۇ:
-ھەي ئۆلگۈر مايمۇن،باجيې ئىككىمىز ساڭا نېمە يامانلىق قىلغان بولغىيتتۇق.نېمىشقا دائىم بىز ئىككىمىزنى ئورىغا چۈشۈرۈش كويىدىلا يۈرىسەن؟
تاڭ پادىشاھى:
-بولدى تالاشماڭلار.ئىنىم مېنىڭ گېپىمنى چۈشەنمىگەن ئوخشايسىز.مەن ھەممىڭلارنى بارىدۇ دەپ بىكىتكەن ئىكەنمەن،ھەممىڭلار بارىسىلەر.ئەمىسە مۇشۇنداق بولسۇن.
جۇباجيې:
-ۋايجان ئۇ يەردە زېرىكىپ كەتسەك قانداق قىلارمىز ئەمدى؟يا ئۇ يەردە تۇنۇش-بىلىشلىرىمىز بولمىسا؟
تاڭ پادىشاھى:
ماۋۇ گەپنى كۆرۈڭ.شۇمۇ گەپمۇ ئەمدى؟زېرىكىپ كەتسەڭ تېلىۋىزور كۆر،رادىئو ئاڭلا،تورغا چىق.شۇنداق قىلساڭ،ھەربىر كۈنىڭنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكىنىنى سەزمەيلا قالىسەن.
سۇن ۋۇكۇڭ:
-تور؟كومپىيوتېر قېنى؟يازغۇچىلار مۇنبىرىگە ياخشى ئەسەرلەر چىقىپ بولدى ھەرقاچان،
تاڭ سىڭ:
ھە توغرا،تورغا چىقايلى،ھازىر مۇنبەردىكى يازغۇچىلارنىڭ مۇنبەرگە چىقىپ ئەسەر ئەۋەتىدىغان ياخشى پەيتى..تىز كومپىيوتېرنى ئاچ ۋۇجىڭ.تاڭ پادىشاھى:
-سىلەرنىڭ دەۋاتقىنىڭلار ئاخشامقى ھېلىقى كىتابمۇ؟؟
جۇباجيې:
-ۋاي-ۋۇي،ئالىيلىرى،مەن ئۆزەمنى دۆت دېسەم،سىلى مەندىمۇ دۆتمۇ نېمە؟كىتاب ئەمەس يازغۇچىلارمۇنبىرى دەيدىلا.ما پادىشاھنىڭ كالۋالىقىنى قارىمامدىغان.
تاڭ پادىشاھى:
ھا...ھا...ھا...مەن يىڭى كۆرگەچكە خاتا گەپ قىلىپ قۇيۇپتىمەن.ئەسلى كىتاب ئەمەس،مۇنبەر ئىكەندە.ھە قېنى كومپىيوتېرنى ئېچىڭلار.
پادىشاھنىڭ سۆزى تۈگىمەي تۇرۇپلا،سۇن ۋۇكۇڭ مۇنبەردىكى يىڭى تېمىلارنى كۆپچىلىككە ئوقۇشقا باشلاپتۇ.
              


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-14 18:24  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-1-13 16:37:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      قەلىمىڭىز تېخىمۇ بەرىكەتلىك بولسۇن! ھەقىقەتەن تىرىشچان ئىكەنسىز، ھارمىغايسىز قېرىندىشىم.

ۋاقتى: 2015-1-13 16:55:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلىمىڭىز بەركىتەتلىك بولغاي!

ۋاقتى: 2015-1-13 18:08:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راسلا ياخشى يېزىپسڭز قەلمىڭىز  بەرىكەتلىك بولسۇن سىزگە قۇت تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2015-1-13 18:43:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىپسىز شۇ باھانىدە مۇنبەرنى ئىلان قىلپسىزدە

ۋاقتى: 2015-1-13 21:47:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارزۇ0998 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-13 18:43
ياخشى يىزىپسىز شۇ باھانىدە مۇنبەرنى ئىلان قىلپسىزدە

      ‹‹ باش كاتىپ خېنىم ›› تاڭ تەيزوڭ  ئالىلىرىغا  ئىلتىجا قىلىپ باققايلا ، راھىپ ۋە قۇيرۇقلىرى  بىزنىڭ بۇ دىيارغا  كەلمىسىكەن ، ئىشلار ئەمدى ئىزىغا چۈشۈپ ئىسلام دىنىمىز  قانۇنلۇق بولىۋاتقاندا . بۇددىستلارنىڭ  نومىنى  ‹‹تەتقىق قىلىش ›› قا  ۋاقتىمىز چىقاما ؟!

باھا سۆز

گەپنىڭ ئىچىدە گەپ با دەيمەن! ئاكا ۋوي!!!!!!!  ۋاقتى: 2015-1-13 11:38 PM
ۋاقتى: 2015-1-13 23:39:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئېسىلغۇ!  داۋامى يەنە بار ئوخشىمامدۇ!

ۋاقتى: 2015-1-14 00:07:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
shaidayi يوللىغان ۋاقتى  2015-1-13 23:39
ئېسىلغۇ!  داۋامى يەنە بار ئوخشىمامدۇ!

     ‹‹  قايناڭ چۆگۈنۈم  ›› دەك  چىقىۋېرىدىغان بولدى  ئەمدى  كۆپ قىسىملىق  بولۇپ .....

ۋاقتى: 2015-1-14 00:18:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئا.جۇدۇن يوللىغان ۋاقتى  2015-1-14 00:07
‹‹  قايناڭ چۆگۈنۈم  ›› دەك  چىقىۋېرىدىغان بولدى  ئەم ...

     شۇنداقمۇ؟  ئەينى يىللىرىمۇ مۇشۇ مەزمۇندا «غەربىي دىيار تانسىخانىسىدىكى سۆھبەت»، «تاڭ سڭ ھەققىدە يېڭى رىۋايەتلەر» دىگەندەك فېليەتۇنلار چىققان. شۇنداق قىزىقىپ ئوقۇغانلىقىم ئېسىمدە. قېنى داۋامىنى كۈرۈپ بېقىپ ئاندىن بىر نېمە دەيلى! ئارام ئالايلي- ئارام ئالايلى!

ۋاقتى: 2015-1-14 00:18:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئا.جۇدۇن يوللىغان ۋاقتى  2015-1-14 00:07
‹‹  قايناڭ چۆگۈنۈم  ›› دەك  چىقىۋېرىدىغان بولدى  ئەم ...

     شۇنداقمۇ؟  ئەينى يىللىرىمۇ مۇشۇ مەزمۇندا «غەربىي دىيار تانسىخانىسىدىكى سۆھبەت»، «تاڭ سڭ ھەققىدە يېڭى رىۋايەتلەر» دىگەندەك فېليەتۇنلار چىققان. شۇنداق قىزىقىپ ئوقۇغانلىقىم ئېسىمدە. قېنى داۋامىنى كۈرۈپ بېقىپ ئاندىن بىر نېمە دەيلى! ئارام ئالايلي- ئارام ئالايلى!

ۋاقتى: 2015-1-14 00:20:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
shaidayi يوللىغان ۋاقتى  2015-1-14 00:18
شۇنداقمۇ؟  ئەينى يىللىرىمۇ مۇشۇ مەزمۇندا «غەربىي د ...

         ھەرخىل گۈللەرنىڭ ئېچىلغېنى ياخشى  شۇ.

ۋاقتى: 2015-1-14 00:25:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئا.جۇدۇن يوللىغان ۋاقتى  2015-1-14 00:20
ھەرخىل گۈللەرنىڭ ئېچىلغېنى ياخشى  شۇ.

    توغرا دەيسىز !  

ۋاقتى: 2015-1-14 11:56:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ راھىب كالانلار يەنە نىمە ئىشلارنى قىلىدىكىن يولىڭىزغا قارايمىز.

ۋاقتى: 2015-1-14 12:01:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     داۋامى داۋاملىق دىلىڭلارغا داخىل دەۋېتىڭە.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-14 17:56:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىنى داۋاملىق ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ماھىنۇر ئوسمان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-14 17:57  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش