يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 540|ئىنكاس: 6

راھمانجان ئىمىر: ئۇيغۇرخەتتاتلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئۇيغۇر خەتتاتلىرى

(مۇخەممەس)

راھمانجان ئىمىر


قولۇڭدىن گۈل ئۇنۈپ چىققاي يېزىق سەنئەتتە خەتتاتىم،
جىمى قايىل خېتىڭگە زەپ قاراپ ھۆرمەتتە خەتتاتىم،
ھەرىپلەر كەلسە ھەرىكەتكە كۈلۈپ سۆلەتتە خەتتاتىم،
گۈيا گۈلزار بولۇپ خەتلەر ئۈنەر رەت-رەتتە خەتتاتىم،
كامال تاپ مىھنىتىڭ بىرلە شەرەپ،ئىززەتتە خەتتاتىم،

تېپىپ يازدىڭ شىكەستىلەپ ھېكمەتلەر جەۋھىرىنىسەن،
ئەجدادلار ئۆگۈتى ئەخلاق، ئەقىل –ئىدرەك نۇرىنىسەن،
پاراسەت بولىقى مەڭگۈ  ماقال ،نەزمە- خورىنىسەن،
يېزىقىم چاقنىدى  شۇنداق چىقاردىڭ  شۆھرىتىنىسەن،
ئىلىم –ئىرپانغا ئەل ئۈندەپ يۇرەر رىغبەتتە خەتتاتىم.

نەزەر سالسام (1)يۇسۇپ ،(2)مەھمۇت ،خىرىقتى ،نۆۋبىتى خەتتات،
زەلىلى ھەم ئاماننىسا،ناۋائىي ھەزرىتى خەتتات.
ئالىملار پۇتسە بىر دېۋان كۆچۇرگەن گۈل خېتى خەتتات،
ئەسىرلەر ئۆچمىدى نامىڭ، ئولۇغلۇق ساھىبى خەتتات،
ئەجىرنىڭ كاندىن جەۋھەر سۈزەر ئەلۋەتتە، خەتتاتىم.

بۆگۈن باقسام يېزىق گۈلزارىمىزھۆسنىگە لىق تولدى،
تالاي ياشلار پىداكار بوپ بۇ مەنزىل ئىچرە ئات سالدى.
(3)نىياز ،(4)قاينام ،(5)مۇيەسسەرلەر كەسىپتە شان-شەرەپ  ئالدى ،
(6)شەيدائى ھەمدە (7)جەۋلانى يېزىق سىزمىدا  يول ئاچتى،
دېمەك كەسپىگە مەجنۇندەك كۆيەر سەپ-سەپتە خەتتاتىم.

قۇياشتەك چاقنىتار كۆزنى يېزىقلار شاھىدۇر خۇشخەت،
بېزەكلىك باغ ئېرۇر ئەسلى ھەرىپلەر تەبىرى خۇشخەت.
يېزىلسا سىپتا ،مەنالىق ئەقىلنى چالغۇتار مىڭ رەت،
ھۆسىن زىبالىقى ئايدەك كۆڭۈلنىڭ ئەينىكى خۇشخەت،
قەلەمدىن دۈر –گۆھەر قازغان ئەجىر-مىھنەتتە ،خەتتاتىم.

مىسالى نۇرغا ئوخشايدۇ چىرايلىق،ئۇز، لېۋەن خەتلەر ،
(8)سۇلۇس،رۇقئى،تەئىلىقتە يېزىلغان گۈل چىمەن خەتلەر،
كۈفى،رەيھانى شەكلىدىن تاپار شۆھرەت  تېمەن خەتلەر،
بىرىدىن بىرى مىڭ سۈلكۈت ھوزۇرلۇق بىئىۋەن خەتلەر،
قۇچار ئەللەر ئارا شۆھرەت ھۇنەر-قىممەتتە ، خەتتاتىم.

يېزىلغان سىپتا چىن كۆركەم قۇياشتەك جەزبىدار خەتلەر،
كۆرەكلەر كۆركى- گۈل تاجى بولۇپ كەتتى يېراق ئەللەر،
ئامىرىكان،ھىندى،تۇرۇكلەر سېتىپ ئالدى سۈرۈپ لەۋلەر،
گۈزەللىك ھىسلىرى سالغاچ يۇرەككە لالىزار خەتلەر،
شۇڭا دەيمەن قولۇڭدىن گۈل ئۈنەر نۇسرەتتە، خەتتاتىم.

يېزىقىم جان ،يېزىقىم تەن ئۇنىڭسىز مەن ياشاي قانداق؟
يېزىقىم بارلىقىم ،تەختىم، ئۇ بولماي شان قۇچاي  قانداق؟،
ھۆسىنخەت يازما خەت شاھى يېزىقىم جەۋھىرى شۇنداق،
كامال تاپ خەتلىرىم ئەبەد غۇرۇرۇم سەن بىلەن قۇشماق،
پۇتۇن مىللەتكە ئابرۇي، شان ئېلىپ كەل خەتتە ،خەتتاتىم.

ئىزاھات: (1) يۇسۇپ خاس ھاجىپ،(2) مەھمۇد قەشقىرى،(3) نىياز كېرەم شەرقىي،(4) قاينام جاپپار،(5) مۇيەسسەر ھەسەن،(6) قۇربانجان رۇزى شەيدائىي،(7)ئابلىكىم زۇنۇن جەۋلانىلارنى كۆرسىتىدۇ ،(8)سۇلۇس،رۇقىي،تەئىلىق،كۇفى،رەيھانىلار ئۇيغۇر ھۆسىنخەت نۇسقىلىرىنى كۆرسىتىدۇ.









ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-1-13 15:54:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستۇم، بۇ مۇخەممىسىڭلار بىلەن كۆڭۈل ئۇتتۇڭلار، قۇتلۇق بولسۇن...

ۋاقتى: 2015-1-13 16:03:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شېئىرنى ياختۇرۇپ ئوقۇدۇم، رەسىم-ھۆسنىخەت دېگەنلەرنى كىچىكىمدىن بەك ياختۇرىمەن، رۇقىي  خەت نۇسخىسى بويىچە يېزىلغان ھۆسنىخەتلىرىممۇ خېلى بار. ئەمما يەنىلا مەشىق قىلىۋاتىمەن...

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-13 17:05:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستۇم ئابلاجان ،ئۇشبۇ يازمام بىلەن كۆڭلۇڭلىنى ئۇتالىغان بولسام خۇشالمان.ئېسىل يازماڭلىنى سۆيۈپ ئوقۇپ كىلىۋاتىمەن.

ۋاقتى: 2015-1-13 17:20:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رۇمەيسا يوللىغان ۋاقتى  2015-1-13 16:03
بۇ شېئىرنى ياختۇرۇپ ئوقۇدۇم، رەسىم-ھۆسنىخەت دېگەنلەرن ...

خەتتاتلىق باشقا كەسىپكە سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ زىل ھەم مۇشاققەتلىك. مەلۈم سەۋىيىگە يەتكىچە ئەمەس،بىر ئۆمۈر بوشاشماي تىرىشىشقا،ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. مەلۇم جەرىيان تاشلىنىپ قالغاندا، «قول قېتىپ قالىدۇ». قول قېتىپ قېلىش دېگىنىمىز-پەي،مۇسكۇللارنىڭ قېتىپ قېلىشى بولماستىن،تۇيغۇدىكى سەنئەتلىك ئالامەتلەرنىڭ غايىب بولۇشى،ياكى سۇسلىشىپ قېلىشىدۇر.
بۇ مۇشاققەتلىك كەسىپنىڭ ھۇزۇرى شۇ يەردىكى،ھەرپ ئۇستىخانلىرىنىڭ بارماقلىرىمىز ئارىسىدىن تارالغان چاچتەك گۈزەل بىر سۆلكەتتە ئاستا-ئاستا يېيىلىپ چىقىپ،بىزگە دىدار كۆرسىتىشى!
خەتتاتلىقنى «يېزىقنىڭ غۇرۇرى» دېيىشىمىزدىكى سەۋەب شۇ يەردە.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-13 17:38:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نامانجان سىزمۇ خېلى پىشقان خەتتاتلىرىمىزنىڭ بىرىسىز.شېئىرىيەتتىمۇ ھەم شۇنداق.بۇ مۇنبەردە سىز يازغان ئېسىل خەتلەرنى كۆرۇشنى خالايمەن.

ۋاقتى: 2015-1-16 20:39:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلەملىرى تالمىغاي.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش