كىرىش
QQ ئارقىلىق كىرىش
تىزىملىتىش
پارول قايتۇرۇش
تىزىملىك
باش بەت
Portal
مۇنبەر
BBS
ھويلا
Space
مىكروبىلوگ
تور خاتىرىسى
يازغۇچىلار لۇغىتى
خەنزۇچە
قازاقچە
»
مۇنبەر
›
ئۇيغۇر ئەدەبىياتى رايونى
›
بالىلار ئەدەبىياتى
›
توغراق:ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ ئەسەرلىرى(1)
1
2
3
/ 3 بەت
كېيىنكى
تىزىملىككە قايتىش
كۆرۈش:
1090
|
ئىنكاس:
30
توغراق:ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ ئەسەرلىرى(1)
[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ي.ت.توغراق
ي.ت.توغراق
توردا يوق
ۋاقتى: 2015-1-13 12:12:20
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
|
كۆرۈش شەكلى
مۇئەللىم
ئارزىگۈل تۇرسۇن
(ئونسۇ ناھىيە توخۇلا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ 9-يىللىق 2-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى)
مېھرى چەكسىز مۇئەللىم،
مەشئەلگىلا ئوخشايسىز.
بىلىم بېرىپ بىزلەرگە،
توغرا يولغا باشلايسىز.
مېھرى چەكسىز مۇئەللىم،
شام-چىراغقا ئوخشايسىز.
دىلىمىزنى يۇرۇتۇپ،
داغدام يولغا باشلايسىز.
مېھرى چەكسىز مۇئەللىم،
باغۋەنلەرگە ئوخشايسىز.
پەن-مەرىپەت يولىدا،
دادىل قەدەم تاشلايسىز.
مېھرى چەكسىز مۇئەللىم،
قەدىرلەيمىز، سۆيىمىز.
بىلىم بەرگەن شۇ سىنىپ،
بىزنىڭ ياخشى ئۆيىمىز.
باھار كەلگەندە
ئەكبەر قەھرىمان
(ئونسۇ ناھىيە توخۇلا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ 8-يىللىق 3-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى)
باھار كەلگەندە،
قۇشلار سايرايدۇ.
بارلىق جانلىقلار،
خوشال يايرايدۇ.
باھار كەلگەندە،
يەر سۇغا قاندى.
دېھقان ئېتىزغا،
ئەمگەك دەپ ماڭدى.
باھار كەلگەندە،
گۈللەر ئېچىلدى.
گۈلنىڭ خۇش ھىدى،
ھەريان چېچىلدى.
باھار كەلگەندە،
قۇشلار سايرايدۇ.
باغۇ بوستاندا،
خوشال يايرايدۇ.
ئىنكاس
جابدۇق
پاش قىلىش
ئامانى
ئامانى
توردا يوق
ۋاقتى: 2015-1-13 12:46:42
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باھار كەلگەندە ،
قۇشلار سايرايدۇ .
باغۇ بوستاندا ،
خۇشال يايرايدۇ .
ھەربىر گۇلنىڭ ،
ھىدى باشقىچە ،
بېرىدۇ ھۇزۇر ،
تولۇپ تاشقىچە .
مۇئەللىمنىڭ يىتەكچىلىدە ئۇچۇرۇم بولسۇن .
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
ي.ت.توغراق
ي.ت.توغراق
توردا يوق
ئىگىسى
|
ۋاقتى: 2015-1-13 13:06:57
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە. مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ ئەسىرى بولۇپ، باشقىلارنىڭ تەكلىپ پىكىرىنى ئېلىپ بېقىش مەقسىدىدە يوللىغان ئىدىم. بىر كوبلىت ئەگەشكىنىڭزنى قوللىغىنىڭىز دەپ چۈشەندىم.
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
بىلگنۇر
بىلگنۇر
توردا يوق
ۋاقتى: 2015-1-13 17:56:33
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئۇستازدىن ياخشى شاگرت يېتىشىپ چىقىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسۇم قەلبىگە ئەدەبىيات ئۇرۇقىنى چېچىش تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ يۈكسەك بۇرچى. ئۇنىڭ ھوسۇلىنى كۆرۈش ئادەمنى بەك خۇشال قىلىدۇ. بۇ ئەسەرلەرنى كۆرۈپ سىزنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىڭىزغا ناھايىتى ياخشى پەرۋىش قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى ھېس قىلدىم. بۇنداق ئىشلارنى پەقەت ئەدەبىياتقا چىن يۈرىكىدىن كۆيگەن، مەجبۇرىيىتىنى بىلگەن ئوقۇتقۇچىلارلا قىلالايدۇ. ئەجرىڭىزگە ئاپرىن!
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
رەيھانگۇل
رەيھانگۇل
توردا يوق
ۋاقتى: 2015-1-13 18:37:31
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىپتۇ ياقتۇردۇم ئوقوغۇچىلىرىڭىز مۇنبەردە كۆرسە قانچە خۇشال بولار ھە؟ مەن تولۇقسىزدا ئوقۇيدىغان ۋاختا بۇنداق شارائىت يوق ئىدى
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
شوخ
شوخ
توردا يوق
ۋاقتى: 2015-1-13 19:34:18
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇغۇچىلارنى يېزىقچىلىق قىلىشتا قانداق يېتەكلەش ۋە ئۇلارغا قانداق ئىلھام بېرىشمۇ بەك مۇھىم مەسىلە ياسىنجان ، بەك ياخشى قىپسىز ،شېئىر بالىلار تىلى بويىچە چۈچۈك ، يېنىك، يېقىشلىق چىقىپتۇ ، بارا- بارا تېخىمۇ ياخشى يېزىپ كېتەلىشى مۇمكىن ! ئۇلارغا سالامىمنى ۋە مەدەتلىرىمنى يەتكۈزۈپ قويۇڭ !
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
سارباش
سارباش
توردا يوق
ۋاقتى: 2015-1-13 20:49:34
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە رەھمەت،ياسىنجان .
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
shaidayi
shaidayi
توردا يوق
ۋاقتى: 2015-1-13 23:58:47
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزگۈ ئارمانلارغا بۈلەنگەن بوغۇنلارنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن يۈز كۈرۈشتۈرگىنىڭىزدىن خورسەنمەن!
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
ي.ت.توغراق
ي.ت.توغراق
توردا يوق
ئىگىسى
|
ۋاقتى: 2015-1-14 10:56:00
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزەملا يېزىپ يۈرمەستىن ئوقۇغۇچۇلىرىمنىمۇ يېتەكلەپ قويدۇم. كەسپىم ماتىماتىكا بولسىمۇ ئىشتىن سىرىتقى ۋاقىتتىكى يېتەكلەشكە ئەھمىىيەت بەردىم.
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
ي.ت.توغراق
ي.ت.توغراق
توردا يوق
ئىگىسى
|
ۋاقتى: 2015-1-14 15:28:39
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆستۈممەن تېمەن
مۆۋلانجان تۇرسۇن
(ئونسۇ ناھىيە توخۇلا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ 7-يىللىق 4-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى)
مەكتىپىم ئۆيۈم،
ئۇستازىم ئانام.
شۇڭلاشقا ماڭا،
كۈندە ھېيت-بايرام.
شۇڭا مەن خوشال،
ئۆستۈممەن تېمەن.
ئارزۇ-ئارمانغا،
ھامان يېتىمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ي.ت.توغراق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-14 15:29
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
بۇژغۇن
بۇژغۇن
توردا يوق
ۋاقتى: 2015-1-14 15:47:05
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە ئاپىرىن ئۇستاز....!سىزنىڭ قولىڭىزدىن كەلگۈسىدە بۇ ئۇزاق مۇساپىنى بىمالال
بىسىپ ماڭالايدىغان ئاجايىپ ئىزباسارلارنىڭ يېتىشىپ چىقالايدىغانلىقىغا ئىشەنچىم
ھەسسىلەپ ئاشتى.....!
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
ئە.ق
ئە.ق
توردا يوق
ۋاقتى: 2015-1-20 21:29:08
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزگە ئاپىرىن. بۇ دۇنيا بەرىبىر كېيىنكىلەرنىڭ. ھەممە ئىشتا شۇلارنى ئەسكە ئېلىش ئاقىلانىلىقتۇر.
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
ئايشەم1
ئايشەم1
توردا يوق
ۋاقتى: 2015-1-23 01:13:11
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنداق دەڭ،ماتېماتېكا بىرىپ داڭلىڭ يازغۇچى بۇلۇپ كەتتىڭىزما؟مەنمۇ ماتېماتېكا ،تارىخ - جوغراپىيە بەرگەن ئەدەبىيات بەرگەن ۋاقىتلىرىمۇ كۆپبولغان، ئىقتىدارىڭىزغا ئاپىرىن!
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
قەھرىمان تۆمۈر
قەھرىمان تۆمۈر
توردا يوق
ۋاقتى: 2015-1-23 18:44:04
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساۋاقداش دوستۇم ‹ياخشىلىققا ياخشىلىق››دەيدۇ ئاتىلار . ئىزگۈ تىلەكلەر قاينىمىدا غۇلاچ كىرىپ ئۈزۈۋاتقان بوغۇنلارنىڭ غەيرىتىگە تەشەككۈر ئېيتىش بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭمۇ بىر كۈنلەردە قىلغان ھەربىر ياخشىلىقىڭىز ئۈچۈن بەدەل تۆلەيدىغانلىقىنى ، سىزنى ھەرگىز ئۇنتۇلۇپ قالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتمەكچىمەن . سىز گەرچە ماتىماتىكا دەرسى بېرىۋاتقان بولسىڭىزمۇ ئوقۇغۇچىلىرىڭىز سىزنى ئىشتىن سىرىت ئەدەبىيات بىلەن ھەپىلىشىۋاتقانلىقىڭىزنى خېلى بۇرۇنلا ھېس قىلىپ بولغان .شۇنداق ئىكەن سىز ئۇشبۇ مەسئۇليەتتىن قاچالمايسىز ،شۇڭا قىلغانلىرىڭىز مېھنەتسىز بولسۇن ! كۆرۈشكىچە ئامان بولۇڭ .
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
ئا.جۇدۇن
ئا.جۇدۇن
توردا يوق
ۋاقتى: 2015-1-24 21:39:09
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زىرائەت - كۆكىدىن مەلۇم . يەنە بەش-ئون يىلدىن كېيىن [مۇھىت يار بەرسە ]،
بۇ بالىلاردىن نى-نى ئەدەبىياتچىلار چىقىدۇ، دۇنيادا ھەۋىسى يوق ئادەمدىن خۇدا ساقلىسۇن. ھەممە ھەۋەس دەل مۇشۇ چاغدىن باشلىنىدۇ . ئەجىرىڭىز يەردە قالمايدۇ، ئەلۋەتتە .
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
كېيىنكى بەت »
1
2
3
/ 3 بەت
كېيىنكى
تىزىملىككە قايتىش
ئالىي ئىنكاس
B
Color
Image
Link
Quote
Code
Smilies
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز
كىرىش
|
تىزىملىتىش
سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى
ئىنكاس يوللاش
ئاخىرقى بەتكە ئاتلاش
ستاتىستىكا
|
يانفون نۇسخىسى
|
新疆作家协会网
Powered by
Discuz!
X3.2
(
NurQut Team
)
© 2001-2011
Comsenz Inc.
For
www.xjzjxh.com
جۇغلانما 0, دەرىجە ئۆسۈش ئۈچۈن جۇغلانما
چوققىغا قايتىش