غەربكە ساياھەت
م.ئوسمان شەرارى
بۇ كۈلدۈرگىنىڭ بىرىنچى،ئىككىنچى،ئۈچىنچى
قىسىملىرى بۇرۇن يوللىنىپ بولغان.
forum.php?mod=viewthread&tid=13608
تاڭ راھىبلىرىنىڭ خىزمەت ئارزوسى
(4-قىسىم)
تاڭ سىڭ ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرى نومنى ئېلىپ تاڭ مەملىكىتىگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن،تاڭ پادىشاھى ئۇلارنى قىزغىن قارشى ئاپتۇ.نۇرغۇنلىغان مۇخبىرلار ئۇلارنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن ئوردا ئالدىدا ئۆچرەت بولۇپ كېتىپتۇ.نوم ئېلىش ئۈچۈن غەربكە بېرىپ تېنچ-ئامان قايتىپ كەلگەن بۇ تۆت راھىب تاڭ مەملىكىتىدىكى كاتتا چۇلپانغا ئايلىنىپتۇ.تاڭ پادىشاھى بولسا ئۇلارغا بولغان مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارنى چەتئەلگە بىر ئايلىق ساياھەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ.
راھىبلار چەتئەلدىكى ساياھىتىنى ناھايىتى كۆڭۈللۈك ،خۇشال-خۇرام ئويناپ قايتىپ كەپتۇ ۋە پادىشاھقا ئۆزلىرىگە مۇشۇنداق ياخشى پۇرسەت ھازىرلاپ بەرگىنىگە تەشەككۈرىنى بىلدۈرمەك بۇلۇپ،ئۇدۇللا پادىشاھنىڭ ھۇزورىغا كەپتۇ.
تاڭ پادىشاھى:
-مېنىڭ پەخىرلىك تۆت باتۇرۇم،ياخشى ئويناپ كەلدىڭلارمۇ؟ھاردۇقۇڭلار چىقتىمۇ؟
تاڭ سىڭ:
-ئالىيلىرى بىزگە بەرگەن ھىممەتلىرىگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت.
تاڭ پادىشاھى:
-ئۇنداق دېمەڭ ئىنىم،مەن سىلەرگە تەشەككۈر ئېيتسام بۇلىدۇ.سىلەر ياخشى ئۇيناپ ھاردۇقۇڭلار چىققان بولسىلا،مەن شۇنىڭغا خوش.ئەمدى نەق گەپكە كەلسەك،سىلەر غەربكە بېرىپ،كاتتا شان-شۆھرەتلەر بىلەن قايتىپ كەلدىڭلار.سىلەردەك بۇنداق ئىختىساس ئىگىلىرى مېنىڭ بۇ مەملىكىتىمدە يوق.شۇڭا سىلەر بىكار يۈرسەڭلار بولمايدۇ-دە.
سۇن ۋۇكۇڭ:
-ئالىيلىرى،بۇ گەپچە سىلى بىزنى يەنە غەربكە ئەۋەتمەكچى ئوخشىماملا؟بۇ قېتىم مەن بارمايمەن جۇمۇ؟
تاڭ پادىشاھى:
-ھا...ھا...ھا...ئۇنداق ئەمەس.سىلەرنى ئەمدى ئۇنداق جاپاغا سالسام بولمايدۇ.مەن ئوردىدىكى ۋەزىر-ۋۇزرالار بىلەن سىلەرنىڭ خىزمەت مەسىلەڭلارنى يىغىن ئىچىپ مۇزاكىرلەشتىم.
ۋۇكۇڭ:
-ئەمىسە بىزنى قايسى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرماقچى بۇلۋاتىلىكىن؟
تاڭ پادىشاھى:
-بۇ ئىشتا ئاۋۋال سىلەرنىڭ پىكرىڭلارنى ئېلىپ باقاي.سىلەرنىڭ قانداق خىزمەت قىلغۇڭلار باركىن؟ئاۋۋال كىم دەپ باقىدۇ؟
سۇن ۋۇكۇڭ:
-ئالىيلىرى،ئاۋۋال مەن دەپ باقاي.مەن ھېلىقى جاھاننامە ئەينىكى دېگەن نەرسىدىن ۋولمىس ئاتلىق بىر كىشىنى كۆردۈم.ئۇ كىشى بەك قابىليەتلىك بۇلۇپ،نۇرغۇن پاش قىلىنمىغان دېلولارنى،يىشىلمىگەن سىرلارنى ۋە نۇرغۇن ئۇغرە-قاراقچىلارنى تۇتۇش جەھەتتە بەك داڭلىق ئىكەن.ئۇنىڭغا بەك ھەۋىسىم كەلگەن ئىدى.شۇڭا مەنمۇ ئەنە شۇ ۋولمىستەك رازۋېتچىك بۇلۇپ مەملىكەتلىرىنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن بىر كىشلىك تۆھپەمنى قۇشسام دەيمەن.بۇ ئارزويۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ياردەم قىلغايلا.
تاڭ پادىشاھى:
-بۇ خىيالىڭغۇ بۇلىدىكەن.ئامما ئۈچۈن تۆھپە يارىتىمەن دەۋاتىسەن.ماقۇل،ئەمىسە مەن سەندىن شۇ رازۋېتچىكلىققا ئائىت بىر سۇئال سوراپ باقاي.
سۇن ۋۇكۇڭ:
-ماقۇل،قېنى خالىغانچە سورىسىلا.ئەگەر توغرا جاۋاب بېرەلىسەم ئارزويۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بېرىلا جۇمۇ؟
تاڭ پادىشاھى:
-ماقۇل بۇلىدۇ.مەلوم بىر ئۆيدە قاتىللىق دېلوسى يۈز بەردى دەيلى.سەن ھەر قانچە قىلىپمۇ بۇ ئۆي ئىچىدىن بىرەر يىپ ئۇچى ياكى بىرەر بارماق ئىزى تاپالمىدىڭ.ئۇنداقتا سەن بۇ دېلونى قانداق بىر تەرەپ قىلىسەن؟
سۇن ۋۇكۇڭ:
-بۇنى...توختاڭ،مەن بىردەم ئويلىنىۋالاي-ھە!بۇ نەق مەيداندا بىرەر بارماق ئىزى تېپىلمېغىنىغا قارىغاندا بۇ ئىشنى چۇقۇم بارماقلىرى يوق بىرەرسى قىلغان دەپ ھۆكۈم چىقىرىمەن دە،پۈتكۈل بارمىقى يوق كىشىلەرنى يىغىپ تەكشۈرىمەن.
تاڭ پادىشاھى:
-ھا...ھا...ھا...ئىنىم،قېنى سىز دەپ بېقىڭا،سىز نېمە خىزمەت قىلىشنى خالايسىز؟
تاڭ سىڭ:
-ئالىيلىرى،مەن غەربكە قىلغان سەپىرىمدە ھەر قېتىم ئالۋاستىلارنىڭ بوزەك قىلىشىغا ئۇچرىغان چاغلىرىمدا،‹‹خەپ تۇىتاش،ئەدىبىڭلارنى ھامان بىر كۈنى بېرىمەن››دەيتتىم.شۇڭا مەن مەمورىي ھۇقوق تۇتايمىكىن دەيمەن.شۇنداق قىلساملا مەن مېنى يىمەكچى بولغان ئالۋاستىلارنىڭ ئەدىبىنى بېرەلەيمەن.
تاڭ پادىشاھى:
-ھەي،ئۇ ئالۋاستىلار پەرىشتىن چۈشكەن تۇرسا،بۇ مەملىكىتىمدە تۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئەدىبىنى قانداق بېرىسىز؟كۈلكىلىك گەپ بولدىغۇ-بۇ؟قېنى باجيې سەن دەپ باقە،سېنىڭ قانداق ئارزويىڭ بار؟
جۇباجيې:
-ھا...ھا...ھا...ئالىيلىرى،بۇنىمۇ سوراش كېتەمدۇ؟مەن غەربكە قىلغان سەپىرىمدە بەك گۆشسىراپ كەتكەن ئىدىم.شۇڭا مەن مەملىكەتلىرىگە‹‹گۆش پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى››قۇرۇپ،يىمەك-ئىچمەك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانسەمكەن دەيمەن.شۇنداق قىلساملا قاچان گۆش يېگۈم كەلسە يىيەلەيمەن ئەمەسمۇ؟
تاڭ پادىشاھى:
-ماقۇل ئەمىسە سەندىنمۇ گۆشكە ئائىت بىر سۇئال سوراپ باقاي.ئات گۆشىنىڭ تەركىبىدە ۋېتامىن ئا بار،بېلىق گۆشىنىڭ تەركىبىدە ۋېتامىن ب بار.قېنى ئەمىسە سەن دەپ باققىن،غاز گۆشىنىڭ تەركىبىدە نېمە بار؟
جۇباجيې:
-ئات گۆشىنىڭ تەركىبىدە ۋېتامىن ئا،بېلىق گكشىنىڭ تەركىبىدە ۋېتامىن ببولسا غاز گۆشىنىڭ تەركىبىدە... غاز گۆشىنىڭ تەركىبىدە...
ھە بىلدىم،ۋېتامىن غ.
تاڭ پادىشاھى بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىپتۇ.ئۇ شياسىڭدىن ئۇنىڭ نېمە خىزمەت قىلغۇسى بارلىقىنى سوراپتىكەن،شيا سىڭ:
-ئالىيلىرى،مەن يولبۇيى ئۇستازنى قوغداپ كۈنۈپ قاپتىمەن.ئەگەر ئۇستاز مەمەرىي ھۇقوق تۇتسا،مەن ئۇنىڭغا خاس قۇغدىغۇچى بولسام دەيمەن.
تاڭ پادىشاھى:
-بارىكاللا،بارىكاللا،سەن ھەقىقەتەن ساداقاتمەن ئىكەنسەن.سەن بولساڭلا مەن ئىنىمدىن ئەنسىرمىسەممۇ بولغۇدەك.
سۇن ۋۇكۇڭ:
-ۋۇي ئۇستاز،سائەت بەش بۇلۇپ كېتىپتۇ.مۇشۇ تاپتا يازغۇچىلار مۇنبىرى بەك قىزىپ كەتتىغۇ دەيمەن.مەن دەرھال كومپىيوتېرنى ئاچاي.
تاڭ پادىشاھى:
تېخى مېنىڭ گېپىم تۈگىمىدى...توختا...ۋۇكۇڭ...
سۇن ۋۇكۇڭ پادىشاھنىڭ گېپىگىمۇ قارىماي،كومپىيوتېرنى ئېلىپ چىقىپ يازغۇچىلار مۇنبىرى تور بېتىنى ئېچىپتۇ.ھەممەيلەن مەزكور مۇنبەردىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىپتۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-12 19:05