يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 659|ئىنكاس: 9

نىجات سوپى: ھەبىبۇللا ئابدۇرېھىم چاقچاقلىرى توغرىسىدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ھەبىبۇللا ئابدۇرېھىم (ھېبى)چاقچاقلىرى توغرىسىدا


نىجات سوپى


    ئىلى چاقچاقلىرىنىڭ بۈگۈنكى مۇنەۋۋەر ۋەكىللىرىدىن بىرى كىشىلەر تەرىپىدىن ئىسمى قىسقارتىلىپ «ھېبى» دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان قىززىقچىمىز ھەبىبۇللا ئابدۇرېھىمدۇر. ئۇ 1967-يىلى 1-ئايدا غۇلجا ناھىيەسى ئۈچئون بازىرىغا قاراشلىق مەمەيۈزى (مۇھەممەت يۈزى) كەنتىدە تۇغۇلغان، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكىچە ئوقۇغان. 1983-يىلىدىن باشلاپ چاقچاقچىلىق ھاياتىنى باشلىغان. ئاۋۋال بىرقانچە يىل ئۆز كەنتى ئەتراپىدىكى يېزا-كەنتلەردە چاقچاق قىلىپ يۈرۈپ، 90-يىللارنىڭ بېشىدا غۇلجا شەھرىدىكى چاقچاقچىلارنىڭ سېپىگە قېتىلغان. 1991-يىلىدىن باشلاپ «قارادەي» (ئىچكى قىسىمدا تارقىتىلغان ئۈنئالغۇ لېنتىسى) چىقىرىشقا باشلىغان. 1998-يىلى، 2001-يىللىرى مەرھۇم ھېسام قۇربان قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە چىقارغان ئۈنئالغۇ لېنتىلىرى جەمئىيەتكە رەسمىي تارقىتىلغان. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن تارتىپ ئۇنىڭ چاقچاقچىلىقتىكى ئالتۇن دەۋرى باشلىنىپ 20 يىلچە داۋاملاشقان.
   ھېبىنىڭ چاقچاقلىرى ناھايىتى ئۆتكۈر، ئىخچام، دەرھاللا كۈلكە قوزغىيالايدۇ. ئۇ تىل ئىشلىتىشكە ئىنتايىن ماھىر بولۇپ، ھەر بىر سورۇنغا كىرىپ بىر قاراپلا ھەركىمنىڭ ئالاھىدىلىكىنى دەرھال تۇتىۋاللايدۇ. ئاندىن شۇ ئالاھىدىلىكلىرى ئاساسىدا ناھايىتى تېزلا چاقچىقىنى باشلاپ كېتەلەيدۇ. چاقچاق قىلغاندا باشقىلارنىڭ جىسمانىي ئەيىپىنى ئاچىدىغان، باشقىلارنىڭ شەخسىيىتىگە تېگىدىغان سۆزلەرنى ئىشلەتمەيدۇ. بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ھۇجۇدىدىكى ناچار ئىللەتلەر، خىزمەت، كەسپ ئىستىلى جەھەتلەردىكى نۇقسانلىرىنى ماھىرلىق بىلەن ئېچىپ، خاتالىقلىرىنى دەرھال كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. لېكىن، سىياسەت، قانۇن-تۈزۈملەرگە، شۇنداقلا باشقا مىللەت، باشقا يۇرت كىشىلىرىنىڭ مىللىي، يەرلىك ئۆرپ-ئادەتلەرگە خىلاپ گەپ-سۆزلەرنى قىلمايدۇ. چوڭلار سورۇنلىرى، ياشلار سورۇنلىرى، ئەر-ئايال ئارىلاشقان سورۇنلارنىڭ مۇناسىپ ئالاھىدىلىكلىرى تۇتىۋېلىپ، لايىقىدا چاقچاق قىلىپ تاماشىبىنلارنى زوقلاندۇرىدۇ. چاقچاق قىلغاندا ئىلمىي بولۇش، راستچىل بولۇش، ئەيىپىنى ئاچماسلىق، غەيۋىتىنى قىلماسلىق، سورۇن ئەھلىنىڭ چوڭ-كىچىكلىك مۇناسىۋىتى، ئۇرۇق-تۇغقانلىق مۇناسىۋىتىگە دىققەت قىلىشقا تىرىشىدۇ. بولۇپمۇ ئۇ چاقچاقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا ماددىي بايلىق بىلەن مەنىۋىي بايلىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى ناھايىتى ياخشى بىر تەرەپ قىلالىدى. چاقچاقنى نوقۇل ھالدىكى پۇل تېپىشنىڭ ۋاستىسى قىلىش ئەمەس، بەلكى چاقچاق سورۇنىدىن تاپقان پۇل ئارقىلىق نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى قىلدى.
    ئۆز نۆۋىتىدە شۇنىمۇ ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ھەبى يالغۇز چاقچاقچى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى جەمئىيىتىمىزدىكى نامى بار ساخاۋەتچىلەردىن بىرى. ئۇ چاقچاق سورۇنلىرىدا يۇرتمۇ يۇرت ئارىلاپ يۈرگىنىدە بەزى جايلاردا بىر قىسىم بالىلارنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق تۈپەيلىدىن ئوقۇشسىز قېلىش گىرداۋىدا تۇرىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن. ئۇ گەرچە ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كۆپ ئوقۇيالمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئوقۇشنىڭ قەدرىگە يېتەتتى. شۇڭا، ئۇ بۇ بالىلارنىڭ ئوقۇشسىز قېلىشىغا چىداپ تۇرالمىدى. باشقا ئىقتىسادىي كىرىم مەنبەسى بولمىغاچقا، چاقچاق سورۇنلىرىدا تاپقان ئۆرۈملۈك پۇللىرىنى يىغىپ، مۇشۇنداق ئوقۇشسىز قېلىش ئالدىدا تۇرغان بالىلارغا ياردەم قىلدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى ئوقۇشقا، بەزىلىرىنى ھۈنەرگە بەردى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى ھازىر ھەتتا چەتئەللەردە ئوقۇۋاتىدۇ. 90-يىللارنىڭ بېشىدىن باشلانغان ساخاۋەتچىلىك ئىشلىرى ھازىرغىچە توختىماي داۋام قىلىپ تۇردى. ھەبى ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ ئۈچ مىليون نەچچە يۈزمىڭ سوم پۇلنى مۇشۇنداق بالىلارغا ۋە ئىگە-چاقىسىز ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇشىغا خەجلىدى. ئۇنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ كېلىۋاتقانلارنىڭ سانى 290 نەپەرگە يەتتى. يېقىنقى يىللاردا ھەتتا ئۆزىنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ، يەنىلا باشقىلارغا ياردەم قىلىشنى توختىتىپ قويغىنى يوق. بۇ ئىشلىرى بىلەن ئۇ «مائارىپنى قوللىغان ئاتا» دېگەن ناملارغا ئېرىشتى. ھەبىنىڭ بۇ روھى يالغۇز چاقچاقچىلار، سەنئەتچىلەرلا ئەمەس، بەلكى ھەممىمىزنىڭ قەدىرلىشىگە، ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدىغان ئالىجاناب روھتۇر.  
   ھېبىدە يومۇر سۆزلەش ئانچە كۆپ ئەمەس، بەلكى چاقچاق مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. بولۇپمۇ ئۇ چاچما چاقچاق قىلىشقا ماھىر. ئۇ سورۇنغا كىرگەندىن كېيىن سورۇندىكىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تېزلا ئىگىلەپ، شۇ سورۇندىكىلەرنى ئايلاندۇرۇپ چاقچاق قىلىپ چىقىدۇ. يەنە بەزىدە روبىرو چاقچاقىمۇ دۇچ كېلىدۇ، بىر ياكى بىر قانچە چاقچاقچى رەقىبىگە قارشى چاقچاق بىلەن سۆز ئۇرۇشى قىلىدۇ. قارشى تەرەپ بىرنەچچە چاقچاقچى بىرلىشىۋالغان، خېلى كۈچلۈك ھالەتتە بولسا، چاقچاق تازا ئەۋجىگە چىققاندا ھەبى بىردىنلا قولىغا چوكا ئالىدۇ. چوكىنى شىلتىپ تۇرۇپ چاقچىقىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ھەبى قولىغا چوكا ئالغاندىن كېيىنلا قارشى تەرەپ ئۇنىڭ رەسمىي ھۇجۇمغا ئۆتكەنلىكىنى، «ئېچىلغانلىقى»نى چۈشىنىدۇ-دە، تەمتىرەشكە باشلايدۇ. ئۇندىن كېيىنكى نەتىجە كۆپىنچە ھەبىگە مەنسۇپ بولىدۇ.
    ھېبى باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا سەنئەت كۆرەكلىرىدە ناخشا ئېيتقان، دوراش سەنئىتىگە ماھىر بولغان. كېيىنچە بۇلاردىن تېخىمۇ تەرەققىي قىلىپ چاقچاقچىلىققا ئۆتكەن. ئۇنىڭ ئائىلە شارائىتىدىن قارىغاندا چاقچاقچىلىق ئۇنىڭغا ئاتا-بوۋىسىدىن ئۇدۇم قالغان ئەمەس، بەلكى ئۇ خەلق ئارىسىدا ھەر خىل سورۇنلاردا تەربىيەلىنىش جەريانىدا يېتىشكەن. ئىلىنىڭ قويۇق چاقچاق مۇھىتى ئۇنى ئاددىي بىر قىززىقچىدىن داڭلىق چاقچاقچىغا ئايلاندۇرغان. ئەلۋەتتە، ئۇمۇ دەسلەپكى يىللاردا چاقچاق سورۇنلىرىدا ئوڭ-تەتۈر سۆزلەشلەردىن خالىي بولالمىغان. ئېگىز-پەس چاقچاق قىلغان چاغلاردا باشقا سورۇندىكى چوڭلار، ئۇستاز چاقچاقچىلارنىڭ تەلىم بېرىشى بىلەن ئۇ ئاستا-ئاستا كەمچىللىكلىرىنى تۈزىتىپ، چاقچاق سورۇنى، چاقچاق مەدەنىيىتىنىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىپ يېتىپ، بۈگۈنكىدەك يۈكسەك نۇقتىغا يېتىپ كېلەلىگەن.
    ھېبى ھازىر ئىلى ئوبلاستلىق خەلق سەنئەتكارلىرى جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى. غۇلجا ناھىيەلىك مەدەنىيەت ئىدارىسى ۋە ئىلى ئوبلاستلىق مەدەنىيەت ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلار تەرىپىدىن غەيرى ماددىي مەدەنىيەت ۋارىسى سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىنىپ كېلىۋاتىدۇ.
    بىز خەلق چاقچاقچىسى ھەبىبۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بۇندىن كېيىنكى چاقچاقچىلىق ھاياتىنىڭ يەنىمۇ نەتىجىلىك بولۇشىنى، تېنىنىڭ ساغلام، ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولۇشىنى، خەلقىمىزگە يەنىمۇ كۈچلۈك مەنىۋىي ئوزۇق بېرىپ تۇرۇشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.


2014-يىل 9-ئاينىڭ 27-كۈنى، غۇلجا.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-1-10 19:52:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر قانچە چاقچىقىنى يوللىغان بولسىڭىزچۇ؟

ۋاقتى: 2015-1-10 20:29:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چاقچاق ئادەمنىڭ تىز ئىنكاس قىلىش ئىقتىدارىنى تەرەققى قىلدۇرۇشتا رولى بەك چوڭ.

ۋاقتى: 2015-1-10 21:09:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئەبەيكامنىڭ تاققا-تۇقىلىرىغا ، چاچما شىئىرلىرىغا ئالاھىدە ئامراق جۇما لىكىن، بەزىدە مەنمۇ دوراپ تاققا-تۇقىلارنى يېزىپ كىتىمەن، ئەبەيكامنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2015-1-10 23:00:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ھەبىكامنى دوراپ تاقا-تۇقا دېگەننى خېلى سۆزلەپ قۇيىدىغان بولۇپ قالدىم.چاقچاقچىمىز سالامەت بولسۇن.

ۋاقتى: 2015-1-10 23:51:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماھىنۇر ئوسمان يوللىغان ۋاقتى  2015-1-10 23:00
مەنمۇ ھەبىكامنى دوراپ تاقا-تۇقا دېگەننى خېلى سۆزلەپ قۇ ...

        توغرا ،  مەن سىز تەرەپتە . ئۆزى خۇشاللىق تاپالمىغان ئادەم  ، بىلىپ -بىلمەي  باشقىلارغا
ئاسانلا  ‹‹ خاپىلىق ›› تېپىپ بېرىدۇ .  

ۋاقتى: 2015-1-11 10:03:53 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يوللىغۇچىنىڭ ئەجرىگە رەھمەت !
مومكىن بولسا ھەبىكامنىڭ چاق چاقلىرىدىنمۇ يوللاپ قويغان بولسىلا

ۋاقتى: 2015-1-12 01:30:58 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غۇلجا چاقچاقلىرى جاننىڭ ئوزۇقى دە ؟

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-12 13:34:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يەردە دېيىلگىنى تاقا-تۇقا سۆزلەيدىغان ئەبەي ئەمەس، بەلكى «ھېبى» دەپ ئىسمى قىسقارتىپ ئېيتىلىدىغان چاقچاقچىمىز ھەبىبىۇللا ئابدۇرېھىمدۇر.

ۋاقتى: 2015-1-12 23:07:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئىزدىنىشلىرىڭىز تېخىمۇ ئوتۇقلۇق بولغاي !

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش