يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 1068|ئىنكاس: 12

سۆز ئويۇنى : ئابدۇخېلىل مىرخېلىل

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
نېمە-نېمىنى يەيدۇ؟

تاتما ئاتنىڭ تۆشىنى يەيدۇ، ھەسەتخۇر ئۆزىنىڭ گۆشىنى يەيدۇ.
كەكلىك تاغنىڭ تېشىنى يەيدۇ، بەدنىيەت ئۆزىنىڭ بېشىنى يەيدۇ.
دات تۈمۈرنى يەيدۇ،ئۆتكەن ۋاقىت ئۆمۈرنى يەيدۇ.
ئوغرى كۆرمەسنى يەيدۇ، يۇمشاق سۆز بەرمەسنى يەيدۇ.
ياغاچنى پور يەيدۇ،تام ھۇلىنى شور يەيدۇ.
تىرىكنى لەنەت يەيدۇ،ئۆلۈكنى لەھەت يەيدۇ.
يەردەك يەتكەن مەرت قايدا،مەندىن رىسىق ئال دەيدۇ.
ئايرىلغاننى ھاياتتىن،ئەكەل قوينۇمغا سال دەيدۇ.
كوللى جاننىڭ رىسىقى،قارا يەرنىڭ بوينىدا،
ئايرىلغانلار ھاياتتىن،قارا يەرنىڭ قوينىدا.
يەردەك يەتكەن مەرت نەدە،ئالە رىسقىڭنى مە دەيدۇ.
بىلىپ قېلىڭ ھەممىنى،ئاخىرىدا يەر يەيدۇ.

نېمە-نىمىگە تەۋە

ئالاھىدە بولىۋىلىش چوڭلۇققا تەۋە،قوپال سۆزلەش توڭلۇققا تەۋە.
ئەگرى مايماققا تەۋە،سۇتنىڭ يۈزى قايماققا تەۋە.

بەك ئەركىلىك نايناققا تەۋە،قول كۆيگەن سۇ قايناققا تەۋە.
ئاۋات يەر بازارغا  تەۋە،كۆڭۈل ئاغرىتىش ئازارغا تەۋە.

مىيىت كۆمگەن يەر مازارغا تەۋە،ئىش خۇلاسىلانسا قارارغا تەۋە.
قاشلىق ئېتىش گىرىمگە تەۋە.پايدا ئېلىش كىرىمگە تەۋە.

لاتا ئاياق خەيگە تەۋە،چامغۇر-زەدەك سەيگە تەۋە.
سەي-كۆكتات چۆپكە تەۋە،توغرا ئەقىل كۆپكە تەۋە
.
ھەركەت قىلىش ئىشقا تەۋە،كۈز تۈگىسە قىشقا تەۋە،
كوپتۈرۈپ سۆزلەش لاپقا تەۋە،خالتا-تاغار قاپقا تەۋە.

يوغان كۆرپە يوققانغا تەۋە،چۆچۈپ كېتىش قورققانغا تەۋە.
جان ئاغرىتىش ئۇرغانغا تەۋە،ئۆرە بولۇش تۇرغانغا تەۋە.

نىمە-نىمىدىن ياخشى؟
ئاڭلىغاندىن كۆرگەن ياخشى،بىلمىگەندىن بىلگەن ياخشى.
يىغلىغاندىن كۈلگەن ياخشى،مەنىسىز ياشىغاندىن ئۆلگەن ياخشى.
ئەلسىز ھوزۇر سۈرگىنىڭدىن،ئەل ئوتىدا كۆيگەن ياخشى.
پىيادىدىن ئاتلىق ياخشى،خاپىلىقتىن شاتلىق ياخشى.
پايدا بەرگەن يالغىنىڭدىن،زىيان تارتقان راستمۇ ياخشى.
ئاڭلاپ ئەمەل قىلمىغاندىن،ئاڭلىمىغان گاسمۇ ياخشى.
ئۇرالمىغان دەل توپكاڭدىن،ئېپىدا چىققان پاسمۇ ياخشى.
ئۈنى چىقماس داپ-دۇتاردىن،داراڭلىغان داسمۇ ياخشى.
مىننىتى بار زىياپەتتىن،قۇرۇق ئىچكەن ئاشمۇ ياخشى.
ئوسما،قاشلىق گىرىمىڭدىن،تەبىئىي كەلگەن قاشمۇ ياخشى.
ئۆزگىلەرنىڭ گۆھىرىدىن،ئىلكىڭدىكى تاشمۇ ياخشى.
تەپكەك قېرى ئارغىماقتىن،ئۇچقۇر ئاياق تايمۇ ياخشى.
يۇرۇق بەرمەس چىرىقىڭدىن،ئاسماندىكى ئايمۇ ياخشى.
قايغۇ-غەمدە يىگەن ئاشتىن،خوشھال ئىچكەن چايمۇ ياخشى
.چاچ ئال دىسە باش ئالغاندىن،توسىۋالغان« ھايمۇ» ياخشى.
تولغانغىچە پۇشايماندىن، ئۆز-ئۆزىنى سورىغان ياخشى.
قىل ئالغۇچە پېتىر ناندىن،سېخىيلارنى دورىغان ياخشى.

نىمە-نىمىنى يوقىتىدۇ؟

راست يالغاننى يوقىتىدۇ،
ئۈمۈتسىزلىك ئارماننى يوقىتىدۇ.
ھەركەت ئاغرىقنى يوقىتىدۇ،
ھورۇنلۇق بارلىقنى يوقىتىدۇ.
ئۈگەنمەسلىك چۈشەنچىنى يوقىتىدۇ،
جۈرئەتسىزلىك ئىشەنچىنى يوقىتىدۇ.
خاپىلىق شاتلىقنى يوقىتىدۇ،
سىردىشىش ياتلىقنى يوقىتىدۇ.
سامساق ھەسەلنىڭ پايدىسىنى يوقىتىدۇ،
بىئەدەپ سورۇننىڭ قائىدىسىنى يوقىتىدۇ.
ئىسسىقى يوق مەش كۆمۈرنى يوقىتىدۇ،
غەم-ئەندىشە ئۆمۈرنى يوقىتىدۇ.
ئالدامچىلىق ئىناۋەتنى يوقىتىدۇ،
ھېساپتا ئادىللىق خىيايەتنى يوقىتىدۇ.
چىدام-غەيرەت ئىشنى يوقىتىدۇ،
قۇرۇق سۆڭەك چىشنى يوقىتىدۇ.

نېمە-نېمىگە يېقىن؟

قېرى قۇرۇققا يېقىن،پالاكەت ئورۇققا يېقىن.
خامان سورۇققا يېقىن،قاراڭغۇ يۇرۇققا يېقىن.

قەلەندەر چورۇققا يېقىن،جەڭگەھ پورۇققا يېقىن.
بەدنىيەت ئورىغا يېقىن،كېسەل دورىغا يېقىن.

ئەتكەن چاي كورىغا يېقىن،كىگىز بورىغا يېقىن.
تۈتۇن مورىغا يېقىن،ئوغرى شورىغا يېقىن.

باخشى داپقا يېقىن،مەمەدان لاپقا يېقىن.
دۇتتار تارىغا يېقىن،مەدرىس قارىغا يېقىن.

سۆلەت ھەيۋەتكە يېقىن،پىتنىخور غەيۋەتكە يېقىن.
ساقال بۇرۇتقا يېقىن،موللام دۇرۇتقا يېقىن.

ھەرە بالغا يېقىن،كەمپىر چالغا يېقىن.
باراڭ تالغا يېقىن،ئاچكۆز گالغا يېقىن.

توغرا سۆزلۈك تۆرگە يېقىن،بەدنىيەت گۆرگە يېقىن.
قۇيۇق سۈت قايماققا يېقىن،غىلجىڭ خوتۇن نايناققا يېقىن.

ئاچ قورساق نانغا يېقىن،قېرى ئادەم جانغا يېقىن.
يوقسۇزلۇق ھورۇنغا يېقىن،بەدبۇي پۇراق بۇرۇنغا يېقىن.
ئىشچانغا بارلىق يېقىن،ھورۇنغا خارلىق يېقىن.
ياسانچۇق سۆلەتكە يېقىن،تىرىشچان دۆلەتكە يېقىن.

جاھاننىڭ سىرى پەنگە يېقىن،بىلىمسىزلەر غەمگە يېقىن.
مەغرۇرلۇق ھالاكەتكە يېقىن،ئىش بىلمەس پالاكەتكە يېقىن.

قوغۇن تىلىمگە يېقىن،ئاقىل بىلىمگە يېقىن.
ئۇياتسىز تەييارغا يېقىن،قىزىقچى ھەييارغا يېقىن.

باھار يازغا يېقىن،ھىلىلى گەدەن تازغا يېقىن.
ئۆتمەس ئۇسترا كاپقا يېقىن،خىيانەتچى ھاپقا يېقىن.

تېرىق تۇلۇمغا يېقىن،يىتىم بۇلۇڭغا يېقىن.
زالىم زۇلۇمغا يېقىن،ئەخلەت كۇلۇڭغا يېقىن.

نېمە-نېمە بىلەن سەمرىيدۇ؟

مەمەدان گەپ بىلەن سەمرىيدۇ،سودىگەر ئەپ بىلەن سەمرىيدۇ.
ماختانچاق پۇ بىلەن سەمرىيدۇ،مەرگەن ئوۋ بىلەن سەمرىيدۇ.

قۇلىلە نەم بىلەن سەمرىيدۇ،خىيانەتچى غەم بىلەن سەمرىيدۇ.
مانتا ھور بىلەن سەمرىيدۇ،كۆنچى شور بىلەن سەمرىيدۇ.

ئاشلىق ،مىۋە يازدا سەمرىيدۇ،غاز،ئۆردەكلەر سازدا سەمرىيدۇ.
ئېشەك توپىدا سەمرىيدۇ،ياسانچۇق خوتۇن ئۇپىدا سەمرىيدۇ.

كالا ھەلەپ بىلەن سەمرىيدۇ،تەمەخور تەلەپ بىلەن سەمرىيدۇ.
تاپاۋەت غەيرەت بىلەن سەمرىيدۇ،بىكارچى غەيۋەت بىلەن سەمرىيدۇ.

ئىلىم-پەن ھەق بىلەن سەمرىيدۇ،سېتىقچى نەق بىلەن سەمرىيدۇ.
ئادىمىلىك ئەل بىلەن سەمرىيدۇ،تۆمۈرچىلىك يەل بىلەن سەمرىيدۇ.


نېمە-نېمىدىن قورقىدۇ؟

چاشقان مۇشۇكتىن قورقىدۇ،پىل توشۇكتىن قورقىدۇ.
جارائەت يوتتىن قورقىدۇ،كۆزى ئاجىز ئوتتىن قورقىدۇ.

شوپۇر خوتتىن قورقىدۇ،ھېساپچى چوتتىن قورقىدۇ.
چېچەك جۇتتىن قورقىدۇ،ناچار ئاياق پۇتتىن قورقىدۇ.

ئەما گاستىن قورقىدۇ، يالغان راستتىن قورقىدۇ.
ياخشى غەيۋەتتىن قورقىدۇ،ئېغىر ئىش غەيرەتتىن قورقىدۇ.

تۈلكە قاپقاندىن قورقىدۇ،لايغەزەل چاققاندىن قورقىدۇ.
سۇغۇر قىشتىن قورقىدۇ،ھورۇن ئىشتىن قورقىدۇ.

سوغۇق ئوتۇندىن قورقىدۇ، ئۆزى بوشاڭ خوتۇندىن قورقىدۇ.
كەكلىك توزاقتىن قورقىدۇ،تەقۋادار دوزاقتىن قورقىدۇ.

جىن باخشىدىن قورقىدۇ،باخشى ياخشىدىن قورقىدۇ.
قامغاق بوراندىن قورقىدۇ،يانغاق داۋاندىن قورقىدۇ.

يۇمشاق چىڭدىن قورقىدۇ،ساختا جىڭدىن قورقىدۇ.
پۇل تۇتقان يەپ قۇيۇشتىن قورقىدۇ،ئوغرى دەپ قويۇشتىن
قورقىدۇ.

بىلىق توردىن قورقىدۇ،ياغاچ پوردىن قورقىدۇ.
ساۋاتسىز خەتتىن قورقىدۇ،ئەدەپلىك «سەتتىن»قورقىدۇ.

چارۋىچى قاردىن قورقىدۇ،كۆزى كۆرمەس ياردىن قورقىدۇ.
زالىم ئادالەتتىن قورقىدۇ،بىلىملىك ئاداۋەتتىن قورقىدۇ.

شال بەيزىدىن قورقىدۇ،ئىگىز-پەس يەر كەيزىدىن قورقىدۇ.
يالاڭئاياق خوخۇدىن قورقىدۇ،قۇرۇت-قوڭغۇز توخۇدىن قورقىدۇ.

كېلە كۆلدىن قورقىدۇ،پاقا چۆلدىن قورقىدۇ.
ئەنگىز ئادەم  ھۆلدىن قورقىدۇ،ئوقۇغۇچى نۆلدىن قورقىدۇ.




باھا سۆز

ناھايتى ياخشى  ۋاقتى: 2012-6-7 10:26 PM

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1شۆھرىتى +1 تىللاسى +10 يىغىش سەۋەبى
گۆھەر ئابلا + 1 + 10

باھا خاتىرىسى

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2012-5-18 01:20:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھا،ھا،ھا ...ما ئابدۇخېلىل مۇئەللىمنى

ۋاقتى: 2012-5-19 16:49:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇخېلىل ئەپەندىم،
قولىڭىزغا دەرەت بەرمىگەي خۇدايىم!

نىمە دىگەن قاپىيداش كەلگەن سوزلەر بۇ!  
ھەم كۈلكىلىك، ھەم مەنالىق، ھەم تەربىيەلىك ئەھمىيىتى بار.
پۈتۈن ھايات، ئادىمىيلىك ئاجايىپ يېغىنچاق ئىپادىلىنىپتۇ.

كىچىك ۋاقىتلىرىمدا( 10 ياشتىن كىچىك چاغلرىىم ئىدى).....
رەھمەتلىك چوڭ ئاپام، چوڭ دادامدىن ( ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن، ئامىن!)
مۇشۇنداق شېئىرلارنى ئاڭلايتىم.....
پەقەت شۇلاردىن ئاڭلىغىنىم ئېسىمدە، ئۇنىڭدىن كېيىن باشقىلارنىڭ ئېغىزىدىن ئاڭلاپ باقمىدىم.
كەشكى، شۇلاردىن ئاڭلىغانلىرىمىزنى يادلاپ ئېسىمىزدە قالدۇرۋالغۇدەك ئەقىل بولسا ئىدى شۇ چاغلاردا...
بۇلارنى يادلاشمۇ ئۇنچىلىك ئوڭاي ئەمەس...
قاراڭچۇ،
بۇلارنى يادلاش ئەمەس، ئوقۇش ئۈچۈنمۇ- ئادەمنىڭ ئىنكاسى تېز، تىلى راۋان بولىشى كېرەك.

سۆز ئويۇنى- ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى شېئىر ئىچىدىكى بىر تۈر ھىساپلىنىدۇ، شۇنداققۇ؟
نىمىشقا ھازىر كۆپ ئۇچرىتالماس بولۇپ قالدۇق؟
بەكمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بۇ !


ۋاقتى: 2012-5-25 01:41:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ مول ۋە رەڭدارلىغىغا يېڭى ھۆسۈن قوشۇپتۇ.تۇرسۇن مۇھەمەت پەخرىدىن،توختاش بەكرى،تۇرسۇن زېردىن قاتارلىق يول ئاچقۇچى  پېشۋالىرىمىز  داغداملاشتۇرغان بۇ يول يەنە قايتا جانلىنىپتۇ. ئابدۇخېلىلنىڭ ئەمگەكلىرى تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولغاي.

ۋاقتى: 2012-6-7 22:25:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەن يازغان چاقچاق شىېرلرنى،سۆز ئويۇنلىرىنى ياخشى رەتلەپ يىغىپ قوي ،مەن نەشرىيات قۇرغاندا تۇنجى بولۇپ سېنىڭ ،ئادامگە خوشاللىق بېغىشليدىغان چاقچاقلىرىڭنى ‹‹ئابدۇخېلىل قارىقاش شىئىرىي چاقچاقلىرى››ماۋزۇسىدا نەشىر قىلىمەن.نەشىر ھەققىگە ياخشى ھەسىلىڭدىن بىر تۇڭ بەرسەڭ شۇ كۇپايە،قوناق ساتقان پۇلۇڭ ئۆزەڭدە قالسۇن.

ۋاقتى: 2012-6-7 23:09:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن رۇخسىتىڭىزنى ئالمايلا ساقلاپ قويدۇم .

ۋاقتى: 2012-6-8 12:17:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەم قىززىقارلىق بولۇش ھەم  مېغىزلىق بولۇش يۇقۇرقى سۆز ئويۇنلىرىدا  گەۋدىلەنگەن ئالاھىدىلىك ئىكەن.سۆز ئيۇنلىرىنى توپلاش ۋە رەتلەش جەريانىدا ئاپتورنىڭ  كۆپلەپ يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغانلىقىنى چۈشىنىۋېلىشقا بولىدۇ.تائامدىن ھوزۇرلانغۇچى ھوزۇرلۇق نىممەتكە  نائىل بولغانلىقىدىن سۆيۈنىدۇ.ئەمما تائامنى تەييارلىغۇچىنىڭ قانچىلىك ئەجىر قىلغانلىقىنى ئويلاپ  بولالمايدۇ...قىسقىسى ئابدۇخېلىل  ئەپەندىنىڭ بۇ ئېسىل يازمىنى يوللىغانلىغىغا  تەشەككۇر ئېيتىش ئورۇنلۇقتۇر.

ۋاقتى: 2012-6-8 12:31:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى تەييارلاپسىز، يەنە بىلىدىغانلار قوشۇمچە قىلىپ قويسا بۇلاپتىكەن

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-1-20 14:38:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورداشلارنىڭ ياخشى تىلەكلىرى يەتتى . رەھمەد!!!

ۋاقتى: 2013-5-19 08:12:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئۆزەمگە لازىملىق سۆز ئويۇنىنى مۇنۇ يەردىن تېپىۋالدىم، يەنە يوللاپ بېرەرسىز

ۋاقتى: 2013-7-30 17:09:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوھوي سۆز ئۇيۇنى دېگەننى كەلتۈرۋېتىپسىزغۇ ھۇي ماناماشىنداق جۇمۇ

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-8-1 13:55:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ سۆز ئويۇنلىرىنى باشقىلارنىڭ تۈزمەكچى بولغان كىتاپلىرىغا كىرگۈزۈشىنى چەكلەيمىز.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-8-1 13:57:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئۆزەمگە لازىملىق سۆز ئويۇنىنى مۇنۇ يەردىن تېپىۋالدىم، يەنە يوللاپ بېرەرسىز

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش