ھۆپۆپ بىلەن يىلان
( مەسەل)
پولات غەنىزات غەيۇرانى
بىر كۈنى ھاۋا بەك ئىسسىپ كېتىپتۇ. ئىسسىقتىن قورۇققان ھۆپۆپ ئانچەجاپا تارتمايلا بىر ئۇزۇقلۇققا ئىرىشىش نىيىتىدە بىر ئاق تېرەكنىڭ ئاسما شېخىنىڭ خولىغا قونۇۋېلىپ قەيەردىن بىر قۇرۇت-قوڭغۇز چىقىپ قالاركىن دەپ يېرىمكۈن دەرەخ ئۈستىدە تۇرۇپتۇ، ھېچ بىر قۇرۇ-قوڭغۇز ئۇچرىماپتۇ، قورسۇقى ئېچىپ ھالىدىن كېتەي دەپ قالغان ھۆپۆپ ،_ئەمدى ئامال بولمىدى، باشقا بىر يەرگە بېرىپ ئوزۇقلۇق ئىزدەي-دەپ تۇرۇشىغا، دەرەخنىڭ ئاستىدىن بىر سېرىق قۇرۇت ھۆپۆپ قونۇۋالغان دەرەخ غولىغا يامىشى مىدىرلاپ چىقىۋاتقىدەك، بۇ قۇرۇتنى كۆرۈپ ھۆپۆپنىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كېتىپتۇ-دە، ئاستا بېرىپ دۈمبىسىنى بىر چۇقىلاپتىكەن.شۇررىدە قىلىپ قىپقىزىل قان ئېقىپتۇ. ئاغىزى لاۋىزا بولۇپ كەتكەن ھۆپۆپ:
_ بۇ قاندق قۇرۇت؟ نېمىنىڭ گۆشى؟ مەن ئەزەلدىن يەپباقماپتىكەنمەن-دەپتۇ ھۆپۆپ خۇشاللىقىدا ئۆزىنى قويىدىغان يەر تاپالماي.
ھېلىقى قۇرۇت شاققىدە بېشىنى كۆتۈرۈپ ئېغىزىدىن قىپقىزىل نەرسىنى چىقىرىپ ھۆپۆپنىڭ ئۈستى-بېشىغا بىر پۈركىگەنىكەن، ھۆپۆپ ماغدۇرسىزلىنىپ دەرەختىن پوككىدە يەرگە چۈشۈپ كېتىپتۇ.
ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇچالمىغان ھۆپۆپ:
_سەن زادى نېمە؟سەن پىچان قۇرتى ئەمەسما؟ -دەپ سوراپ بولغىچە ئۆلۈپ قاپتۇ. ئۇ ھۆپۆپ بۇ قۇرۇتنىڭ پىچان قۇرت قىياپىتىگە كىرىۋالغان زەھەرلىك يىلان ئىكەنلىكىنى قانداق بىلسۇن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-10 14:09
|