كۆرۈش: 618|ئىنكاس: 3

نىجات سوپى: جەمەت نەسەبنامىسى ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
جەمەت نەسەبنامىسى ھەققىدە

نىجات سوپى

جەمەت نەسەبنامىسى بىر جەمەتتىكى بىر قانچە ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ئەجداد-ئەۋلادلىق باغلىنىشلىرىنى، تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋەتلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ھەمدە ئەۋلادلارنى ئەجدادلىرىنىڭ بېسىپ ئۆتكەن تارىخىي ئىزلىرىدىن خەۋەرلەندۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ شۇ ئائىلە، شۇ جەمەتكە بولغان ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى ئاشۇرىدىغان، تۇغقانلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىجتىمائىي ئالاقىنى كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولىدىغان يازما ماتېرىيالدىن ئىبارەتتۇر.
نەسەبنامىدا نېمىلەر يېزىلىدۇ؟
نەسەبنامىدە ئالدى بىلەن ئەجداد-ئەۋلادلىق مۇناسىۋىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بىر مۇكەممەل شەجەرە بولۇشى كېرەك. «شەجەر» ئەرەبچە سۆز بولۇپ «دەرەخ» دېگەن مەنىدە، يەنى بۇ يەردە بىر جەمەتتىكى كىشىلەرنىڭ بىرقانچە ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتى خۇددى بىر تۈپ دەرەخقە ئوخشىتىلغان بولۇپ، ئەڭ تېگىدىكى غول شۇ جەمەتنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى ئەجدادىنى، كېيىنكى ھەر بىر چوڭ شاخ ئۇنىڭ ئەۋلادىنى، ئۇ شاختىن ئۆسكەن كىچىك شاخ ئىككىنچى كىشىنىڭ ئەۋلادلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئائىلە شەجەرىسى خۇددى بىر تۈپ دەرەخقە ئوخشاش شاختىن شاخ ئاجرىلىپ، بارغانسېرى باراقسان ئۆسۈپ بارىدۇ. نەسەبنامىنى كۆرگەن ھەرقانداق كىشى ئۇنىڭدىكى بىر شەجەرىدىن ئۆزىنىڭ جەمەتىدىكى بارلىق تۇغقانلارنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتىنى بىر قاراپلا كۆرۈۋالالايدىغان بولۇشى كېرەك.
نەسەبنامىدە يېزىلىدىغان يەنە بىر مۇھىم مەزمۇن شۇ جەمەتتىكى ئەجدادلارنىڭ بېسىپ ئۆتكەن تارىخىدىن ئىبارەتتۇر. يەنى شۇ جەمەتتىكى مۇھىم شەخسلەرنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى، ئۆسۈپ-يېتىلىش جەريانى، ئوقۇش، خىزمەت تارىخى، ئائىلە ۋە جەمئىيەتكە قوشقان مۇھىم تۆھپىلىرى، كىشىلىك خاراكتېرى، پەزىلىتى قاتارلىقلار، ئەڭ ئاخىرىدا ۋاپات بولغان ۋاقتى يېزىلىدۇ. بۇ نەسەبنامىنىڭ ئەڭ تەپسىلىي يېزىلىدىغان قىسمى بولۇپ، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئەجدادلىرىنى توغرا تونۇش، ئۇلارنى چۈشىنىش، ئۇلارنى تۆھپىلىرىنى ئۇنۇتماسلىق، ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسى پەيدا قىلىش، شۇ ئارقىلىق ئائىلە ئەزالىرىدا شۇ ئائىلە، شۇ جەمەتنىڭ ئىناۋىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىدىغان كەيپىياتنى بارلىققا كەلتۈرۈشتە ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
نەسەبنامىدىكى يەنە بىر مۇھىم مەزمۇن- نەسەبنامىنىڭ مەزمۇنىغا بىرلەشتۈرۈپ بېرىلىدىغان رەسىم، سۈرەت ۋە باشقا بىرىنچى قول ماتېرىياللارنىڭ فوتو نۇسخىسى قاتارلىقلاردۇر. بۇنداق ماتېرىياللار تېخىمۇ ئوبرازلىق ھالدا جەمەت ئىچىدىكى ھەر بىر شەخسنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى ۋە شۇ تاشقى كۆرۈنۈشتە ئىپادىلەنگەن مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرىنى بىزگە يەتكۈزىدۇ. مەسىلەن، ھەر بىر شەخسنىڭ ياكى ھەر بىر ئائىلىنىڭ يەككە ياكى كوللېكتىپ فوتو سۈرەتلىرى، ئەجدادلاردىن قالغان ۋەسىيەتنامە، ئۈگۈت-نەسىھەت قاتارلىق مۇھىم قوليازما ماتېرىياللارنىڭ ئەسلى سۈرەت شەكلى قاتارلىقلار بېرىلسە، نەسەبنامىدىكى مەزمۇنلارنىڭ قايىل قىلىش كۈچى ئاشىدۇ.
نەسەبنامە يېزىلغاندىن كېيىن شۇ جەمەتنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى ئۈچۈن مەڭگۈلۈك خاتىرە، تەۋەررۈك ماتېرىيال، مۇھىم تارىخىي ھۆججەت بولۇپ قالىدۇ. جەمئىيەتكە تەسىرى بولغان مۇھىم شەخسلەرنىڭ نەسەبنامىلىرى يالغۇز شۇ ئائىلە ئىچى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، بەلكى شۇ جەمەت ياشىغان جاينىڭ پۈتكۈل تارىخىي، ئىجتىمائىي ئەھۋاللىرىنى بىلىشتە ئوخشاشلا مۇھىم تارىخىي ماتېرىيال بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن نەسەبنامىنى ياخشى، بەلگىلىك ئىجتىمائىي قىممەتكە ئىگە قىلىپ يېزىش ناھايىتى مۇھىم خىزمەت ھېسابلىنىدۇ.
نەسەبنامە يېزىش ئەجدادلىرىمىزنىڭ قەدىمدىن داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن بىر ئەنئەنىسى ئىدى. لېكىن، ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئارىلىقتا بۇ ئىش ئۇزۇن بىر مەزگىل سۇسلىشىپ، نۇرغۇن ئائىلىلەردە يېزىلمايدىغان بولۇپ قالدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مىللىتىمىز ئىچىدە ئۆز ئائىلىسى، ئۆز جەمەتىنىڭ نەسەبىنى سۈرۈشتۈرىدىكەن، شۇ ئاساستا نەسەبنامە يازىدىغان كەيپىيات قايتا كۈچەيدى ۋە شۇنىڭ نەتىجىسىدە بىر قىسىم ئائىلە، جەمەتلەرنىڭ نەسەبنامىلىرى بارلىققا كەلدى. بۇلارنىڭ ھەر قايسىسىنىڭ يېزىلىش ئۇسۇلى ۋە سەۋىيەسى، ئۆز ئىچىدە ئالغان مەزمۇنلىرى ئوخشىمايدۇ. بەزىلىرىنىڭ سەۋىيەسى بىرقەدەر يۇقىرى بولۇپ، ھەقىقەتەن پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە دېيىشكە بولىدۇ. لېكىن، بەزىلىرىنىڭ يېزىلىش ئۇسلۇبى توغرا بولمىغانلىقى، مۇھىم نۇقتا بىلەن، مۇھىم بولمىغان نۇقتىلارنى پەرقلەندۈرەلمىگەنلىكى، ئورۇنسىز تۈردە باشقا ژانىردىكى ماقالىلەرنى نەسەبنامىنىڭ ئىچىگە قىستۇرىۋالغانلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بەزى جەمەتلەرنىڭ نەسەبنامىلىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقمىدى.
يېقىندا مەن دوستۇم ئەسئەت ئابدۇرېشىت يازغان «خۇدابەردى جەمەتى نەسەبنامىسى»نى كۆرۈپ ناھايىتى خۇش بولدۇم. ئەسئەت ئابدۇرېشىت ئۆزى قەلەم قۇۋۋىتى يۇقىرى، نامى چىققان يازغۇچى بولغاچقا، نەسەبنامىنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۆز جەمەتىنىڭ ئالدىنقى تۆت ئەۋلاد تارىخىنى توغرا يورۇتۇپ بېرەلىگەن. بولۇپمۇ بوۋىسى ئىبراھىمئاخۇن خۇدابەردى ۋە نەۋرە ئاكىسى مىجىت خۇدابەردى قاتارلىق مۇشۇ جەمەت ئىچىدىكى داڭلىق شەخسلەرنىڭ تارىخى، ئائىلە ۋە جەمئىيەتكە قوشقان تۆھپىلىرىنى ناھايىتى ياخشى يازغان. ئۇندىن باشقا كىتابتا يەنە بۇ جەمەتتىكى ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئىككى دەرىجىلىك ئاددىي شەجەرىسى بېرىلگەن. بوۋىسىدىن تارتىپ كېيىنكى ئۈچ ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ئائىلىنى بىرلىك قىلغان نۇرغۇن فوتو سۈرەتلەرنى كىرىشتۈرۈش ئارقىلىق مەزمۇننىڭ قايىل قىلىش كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغان. بولۇپمۇ بوۋىسى ئىبراھىمئاخۇننىڭ چۆچەكتە قۇرغان ماشىنا كالونىغا ئائىت سۈرەتلەرنىڭ تارىخىي قىممىتى ناھايىتى زور دېيىشكە بولىدۇ. بۇ سۈرەتلەرنى كۆرگەن ھەرقانداق كىشى شۇ ئەجدادنىڭ غەيرىتىگە قايىل بولماي تۇرالمايدۇ. ئېنىقكى، بۇ كىتابنى ئوقۇغان ۋە بۇندىن كېيىن ئوقۇيدىغان مۇشۇ جەمەتتىكى ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ ئەجدادلىرىغا بولغان پەخىرلىنىش تۇيغۇسى پەيدا بولماي قالمايدۇ. ئۇلاردىن ئۆگىنىش، ئۇلارغا يۈز كېلەلەيدىغان ئادەم بولۇش تۇيغۇسىنىڭ تۈرتكىسىدە تېخىمۇ تىرىشىپ، ئۆزلىرىنى كىشىلىك پەزىلەت، ئەخلاق، ئۆگىنىش، خىزمەت نەتىجىلىرى جەھەتتە تېخىمۇ تولۇق يېتىلدۈرۈپ، ئائىلىسى ۋە جەمئىيەتكە تېخىمۇ چوڭ تۆھپىلەرنى قوشۇشقا بەل باغلايدۇ. ئۇندىن باشقا بۇ كىتابتا تونۇشتۇرۇلغان ياش ئەۋلادلاردىن چىقىۋاتقان ئىختىساس ئىگىلىرى، چەتئەللەرگە، ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ ئوقۇۋاتقان ياشلارنىڭ روھىنىڭ تۈرتكىسىدە تۇغقانلار ئارىسىدىكى باشقا قېرىنداشلارمۇ ئۆگىنىش ۋە خىزمەتتە ئۆزلىرىگە بەلگىلىك ئىلھام ئالماي قالمايدۇ، ئەلۋەتتە. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ كىتاب تۇغقانلار ئارىسىدا تارقالغاندىن كېيىن بۇ جەمەتتىكى تۇغقانلار ئارىسىدىكى ئۆزئارا ئارىلىشىش، بېرىش-كېلىش، ياردەملەر تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. تېخىمۇ شەرەبلىك بىر جەمەت بولۇپ، ئەجدادلارنىڭ ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەممەيلەن بىرلىكتە كۈچ چىقىرىدۇ. دېمەك، خۇدابەردى جەمەتىدىكىلەر ئۈچۈن بۇ كىتاب بۇندىن كېيىن ناھايىتى قىممەتلىك ماتېرىيالغا ئايلىنىپ قالغۇسىدۇر.
بۇ كىتابتىكى بەزى مەزمۇنلار بولۇپمۇ ئىبراھىمئاخۇن خۇدابەردىنىڭ چۆچەكتە قىلغان پائالىيەتلىرىنىڭ قىممىتى بۇ ئائىلە، بۇ جەمەتنىڭ تار دائىرىلىك مەنپەئەت چەمبىرىكىدىن ھالقىپ، بىر پۈتۈن چۆچەك جەمئىيىتى، ھەتتا ئەينى چاغدىكى پۈتكۈل شىنجاڭنىڭ ئىچكى-تاشقى ۋەزىيىتىگە بېرىپ تۇتىشىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا بۇ قىسىمنىڭ تەسىر دائىرىسى بۇ جەمەت ئىچىدىلا ئەمەس، بەلكى باشقا نۇرغۇن ئائىلە، جەمەتلەرنىڭ قايىللىقىنى قوزغاپ، ئىختىيارسىز ھۆرمەت تۇيغۇسىنى پەيدا قىلىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بۇ قىسىم بۇ نەسەبنامىنىڭ جەمەتتىن ھالقىغان ئىجتىمائىي قىممىتىنى ياراتقان مۇھىم بۆلەكتۇر. ئۇندىن باشقا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى مىجىت خۇدابەردى ئاكىنىڭ بۈگۈنكى جەمئىيىتىمىز ئۈچۈن قوشقان ۋە قوشۇۋاتقان تۆھپىلىرىمۇ خۇددى يۇقىرىقى مەزمۇنلارغا ئوخشاشلا قىممەتلىكتۇر. بۇنداق يۇقىرى قىممەتكە ئىگە ئالاھىدىلىك ھەممىلا جەمەتنىڭ نەسەبنامىسىدا چوقۇم بولۇشى ناتايىن، شۇنداقتىمۇ مۇشۇنداق ئىجتىمائىي قىممىتى زور مەزمۇنلار بولسا، تىرىشىپ قازغان، ئەلگە تونۇتقان ياخشى.
كىتابتا كەمچىللىكلەر يوق دېيەلمەيمىز، ئەلۋەتتە. كىتابتا مۇكەممەل شەجەرە (دەرەخ ئىسخېمىسى) بېرىلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ھەر بىر ئائىلىسىنىڭ ئىككى دەرىجىلىك ئاددىي شەجەرىسى سىزىپ كۆرسىتىلگەن. ئەسلىدە مۇشۇ ئاساستا پۈتۈن تۆت ئەۋلاد بارلىق تۇغقانلارنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتىنى تولۇق كۆرسىتىپ بېرىدىغان مۇكەممەل بىر شەجەرە سىزىلغان بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى. كېيىنكى تولۇقلىمىلاردا بۇ نۇقتىغا دىققەت قىلسا بولىدۇ. يەنە بىرسى ئىملادا بەزى خاتالىقلار بار ئىكەن. مەيلى كىم بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر نەسەبنامە يازغاندا ئىملاغا ناھايىتى دىققەت قىلىش كېرەك. چۈنكى ئۇ ئەۋلادتىن ئەۋلادقا قالىدىغان مىراس، كېيىنكىلەر بىزنىڭ ئىملا خاتالىقلىرىمىزنى كۆرسە ياخشى بولمايدۇ. يېقىنقى ياش ئالىمىمىز ئالىم ئەھەت ئۇيغۇرسوفت كوررېكتور يۇمشاق دېتالىنى توردا ھەقسىز تارقاتتى (http://imla.uighursoft.com/ug-CN). ئىملادا بۇندىن كېيىن مۇشۇ دېتالنى ئاساس قىلىپ تۈزىتىش ئېلىپ بارساق، بۇ خاتالىقنىڭ ئەۋلادلارغا يېتىپ بېرىشىدىن ساقلىنىپ قالالايمىز.
بۇ كىتابنى كۆرگەندىن كېيىن مەن شۇنى ھېس قىلدىمكى، جەمئىيىتىمىزدە باشقا ئائىلە، جەمەتتىكىلەر بۇندىن كېيىن نەسەبنامە يازماقچى بولسا، ئەسئەت ئابدۇرېشىتنىڭ مۇشۇ كىتابىدىكى ئاساسىي قۇرۇلمىسى ئۆرنەك قىلسا بولغۇدەك. ئۇندىن باشقا بۇ كىتاب مەندە يەنە تۆۋەندىكى پىكىرلەرنى پەيدا قىلدى.
1) نەسەبنامە يېزىشتا ھەممىلا جەمەتتىن ئەسئەت ئابدۇرېشىتقا ئوخشاش يازغۇچى چىقىشى ناتايىن، يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ باقمىغان كىشىلەرنىڭ بۇنداق ئۆلچەملىك نەسەبنامە يازالىشى قىيىن. شۇڭا، بۇنداق ئائىلىلەر قانداق قىلىشى كېرەك؟ مېنىڭچە، بىر ياخشى ئۇسۇل نەسەبنامە يېزىشنى يازالايدىغانلارغا ھاۋالە قىلسا بولىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەپ، ئالاقىدار زىيارەتلەرنى ئاكتىپ قوبۇل قىلىپ، بۇ جەريانغا كەتكەن چىقىملارنى كۆتۈرۈش، مۇۋاپىق قەلەم ھەققى بېرىش يولى بىلەن قەلىمى كۈچلۈك كىشىلەرگە ئۆز جەمەتىنىڭ نەسەبنامىسىنى ۋاكالىتەن يازدۇرسا بولىدۇ. مېنىڭچە، يازغۇچىلارلا ئەمەس، بەلكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلىرىمۇ سەللا تىرىشسا بۇ ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ.
2) شۇ رايوندا جەمئىيەتتە بەلگىلىك تارىخىي، ئىجتىمائىي تەسىرى بولغان ئائىلە، جەمەتلەرنىڭ نەسەبنامىسىنى قولۇم-قوشنا، دوست-بۇرادەرلىرى ھەمكارلىشىپ، ياردەم قىلىپ چوقۇم يېزىپ چىقىش كېرەك. بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تارىخىي ئورنىنى تىكلىگىلى، باشقا ئائىلە، جەمەتلەرگە ئۈلگە قىلغىلى بولىدۇ. مەسىلەن، ئىلى رايونىغا نىسبەتەن، بۇ دىياردا يېقىنقى زاماندا ئۆتكەن ئىلى ھاكىمبەگلىرىنىڭ جەمەتى، خەلق قەھرىمانى سادىر پالۋاننىڭ جەمەتى، داھى ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ جەمەتى، كارخانىچى مۇسابايوفلار جەمەتى، شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ جەمەتى... دېگەنلىك تارىخىي شەخسلەرنىڭ جەمەتىنىڭ نەسەبنامىسى قانداقلا بولمىسۇن چوقۇم يېزىلىشى كېرەك. بۇنىڭغا قارىتا شۇ جەمەتلەرنىڭ بۈگۈنكى ئەۋلادلىرى، ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى دوست-بۇرادەرلىرى ياكى قەلەم كۈچى زور ياشلار كۈچ چىقىرىشى كېرەك. ئائىلە جەمئىيەتنىڭ ھۈجەيرىسى، ئائىلىنىڭ شەرىپى تۇرغۇزۇلسا، ئىناۋىتى تىكلەنسە، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئىلگىرىلىشىگە نىسبەتەن تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. شەرەپلىك تارىخقا ئىگە جەمەتلەرنىڭ نەسەبنامىسى يېزىلسا، شۇ جەمەت ئۈچۈنلا ئەمەس، پۈتكۈل جەمئىيەت ئۈچۈن پايدىلىق.
ئاخىرىدا مەن، دوستۇم ئەسئەت ئابدۇرېشىتنى بۇ كىتابى بىلەن يەنە بىر قېتىم مۇبارەكلەيمەن. ئەسئەت، جەمەتىڭنى بىزگە تونۇتقانلىقىڭدىن خۇرسەنمىز. جەمەتىڭنىڭ ئىچىدىكى ئىبراھىمئاخۇن خۇدابەردى، مىجىت خۇدابەردى ۋە ساڭا ئوخشاش ياراملىق كىشىلەرنىڭ يەنىمۇ كۆپلەپ چىقىپ، جەمەتىڭلارنىڭ ئىناۋىتىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتىرىشىنى، جەمئىيەتكە يەنىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشۇشىڭلارنى تىلەيمىز.

2015-يىل 1-ئاينىڭ 9-كۈنى، غۇلجا.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-9 23:53  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-1-10 10:54:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستاز ناھايتى ياخشى يېزىپسىز، ئەسئەت ئاكىنىڭ ئۇ كىتابىنى كۆرىدۇق لىكىن كىتاپخانلارغا سالماپتۇ. بولسا بۇ جەھەتتە تېخمۇ ئىنىچكە ماتىرياللار بىلەن بىزنى تەمىن ئەتسىڭىز!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-10 21:22:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسئەت ئابدۇرېشىتنىڭ بۇ كىتابى ئىچكىي قىسىمدا پەقەت تۇغقانلار ئارىسىدا تارقىتىلىپتۇ. شۇڭا، كىتابخانىلارغا سېلىنمىدى. ئالاقىدار مەزمۇنلارنى كۆرمەكچى بولسىڭىز ئەسئەتنىڭ ئۆزى بىلەن ياكى مۇشۇ توربەتنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئەيبۇ بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.

ۋاقتى: 2015-1-10 22:43:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە.قوللىرىڭىز بەرىكەتلىك بولسۇن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش