‹‹قەشقەر گېزىتى››ئۆزىنىڭ تارىخنىڭ ئۇزۇنلىقىدىن باشقا ئۆزىگە سىغدۇرغان ،ئۆزى ئارقىلىق كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە يەتكۈزگەن مول ‹‹مەھسۇلاتلىرى›› بىلەن كۆزىمىزگە تاشلىنىپ كەلگەن نوپۇزلۇق گېزىت ئىدى.بولۇپمۇ بۇ گېزىتنىڭ ‹‹قەشقەر گۈلزارى››بېتى 50-يىللاردىن بۇيان ھەپتىدە بىر سان ئىشلىنىپ تاكى يېقىنقى يىللارغىچە كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە بەدىئىي زوق بېرىپ كەلگەن ؛ئۆز ئەتىراپىغا نۇرغۇنلىغان ياش،ئوتتۇرا ياش ،پىشقەدەم شائىر، يازغۇچى، ھەۋەسكارلارنى ئويۇشتۇرۇپ ،ئۇلارغا كەڭ سەينا -سورۇن ھازىرلاپ بېرىپ ،ۋىلايىتمىزنىڭ ئەدەبىيات سەنئەت ئىشلىرىنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشى ئۇچۇن تۆھپە قۇشۇپ كەلگەن قەشقەردىكى ئانا گېزىت ئىدى.لېكىن بەزىبىر سەۋەپلەر تۇپەيلى 4-5 يىلدىن بۇيان بۇ گۈلزارلىق تەدرىجى ئۆز خاسلىقىنى،گۈزەللىكىنى ۋاقتى -قەرەلىدە ئاممىغا نامايان قىلىپ بولالمىدى.بىر يىلدا كەمىدە 45 سان چىقىدىغان بۇ ‹‹قەشقەر گۈلزارى›› ئۆتكەن يىلى ئاران 11سان ئىشلەندى.بۇ سانلارمۇ بايراملىق سوغا سۈپتىدە ھەدىيە قىلىندى.
نۆۋەتتە ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا، جۇملىدىن قەشقەر ۋىلايىتىمىزدە ئىلغار مەدەنىيەت ئارقىلىق ئاممىنى يىتەكلەش،ئاممىغا ئىلھام بېرىش، شۇ ئارقىلىق پۇخرالارنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشىنى بېيىتىپ ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدى ئېلىش تەكىتلىنىۋاتقان ،يولداش شې جىنفىڭ باش شۇجى يېقىندا ئۆتكۈزگەن ئەدەبىيات- سەنئەت سۆھبەت يىغىنىدا ئەدەبىيات- سەنئەتنى موللاشتۇرۇش، ئاممىغا يېقىنلاشتۇرۇش ،زامانىۋىي مەدەنىيەت ئارقىلىق ئاممىنىڭ ئىشەنچىسىنى يۇقۇرى كۆ تۇرۇشنى تەكىتلىگەن ؛ھەر قايسى ناھىيە، شەھەرلەردىمۇ ئۆزىنىڭ گېزىتى،ژۇرنىلى بولۇشتەك ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كىلىۋاتقان شارائىتتا بۇ گۈلزارلىق تېخىمۇ ياشىرىشى، ئۆزىنىڭ سەرخىل ، دەۋىر مىلۇدىيەسى ئەكىس ئەتتۇرۇلگەن ئەسەرلىرى ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ مەنىۋىيىتىنى بېيىتىشى كېرەك ئىدى.
مەن ئاخىرىدا ‹‹قەشقەر گېزىتى›› ئىدارىسىدىكى رەھبەرلەرنىڭ ‹‹قەشقەر گۈلزارى››نى قايتا جۇلالىتىپ، يېڭىچە قىياپەت بىلەن ئەسلىدىكىدەك ھەر ھەپتىدە چىقىرىشىنى سەمىمىي ئۇمۇد قىلىمەن.
|