يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 1953|ئىنكاس: 16

مەمتىمىن قادىر: مېنىڭ كۆزەينەك تاقىغۇم يوق (ھېكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                          مېنىڭ كۆزەينەك تاقىغۇم يوق
                                                                             (ھېكايە)
                                                                      مەمتىمىن قادىر
  ـــ ماشىنىنىڭ ئەينىكىنى چۈشۈرۈپ، ئالدىنقى كۈنى ئورۇنلاشتۇرغان خىزمەتلەر  ئورۇندالدىمۇ – يوق ، تەپسىلى قاراپ مېڭىڭلار ، يېزىغا بارغاندا خۇلاسسە يىغىنى ئاچىمىز.
  ـــ ماقۇل ما جۈجاڭ، خاتىرجەم بولسىلا، ئالا قويماي تەكشۈرىمىز.
  ـــ قارىسىلا جۈجاڭ،ئاۋۇ  قوناقلار ئورۇلماپتۇ،ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئوقۇتقۇچىلار①نېمە ئىش قىلغاندۇ...
  ـــ يېڭى شاڭجاڭ تازا كەسمەس ئاداشمۇ نېمە ،ئوقۇتقۇچىلارنى بايرامدا بىكار قويغىنىنى قارا...
  ـــ ئېھتىيات بىلەن كەسمىسە ئانا تومۇرغا تېگىپ كىتىپ،كونا شاڭجاڭدەك قېنىنى توختىتالمايدۇ...
  ـــ قاراپ باقسىلا جۈجاڭ، بۇ خەقنىڭ قىلغان ئىشىنى، ماۋۇ ئېتىزدىكى ...
  ـــ نېمە تولا گەپ بۇ! مېنىڭ كۆزۈم يىراقتىكى نەرسىلەرنى تازا ئاڭقىرالمايدۇ ، ئۇنىڭ ئۇستىگە بۇنداق ئۇششاق گەپلىرىڭنىڭ قايسى بىرىنى ئەستە تۇتۇپ بولىمەن، ئەڭ ياخشىسى  ئەستايىل  خاتىرە قالدۇر  ! ماشىنا ئىچى ئاۋالقىدەكلا تىنىچلاندى. ما جۈجاڭ  بۇرنىنىڭ  ئۇچىغاچۈشۈپ  قالغان كۆزەينىكىنى ئۆرە  قىلىپ ، قۇچىقىدا  ئولتۇرغان ئوغلىغا  قارىدى . شۇ تاپتا بالا چۈشۈرۈلگەن ماشىنا ئەينىكىدىن بېشىنى چىقىرىپ ئورما ئورۇۋاتقان كىشىلەرگە،كەڭرى كەتكەن دالىلارغا،ئۇ يەردە ئوتلاۋاتقان توپ-توپ پادىلارغا،يول بويلىرىدىكى ئېرىقچىلاردا سۇغا چۈمۈلۈۋاتقان ئۆزى بىلەن تەڭتۈش بالىلارغا...شۇنچىلىك قىزىقىش ئىچىدە زەن سېلىۋاتاتتى. بۇ  يىل ئالتە  ياشتىن  ئېشىپ،مەكتەپكە  قوبۇل قىلىنغىنى بىر ئايچە بولغان بۇ  ئوغلىنىڭمۇ  چوڭ  ئوغلىدەك بەڭباش ، يارامسىز  بولۇپ  قېلىشىدىن ئىزچىل  ئەنسىرەپلا كېلىۋاتقان ما جۈجاڭ يېزا  تۇرمۇشىنى، دېھقانلارنىڭ جاپاكەشلىكىنى ئوغىلغا كۆرسىتىپ قويۇش ئۈچۈن بۈگۈن ئۇنى ئۆزى بىللە ئېلىپ كەلگەن ئىدى.
  ــ دادا،دادا، قارىغىنە، ئۇلار نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ ؟
  ــ ئۆستەڭ چېپىۋاتىدۇ. سەنمۇ ياخشى ئوقۇمىساڭ،كېيىن ئاشۇنداق ئۆستەڭ چاپىسەن.
  ــ دادا، مەن بوۋامنى كۆردۈم !  قارىغىنە،ئەنە ئاياقتىكىسى بوۋام، ــ دادىسنى سىرىتقا قاراشقا دەۋەت قىلىۋاتقان بالا ئۇنىڭ سىمىزلىكتىن  ساڭگىلاپ كەتكەن  پارقىراق مەڭزىنى بىر قولىدا ئىتتىرىگەچ، ماشىنا ئەينىكىدىن چىقىرىۋالغان  يەنە بىر قولىدا  تامبىلىنىڭ پۇشقىقى تىزىغىچە تۈرۈلگەن،ھەر كەتمەن سېلىپ توپا  ئاتقاندا  ئۇزۇن   چار  ساقاللىرى  يەلپۈنىۋاتقان،  ئېگىز  بوي،  گەۋدىلىك  بوۋاينى  توختىماي  كۆرسىتىۋاتاتتى، ــ قارىساڭچۇ، بوۋام نېمە دېگەن باتۇر! كۆزەينىكىڭنى ئېلىۋىتىپ بىر قارىغىنە...
  ــ ئوخشىتىپ قالدى، ــ دېدى  ما جۈجاڭ بالىنى جىملىگەچ ئارقىدا ئولتۇرغانلارغا قاراپ،ــ داداملارنىڭ ھاششىرىنى يېزا باشلىقىغا تاپىلاپ قويغان.
  ــ كىچىڭ بالا ئەمەسمۇ،ئوخشىتىپ قالدى،سىلى بار يەردا چوڭلار ھاششار چېپىپ يۈرمەيدۇ .
  ــ دادىللىرى تولىمۇ سالاپەتلىك ئادەم،مەن ئۇنى ئۆيلىرىدە بىر قېتىم كۆرگەن،بۇ يەردە بولسا تونۇماي قالاتتىممۇ؟ كىچىك ئەمەسمۇ، ئوخشىتىپ قاپتۇ، توغرا چۈشىنىمىز...
  ــ ياق،بوۋام شۇ  ! ــ بالا  ئارقىدىكى ئۈچ كىشىگە قاراپ ئۈنلۈك ئاۋازدا  شۇنداق دېدى ۋە  دەررۇ دادىسى تەرەپكە بۇرۇلدى ، ــ ھە  راست  دادا ، نۇرزاتنىڭ بوۋىسىغا  نېمىشقا بوۋامنىڭكىدەك  ساقال چىقمايدۇ؟ ئۇنىڭغا ساقال چىققاندا ئاندىن پەلەمپەيدىن ئۆزى چىقالامدۇ؟...
  ــ  پىشقەدەم  رەھبىرىمىز قان بېسىم كېسىلىدىن  قۇتۇلۇپ كەتسە بۇلاتتى، ــ دېدى ما جۈجاڭ  يەنەبالىنى جىملىگەچ يېنىدىكى شوپۇرغا قاراپ،ــ ئوغلۇمنىڭ گەپلىرىنى كۆڭلۈڭگە ئالمىغىن،ھە.
  ــ تېخى كىچىك ئەمەسمۇ، ھېچقىسى يوق،توغرا چۈشىنىمەن...
                                                                      ﹡       ﹡       ﹡
  ما جۈجاڭ  يېزىنىڭ  يىغىن  زالىدا ئالاھەزەل ئىككى سائەت  ئەتىراپىدا   نەپسى  بوغۇلغىدەك  سۆزلەپ  خۇلاسسە يىغىنى  ئېچىپ  ،  ئەھۋالنى  دادىسىنىڭ   ئۆز   ئاغزىدىن  ئاڭلاش  نىيىتىدە پىشىنگە يېقىن چوڭ ئۆيگەكەلدى ۋە ھويلىغا كىرە كىرمەيلا دەرۋازا ئالدىدا چامغۇر ئاقلاۋاتقان ئانىسىدىن سورىدى:
  ــ ئانا تىچلىقمۇ؟ دادام ئۆيدە بارمۇ ؟
  ــ   بالام  سالامەتچىلىكتۇ   ؟  داداڭ  ھاشاردىن  كېلىپلا  قېتىق  ئىچىمەن  دەپ  داستىخانغا ئولتۇرغان...
  ــ ھوي، مامۇتۇممۇ  سەن بالام ،  ــ   موماينىڭ گېپى تۈگىمەستىنلا  ھويلا ئىچىدىن  بوۋاينىڭ بوم ئاۋازى ئاڭلاندى ۋە ماجۈجاڭ ھويلىغا كىرىپ بولغىچە پۇچقاقلىرى تېخىچە چۈشۈرۈلمىگەن كەڭ تامبىلىنىڭ كاسىسىغا يۇققان  توپىنى قاققاچ  يالاڭ  ئاياغ   قوپال  پۇتلىرىدا  چوڭ - چوڭ  قەدەم  ئېلىپ ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ ، يىرىك  ھەم  قاتتىق  قوللىرىدا  ما جۈجاڭنىڭ  يۇمشاق پاختىدەك  قوللىرىنى چىڭ سىقتى، ــ تىچلىقمۇ بەگ بالام،كىلىن قىزىم،نەۋرىللىرىم سالامەتمۇ؟
  ــ  بوۋا  !  ــ  ماشىنىدىن چۈشۈپلا ۋارقىرىغىنىچە جان جەھلى بىلەن يۈگۈرگەن بالا  ،  ئۆزىنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ ئىڭىشكەن  بوۋاينىڭ  يېرىم  ئېچىلغان  كەڭ ھەم  مويلۇق  قوينىغا  ئۆزىنى ئاتتى.
  ــ قېنى،ھويىلىغا كىر، ــ دېدى بوۋاي قوينىدا بېلىقتەك پىلتىڭشىپ، يىرىك مەڭزىگە تويماي سۆيۈۋاتقان نەۋرىسىنى ئەركىلەتكەچ ماجۈجاڭنى ئۆيگە تەكلىپ قىلىپ ، ــ ئەتىگەندىن بىرى ئىشلەپ ئاچقانسەن، قېنى داسىتىخانغا كەل .
  ــ دادا، سىز بۈگۈن نېمىشقا يەنە ھاششارغا ...
  ــ ئاۋۋال تائام ئاندىن كالام ، ئاۋۋال داستىخانغا كەل . سېنىڭ نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىڭنى بىلىمەن ،  يەنە شۇ ئالدىنقى قېتىمقىدەك ھاششارغا نېمىشقا چىقتىڭىز، دەيسەن شۇ  !  يەنە ئوخشاشلا ساڭا دەيدىغىنىم: مېنىڭ ئەل قاتارىدىن قالغىم يوق !
  ما جۈجاڭنىڭ ئارقىسىدىن مېڭىۋاتقان بوۋاي گۈسۈلدەپ دەسسىگىنىچە ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ،  سۇپىغا سېلىنغان داستىخانغا كېلىپ بايىقى ئىزىدا ـــ قاتتىق داق يەردىلا ئولتۇردى.
  ــ دادا ، قاتتىق ھەم توپا  يەردە ئولتۇرغىچە  ماۋۇ  كۆرپىدە  ئولتۇرسىڭىز  بولمامدۇ  ؟ ــ  دېدى ما جۈجاڭ  ئانسى سالغان  كۆرپىدە  ئولتۇرۇپ  ،  ئالدىدىكى  قېتىقنى  قوشۇقتا  خۇشياقمىغان ھالدا  قوچىغاچ.
  ـــ يۇمشاق يەردە ھاردۇقۇم چىقمايدۇ.ھە،قاراپ تۇرماي ، بىر توغرام نان چىلا.قېتىق بىلەن زاغرا تازا كېلىشىدۇ.
  ـــ ھېلى يېزىدا شورپا ئىچىپتىكەنمەن، قېتىق ئىچىمنى سۈرۈۋىتەرمىكىن دەيمەن .
  بوۋاي ئۈندىمىدى .  ئۇ بۇژۇلداپ تۇرغان  قاچىدىكى قېتىققا يېرىلىپ  پىشقان  زاغرىنىڭ  بىر پارچىسىنى بازغاندەك  قوللىرىنىڭ ئاراچلىرىدىن تالقاندەك  ئۇۋاپ سېلىپ لىقلىدى ۋە  ئۈجمە  ياغىچىدىن  ياسالغان  قوشۇق  بىلەن  ئېلشتۇرۇپ  ،  ئۈستىگە  ئازراق سۇ  قۇيدى  ،  ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىگە  ھەيرانلىق  ۋە قىزىقىش ئىچىدە قاراپ قۇچىقىدا ئولتۇرغان نەۋرىسىنىڭ مەڭزىگە بىرنى سۆيگەچ ئۇنىڭ قولىغا بىر بۇردا زاغرىنى تۇتقۇزۇپ قويۇپ ئاندىن قاچىنى قولىغا ئالدى.
  ـــ  ئەكەل  ناننى !  زەردەم  قاينىدى دەپ تولغىشىسەن ھېلى ،ــ ما جۈجاڭ شۇنداق دەپلا بالىنىڭ قولىدىكى ئەمدى ئاغزىغا تەڭلەۋاتقان زاغرىنى«كاپپىدە»تارتىۋالدى.
بوۋاي  نېمىشقىكىن يەنە ئۈندىمىدى، ئەمما  ئۇنىڭ قاچا تۇتقان قوللىرى بىلىنەرلىك تىتىرەپ كەتتى  .  شۇنداقتىمۇ   بوۋاي  بىلىندۈرمەي  ،  ئوڭ  قولىدىكى  قوشۇقنى  قاچىغا   چۆكۈرۈپ -چۆكۈرۈپ سېلىپ، نېنى يۇمشاپ  ئوماچتەك  بولۇپ  كەتكەن  قېتىقنى ئىچىشكە باشلىدى. بىردەم  جىم  بولۇپ  كەتكەن  بالا  بوۋاينىڭ  قۇچىقىدا  ئولتۇرۇپ   ،  ئۇنىڭ  قارا   دۇخاۋىدىن ئۆرۈلگەن بەلبېىغىغا  ئېسلغان ئېسىل غىلاپتىن كۆرۈنگەن پىچاقنىڭ سىپتا نەقىشلەنگەن سېپىنى تۇتۇشى بىلەن ما جۈجاڭنىڭ ئاغزى يەنە ئېچىلدى.
  ـــ  چېقىلما ، قولۇڭنى كىسىۋالىسەن !  بوۋاڭنىڭ  قۇچىقىدىن چۈشۈپ كەت  !  قارا، قىممەت چاپىنىڭغا قېتىق تېمىپ كېتىپتۇ.
بالا سەل تۇلغىشىپراق بوۋاينىڭ قۇچىقىدىن ئۆرە بولدى ۋە بىردىنلا سەبىي كۆزلىرى نۇرلىنىپ،ئويناقشىپ يۈگۈرگەن  پېتى سۇپىدىن پەسكە  سەكرىدى  ۋە  بوۋاي تېخى ھېلىلا  پاكىز  سۈرتۈپ  قويغان، بىسى يالتىراپ تۇرغان كەتمەننىڭ يېنىغا بېرىپ سېپىنى تۇتتى.
  ـــ بوۋا،بۈگۈن ئۆستەڭنى مۇشۇ كەتمەندە چاپتىڭ،ھە! مەن سېنى ماشىنىدا كېتىۋېتىپ كۆردۈم،لىكىن ، دادام سېنىڭ باتۇرلىقىڭنى كۆرەلمەي قالدى ، شۇنچە كۆرسەتسەممۇ ، كۆزەينىكىڭنى ئېلىۋىتىپ قارا دېسەممۇ ئۇنىمىدى ، تېخى ئۇ ماڭا : « ئوخشىتىپ قاپسەن » دەيدۇ، « بوۋام شۇ »دېسەم،بىقىنىمىنى چىمدىۋالدى...
  ـــ  قۇرۇق گەپنى قىلماي ، ئەكەل كەتمەننى ،  بىر يىرىڭگە  تەككۈزۈۋالىسەن  ! ــ  ما جۈيجاڭ ئىرغاڭلاپ بېرىپ ، ئۇنىڭ قولىدىكى كەتمەننى تارتىۋېلىپ بۇلۇڭغا ئىرغىتىپ تاشلىدى ، بالا شۇ  ئەسنادا  پاقلاننىڭ  مەرىگەن ئاۋازىنى ئاڭلاپ  قوتان  تەرەپكە مېڭىۋىدى ما جۈجاڭ  ئۇنىڭ قولىدىن «كاپپىدە» تۇتۇۋالدى ۋە كايىغىنىچە سۇپىغا ئېلىپ كەلدى، ــ ئەمدى ماياق تىرىپ كېيىملىرىڭنى چىلە پۇرۇتۇپ چىقاي دېگەنما؟ھۇھ،ئادەم بولمايدىغان!
  ـــ  ئۇنى ئادەم  بولغىلى قويىساڭ  ئاندىن  ئادەم  بولىدۇ  ! ــ  چىداپ  تۇرالماي  ئېغىز  ئاچتى چىنىدىكى  ئۇتتۇرا قالغان  قېتىققا  يەنە  ئازراق  سۇ  قۇيۇۋاتقان  بوۋاي  تاماق  يەۋاتقاندا  گەپ قىلمايدىغان ئادىتىنى بۇزۇپ،ــ سەن ئۇنىڭغا ھېچ ئىشنى قىلغىلى قويمىساڭ ، ئەلۋەتتە ئادەم بولمايدۇ دە ، -ئۇ !  شۇنداق كۆندۈرۈپ  چوڭ  ئوغلۇڭنى دورۇپ  قالمسۇن  بۇ بالىمۇ . ھېلىقى چاغدىمۇ ھەپتە بولمايلا ئېلىپ كەتتىڭ،ئەمدى قويۇپ كەت،مەن ئۇنى بىر قوللۇق تەربىيلەپ،ئوقۇتۇپ تۈزۈك ئادەم قىلىپ قاتارغا قوشاي.
  ـــ ئا ... ھاي ،  بولدى قىلىڭە  !  سىز مۇشۇنداق دەپ ،  يەنە تېخى ئاتقا  مىندۈرۈپ  ئوغلاققا، چېلىشلارغا   ئاپىرىپ  يۈرۈپ    يامان  ئۆگىتىپ   قويدىڭىز   ،   شۇڭا  ھە  دېسىلا    سىزنىڭ خەقىشىڭىزنى قىلىپ  گەپكە كىرمەس بولۇۋالدى بۇ بالا ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ سەھرادا ئوقۇپ قانچىلىك ئادەم بولاتتى ئۇ !
  ـــ سەنمۇ شۇ مۇشۇ سەھرادا ئوقۇپ كادىر بولدۇڭغا ئاينا، قويۇپ كەت، ئۆزۈم تەربىيلەيمەن !
  ئاتا  -بالىنىڭ  ئىككەيكەننىڭ  بارغانسىرى كۈچىيىۋاتقان  پاراڭلىرى  مەھەللىدە  چامغۇر ئاقلاۋاتقان  موماينىڭ قۇلىقىغا  كىردىمىكىن، ئۇ يېرىم غەلۋىر  چامغۇرنى كۆتۈرۈپ دوڭغاسلاپ ماڭغىنىچە  ھويلىغا كىرىپ كەلدى.
  ـــئاللا دادىسى،قۇرۇق تەمەدە بولماي قېتىقلىرىنى ئىچسىلە،ـــدېدى موماي ئېلىپ كىرگەن چامغۇرنى ھويلىدىكى ئورىغا تۆككەچ،ـــ كېلىن قىزىمىز نېمە دەيدۇ تېخى،ئۇ ئوغلىغا ھەرگىز چىدىمايدۇ.
  بىردە  بوۋىسىنىڭ ، بىردە  دادىسىنىڭ  ئاغزىغا  قارىغىنىچە  ئامال قىلىپ كەتمەسلىكىنىڭ  قازىنىنى ئېسىۋاتقان  بالا سەل  قوزغىلىپ  بوۋىسى تەرەپكە ئىنتىلىۋىدى ، دادىسنىڭ  نوقۇشى بىلەن جىمىقتى.
  ھېلىدىن  بىرى  ئوغلىنىڭ  دېگەن، قىلغانلىرىدىن كۆڭلى  لەت  يىگەن بوۋاينىڭ شۇ تاپتا ئىشتىھاسى قاچقان  ئىدى.شۇنداقتىمۇ تاماقنى ئاشۇرۇشنى ئەزەلدىن خوپ كۆرمەيدىغان بوۋاي قاچىنى قولىغا ئېلىپ  قوشۇق سالدى  ۋە  ئىشىتىھا بىلەن يېگەن چاغىكىدىنمۇ  تىزراق يەپ  قاچىنى قۇرۇقدىدى .  بوۋاي  ئادىتى  بويىچە  قاچىغا  ئازراق سۇ قۇيدى . قاچا  يۈزىدىكى نان ۋە قېتىق  يۇقۇندىللىرى  پاكىز  بولغانغا  قەدەر قاچىنى تەكشى چايقىدى ـ دە ،  ئۇنى ئىچىشكە باشلىدى.
ـــ ماۋۇ  دادامنى  ،  نېمە قىلىۋاتىدىغاندۇ ؟!  ــ  دېدى ما جۈجاڭ  بوۋاينىڭ قولىدىكى  قاچىنى تارتىۋالىدىغاندەك   ئالدىغا   ئىنتىلىپ  ،   ــ   ئىچمەي  تۆكۈۋىتىڭە   ئۇ   يۈندىنى  !   شۇنداق قىلىقلىرىڭىزدىنمۇ ماشىنىدىكىلەرنى ئۆيگە تەكلىپ قىلالماي مەھەلىدە ساقلاپ قالدى. ئۇن، ماي  ھەل قىلىپ  بەرسەم باشقىلارغا بىرىۋىتىپ ، مۇشۇ  زامانلاردىمۇ زاغرا  يەپ  ، يېڭى  كېيىم ئېلىپ بەرسەم  سىقىلىپ  قالدىكەنمەن ، دەپ  كېيمەي نەدىكى جەندىلەرنى ئۇچىسىغا ئارتىپ،ھاششارغا بارماڭ دېسەم يەنە،ھەي...
بۇ  قېتىم  بوۋاينىڭ  لىۋىگە  ئەمدىلا  تەگكەن قاچىنى  تۇتقان  قوللىرىلا  ئەمەس  ، قاچىنىڭ ئاستىدىن  كۆرۈنگەن  قويۇق  ساقاللىرىمۇ  بىلىنەرلىك  تىتىرەپ كەتتى .  بوۋاي  خۇددى  ئوغا ئىچىۋاتقاندەك  خېلى تەستە  قاچىنى قۇرۇقداپ  داسىتىخانغا  قويدى  ۋە  ئالدىراپلا  قىسقا دۇئا قىلىپ،ئورنىدىن قوزغالدى.
  ـــ ھوي،ئانىسى،ــ چاقىردى بوۋاي كالىچىنى پۇتىغا ساپقاچ،ـــ پىشىن بولدى،تەرەتكە سۇ تەييالا.
   بىر  ئازدىن  كېيىن  ئىۋرىق  كۆتۈرۈپ  ھويلىدا  پەيدا  بولغان  موماي  بالىسىغا  پەش قىلىپ  قولىدىن تارتقىنىچە ھويلىنىڭ ئوتتۇرسىغا كىلىپ بولغان ئوغلىنى كۆردى ۋە بوۋايغا قاراپ :
  ـــ ماڭسىلا، بالىلارنى  ئۇزۇتىۋىتىپ  ئاندىن  ئوقۇسىلا  نامازلىرىنى، ــ دېدى .  شۇ  ئەسنادا بالا  دادىسىنىڭ قولىدىن يۇلغىنىپ،ئوقتەك يۈگۈرۈپ كىلىپ بوۋاينىڭ پىشىگە ئېسىلىپ يىغلاشقا باشلىدى.
  ـــ بوۋا،مەن سىز بىلەن قالىمەن،كەتمەيمەن،سىز بىلەن ھاشارغا بارىمەن،كەتمەيمەن...
بوۋاي  بالىنى  كۆتۈرگىنىچە  دەرۋازا   ئالدىغا  چىقتى  ۋە  ئۇنى  يەردە   قويۇپ  ،  قۇلىقىغا  بىر  نېمىلەرنى پىچىرلىدى  .  بالىنىڭ  بىردىنلا  كۆزلىرى نۇرلىنىپ ، چىرايىدا  خۇشاللىق  جىلۋە قىلىپ ،  يۇملاق ھەم  سۈزۈك  مەڭزىدە  يۇلتۇزدەك بىر جۈپ زىناق  پەيدا  بولدى . بالا بوۋاينىڭ  ئىككى قۇلىقىنى تۇتۇپ  تۇرۇپ  ئىككى مەڭزىگە  بىردىن  سۆيگەندىن كېيىن  ئۆزىچىلا  ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشتى.
  ـــ بوۋا،چوقۇم گېپىڭىزدە تۇرۇڭ،ماڭا كىچىك كەتمەن ياسىتىشىنى ئۇنۇتماڭ، خوش بوۋا...
  ـــ بالام،داداڭنىڭ گېپىگە كىرىپ،تىرىشىپ ئوقۇپ داداڭدەك كادىر بول.
  ـــ ياق بوۋا، مېنىڭ دادامدەك  كۆزەينەك  تاقايدىغان كادىر  بولغۇم  يوق !  چۈنكى سىز يىراققا كەتسىڭىز كۆرەلمەي قېلىشتىن قورقىمەن، مېنىڭ پەقەت سىزدەك باتۇر بولغۇم بار بوۋا ...
   نەۋرىسىنىڭ    ئارقىسىدىن   قاراپ   قالغان   بوۋاينىڭ  تېخىچە   نۇرىنى   يوقاتمىغان  چوڭ  كۆزلىرىدىن  ئىككى تامچە  خۇشاللىق  يېشى سىرغىدى ...

ئىزاھات:

① جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ بىر قىسىم ناھيىللىرىدە ئوقۇتۇش توختىتىپ ياكى دەم ئېلىش،بايرام،تەتىل كۈنلىرىدىن پايدىلىنىپ ئوقۇتقۇچىلارنى يېزا ئىگىلىك ئىشىلىرى ۋە باشقا تۈرلۈك ئىشلارغا مەجبۇرى تەشكىللەيدىغان ئەھۋاللارغا قارىتىلغان .


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-7 23:30  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-10 19:31:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستازلارنىڭ ھېكايەمنى تەستىقلىغىنىغا رەھمەت .

ۋاقتى: 2015-1-10 20:01:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما جۈجاڭ؟
دىئالوگدا ئېغىز تىلى بويىچې ئېيتىلسىمۇ، ئاپتور (بايانچى) سۆزىدە سۆز-ئاتالغۇلار بۇزۇلماسلىقى كېرەك!

باھا سۆز

كۆرسەتمە بەرگىنىڭىزگە رەھمەت. تۈزىۋالسام بولغۇدەك.  ۋاقتى: 2015-1-10 08:24 PM
ۋاقتى: 2015-1-10 20:11:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىپسىز،ئەسلىنى ئۇنۇتققان ئادەملەر كۆپقۇ ھازىر. يىزىدا تۇغۇلۇپ ئاتا-ئانا تەربىيسدە ياراملىق ئادەم بولوپ شەھەردە ئىشلەپ ھالاۋەت كۆرۇپلا يىزىنى كەمسىتىدىغان دىاننى ياراتمايدىغانلار كۆپ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئارزۇ0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-10 20:14  


ۋاقتى: 2015-1-10 20:15:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەجەپ تەھرىرلىيەلمىدىم پنيىنچە چىقىپ

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-10 21:22:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارزۇ0998 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-10 20:11
ياخشى يىزىپسىز،ئەسلىنى ئۇنۇتققان ئادەملەر كۆپقۇ ھازى ...

يازمامغا كۆز يۈگۈرۈتكىنىڭىزگە ۋە ياخشى باھا بەرگنىڭىگە رەھمەت .

ۋاقتى: 2015-1-11 21:54:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازمىلىرىنى ئوقۇپ تەسىرلەندىم. بۇنداق ئىشلار مېنىڭ ئەتىراپىمدا بولغاچقىمىكىن ھاياجانلاندىم. ياخشى يىزىپلا ! ھامان بىر كۈنى مۇشۇنداق ئىشلار تۈگەيدۇ شۇنداقمۇ؟ بوۋامنى سىغىندىم!

ۋاقتى: 2015-1-12 20:03:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي توۋا، ھەجەپ ئادەمكىنە ئۇ ، ئادەم دېگەن كۆرگەنگىلا ئادەم بولۇپ قالمايدۇ ، قول سېلىپ ئىشلەپ بېقىشى ، باشتىن كەچۈرۈپ بېقىشى كېرەك-تە؟ جەمئىيىتىمىزدىمۇ ما جۈيجاڭدەكلەر ئاز ئەمەس. ئىبرەت ئالسا بولاتتى ...

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-12 22:14:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدرەم يوللىغان ۋاقتى  2015-1-11 21:54
يازمىلىرىنى ئوقۇپ تەسىرلەندىم. بۇنداق ئىشلار مېنىڭ ئە ...

رەھمەت سىزگە . ھەركىمىنڭ بوۋىسى شۇنداق ئۇلۇغ ھەم كەڭ قورساقمىدۇ؟ مەنمۇ بوۋامنى سېغىنىپ يازغان ئىدىم .

ۋاقتى: 2015-1-12 22:27:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئويلايمەن ھەممە بوۋىلار شۇنداق كەڭ قورساق، چۈنكى ئۇلارنىڭمۇ پەرزەنىتلىرىگە ئوخشاش كۈنلىرى بولغان.

باھا سۆز

توغرا دەيسىز، «بوۋا» سۆزى ئادەمگە «ئۇلۇغ»،«كەڭ قورساق»دېگەندەك تۇيغۇ بىرىدۇ.  ۋاقتى: 2015-1-12 10:37 PM
ۋاقتى: 2015-1-13 12:50:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راستىنلا ياخشى چىقىپتۇ ،تەسۋىرلەر بەك جايىدا بوپتۇ

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-13 21:50:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەچكۈز يوللىغان ۋاقتى  2015-1-13 12:50
راستىنلا ياخشى چىقىپتۇ ،تەسۋىرلەر بەك جايىدا بوپتۇ

رەھمەت سىزگە. بولسا يىتەرسىلىكىمىنى كۆپرەك كۆرسىتىپ ئۆتكەيسىز.

ۋاقتى: 2015-1-28 13:37:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى چىقىپتۇ،ئەسەرنى ئوقۇ ۋېتىپ بوۋامنى  يەنە بىر   ئەسلىدىم.  ئىجادىيەتلىرىڭىزگە    ئۇتۇق  تىلەيمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-5 23:52:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە چىن مودەن.

ۋاقتى: 2015-2-6 00:15:41 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىكەن،بىراق بىرسىم يەرلىرى كاتەكچە چىقىپ نورمال ئوقۇغۇلى بولماي ۋاتىدۇ، ئىزدىنىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولغاي

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش