ئارۇز ۋەزنى شۇنچە «سىرلىق»مۇ؟
ئوسمانجان زۇنۇن
مەن تۇنۇگۈن ئابدۇسالام مۇھەممەت بەگزاتىنىڭ ئابدۇقادىر سادىرنىڭ« ۋەزنى ئەرۇز دا غەزەللەرنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە ئۇلارنىڭ تەركىپلىرى توغرىسىدا »( بۇ ماقالە 2015 –يىلى1- ئاينىڭ 4- كۈنى«يازغۇچىلارمۇنبىرى»نىڭ ئىزگۈ مۇكاپاتلىق ئەسەر سەھىپىسىدە ئىلان قىلىنغان
forum.php? ... 4915&extra=page%3D1) ناملىق ماقالىسا يازغان «ماسلاشتۇرۇشمۇ،ياتلاشتۇرۇشمۇ؟»ناملىق ماقالىسىنى ئوقۇپ (تۆۋاندەقىسقارتىلىپ« ماسلاشتۇرۇشمۇ» دەپ ئېلىنىدۇ. بۇ ماقالە 2015- يىلى1- ئاينىڭ6 كۈنى «يازغۇچىلارمۇنبىرى»نىڭ ئوبزور سەھېپىسىدە ئىلان قىلىنغان.
forum.php?mod=viewthread&tid=25015
ئابدۇسالام ئىنىمىزنىڭ 2 كۈن ئىچىدىلا 8- ئەسىردە ئۆتكەن ئەرەب ئالىمى خەلىل ئىبنى ئەھمەد تىن تارتىپ 21- ئەسىردىكى ئارىسلان ئابدۇللا تەھۇرغىچە بولغان ئاپتورلارنىڭ جۇڭگۈ ۋە چەتئەلدىكى ئەرەپچە ،پارىسچە ،چاغاتايچە ،ئۆزبەكچە ،ئۇيغۇرچە بولغان 28 پارچە كىتابىنى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىپ «(ماسلاشتۇرۇشمۇ» نىڭ مۇقەددىمىسىدە سانالغان)،ئارۇز ئىلمىي ھەققىدىكى «جەۋھەر»لەرنى تاللاپ بىزگە سۇنغانلىقىدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم.پېقىرغا ئوخشاش ئۇيغۇرچىدىن باشقىنى بىلمەيدىغان ھەم بىر توم كىتاپنى 3 كۈندىمۇ ئوقۇپ ھەزىم قىلىپ بولالمايدىغان لار ئۈچۈن بۇ ھەيران قالغۇدەك كاتتا ئىش تە! ئەلبەتتە ياشلار دىگەن غەيرەتلىك ،بەلكىم كېچە-كۈندۈز ئۇخلىماي ئوقۇغاندۇ.
ئەمما «ئالدىرىغاندا پولو ئالا قاپتۇ» دىگەندەك،بۇ ماقالىدىمۇ پىشماي قالغان يەرلەر خېلى نۇرغۇن بولسىمۇ لىكىن ئاپتۇرنىڭ شىجائىتىدە «كەسكىنلىك» بىلەن «پىشۇرۇلغان» لىقىنى كۆرۈپ ئولتۇرۇپتىمىز .ئابدۇقادىر سادىرنىڭ «ماقالە»سى ئۈستىدە ئابدۇسالام مۇھەممەت بەگزات تەپسىلى توختالغانلىقى ئۈچۈن مەن قايتا تەكرارلاپ ئولتۇرمايمەن .
«ماسلاشتۇرشمۇ»دا ئاپتور مۇنداق يازىدۇ:
كەسكىن ئېيتقاندا، ئارۇز ۋەزنىدە سوزۇق تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشقان بوغۇملار ئوچۇق بوغۇم بولۇپ ئارۇزدا قىسقا بوغۇمنى، ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشقان بوغۇم يېپىق بوغۇم بولۇپ ئارۇزدا ئۇزۇن بوغۇمنى ئىپادىلىمەيدۇ. يەنى ئارۇزدا بوغۇملارنىڭ قىسقا بولۇشىى سوزۇق تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشقانلىقىغا،ئۇزۇن بولۇشى ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشقانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك بولماستىن بەلكى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئۇزۇن ياكى قىسقا بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك. بۇ مەسلىگە چۈشەنچە بېرىش ئۈچۈن گەپنى ئەرەب تىللىق ئارۇزدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ.
.گەپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئارۇز ئۈستىدە بولۇۋاتسا ،ئاپتور قەستەن گەپ يورغىلىتىپ، ئەرەپ تىلىنىڭ گىرامماتكىسنى كۆتۈرپ چىقماقچى بولىدۇ .ئۇنداقتا ئۇيغۇر تىللىق ئارۇزدا ئۇزۇن قىسقا بوغۇم قانداق بولىدۇ؟
ئاپتور ئارقىدىنلا يەنە مۇنداق يازىدۇ:
ئەرەب تىللىق ئارۇزدا ھەر بىر سۆز ياكى بوغۇمنى تەشكىل قىلغۇچى تاۋۇشلارئەمەس، بەلكى سۆزنىڭ يېزىقتا ئىپادىلەنگەن شەكلى، ھەر بىر سۆز تەركىبىدىكى ھەرپ، بوغۇمنى تەشكىل قىلغۇچى ھەرپلەرنىڭ سان جەھەتتىكى ئاز – كۆپلۈكى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزگىرىشى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.
تىل شۇناسلار بىزگە ،« ئاۋال تاۋۇش - تىل ،ئاندىن يېزىق پەيدا بولغان» دەپ ئۈگۈتىدۇ.ھەقىقەت شۇنداق بولسا ئەمىسە ئەرەپلەردە ئاۋال يېزىق،ئاندىن تاۋۇش پەيدا بولغانمۇ؟ئەمما، تارىخ ھەرگىزمۇ بۇنداق قاراشنى سىغدۇرالامايدۇ.ئاۋال تاۋۇش ،ئاندىن تىل ئاندىن شىئىېر –غەزەل،ئاندىن يېزىق پەيدا بولغان .مىنىڭچە ،ئارۇز ۋەزنى ئەرەپلەردە ئاۋۇ ئەرۇزلۇق ئەرەپ موللا تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنلا پەيدا بولۇپ بولغان. ئۇ پەقەت ئارۇز نەزىريەسىگە ئات قويۇپ رەتلەپ چىققان خالاس.چۈنكى ،ھەرقانداق نەزەرىيە ئەمەلىيەتتىن كىلىدۇ ھەم ئەمەلىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.
ئاپتور يەنە :
(بۇ مەسلىلەرنى ئەرەب تىلىدىن ئاز تولا بولسىمۇ خەۋەردار بولماي تۇرۇپ چۈشىنش قىيىن، «شۇنداقتىمۇ مەزمۇن تەقەززاسى بىلەن قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتىمىز).
ئەرەب يېزىقىدا ئارۇز قائىدىلىرى « ھەرف»، ھەرفى ئىللە (ياكى ھەرفى ئىللەت، ئىللەتلىك ھەرپلەر)» (ئۇزۇن سوزۇق تاۋۇش)، «ھەرىكە» (قىسقا سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ نۆۋەتلىشىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر......». دەپ گەپنى باشلاپ ئاخىردا
« بىرمۇ بىر بايان قىلساق بۇ قىسقىغىنە يازما زىيادە ئۇزىراپ كىتىشى مۇمكىن، شۇڭا ئومۇمى ئەھۋالغا كۆرە پارس تىللىق ئارۇزنىڭ بوغۇم تۈزۈلۈش ئالاھىدىلىكىنى مۇشۇنچىلىك بايان قىلدۇق.»دەپ ئاخىرلاتۇدۇ. دىمەك، ئاپتور بۇ يەردە لوگىكىلىق ئوقۇمنى ئالماشتۇرۇۋىتىش خاتلىقى سادىر قىلغان .شۇنى بىلگۈم كىلىدۇ ، سىزنىڭ بۇيەردە چۇشەندۇرۇۋاتقىنىڭىز ئەرەپچە ئارۇزنىڭ قائىدىسىمۇ ياكى پارىسچە ئارۇزنىڭمۇ؟
يەنە قاراپ باقايلى،ئاپتور بىردەم
« بىز كۆرگەن ماتېرىيال ۋە ئىزدىنىشلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە ئارۇز ۋەزنىنىڭ تۈركىي تىلىغا (بۇ يەردە چاغاتاي تىلى كۆزدە تۇتىلىدۇ) قانداق تەدبىقلىدىغانلىقىغا قارىتا ھېچكىم تەھلىل يۈرگۈزمىگەن ۋە بۇ ھەقتە بىرەر قائىدە تۈزۈشكىمۇ ئۇرىنىلمىغان»
دىسە ئارقىدىنلا :
«ئارۇزئىلىمى» ناملىق كىتاب بىزگە ئارۇز ئىلمىنىڭ مۇرەككەپ قائىدىلىرىنى چۈشىنىشلىكبايان قىلىپ بىرىش بىلەن ئارۇز نەزەرىيەلىرى ھەققىدە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا ھېچقانداق بىر ئەسەر بولماسلىقتەك بوشلۇقنى تولدۇرالايدۇ.
دەپ يېزىپ ئۆزىنىڭ گېپىنى ئۆزى ئىنكارقىلىدۇ.ئەمدى ماقالىدىكى بۇنداق پەلە-پەتىش خاتالىقلاررنى كۆرسۇتۇشىتىن كۆرە ، «ئويغۇر چە ئارۇز قانداق بولىدۇ؟ » دىگەن گەپكە كىلەيلى .
ئاپتور :
«تۈركىي تىلىدا سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئۇزۇن ياكى قىسقا بوغۇم بولۇشى مۇئەييەن قائىدىگە ئىگە ئەمەس. ساپ تۈركىيچە(ئۇيغۇرچە) سۆزلەرنى ئارۇز قائىدىلىرى بويىچە ۋەزنگە چۈشۈرگىلى بولمايدۇ» دەپ كەسكىن ھۆكۈم قىپتۇ..ئەمىسە ناۋايى ، فۇزۇلى، گۇمنام،نىزارى،...ئابدۇشۇكۇر مۇھەمەت ئىمىن ، تېيۇپجان ئېلىيۇف،ئا .خوجا ، ئىمىن ئەھمدى ،ئابدۇللا ساۋۇت ، ئەبەيدۇللا ئېبراھېم....لار قايسى تىلدا قايسى ۋەزىندە غەزەل يازغان؟ ئۇلارنىڭ ئىشلەتكەن تۇركىي(ئۇيغۇرچە ) سۆزلىرى ۋەزىنگە چۈشمىگەن دەيمىزمۇ ؟
مەيلى ئابدۇقادىر سادىرنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئۈزۈك تاۋۇشلارنى تۇلەرگە ئايرىشى بولسۇن ياكى ئابدۇ سالام مۇھەممەت بەگزاتنىڭ ئەرەپ تىلىدكى سوزۇق تاۋۇشلارنى تۇرلەرگە ئايرىشى بولسۇن ھەر ئىككىسى ئاددى ئىشنى مۇرەككەپلەشتۇرۇپ، ئۇيغۇر ئارۇز ۋەزنىنى سىرلىق ،چۈشۈنۈكسىز خۇنۈك نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويغان.ھەم ئارۇزغا قىزىقىۋاتقان ياشلارنىڭ بېشىنى ئايلاندۇرۇپ، ئارۇزدا شىېئىر ر يېزىشقا جۇرئەت قىلالماس قىپ قويۇشقا ئۇرۇنۇلغان.
مىنىڭچە،« ئۇيغۇر تىلى ئارۇزنىڭ قائىدىلىرى بويىنچە ۋەزىنگە چۈشەرگىلى بولمايدۇ »دىيىش بىر خىل سەپسەتە بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر تىلىغا قىلىنغان تۆھمەت !
مەسىلە ئۇنچىۋالا مۇرەككەپ ئەمەس،كۆڭۈل قويۇپ ئۈگەنسىلا ھەرقانداق ئادەم ئارۇز ۋەزنىدە شېئىر يازالايدۇ.مىنىڭ ئەرەپ، پارىس تىللىرىدىن خەۋىرىم يوق، ئۇنچە كۆپ مەشھۇر ئەللامىلارنىڭ ئارۇز ھەققىدكى نەزىريەلىرىنىمۇ بىلىپ كەتمەيمەن . ئەمما ئارۇز غا نىسبىتەن مەلۇم چۈشەنچىلەرگە ئىگىمەن ، شۇڭا مەن مەشھۇرلارنىڭ سۆزلىرىنى شىپە كەلتۈرمەي ، ئۆزەمنىڭ چۈشەنچىلىرىنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.
ئارۇز ۋەزنى – تىلىمىزدىكى ئۇزۇن قىسقا بوغۇملارنىڭ مەلۇم تەرتىپتە مىسرالارغا تىزىلىشىدىن تەركىپ تاپقان شېئىر شەكلى بولۇپ، غەزەل ، مۇسەببە ، مۇسەددەس ... قاتارلىق تۇرلەرگە بۆلىنىدۇ.
(1) تىلىمىزدىكى ئوچۇق بوغۇم (سوزۇق تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشقان ) ئارۇز ۋەزنىدە قىسقا بوغۇم، يېپىق بوغۇم(ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشقان) ئۇزۇن بوغۇم دىيىلىدۇ.
(2)ئوچۇق بوغۇملارنى يېپىق بوغۇم ئۇرنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ،ئەمما يېپىق بوغۇملارنى ئوچۇق بوغۇم ئورنىدا ئىشلتىشكە بولمايدۇ .( ئەدەبىيات نەزىريە كىتاپلىرىدا قىسمەن ئۇچۇق بوغۇملار يېپىق بوغۇم ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ دىيىلگەن بولۇپ ،شۇ قىسمەن ئوچۇق بوغۇملار ئېنىق كۆرسۈتۈلمىگەن . ئەمەلىيەتتە ھەممە ئوچۇق بوغۇملارنى يېپىق بوغۇم ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ)
مانا مۇشۇنداق ئاددى.
(3) قىسقا بوغۇملۇق سۆزلەر «^» ( بەلگەتەتۈر چىقىپ قالدى ) بىلەن ئۇزۇن بوغۇملۇق سۆزلەر «ـ» بەلگىسى بىلەن ئىپادە قىلىنىدۇ.
مەسلەن:
كىمگەئالقىش / ياڭرىتىشنى/ ئەل بىلەر،دەۋ /ران بىلەر،
- ^ - - /- ^ - - / ـ ^ - - / -^-
كىمگە / ئەقلى بار ئىن / سان بىلەر ئىختىدا قىل / ماقنى
- ^- - / ـ ^ - - / - ^ - - / - ^ -
( ياسىن زىلال)
بۇ كېچە ئۇي/ قۇم قېچىپ، يا/ نىمدا يار يوق/ يىغلىدىم،
- ^ - - / - -^ - - / - ^ - - / - ^ -
مەيمۇ يوق جا/ مىمدا، چالماق / قا ساتار يوق،/يىغلىدىم.
- ^ - - / - ^ - - / - ^ - - / - ^ -
(ئابلاقان بوۋاقى )
مانا بۇ شەكلى ئارۇز تىلى ئۇيغۇرچە غەزەللەر دۇر.
2015- يىلى 7 – دېكابىر . ئاتۇش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-7 23:01