«ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى» يۇمشاق دېتالى ئۇيغۇرچە ئىملا تەكشۈرۈش ۋە توغرىلاش قورالى بولۇپ، يەككە سۆزلەردىكى بىر ياكى بىر نەچچە ھەرپنىڭ كەم يېزىلىشى، ئارتۇق يېزىلىشى ۋە ئالمىشىپ يېزىلىشى سەۋەبىدىن كۆرۈلگەن ئىملا خاتالىقىنى تېز سۈرئەتتە تاپالايدۇ ھەمدە ئىملاسى توغرا ئەڭ يېقىن كېلىدىغان نامزات سۆزلەرنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. شۇنىڭدەك يەنە ئىملادا دائىم كۆرۈلىدىغان خاتالىقلارنى ئاپتوماتىك ئوڭشاپ بېرەلەيدۇ. سۆزلۈك ئامبىرى پېشقەدەم مەسئۇلىيەتچان كوررېكتورلارنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئەڭ يېڭى ئىملا قائىدىسى بويىچە قايتا تەييارلاندى ۋە يەنە نۇرغۇن كەسپىي ئاتالغۇلار ھەم ئۇلارنىڭ كۆپ ئۇچرايدىغان تۈرلىنىشى كىرگۈزۈلدى.
بۇ دېتال ئۇيغۇر تەبىئىي تىلىنى كومپيۇتېردا بىر تەرەپ قىلىشنىڭ تۇنجى قەدىمىنى باسقان بولۇپ، تۇنجى نەشرى 1999-يىلى 10-ئايدا ئېلان قىلىنغان. ھازىر شەخسلەر (بۇلۇت سۇپىسى) نەشرى بارلىققا كېلىپ ھەقسىز تارقىتىلدى.
http://imla.uighursoft.com
چۈشۈرۈش ئادېرسى
سىغىمى 1.8mb
بۇ يۇمشاق دېتالنى ئىشلىتىشنى باشلاشتىن ئىلگىرى بۇ ئۇلانمىدىكى مەزمۇنلارنى ئەستايىدىل ئوقۇڭ.
http://www.alimahat.com/?p=4218
ئىشلىتىش داۋامىدا يېڭى مەسىلىلەرگە دۇچ كەلسىڭىز، كېيىنكى نەشرىدە تۈزىتىۋېلىشىمىز ئۈچۈن بۇ يەرگە ئىنكاس قالدۇرۇڭ، رەھمەت. بۇ يۇمشاق دېتال ھەققىدە قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىر بەرمەكچى بولسىڭىز، ئەلۋەتتە ئىنكاس قالدۇرۇڭ ياكى
alim.ahat@gmail.com غا خەت ئەۋەتىڭ.
ئۇيغۇرسوفت شىركىتى 2014-يىل دېكابىر
مەنبەسى: ئالىم ئەھەت بىلوگى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-7 23:16