يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 468|ئىنكاس: 5

ماھىنۇر ئوسمان: كوتكوتجاننىڭ ھېكايىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كوتكوتجاننىڭ ھېكايىسى
(كۈلدۈرگە)
ماھىنۇر ئوسمان

1-قىسىم
كوتكوتجاننىڭ نۆۋەتچىلىك قىلىشى

(كوتكوتجاننىڭ قوڭغۇراق سائىتى جىرىڭلىدى)
ئايالى:
-ۋاي-ۋۇي ئەمدى سائەت بەش بوپتىغۇ؟سائەتنى نىمەنچە بالدۇر توغرىلاپ قويدىڭىز؟
كوتكوتجان:
-ۋېييەي ئاسىمگۈل،نېمە دېگىنىڭىز بۇ؟بۈگۈن مەن نۆۋەتچى،شۇڭا بالدۇر ئىشقا بارمىسام بولمايدۇ.مەكتەپ مۇدىرىمىز تۆنۈگۈنكى يىغىندا ‹نۆۋەتچىلەر ئوقۇغۇچىلاردىن 20 مىنۇت بالدۇر كېلىپ،دەرۋازا ئالدىدا تۇرۇپ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى كۈتۋېلىشى كېرەك.›دېدى ھەم مەكتەپ بۇيىچە ئېچىلغان چوڭ يىغىندا مېنىڭ ئىسمىمنى ئاتاپ تۇرۇپ‹كوتكوتجان ئەتە سىز نۆۋەتچى ئىكەنسىز،شۇڭا بالدۇرراق كېلىڭ.›دېگەن تۇرسا.ئەتىگەن بارمىسام مۇدىرنىڭ گېپىگە قانداق يۈز كېلەلەيمەن.مۇدىرمىزنىڭچۇ قاراڭ ئۇنداق چوڭ يىغىنلاردا ئىسمىمنى ئاتاپ تۇرۇپ گەپ قىلىشى يىلدى بىر قېتىم دەڭا.
ئايالى:
-ۋاي توۋۋا،سىز نۆۋەتچى بولسىڭىزمۇ ۋاقىت تېخى بالدۇرغۇ؟ئەمدى سائەت 5:00بولدى تېخى.شۇ تاپتا بارلىق مەۋجۇدات تاتلىق ئۇيقۇدا ئۇخلاۋاتسا...
كوتكوتجان:
-بۇ نېمە دېگىنىڭىز ئاسىمگۈل،ھازىرقى بالىلار بەدەن چىنىقتۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ،ئۇلار بەدەن چىنىقتۇرۇش ئۈچۈن ،ئورنىدىن تۇرۇپلا ناشتىمۇ قىلماي،مەكتەپكە كېلىپ مەكتەپنىڭ تەنتەربىيە مەيدانىدا تەنتەربىيە ھەركەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.مەن بۈگۈن نۆۋەتچى بولۇش سالاھىيىتىم بىلەن بىر ئوقۇغۇچىنىڭمۇ كەينىدە قالسام بولمايدۇ.شۇ تاپتا بېرىپ بەدەن چىنىقتۇرۇش ئۈچۈن كەلگەن بالىلارنى كۈتىۋالمىسام بولمايدۇ.سىز بولدى ئۇخلاۋېرىڭ.مەن ناشتا قىلمايلا ماڭاي.
   شۇنداق قېلىپ كوتكوتجان سەھەر ئورنىدىن تۇرۇپ سائەت 5:30 دا مەكتەپنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كەلدى.دەرۋازا تاقاق بولۇپ دارۋازا ئالدىدا ھېچكىم يوق ئىدى.كوتكوتجان دەرۋازا ئىشىكىنى قاقتى.ئىچىدىن ھېچقانداق ئىنكاس چىقمىدى.
كوتكوتجان:
-توۋۋا مۇشۇ ۋاققىمۇ ياتامدىغاندۇ؟ھەي ئالىم مۇئەللىم
(ئالىم مۇئەللىمنىڭ ئايالى ئايپاشا ئەسنىگەن ھالدا چىقىدۇ)
ئايپاشا:
-ۋاي-ۋۇي،بۇ ئادەم كېچىچە ياتمىدىمۇ نېمە؟نېمە ئىش بولدى؟‹قاغا پوق يىمەستە›ئادەمنى چاقىرىپ.تۈن سەيلىسى قىلمايۋاتقانسىز كوتكوتجان مۇئەللىم؟
كوتكوتجان:
-ۋېييەي،نېمە دېگىنىڭىز بۇ ئايپاشا مۇئەللىم؟ماۋۇ ئالىمجان مۇئەللىمنى كۆرۈڭ.مەكتەپ كېچىلىك دىجۇرنىلىككە ئورۇنلاشتۇرسا ئائىسلىنىمۇ مەكتەپكە كۆچۈرۈپ كەلگىنىنى قارىمامدىغان.ئۇ چۇقۇم ئۆيدىكى سۇ ۋە توكنى تېجەش ئۈچۈن شۇنداق قىلغان گەپ.
ئايپاشا:
-ۋاي-ۋۇي،نېمە دەپ كوتۇلداۋاتىسىز كوتكوتجان؟
كوتكوتجان:
-ئايپاشا مۇئەللىم،بۈگۈن مەن نۆۋەتچى ئىدىم.شۇڭا ئوقۇغۇچىلار كەلگۈچە ئۇلارنى كۈتۈۋالمىسام بولمايدۇ.شۇڭا دەرۋازىنى ئىچىپ بەرسىڭىز،مەن نەرسە-كېرەكلىرىمنى ئىشخانامغا ئەكىرىپ قۇياي.
(ئايپاشا غۇدۇڭشىغىنىچە كېلىپ دەرۋازىنى ئېچىپ بېرىدۇ.كوتكوتجان نەرسە-كېرەكلىرىنى ئىشخانىسىغا ئەكىرىپ قۇيۇپ دەرۋازا ئالدىدا تۇرىدۇ)
كوتكوتجان:
-نېمانداق ھېچكىم كەلمەيدىغاندۇ؟سائەت 6:00 دىن ئېشىپ كەتسىمۇ ھېچكىم يوقيا؟ھەي شۇ تاپتا مەكتەپ مۇدىرىمىز كېلىپ مېنىڭ مۇشۇنداق سەھەر كېلىپ تۇرغىنىمنى كۆرگەن بولسا نېمەنچە ياخشى بۇلاتتى-ھە!ۋايجان بۈگۈن نېمانچە سوغۇقتۇ؟مەيلى سۇغوق بولسىمۇ،بۈگۈنكى مۇقەددەس ۋەزىپەمنى غەلبىلىك ئورۇنلىشىم ئۈچۈن،ئوقۇتقۇچىلار فورمام بىلەن زەبەردەس ھالەتتە تۇرمىسام بولمايدۇ.چىدا كوتكوتجان،چىدا...
(سائەت 7:00 بولدى.ئاخىرى بىر ئوقۇغۇچى كەلدى.)
ئوقۇغۇچى:
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم.
كوتكوتجان:
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،نىمانچە ۋاق كەلدىڭ؟
ئوقۇغۇچى:
-نېمە دېگىنىڭىز بۇ مۇئەللىم؟مەكتەپتە تېخى ھېچكىم كۆرۈنمىسە،مېنى ۋاق كەلدىڭ دەيسىزغۇ؟مەن ئەڭ بۇرۇن كەلدىم تېخى.
كوتكوتجان:
-يالغان ئېيتما،مەكتەپكە مەن ئەڭ بۇرۇن كەلدىم جۇمۇ.مەن كەلگەندە باغۇ ئالىمجان مۇئەللىملەرمۇ تېخى ئورنىدىن تۇرماپتىكەن.
ئوقۇغۇچى:
-ئەمىسە مەن ئىككىنچى بۇلۇپ كەپتىمەن ھە مۇئەللىم.
كوتكوتجان:
-ھە،ماۋۇ گېپىڭ بولدى.ھەي توختا-توختا،بايا سەن ‹نېمە دېگىنىڭىز بۇ›دەپ مەن دائىم دەيدىغان گەپنى قىلدىڭغۇ؟
ئوقۇغۇچى:
-بۇ گەپنى دېسەم بولمامتى مۇئەللىم؟
كوتكوتجان:
-نېمە دېگىنىڭ بۇ؟ئېسىڭدە بولسۇن،بۇ سۆزنى مەن ئەمەلىي نۇتۇق جەريانىدا ئىنتايىن كۆپ ئىشلىتىدىغان ھېكمەتلىك سۆزلىرىمدىن ئېلىنغان ئارىيە.سەن ئادەتتىكى ئوقۇغۇچى تۇرۇپ مەن ئىشلىتىدىغان بۇ سۆزنى ئىشلەتسەڭ قانداق بۇلىدۇ؟بىز دائىم سۆزلەۋاتقان ‹تۆت گۈزەل،بەش بۇلۇش›قا لايىق بالا بول جۇمۇ؟
ئوقۇغۇچى:
-ماقۇل مۇئەللىم،ئەمدى سىنىپقا كېرىپ كەتسەم بۇلامدۇ؟بەك تۇڭلاپ كەتتىم.
كوتكوتجان:
-ھوي نېمە دېگىنىڭ بۇ؟مېنى بۇ يەردە بىزنى سېنىپقا كىرگۈزمەيدىغانغا تۇرۇپتۇ دەپ ئويلاپ قالدىڭمۇ؟مەن بۈگۈن نۆۋەتچى بولغانلىقىم ئۈچۈن سىلەرنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن بۇ يەردە تۇردۇم.مېنى ھەرگىز خاتا چۈشىنىپ قالما-ھە!ھوي بالام ،باشقىلارغا يەتكۈزۈپ قۇيۇشنى ئۇنتۇپ قالما،بۈگۈن ھەممىدىن بۇرۇن مەن كەلدىم جۇمۇ؟ھە راست،بۇياققا كېلە؟
ئوقۇغۇچى:
-يەنە نېمە ئىش بولدى مۇئەللىم؟سىزنىڭ گېپىڭىزنى تەكرارلىمىدىمغۇ-دەيمەن؟
كوتكوتجان:نېمە دېگىنىڭ بۇ؟مەن سېنىڭدىن شۇنى سورىماقچى،يانچۇقۇڭدا ئەخلەت يېمەكلىك بارمۇ-يو؟
ئوقۇغۇچى:
-يوق،مەن ئەزەلدىن ئەخلەت يېمەكلىك يىمەيدىغان ‹تۆت گۈزەل،بەش بۇلۇش›قا لايىق ئوقۇغۇچى.
كوتكوتجان:
-نېمە دېگىنىڭ بۇ؟ئەخلەت يېمەكلىك يىمىسىلا،‹تۆت گۈزەل،بەش بۇلۇش›قا لايىق ئوقۇغۇچى بۇلامدا؟
ئوقۇغۇچى:
-ئۇنداققۇ ئەمەس،ئەمدى دەپ قويدۇم شۇ.
كوتكوتجان:
-ئۇنداق بولسا ناھايتى ياخشى.ئەمىسە كىرىۋەر.
ئوقۇغۇچى:
-خاتا سۆزلەپ قويدىڭىز مۇئەللىم،‹نېمە دېگىنىڭ بۇ›دېگەن ھېكمەتلىك سۆزلىرىڭىزدىن ئېلىنغان ئارىيەنى ئۇنتۇپ قالدىڭىز.
كوتكوتجان:
-نېمە دېگىنىڭ بۇ؟بۇ سۆز مېنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش ۋە دەم ئېلىش جەريانىدىكى مىزانلىرىمنىڭ بىرى.بۇ سۆزنى سەندەك ئادەتتىكى ئوقۇغۇچىلارغا خالىغانچە ئىشلەتسەم،كىشىلىك ھاياتتىكى تۇرمۇش پىرىنسىپىمغا خىلاپلىق قىلغان بولمامدىمەن.بولدى مېنى گەپكە تۇتماي كىرىپ كەتسەڭ بۇلىدۇ.ئۇنتۇپ قالما-ھە،مەكتەپكە مەن ئەڭ بۇرۇن كەلدىم.
شۇنداق قېلىپ كوتكوتجان كەلگەنلا ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا مەن ئەڭ بۇرۇن كەلدىم دېيىشنى ئۇنتۇپ قالماپتۇ.بىر چاغدا ئايپاشا كوتكوتجاننى گەپكە سېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ يىنىغا كەپتۇ.
ئايپاشا:
-ۋاي-ۋۇي،كوتكوتجان مۇئەللىم،دەرسكە كېرىش قوڭغۇرىقى چېلىنىپ كەتكىلى خېلى بولدى.تېخىچە تۇرىسىزغۇ؟
كوتكوتجان:
-نېمە دېگىنىڭىز بۇ ئايپاشا مۇئەللىم؟مەن دېگەن نۆۋەتچى تۇرسام،تېخى مەكتەپ مۇدىرىمىز كەلمىدى،ھەممە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى كۈتۈۋالمىسام،مۇدىر‹بۇ كوتكوتجان مېنىڭ يۈزۈمنى قىلماپتۇ-ھە!›دەپ قالمامدۇ؟
ئايپاشا:
-ياخشى،سىز بۈگۈن ئۈلگىلىك نۆۋەتچى بۇلىدىكەنسىزدە؟سىز خىزمەتتە بەك ئاكتىپ جۇمۇ؟
كوتكوتجان:
-نېمە دېگىنىڭىز بۇ ئايپاشا مۇئەللىم،بىز ھۆكۈمەتنىڭ نۇرغۇن پۇلىنى ئېلىپ،ۋەتەننىڭ ئۈمىدلىرى،كەلگۈسىنىڭ ئېگىلىرىنى تەربىيلەۋاتىمىز،كەلگۈسىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بىز مۇشۇنداق ئاكتىپلىق بىلەن ئىشلىمىسەك،ۋەتەنگە،خەلققە،بۇلۇپمۇ ئايدا ئېلىۋاتقان مائاشىمىزغا قانداق يۈز كېلەلەيمىز؟ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇدىر تۆنۆگۈنكى يېغىندا ئىسمىمنى ئاتاپ تۇرۇپ،ماڭا بۇ مۇقەددەس ۋەزىپىنى تاپشۇرغان تۇرسا،مۇشۇنداق ئاكتىپلىق بىلەن ئىشلىمىسەم سەت تۇرار؟
ئايپاشا:
-بولدىلا،سىزگىغۇ زادى گەپ تېپىپ بېرەلمەيمىزغۇ؟مۇدىر ئۇ گەپنى مۇنداقلا دەپ قويغان،بۇنچىلىك سۇغۇقتا،مۇنداق ئەستايىدىل بولۇپ كېتىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق.
كوتكوتجان:
-نېمە دېگىنىڭىز بۇ ئايپاشا مۇئەللىم،بىزنىڭ ئازادلىق ئارمىيە جەڭچىلىرىمىز چېگرا رايونلاردا قەھرىتان سوغۇقلارغا قارىماي،ۋەتىنىمىزنىڭ تېنچلىقى ئۈچۈن پوستتا تۇرۋاتىدۇ.مېنىڭ مەكتىپىمىزنىڭ تۈزۈمى،ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن بىر نەچچە سائەت سۇغۇق تارتسام نېمە بوپتۇ؟مېنىڭ بۇ قىلغىنىم بىزنىڭ ئەڭ سۈيۈملۈك كىشىلىرىمىزنىڭ قىلغىنى ئالدىدا ھېچنىمىگە ھېساب ئەمەس.
ئايپاشا:
-ماقۇل-ماقۇل،سىزنىڭ قىلغىنىڭىز توغرا،سىزنىڭ روھىڭىز ھەقىقەتەن بىزنىڭ ئۈگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ.بولدى سىز بىلەن تالاشماي.يۈزلىرىڭىز سوغۇقتا بەك قىزىرىپ كېتىپتۇ.سىز ئىشخانىغا كىرىپ بىردەم ئىسسىنۋېلىپ چىقىڭ.مەن ئورنىڭىزدا تۇرۇپ تۇراي.
كوتكوتجان:
-بۇ نېمە دېگىنىڭىز ئايپاشا مۇئەللىم،مەكتەپ مۇدىرى تېخى كەلمىدى،ئەگەر مەن كىرىپ كېتىشىمگە مۇدىر كېلىپ قېلىپ،بۇ يەردە مېنىڭ ئەمەس،سىزنىڭ تۇرغىنىڭىزنى كۆرۈپ قالسا،ئۇ چاغدا قانداق بۇلىدۇ؟
ئايپاشا:
-قانداق بۇلاتتى،‹بىر كۈن يەلپۈگەن ئاغچا،قېرىق كۈن يەلپۈگەن غالچا›دېگەندەك بۇلىدۇ.بولدى بىردەم ئېسسىنۋېلىپ چىقىڭە.
كوتكوتجان:
-نېمە دېگىنىڭىز بۇ ئايپاشا مۇئەللىم،جۇڭخۇا خەلق جۇمھورىيىتىنىڭ قانونىدا‹باشقىلارنىڭ ھۇقوق-مەنپەئىتىگە خالىغانچە دەخلى-تەرۇز قىلماسلىق›دېگەن بەلگىلىمە بار.سىز بۈگۈن مېنىڭ نۆۋەتچىلىك قېلىش ھۇقوقۇمغا دەخلى-تەرۇز قىلماقچى بۇلىۋاتىسىز.سىزنى ئۈستىڭىزدىن ئەرز قىلىمەن.سىز سۈكۈتتە تۇرۇشقا ھۇقوقلۇق،قىلغان ھەربىر سۆزىڭىز سوتتا ئۆزىڭىزنى ئاقلاشقا پايدىلىق.
ئايپاشا:
-توۋۋا ماۋۇ ئادەمنى،ماقۇل،سىز مېنى قايسى جىنايەت بىلەن ئەرز قىلىسىز؟
كوتكوتجان:
-سىزنى باشقىلارنىڭ نۆۋەتچىلىك قېلىش ھۇقوقىغا دەخلى-تەرۇز قىلماقچى بولۇپ،مەقسىتىگە يىتەلمىگەن›دېگەن جىنايەت بىلەن ئەرز قىلىمەن.سىز سوتنىڭ چاقىرىقىنى كۈتۈڭ.ۋايجان مەكتەپ مۇدىرى نېمانچە كەلمەيدىغاندۇ؟ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسى كېلىپ دەرس قوڭغۇرىقىمۇ چېلىنىپ بولدى.
ئايپاشا:
-كوتكوتجان مۇئەللىم،ئەگەر سىز كېلەر ھەپتە مېنىڭ ئورنۇمغا نۆۋەتچىلىك قېلىپ بەرسىڭىز سىزگە مۇھىم بىر خەۋەرنى يەتكۈزىمەن.
كوتكوتجان:
-نېمە دېگىنىڭىز بۇ؟ھۆكۈمەت تاپشۇرغان ۋەزىپىنى مەن ئورۇنلىسام قانداق بۇلىدۇ؟بۇ ھۆكۈمەتنى ئالدىغانلىق. سىزنىڭ ھۆكۈمەت تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ئورۇنلاشتىن قاچقىنىڭىز-ھۆكۈمەتكە قارشى چىققىنىڭىز. ھۆكۈمەتكە قارشى چىققىنىڭىز-جىنايەتچى ھېسابلانغانلىقىڭىز.ئەگەر مەن ئورنىڭىزغا نۆۋەتچىلىك قېلىپ بەرسەم،جىنايەتچىنى قانات ئاستىمغا ئالغان بولمامدىم.
ئايپاشا:
-ماقۇل-ماقۇل،سىز قانونغا بۇيسۇندىغان كىشى،بۇنى ھەممىمىز بىلىمىز.سىزنىڭ قانون-تۈزۈمگە بۇيسۇندىغان كىشى ئىكەنلىكىڭىزنىڭ يۈزىنى قېلىپ بولسىمۇ،سىزگە بۇ خەۋەرنى ئېيتىپ بېرەي.بۈگۈن مەكتەپ مۇدىرىمىز كەلمەيدۇ،ئەتىگەن ئۇ ۋىلايەتكە ئۈچ كۈنلۈك يىغىنغا كەتتى.
كوتكوتجان:
نېمە...نېمە...دېگى...نىڭىز...بۇ؟ئايپاشا مۇئەللىم،بۇ خەۋەر ئىشەنچلىكمۇ؟
ئايپاشا:
-ئىشەنچىلىك.سىزمۇ بىلىسىز ئاكام قۇشنا يېزىدىكى مەكتەپنىڭ مۇدىرى.ئۇ ئاخشام ئۇقتۇرۇشنى ئېلىپلا،ئەتىگەن بىزنىڭ مۇدىر بىلەن بىللە ۋىلايەتكە يۈرۈپ كەتتى.
كوتكوتجان:
-ئەمىسە بۈگۈن مېنىڭ ھەممە ئىشلىرىم نۆل بۇلۇپتۇ-دە.ۋايجان مۇدىر يوق بولسا...كەلمىسە...ئەمىسە مەن كېرىپ كېتىۋېرەي.ۋۇي-ۋۇي ما سۇغۇق ئەجەپ ئۆتتى.پۇتلىرىم مۇزلاپ كەتتىغۇ؟
ئايپاشا(كوتكوتجاننىڭ كەينىدىن ۋارقىراپ)
-كوتكوتجان مۇئەللىم،كىرىپ كېتىپ بارىسىزغۇ؟بۇ يەردە تۇرمىسىڭىز ۋەتەن-خەلققە يۈز كېلەلمەيسىز جۇمۇ؟
كوتكوتجان(يۈگۈرۈپ كېتىۋېتىپ ۋارقىرايدۇ)
-نېمە دېگىنىڭىز بۇ ئايپاشا مۇئەللىم،ۋەتەنگە،خەلققە كېلىدىغان شۇ يۈزۈمنى ئاسرىمىسام بولمىغۇدەك.بۇمۇ ۋەتەن-خەلققە بولغان ھۆرمىتىمنىڭ ئىپادىلىنىشى.



كوتكوتجان ئىشخانىدا  
2-قىسىم     
كوتكوتجان دەرس يوق كۈنلىرى دائىم ئىشخانىدىن چىقماي،دەرس پىلانى تۈزۈيتتى.بۈگۈن قىلىدىغان ئىشى يوق زېرىكىپ قالغان ئايىمگۈل مۇئەللىم كوتكوتجاننى گەپكە سېلىش ئۈچۈن كوتكوتجاننىڭ قېشىغا كىردى.
ئايىمگۈل:
-كوتكوتجان مۇئەللىم،سىز دائىم دەرس يوق كۈنلىرىمۇ،ئىشخانىڭىزدىن چىقماي ئولتۇردىكەنسىزغۇ.سىرتلارغا چىقىپ،ئايلىنىپ كاللىڭىزنى ئېچىپ كېرىسىڭىز بولمامدۇ؟
كوتكوتجان:
-نېمە دېگىنىڭىز بۇ ئايىمگۈل مۇئەللىم،ھازىر دۆلىتىمىز سەككىز سائەتلىك ئىش تۈزۈمىنى يولغا قۇيۇپ،بىزنى سەككىز سائەت جاپالىق ئىشلەۋاتىدۇ دەپ مائاش بېرىۋاتسا،بۇ مائاش ئالىدىغان ۋاقىتلاردا كوچىلاردا لاغايلاپ يۈرسەم،بۇ ۋىجدانىمغا خىلاپ ئىش.ھازىرمۇ شەنبە،يەكشەنبە كۈنلىرى ئىشلىمەي مائاش ئېلۋاتقىنىمدىن ئۆزۈمنى ۋىجدان سورىقىغا تارتىۋاتسام...
ئايىمگۈل:
-ۋايجان قاچانلا بولسا پەلسەپە،سىياسەت سۆزلەپ يۈرۈيدىكەنسىز.سىزدە يۇمۇرىستىك تۇيغۇ دېگەن نەرسە يوقما؟نېمىلا گەپ بولسا ‹نېمە دېگىنىڭىز بۇ›دەپ باشلىسىڭىز،‹يۈز كېلەلمەيمىز› دەپ ئاخىرلاشتۇردىكەنسىز.سىزگە گەپ قىلىدىغاندىنمۇ قورقىدىغان بۇلۇپ قالدۇققۇ بىز.
كوتكوتجان:
-نېمە دېگىنىڭىز بۇ ئايىمگۈل مۇئەللىم،مەن پۈتۈب دىققىتىم بىلەن كەلگۈسى ئەۋلادلارنى تەربىيلەش ھەققىدا ئۇلۇغ ئوقۇتۇش تەتقىقاتلىرى ئۈستىدە باش قاتۇرۋاتسام،ئۆزىڭىز مېنىڭ زېھنىمنى چىچىپ گەپ سورىدىڭىز،گېپىڭىزگە جاۋاب قايتۇرسام،يەنە مېنى بىر نېمە دەيسىزغۇ؟بۇ قانداق گەپ بولدى ئۆزى؟
ئايىمگۈل:
-بولدى-بولدى،مەن گېپىمنى قايتۇرۋالاي.سىزگىغۇ گەپ تېپىپ بېرەلمەيمىز زادى.مەن جىمجىت ئولتۇرۇپ زېرىكىپ،بىردەم پاراڭلىشايلى دەپ يىوىڭىزغا كىرگەنتىم.
كوتكوتجان:
-نېمە دېگىنىڭىز بۇ ئايىمگۈل مۇئەللىم،ئەگەر سىز دەرس ئۆتۈۋاتقان چاغدا ئوقۇغۇچىلار گەپ قىلسا،ئاچچىقىڭىز كېلەمدۇ؟
ئايىمگۈل:
-ئەلۋەتتە كېلىدۇ.دەرس ئۆتۈۋاتقاندا گەپ قىلسا كانداق بۇلىدۇ؟بۇ ماڭا ۋە مېنىڭ دەرسىمگە قىلغان ھۆرمەتسىزلىكقۇ؟بىراق بۇ ئى مېنىڭ سۆزۈم بىلەن مۇناسۋەتسىزغۇ دەيمەن؟
كوتكوتجان:
-نېمە دېگىنىڭز بۇ ئايىمگۈل مۇئەللىم؟نېمىشقا مۇناسۋەتسىز بولغۇدەك؟ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس ئۆتۈۋاتقان چاغدا گەپ قىلغىنى،بىزنىڭ خىزنەت ۋاقتىدا گەپ قىلغىنىمىز بىلەن ئوخشايدۇ.خىزمەت ۋاقتىدا گەپ قىلىشساق بۇ ھۆكۈمەتكە،مائارىپقا بولغان ھۆرمەتسىزلىكقۇ؟مۇشۇنچىلىك ئاددىي قائىدىنىمۇ چۈشەنمەمسىز ئەمدى ئايىمگۈل مۇئەللىم؟
ئايىمگۈل:
-ماقۇل-ماقۇل،مەن ۋەتەن-خەلققە يۈز كېلەلمەيدىغان ئىش قىلغىلى تاس قاپتىمەن.ۋەتىنىم خەلقىم مېنى كەچۈرگەي.ھۆكۈمەتكام مېنىڭ ھۆرمەتسىزلىكىمنى كەچۈرگەي.ئەمدىغۇ بولغاندۇ،كوتكوتجان مۇئەللىم؟
كوتكوتجان مۇئەللىم:
-ھەببەللى،ئەمدى بولدى،مانا مېنىڭدەك،سىزنىڭدەك خەلق ئوقۇتقۇچىلىرى،كەلگۈسى خۇجايىنلارنى تەربىيلەيدىغانلار بۇلىدىكەن،ۋەتىنىمىز كۈندىن-كۈنگە روناق تېپىپ تەرەققىي قېلىدۇ.
ئايىمگۈل:
-گېپىڭىز خاتا بۇلۇپ قالدى كوتكوتجان مۇئەللىم؟
كوتكوتجان:
-خاتا بۇلۇپ قالدى؟قەيىرى خاتا بۇلۇپ قالدى؟
ئايىمگۈل:
-‹بۇ نېمە دېگىنىڭىز›دېگەن دەبدەبىلىك سۆزىڭىزنى دىيىشنى ئۇنتۇپ قالدىڭىز؟
كوتكوتجان:
-نېمە دېگىنىڭىز بۇ ئايىمگۈل مۇئەللىم؟بۇ سۆز مېنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش ۋە دەم ئېلىش جەريانىدىكى مىزانلىرىمنىڭ بىرى.بۇ سۆزنى سەندەك ئادەتتىكى ئوقۇتقۇچىلارغا خالىغانچە ئىشلەتسەم،كىشىلىك ھاياتتىكى تۇرمۇش پىرىنسىپىمغا خىلاپلىق قىلغان بولمامدىمەن.
ئايىمگۈل:
-ھە ئەمدى چۈشەندىم،سىزدەك مۇنداق كاتتا گەپ قىلىدىغان مۇنەۋۋەر،ئاكتىپ باغۋەنلەر بۇ دەبدەبىلىك سۆزلىرىڭىزنى بىزدەك ئادەتتىكى ئوقۇتقۇچىلار ئالدىدا ئىشلەتسە بولمايدۇ راست.ھە-توغرا،ئاڭلىسام سىزنى ھېلىقى مەۋلۇت بىلەن زۆھرە رىياسەتچىلىك قىلىدىغان،يۇمۇر ئېيتىدىغان پروگراممىنى بەك ياقتۇرۇپ ئاڭلايدۇ دەپ ئاڭلىدىم.چۇقۇم بەك كۆپ يۇمۇرلارنى بىلىسىز-ھە؟
كوتكوتجان:
-نېمە دېگىنىڭىز بۇ ئايىمگۈل مۇئەللىم،ئەل سۆيگەن،ئەلنى سۆيگەن مۇنەۋۋەر،ئاتاقلىق،داڭلىق رىياسەتچىلەرنى فامىلىسىنىمۇ قوشماي،قاپ يۈرەكلىك بىلەن‹ھېلىقى›دېگەن سۆز بىلەن شەرھلىگىنىڭىز نېمىسى؟خەلقنىڭ دەرت-ئەلەم قايغۇ-ھەسرەتلىرىنى ئۇنتۇلدۇرۇپ،ئۇلارنى شادلىق قوينىغا باشلاپ كىرىپ،خەلقنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىگە سەۋەب بولغان،شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا كەڭ تارقالغان‹شادلىق مىنۇتلىرى›پروگراممىسىنى ‹يۇمۇر ئېيتىدىغان پروگرامما›دېگەن ئاددىي تىل بىلەن ئىپادىلەپ،ئۆزىنىڭ ھەرخىل تەربىيىۋى ئەھمىيىتى چوڭ بولغان پروگراممىلىرى ئارقىلىق خەلق قەلبىدىن ئورۇن ئالغان،كەڭ ئاڭلىغۇچى دوستلارنىڭ ئىتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانىسىسى 107.4 سەنئەت رادىئوسى دېگەن بىر چىرايلىق دوپپىسىنى ئېلۋەتسىڭىز بۇ قانداق بولغىنى؟
ئايىمگۈل:
-ۋاي-ۋۇي،نېمىلەرنى دەيدىغانسىز؟بىشىمنى پېرقىرىتىپ،كاللامنى چۆگىلتىۋەتتىڭىزغۇ؟ئىشقىلىپ سىزنىڭ توغرا،مېنىڭ راست.مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم ھېلىقى..ياق، خەلقنىڭ دەرت-ئەلەم قايغۇ-ھەسرەتلىرىنى ئۇنتۇلدۇرۇپ،ئۇلارنى شادلىق قوينىغا باشلاپ كىرىپ،خەلقنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىگە سەۋەب بولغان،شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا كەڭ تارقالغان‹شادلىق مىنۇتلىرى›پروگراممىسىدىكى يۇمۇرلارنى بىر قانچىنى سۆزلەپ بېرىڭ دېمەكچى ئىدىم.يا سۆزلىيەلمەمسىزيا؟
كوتكوتجان:
-نېمە دېگىنىڭىز بۇ ئايىمگۈل مۇئەللىم؟مەن ھەركۈنى ئىشتىن چۈشۈپلا بۇ پروگراممىنىن ئاڭلايمەن.ئاڭلىغاندىمۇ ئېلانلىرىنىمۇ قويماي ئاڭلايدىغان تۇرسام،يۇمۇرلارنى بىلمەسلىكىم مۇمكىنمۇ؟
ئايىمگۈل:
-نېمە؟ئېلانلارنىمۇ قويماي ئاڭلامسىز؟سىز خىزمەتتىلا ئەمەس،رادىئو ئاڭلاشتىمۇ بەك ئاكتىپ ئىكەنسىز جۇمۇ؟ئەمىسە سىز يۇمۇرغىلا ئەمەس،ئېلانلارغىمۇ ياد ئىكەنسىز جۇمۇ؟مەنغۇ ئېلان دېگەندىن بەك بىزار.ئاڭلىمىسىڭىزمۇ بولمامدۇ ئۇ ئېلاننى؟
كوتكوتجان:
-نېمە دېگىنىڭىز بۇ ئايىمگۈل مۇئەللىم؟باشقا قانالغا يۆتكىۋەتسەم بولمايدۇ؟
ئايىمگۈل:
-نېمىشقا ئەمدى؟
كوتكوتجان:
-چۈنكى مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان،مەن سۆيگەن،مېنى سۆيگەن ئاتاقلىق رىياسەتچىلىرىمىز ئىنتايىن تەكەللوپ بىلەن‹قانالنى يۆتكىمەڭ،ئېلاندىن كىيىنكى پروگراممىلىرىمىز تېخىمۇ سەرخىل›دەيسىغان تۇرسا.شۇڭا ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىسام بولمايدۇ.مەن قانچىلىك ئادەم ئىدىم ئۇلارنىڭ گېپىنى يارغۇدەك؟
ئايىمگۈل:
-ھە،مۇنداق دەڭ.بۇ ئىشىڭىز ناھايىتى ياخشى بولۇپتۇ.قېنى ئەمىسە شۇ يۇمۇرلاردىن نەق مەيداندا بىر-ئىككى كەلىمە سۆزلەپ قويمامسىز؟
كوتكوتجان:
-ماقۇل ئەمىسە،ھازى ئوقۇغۇچىلارمۇ دەرستىن چۈشۈپتۇ.مەنمۇ ئارام ئالغاچ سىزگە يۇمۇر ئېيتىپ بېرەي.
بىرىنچى يۇمۇرۇم:
بىر 80 ياشتىن ئاشقان ئامۇت ئىسىملىك بۇۋاي ئۆيىدە ئولتۇرسا،تۇيۇقسىز تېلىفون جىرىڭلاپتۇ.بۇۋاي تېلىفوننى ئېلىشىغا،قارشى تەرەپتىن ‹ھۆرمەتلىك ئابونت،ياخشىمۇسىز›دېگەن ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ.بۇۋاي‹خاتا ئۇرۇپ قۇيۇپسىز›دەپ تېلىفوننى قۇيۋېتىپتۇ.بىردەمدىن كىيىن تېلىفون يەنە جىرىڭلاپتۇ.بۇۋاي تېلىفوننى ئالسا، قارشى تەرەپتىن ‹ھۆرمەتلىك ئابونت،ياخشىمۇسىز›دېگەن ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ. بۇۋاي‹خاتا ئۇرۇپ قۇيۇپسىز›دەپ تېلىفوننى قۇيۋېتىپتۇ.بىردەمدىن كىيىن تېلىفون يەنە جىرىڭلاپتۇ.بۇۋاي تېلىفوننى ئالسا، قارشى تەرەپتىن ‹ھۆرمەتلىك ئابونت،ياخشىمۇسىز›دېگەن ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ.بۇۋاي ئاچچىقلىنىپ‹خاتا ئۇرۇپ قۇيۇپسىز دېدىمغۇ،مېنىڭ ئىسمىم ئابونت ئەمەس،ئامۇت› دەپتۇ.
ئايىمگۈل:
-ۋاي-ۋۇي،سىزدىمۇ يۇمۇرىستىك ھۈجەيرىلەر بار ئىكەن-ھە!راست بەك قىززىقكەن.قېنى يەنە بىرنى ئېيتىپ بېرىڭ.
كوتكوتجان:
-ئەمىسە يەنە بىرنى ئېيتىپ بېرەي.ئىككىنچى يۇمۇرۇم:
بىر ئوقۇتقۇچى جانلىقلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى توغرىسىدا دەرس سۆزلەپ،ئوقۇغۇچىلارغا‹جانلىقلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى توغرىسىدا ئويلىغانلىرىڭلارنى يېزىپ كېلىڭلار›دەپ تاپشۇرۇق بېرىپتۇ.ئەتىسىئوقۇتقۇچى تاپشۇرۇقلارنى تەكشۈرۈپ كېتىۋېتىپ بىر ئوقۇغۇچىنىڭ دەپتىرىگە قاراپ ئاچچىقلىنىپ،تاپشۇرۇق دەپتىرىنى يىرتىۋېتىپتۇ.
ئايىمگۈل:
-ۋۇي،نېمىشقا ئەمدى؟ئۇ ئوقۇغۇچى نېمە دەپ يېزىپتىكەن؟
كوتكوتجان:
-ئۇ ئوقۇغۇچى مۇنداق دەپ يېزىپتۇ.‹جانلىقلارنىڭ تەدرەجىي تەرەققىياتى     مېنىڭ مۇمام 90 يىل بۇرۇن تۇغۇلغان.تەدرەجىي تەرەققىي قىلىپ،بۇ يىل 90 ياشقا كىردى›دەپ يېزىپ قۇيۇپتۇ.
ئايىمگۈل:
-ۋاي خۇدايىم،مېنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمدىنمۇ دۆت ئوقۇغۇچىمۇ نېمە ئۇ؟
كوتكوتجان:
-ئۈچىنچى يۇمۇرۇم:
مەن قايسى كۈنى ياسالما سۆز دېگەن دەرسنى ئۆتكەن ئىدىم.دەرسنى سۆزلەپ بۇلۇپ،ياسالما سۆز دېگەن نېمە دېسەم،ھېچكىم جاۋاب بېرەلمىدى قاراڭ.
تۆتىنچى يۇمۇرۇم:يەنە بىر كۈنى...
ئايىمگۈل:
-توختاڭ،توختاڭ..ئۈچىنچى يۇمۇرىڭىز تۈگىدىما؟
كوتكوتجان:
-ھەئە،تۈگىدى.
ئايىمگۈل:
-كۈلىدىغان يېرى قېنى ئۇ يۇمۇرنىڭ؟
كوتكوتجان:
-تاپالمىدىڭىزما؟
ئايىمگۈل:
-مەن تېخى سىزنى رادىئودا ئاڭلىغان قىززىق،ئادەمنىڭ ئۈچىيىنى ئۈزۋەتكۈدەك يۇمۇرلارنى ئېيتىدۇ دەپ ئولتۇرسام...باشتىكى ئىككىسىغۇ بوپ قالىدىكەن،ئۈچىنچىسى نىمانداق پەلپەتىش يۇمۇر ئۇ؟ئۈچىيىمنى ۈزۋەتكۈدەك يۇمۇرلارنى ئېيتىڭە كوتكوتجان مۇئەللىم.
كوتكوتجان:
-نېمە دېگىنىڭىز بۇ ئايىمگۈل مۇئەللىم؟سىز ئەسلى ئادەمنىڭ ئۈچىيىنى ئۈزگۈدەك يۇمۇر ئاڭلىماقچىكەنسىزدە؟ئەمىسە مېنىڭ ئېيتقان يۇمۇرلىرىم قانداق ئىكەن؟
ئايىمگۈل:
-      باشتىكى ئىككىسىغۇ بوپ قالىدىكەن،ئۈچىنچىسى كۈلدىغان يېرىنى تاپالمىغاننىڭ ئۈستىگە،بالىلارنىڭ دۆتلىكىگە ئادەمنىڭ ئاچچىقى كېلىپ،ئۆتى يېرىلىپ كەتكۈدەك يۇمۇرلار ئىكەن.مۇشۇنىمۇ يۇمۇر دەپ ئېيتامسىز ئەمدى؟
كوتكوتجان:
-سىزدىن سوراپ باقاي.ئۈچەي بىلەن ئۆتنىڭ قايسىسى ئادەم بەدىنىدە بولمىسىمۇ بۇلىدۇ؟
ئايىمگۈل:
-ئەلۋەتتە،ئۆت بولمىسىمۇ بۇلىدۇ. نېمانداق تاقا-تۇقا سۇئاللارنى سوراۋېرىسىز؟ئادەم بەدىنىدىكى ئۆتنى ئېلۋەتسىمۇ،زىيىنى بولمايدىغۇ؟
كوتكوتجان:
-ھەببەللى،ئەگەر مەن سىزگە يۇمۇر ئېيتىپ،كۈلدۈرۈپ،ئۈچىيڭىزنى ئۈزۋەتسەم،سىزنىڭ ھاياتىڭىز خەۋپكە ئۇچرايدىكەن.بۇ چاغدا خەلقىمىز مۇنەۋۋەر بىر تەربىيلىگۈچىدىن ئايرىلىپ قالىدىكەن.مۇنداق بولغاندا خەلقىم مېنى بىر ئۈمۈر كەچۈرمەيدۇ.سىزگە مانا مۇشۇنداق ئۆتنى يارۋەتكۈدەك يۇمۇرلارنى ئېيتىپ بەرسەم،كۈلىدىغان يېرىنى تاپالماي.ئاچچىقلىنىپ ئۆتىڭىز يېرىلىپ كەتسىمۇ ھاياتىڭىزغا خەۋپ يەتمەيدۇ.بۇ يۇمۇرنى ئېيتىشىممۇ سىزنىڭ سالامەتلىكىڭىزگە،ۋەتىنىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا پايدىلىققۇ؟
ئايىمگۈل:
-ھە،ئەسلى مۇنداقكەندە،مېنى،مېنىڭ ھاياتىمىنى ئويلاشقىنىڭىزغا كۆپتىن-كۆپ رەھمەت.دەرس قۇڭغۇرىقى چېلىندى.مەن دەرسكە كېرىپ كەتتىم.
كوتكوتجان:
-ماقۇل ئەمىسە،خەلقىمىزنىڭ بىر سائەتلىك مائارىپ ئىشىنى سىزگە تاپشۇردۇم.خۇددى رەئىس ماۋزىدۇڭ ئېيتقاندەك:‹سىز ئىش باشقۇرسىڭىز مەن خاتىرجەم بۇلىمەن.›
(كوتكوتجاننى گەپكە سالىمەن دەپ،ئۇنىڭغا گەپ تېپىپ بېرەلمەي ھېرىپ قالغان ئايىمگۈل سالپايغىنىچە ئىشخانىدىن چىقىپ كېتىپتۇ.)





          كوتكوتجاننىڭ دۇكاندىكى سۆھبىتى
                (3-قىسىم)
كوتكوتجان دەم ئېلىش كۈنىدىن پايدىلىنىپ،بازارغا چىقىپ نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىپ،قايتىشىدا ئايالىغا بىرەر قۇر كىيىم ئېلىش ئۈچۈن ئاياللار كىيىمى سېتىلدىغان دۇكانغا كىرىپتۇ.
دۇكان خۇجايىنى:
-خوش كىلىشىپتىلا،خانىملار-ئەپەندىلەر.
كوتكوتجان:
-نېمە دېگىنىڭىز بۇ خۇجايىن؟مېنى ئەپەندىم-خانىم دەپ چاقىرغىنىڭىز نېمىسى؟
دۇكان خۇجايىنى:
-ۋاي-ۋۇي كەچۈرۈڭ ئەپەندىم،بۇ دۇكانغا ئەزەلدىن ئەر كىشى يالغۇز كىرىپ باقمىغان.كىرگەن تەقدىردىمۇ خانىمىنى ئېلىپ كىرەتتى.مەن تېخى سىزنىڭ كەينىڭىزدە خانىمىڭىز بار ئوخشايدۇ دەپتىمەن.كەچۈرۈڭ.
كوتكوتجان:
-نېمە دېگىنىڭىز بۇ خۇجايىن؟ھېچقىسى يوق.دۇنيادا خاتالاشمايدىغان ئادەم يوق.
دۇكان خۇجايىنى:
-ئەپەندىم،بۇ دۇكانغا خاتا كىرىپ قالدىڭىزمۇ قانداق؟بۇ دۇكاندا ئەرلەر كىيىملىرى سېتىلمايدۇ.
كوتكوتجان:
-نېمە دېگىنىڭىز بۇ خۇجايىن؟مېنى كۆزى يوقمىكىن دەپ قالدىڭىزمۇ نېمە؟مەن دۇكىنىڭىز ئۈستىدىكى ‹خانىم-قىزلار كىيىملىرى›دېگەن خەتنى كۆرۈپ كىردىم.مەن ئايالچە كىيىم سېتىۋالاي دېگەن.
دۇكان خۇجايىنى:
-ھە مۇنداق دەڭ،خانىمىڭىزغا سېتىۋالدىكەنسىزدە،سىز نىمانچە كۈيۈمچان ئەر.ھازىرقى جەمئىيتىمىزدە سىزدەك ئەرلەر بەك ئاز جۇمۇ؟
كوتكوتجان:
-نېمە دېگىنىڭىز بۇ خۇجايىن،سىزدە ئەرلەرنى كەمسىتىش ئىدىيىسى بەك كۈچلۈك ئىكەن-ھە؟بىز ئەرلەر ئائىلىدە تۇرمۇشنىڭ،ئىدارىدە خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ ھەركۈنى غايەت زور مىسلىسىز نەتىجىلەرنى يارىتىۋاتىمىز.بىزنى كەمسىتسىڭىز بولمايدۇ جۇمۇ؟
دۇكان خۇجايىنى:
-مەن مۇنداق دېمەكچى ئەمەس،مەندە بۇنداق نىيەت بولسىمۇ،ئۇنداق جۈرئەت يوق.
كوتكوتجان:
-بۇ نېمە دېگىنىڭىز بۇ خۇجايىن؟ئادەم يۈرەكلىك بۇلۇش كېرەك.پەكەت يۈرەكلىك بولغاندىلا چوڭ-چوڭ ئىلارنى قىلغىلى بۇلىدۇ.مەسىلەن:سىز يۈرەكلىك بولسىڭىز دۆلەتنى مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن،باشقۇرۇلدىغان بومبىنى كۆتۈرۈپ ئاپىرىپ،دۈشمەن ئىستىھكامىنى پارتىلتىپ،بىزنىڭ ئايال قەھرىمانىمىزغا ئايلىنالايسىز.يۈرەكلىك بولسىڭىز دۈشمەن سىزنى دۆلەتنىڭ مەخپىيىتىنى ئاشكارلاشقا مەجبورلىغاندا،ئۆلۈمدىن قورقماي،مەردانىلارچە قۇربان بۇلالايسىز.يۈرەكلىك بولسىڭىز...
دۇكان خۇجايىنى:
-تۇختاڭا...سىز...بۇ قانداق گەپ ئەمدى؟ مەندەك بىر ئادەتتىكى دۇكان خۇجايىنى دۆلەتنىڭ نېمە مەخپىيىتىنى بىلەي دەيسىز؟ئۇنىڭ ئۈستىگە باشقۇرۇلدىغان بومبىنى كۆتۈرۈپ دۈشمەن ئىستىھكامىغا ئاپارمىساممۇ،ئۇنى كومپيوتېر ئارقىلىق باشقۇرسا بۇلىدىغاندۇ؟
كوتكوتجان:
-نېمە دېگىنىڭىز بۇ خۇجايىن؟نادانلىق،نادانلىق ھەي نادانلىق.بۇنىڭ سەۋەبى بىرىنچىدىن:باشقۇرۇلدىغان بومبىنى كومپىيوتېردا باشقۇرساق بولمايدۇ.
دۇكان خۇجايىنى:
-نېمىشقا ئەمدى؟
كوتكوتجان:
-ھازىر نېمە تەشەببۇس قىلىنۋاتىدۇ بىلەمسىز؟ئىنىرگىيىنى تىجەپ،يەر شارى بايلىقىنى قوغداش تەشەببۇس قىلىنۋاتىدۇ.شۇڭا قولدا قىلغۇدەك ئىشنى قولدا قىلىشىمىز،قولدا قىلىشقا مادارىمىز بولمىسا،ئابدىن كومپىيوتېرغا تايىنىشىمىز لازىم.سىز شۇنچە يۈرەكلىك بولغاندىكىن باشقۇرۇلدىغان بومبىنى كۆتۈرۈپ ئاپارسىڭىز بىرەر يېرىڭىز خوراپ قالامدا؟
دۇكان خۇجايىنى:
-توۋۋا،توۋۋا،بىرەر يېرىڭىز خوراپ قالامدا دەيسىزغۇ؟پارتىلىتىمەن دەپ ئۆزۈممۇ پارتىلاپ كەتسەم قانداق قىلىمەن؟يەنە بىرەر يېرىڭىز خوراپ قالامدا دەيسىزغۇ؟
كوتكوتجان:
-بۇ نېمە دېگىنىڭىز خۇجايىن؟بۇ گېپىڭىز...
دۇكان خۇجايىنى:
-تۇختاپ تۇرۇڭە،سىز ھېلىقى كوتكوتجان ئوخشىمامسىز؟
كوتكوتجان:
-ۋېييەي،مەن شۇ...سىز مېنى قانداق تۇنۇيسىز؟مەن سىزنى تۇنىمىدىمغۇ؟
دۇكان خۇجايىنى:
-ئەلۋەتتە بىلىمەن.چۈنكى‹نېمە دېگىنىڭىز بۇ›دېگەن سۆزىڭىز سىزنىڭ كىملىك گۇۋاھنامىڭىزدىنمۇ مۇھىم بەلگىڭىز تۇرسا.مەن ھەر ئاخشىمى ‹شادلىق مىنۇتلىرى›پروگراممىسىدا سىزنىڭ ھېكايىڭىزنى ئاڭلايدىغان تۇرسام،ئەلۋەتتە تۇنۇۋالىمەن-دە.
كوتكوتجان:
-مېنى تۇنۇمىسىڭىزمىغۇ سەت تۇرار.ھەر ئاخشىمى رادىئودا مېنىڭ ئەنە شۇ ئۇلۇغۋار غايىلىرىمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قىلىۋاتقان مىسلىسىز،ياخشى،ئىشلىرىمنى،پاساھەتلىك،دەبدەبىلىك،ھېكمەتلىك سۆز-جۈملىلىرىمنى ئاڭلاپ تۇرىدىغان تۇرسىڭىز.تۇنۇيسىزدە ئەلۋەتتە.توۋۋا شۇنىڭغا قارىغاندا مەنمۇ خېلى داڭلىق شەخس بۇلۇپ قاپتىمان دېسە...
دۇكان خۇجايىنى:
-بولدى-بولدى،سىزنى بىر سۆزلەپ كەتسە توختاتقىلى بولمايدۇ.ئېغىزىنىڭ ئىچىلىشى بىلەن‹نېمە دېگىنىڭىز بۇ›دېگەن سۆز چىقىدۇ،دەپ ئاڭلىغان،بۇ گەپ راست ئىكەن جۇمۇ؟بۇلدى.ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك،خانىمىڭىزغا قانداق كىيىم ئالاي دېگەن ئىدىڭىز؟
كوتكوتجان:
-نېمە دېگىنىڭىز بۇ خۇجايىن؟خانىمىڭىز دەيسىزغۇ؟مەنمۇ توي قىلىپ مۇشۇ ۋاققىچە ئۇنى ئۇنداق چاقىرىپ باقمىدىم.
دۇكان خۇجايىنى:
-ۋېييەي،خانىمىڭىزنى خانىمىڭىز دېمەي،نېمە دەيمەن ئەمىسە؟خوش سىز ئۇنىڭ نېمە دەپ چاقىرسىزكىن؟
كوتكوتجان:
-ئۇ دېگەن مىللەتنىڭ ئانىسى.ئۇ بىر قولدا دۇنيانى تەۋرەتسە،بىر قۇلىدا بۆشۈكنى تەۋرىتىدۇ.شۇڭا مەن ئۇنى بۆشۈك بىلەن دۇنيانى تەېرىتىدىغان،مىللىتىمنىڭ ئانىسى پەرىشتەم دەپ چاقىرىمەن قاراڭ.
دۇكان خۇجايىنى:
-ماقۇل-ماقۇل، بۆشۈك بىلەن دۇنيانى تەېرىتىدىغان،مىللىتىمنىڭ ئانىسى پەرىشتىڭىزگە قانداق كىيىم ئالماقچى ئىدىڭىز؟
كوتكوتجان:
-مەن ئۇنىڭغا كىيسە خۇددى جەننەتتىكى ھۆر-پەرىلەردەك كۆرۈنىدىغان،دۇنيادا يوق كىيىم ئالماقچى ئىدىم.
دۇكان خۇجايىنى:
-ئۇف،كەچۈرۈڭ،دۇكىنىمدا ئۇنداق كىيىم يوق.سەتبولدى.باشقا دۇكانغا چىقىپ قاراپ بېقىڭ.
كوتكوتجان:
-بۇ نېمە دېگىنىڭىز خۇجايىن؟بۇ قانداق پۇزىتسىيە.دۇكىنىڭىزدا بولمىسا،باش شىركەتكە زاكاز قىلدۇرۇڭ.مەن شۇنداق كىيىمنى ئالىمەن دېگەن ئىكەنمەن،چۇقۇم ئالىمەن.مەن دېگەن خىرىدار.خىرىدار دېگەن نېمە بىلەمسىز؟خىرىدار دېگەن خۇدا.سىز خۇدانى رەنجىتىپ قۇيۇشتىن قورقمامسىز؟
دۇكان خۇجايىنى:
-بۇلىدۇ خۇدايىم،بۇلىدۇ.مەن باش شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىپ باقاي.ئەگەر پەرىشتىڭىزگە ماس كېلىدىغان كىيىم...
كوتكوتجان:
-توختاڭ،ئۇنىڭ ئىسمىنى تۇلۇق چاقىرىڭ.
  دۇكان خۇجايىنى:
-ماقۇل-ماقۇل،كەچۈرۈڭ. بۆشۈك بىلەن دۇنيانى تەېرىتىدىغان،مىللىتىمنىڭ ئانىسى پەرىشتىڭىزگە ماس كېلىدىغان كىيىم چىقىپ قالسا زاكاز قىلىپ قۇياي.ئاڭغىچە چاي ئىچكەچ ئولتۇرۇپ تۇرۇڭ.بۇ چاينى مەن ئەتىگەن قۇيۇپ قويغان،تۆكىۋېتىپ سىزگە قايتا قۇيۇپ بېرەي-ھە!
كوتكوتجان:
-نېمە دېگىنىڭىز بۇ خۇجايىن؟سىز بىز شەھەر پۇقراسى بۇلۇش سۈپىتىڭىز بىلەن سۇنى شۇنداق ئىسراپ قىلسىڭىز بۇلامدۇ؟بىلەمسىز؟ھازىر ئافرىقىدا قانچىلىغان كىشىلەر بىر يۇتۇم سۇغا خار-زار بۇلۇپ ياشاۋاتىدۇ؟مۇشۇ چاينى تۆككەن چاغدا كۆز ئالدىڭىزغا شۇ كۆرۈنۈشلەت كەلمەمدا؟بىزنىڭ يەر شارى ئانىمىز ھازىر ئېغىر سۇسىزلىق خەۋپىگە دۇچ كەلدى.شۇڭا بىز ئۇنى قوغداش،ئاسراش ئۈچۈن قۇلىڭىزدىكى بىر ئىستاكان سۇنى تۆكۈۋەتمەسلىكىمىز كېرەك.ئېسىڭىزدە بولسۇن‹يەر شارىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر تامچە سۇ بىزنىڭ كۆز يىشىمىز بۇلۇپ قالمىسۇن›.
دۇكان خۇجايىنى:
-مېنىڭ بۇ بىر ئىستاكان چاينى تۆكۋېتىشىم مۇنداق چوڭ پەلسەپە سۆزلىشىڭىزگە ئەرزىمەيدۇ.سىز دېگەن مىللەتنىڭ،ۋەتەننىڭ،دۇنيانىڭ خۇجايىنلىرىنى تەربىيلىگۈچى،دېمەك سىز دۇنيانىڭ خۇجايىنى دېگەن گەپ.سىز بۇنداق پاساھەتلىك،داغدۇغۇلۇق تۈسىنى ئالغان سۆزلىرىڭىزنى مېنىڭ بۇ ئاددىي دۇكىنىمدا تۇرۇپ دېسىڭىز،مەن ۋەتەن خەلقنىڭ ئالدىدى خىجىل بۇلۇپ قالىمەن.سىز ئەسلى بۇ سۆزلىرىڭىزنى ب د ت نىڭ يېغىن زالىدا،ئاقساراينىڭ نۇتۇق سۆزلەش مۇنبىرىدە،بولسا تۇققۇز پىلانتلارنى يېغىپ ئالەم بوشلۇقىدا تۇرۇپ سۆزلىگەن بولسىڭىز سىزگە بەكمۇ مۇۋاپىق كېلەتتى.
كوتكوتجان:
-رەھمەت،رەھمەت سىزگە خۇجايىن.مېنى چۈشەنگەن خەلقىمگە رەھمەت.مېنى مۇشۇنداق سۆزلەرنى ئاڭلاشقا مۇيەسسەر قىلغان ۋەتىنىمگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت.دېمەك،مەن كوتكوتجان دۇنيادا بىكار ياشاپ ياشاپتىمەن.خەلقىم مېنى مۇشۇنداق كاتتا سەھنىلەرگە لايىق دەپ قارايدىكەن.ۋەتىنىم مېنى ئېتىراپ قېلىدىكەن.مەن سۆزلەيمەن،داۋاملىق سۆزلەيمەن.مەن ئەنە شۇ كاتتا سەھنىلەرگە چىقىش ئۈچۈن،ھەر قانداق قىيىنچىلىق،بوران-چاپقۇن،خىيىم-خەتەرگە قارىماي سۆزلەيمەن.بۇ يولدا قۇربان بولساممۇ رازىمەن.
دۇكان خۇجايىنى:
-كەچۈرۈڭ،مەن ھازىر ۋەتەنگە،خەلققە ۋاكالىتەن شۇنى جاكارلايمەنكى،سىز ھازىر سۆزلەشتىن توختىشىڭىز كېرەك.بىزنىڭ پەخرىمىز بولغان سىزدەك ناتىقنىڭ بۇنداق ئاددىي جايلاردا سۆزلەرۋەرمەي،ئاۋازىڭىزنى ئاسرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.شۇڭا تېزدىن ئۆيىڭىزگە قايتىپ ئارام ئالغايسىز.
كوتكوتجان:
-بۇ نېمە دېگىنىڭىز خۇجايىن؟مېنى سىلەر مۇنداق ئىتىراپ قىلۋاتساڭلار،مەن سۆزلىمەي كىم سۆزلىسۇن.مېنىڭ سۆزلەشتىن تۇختىشىم سىلەرگە،خەلقىمگە قىلغان ھاقارەت.شۇڭا مەن سۆزلەيمەن.ھارماي سۆزلەيمەن.سىلەرنى ئاۋازىمنىڭ يىقىملىقلىقىدىن،سۆزۈمنىڭ پاساھەتلىكلىكىدىن،ئوي-پىكرىمنىڭ چوڭقۇرلىقىدىن ھۇزۇرلاندۇرۇش مېنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبورىيىتىم ۋە مەسئولىيىتىم،شۇنداقلا مۇقەددەس بۇرچۇم.
دۇكان خۇجايىنى:
-ئۇغۇ شۇ كوتكوتجان،قارىسام گۈزەل ئاۋازىڭىز بىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋېرىپ چارچاپ كېتىپتۇ،قايسىدۇر بىر داھىيمىز‹ئىشلەشنىلا بىلىپ،دەم ئېلىشنى بىلمىگەن كادىر،ياخشى كادىر ئەمەس.›دەپتىكەن.بۈگۈنكى بۇ نۇتىقىڭىز مۇشۇ يەرگىچە بولغان بولسا.قالغىنىنى ئەتە داۋاملاشتۇرغان بولسىڭىز.بىزنىڭ بۇ يىقىملىق ئاۋازىڭىزدىن ئايرىلىپ قالغىمىز يوق.ھازىر تېز ئۆيگە قايتىپ‹شادلىق مىنۇتلىرى›پروگراممىسىنى ئاڭلاڭ.
كوتكوتجان:
-ماقۇل مەن رادىئودىن ھېكايەمنى ئاڭلىغاچ ئارام ئالاي.خوش.
(كوتكوتجاننىڭ چىقىپ كېتىشى بىلەن كۆپ سۆزلەپ چارچاپ كەتكەن دۇكان خۇجايىنى ‹ئۇف›دەپلا ھۇشىدىن كېتىپتۇ.)









بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-7 16:23  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-1-7 16:44:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالامەت كوت-كوتجان كەن بۇ،ئاپىرىن.
ھەي  قىسىمغا بۈلۈپ يوللىغان بولسىڭىز......!


ۋاقتى: 2015-1-7 16:44:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەسئۇلىيەت

ۋاقتى: 2015-1-10 13:31:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمانچە قىزىق داۋامى،،،،،،

ۋاقتى: 2015-1-10 17:48:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارزۇ0998 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-10 13:31
نىمانچە قىزىق داۋامى،،،،،،

       كۈزىتىش ، بايقاش ،سول  قۇلىقىدىن تۇتىۋېلىپ سوزۇپ تۇرۇپ  ‹‹ تىپ ››  يارىتىش ئىقتىدارىڭىز خېلى بولىدىكەن .

ۋاقتى: 2015-1-14 19:02:21 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك كۈلكىلىك ئىكەن مۇبارەك بولسۇن سىزنى تەبرىكلەيمەن،

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش