كۆرۈش: 1105|ئىنكاس: 13

ئابدۇراخمان :‹يىپەك يولى ساداسى› دىن ‹كىتاب يىلى ساداسى› غىچە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
‹يىپەك يولى ساداسى› دىن ‹كىتاب يىلى ساداسى› غىچە

ئابدۇراخمان ئابدۇۋەلى ئوغۇز


      يېقىنقى ۋاقىتلىرىمىزنى ئەسلەپ،نەزەر سېلىپ باقىدىغان بولساق ھەر خىل شەكىلدىكى سەنىئەت تۈسىنى ئالغان پىروگىرامما ۋە مۇسابىقە پائالىيەتلىرى ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كىلۋاتىدۇ. بۇنىڭلىق بىلەن ئەسلىدىنلا سەنىئەت پىروگىراممىلىرى كۆپ بۇ جەمىئيىتىمىز تېخىمۇ رەڭدارلىشىپ ، تېخىمۇ جانلىنىپ بارماقتا !
      شۇنىڭغا ماسلىشىپ دىيارىمىز شىنجاڭدىمۇ ‹يىپەك يولى ساداسى›دىن ئىبارەت بىر سەھنە بارلىققا كىلىپ،كەڭ سەنىئەت سۆيەر خەلقىمىزنىڭ ئالقىشىغا ۋە ياقتۇرىشىغا ئېرىشىپ،ئۆز سەنىئەت قابىلىيىتىنى نامايەن قىلىشىغا ئىنتايىن ياخشى شارائىتلارنى ھازىرلاپ بەردى. خەلىقىمىز ئارىسىدىكى كۆمۈلۈپ قالغان گۆھەرگە تىگۈشكۈسىز شەخىسلىرىمىز بىر-بىرلەپ بايقالماقتا !
     مەن بىر ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن ئاددى كاللام ئارقىلىق شۇلارنى ئويلاپ قالدىم :
      بىز بىر ئۆمۈر مۇشۇنداق ناخشا توۋلاپ،ئۇسۇل ئويناپلا ئۆتەمدۇق؟! بىز ئىزدىنىشكە،تىرىشىشقا تىگىشلىك كۆپ قىسىم ھەتتا پۈتۈن زىھنىمىز ۋە ۋاقتىمىزنى ناخشا-ئۇسۇل سەھنىسىگە تۆكۈۋەرسەك بۇ سەھنىمىزنىڭ ئېغىرلىقى ئارتىپ،تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلۇپ كەتمەسمۇ ؟!
ئىلىم-پەن ساھەلىرىمىزمۇ مۇشۇنداق سەھنىلەرگە مۇھتاج ئىدىغۇ ؟! ئەجىبا بىز ئىلىم-پەن ساھەيىمىزنى مۇشۇنداق يالغۇز،ئىگە-چاقىسىز تاشلاپ قويساق ئۇ مۇڭسىراپ،چۆلدەرەپ،قاغجىراپ قالماسمۇ؟!......
      ئېسىل سەنىئەتلىرىمىزنى كۈچەپ كولاپ چىقاردۇق،چىقىرىپ بولدۇق.دۇنياغا ئاشۇ سەنىئەتلىرىمىز،پەقەت ئاشۇ سەنىئەتلىرىمىز بىلەنلا تۇنۇلدۇق خالاس. شۇنداقتىمۇ يەنە شۇ سەنىئەتلىرىمىزنى كولاۋاتىمىز،بىزەۋاتىمىز،يەنە قىلساق يەنە شۇ ناخشا-ئۇسۇل مىللىتى بىز!  ئەجىبا ئاشۇ گۆھەردەك كىتابلىرىمىزنى توپا بېسىپ تۇرسا ئۇنىڭ بىلەن كارىمىز بولمامدۇ ؟! ئەمدى بولسىمۇ ئازىراق ۋاقتىمىزنى سەرىپ قىلىپ ئاشۇ تۇتىيا كىتابلىرىمىزنى كولاپ باقساق بولماسمۇ ؟! ھېچ بولمىسا كىتابخانىلىرىمىزدا ئاللىقاچان توپا باسقان ھەم توپا بېسىشقا قەدەم ئالغان ، ئۆيلىرىمىزدە بىر بۇلۇڭغا تاشلىنىپ، كونىراپ كۆزىمىزگە سەت كۆرىنىۋاتقان ئاشۇ ئەزىز كىتابلارنىڭ توپىسىنى سۈرتۈپ باقساق مېنىڭچە مۇۋاپىق بولمايدىغان يېرى يوققۇ ؟!.....
      تەڭپۇڭلۇق نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ بىر جەمىئىيەتتە چوقۇم ھەر ساھەدىكى كىشلەر سانىنىڭ نىسپى بۇلىشى ئىنتايىن زۆرۈردۇر . ئۇنداق بولمىغاندا تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلۇپ، بۇ جەمىئيەتنىڭ پۇت تېرەپ تۇرالىشى قېيىن. ئەسلىدىنلا سانىمىز ئاز بولغان بىزلەرنىڭ ھەممىمىز  ناخشىچى،ئۇسۇلچى بۇلۇپ كەتسەك، بىزلەردىن ئالىم ، دوكتۇر.....لارنىڭ چىقىشىغا سانىمىز يىتىشەرمۇ ؟؟؟... مۇشۇنداق بۇلىۋەرسە بىزنىڭ ئىلىم-پەن چىرىغىمىز ئۆچۈپ، ياق.! ئىلىم-پەن چىرىغىمىزلا ئەمەس، ھەممە، ھەممە چىرىغىمىز ئۆچۈپ جەمىئيىتىمىزنى قاراڭغۇلۇق قاپلاپ كەتمەسمۇ ؟؟؟...
     مېنىڭ بۇ يەردە بىر مۇنچە گەپلەرنى قىلىشىم ھەرگىزمۇ سەنىئەتكە قارشى تۇرغىنىم ئەمەس. ئۆزۈممۇ سەنىئەتكە ھېرىسمەن مەستانە بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن سەنىئەتنى قوللايمەن ئەلۋەتتە . مىنىڭ قارىشىم ھەر ئىككىلىسىنى قوللاش كېرەك . سەنىئەت ،ئىلىم-پەن......قاتارلىق ياخشى ئىشلارنى قوللاش ، ماس قەدەمدە گۈللەندۈرۈش كېرەك . بىرسىگە قاتتىق ئەھمىيەت بېرىپ، بىرسىگە سىنچى كۆزىمىز بىلەن قاراپ قويساق بۇ دەل بىزنىڭ ئاجىزلىقىمىزنىڭ روشەن دەلىلى ئەلۋەتتە .
    يېقىندا ‹2015-يىلىنى ئۇيغۇرلارنىڭ كىتاب ئوقۇش يىلى قىلىش › چاقىرىقى ئېلان قىلىندى . شۇڭا مەن ‹يىپەك يولى ساداسى› سەھنىسىگە باغلاپ تەسەۋۋۇر قىلىپ ‹كىتاب يىلى ساداسى› دېگەن بۇ ئۇقۇمنى ئويلاپ چىقتىم .
     يىپەك يولىدىكى بۇ ساد پەقەت سەنىئەتنىڭلا ساداسى بۇلۇپ قالسا بۇ سادا جاراڭسىز سادا بۇلۇپ بۇلۇپ قالامدۇ قانداق ؟؟ ئۇنىڭدا يەنە ئىلىم-پەن،مەدەنىيەت.....لىرىمىزنىڭ ئاۋازلىرى قۇشۇلسا بۇ سادا ئاندىن ھەقىقى سادا بۇلۇپ ياڭرىيالايدۇ دىسەم ئىشىنىسىزغۇ دەيمەن !؟....
    ئەگەر ‹يىپەك يولى ساداسى› سەنىئەت سەھنىسىگە ئوخشاش ‹كىتاب يىلى ساداسى›دەيدىغان بىر سەھنە بارلىققا كەلسە،  بۇ سەھنىگىمۇ دىيارىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئىلىم-پەن ئۈچۈن قەلبى ئاتەش بۇلۇپ يېنىۋاتقان ماھىرلار كىلىپ قاتناشسا ، ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى داڭلىق ئەربابلرىمىزنى باھالىغۇچى قىلىپ تەكلىپ قىلساق، ماھىرلار ئۆزىنىڭ تۇرمۇشتىن ئالغان ساۋات،يەكۈنلىرى،كىتابتىن ئېرىشكەن بىلىملىرىنى......ئىشقىلىپ پەن-مەدەنىيەتكە ماس كىلدىغان بىلىملەرنى سۆزلىسە ، بىزنىڭ باھالىغۇچى ئۇستازلىرىمىز ئۇلارغا تەكلىپ-پىكىرلىرىنى بېرىپ، توغىرا يولغا باشلاپ، ئۆزىگە شاگىرىت قىلۋالسا ، قىسقىسى بىزنىڭ ئىلىم-پەن ئىشلىرىمىز ئۈچۈن ئورۇندۇق ئايلاندۇرۇپ مايىللىقىنى بىلدۈرسە، بىزنىڭ ئىلىم ساھەسىدىكى كىشلىرىمىزمۇ سەنىئەت ساھەسىدىكى ئەربابلىرىمىزدەك سان ۋە سۈپەت جەھەتتىن تەرەققىي قىلىپ كۆپەيسە ، پۈتۈن دۇنيا بىزنىڭ سەنىئىتمىزگىلا ئەمەس، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت.....قاتارلىق ھەر قايسى ساھەلرمىزگە مايىل ھەم قايىل بۇلۇپ تەڭ ئورۇندۇق ئايلاندۇرسا ......نىمدىگەن ياخشى-ھە!؟؟ دەپ ئويلاپ بۇ يازمىنى يېزىپ چىقتىم.
    بۇ ئەلۋەتتە مىنىڭ شەخسى كۆز قارىشىم ، مېنىڭ ئويلايدىغىنىم بىر جەمىئيەتتە ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى كىشىلەر ئورتاق تەرەققىي قىلىپ كۆپەيسە جەمىئيەتنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتىمۇ تېز ھەم ئۈنۈملۈك بولىدۇ دەپ قارايمەن........

7-يانىۋار      جىنخۇا

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-1-7 16:48:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹2015-يىلىنى ئۇيغۇرلارنىڭ كىتاب ئوقۇش يىلى قىلىش › چاقىرىقى ئېلان قىلىندى .

بۇ چاقىرىقتىن مەن بىخەۋەر ئىكەنمەن ، ئەمما مەن ۋاقىت چىقىرىپ كىتاب ئوقۇشقا ئادەتلەنگەنمەن . بولسا بۇ جۈملە تېخىمۇ ئۇچۇق يۇرۇتلسا بوپتىكەن ، دېگەن ئۈمۈدتىمەن ...

ۋاقتى: 2015-1-7 17:18:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئۇكام ئابدۇراخمان، ناھايىتى ئەتراپلىق ئويلاپسىز. ھازىر بىر ياخشى بىر ئەدىپ ئون نەچچە يىل تىرىشىپ بىر كىتاب يازسا، نەشرىيات ئۈچ مىڭ تىراژدا نەشر قىلىدۇ. بۇ كىتاب سېتىلماي ئاخىرىدا قەغەز  زاۋۇتىغا بارىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ دەپتىرىدە ئۇيغۇر ئون مىليوندىن ئاشىدۇ. ئۈچ مىڭ كىتابنى ئون مىليون ئۇيغۇرغا چاچسىڭىز، مىللىتىڭىزنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسىنىڭ قايسى باسقۇچتا كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ چۆچۈل كېتىسىز.مەن كىتاب خۇمار كىشىلەرنى بەك ياقتۇرىمەن، كۆپ كىتاب ئوقۇغان ئادەم ئەقىللىق كېلىدۇ، نۇرغۇن مەسىلىلەرنى مۇستەقىل ھەل قىلالايدۇ. ئەمما بىزدە قارغۇلارچە ئىش كۆرىدىغانلار  ھەتتىدىن زىيادە بولغاچقا، قىلغان ئىشلىرى قىردىن ئاشمايۋاتىدۇ. ئون مىليون ئۇيغۇردىن ھېچ بولمىغاندا بىرەر مىليون ئۇيغۇر كىتاب ئوقۇيدىغان ھالەت شەكىللەنگەن بولسا، ھازىرقى تەرەققىياتتا تەڭ ماڭالىشى مۇمكىن ئىدى، رىقابەت ناھايىتى كەسكىن، بىز سەنئەتكە يۈرۈش قىلغان ئاشۇ بىرتۈركۈم ناخشا-ئۇسۇل خومار ياشلاردەك ئىلىم-پەنگىمۇ تۈركۈم-تۈركۈملە ھۇجۇم قىلىشىمىز كېرك ئىدى. ئەپسۇس ئۇنداق بولمايۋاتىدۇ. جەھازىرقى جەمئىيەتتىكى رىقابەت  بىزنى شاللىۋېتەرمىكىن دەپ بەك ئەنسىرەيدىغان بولۇپ قالدىم.مەسىلەن ئۇيغۇر شائىرىلىرىدىن خېلى داڭلىق شائىرلارنىڭ شېئىرلار توپلىمىنىڭ تىراژى ئۈچ مىڭدىن ئاشمىدى، شۇمۇ سېتىلمايۋاتىدۇ، ئەمما خەنزۇچىنى ئۆز يېزىقىدەك بىلىدىغان بىر تۈركۈم ئەدەبىي ھەۋەسكارلار خەنزۇ يېزىقىدا شېئىر يېزىپ خېلى ئىقتىسادىي ئۈنۈم ھاسىل قىلغان، ھەتتا تۇنجى شېئىرلار توپلىمە خەنزۇچە 70 مىڭ، 80 مىڭ تىراژدا  نەشر قىلىنىپ تۈگىگەن. بۇ سېلىشتۇرمىدىن بىزنىڭ مەسدەنىيەت سەۋىيىمىزنىڭ قايسى دەرىجىدە كېتىۋاتقانلىنى كۆرۈپ چۆچۈپ كېتىسىز. سىز بولسىڭىزمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىپ تىرىكچىلىك يولىدا ئۈزۈپ چىقىشىڭىزغا تىلەكداشمەن. قەلىمىڭىز بەرىكەتلىك بولغاي ئىلاھىم.  

باھا سۆز

پىكىرىڭىز تولىمۇ ئورۇنلۇق بوپتۇ  ۋاقتى: 2015-1-7 05:53 PM
ۋاقتى: 2015-1-7 17:29:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ناھايىتى ياخشى تەكلىپ بوپتۇ . مەنمۇ بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى . كىتاب ئوقۇش يىلى تەشەببۇسىغا ئاۋاز قوشۇش مەقسىتىدە ئىزدىنىش كىتابخانىسىنىڭ ئىزىنى بېسىپ، ئۆز نامىمدا كىتاب ئوقۇش پائالىيىتى تەشكىللىدىم . لېكىن مۇشۇ پائالىيەت ئۇچۇرىنى كۆرگەندىن كېيىن سىز تەشكىللىدىڭىزما ؟ ئۆزىڭىز مۇكاپاتلامسىز ؟ بىكاردىنلا چىقىم تارتىپ نېمە جاپا ؟ دېگەندەك سورىغانلارمۇ ، قولىمىز بوشىغاندا كېيىنچە قاتنىشىپ قويارمىز دېگۈچىلەرمۇ ، قانداق مۇكاپات بېرىسىز دېگەندەك سورىغانلارمۇ بولدى. ھەتتا بەزىلەر كىتابنىغۇ ئوقارمىز ، لېكىن تەسىرات يېزىش ئاۋارىچىلىق دەپ قاتنىشىشتىن ۋاز كەچتى . كىشىلەرنىڭ ھورۇنلۇقتا بۇ دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى پەقەت ئويلىماپتىكەنمەن. ھېلىمۇ ياخشى يەنە بىر تۈركۈم كىتابخۇمار دوستلىرىمىزنىڭ قىزغىنلىق بىلەن قاتنىشىشى ئازراق بولسىمۇ تەسەللى بولدى .  كىتاب ، مەنىۋىيەت  ھەر بىرىمىز ئويلىنىپ بېقىشقا  ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن ئاۋاز قوشۇشقا تېگىشلىك  ئەڭ مۇھىم تېما.

ۋاقتى: 2015-1-7 17:33:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2015-يىلىنى كىتاپ ئوقۇش يىلى قىلىش تەشەببۇسىنى ئاڭلاپ بەك خۇش بولدۇم ، كىشىلەر مەنىۋىيەتكە دېگەندەك كۆڭۈل بۆلۈپ كېتەلمەيۋاتقان ، روھىيىتىمىز كۈنسېرى قورغاقلىشىپ كېتىۋاتقان بۈگۈنكىدەك كۈنلەردە  ماددىي دۇنيا ھەلەكچىلىكىدە  ئالدىراش يۈرگەن كىشىلەردىن  باشقا ئەتراپىمىزدا يەنە بىر تۈركۈم مەنىۋىيەت ئۈچۈن تىنىمسىز كۆرەش قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ بارلىقىغا ئىشەنسەممۇ، لېكىن قوللىغۇچىلارنىڭ يوق دېيەرلىك ئىكەنلىكىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىناتتىم. بۇ تەشەببۇسنى ئاڭلىغاندىن كېيىن خۇش بولدۇم، ئۈمىدلەندىم ، بىر قاتار پىلانلارنى تۈزگەنمۇ بولدۇم. لېكىن يەنە بىر نەرسە كەمدەك.
بوۋام:« ئادەم  چىن كۆڭلىدىن بىر ئىشنى قىلىشقا نىيەت قىلسا ئامالىنى تاپىدۇ، قىلىشنى خالىمىسا باھانىسىنى تاپىدۇ » ـــ دەيدىغان.  ئۇنداقتا بىز ھازىر ئامالىنى تېپىۋاتامدۇق باھانىسىنىمۇ ؟   
نۇرغۇن ئادەملەر ئۇ كىتابنى ئوقۇماقچى ئىدىم، تاپالمىدىم. بۇ كىتابنى ئوقۇماقچى ئىدىم ، ۋاقىت يوق. بىر كىتابنى ئوقۇشقا باشلىغان ئىدىم ، لېكىن ئاخىرىنى چىقىرىپ بولغىچە ئۇ بۇ ئىشلار بىلەن بولۇپ قېلىپ  داۋامىنى ئوقۇيالمىدىم ، دېگەندەك تۈرلۈك تۈمەن باھانىلەرنى تاپىدۇ.  لېكىن تاپالمىدىم دېگەن شۇ كىشىلەر ئۆيىدىن باشقا يەرلەردىن شۇ كىتابنى ئىزدەپ باققان بولىشى ناتايىن. ۋاقىت يوق دېگەن كىشىلەردىن سورىغۇم كېلىدۇ ، ۋاقتىڭلار نەگە كەتتى؟  ھەممە ئادەمنىڭ بىر كۈنى ئوخشاشلا 24 سائەت. كىتاپ ئوقۇيدىغانلارنىڭ بىر كۈنىمۇ ھەرگىز بۇ 24 سائەتتىن ئۇزۇن بۇلۇشقا قادىر ئەمەس. ئەجەبا كىتاپ ئوقۇشقا ۋاقىت چىقىرالمىغان ئاتالمىش ئالدىراش شۇ كىشىلەرنىڭ بىر كۈنى 24 سائەتتىن قىسقىمىدۇ؟
بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ توغرىسىدا كۆپ ئويلانغان بولساممۇ ئېرىشكەن جاۋابىم ھورۇنلۇق ۋە كۆڭۈل قويماسلىقتىن باشقا نەرسە بولمىدى. گەرچە بۇ توغرىسىدا كۆپ سۆزلىگۈدەك سالاھىيىتىم بولمىسىمۇ، لېكىن كىتاب ئوقۇش يىلىدا بىرەر ئىش قىلغۇم، كىتاب ئوقۇش يىلى تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان شۇ كىشىلەرنى قوللىغۇم، ئازراق بولسىمۇ كۈچ چىقارغۇم كەلدى.
شۇ سەۋەبلەر بىلەن  ئىزدىنىش كىتابخانىسى يولغا قويغان « كىتاب يىلىغا ئازغىنە سوۋغا » پائالىيىتىنىڭ ئىزىنى بېسىپ بىرەر ئىش  قىلىشنى لايىق تاپتىم.  پائالىيەت قائىدىسى ئوقۇرمەنلەر خالىغان بىر كىتابنى ئوقۇغاندىن كېيىن ، كىتاب ئوقۇش تەسىراتى يېزىپ ماڭا ئەۋەتىسىلەر. ئوقۇغان كىتابلار چوقۇم 2010- يىلىدىن كېيىن نەشىردىن چىققان كىتابلار بولىشى كېرەك. تەسىرات يېزىپ ئەۋەتكەندە  كىتابنىڭ رەسىمىنىمۇ قوشۇپ ئەۋەتسەڭلار تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. پائالىيەت ۋاقتى 2015-يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ 12- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە. پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئەڭ كۆپ كىتاب ئوقۇغان ئوقۇرمەنلەر  ۋە ئەڭ ياخشى تەسىرات ماقالىلىرى تۈرى بويىچە  پائالىيىتىمىزگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشقان قېرىنداشلىرىمىزنى تاللاپ چىقىپ مۇكاپاتلاش ئېلىپ بارىمىز. مۇكاپات بۇيۇمى ئىشىك ئالدىغىچە ھەقسىز يەتكۈزۈلۈپ بېرىلىدۇ. مۇكاپات بۇيۇمى كىتاب.قايسى كىتاب ، قانچىلىك كىتاب دېگەنلەر ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزغىنلىقى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. لېكىن  ئوقۇرمەنلەرنىڭ تىرىشچانلىق ۋە قىزغىنلىققا لايىق رازى بولغىدەك مۇكاپاتقا ئېرىشەلىشىگە كاپالەت بېرىمەن.
كىتاب ئوقۇش يىلى تەشەببۇسىدىن ھاجانلىنىپ ، بۇ توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى دوستلار چەمبىرىكىگە يوللاپ قويغان بىلەنلا ئىش پۈتمەيدۇ. ئوقۇغىدەك كىتاب تاپالمىغان بولسىڭىز ، ياكى ئوقۇماقچى بولغان كىتابىڭىزنى تاپالمىغان بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ . بىز كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە تېپىپ بېرىمىز. ياخشى كىتابلارنى تەۋسىيە قىلىمىز. قېنى ئەمىسە ، كىتاب ئوقۇش يىلىمىز ئۈچۈن ، چاڭقاپ كەتكەن روھىيىتىمىز ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشايلى.
تەسىرات ئەۋەتىش، ئالاقىلىشىش نومۇرى :
ئۈندىدار ، مۇڭداشقۇ : 2207187329
ئالاقىلاشقۇچى : خىيال


باھا سۆز

بىلەن سۆيۈشىمىز كېرەك  ۋاقتى: 2015-1-7 05:54 PM
مىللەت دېگەننى ئېغىزىدا، ھاراق ئىچىپ مەس بولغاندا ئەمەس،ئەمەلىي ھەرىكەت  ۋاقتى: 2015-1-7 05:54 PM
ۋاقتى: 2015-1-7 17:56:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىيالىم يوللىغان ۋاقتى  2015-1-7 17:33
2015-يىلىنى كىتاپ ئوقۇش يىلى قىلىش تەشەببۇسىنى ئاڭلاپ ب ...

توغرا دەيسىز . تىرىشىپ ھەرىكەت قىلساق ، ئەجرىمىز ھەرگىز جاۋابسىز قالمايدۇ.

ۋاقتى: 2015-1-7 18:04:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇرۇن ناۋانى قويماي دېگۈدەك كۆرەتتىم. ھازىر «يىپەك يولى ساداسى»نى قويماي كۆرىمەن. ئەگەر ئىككىسىنىڭ ۋاقتى بىر ۋاقتتا بولمىغان بولسا ھەر ئىككىسىنى كۆرگەن بولاتتىم. بىر ھەپتە ئىچىدە تېلېۋىزوردىن كۆرىدىغىنىم ئاساسەن مۇشۇ ئىككى پروگرامما ئىكەن (ئۇيغۇرچە، بۇلارنى ئائىلە بويىچە كۆرۈش كۆڭۈللۈك)، لېكىن مەن تېلېۋىزور كۆرۈشكە بەك ئامراق. قالغان ۋاقتتا ئاساسەن مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 9- قانىلى (ھۆججەتلىك فىلىم قانىلى) بىلەن 10 - قانىلى (ئىلىم - پەن قانىلى)، 13- قانىلى (ئاخبارات قانىلى)نى كۆرىمەن. ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە كىرگەن ھامان تېلېۋىزوردىن 9- قانالنى ئېچىش ئادىتىمگە ئايلىنىپ قالدى. ئۇيغۇرچە پروگراممىلارمۇ مانا مۇشۇنداق ئۇنىۋېرسال ھەم كىشىگە نەپ يەتكۈزەلىسە قانداق ياخشى بولاتتى ھە.
بۇ يىلنى كىتاب ئوقۇش يىلى قىلىشمۇ بەك ياخشى تەشەببۇس بوپتۇ. مەيلى ئىزدىنىش كىتابخانىسى بولسۇن، مەيلى خىيال ئىسىملىك تورداش بولسۇن تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىش قىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن سۆيۈندۇق.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-7 18:05:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىيالىم يوللىغان ۋاقتى  2015-1-7 17:56
توغرا دەيسىز . تىرىشىپ ھەرىكەت قىلساق ، ئەجرىمىز ھەرگ ...

ئەسسالام ئەلەيكۇم   
بۇ تېمامنى تەستىقلىغان ئۇستازلارغا تەشەككۈر !
  مىنى قوللىغان ئۇستازلار  ،دوستلار  ھەممىڭلارغا كۆپ تەشەككۈر

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-7 18:08:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىيالىم يوللىغان ۋاقتى  2015-1-7 17:29
بۇ ناھايىتى ياخشى تەكلىپ بوپتۇ . مەنمۇ بىر ئالىي مەكتەپ ...

ئىشلىرىڭىزنى مەنمۇ ئاڭلىغان .  بەك ياخشى قىلىپسىز        سىزنى قوللايمەن

ۋاقتى: 2015-1-7 18:22:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئويغۇر يوللىغان ۋاقتى  2015-1-7 18:08
ئىشلىرىڭىزنى مەنمۇ ئاڭلىغان .  بەك ياخشى قىلىپسىز         ...

قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت .  مۇمكىن بولسا تېخىمۇ كۆپ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قاتنىشىشىنى قارشى ئالىمەن ھەم ئۈمىد قىلىمەن .

ۋاقتى: 2015-1-7 19:15:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزى گەپلەر ئورۇنلۇق بولسىمۇ يەنىلا ھەممە كەسىپنىڭ تەڭ تەرەققى قلغىنى ياخشى بزگە سەنئەتكارمۇ ئالىم يازغۇچىمۇ كىرەك. نەدىكىبىر تايىنى يوق پىروگىراممنى كۆرىدۇ سەنئەت پىرىوگراممىسى دەپ ئەمدىلا يىڭى چىققان ياخشى پىروگىراممىنى بىردەمدە تەنقىدلەپ مۇنبەرلەردە سازايى قىلىپ

ۋاقتى: 2015-1-7 19:22:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپنچە مۇنبەرلەردە باركەن مۇنداق تىما ساپلا مۇشۇ تىمىدەكلا شۇ پىروگىراممىنى تەنقىدلەپ

ۋاقتى: 2015-1-7 20:07:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوبدان ئويلاپسىلەر بۇرادەرلەر،ئەگەر دۇنيادىكى مىللەتلەر كىتاپ ئوقۇش سانىنى رەتكە تۇرغۇزسا شەكسىزكى بىز ئەڭ ئارقىدا قالغۇچىلاردىن بولۇپ قالىمىز،شۇڭا كىتاپ ئوقۇش،بىرى يازغۇچىغا مەدەت بېرىش،قوللاش بولسا بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر مەتبۇئات-نەشىرياتچىلىقىنى قوللاش بولۇپ ئاخىردا بىزنىڭ تىل -يېزىق مەدەنىيتىمىزنى قوغداشقا كۈچ چىقارغانغا باراۋەرلىشىدۇ.

ۋاقتى: 2015-1-9 15:49:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزگۈ تىلەكلەر چوقۇم ئىشقا ئاسقۇسى، ئۈمىدۋارلىق جىلۋىلىنىپ، ئوتلۇق يۈرەكلەر يىلىنجاپ تۇرسىلا!...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش