يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 899|ئىنكاس: 12

فىردەۋسىي

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
فىردەۋسىي

(تارىخىي رومان)

ساتىم ئۇلۇغزادە (تاجىكستان)

ئابدۇسالام مۇھەممەد بەگزات ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان

بىرىنچى قىسىم

بىرىنچى باب  قىشلاقتا بىر خانىدان

     باغ ئىچىدىكى خىلۋەت ھۇجۇرىدا شائىر يازماقتا...                       

قۇرۇق، رەڭسىز نەسىرىي شەكىلدە  پۈتۈلگەن داستانلار پاساھەتلىك، رەڭدار نەزمگە ئايلانماقتا ئىدى. گويا قىشتىن قۇتۇلغان دەرەخلەر باھارغا يۈز تۇتۇپ يالىڭاچ نوتىلىرىنى گۈل ۋە ياپراقلار بىلەن بىزىگەندەك بۇ داستانلار شېئىرى زىننەت بىلەن ئورالماقتا ئىدى. داستانلار سىلسىلىسى ئەسىرلەرنىڭ قاراڭغۇ قەرىدىن چىقىپ ئېغىزدىن ئېغىزغا، ئەۋلادتىن ئەۋلادقا ئۆتۈپ شائىرنىڭ زامانىسىغا قەدەر يېتىپ كەلگەنىدى. شائىر ئاشۇ سىلسىلىگە سۆزنىڭ دۇر، گەۋھەرلىرىدىن مارجانلار تاقىماقتا. داستانلار مەجمۇئەسى بولغان چوڭ ھەم قىلىن كىتاب-نەسىرى «شاھنامە»، پارس، ئەرەب تىللىرىدىكى باشقا تارىخى مەنبەلەر خانتاختا ئۈستىدە، ھۇجىرىنىڭ تاكچىلىرىدا تىزىقلىق تۇراتتى. شائىر ئۇلارغا كىر قوندۇرماس ئىدى.

نەزمىنىڭ رەڭدار سەھىپىلىرىدە قەدىمىي ئەجەم مۈلكىنىڭ شاھلىرى ۋە جاھان پەھلىۋانلىرى تىرىلىپ، شائىرغا ئۆزلىرىنىڭ ئاجايىپ ئىشلىرىدىن «نەقىل» قىلىپ بېرەتتى. جەڭگىۋار ئاتلار تۇيىقىنىڭ دۈپۈرلىشى، تۇلپارلارنىڭ ئەسەبىي كىشنىشى، باتۇرلارنىڭ ھۆركىرەشلىرى، شەمشەرلەرنىڭ بىر بىرىگە شاراق - شۇرۇق ئۇرلىشى، ناغرا ۋە دەھۇل - دۇمباقلارنىڭ ۋەھىمىلىك گۈمبۈرلدشلىرى، كارنايلارنىڭ پەلەككە ئۆرلىگەن نەرىسى شائىرنىڭ قۇلاقلىرىدا ئۆزلۈكسىز سادالىناتتى. جەڭ - مۇھارىبە تىن ئالغان دەقىقىلەردە قەدىمنىڭ ئالىم، دانىشمەنلىرى ئۇنىڭ ھوزۇرىغا مىھمان بولۇپ كېلىپ سۆھبەت قۇرۇپ ئۆز پەند - نەسىھەتلىرىنى بايان قىلىشاتتى....يەنە كەڭ مىز (ئۈستەل) ئۈستىدە ئۇزۇن - ئۇزۇن دەپتەرلەر تەييار ئىدى. سەھىپىلەر ئۇششاق خەتلەر بىلەن تولغانىدى. بۇلار - شائىر ئوقۇغان فارىسىي، ئەرەبىي، پەھلەۋىي تىلىدىكى ئەسەرلەردىن كۆچۈرۈپ ئىلىنغان نەقىللەر ۋە ئىران، تۇران شەھەرلىرىنى كىزىپ داستانچىلاردىن توپلىغان ئەپسانىلەر ئىدى.

      بۇ زات-ھەكىم ئوبۇلقاسىم فىردەۋسىي، يەنى فىردەۋسىي تۇسى ئىدى. خوش، تۇس قانداق شەھەر ئىدى؟ راۋىيلارنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە، ئۇنى «شاھنامە» نىڭ مەشھۇر قەھرىمانى تۇسى نوزەر بەرپا قىلغان ئىكەن. ئاشۇ پەھلىۋان لەشكەر بېشى پادىشاھ كەيخۇسراۋنىڭ غەزىپىگە ئۇچۇراپ خۇراسانغا قاچقان، كېيىن شۇ يەردە - كەشەفرود ساھىلىدا ئەنە شۇ شەھەرنى بەرپا قىلغانىكەن. ئەلۋەتتە دەسلەپتە لەشكەرگاھ قۇرۇلغان، كېيىن ئاستا - ئاستا كېڭىيىپ شەھەر تۈسىنى ئالغان. باھادۇر تۇس ئىران ۋە خۇراسان ئەھلى ئۈچۈن رۇستەمى داستاندەك سۆيۈملۈك بولۇپ تۇسلىقلار ئۆز شەھرىنىڭ نامى بىلەن پەخرلىنەتتى.

     كەشەفرود دەرياسى ۋادى ئارىلاپ ئاقاتتى. ۋادىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبى تەرەپلىرىدىن ئىگىز تاغلار قورشاپ ئالغانىدى. ۋىلايەت ئىقلىمىنى چوققىسىنى ھەمىشە قار باسقان تاغلارنىڭ سەلكىن شاماللىرى، توختاۋسىز شارقىراپ ئاقىدىغان سۇلارنىڭ سالقىنى يۇمشىتىپ تۇراتتى. بۇيەرنىڭ ئاب-ھاۋاسى، دىھقانچىلىق ۋە باغۋەنچىلىك ئۈچۈن قۇلاي ئىدى. كۆكلەمدىن تا كۈزنىڭ ئاخىرىغىچە ئىكىنزارلار، باغۇ - بوستانلار شىرىن - شېكەر مىۋىلەرگە تولۇپ چىمەنزارلار يىشىل لىباسلارغا پۈركىنىپ ياتاتتى.

     شەھەر بىر بىرىگە تۇتاش ئىككى كىچىك شەھەرچىدىن ئىبارەت بولۇپ شەر*قى شەھەرچىنى تابران، غەربى شەھەرچىنى نەۋگان دەپ ئاتىشاتتى. تابراننىڭ بىر دەرۋازىسى رەزان بولۇپ فىردەۋسىي تۇغۇلۇپ دۇنياغا كۆز ئاچقان شاداب ۋە ھازىر ياشاۋاتقان باج قىشلىقىدىكى باغلىرى ئۇنىڭغا تۇتۇشۇپ كېتەتتى. فىردەۋسىينىڭ ئەجدادلىرى ئەنە شۇ قىشلاقلاردا ياشاپ ئۆتكەنىدى.ئۇلار دىھقانلار - يىرىك زىمىندارلار بولۇپ ئىسلام دىنىنىڭ ئاۋالقى دەۋرىدىكى ھۆكۈمران تەبىقە ھىسابلىناتتى. بۇ تەبىقە ئەھلى «ئازاد» ئاتىلىپ ئىسىلزادىلەر قاتارىغا كىرەتتى. ئەرەبلەر ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە ئۇلار ئاستا - ئاستا سىياسىي، ئىقتىسادىي نوپۇزلىرىدىن مەھرۇم بولۇپ كىچىك مۈلۈكدارلارغا ئايلىنىپ قالغانىدى.

فىردەۋسىينىڭ ئاتىسى مەۋلانە فەخرىددىن ئەھمەد فازىل، دانىشمەن كىشى بولۇپ خۇراسان خەزىنە دىۋانىدا خىزمەت قىلغان ئىدى. فىردەۋسىي«شاھنامە» نى نەزمگە ئىلىشقا باشلىغان يىللاردا ئەل ئارسىدا بىر رىۋايەت تارقالغانىدى: فىردەۋسىي تېخى بالا چاغلىرىدا ئاتىسى بىر كېچىسى چۈش كۆرۈپتىمىش، ئوغلى تامغا چىقىپ قىبلە تەرەپكە قاراپ نەرە تارتارمىش، ئۇنىڭ نەرىسىگە جاۋابەن ھەر تەرەپتىن گۈرۈلدىگەن ئاۋازلار كېلەرمىش. مەۋلانە فەخرىددىن ئەھمەد مەشھۇر شەيخ نەجبۇددىننىڭ ئالدىغا بېرىپ چۈشىنىڭ تەبىرىنى سوراپتۇ. شەيخ كىتاب كۆرۈپ چۈشكە شۇنداق تەبىر ئىيتىپتۇ: «ئوغلۇڭ چوڭ شائىر بولۇپ يېتىشەركىم، ئاۋازى ئالەمگە تارقىلار ۋە ھەر يەرلەردە ئۇنىڭ سۆزىنى مەنزۇر ۋە مۆھتەبەر تۇتقايلار...». راۋىيلار شۇ يوسۇندا فىردەۋسىينىڭ شائىرلىق سالاھىيتىنىڭ ئەزەلدىن تۇغما ئىكەنلىكىگە نىسبەت بىرىپ ئىشەندۈرمەكچى بولۇشقان. ئەمما ھەقىقەت شۇكى، فىردەۋسىي تالىبلىق يىللىرىىدا غايەت غەيرەت - شىجائەت بىلەن ئىلىم ئۈگەنگەن ۋە ئاخىردا دانىشمەن شائىر بولۇپ يېشكەنىدى. ئۇ پەھلىۋى تىلىنى بىلەتتى، ئانا تىلى بولغان پارس ۋە ئەرەب تىللىرىنى ئىگىلىگەنىدى.ئۇنىڭ سۆزگە ماھىرلىقى،شائىرلىق ئىستىداتى،ھەممىنى قايىل قىلاتتى.ئۇ مەرىسدە ئوقۇغان قەدىمىي «خۇداينامەك» (پارىسچىگە «شاھنامە»دەپ تەرجىمە قىلىنغان) كىتابتىن ئۆزىگە ياققان پارچىلارنى تاللاپ، تولۇپ-تېشىپ نەزمگە سالاتتى.

     ھىكايىمىز باشلانغا مۇشۇ چاغلاردا فىردەۋسي ئايالى فاتىمە بانۇ، يىگىرمە ئىككى ياشلىق ئوغلى ھۇشەڭ ۋە سەككىز ياشلىق قىزى مەنىجە بىلەن ئۆز ئاتا مىراس ھويلىسىدا ياشايتى. فىردەۋسىينىڭ ئاتا - ئانىسى بىرنەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ۋاپات بولۇپ كەتكەنىدى. ھويلا چوڭ، ئىچكىرى ۋە تاشقىرى ئىدى. تاشقارقى ھويلىدا ئات باقار ۋە باشقا خىزمەتكارلار تۇراتتى. ئامبار ۋە روزغارغا زۆرۈر بولغان باشقا ئىمارەتلەر شۇ يەرگە جايلاشقانىدى. باغ ئىچىدىكى پىشايۋانلىق ئۆي شائىرنىڭ  ھۇجرىسى ئىدى. ھۇجرا ئالدىدا گۈللۈك بولۇپ، رەڭمۇ - رەڭ سەدبەرگ، گۈلتاجىخوراز، رەيھان، سەۋسەن ۋە بىنەفشەلەر پورەكلەپ ئېچىلىپ كەتكەنىدى. كەشەفرۇد دەرياسىدىن ئېلىنغان ئىرىق فىردەۋسىينىڭ ھويلىسى يېنىدىن ئۆتۈپ شەھەرگە ئاقاتتى. شۇ ئىرىقنىڭ بىر تارمىقى شائىرنىڭ بېغىنى ئارىلاپ ئاندىن قوشنىلارنىڭ بىغى تەرپىگە راۋان بولاتتى.

     فىردەۋسىي بومداد نامىزىنى ئوقۇپ مەسچىتتىن قايتتى. خانىدان ئەھلى ۋە خىزمەتكارلار ئەتىگەنلىك ئىش- كۈشلەر بىلەن مەشغۇل ئىدى. ئاتباقار سەيىس تاشقارقى ھويلىدىكى ئاتخانا ئالدىدا ئىككى ئاتنى قاشلاۋاتاتتى. ئابدۇللا دەستىيار ئىككى سىغىن سىيىر ۋە موزايلارنى پادىغا قوشۇش ئۈچۈن تاشقىرىغا ھەيدەۋاتاتتى. ئىچكىرى ھويلىدا - ئوچاق بېشىدا ئاق چاچلىق رەۋشەنەك ناشتىلىق تەييارلاۋاتاتتى، مەجىنە بولسا سۇپۇدا ئولتۇرۇپ رەۋشەنەكنىڭ ئىككى بالىسىغا شىرگۇرۇچ يېدۈرۋاتاتتى. رەۋشەنەك فىردەۋسىينىڭ قول ئاستىدىكى دىھقانلارنىڭ بىرىنىڭ خوتۇنى بولۇپ ئېرى ۋاپات بولۇپ كېتىپ ئىككى گۆدەك بالىسى بىلەن يالغۇز قالغان. ئەمما ئەپچىل، قولى ئىشقا يۈگۈرۈك ئايال بولغاچقا ھەركۈنى بالىلىرىنى يىتەكلەپ فىردەۋسىينىڭ ئۆيىگە كېلەتتى. شۇ يوسۇندا ئۆزى ۋە بالىلىرىنى باقاتتى. كىيىم كىچىكىنى پاتىمە بانۇدىن ئالاتتى.

ھۇشەڭ سۇپا يېنىدىكى كاتتا ياتاتتى. بۈگۈن پەيشەنبە مەدرىسە تالىپلىرى ئارام ئالاتتى.  شۇڭا ئۇيقۇنى خۇش كۆرگۈچى يىگىت فاتىمە بانۇنىڭ قىستىشى بىلەن سەھەردە ئۇيقۇدىن ئاران كۆزىنى ئاچتىيۇ، ئانىسى بىلەن بومداد نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپلا يەنە يوتقانغا پۈركۈنىپ ئاتىسى مەسچىدتىن قايتقۇچە ئۇخلىدى.

فاتىمە بانۇ ئېرىنىڭ ئاياغ تاۋۇشىنى ئاڭلاپلا ئوغلىنى ئۇيقۇدىن ئويغاتتى. رەۋشەنەكنىڭ بالىلىرى شىرگۇرەچ يەپ بولۇپ سۇپۇنىڭ چىتىدە يۇۋاش ئالا مۈشۈك بىلەن ئويناۋاتاتتى. فىردەۋسىي ئىڭىشىپ مەنىجە ۋە بالىلارنى سۆيدى. كېيىن يەكتىكىنى سېلىپ بېشىدىن سەللىسىنى ئالدى. رەۋشەنەك يەكتەك بىلەن سەللىنى باغ ئىچىدىكى ھۇجۇرىغا ئېلىپ كىرىپ قوزۇققا ئېلىپ قويدى. ئاشخانىدىن چىنە - كاسىلاردا قايناق سۈت كەلتۈرۈشتى. سۈتكە نان تۆگۈرۈپ نەقىشلىق قىرمىز قوشۇق بىلەن ئۇنى يېيىشكە باشلىدى. فىردەۋسىي داستىخاننىڭ بېشىدا ئولتۇراتتى، كۆزىدە سىرلىق تەبەسسۇم ئوينايتى.

«مەسچىدتە بىرەر يىڭى گەپ ئاڭلىغان چىغى»،-دەپ ئويلىدى فاتىمە بانۇ. فىردەۋسىي خوتۇنى ۋە ئوغلىدىن مىھرىبانلىق بىلەن سورىدى:

-ياخشى ئۇخلىدىڭلارمۇ؟

-شۈكۈر،-جاۋاب بەردى فاتىمە بانۇ،-ئۆزىڭىز قانداقراق ئۇخلىدىڭىز؟ يەنە ئۇيقۇسىزلىق قىينىدىمۇ؟

فىردەۋسىي كېيىنكى چاغلاردا ئۇيقۇسىزلىقتىن ئازاب چىكەتتى.

-سەھەرگە يېقىن كۆزۈم ئۇيقۇغا ئېلىنىپ تۇرشىغا ئەزان ئاۋازىدىن ئويغاندىم...مەنىجە ئۇيقۇسىدا يىغلىدىمۇ؟

-ياق، تنچ ئۇخلىدى، بىر ئىككى قىتىم غىڭشىدى خالاس.

-زەرەرى يوق، يەنە ئۇيقۇغا چۈشىدۇ.

-كوچىدا نېمە گەپلەر،-ئاسماقچىلاپ سورىدى فاتىمە بانۇ. ئۇ ئېرىنىڭ سىرلىق تەبەسسۇمىنىڭ سەۋەبىنى بىلمەكچى ئىدى.

-مەسچىدتىن خوجا ئابدۇللا بىلەن بىرگە قايتتۇق،-كۈلدى فىردەۋسىي،-مېنى دەرۋازىسىغا تارتىپ يەنە شۇ كونا گەپنى ئوتتۇرىغا سالدى،-شائىر كۈلۈپ ئوغلى تەرەپكە مەنىلىك قاراپ قويدى،-ئېيتقىنم ئېيتقان، سەن بىلەن قۇدا بولىمەن، قىزىم ئون بەشكە تولدى، ئوغلۇڭنى كۈيئوغۇل قىلىمەن دېدى.

ۋاقتى: 2012-4-18 01:07:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت، پارىسچىدىن تەرجىمە قىلىۋاتقان ئەسەرمۇ بۇ؟
بۇ ئەبۇلقاسىم فىردەۋسي توغرىلىق ئىشلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىمكەن.

ۋاقتى: 2012-4-18 14:16:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرچىلاشتۇرىۋاتقان بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىنى كۈتىۋاتىمەن، كونا مۇنبەردە بىر قىتىم كۆرۈپ ساقلىۋالغانىدىم، كىيىنچە بۇنىڭ ئاخىرىنى كۆرەلمىدىم... بۇ قىممەتلىك ئەمگەكنىڭ ئاخىرىنى كۈتىۋاتىمەن...يارايسىز بەگزات!

ۋاقتى: 2012-4-18 14:18:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايبۈۋىنىڭ فىردەۋىسى ھەققىدىكى ھۆججەتلىك فىلىمنى يوللاپ قويغىنىدىن بەكمۇ سۆيۈندۈم...سىزگىمۇ كۆپ رەھمەت.

ۋاقتى: 2012-4-18 14:24:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋۇ ھۆججەتلىك فىلىمنى تەرجىمە قىلغىلى بولارمۇ؟ بىرەر پىداكارنىڭ چىقىپ شۇنى تەرجىمە قىلىپ قايتا يوللاپ قويىشىنى بەكمۇ ئۆمىد قىلاتتىم...ئەگەر ئۆزۈمدە شۇ ئىقتىدار بولغىنىدا چوقۇم شۇنداق قىلاتتىم...

ۋاقتى: 2012-6-2 23:35:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەر*ق  كىلاسسىك ئەدەبىياتىدا فىردەۋىسنىڭ ئورنى مۆتىۋەر ئورۇندا تۇرىدۇ.19-ئەسىردە ئۆتكەن قازاق مۇتەپەككۇرى ۋە مەشھۇر شائىرى ئاباي قۇنانباي ھەققىدە 20-ئەسىردە سېۋىت قازاق يازغۇچىسى مۇختار ئەزىۋوپ «ئاباي يولى » رومانىنى يېزىپ ئاباي .....نى يورۇتۇپ بەرگەن.شۇنىڭغا ئوخشاش بۇ ئەسەرمۇ  ناھايىتى كەڭ ۋە چوڭقۇر مەزمۇننى يورۇتۇپ بەرگەن بولىشى مۇمكىن.

ۋاقتى: 2012-6-3 11:23:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرزىمەس ئەمگىكىمنىڭ بۇ يەردە قايتا يورۇق كۆرگىنىدىن خۇرسەنمەن. پېقىر مەزكۇر روماننى ئۆزبېكستان خەلق شائىرى جامال كامال تەرجىمە قىلغان نۇسخىدىن ئۇيغۇرچىغا ئاغدۇرغانىدىم. ئەپسۇسكى كونا مۇنبەرگە يېرىمىنى يوللاپ بولغاندا مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ باشقا تىللاردىن تەرجىمە قىلىپ تورغا يوللىغان ئەسەرلەرنىڭ قانۇنىي رۇخسىتى بولمىسا جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى كەسكىن پىكىرلىرىنى كۆرۈپ، مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرى ۋە بۇ ئەزىز مۇنبىرىمىزگە بېرەر كاشىلا تېېپىپ بەرمەي، دەپ توختاپ قالغانىدىم.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش