كۆرۈش: 731|ئىنكاس: 7

تۇنيۇقۇق:ئۇيغۇر ئارۇرزچىلىقىدىكى تەقتىگە...(ماقالە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئۇيغۇر ئارۇرزچىلىقىدىكى تەقتىگە ئائىت بىر تەرەپىلىمە ۋە خاتا قاراشلار ھەققىدە

ئابدۇنىياز ئىمىن تۇنيۇقۇق

     «ئارۇز»دېگەن بۇ  ئاتالغۇ ئۇيغۇرلارغا ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا نىسبەتەن تۇنۇش ،كونا ئۇقۇم ھەم بىرقەدەر مۇجمەل ،تەتقىق قىلنمىغان تەتقىق قىلشىمىزنى كۈتۈپ  تۇرغان يېڭى ئۇقۇم. گەرچە يۈسۈف خاس ھاجىبنىڭ «قۇتادغۇ بىلىك»كى بىلەن ئۇيغۇرلار ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىرلار بىلەن نىسبەتەن بالدۇر ئۇچىرىشىپ ، تۈركىي مىللەتلەر ئىچىدە بۇ جەھەتتە ئاۋانگارت سانالسىمۇ، بىراق، باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە ئوخشاش بۇ ساھەدە مەخسۇس ئۆز مىللىتمىزنىڭ ئەدەبىيات ئەنئەنىسىگە ، تىل قانۇنىيتىگە ئاساسەن سېستىلىمىقراق يېزىپ چىققان نەزەرىيۋى ئەسەرلەرنىڭ كەم بولىشى «كېيىنكىلەرنىڭ ئالدىنقىلار ئىجاديىتىدىن خەۋەرسىز قېلشى»قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئارۇزدىكى ئاتالغۇلارغا  نېمنى ئويلىسا شۇنداق ئىسىم  قۇيىدىغان، قالايمىقان ، ئۆزئالدىغا نەزەرىيە ئىجاد قىلدىغان، ھەتتا شۇ تەرىقىدە بىلىپ- بىلمەي ئۆزىدىن بۇرۇن ئۆتكەن ئۇلۇغلارنى ئىنكار قىلىپ قۇيىدىغان خاھىش شەكىللەنگەن.
    مەن بۇ يەردە ئاساسلىقى ئۇيغۇر ئارۇزچىلىقىدىكى تەقتىئغا ئائىت  بىرقىسىم خاتا ۋە بىر تەرەپلىمە قاراشلار ئۈستىدە  ئۆزەم بىر قەدەر نۇپۇزلۇق ھەم  سېستىمىلىق دەپ  قارىغان ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «چاغاتاي ئەدەبىياتى ۋە ئارۇز ۋەزنى»دېگەن ماقالىسى بىلەن مۇھەممەت رېھمنىڭ «ئارۇز ۋەزنى توغرىسىدا»دېگەن ماقالىسىنى  مىسال  كەلتۇرۈپ  توختىلىپ ئۆتىمەن.
«تەقتىئ»دېگەن ئاتالغۇنىڭ بىردەك  بولماسلىقى
«تەقتىئ___مىسرادىكى سۆزلەرنى ئارۇزدا بىرلىككە كەلگەن ئۆلچەملەر ئاساسىدا بۆلەكلەرگە بۆلۈپ،ئۇلارنىڭ ئۇزۇن –قسىقىلىقىنى ئايرىش ئارقىلىق شېئىر ۋەزىننى ئېنىقلاش دېمەكتۇر»【1】.تەقتىئغا ئائىت يۇقىرىقى ئېنىقلىمىدىن شۇنى كۆرىۋالالايمىزكى، «تەقتېئ»بۈگۈنكى تىلمىز بىلەن   تېخمۇ چۈشنىشلىك قىلىپ  ئېيتقاندا ئۇ ئارۇزدىكى بوغۇمغا ئايرىش قائىدىسىدۇر. بىراق، بۇ ئۇقۇم  ئەينى دەۋىردىكى ئارۇزشۇناسلار تەرىپىدىن ئۇمۇملاشقان نام «تەقتىئ»بىلەن ئاتالغان. مەسلەن :ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدا ئارۇزغا ئائىت تۇنجى نەزەرىيۋى ئەسەر يازغۇچى ئەلشىر نەۋائى: «تەقتىئ ئىبارەت ئاندىندۇركىم،بەيت ئەلفازىنى بىر-بىرىدىن ئايىرغايلار»②
دېسە،بابۇر ئۆزىنىڭ «مۇختەسەر»ناملىق ئەسىرىدە:«ئەگەر ئۈچ ساكىن جەمىئ بولسا،بىرى تەقتىدە بولۇپ بىرى مۇتەھەررىككە مەھسۇب بولۇر»【3】دەپ بوغۇم ئايرىش قائىدىسىنى «تەقتىئ»دىن ئىبارەت ئومۇملاشقان نام بىلەن ئاتاپ، ئارۇز نەزىرىيسىدىكى ئاتالغۇلارنىڭ بىردەكلىكنى ساقلاش بىلەن بىرگە ئارۇز ئىلمنىڭ  چۈشنىكسىزلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغان. بىراق، ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ئەينى ۋاقىتتا پۈتكۈل  ئارۇزچىلار تەرىپىدىن شۇنداق ئاتالغان بۇ نام زامانىمىزغا كەلگەندە ئەدەبىياتچىلار تەرىپىدىن خلمۇخىل ئاتىلىپ، ئۇقۇم جەھەتتىكى مۇجمەللىكنى كەلتۈرۈپ  چقىرىش  بىلەن بىرگە، ئۇقۇم، ئاتالغۇلارنىڭ كېلەڭسىزلىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. مەسلەن:بۇنىڭ ئىچىدىن ئارۇز ھەققىدە سېستىملىقراق ئىزدەنگىنى مەنچە ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ۋە مۇھەممەد رېھىم بولۇپ، بۇلار ئەينى ۋاقىت شارائىتىغا نسبەتەن ئارۇز توغرىسىدا بىرقەدەر ئىنىچكە ۋە مۇپەسسەل بايان قىلغان بولسىمۇ، بىرقىسىم ئاتالغۇ ۋە  ھەققىدە، بولۇپمۇ بىز يۇقىرىدا تلغا ئالغان تەقتىئ ئاتالغۇسىدا قىسمەن سەۋەنلىككە يول قويغان. يەنى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 1985-يىلقى «چاغاتاي ئەدەبىياتى ۋە ئارۇز ۋەزىنى»ناملىق چوڭ ھەجىملىك ماقالىسنىڭ «ئارۇز ۋەزىنى»دېگەن قىسىمىدا بوغۇم (ھىجا) دېگەن ئاتالغۇ بىلەن ئۇنى ئايرىشقا ئائىت مەلۇم سەھىپە ئاجراتقان بولسىمۇ،«تەقتىئ»دېگەن بۇ  ئاتالغۇ ماقالىدا باشتىن –ئاياغ ئۇچىرىمايدۇ. تونۇلغان ژۇرنالىست مۇھەممەد رېھىممۇ 2005-يىل بۇ ھەقتە «ئارۇز ۋەزىنى توغرىسىدا»ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ،بۇ ماقالىدىمۇ ئارۇز توغرىسىدا بىرقەدەر سېستىملىق بايان قىلغان ھەم تەقتىئ قائىدىسگە ئائىت خېلى كۆپ توختالغان بولسىمۇ ،«تەقتىئ»دېگەن بۇ ئاتالغۇ باشتىن-ئاياغ ئۇچىرىمايدۇ.ھەم  ئاپتور «بوغۇم ئايرىش قائىدىسى»دېگەن سۆزگە مايىل ھالدا ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى ئوتتورىغا قويۇپ ئۆتىدۇ.يۇقىرىقىلاردىن بىز ئۇلارنىڭ ئەدەبىيات ساھەسىدە خېلى يۇقىرى نوپوزغا ئىگە تەتقىقاتچلاردىن بولسىمۇ  ئارۇزدىكى «تەقتىئ»غا نىسبەتەن بىلىمنىڭ يىتەرسىز ئىكەنلىكنى تۇنۇپ يىتەلەيمىز.بۇنى تۆۋەندىكى نوقتىلاردىن تېخمۇ  روشەن ھېس قىلىمىز  .     تەقتىئدە ئىشلىتىلدىغان بوغۇملارنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقنى بىلدۈردىغان بەلگىلەرگە بولغان تۇنۇشى يىتەرسىز ياكى خاتا.
ئادەتتە ئارۇزدا قىسقا بوغۇم«∨»،ئۇزۇن بوغۇم «-»دىن ئىبارەت بىرلىككە كەلگەن بەلگىلەر بىلەن ئىپادە قىلندىغان بولۇپ،ئۇنىڭدىن باشقا «زار،يار»دېگەندەك پارس تىلدىن كىرگەن سوزۇپ تەلەپپۇز قىلىندىغان بوغۇملارمىسرا ئىچىدە «-∨»بىلەن،مىسرا ئاخىرىدا تولۇق بوغۇم يەنى مەد بەلگىسى«~»بىلەن ئىپادە قىلىندىغان بولۇپ،ئارۇزدا بۇنىڭدىن سىرىت بىرلىككە كەلگەن بەلگىلەر ئۇچىرىمايدۇ.بىراق،ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرماقالىسىدا قىسقا بوغۇمنى«∨»ياكى بىر چىكىت بىلەنمۇ ئىپادە قىلدىغانلىقنى كۆرسىتىدۇ【4】. مۇھەممەد رېھىم  بولسا ماقالىسدا بىر يېرىم بولىدىغان«-∨» ياكى مىسرا ئاخىرىدا تولۇق بوغۇم«~» بولىدىغان بۇ خىل بوغۇم شەكلىنى تىلغا  ئېلىپمۇ قويمىغان.
تەقتىئ قائىدىسدا تەلەپپۇزنىڭ رولىنى قارىغۇلارچە كۆپتۈرىۋەتكەن.
«تەقتىئدا  يېزىق،ئىملا ۋە تەلەپپۇز بىۋاستە باغلىقتۇر»【5】شۇڭا،تەقتىئدە بەزىدە تەلەپپۇز نىسبەتەن مۇھىم رول ئوينىغاندەك قىلغان بىلەن كۆپىنچە ئەھۋاللاردا يەنىلا ھەرقايسى ئامىللار تەڭ نەزەرگە ئېلىندۇ.بۇ ھەقتە نەۋايىمۇ:«تەقتىئنى چۈشەندۈرۈشتە ئەرەب ۋە پارس –تاجىك ئارۇزشۇناسلىرى ئىزىدىن مېڭىپ ئەرەب يېزىقىغا تايىندۇ،شۇنىڭ بىلەن بىرگە تەلەپپۇزنى ھەم ھېسابقا ئالىدۇ»【6】دەپ كۆرسەتكەن ئىدى. بۇنىڭدىن بىز تەقتىئدە پەقەت ئۇيغۇر تىلنىڭ تەلەپپۇز قائىدىسىگە تاينىپلا بوغۇملارغا توغرا ئايرىپ كەتكىلى بولمايدىغانلىقنى ،بەزىدە ئەرەب-پارس ئارۇزىنىڭ قائىدە قانۇنيەتلىرىدىن پايدىلنىشقا،تەدبىقلاشقا توغرا كىلدىغانلىقنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ. ئەمما بىز يۇقىرىدا كۆرۈپ ئۆتكەن ئىككى پارچە ماقالىدابولسا:«ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي تىللاردا سوزۇق تاۋۇشسىز بوغۇم تۈزۈلمەيدىغانلىقى ھەممىگە مەلۇم،ئەگەر شۇ بوغۇمدىكى سوزۇق تاۋۇش قىسقا تەلەپپۇز قىلىنغان بولسا،مەيلى ئوچۇق ياكى يېپىق بوغۇم بولسۇن ھەممسى قىسقا بوغۇم ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر سوزۇپ تەلەپپۇز قىلىندىغان بولسا ئۇزۇن بوغۇم ھېسابلىنىدۇ»【7】«ئارۇز ۋەزىنىدە بوغۇملارنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى ياكى سۇزۇق-ئۈزۈكلىكى ئۇلارنىڭ يېزىلىشىغا قاراپ ئەمەس ،بەلكى تەلەپپۇز قىلنىشىغا قاراپ بەلگىلىنىدۇ »【8】«سۆز تەركىبىدىكى ئۇرغۇ چۈشكەن بوغۇملارنىڭ كۆتۈرەڭگۈ ۋە سوزۇپراق ئېيتىلدىغانلىقى ھەممىزگە مەلۇم،شۇ سەۋەبلىك ئۇرغۇ چۈشكەن ئوچۇق بوغۇملار ئارۇز ۋەزىنىدە ئۇزۇن بوغۇمغا تەۋە بولىدۇ»【9】«بىز ئادەتتە سۆزلىگەن ياكى شېئىر ئوقۇغاندا ،سۆز تەركىبىدىكى قىسقا بوغۇملار ئىتتىك ۋە يىنىك ئېيتىلىدۇ،قىسقا بوغۇمنىڭ ئاخىرىدا ئۈزۈك  تاۋۇش بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىدىن كېيىنكى بوغۇمغا تېز يۆتكىلىپ كېتىدۇ...» 【10】دېگەندەك بايانلار ئارقىلىق تەقتىئنى ناھايىتى بىر تەرەپلىمە ھالدا تەلەپپۇز بىلەنلا باغلاپ ،باشقا ئامىللارنى ئاساسەن نەزەردىن ساقىت قىلغان بولۇپ،تەقتىئ قائىدىسنى تېخمۇ مۇجمەل ۋە غۇۋالاشتۇرىۋەتكەن. چۈنكى تەلەپپۇز ئۇ بىر نىسبىي ئۇقۇم بولۇپ، ھەربىر ئادەمنىڭ سۆزلەرنى تەلەپپۇز قىلشى ئوخشاش بولىشى ناتايىن،ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەربىر سۆزگە بىكتىلگەن ئۆزگەرمەس تەلەپپۇز قائىدىسىمۇ يوق.ئەگەر بۇ قائىدە بويىچە بولسا
غەمىڭ مېنى قىلدى زار
يۈزۈڭ ماڭا بولدى زار
دېگەن شېئىردىكى «زار»بىر ئۇزۇن «-»بىلەن ئىپادە قىلنىشى كېرەك.
بىراق،بۇ سۆز كىلاسسىك ئەسەرلەردە بەزىدە بىر ئۇزۇن«-»،  بەزىدە بىر يېرىم بوغۇم«-∨»،مىسرا ئاخىرىدا تولۇق بوغۇم«~» شەكىلىدە كۆرۈلگەن. ئۇندىن باشقا ،ئۇيغۇر ئارۇزىدىمۇ پارس ئارۇز قائىدىسىگە ئوخشاش ئوزۇن سوزۇق تاۋۇش (ئا،ئۇ ،ئى)دىن كېيىن كەلگەن «ن»ھەرىپى تەقتىدە كۆپىنچە نەزەردىن ساقىت قىلىنىپ،«مەن،تەن»دېگەندەك سۆزلەر قسقا بوغۇم«∨»بىلەن ئىپادە قىلىندىغان بولۇپ،(ئارۇزئىلىمى348-بەتكە قاراڭ) ئۇيغۇر تىلدىكى تەلەپپۇز قائىدىسىگە تاينىپلا بۇ مەسلىلەرنى چۈشەندۈرۈش مۇمكىن ئەمەس ،ئەلۋەتتە.
يەككە ھالدا ئۇيغۇر ھازىرقى زامان فونتىكا بىلىمىگە تاينىۋالغان
   بىزگە مەلۇمكى،چاغاتاي تىلىدا ۋە  ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىمۇ نۇرغۇنلىغان پارسچە، ئەرەبچە  سۆزلۈكلەر مەۋجۇت بولۇپ، بۇ  سۆزلەرنى ۋەزىنىگە سالغاندا ئۇيغۇر تىلدىكى سوزۇق ۋە ئۈزۈك تاۋۇشلار بويىچە ئەمەس بەلكى ئەرەب ۋە پارس تىلنىڭ فونتىكىلىق ئالاھىدىلىكدىن چىقىپ تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەپسۇسكى يۇقىرىقى ئىككى ماقالىدە «ئاخىرى سوزۇق تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشقان بوغۇملار ئوچۇق بوغۇم بولىدۇ...گىراماتكىدىكى يېپىق بوغۇم ئارۇز ۋەزىنىدە ئۇزۇن بوغۇم بولىدۇ،بۇ ئاساسەن مۇقىم، گىراماتكىدىكى ئوچۇق بوغۇم بوغۇملارنىڭ كۆپ قىسىمى ئارۇز ۋەزىندە قىسقا بوغۇم بولىدۇ ،لېكىن بۇ مۇقىم ئەمەس»【11】«ئارۇز ۋەزىنىدە مىسرا ئىچىدىكى بوغۇملارنىڭ سانى ۋە تۇراقلىرى ئەمەس،ئۇزۇن-قىسقىلىقى ياكى سۇزۇق ۋە ئۈزۈكلىكى ئاساس قىلىندۇ»【12】دېگەندەك تەبىرلەر ئارقىلىق بۇ قانۇنىيەت ساقىت قىلنىغان ھالدا ھەممىنى قارا-قۇيۇق ئۇيغۇرتىلنىڭ فونتىكىلىق ئالاھىدىلىكى بويچە بىر تاياقتا ھەيدىگەن.
ئۇنۇتماغىل/كى تا ھەجر ئېت/ دى بىداد
مېنى بىر نا/مە بىرلە قىل /مادىڭ ياد
∨- - -    /∨- - -   /∨- -
دېگەن يۇقىرىقى ھەزەج بەھرىنىڭ مەقسۇر ۋەزىندە يېزىلغان بولۇپ، ئەگەر بىز ئەرەب ، پارس تىلنىڭ فونتىكىسىدىن شۇنداقلا ئەرەب، پارس ئارۇزىنىڭ قائىدىللىرىنى چۈشەنمەي، ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونتىكا ۋە ئارۇز ھەققىدىكى بىلىمگىلا تايانساق ئېنىقلا ئايرىپ چىقالمايمىز. چۈنكى بۇنىڭدىكى «نا،تا،بى» دېگەن بوغۇملارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر تىلدىكى گىراماتىكا قائىدىسى بويچە ئوچۇق بوغۇم بولىدۇ،ئارۇزدا بولسا گىراماتكىدىكى ئوچۇق بوغۇم قىسقا بوغۇم بولىدۇ.ئەگەر مۇشۇ قانۇنىيەت بىلەن قارىساق ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمەيمىز .ئەمما ،ئەرەب،پارس تىلدىكى ئارۇزغا ئائىت قانۇنىيەتلەرگە مۇراجەت قىلساق ناھايىتى ياخشى  ھەل قىلالايمىز .چۈنكى بۇنىڭدىكى «ئا،ئى»ھەرفى ئىللە بولۇپ ،«تەركىبىدە <ئا>تاۋۇشى بار بوغۇملار پارس تىللىق ئارۇزدا دائىم ئۇزۇن بوغۇم ھېسابلىنىدۇ. تۈركىي تىللىق كىلاسسىكلارمۇ تەركىبىدە<ئا>تاۋۇشى بار بوغۇملارنى قىسمەنلىكنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئۇزۇن بوغۇم ھېسابلاشقان»【12】«ئى»ھەرىپى بىلەن ئاخىرلاشقان ئوچۇق بوغۇملار كۆپىنچە ھاللاردا ئوزۇن بوغۇم ھېسابلىنىدۇ»【13】غانلىقىنى بىلگىنىمىزدە بۇ بىزگە قىلچە بىنورمال تۇيۇلمايدۇ.
   يۇقىرىقىلار مەن بىرقەدەر سېستىمىلىقراق يېزىلغان دەپ قارىغان ئىككى پارچە ماقالە ئۈستىدىكى ئىزدىنىشىم بولۇپ ، ئەگەر بىز باشقا  ماقالىلەرگە نەزىرىمىزنى ئاغدۇرساق نۇقسانلارنىڭ بۇنىڭدىن كۆپ ۋە چولتا بولىشى تەبئىي .
بۇنىڭدىن بىزنىڭ ئارۇز ھەققىدىكى ئىزدىنىشمىزنىڭ  نەقەدەر تېيىز ۋە بىر تەرەپلىمە ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يىتەلەيمىز.

پايدىلانمىلار:
【1】زەمىر سەئىدۇللازادە:«ئارۇز ئىلىمى»،شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى نەشىرىياتى،2011-يىل3-ئاي1-نەشىرى ،330-بەت.
【2】يۇقىرىقى كىتاب 329-بەتتىكى نەقىل
【3】يۇقىرىقى كىتاب345-بەتتىكى نەقىل
【4】ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر:«خەزىنىلەر بۇسۇغىسىدا»، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى،2012-يىل 1-ئاي،3-نەشىرى، 157-بەتلەرگە قاراڭ
【5】زەمىر سەئىدۇللازادە:«ئارۇز ئىلىمى»، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى نەشىرىياتى2011-يىل3-ئاي1-نەشىرى ،330-بەت.
【6】يۇقىرىقى كىتاب 334-بەتتىكى نەقىل
【7】ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر:«خەزىنىلەر بۇسۇغىسىدا»، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى2012-يىل 1-ئاي،3-نەشىرى،157-بەت
【8】يۇقىرىقى كىتاب 158-بەت
【9】مۇھەممەد رەھىم:«شېئىرىيەت ۋە تەسىرات»، شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتى
نەشىرىياتى،2011-يىلى 7-ئاي 1-نەشىرى،10-بەت.
【10】يۇقىرىقى كىتاب 11-بەت
【11】يۇقىرىقى كىتاب 9-بەت
【12】ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر:«خەزىنىلەر بۇسۇغىسىدا»، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى2012-يىل 1-ئاي،3-نەشىرى،157-بەت
【13】زەمىر سەئىدۇللازادە:«ئارۇز ئىلىمى»، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى2011-يىل3-ئاي1-نەشىرى ،334-بەت.
【14】زەمىر سەئىدۇللازادە:«ئارۇز ئىلىمى»، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى2011-يىل3-ئاي1-نەشىرى ،339،340-بەت.







بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-29 15:20  


باھا سۆز

ياخشى ماقالە...   ۋاقتى: 2015-1-5 11:33 PM
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-1-5 23:30:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇنيۇقۇق ئەپەندى، مۇنبەرگە ياخشى تېما ئېلىپ كەلگەنلىرىگە رەھمەت!
مۇكاپاتلىق سەھىپىمىزنىڭ بەلگىلىمىسىدە، تېما يوللىغۇچىلار چوقۇم ئۆز ئىسىم-فامىلىسىدە تېما يوللاش تەلەپ قىلىنغان. بۇ تېما «‹ئىزگۈ› تور ئەدەبىيات مۇكاپاتى» گە تەۋسىيە قىلىنغان  ياخشى تېمىلارنىڭ بىرسى بولغاچقا ئالدىن تەستىقلاپ تۇرۇلدى.  ئۆزلىرىنىڭ بۇ تېمىغا ئۆز ئىسىم-فامىلەلىرىنى قوشۇپ قويۇشلىرىى تەلەپ قىلىمىز. توغرا چۈشەنگەيلا!

ۋاقتى: 2015-1-6 01:03:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلغان ماقالە ئىكەن ،سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن .

ۋاقتى: 2015-1-6 11:23:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالىدا ئۇيغۇر ئارۇزچىلىقىدىكى «تەقتىئ›› چۈشەنچىسىگە دائىر «خاتا ياكى بىر تەرەپلىمە قاراشلار›› ئۈستىدە ئوبدان توختىلىش بولۇپتۇ. خېلىلا ئىزدىنىلىپتۇ. مېنىڭچە، ماقالىدا ئەشۇ «خاتا چۈشەنچە›› لەرگە قارىتا ئاپتۇر ئۆزىنىڭ توغىرا بولغان قارىشىنى يەنى، ئۆز نوقتىئى نەزەرىنى ۋە دەلىل مىساللىرىنى قوشۇپ ئوتتۇرىغا قويىۋەتكەن بولسا ناھايىتى ياخشى بولغان، پايدىلىنىش قىممىتى ئاشقان بولار ئىكەن. موشۇ ھەقتە ئىزدېنىپ بېقىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمەن.

ۋاقتى: 2015-1-6 18:50:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەنمۇ چىنلىق بىلەن يىزىلغان ماقالە بوپتۇ. نېمىلا بولمىسۇن راست گەپ قىلىش كېرەك.
سىزگە ئوتۇق تىلەيمەن!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-6 19:30:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تۇنيۇقۇق ئەپەندى، مۇنبەرگە ياخشى تېما ئېلىپ كەلگەنلىرىگە رەھمەت!
مۇكاپاتلىق سەھىپىمىزنىڭ بەلگىلىمىسىدە، تېما يوللىغۇچىلار چوقۇم ئۆز ئىسىم-فامىلىسىدە تېما يوللاش تەلەپ قىلىنغان. بۇ تېما «‹ئىزگۈ› تور ئەدەبىيات مۇكاپاتى» گە تەۋسىيە قىلىنغان  ياخشى تېمىلارنىڭ بىرسى بولغاچقا ئالدىن تەستىقلاپ تۇرۇلدى.  ئۆزلىرىنىڭ بۇ تېمىغا ئۆز ئىسىم-فامىلەلىرىنى قوشۇپ قويۇشلىرىى تەلەپ قىلىمىز. توغرا چۈشەنگەيلا!
...........................................................
سالام   ئەرچىن ئاكا  مەن  ئۆتكەندە   بىر  ئەسەر  يوللىغاندا  ئىسسم  كۆرۈنگەن  ئىدى،  مەن  تېخى  ئەسەرگە ئسمىمنى  يازمىساممۇ   بولىدىغان   ئوخشايدۇ  دەپتمەن،   بىراق   ئويلىمىغان   يەردىن  بۇ  قېتىم   ئىسمىم  تور  ئىسمىمنىڭ  ئورنىغا  كۆرۈنمەپتۇ،   قانداق  تۈزەشنى   بىلمىدىم

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-6 19:31:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تۇنيۇقۇق ئەپەندى، مۇنبەرگە ياخشى تېما ئېلىپ كەلگەنلىرىگە رەھمەت!
مۇكاپاتلىق سەھىپىمىزنىڭ بەلگىلىمىسىدە، تېما يوللىغۇچىلار چوقۇم ئۆز ئىسىم-فامىلىسىدە تېما يوللاش تەلەپ قىلىنغان. بۇ تېما «‹ئىزگۈ› تور ئەدەبىيات مۇكاپاتى» گە تەۋسىيە قىلىنغان  ياخشى تېمىلارنىڭ بىرسى بولغاچقا ئالدىن تەستىقلاپ تۇرۇلدى.  ئۆزلىرىنىڭ بۇ تېمىغا ئۆز ئىسىم-فامىلەلىرىنى قوشۇپ قويۇشلىرىى تەلەپ قىلىمىز. توغرا چۈشەنگەيلا!
...........................................................
سالام   ئەرچىن ئاكا  مەن  ئۆتكەندە   بىر  ئەسەر  يوللىغاندا  ئىسسم  كۆرۈنگەن  ئىدى،  مەن  تېخى  ئەسەرگە ئسمىمنى  يازمىساممۇ   بولىدىغان   ئوخشايدۇ  دەپتمەن،   بىراق   ئويلىمىغان   يەردىن  بۇ  قېتىم   ئىسمىم  تور  ئىسمىمنىڭ  ئورنىغا  كۆرۈنمەپتۇ،   قانداق  تۈزەشنى   بىلمىدىم

ۋاقتى: 2015-1-6 23:31:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tvnyukuk يوللىغان ۋاقتى  2015-1-6 19:30
تۇنيۇقۇق ئەپەندى، مۇنبەرگە ياخشى تېما ئېلىپ كەلگەنلى ...

ئىسىمىڭىزنى مۇنبەر قىسقا ئۇچۇر كۆزنىكىگە  قالدۇرغانلىقىڭىز ياخشى بولدى. ئىسىمىڭىزنى كىرگۈزۈپ قويدۇم. سىزگە رەھمەت!

ۋاقتى: 2015-1-17 22:33:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر ئارۇرزچىلىقىدىكى تەقتىگە ئائىت بىر تەرەپىلىمە ۋە خاتا قاراشلار توغرىسىدا بەلگىلىك ئۇچۇرغا ئىگە بولدۇم.تۇنيوقۇق ئەپەندىنىڭ ئىزدىنىش روھىغا ئاپىرىن!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش