كىرىش
QQ ئارقىلىق كىرىش
تىزىملىتىش
پارول قايتۇرۇش
تىزىملىك
باش بەت
Portal
مۇنبەر
BBS
ھويلا
Space
مىكروبىلوگ
تور خاتىرىسى
يازغۇچىلار لۇغىتى
خەنزۇچە
قازاقچە
يازغۇچىلار تورى
»
مۇنبەر
›
ئۇنۋېرسال تېمىلار رايونى
›
تىل مەكتىپى
›
ئونسۇ ناھىيىسىدە قەلەمكەشلەر يېڭى يىللىق چاي سۆھبىتى ئۆتكۈزدى
1
2
/ 2 بەت
كېيىنكى
تىزىملىككە قايتىش
كۆرۈش:
791
|
ئىنكاس:
18
ئونسۇ ناھىيىسىدە قەلەمكەشلەر يېڭى يىللىق چاي سۆھبىتى ئۆتكۈزدى
[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بەگزاد74
بەگزاد74
توردا يوق
ۋاقتى: 2015-1-5 00:24:55
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
|
كۆرۈش شەكلى
ياسىنجان توختىنىياز توغراقى، مۇتەللىپ ئابدۇرېھىم قاتارلىق قەلەم ساھىبىلىرىنىڭ يېڭى نەشىردىن چىققان كىتابلىرىنى قۇتلۇقلاش، يېڭى يىلنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن يېقىندا ئونسۇ ناھىيىسىدىكى بىر قىسىم قەلەمكەشلەر يىغىلىپ چاي سۆھبىتى ئېلىپ باردى. پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلار ئالدى بىلەن ياسىنجان توختىنىياز توغراقىنىڭ «باھارىستاندىكى قۇشلار نۇرۇزى»، «قاپاق تېرىدىم» ناملىق كىتابلىرى؛ مۇتەللىپ ئابدۇرېھىمنىڭ «سىرلىق خوراز» ناملىق كىتابىنىڭ نەشىردىن چىققانلىقىنى قۇتلۇقلاشتى. ئۇلارنىڭ ئىجادىيىتىگە ياخشى تىلەكلىرىنى بىلدۈرۈشتى. كېيىن ئۆزلىرىنىڭ يېڭى يىلغا ئاتاپ يازغان شېئىرلىرىنى ئوقۇشتى. پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرى ئاخىرىدا ئونسۇنىڭ ئەدەبىي مۇھىتىنى تېخىمۇ قۇيۇقلاشتۇرۇش ھەققىدىكى تەسەۋۋۇر- خىياللىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە ئونسۇ ناھىيىسىدىكى قەلەمكەشلەردىن غالىپجان ئوسمان مەمتىلى، ئابدۇللا ئېلى بەگزاد، ياسىنجان توختىنىياز توغراقى، مۇتەللىپ ئابدۇرېھىم، قەھرىمان تۆمۈر تەۋەككۇل، ياسىن رۇزى كۈرەش، نۇرجاھان قاتارلىقلار؛ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژورنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى ئابلىز ئوسمان، «ئاقسۇ گېزىتى»نىڭ مۇھەررىرى مۇختار ئابدۇقادىر قاتارلىقلار قاتناشتى. ئەنۋەرجان خوجا ئەرتىكىن خىزمەت سەۋەبىدىن قاتنىشالماي، يېڭى يىللىق تىلەكلىرىنى تېلىفۇن ئارقىلىق يوللىدى.
ئىنكاس
جابدۇق
پاش قىلىش
Erchin
Erchin
توردا يوق
ۋاقتى: 2015-1-5 10:22:03
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئونسۇدىكى قەلەمكەش دوستلانىڭ مۇشۇنداق پائالىيىتى داۋاملاشقاي. ئامان بولۇڭۇلار دوستلار!
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
مۆلجەرى
مۆلجەرى
توردا يوق
ۋاقتى: 2015-1-5 10:44:06
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى ياخشى ئىش بوپتۇ، ياسىنجان بىلەن مۇتەللىپ ئابدۇرېھىمنىڭ يېڭىدىن نەشىر قىلىنغان كىتابىغا مۇبارەك بولسۇن! ئۆزلىكىدىن تەشكىللىنىپ قەلەمكەشلەرگە ئىلھام-مەدەت بېرىش يۈزسىدىن مۇشۇنداق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش قۇتلۇقلاشقا ئەرزىيدىغان قالتىس ئىش. ئونسۇ ناھىيىسىدىكى قەلەمكەشلەرنىڭ ئۆم-ئىناقلىقىغا ئاپرىن! مۇشۇنداق ياخشى نىيەتتە ئېلىپ بېرىلغان يىغىلىشلار ئۈزۈلۈپ قالمىغاي. ھەممەيلەنگە كەمىنە مۆلجەرىدىن ئوتلۇق سالام بولسۇن! بولسا ياخشىراق سۈرەتتىن بىر-ئىككى پارچە قىستۇرۇپ قويۇلغان بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتىكەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۆلجەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-5 10:45
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
م.توختى سەببەت
م.توختى سەببەت
توردا يوق
ۋاقتى: 2015-1-5 10:44:55
يانفوندا يوللانغان
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك پائالىيەت بوپتۇ...
بىر يېڭى كىتاپ-بىر يېڭى جان. يېڭى جاننى قۇتلۇقلاش بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئېسىل ئادىتى...
ياسىنجان،مۇتەللىپ قاتارلىقلارغا مۇبارەك بولسۇن! بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان دوستلارغا كۆپ رەھمەت.
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
ھەققانى1
ھەققانى1
توردا يوق
ۋاقتى: 2015-1-5 10:52:21
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياسىنجان بىلەن مۇتەللىپ ئابدۇرېھىمغا مۇبارەكلەر بولسۇن!ئونسۇدىكى قەلەم ساھىبىلىرى ئۇلارنى تەبرىكلەپ تولىمۇ بەلەن قىپسىلە.ئۆزىمىزنىڭ قەدىرىنى ئۆزىمىز قىلىشمىساق نادانلار بىزنى مەڭگۈ چۈشەنمەيدۇ.
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
ئەمەتجان سەمەت
ئەمەتجان سەمەت
توردا يوق
ۋاقتى: 2015-1-5 11:09:22
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەززانامە يۇرتۇم ئۇنسۇدا ناھايتى ئەھمىيەتلىك پائالىيەت بوپتۇ...
بىر يېڭى كىتاپ-بىر يېڭى جان. ياسىنجان ئاكىمىزنى ھەم ،مۇتەللىپ قاتارلىقلارغا مۇبارەك بولسۇن! بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان دوستلارغا كۆپ رەھمەت.
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
S.M.Ramizan
S.M.Ramizan
توردا يوق
ۋاقتى: 2015-1-5 11:43:05
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياسىنجان بىلەن مۇتەللىپ ئابدۇرېھىمنىڭ يېڭىدىن نەشىر قىلىنغان كىتابىغا مۇبارەك بولسۇن!
قەلەم تۇلپارلىرى ھارمىغاي!
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
Wolkani
Wolkani
توردا يوق
ۋاقتى: 2015-1-5 11:52:35
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئىلىپ بىرىلغان پائالىيەت بوپتۇ ،مۇشۇنداق ياخشى تەبرىكلەشلەر دىن سۆيۈندىم ،ئەدىب يازغۇچى شائېرلارغا ئاپىرىن !
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
ئابدۇرېھىم زۇنۇ
ئابدۇرېھىم زۇنۇ
توردا يوق
ۋاقتى: 2015-1-5 11:57:31
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغراق ئەپەندىملەرگە مۇبارەك بولسۇن! مۇشۇنداق پائالىيەتلەر كۆپرەك ئۆتكۈزىلىپ تۇرسا، قەلەمكەشلەرنىڭ دىل رىشتى مەھكەم تۇتىشىپ، ھەمدەملىك ۋە ھەمقەدەملىك كۈچىيىدۇ. ئۇنىڭ ئالغا بېسقا پايدىسى كۆپ. سىلەرنىڭ بىل پائالىيىتىڭلار مەڭڭۈ داۋاملاشقاي!
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
ئەمەتجان يۈسۈپ
ئەمەتجان يۈسۈپ
توردا يوق
ۋاقتى: 2015-1-5 12:06:25
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىتابى نەشىر قىلىنغان قەلەم ساھىبلىرىگە مۇبارەك بولسۇن!
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
زاغۇن
زاغۇن
توردا يوق
ۋاقتى: 2015-1-5 13:03:40
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنسۇمۇ ياكى ئونسۇ مۇ ؟بولسا مەنىسىنى دەپ بەرسىڭىز؟
مەخمۇتئېلى ئاتتىلا مۇئەللىمنى تەكلىپ قىلمىغانمۇ؟
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
ARKZAT
ARKZAT
توردا يوق
ۋاقتى: 2015-1-5 14:30:08
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەدرىنى قىلغانلار چوقۇم قەدىرلىنىدۇ.ئاپتورلارنى ئىلھاملاندۇرغان ئونسۇ ئەدەبىيات ئاشىنالىرىغا سەمىمىي سالام!
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
تۇرسۇنجان ھەسەن
تۇرسۇنجان ھەسەن
توردا يوق
ۋاقتى: 2015-1-5 14:57:42
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالتىس ئىش بوپتۇ، قەلەمكەشلەرگە كاتتا شان-شەرەپ يار بولسۇن!
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
شوخ
شوخ
توردا يوق
ۋاقتى: 2015-1-5 15:08:49
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياسىنجان توخنىياز ۋە مۇتەللىپ ئىككىڭلارنىڭ نەشىردىن چىققان يېڭى كىتاۋىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن ! يېڭى يىلدا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشۈڭلارغا تىلەكداشمەن ، ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ ئەدەبىيات -سەنئەت ئىشلىرى روناق تاپقاي !
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
turgunmijit
turgunmijit
توردا يوق
ۋاقتى: 2015-1-5 16:00:41
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى ياخشى ئىش بوپتۇ، ياسىنجان بىلەن مۇتەللىپنىڭ يېڭىدىن نەشىر قىلىنغان كىتابىغا مۇبارەك بولسۇن!
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
كېيىنكى بەت »
1
2
/ 2 بەت
كېيىنكى
تىزىملىككە قايتىش
ئالىي ئىنكاس
B
Color
Image
Link
Quote
Code
Smilies
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز
كىرىش
|
تىزىملىتىش
سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى
ئىنكاس يوللاش
ئاخىرقى بەتكە ئاتلاش
ستاتىستىكا
|
يانفون نۇسخىسى
|
新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
Powered by
Discuz!
X3.2
(
NurQut Team
)
© 2001-2011
Comsenz Inc.
For
www.xjzjxh.com
جۇغلانما 0, دەرىجە ئۆسۈش ئۈچۈن جۇغلانما
چوققىغا قايتىش