پۇل، قانچىلىك نەرسە ئىدىڭ؟
پۇل، سەن قانچىلىك نەرسە ئىدىڭ، ئادەم ئۆلتۈرەلەمسەن
پىچىقىڭ بارمۇ گۈرەن تومۇرۇمنى كېسىۋىتىدىغان،
ئارغامچاڭ بارمۇ مېنى تورۇسقا ئېسىۋىتىدىغان
ماشىناڭ بارمۇ باستۇرىۋىتىدىغان
قۇياش مېھمانخانىسىنىڭ 28- قەۋىتىدىن چۈشۈپ كەتسەم
20- قەۋەتكە كەلگىچە جېنىمنى ئېلىپ بولالامسەن؟
قالغان سەككىز قەۋەت ئۆلۈم بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولسا
ئۇ بەلكى مەن كىرىشنى ئېستىگەن سەككىز جەننەتتۇر.
بۇ بەلكى مېنىڭ 27 قەۋەتلىق بىنادىن سەكرىۋالمىغانلىقىمنىڭ ئۆزۈممۇ بىلمەيدىغان سەۋەبىدۇر...
ئۆلۈمنى ئويلاۋىرىپ ھەر كۈنى
ئىچىمگە دۆۋىلىنىپ كەتتى جەسەدلەر تاغدەك
توشۇلماقتا ساندۇق- ساندۇق قان.
سوڭەكلىرىم قوغلاپ كېلەر بىرونىۋىكلاردا
گۆشلىرىم مەغلۇب بولغان، پېتىراپ قاچقان.
قېچىۋىتىپ قارىسام، ئۆزىنى قۇياش دېدى
ئۈستۈمدىكى قەبرىستان.
ياق قۇياش، سەن پۇل ئەمەس
بىراق، كۈندۈزلەرنى ساڭا كىم ساتقان؟
مەن ئوقتىن قېچىپ كەلمىگەن، يوقتىن قېچىپ كەلگەن
ئاخىرقى زاماننىڭ ئادەم ئۆلتۈرىدىغان ماشىنىسىغا چىقىپ،
پۇل، سەن ئۇ ماشىنىنىڭ شوپۇرىمۇ؟
ئۆلۈمگە كېتىۋاتسام ئالدىمنى توستى ئىچىمدىن بىر ئادەم چىقىپ
دېدى ئۇ: نامرات جەسەت بولما، ئال، بۇ جەننەتنىڭ ئاچقۇچى،
پۇل، سەن تەقدىرنىڭ تۆمۈرچىسىمۇ؟
كۆڭۈل بەر دېسەم يانچۇقۇمنى ئاقتۇردى بىر ئايال، سەن قەيەردە دەپ
پۇل، سەن مۇھەببەتنىڭ خەۋەرچىسىمۇ؟
ئورۇق تېنىم ۋەتەنگە ئولىشىۋالغان رو چىۋىنلەرنى قورۇشقا يارىسا
مەن كۈلمەسمىدىم ئىچ- ئىچىمدىن ئۆرلەپ شادىمان؟
سۇيۇق قېنىم ۋەتەننىڭ ئالقانچە يېرىنى سۇغۇرۇشقا يارىسا
مەن ئۈنمەسمىدىم ئۇ ئېتىزدا بولۇپ قەھرىمان؟
چىقسا جېنىم ۋەتەن ئۈچۈن بىر قېتىملا
ھايات قالماسمىدىم ئاھ، ئۆلۈمنى مەن قىلىپ گۇمران؟!
كۈچلۈك دۆلەت بولۇش ئۈچۈن
كۈچلۈك مىللەت بولۇش ئۈچۈن
كۈچلۈك ئادەم بولۇش ئۈچۈن
پۇل، سەن قۇدرەتلىكمۇ راستىنلا تەڭرى چاقىرىقىدەك؟!...
بېشىمنى ئەگدىڭ ھە، ئېسىڭدە بولسۇن
كۆڭلۈمگە تەگدىڭ ھە، ئېسىڭدە بولسۇن
سەن قەغەز روھنى، سەن قەغەز يولۋاسنى
سەن مېتال چۈشنى، سەن مېتال ئۆتمۈشنى
خەجلىۋىتىمەن ھامان بىر كۈنى بانكىلارنى ئۆچىرەت قىلىپ
نامراتلىقتىن
ئالدىمغا كەلگىچە تىلەمچىدەك قول سوزۇپ...
پۇل، سەن قانچىلىك نەرسە ئىدىڭ؟!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا غوجىمۇھەممەد تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-4 05:31