يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 843|ئىنكاس: 7

سەمەندەر(ت):ئانارگۈل ـــــ كۆك رەڭلىك ئالما

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
كۆك رەڭلىك  ئالما

(ھېكايە)

ئاپتۇرى:
سەمەندەر تەرجىمىسى

قەھرىتان سوغۇق،ھەممە ياق زىرىكىشلىك،بىر خىل كۈلرەڭدە كۆرىنەتتى.ئالدىنقى كۈنلىرى  شىلدىرلاپ سۈزۈك ئېقىپ تۇرغان ئېقىن مۇز تۇتۇپتۇ.ئانا-بالا ئىككەيلەن ئەبجىقى چىققان كونا ئۆيدە سوغۇق تاراپ تۇرغان كاڭ ئۈستىدە ئولتۇپ،ئانا قىزنىڭ چېچىنى  تولىمۇ مېھرىبانلىق بىلەن تارايتتى، پاكىزە ،كۆركەم قىلىپ مايچېچەك شەكلىدە ئۆرۈپ قويدى.
-ئانا،مەن ئالما دەرىخىنى كۆردۈم،پىشقان مېۋىلەر ئېسىلىپ تۇرۇپتۇ،-ئانىنىڭ چىرايى غۇۋالىشىپ كەتتى،ئۇ سىپايىلىك بىلەن قىزىدىن سورىدى:
-قىزىم، ئالما قانداق رەڭدە ئىكەن؟
-ئالما كۆك رەڭدە،ئالما دەرىخى سىرىق رەڭدە،ئانا،دېگىنىنم توغرىمۇ؟-ئانىنىڭ كۆز ياشلىرى كەلكۈندە بېسىپ كەلدى،ئۇ بوغۇلۇپ تۇرۇپ:
-توغرا،قىزىم،ئالما كۆك رەڭدە،كۆك(ئاسمان) بىلەن ئوخشاش رەڭدە،قىزىم راستىنلا بەك ئەقىللىق-جۇمۇ؟
قىز ئىغىر بىر ئۇھسىنىۋىتىپ كۈلۈپ قويدى،پۈتۈن چىرايى ئىغىر يۈكتىن خالاس بولغاندەك قىياپەتتە:
-مەكتەپتە ساۋاقداشلىرىمنىڭ ھەممىسى مېنى ئالمىنىڭ رەڭگىنى بىلمەيدىغان قارىغۇ دەيدۇ،ئالما چوقۇم قىزىل رەڭدە بولۇشى كېرەكتەك،-ئانا قىزدىن سورىدى:
-قىزىم،ئۇنداقتا سىز نېمىشقا ئالمىنى كۆك رەڭدە دەيسىز؟-ئۇ تۆۋەن ئاۋازدا بىر پەس كۈلگەندىن كېيىن:
-دادامنىڭ دېيىشىچە،ئۇ ھەربىيلىكتە تۇرىۋاتقاندا دېڭىز ئارمىيىسىدە ئىكەن،دېڭىز كۆك رەڭدە بولۇپ،ئۇ كېمە بېشىدا تۇرۇپ كۈننىڭ چىقىشىغا قارىغاندا، پارلاق قۇياش نۇرى دېڭىز يۈزىدە كۆك رەڭدە ئەكىس ئېتەتتىكەنتۇق،شۇڭلاشقا،كۆك رەڭ دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل رەڭ ئىكەن،-ئانا قىزىنى باغرىغا بېسىپ تۇرۇپ:
-قىزىم،دادىڭىز ئىشلەپ قايتىپ كەلگەندە كۆزىڭىزنى داۋالىتايلى،ئۇ ئىككىمىزنى ئېلىپ دېڭىزنى كۆرگىلى ئاپىرىدۇ.
قىز كۈلدى،كۈلكە ئۇنىڭ چىرايىغا تېپىپ چىقتى.كۈلكىدىن توختاپ ، قاتتىق يۆتىلىپ كەتتى،يۆتەلگەندە ئۇنىڭ ئىككى بىقىنى ياپراقتەك تىترەپ كېتەتتى.كۆك رەڭ ئۇنىڭ قېنىدا ئۆركەشلەۋاتقان،كۆيۈۋاتقان قان 12ياشلىق بۇ قىزنىڭ چىرايىنى سارغايتماقتا ئىدى.قاتتىق يۆتىلىپ قان تۈكۈردى.قىز ئۆپكە كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئىدى.ئانا كېچە-كۈندۈز ئۇنىڭ يېنىدا پايپىتەك بولۇپ ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالاتتى،ئۆسۈملۈك دورىلارنى قاينىتىپ ئىچكۈزەتتى.ئىغىر دورا قازانلىرىنى كۆتۈرۈپ،قىزىم ساقىيىپ قالارمىكىن دېگەن ئۈمۈدلەر بىلەن ئىشلەپ قارا تەرگە چۆمەتتى.قىزىغا بىر ئاماللارنى قىلىپ دورىنى ئىچىشكە قىستايتتى،چۈنكى ئۇ يۈرەك پارىسى،ئۈمۈدى ئەمەسمۇ؟!قىزىمۇ ئانىسى بىلەن قارشىلاشماي،ئاز-ئازدىن يۇتاتتى،ھەتتا بىر تېمىتىممۇ ئىسراپ قىلماي تىرىشچانلىق كۆرسىتەتتى.
كەچتە قار ياغدى.قىزنىڭ گەپ قىلغۇسىلا كېلىپ تۇراتتى.ئۇ ئانىسىغا:
-ئانا، كۆك رەڭنىڭ قانداق رەڭ ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن،ئەمەلىيەتتە،ئالما قىزىل رەڭدە،مۇئەللىم دائىم سېنىڭ يۈزۈڭ قىزىل ئالمىغا ئوخشايدۇ دەيتتى.سەن مېنى خۇشال قىلىش ئۈچۈنلا،ئالما كۆك رەڭدە دېگەنلىكىڭنى بىلىمەن،-قاتتىق يۆتەل ئانا-بالىنىڭ كۆك رەڭ توغرىىسىدىكى پارىڭىنى بۆلىۋەتتى.قىز قاتتىق يۆتەلنىڭ دەستىدىن يۈزلىرى قىزىرىپ، ھاسىراپ كېتەتتى.ئانا ئۇنى باغرىغا چىڭ بېسىپ،ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئازابلىرىنى ھىس قىلماقتا ئىدى.قىز تىتىرەيتتى،خۇددى يارلانغان قۇش كەبى كۈچسىز تىتىرەپ تۇرۇپ:
-ئانا، سەن بەكلا بەخىتلىك،سەن كۆك رەڭنى كۆرەلەيسەن،كۆك رەڭ مېنىڭ قەلبىمىدىكى بىر چۈش،خالاس.
قار بىر كېچە يېغىپ توختىمىدى.قار توزانلىرى تولىمۇ يەڭگىل،مامۇق ئىدى .ئۇ مۇز تۇتقان دېرىزىگە توختىماي ئۇرۇلماقتا. سەھەردىن كېيىن،ئانا قىزىنىڭ ئاۋاق جەسىتى كۆتۈرۈپ،قارلىق يولدا ئىغىر قەدەملەر بىلەن تاغ يولغا قاراپ ماڭدى.ئۆز قولى بىلەن قىلىن قارنى كولاپ قىزىنى دەپنە قىلدى.
ئانا ئۈچ كۈن يېمەي-ئىچمەي قاتتىق ئۇخلىغاندىن كېيىن ئورنىدىن تۇردى.شۇنىڭدىن كېيىن ،ئۇ ھەركۈنى چىرايلىق ياسىنىپ ئىرىنىڭ قايتىپ كېلىشىنى كۈتتى.ئۇ قىزىنىڭ مۇنۇ سۆزلىرىنى چوڭقۇر ھىس قىلىپ يەتكەن ئىدى:
رەڭنى كۆرەلەيدىغان ئادەم ئەڭ بەخىتلىك ئادەم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-2 14:14  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-1-2 17:46:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىكايىنى تازا تاللاپ تەرجىمە قىپسىز،ھە....نىمە دىگەن تەسىرلىك!

ئاپتورى كىم،قايسى دۆلەتتىن،ئىزاھات بىرىپ قويسىڭىز بوپتىكەن...

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-2 18:21:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتۇرنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

ئانارگۈل(1981-؟)تەخەللۇسى شۈي گو (مېۋە دېگەن مەنىدە).ئۇيغۇر،شىنجاڭ يەنخۇ(تۇز كۆل)دا تۇغۇلغان.1994-يىلدىن
باشلاپ ئەسەر ئىلان قىلغان،2003-يىلى خېنەن ئۇنۋېرسىتىنىڭ خەنزۇتىل ئەدەبىيات كەسپىنى پۈتتۈرۈپ،خېنەن ئۆلكىسىنىڭ جاڭ  بېي ناھېيىسى بەي مىياۋتەن ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولغان، جاڭ جىياكو مائارىپ ئىنىستوتىنىڭ شۈەن خۇا تارماق مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولغان .دۆلەتلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ «ئېكىلوگىيە مەدەنىيىتى»ژۇرنىلىدا مەسئۇل مۇھەرېر بولغان.2007-يىلى جوڭگۇ يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن.جوڭگۇ ئورمانچىلىق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋېن رەئىسى.80-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان 10چوڭ يازغۇچىنىڭ بىرى. ھېكايە-پوۋېستلار توپلىمىدىن«كىچىك ناھىيدىكى گول»،ئۈنسىز تاغ»قاتارلىقلار بار.2005-يىلى«ئورمان قوغدىغۇچىلار»ناملىق رومانى «ئېكىلوگىيە مەدەنىيىتى»ژۇرنىلىدا كەينى-كەينىدىن ئىلان قىلىنىپ،«جوڭخۇانى گۈزەللەشتۈرۈش»(ۋەتىنىمىزنى يېشىللاشتۇرايلى)تېمىسىدىكى مەملىكەتلىك مۇسابىقىدە بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشكەن.«كۈز كېچىسىدىكى يۇلتۇز»ناملىق پوۋسېتى كىنو قىلىپ ئىشلەنگەن،«چىيۇ چەننىڭ تويلۇق كېيىمى»ناملىق پوۋسېتى 30 قىسىملىق تېلىۋېزىيە تىياتىرى قىلىپ ئىشلەنگەن.
ئاسلىق ئەسەرلىرىدىن:«قىزىل چۈمبەل»،«گۈللۈك تەختىراۋان»،«ياجەي خانىم»،«لىيۇ رۇشى»»،«ئەمەلدارلار سورۇنىدىكى ئايال»قاتارلىقلار بار.
ئۇ ھازىر«جوڭگۇلىقلار»(خۇارېن )ژۇرنال تەھرىراتىنىڭ مۇئاۋېن باشلىقى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەمەندەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-2 19:48  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-2 18:35:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جەننەتكە ئۇچقان كېپىنەك
(پوۋېست)

ئاپتۇرى:ئانارگۈل


1
مەن -يۈەن يۈەن،فاڭ فاڭ بولسا مېنىڭ قوشكېزەك ئاچام.ئانام تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن،دادام فاڭ فاڭنى باشقىلارغا ھاۋالە قىلىپ يىراق  شەھەرگە يولغا سالدى،مېنىمۇ يېزىدىكى مومانىڭ
ئۆيىگە ئاپىرىپ بەردى.فاڭ فاڭ مەن بىلەن خوشلىشىدىغان چاغدا،بىر قولىدىن بىرسى تارتىلىپ كېتىۋاتسا،بىر قولى ھاۋادا نېمىنىدۇر تۇتىۋالماقچى بولغاندەك قالايمىقان پۇلاڭلايتتى،پەقەت مۇشۇنداق بولسىلا كۆڭلى ئارام تاپىدىغاندەك ،ھەتتا ئۇ تۇتىۋالغىنى يوقلۇق بولسىمۇ پېتىگە ئالمايدىغاندەك كۆرۈنەتتى.ئەپسۇس،ئۇ ھېچنېمە تۇتالماي،ئۈمىدسىز ئاھاڭدا ئىسمىنى چاقىراتتى
-ياق!مەن يۈەن يۈەندىن ئايرىلمايمەن،-ئۇنىڭ يۈرەكنى ئىزگۈدەك يىغا ئاۋازى ئېگىزلىكنى بىر ئالغان بولۇپ،شۇ ۋاقىتتا، قەلبىمىدىن ھەسرەت بۇلاقلىرى ئېتىلىپ چىققان ئىدى.فاڭ فاڭ تۇيۇقسىز قولىنى تۇتۇپ تۇرغان ئادەمنىڭ قولىدىن سۇغۇرلۇپ چىقىپ ماڭا قاراپ يۈگىرەپ كەلدى.دادام فاڭ فاڭغا قاراپ ئېتىلىپ،ئۇنىڭ يۈزىگە بىرنى تەپتى.فاڭ فاڭ بىر قانچە قېتىم تىركىشىپ ئاران ئورنىدىن تۇردى،يۈز-كۆزى قانغا بويۇلۇپ كەتكەن ئىدى.بىردىنلا،مەن بېشىغا تۈمۈر توقماق بىلەن ئۇرغاندەك،يەرگە گۆسسىدە يېقىلىپ چۈشتۈم.دادامنىڭ تىل-ئاھانەتلىرى ھەممىنى يۇتۇپ كەتتى،يەر-زېمىننىڭ چەك-چېگىرىسى بۇزۇپ تاشلىنىپ،كۆز ئالدىمنى قاراڭغۇلۇق قاپلىدى.
بۇ مەن ئون ياش ۋاقتىمدا باشتىن كەچۈرگەن ھەيران قالارلىق بىر دراما كۆرۈنىشى،شۇنىڭدىن كېيىن فاڭ فاڭنى قايتا كۆرۈپ باقمىدىم،ھەم قىلچىمۇ ئۇچۇرى بولىمدى،تارىخ توختىماستىن ئۆز ئېقىنىنى ئالماشتۇرۇپ تۇردى،قايتا-قايتا تاسقىلىپ قېلىپ قالغىنى خاتىرە بولدى.دادام فاڭ فاڭنى تەپكەندىن كېيىن،ئۇنىڭ باش-كۆزى قان ھالدا ئورنىدىن تۇرغان مەنزىرىنى مەڭگۈ ئۇنتۇيالمايمەن.يۈرىكىمدە بىر خىل قىينىلىش بار،ئۇنى ھەم چەكسىز دەرت-ئەلەم دېيىشكىمۇ بولىدۇ.دائىم ئەسلىگىنىمدە ئۇ(فاڭ فاڭ)نى چۈشۈمدىكى بىر كۆلەڭگىندەك ھىس قىلىمەن.
ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن شىنجاڭدىن ئايرىلىپ، بېيجىڭغا بېرىپ دۆلەت ئورگىنىداخىزمەت قىلدىم.مەن 80-يىللاردىن كېيىنكى يازغۇچى بولغاچقا،تەشۋىقات ئورنىنىڭ مەدەنىيەت باشقارمىسىغا بۆلۈندۈم.ئىشخانا مەڭگۈ تالاش-تارتىش تۈگىمەيدىغان جەڭ مەيدانى بولۇپ،يامان يېرى مېنىڭ تەسسەۋۇرۇمدىن كۆپ ھالقىپ كەتكەن ئىدى.گەرچە ھېچكىم ھېچكىمگە چېقىلالمىسىمۇ،يەنى كېلىپ بۇ ھالەت ھەر ئىككىلى تەرەپكە ياخشىلىق ئېلىپ كېلەلمىسىمۇ،تالاش-تارتىش مەڭگۈ تۈگىمەيتتى.مەن بىر يېڭى كەلدى ،ئىنىقلا، باشقىلار نەزىرىگە ئېلىپ قويمايدىغان قوڭالتاق.نۇرغۇنلىرى باشلىقنىڭ كونا سەپداشلىرى،ئۇلار پېتىدىن چۈشمەي ھاكاۋۇرلۇق بىلەن يېڭى خىزمەتكە چۈشكەن ئەرزىمەس كىشىگە ئوڭ كۆزىدە قارىمايدۇ.ئۇلار ئازراقمۇ كۆڭلىمىزنى چۈشەنمەيدۇ.خۇددى تۇغۇلغاندىن تارتىپ ياخشىلىق يۇقمايدىغان كىشىلەردەك.باشلىق يىغىن ئاچقاندا،يا ئۆزىنى ماختايدۇ يا بولىمسا لاپ ئۇرىدۇ،قاينايدۇ،خۇددى جاھاندا ئۇنىڭدىن باشقا ھېچكىمنىڭ باشلىق بولۇشغا سالاھىيىتى توشمايدىغاندەك،بېىشىدا بىرەرسى پىچاق تۇتۇپ باشلىق بولىمساڭ بېشىڭنى ئالىمەن دېگەندەك.باشلىقىمزئۆزىنى ماختاشقا خۇشتار بولغاندىن سىرت سەت تىللار بىلەن ئادەم تىللاشقا ئامراق،بىر قېتىم يىغىن ئېچىۋاتقاندا،باشقارما باشلىقى ئۇنىڭ كۆلىگە ياقمايدىغان گەپنى قىلغانلىقى ئۈچۈن،ئۇ يۈزىنى داپتەك قىلىپ باشقارما باشلىقىنى تىللاپ كەتتى
-يۇمە ئېغىزىڭنى،ئەمىلىڭگە قاراپراق گەپ قىل،نېمە ئۇ قۇشقاچتەك ۋىچىرلاپ،يوقال...!-ئەينى ۋاقىتتا پۈتۈن مەيدان سۈكۈتكە چۆمدى،ھىلىقى باشقارما باشلىقىنىڭ يۈزلىرى ئۆپكىدەك قىزىپ ئىشتىننىڭ ئېغىغا كىرىۋالغۇدەك بولۇپ كەتتى.بۇ گەرچە مەركەزگە قاراشلىق ئورگان بولسىمۇ،بىراق بىر-بىرىنىڭ قۇيرۇقىغا دەسسەپ يېنىدىكى خىزمەتداشلىرىنىڭ ئوبدانلاپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيتتى.بۇ ئەھۋاللارنى كۆرۈپ ئۆزۈمنىڭ ئۇلارنىڭ رەقىبى بولالمايدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ،قەلبىمنى قىراۋ باغلاپ، چۈشلىرىم گۇمران بولدى.بۇ ئورگان غۇنچىدەك گۈزەل چۈشلىرىمنى بەرباد قىلدى.
مەن ئۈرۈمچىدىن كۆپ ھەرەج تارتىپ ئۇچۇپ كەلگىنىم بىلەن،خىزمەتتىكى ئازراق دەرت-ئەلەمدىن باشقا بۇ شەھەرنىڭ گۈزەللىكنىنى ھىس قىلاتتىم،يەنىلا بۇ شەھەرنى سۆيەتتىم.نېمىلا دېمىگەن بىلەن ۋەتەننىڭ پايتەختى ئەمەسمۇ-مۇ؟شۇنچىلىك جەلىپ قىلارلىق،بۈيۈك،سىرلىق،نەپىس ئىمارەتلەر،نەگىلا قارىسا خان جەمەتىنىڭ سۈر-ھەيۋىسى نامايەن قىلىپ تۇرىدىغان قورۇلار.ئادىيسى باغچىلارمۇ شۇنچىلىك سىپتا بولۇپ ئادەمنى مەھلىيا قىلىدۇ؛ئىمارەتلەر،ئۆتۈشمە كۆۋرۈكلەر تولىمۇ ھەيۋەتلىك كۆرىنىدۇ،ئۈسىتدە ماشىنىلار ئۈزۈلمەي ئۆتۈشۈپ تۇرىدۇ؛ئاخشىمى قارىغاندا بۇ شەھەر ھەسەن -ھۈسەندەك ئاجايىپ كۆركەملىشىپ كېتىدۇ.
دۈشەنبە كۈنى ئالما تارقاتتى،كۆپچىلىك ئۇنۋېرسال بىنادىن ئالما ئالغىلى بېرىشتى.باشلىق مېنى بېرىپ ئالما ئېلىشنى بۇيرۇدى.مەن بارغاندا باشقا ئورۇنلار ئاللاقاچان ئالما ئېلىشىپ بولغان بولۇپ،پەقەت بىزنىڭ ئورۇننىڭلا ئېشىپ قالغان ئىدى.ئۇنۋېرسال بىنادىكى مۇئاۋېن باشلىق ئايال يىرگىنىشلىك نەزەردە ماڭا ئۇزاق قاراپ تۇرغاندىن كېيىن:
باشقىلارنىڭ ھەممىسى ئۈچ قاپتىن،پەقەت سىز كىچىكىپ كەلگەچكە بىر قاپلا،-ئۇ باشقا گەپ قىلمىدى.مەن بىرقاپ بىر قاپتىن توشۇپ تۈگەتتىم.كۆپچىلىك يەشىكنى يەشمىدى،قارىغاندا يېڭى يىلغىچە ساقلاپ ئۆيدىكىلىرى بىلەن بىللە يېيىش ئويى باردەك قىلاتتى.ئورگان دېگەن مۇشۇنداق،ئىش چىققاندا ھىرىپ ئۆلىسەن،بىكار بولغاندا زىرىكىش ئۆلىدىغان گەپ.
ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن،مەن بىر قاپ ئالمىنى قۇچاقلاپ ياتاققا قايتتىم.قاپتىكى ئالمىنى ئەمدى يەرگە قويۇپ تۇرىشىمغا تېلېفۇن سايرىدى.مەن ئالدىراش تېلېفۇننىڭ قېشىغا يۈگۈرۈپ،يەشىككە پۇتلىشىپ يېقىلىپ چۈشكىلى تاسلا قالدىم.تېلفۇننى ئالغاندا قارشى تەرەپ تولىمۇ يېقىملىق ئاۋازدا سورىدى:
-سىز يۈەن يۈەن بولامسىز؟مەن فاڭ فاڭ،-بىر خىل مەست قىلغۇچ شامال بېشىمنى سىيپاپ ئۆتۈپ،مەن خۇددى چۈش كۆرىۋاتقاندەكلا ئۇنىڭدىن سورىدىم:
-سىز... سىز راستىنلا فاڭ فاڭمۇ ؟!- قارشى تەرەپ ئازراقمۇ قايغۇرغاندەك ئەمەس ئىدى،ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ:
-بۇنىڭمۇ يەنە يالغىنى بارمۇ؟بىر نەچچە كۈن ئۆتۈپ بېيجىڭغا سېنى سۆرگىلى بارىمەن،-بىز ئۆز-ئارا ئالاقە نومىرلىرىمىزنى ساقلىۋىلىشتۇق.ئۇ تېلېفۇننى قويىۋەتتى.فاڭ فاڭ ،ھەر ۋاقىت ئېسىمدىن چىقمايدىغان ئاچام،بىز شۇنچە ئاسانلا ئالاقىلىشالىدۇق،مەن ئۆزۈمنى ئالداشقا ئامالسىز،بۇ ھەرگىزمۇ خىيال ياكى چۈش ئەمەس،چۈنكى ئۇ مېنىڭ ھەقىقىي كەچۈرمىشىم.فاڭ فاڭ بىلەن ئالاقىلاشقان كۈندىن باشلاپ،ئۇنىڭ سايىسى سىرىق قۇشقاچتەك مەندىن نىرى بولماي،بېشىمدا سەكرەپلا يۈردى.ئۇنىڭ تەرقى-تۇرىقى يەنىلا ماڭا ئوخشامدىغاندۇ؟بىز ئايرىلغاندىن كېيىن ئۇ نېمە زىيارەتلەرنى چەكتى؟ئۇ ھازىر نېمە قىلىۋاتقاندۇ؟بۇ كۈنلەردە پەقەت قولۇم ھېچ ئىشقا بارمىدى،توختىماي فاڭ فاڭنىلا سىغىنىمەن .ئاچا،بىلىشىڭ مۇمكىن ،مەن سېنى ئىزدەش ئۈچۈن قىلمىغىنىم قالمىدى.بۇ كۈنلەردە پەقەت سەن بىلەن ئۇچرىشىشنىلا ئارزۇ قىلدىم.
تېزلا بىز ئالدىن كېلىشكەن «غەربىي يۇرت چېڭ فۇ مېھمانسارىيى»دا كۆرۈشتۇق.مەن ئالدىدا كەلگەن ئىدىم،ئالدىن زاكاس قىلغان ئايرىمخانىغا كىرىپ يېرىم سائەتچە بولغاندا،ئورۇق،تولىمۇ گۈزەل بىر قىز بېشىغا ئاق رەخت ئورىۋالغان چەتئەللىكنى باشلاپ كىرىپ كەلدى.ئۇ مېنى ئاسانلا تونۇۋالدى،بىردەم ھازا قېتىپ تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن،مەن بىلەن قول ئېلىشىپ ،ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن گەپ بالىدى:
-يۈەن يۈەن بۇ سەنمۇ؟سەن يەنىلا مېنىڭ ئېسىمدىكىدەكلا تۇرۇپسەن،بىراق تېخىمۇ پىشىپ-يېتىلىپسەن،پىشىپ-يېتىلىپسەن دېگىنىم ھەرگىزمۇ قىرىپسەن دېگىنىم ئەمەس -جۇمۇ،توغرا چۈشەن،-مەن ھەيرانلىق ئىلكىدە :
فاڭ فاڭمۇ سەن؟چىرايىڭ نېمانداق ئۆزگىرىپ كەتتى،ھەتتا ئېڭىكىڭمۇ ئۇزۇنچاق بولۇپ چىرايلىق بولۇپ كېتىپسەن،-فاڭ فاڭ شۇنچە تەبىئيلا بىرنى كۈلىۋىتىپ:
-كورىيەدە ھۆسۈن تۈزەش ئوپراتسىيىسى قىلدۇردۇم،شۇنچە ئۇتۇقلۇق بوپتۇ ،شۇنداقمۇ؟ فاڭ فاڭ شۇنچىلىك گۈزەل ،گۈزەللىكى ئۇنىڭ ئاشكارە قورالى،ئەرلەر بىلەن بولغان ئۇرۇشتا ئۇ ئۇتتۇرمايدۇ،ئۇنىڭ  چىرايى،گىلاستەك لەۋلىرى قارىغان ئادەمنى يۇتۇپ كېتەتتى.ئۇ يېنىدىكى چەتئەللىكنى كۆرسىتىپ تۇرۇرپ:
بۇ مېنىڭ ئىرىم مارلۇن لون بولىدۇ،ئۇ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ دۇبەي شەھرىدە تۇغۇلغان،-فاڭ فاڭ گەرچە تولۇق ھۆسۈن تۈزەش ئوپراتسىيسى قىلغان بولسىمۇ،ئوپراتسىيە ئۇنىڭ كۆز ئىپادىلىرىنى ئۆزگەرتىشكە قادىر ئەمەس ئىدى.يىللار قانچىلىك ئۆتكەن بولسا ،مېنىڭ سىغنىشىم شۇنچىلىك ،ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن بىلىپ-بىلمەي بەزى سىرلار مانا مەن دەپ چىقىپ تۇراتتى.مەن فاڭ فاڭنىڭ قولىنى تۇتۇپ كۆز ياشلىرىم ئىختىيارسىز قۇيۇلدى.
-بولدى يىغلىما،ئەگەر دادام يۈزۈمگە ئاشۇنداق قاتتىق تەپمىگەن بولسا،مەنمۇ بېقىۋالغۇچىغا ئەگىشىپ كەتمەيتتىم،ئەلۋەتتە،بۈگۈنكى كۈنۈممۇ بولمايتتى،مەن تولىمۇ بەخىتلىك قىز.
-سەن دادامدىن نەپرەتلەنمەمسەن؟
-بىلىمەن،دادام مېنى سۆيىدۇ،بەكلا سۆيىدۇ،ئازابلانغان تەقدىردىمۇ ،ئىرىشىدىغىنى يەنىلا  كۆپ،-ئۇ بىر تەرەپتىن كۆز ياشلىرىمىنى سۈرتۈپ بىر تەرەپتىن ماڭا تەسەللى بېرەتتى:
كۆز يىغا ساقلايدىغان ئامبار ئەمەس،بەلكى ئاق-قارىنى پەرق ئېتىدىغان ئەزا،-مەن ئۇنىڭ سۆزىگە جاۋابەن:
-يىغلىمىسام بولىدۇ ،بىراق ھەسرەتلەنمەي تۇرالمايمەن،-دېدىم
بىز تاماق يېيىشكە تۇتۇندۇق.فاڭ فاڭ تولىمۇ سىپايىلىك بىلەن ئاز-ئازدىن تاماقنى ھۇزۇرلىنىپ يەيتتى.ئۇنىڭ ئىرى مارلون ئۇنىڭغا ئوخشىمايتتى،ئۇ جوڭگۇچە قورۇمىلارغا تۈزۈت قىلماي چوڭ -چوڭ ئېغىز تېگەتتى.ئۇ بىر تەرەپتىن تاماق يېسە ،يەنە بىر تەرەپتىن ئۆز تىلىدا فاڭ فاڭ بىلەن پاراڭلىشاتتى،ئۇ بەكمۇ تېز گەپ قىلاتتى.فاڭ فاڭ ماڭا سۇس كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ:
مارلون سېنىڭ كۆزۈڭگە قارىغاندا،ئادەم خۇشاللىقنى يۇشۇرغىلى بولمايدىكەن دەۋاتىدۇ،-بىز تېزلا مېنىڭ خىزمىتىم،ئىش ئورنۇم،خىزمەتداشلا،باشلىقلىرىم، توغرىسىدا پاراڭغا چۈشۈپ كەتتۇق.ھەممىسى ئارلىشىپ داشقايناق بولۇپ كەتتى.مەن ئىغىر بىر خۇرسىنىپ قويۇپ:
-قاچانمۇ ئەمىلىم ئۆسەر!پىنسىيىگە چىققاندىمۇ ياكى يىراق كەلگۈسىدىمۇ؟فاڭ فاڭ مېنىڭ دەرت،ئۇۋالچىلىقلىرىمىنى ئاڭلىغاچ چىراي ئىپادىسى ئۆزگەرتىپ تۇراتتى.ئەڭ گۈزەل،ئەڭ چوڭ تەسەللىي گەپلىرى تىلسىز بولسا كېرەك،ئۇنىڭ چىراي ئىپادىلىرىدىن قايغۇرىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىپ تۇراتتىم.بىلىمەن ،فاڭ فاڭ مېنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىمىنى ئاڭلاۋاتقاندا مەن بىلەن تەڭ ئازابلىنىدۇ.فاڭ فاڭ تېز سۈرەتتە مارلون بىلەن پاراڭلاشتى،مارلوننىڭ كۆزىدە باشقىچە بىرخىل غەزەپ ئۇچقۇنلىرى چاقناپ،ئۆز تىلدا نېمىلەرنىدۇر دەپ ۋاقىرىدى.تىلىمىز ئوخشىمىغاچ ،ئۇنىڭغا تەسەلللىي بېرىشكە ئامالسىز ئىدىم .ئايرىلىدىغان چاغدا، فاڭ فاڭ مېنىڭ قولۇمنى تۇتۇپ تۇرۇپ:
-ھايات چەكلىك،ئۇ ساپاسىز ئادەملەر بىلەن ئېتىشىپ ۋاقىت ئىسراپ قىلغاننىڭ ئورنى
يوق.مارلون  ئەگەر سېنى خالىساڭ بىزنىڭ شىركەتكە بېرىپ ئىشلىسۇن،- دەيدۇ
-سىلەرنىڭ ياخشى كۆڭلۈڭلەرگە رەھمەت،كېيىنچە ھەممە ياخشى بولۇپ كېتىدۇ،-دېدىم ئۇنىڭغا....

داۋامى بار

ۋاقتى: 2015-1-2 19:46:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەمەندەر ئىنىم، دىئالوگلارغا يەنە بىر ئىشلەپ بېقىڭ. دېمەكچى بولغۇنۇم، ئاپتور سۆزى بىلەن پېرسۇناژ سۆزى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل جۈملە بولسۇن.
-ئالما كۆك رەڭدە، ئالما دەرىخى سىرىق رەڭدە، ئانا، دېگىنىنم توغرىمۇ؟-ئانىنىڭ كۆز ياشلىرى كەلكۈندە بېسىپ كەلدى، ئۇ بوغۇلۇپ تۇرۇپ:
-توغرا، قىزىم، ئالما كۆك رەڭدە، كۆك(ئاسمان) بىلەن ئوخشاش رەڭدە، قىزىم راستىنلا بەك ئەقىللىق-جۇمۇ؟

باھا سۆز

بولىدۇ،ئالاھىدىن ئاكا،مەن يەنە بىر قاراپ چىقاي.  ۋاقتى: 2015-1-2 07:49 PM
ۋاقتى: 2015-1-2 19:55:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىرگەپ، تەرجىمىدە ئەسلىگە سادىق بولۇش بىلەن جانلىق بولۇشنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىڭ:
ئانىنىڭ كۆز ياشلىرى كەلكۈندە بېسىپ كەلدى...
ئۇيغۇر تىلىدا شۇنداق دەمدۇق؟

باھا سۆز

مەن بۇ تەرەپلەرگە دېققەت قىلاي،ئالاھىدىن ئاكا.  ۋاقتى: 2015-1-2 08:05 PM
ۋاقتى: 2015-1-3 00:46:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرىنى تىزرەك يوللىۋەتسىڭىز بۇپتىكەن.بۇرۇن ئانارگۈلنىڭ بىر ھىكايىسىنى ئوقۇغانتىم.بۇ ئەسەرلىرىنىمۇ ياقتۇردۇم.

ۋاقتى: 2016-2-27 18:14:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانارگۈلنىڭ " توردىكى ئىشلار " ناملىق ھېكايىسىنى ئوقۇپلا ياقتۇرۇپ قالغانىدىم. بۇ يەردە سەمەندەرنىڭ ئەجىرى بىلەن ئۇنىڭ يەنە باشقا ئەسەرلىرىنىمۇ كۆرۈشكە ۋە ئۇ يازغۇچىنىڭ تەرجىمىھالىنى بىلىشكە نىسىب بوپتۇ . تەرجىمە قىلغۇچىنىڭ ئەجىرىگە رەھمەت .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش