دادامنىڭ خۇيى بار مېنىڭ قېنىمدا
تۇردى قېيۇم
ھەق يولدىن يانمىغان قىلىچ كەلسىمۇ،
بىراۋنى چاقمىغان ئالتۇن بەرسىمۇ،
ھاتەمدەك ياشىغان گاداي بولسىمۇ،
دادامنىڭ خۇيى بار مېنىڭ قېنىمدا.
ساختاپەز ،رەڭۋازنى دۈشمەن دەپ بىلگەن،
سوپى ھەم داخاننىڭ ئۈستىدىن كۈلگەن،
ھالاللاپ ياشاشقا ئىزدىنىپ يۈرگەن،
دادامنىڭ خۇيى بار مېنىڭ قېنىمدا.
ئەجداتلار ئەجرىنى ھۆرمەتلەپ ئۆتكەن،
ئادەملەر كۆڭلىنى ئالەمچە كۆرگەن،
مەرىپەت ئىشقىدا بىر ئۆمۈر كۆيگەن،
دادامنىڭ خۇيى بار مېنىڭ قېنىمدا.
نامەرتنىڭ ئېشىنى ھەرگىز يىمىگەن،
تۇزىنى يەپ، تۇزلىققا ئەسلا سىيمىگەن،
تۆھمەتخۇر ئالدىدا بويۇن ئەگمىگەن،
دادامنىڭ خۇيى بار مېنىڭ قېنىمدا.
دادامدەك ياشايمەن ئىزىنى بېسىپ،
كۆكتىكى بۈركۈتتەك قاناتلار قېقىپ،
ئەل-ئاۋام ئىشى ئۈچۈن شامدەك ئېقىپ،
دادامنىڭ خۇيى بار مېنىڭ قېنىمدا.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-2 13:24