يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 530|ئىنكاس: 12

پەرىدە ئىسمايىل مېھرى: ياسىداق تۇيغۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]


ياسىداق تۇيغۇ


پەرىدە ئىسمايىل مېھرى


كۆرسەڭ سۆيگۈ كۆزۈڭدە بۇ دەم،
تۇيغۇم ساڭا  ئوتقاش ياسىداق.
تەنھالىقنى ئويلىسام ھەر رەت،
دۇنيا بولۇر رەڭسىز ،قارىداق.

كۈلسەڭ جىلۋەڭ بىلەن بىر بېقېپ،
كېتەر باغرىم باغرىڭغا ئېقېپ.
تەشنالىقنىڭ قىيناقلىرىدىن،
چىققۇم كېلەر ئۇرغانچە  چېقېپ.

سۈرسەڭ خىيال ئەستىلىكلەردىن،
كەلسەم شىرىن چۈشلەرنى تېرىپ.
چېگىۋەتسەم ئارزۇلىرىڭنىڭ،
باغلىقىغا مەھكەم   چىرمىشىپ .

كۆيسەڭ قارلىق دالالىرىمدا،
ۋولقانلاردەك لاۋانى ئېتىپ،
غەۋغاسلاردەك شۇڭغۇسام ئاڭا،
ماگما بولۇپ كەتسەك- ھە ،قېتىپ...

2015-يىلى 1-يانۋار(ئاتۇش)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   -مېھرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-1 22:21  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-1-2 14:14:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    سالام پەرىدە خانىم ، يېڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!
    شېئىرىيەتتىكى   ئىزچىللىقىڭىز ۋە دادىللىقىڭىزغا قايىلمەن ،  بۇ شېئىرىڭىزدىكى قايناق تۇيغۇلىرىڭىزدىن ھوزۇرلاندىم . بولۇپمۇ مېنىڭ نەزەرىمدە ئەڭ ئېسىل چىققان مۇنۇ مىسرالىرىڭىز مېنىمۇ ھاياجانغا سالدى:


كۈلسەڭ جىلۋەڭ بىلەن بىر بېقېپ،
كېتەر باغرىم باغرىڭغا ئېقېپ.
تەشنالىقنىڭ قىيناقلىرىدىن،
چىققۇم كېلەر ئۇرغانچە  چېقېپ.

سۈرسەڭ خىيال ئەستىلىكلەردىن،
كەلسەم شىرىن چۈشلەرنى تېرىپ.
چېگىۋەتسەم ئارزۇلىرىڭنىڭ،
باغلىقىغا مەھكەم   چىرمىشىپ .



     مۇنبەردە ماختاش ۋە تەكەللۇپ ئىنكاسلىرى بازارلىق بولۇپ قالغان بۇ ھالەتتە ،ياخشى يېزىپسىز ، مۇبارەك بولسۇن ... دىگەندەك زۆرۈرىيەتسىز تۈزۈتلەردىن  كۆرە، بىر ئوقۇرمەنگە خاس پىكرىمنى سەمىمىيلىك  بىلەن ئېيتقۇم كېلىۋاتىدۇ ، سوغۇققانلىق بىلەن ئويلىشىپ كۆرگەيسىز .
      بىرىنچىسى : شېئىرنىڭ ماۋزۇسى خاتا قويۇلۇپ قالغاندەك ھىس قىلدىم .  سىزگە ئايانكى ، شېئىرنى ياسىغىلى بولىشى مۈمكىن ، سۆزنى ياسىغىلى بولىشى مۈمكىن ، ھەتتاكى بەزىدە ھىسسىياتنىمۇ ياساشقا ئېھتىياج ياكى ئىمكانىيەت بولىشى مۈمكىن ، ئەمما ئىنساندىكى  «تۇيغۇ » دىگەن بۇ تەبىئىي نەرسىنى ياسىغىلى بولۇش مۈمكىنمۇ ، زىننەتلەش مۈمكىنمۇ؟  ئۇنىڭ ئۈستىگە «ياسىداق» سۆزى   تەبىئيلىك سۈپەتلىرى بولغان «جىلۋىدار، جەزبىدار ...» دىگەندەك سۈپەتلەرنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ ، شۇڭا  « ياسىداق» دىگەن  بۇ سۈپەت   «تۇيغۇ » دىگەن بۇ نەرسىگە تازا ماس كەلمىگەن دەپ ئويلىدىم  .
     ئىككىنچىسى: بەزى سۆزلەرنى قاپىيە ئېھتىياجىدىنلا  ئىشلىتىلىپ قالغاندەك ھىس قىلدىم ، مەسىلەن،   قارىداق  دىگەن سۆز  مۇۋاپىق بولمىغاندەك .  ئاندىن ،ئوخشاش  ياكى يېقىن مەنىدىكى سۆزلەرنىڭ  بىللە ئىشلىتىلىشى  ئەسەبىي تۇيغۇنى ئىپادىلەشتە ، كۈچەيتىش رولىنى ئۆتەۋاتقاندەك قىلسىمۇ ،يەنىلا  سۆز تەكرارلىقىدىن خالىي بولالمىغانلىقىتەك تۇيۇلدى  .  مەسىلەن ، ئۇرۇش، چېقىش، ۋولقان ، لاۋا، ماگما ..دىگەن سۆزلەر .   
     ئۈچىنچىسى، سۆزنىڭ  مەناسى جەھەتتە ، مەن ماگما دىگەننى سۈيۈق ھالەتتكى ياكى بوتقا ھالىتىدىكى جىسىم دەپ چۈشىنىمەن ، ئەگەر ئۇنى قاتتىق ھالەتتە دەپ ئىپادىلىمەكچى بولساق ، ئۇنىڭغا ماگما جىسىملىرى  ، ماگما قاتلىمى ، ماگما ئېغىزى ... دىگەندەك باشقا سۆزلەرنىڭ  قوشۇلىشى ئارقىلىق ياسالغان بىرىكمە سۆز ھالىتىدە ئېيتىش كىرەك بولىدۇ دەپ ئويلايمەن  .  
      بۇ قايناق  شېئىرىڭىزدىن ھاياجانلانغىنىم ئۈچۈن ئويلىرىمنى يوشۇرماستىن ئوتتۇرىغا قويدۇم ، رەنجىمەسلىكىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن ، يېڭى بىر يىلدا ئىجادىيىتىڭىزگە بەرىكەت ، ھارماس قەلەملىرىڭىزگە تېخىمۇ كۆپ قۇۋۋەت تىلەيمەن .  

ۋاقتى: 2015-1-2 14:51:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېھرى يوللىغان ۋاقتى  2015-1-2 14:14
سالام پەرىدە خانىم ، يېڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!
...

سىزنىڭ مەسۇلىيەتچانلىق بىلەن قالدۇرغان ئىنكاسىڭىزدىن سۆيۈندۈم، ئىنكاسىڭىز شىېرىيەت يولىدىكى ھەۋەسكارلارنى توغرا يولغا باشلايدۇ دەپ قارايمان.ئىنكاس مۇشۇنداق بولۇشى كىرەك.ئەجرىڭىزنى ئاللاھ بەرسۇن.

باھا سۆز

رەھمەت. پەرىدە خانىم پىشقان شائىرە ، ئۇنى توغرا قارىيالايدۇ دەپ ئويلىدىم.  ۋاقتى: 2015-1-2 02:56 PM
ۋاقتى: 2015-1-2 17:22:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېكەر سۆزلۈك گىپىڭدە بولدۇم،
شېئىرىيەتنىڭ بۇلبۇلى ئىكەنسىز.
چوڭ بازارنى ئەسلەپ قالىمەن،
ئاتۇش گۈلىنىڭ سەرخىلى ئىكەنسىز.

دوستلۇق ئۈمىدى كۆزۈڭدە چاقنار،
باھار ئەلچىسى ئۆزىڭىز ئىكەنسىز.
بۇلبۇللىرىڭ سايراپ تۇرغاچقا،
دائىم شۇنداق كۈلۈپ يۈرەمسىز؟

باھا سۆز

ئىنكاس يېزىشتا سەل دىققەت قىلسىڭىز بولغۇدەك ئۇستاز !  ۋاقتى: 2015-1-3 12:07 PM
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-3 00:26:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېھرى يوللىغان ۋاقتى  2015-1-2 14:14
سالام پەرىدە خانىم ، يېڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!
...




   رەھمەت مېھرىگۈل ، سىزنىڭمۇ يېڭى يېلىڭىزدا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن،  شېئېرىمغا نەزەرىڭىزنى ئاغدۇرۇپ ئىنچىكە مۇلاھىزە قىلغىنىڭىز ئۈچۈن رەھمەت، ئىجادىيەتتىكى سەمىمىي تەكلىپلىرىڭىزدىن سۆيۈندۈم. يەنىمۇ پىكىرلىشىپ تۇرايلى!


شېئېرغا كەلسەك مەن يەنىلا ئەسلىدىكى نۇسقىسىنى ساقلاپ قالاي!   بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   -مېھرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-3 00:37  


ۋاقتى: 2015-1-3 11:18:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېھرى يوللىغان ۋاقتى  2015-1-2 14:14
سالام پەرىدە خانىم ، يېڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!
...

ماۋۇ ئىنكاستەك ئىنكاسلارنى كۆرمىگىلى ئۇزۇن بوپتىكەن، شېئىرىيەت ھەققىدىكى بىلىملىرىڭىزنى، تۇيغۇلىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز، رەھمەت...

ۋاقتى: 2015-1-3 11:46:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
-مېھرى يوللىغان ۋاقتى  2015-1-3 00:26
رەھمەت مېھرىگۈل ، سىزنىڭمۇ يېڭى يېلىڭىزدا يېڭى نەت ...

     سىزگىمۇ رەھمەت ، ھەممىلا نەرسىنى ئىنچىكلەپ مۇلاھىزە قىلىشقا ئەرزىپمۇ كەتمەيدۇ ، شۇنداقلا مەن بۇ شېئىرىڭىز توغرىسىدا ئىنچىكە مۇلاھىزە قىلىشنى ئويلىمىدىم، ئەگەر ئىنچىكىلەپ مۇلاھىزە قىلىىشقا توغرا كەلسە ،تېخىمۇ نۇرغۇن نەرسىلەرنى بايقاش مۈمكىن ، يېتەرسىزلىكىلا ئەمەس ئارتۇقچىلىقلىرى تەرەپتىنمۇ !
      مېنىڭ نەزەرىمدە بۇ شېئىرىڭىز ياخشى يېزىلغان شېئىر  ، شېئىردىكى ھاياجانلىق تۇيغۇلىرىڭىزدىن ھوزۇر ئېلىۋېتىپ، كاللامدىن كەچكەن ئاددىي پىكىرلىرىمنى مۇنبەرداشلار بىلەن ئورتاقلاشقۇم كەلدى.   بۇ ھەرگىزمۇ شېئىرنىڭ مۇۋەپەقىيىتىگە كۆز يۇمغانلىق بولمايدۇ ئەلۋەتتە . ئەسلىسىنى ساقلاپ قېلىش ھەققىدىكى  پىكرىڭىزگە ھۆرمەت قىلىمەن .  
تېخىمۇ ئېسىل شېئىرلىرىڭىز بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ تۇرغايسىز .  ئامان بولۇڭ .   

ۋاقتى: 2015-1-3 12:11:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مېھرىگۈلنىڭ  دوستانە ،ئەستايىدىل يازغان ئىنكاسلىرىدىن سۆيۈندۈم ! پەرىدە سىزمۇ  توغرا مۇئامىلە قىپسىز !  ئەسلى مۇنبەر مۇشۇنداق ئىنكاسلار بىلەن داۋاملىشىشى كېرەك ئىدى.... ھەر ئىككىڭلارغا يېڭى يىلدا يېڭىچە ئۇتۇقلار يار بولغاي !

ۋاقتى: 2015-1-3 12:56:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرىڭىزغا  مۇبارەك بولسۇن! پەيزى چىقىپتۇ،جۇمۇڭ،ئۈزىڭىزمۇ پەيزى بالىدە؟ نەشپۈت يۇرتىغا كەلمەمسىز؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئايشەم1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-26 07:58  


ۋاقتى: 2015-1-3 13:07:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم پەرىدە، شېئىرىڭىزدىكى چىن تۇيغۇدىن سۆيۈندۈم.مېنىڭچە بىر تېمىغا ئىنكاس يېزىش ۋزىپىسى باردەك «ياخشى يېزىپسىز، بارىكاللا، بەك ھوزۇرلاندىم»دېگەندەك قۇرۇق ماختاشلارنى يېزىپ، ۋاقىتنى، بوشلۇقنى ئىسراپ قىلغاندىن كۆرە، مېھرىدەك دوستانە ،سەمىمىي پوزىتسىيەدە تۇرۇپ ، ئىنكاس يېزىشى بىزگە نىسبەتەن تولىمۇ زۆرۈر. شۇڭا مەن گەرچە سىزدەك پىشقان شائىرە بولمىساممۇ، بىر تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مېھرىنىڭ ئىنكاسىغا قوشۇمچە قىلىپ كۆزقاراشلىرىمنى كىچىككىنە بولسىمۇ ئورتاقلىشىپ قوياي.
مېنىڭچە دەسلەپتىلا ماۋزۇنى ياخشىراق بىر ئويلىشىپ بېقىش كېرەك. چۈنكى تۇيغۇ دېگەن ياسىداق بولمايدۇ ھەم ئۇنى ياسىغىلىمۇ بولمايدۇ. ئەگەر تۇيغۇنى ياساپ قويساق ئۇ بىر ساختا نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.
شېئىردا ئارتۇق ئىشلىتىلگەن سۆز تەكرارلىقى خېلى بار. بەزى قاپىيىداش سۆزلەر زورلاپ ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان. چىن تۇيغۇمىزنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلىمىزدا سۆز بايلىقىمىز خېلى كۆپ، مۇۋاپىق پايدىلانساق بولىدۇ.
شېئىردىكى ئاساسىي ئىدىيەنى ساقلاپ قېلىپ ، سۆزلەرنى ئىشلىتىش جەھەتتە قايتا بىر ئويلىشىپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.
قارىسىغىلا ئەسلىسىنى ساقلاپ قالىمەن دەپ تۇرۇۋېلىش شېئىرغا بولغان ساداقەتسىزلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
شۇڭا دوستانە پىكىرىمنى توغرا چۈشەنگەيسىز. يېڭى يىلدا تېخىمۇ يېڭى ئىجادىيەتلىرىڭىزنى ھوزورىمىزغا سۇنغايسىز، بەرىكەتلىك بولۇڭ پەرىدە.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   گ.م.ماھى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-3 13:07  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-3 14:32:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گ.م.ماھى يوللىغان ۋاقتى  2015-1-3 13:07
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم پەرىدە، شېئىرىڭىزدىكى چىن تۇيغۇدى ...


   رەھمەت  گۈلباھار، ساداقەتسىزلىك دېگەن سۆزنىڭ ۋەزنىنى ئويلاشماي يوللىغان بولىشىڭىز مۇمكىن، شۇنداقتىمۇ پىكرىڭىزگە ھۆرمەت قىلدىم ، بەرىكەتلىك بولۇڭ!

ۋاقتى: 2015-1-25 22:24:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرىدە خانىم ، يېڭى يىلىڭىزغا ۋە شېئىرىڭىزغا  مۇبارەك بولسۇن!


ۋاقتى: 2015-2-15 01:40:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىرڭىزنى كىچىكىپرەك كۆرۈپتىمەن .
كىچىككەن بولسىمۇ يىڭى يىلىڭىزنى مۇبارەكلەيمەن. يىڭى يىلدا تاتلىق لىرىكىلىرىڭىزغا تەشنامەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش