ئاپامغا مۇھاببەت
ئاينۇر ئەزىز
ئاپامدىن ئايرىلىپ قالغان ۋاقىتلىرىم ھېلىمۇ ئىسىمدە، پەقەت ئاپامدىن ئايرىلىپ قالغان شۇ كۈنىلا مەن بۇ ئۆمرۈمدە ئۈلۈمنىڭ قانچىلىك رەھىمسىز ۋە قانچىلىك ئازاپلىق بۇلىدىغانلىقىنى تۇنجې قېتىم ھىس قىلغان ئىدىم، ئەمدى مەيلى قانچىلىك ياش تۈكەي ياكى قانچىلىك ئازاپ چىكەي ئاپامنىڭ مەن ئۈچۈن تىكىلگەن نۇرلۇق كۆزلىرى ئەمدى مەڭگۈ ئېچىلمايتى، «ئاپا» دەپ چاقىرغان سادالىرىمغا ئۇ ئەمدى مەڭگۈ جاۋاب بەرمەيتى، خۇددى كەتكەن ئوقتەك، ئاققان سۇدەك ئۈلۈم ئورنىغا كەلتۈرگىلى بولمايدىغان، دەھشەتلىك ۋەپ پۇشايمانلىق ھەقىقەت ئىدى، ئاپام كېسەل ياتقان شۇ كۈنلەردىكى ھەر بىر ئەھۋال خۇددى تېزىۋېلىپ يادلىغاندەك ياكى مىڭەمگە بېسىپ قۇيۇلغان تۈمۈر تامغىدەك ئىسىمدىن چىقماي خىيالىمدا قايتا -قايتا تەكرارلىناتتى : شۇ چاغدا دوختۇر ئاپامنى بىر قۇر تەكشۈرۈپ كۈرۈپ، مىنى سىرىتاق چاقىردى، مەن دوختۇرغا ئەگىشىپ سىرىتقا چىقتىم ۋە دوختۇرنىڭ ئاغزىدىن خۇشخەۋەر ئاڭلاشنى ئۈمىد قىلدىم، بىراق دوختۇر شۇ چاغدا ماڭا «ئىدىيە جەھەتتە تەييارلىق قىلىپ قۇيۇڭلا » دىگەن بىرلا جۈملىنى ئېيىتتى. شۇ دەمدە مەن چۈرگىلىتىپ قۇيۇپ بەرگەندەك ھاڭۋېقىپ بىر ھازا تۇرۇپ قالدىم ۋە تىزلا كۆز ياشلىرىم يامغۇر بۇلۇپ تۈكۈلدى، بۇ ئاپامدىن ئايرىلىپ قېلىشمۇ ئىھتىمالىم بارلىقىنى بۈلدۈرەتتى، بىراق مەن يەنە تىزلا ئىسىمنى يىغدىم ۋە تۈگۈرۈپ تازىلىق ئۈيىگە بېرىپ كۆز ياشلىرىمنى يۇيىۋېتىپ، قەتئى قەيسەرلىك بىلەن ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتلارغىچە ئاپامنىڭ ھاياتىدىن ۋاز كەچمەسلىكنى قارار قىلدىم، بەلكىم دورا- ئۇكۇل شىپا قىلالمىغان كېسەلگە مىنىڭ پەرزەنىتلىك مۇھاببىتىم مەلھەم بۇلار، بەلكىم ئەزرائىلمۇ مىنىڭ قەتئى بوشاشمىغان ئىرادەمدىن تەسىرلىنىپ ئاپامنى مىنىڭ يېنىمدا قالدۇرۇپ قۇيار، شۇنىڭدىن باشلاپ مەن ئاپامدىن بىر قەدەممۇ ئايرىلىپ باقمىدى، ئاپامدىن ئايرىلىپ قالىدىغىنىمغا بىر قېتىممۇ ئىشىنىپ باقمىدىم، مەيلى ئاپامنىڭ كېسىلى قانچىلىك ئېغىرلاپ كەتسۇن، مەن ئاپام ئۈچۈن ئۈمىدسىزلىنىپ باقمىدىم، چۈنكى ئاپام مەندىنمۇ قەيسەر ئىدى، قوللىرىغا يىڭنە سانجىلىرىۋېرىپ تۇمۇرنى تاپقىلى بولمىسىمۇ ئۇ كۆزلىرىنى يۇمۇپ تۇرۇپ ئۇكۇل ئۇردۇرۇشنى رەت قىلمايتى، ھەر ۋاقلىقىغا بىر تۇيۇپ قالغۇدەك دورىلارنى دورىدىن شۇنچە چىقىپ كەتكەن بولسىمۇ ۋاقتى سائەتىدە يىيىشنى ئۇنتۇپ قالمايتى ۋە «مۇشۇلارنى يىسەملا ياخشى بۇلۇپ كىتىمەنغۇ !» دەپ قۇياتتى،ئۇ كۆڭلىدە ياخشى داۋالىنىپ ساقىيىپ، بۇ دۇنيادا يەنىمۇ ئۇزاق ياشىماقچى، كەلگۈسىدە مىنىڭ قانداق ياخشى ياشايدىغانلىقىمنى كۆرمەكچى ئىدى، ئۇ ھاياتىدىن ھىچقاچان ۋاز كىچىپ باقمىغان، تېخى ھاياتقا شۇنچىلىك قىزغىن مۇئامىلە قىلاتتى، بەزىدە ئۇنىڭ ياتاقتىكىلەر بىلەن كۈلۈپ پاراڭلىشىۋاتقان ياكى باشقىلارغا تەسەللى بىرىۋاتقان ھالىتىنى كۆرسەم، «شۇنچە مۇشەققەتلەرنى كۈرۈپمۇ ، يەنە جاننى ئالغۇدەك ئېغىر كېسەلنىڭ دەردىنى تارتىپ تۇرۇپمۇ ، بۈگۈن بۇيەردە ھىچ ئىش بولمىغاندەك كۈلۈپ ئولتۇرغان ئاشۇ ئايال مىنىڭ ئاپام ھە!» دەپ ئويلاپ كىتەتتىم، ئۇنىڭغا بولغان مۇھاببىتىم يەنىمۇ ئاشاتتى، ئاپام ھاياتقا شۇنچىلىك قىزغىن تۇرسا مەن قانداقمۇ ئۇنىڭغا مەدەت بەرمەي قوللىماي تۇرالاي؟ ئاپام ھاياتىدىن قىلچە ئۈمىد ئۈزمىسە مەن قانداقمۇ ئۇنىڭدىن ۋاز كىچەي؟ ئاپام ئىككىمىز مانا شۇنداق ۋاز كەچمەي كېسەل بىلەن كۆرەش قىلدۇق، بۇ كۆرەش تاكى ئاپام جىمجىت كۆزلىرىنى ماڭا تىكىپ تۇرۇپ، مەن پىلدىرلاپ تۇرغان كۆزلىرىمنى ئۇنىڭغا تىكىپ تۇرۇپ ئەڭ سېغىنىش، ئەڭ ئىچكۈيەرلىك بىلەن پاراڭلىشىۋاتقاندا ئۈلۈم ئاپامغا ئۆز لىباسىنى يېپىپ ئېلىپ كەتكەنگە قەدەر داۋاملاشتى، « ئاپا،ئاپا،ئاپا....» بۇ سۆز تىلىمدا خۇددى ئەقلىمدىن ئېزىپ قالغاندەك تەكرارلىناتتى،كۈزۈمدىكى ياش خۇددى قارا يامغۇردەك تۈكىلەتتى، «ھەي يەنە ئامال بامۇ؟ ئاپامنى قۇتقۇزىۋېلىڭلا» دەپ پۈتۈن جاھانغا توۋلىغۇم كىلەتتى، لىكىن ئەمدى نىمىلا دەي نىمىلا قىلاي ئەمدى ئاپامنى قايتۇرۇپ ئەكىلىۋالالمايتىم، ئاپام ئەمدى راسلا كەتكەن، ئەمدى مەن بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلاشقان ئىدى.
ئاپام كىتىپ باشقىلار مەندىن تولىمۇ ئەنسىرەشتى، لىكىن مىنىڭ قەلبىم ئاپام ۋە ماڭىلا مەنسۇپ بىر دۇنيا ئىدى، قەلبىمدە ئاپام مىنى پەقەتلا ئۈمىدسىزلىنىشكە يول قويمايتى، بىر كۈنى ئاپامنىڭ نەرسىلىرىنى رەتلەپ،ئەڭ قىممەتلىكىنى خاتىرە قىلىپ ئېلىپ قېلىپ قالغىنىنى باشقىلارغا خاتىرە قىلىپ بېرىۋەتمەكچى بولدۇم، قىممەتلىك دىسەم ئاپام تۇتقان ھەر بىر نەرسە قىممەتلىك، قىممەتلىك ئەمەس دىسەم ھەممىسى ئادەتتىكى نەرسىلەر ئىدى، زادى ئاپامدىن قالغان نىمە ئەڭ قىممەتلىكتۇ؟ دەل شۇ چاغدا خىيالىمدىن شۇلار كەچتى: مەن ئاپامنىڭ ئەڭ قىممەتلىك تەۋەرۈكى ئەمەسمۇ؟ مەن ئاپامنىڭ ھاياتىنىڭ داۋامى ئەمەسمۇ؟» كۆ ياشلىرىم يەنە ئىختىيارسىز تۈكۈلدى، بىراق بۇ ئىلگىرى ئازاپ يېشى ئەمەس ئىدى، يۇرىكىم بار ئاۋازى بىلەن ھىس -تۇيغۇمغا شۇنداق خىتاپ قىلاتتى : مەن ئاپامدىن قانداقمۇ ئايرىلاي، مەن خالىساملا ئاپام مەن بىلەن مەڭگۈ بىللە، پەقەت ئۇ مىنىڭ قەلبىمدە ياشاۋاتىدۇ». شۇنىڭدىن باشلاپ مەن خۇددى ئاپامنىڭ يۇرىكى مىنىڭ تىنىمگە كۈچۈرۈلۈپ قالغاندەك، خۇددى تۇمۇر- تۇمۇرلىرىمدا قان ئەمەس ئاپامنىڭ مىھرى- مۇھاببىتى شارقىراپ ئېقىۋاتقاندەك تېخىمۇ قەيسەر ۋە ئىرادىلىك بۇلۇپ كەتتىم، ئاپامنىڭ مۇھاببىتى مىنى يىقىلىشتىن ساقلاپ تېخىمۇ ياخشى ياشاقا ئىنتىلدۇردى، ئاپامنىڭ ئارزۇسى مىنىڭ دىلىمدا، ئاپامنىڭ مۇھاببىتى ،ئاپامنىڭ ھەر بىر سۆز- ھەرىكىتى مىنىڭ قەلبىمدە، مەن ئاپامنىڭ ئاياغ ئىزى توختىغان يەردىن باشلاپ مېڭىپ ئاپامنىڭ ھاياتىنىڭ داۋامىنى ياشايمەن، مةن خوشال - خورام ، بەخىتلىك ھالدا ئاپامنىڭ ئارزۇلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن، خۇددى ئولىمپىكنىڭ مۇقەددەس مەشئىلىنى يەتكۈزگەندەك ئاپام ماڭا يەتكۈزۈپ بەرگەن ھاياتلىق مەشئىلى مانا بۈگۈن مىنىڭ قۇلۇمدا مەن ئۇنى تېخىمۇ ئىگىز كۆتىرىپ تېخىمۇ پارلاق مەنزىللەرگە قاراپ ئىلگىرلەيمەن،گەرچە ئاپام ئىككىمىز ھايات- ماماتلىق چىگىرىسى بىلەن ئايرىلىپ تۇرساقمۇ مەن ئۇنىڭغا «ئاپا» دەپ ياش تۈكۈش،چۈشكۈنلىشىش يىقىلىش بىلەن ئەمەس بەلكى، «ئاپا..»دەپ دەس تۇرۇش، قەيسەرلىك، مۇھاببەت، خوشاللىق ۋە بەخىت بىلەن جاۋاب بېرىمەن.
تىمتاس
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-2 13:18