سىزگە ئاشىق چۈشىڭىزگە ھەم
ئابلىپىز ئىدىرىس
مېنى ئارمان قىلىسىز ھەردەم،
تەلمۈرىسىز كۆككە دەممۇ-دەم،
يېنىڭىزدا بولماسمەن بىراق،
باسار سىزنى ئېغىر قايغۇ-غەم.
تولۇنئايغا باقارسىز مەيۈس،
شاماللاردىن سورايسىز ھەر كۈن.
قويغان، تۇتقان ئېسىڭىزدە يوق،
مەنىسىزدۇر ھايات سىز ئۈچۈن.
چۈشىڭىزگە كىرىپ قالسام گەر،
ئويغانغىڭىز كەلمەيدۇ پەقەت.
چۈشىڭىزدىن يۈتسەم بىلىنەر،
بۇزۇلغاندەك شېرىن مۇھەببەت.
سىزگە ئارمان بولۇپ بەرىبىر،
چۈشىڭىزدە ياشايمەن ئەركەم.
مەن مەڭگۈگە يىشىلمىگەن سىر،
سىزگە ئاشىق چۈشىڭىزگە ھەم.
2014-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى خوتەن