يىللارغا سوئال
- لۇتپۇللا مۇتەللىپكە مۇشائىرە
ئابدۇشۈكۈر قاۋۇل
يىللار ئالدىرايسەن، ساقلاپ تۇرمايسەن،
قول بەرگەن مىسالى ئۇچقۇر يورغىغا.
توغراقلار تېلىقسا ئاھلار ئۇرمايسەن،
قۇملۇقلار ئايلاندى سوئال - بۇرغىغا.
باغلاردىن پەرۋاسىز توڭ ئالما ئۈزۈپ،
«ئوغرى» دەپ ئاتالساڭ قالامسەن بۇدناپ؟
چىمەندە بۇلبۇلنى زارىقىپ كۈتۈپ،
چىقمىسا، چالۋاقاپ كېتەمسەن «قۇتلاپ»؟
ياشلىقنى - ئۆمۈرنىڭ زىلۋا شېخىنى،
قايرىساڭ باراڭغا يارامدۇ بادراڭ؟
ئاشىققا ھىجراننىڭ ئۆتكۈر تىغىنى،
سانجىساڭ كۆكلەمدۇ ئەكچىگەن شاداڭ؟
دەرماننىڭ مېھرىگە ئارماننى بېرىپ،
ئىزلارنى ئۆچۈرسەڭ كەلگىنلىنەمسەن؟
قۇندۇزنىڭ قوينىغا يۇلتۇزنى تېرىپ،
پىشقاننى كۆچۈرسەڭ تەلقىنلىنەمسەن؟
بىر كېسەك قۇيماستىن ساراي تالاشقان،
پارقىراق سۆسەرگە لىڭشىتامسەن باش؟
ئىت بىلەن تۈلكىدەك يالاق يالاشقان،
ناكەسلەر چىش يارسا ئوينىتامسەن قاش؟
ئىجادكار ئەرەنلەر ئىجاد قوغلىشىپ،
ئالدىڭدىن ئۆتكەندە يول بېرەلەمسەن؟
بەخت دەپ پەيتىدە بىردىن پورلىشىپ،
سالپىيىپ كەلگەندە قول بېرەلەمسەن؟
سوئاللار، سوئاللار شۇ قەدەر سەدرەڭ،
تۇيغۇلار توسقۇنغا چاپان ياپمىدى.
توسقۇنلار، توسقۇنلار كۆرۈنەر بەد رەڭ،
يىللارنى تىللاشنى توغرا تاپمىدى.
مەيلى سەن ئەقىل بەر ۋە ياكى نەقىل،
دانالىق دەۋادىن كەلمەيدۇ زىنھار.
دەۋادا تەلەي بار، دەۋادا شەكىل،
بىراق ئۇ تالانتنى قىلالماس ئىزھار.
ئىجادنىڭ چوققىسى ئېگىز ھەم ھەيۋەت،
شۇ چوققا قېرىشقا بەلكىم ئوت ئاچار.
بىر چوققا ياراتماي شۇنداق بەھەيۋەت
ساقالنى پەش قىلسام ئالدىڭدا بىكار.
بەرھەقكى، سېنىڭدىن كۈتسەم نېسىۋە،
چىقىشىم كېرەكتۇر ئاسمانغا مېڭىپ.
چەتنىسەم چىداملار دەيدۇ: «سېسىۋە»،
سىنايدۇ پۇتۇمغا قۇم خالتا تېڭىپ.
«يىللار مەيدەڭنى تۇتۇپ قاقاھلاپ كۈلمە،
ئالدىڭدا قىزىرىشتىن ئارتۇق كۆرىمەن ئۆلۈمنى.
قېرىتىمەن دەپ ئارتۇق كۆڭۈل بۆلمە،
ئاخىرقى جەڭگە ئاتاپ قويارمەن ئوغلۇمنى»
شۇنداق دەپ بۇنىڭدىن يەتمىش يىل ئىلدام،
ئوت يۈرەك بىر شائىر ئۆتتى ئالدىراپ.
ئۇ پۈتكەن مىسرالار بەرگەندە ئىلھام،
دەردايى ئۇشتۇمتۇت كەتتى يالتىراپ.
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى 2015-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى سانى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-1 12:49