«باھارىستاندا قۇشلار نورۇزى» ناملىق كىتاب نەشردىن چىقتى
بالىلار ئەدەبىياتىدا ئىزچىل ئەسەر يېزىپ كېلىۋاتقان كۆزگە كۆرۈنگەن بالىلار ئەدەبىيات شائىرى، يازغۇچى ياسىنجان توخنىياز توغراقنىڭ «باھارىستاندا قۇشلار نورۇزى» ناملىق بالىلار شېئىرلار توپلىمى، شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتى، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.
بۇ كىتاب پات ئارىدا بازارغا سېلىنىدۇ. كىتابقا ياسىنجان توختنىيازنىڭ تاللانغان بالىلار شېئىرلىرىدىن 83پارچە كىرگۈزۈلگەن. ياسىنجان توخنىيازنىڭ شېئىرلىرىنىڭ بالىلارچە تەسەۋۋۇر مول، مەزمۇنى قىزىقارلىق، تىلى يەڭگىل. تەبىئەتكە، بالىلىق تۇيغۇسىغا تەلپۈنۈپ تۇرغان بالىلار ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك يېڭى يىل سوۋغىسى بولۇپ قالغۇسى.
ياسىنجان توخنىياز توغراق 1972-يىل 8-ئاينىڭ 10-كۈنى ئونسۇ ناھىيىدە تۇغۇلغان. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
ئاپتورنىڭ كېيىنكى قەدىمىگە ئۇتۇقلار يار بولغاي.