يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 13365|ئىنكاس: 71

كىچىك سابىرى: دادامنى ئەسلەپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

دادامنى ئەسلەپ ...

ئەكبەر ئەخمەتجان سابىرى

      مەرھۇم دادام ئەخمەتجان قۇربان سابىرىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، نۇرغۇن كىشىلەر دادامنىڭ ۋاپاتىنى ئۇيغۇر تېلېۋىزىيە ئىشلىرى، رايونىمىز ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرى، بولۇپمۇ يېڭى دەۋر ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىيات ئىشلىرى ئۈچۈن چوڭ يوقىتىش بولدى، دەپ قارىدى. ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرىمۇ ئورۇنلۇق، ئەمما ئۇنىڭ ۋاپاتى ماڭا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز چوڭ بىر يوقىتىش بولدى. چۈنكى ئۇ ھايات ۋاقتىدا ماڭا قانداق ئادەم بولۇشنى، قانداق ئەسەر يېزىشنى ۋە يەنە قانداق قىلغاندا ياخشى مۇخبىر بولۇشنى بىرمۇبىر ئۆگىتىپ، مېنى ئۆزى ماڭغان يولغا باشلىغانىدى. مەنمۇ دادام باشلىغان شۇ يولدا تېخى ئەمدىلا  تەمتىلەپ ماڭغان ئىدىم . مەن ئۇنىڭدىن يەنە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەنمەكچى ئىدىم، يەنە نۇرغۇن سوئاللارنى سورىماقچى ئىدىم. ئەپسۇس، تولىمۇ ئەپسۇس، ئۇ مېنى بەكمۇ بالدۇر تاشلاپ بۇ دۇنيادىن ۋاقىتسىز كېتىپ قالدى ...  
      مەن مەرھۇم دادام ئەخمەتجان قۇربان سابىرىنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر قايغۇرۇش ئىچىدە ئۇنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ماڭا تەسىر قىلغان بىر قىسىم ئىش ئىزلىرىنى ئىختىيارسىز ئەسلەپ ئۆتتۈم ...
     دادام ئەخمەتجان قۇربان سابىرى كىتاب ئوقۇشقا تولىمۇ ھېرىسمەن ئادەم ئىدى. مەن ئېسىمگە كەلسەم بىزنىڭ ئىككى ئېغىزلىق ئۆيىمىزنىڭ بىرسىدە لىق كىتاب – ژۇرنال بار ئىكەنتۇق. دادام نېمىشقىكىن ئەنە شۇ كىتاب – ژۇرناللارنى ئۆزىنىڭ ئەڭ زور بايلىقى دەپ ھېسابلايتى، كىتاب – ژۇرناللىرىنى سىڭلىم ئىككىمىزگە پەقەت تۇتقۇزغىلى قويمايتى ( بەلكىم بىزنى يىرتىۋىتىدۇ دەپ ئويلىسا كېرەك ) . كېيىن بىز بىر نەچچە قېتىم ئۆي كۆچتۇق. بۇ جەرياندا نۇرغۇن ئۆي جاھازىلىرىمىز شۇ كونا ئۆيلەردە قالدى. ئەمما دادامنىڭ بىرەر كىتاب – ژۇرنىلىمۇ ئۇ ئۆيلەردە قالمىدى. ئەكسىچە ئۇنىڭ كىتاب – ژۇرناللىرى كۆپەيسە كۆپەيدىكىن، بىرەرسىمۇ كېمەيمىدى. بىز مەيلى قەيەرگە كۆچۈشىمىزدىن قەتئىينەزەر دادام كىتاب – ژۇرناللىرىنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ كېلىپ، ئۆيىمىزنىڭ بىر ئېغىزىنى شۇ كىتاب – ژۇرناللىرى بىلەن تولدۇراتتى. شۇ چاغلاردا مەن دادامنىڭ بۇ ئىشىغا تولىمۇ ھەيران قالاتتىم .
      مەن 2 - يىللىققا چىققاندىن باشلاپ، مەكتەپتە ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى ياخشى ئۆگەنگەندىن باشقا  ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان كىتابلارنى تاللاپ ئوقۇشنى ئادەت قىلىۋالدىم. بۇمۇ دادامنىڭ تەسىرىدىن بولغان ئەلۋەتتە. كېيىنچە دەم ئېلىش كۈنلىرىمنى ئاساسەن دادامنىڭ كىتابخانىسىدا ئۆتكۈزىدىغان بولدۇم. شۇ چاغلاردا دادام مېنىڭ كىتاب ئوقۇشقا بولغان قىزغىنلىقىمغا قاراپ ئىنتايىن خۇش بولدى ۋە ماڭا مەخسۇس بىر كىتاب ئىشكابىنى ئاجرىتىپ، مەن ئوقۇشقا ماس كىلىدىغان كىتابلارنى تىزىپ بەردى. ھېلىمۇ ئېسىمدە، شۇ كۈنى دادام ماڭا كىتاب تىزىپ بېرىۋاتقاچ مەندىن مۇنداق بىر سوئالنى سورىدى:
      - ئوغلۇم، قېنى دەپ باقە، مەن نېمىشقا بۇ ئۆيدىكى كىتاب – ژۇرناللىرىمنى شۇنچىلىك چوڭ بىلىمەن؟
      - بۇنى بىلمەيدىكەنمەن دادا، - دېدىم مەن دادامنىڭ كۆڭلۈمدىكىنى بىلىۋالغاندەكلا سورىغان بۇ سوئالىغا ھەيران بولۇپ. چۈنكى دادام مەن ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۇنىڭدىن سوراشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن بۇ سوئالنى ئۇ ئۆزى شۇ تاپتا مەندىن سوراۋاتاتتى.
      - بالام، - دېدى ئۇ كىتابلارنى رەتلىگەچ، - مېنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغان چاغلىرىم مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى دەۋرىگە توغرا كىلىپ قالغاچقا مەن ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك نەرسە كىتاب ئىدى. بوۋاڭ بىلەن موماڭ دېھقان بولغاچقا ئۇلار ساقلىغان كىتابلار يوق دېيەرلىك ئىدى. كىتاب بار دېگەن تەقدىردىمۇ كونا يېزىقتىكى كىتابلار بولغاچقا مەن ئۇنى ئوقۇيالمايتىم. شۇنداقتىمۇ ئاشۇ كىتابلارنى توختىماي ۋاراقلايتىم.
      - دادا، كونا يېزىق دېگىنىڭ قانداق يېزىق؟ - دەپ سورىدىم مەن دادامنىڭ بۇ گېپىنى تازا چۈشەنمەي.
      - ھە، كونا يېزىق دېگىنىم ھازىر سىلەرگە مەكتەپتە ئۆگۈتۈۋاتقان ئۇيغۇر تىلى يېزىقى شۇ. ئەينى ۋاقىتتا بىز ئۇنى كونا يېزىق دەپ ئاتايدىغان. چۈنكى ئۇ چاغلاردا مەكتەپتە بىزگە سەن ھازىر كۇرستا ئۆگىنىۋاتقان ئېنگلىز تىلىغا ئوخشاپ كېتىدىغان يېزىقنى ئۇيغۇر تىلى يېڭى يېزىقى دەپ ئۆگەتكەن. ئەنە شۇ سەۋەبلىك شۇ چاغلاردا مېنىڭ ئوقۇيدىغىنىم پەقەت مەكتەپتىن بەرگەن يېڭى يېزىقتىكى دەرسلىك كىتابلار ئىدى، خالاس. بىر قېتىملىق تاسادىپىي پۇرسەتتە مېنىڭ قولۇمغا بىر نەچچە ھېكايە – چۆچەك كىتاب ۋە بىر قىسىم ژۇرناللار چۈشۈپ قالدى. مەن شۇ چاغدا ئالتۇن تېپىۋالغاندەك خۇشال بولۇپ كەتتىم. ئەپسۇسلىنارلىقى ئۇ كىتابلارنىڭ ھەممىسى كونا يېزىقتا يېزىلغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئەنە شۇ كىتاب – ژۇرناللارنى ئوقۇش ئىستىكىدە مەن كونا يېزىقنى ئۆگىنىشنى قارار قىلدىم  ۋە يۇرتىمىزدىكى كونا يېزىقنى پۇختا بىلىدىغان بىر قىسىم چوڭلاردىن كونا يېزىقنى ئۆگەندىم . كونا يېزىقنى ئۈگىنىۋالغاندىن كېيىن قولۇمدىكى شۇ كىتاب - ژۇرناللارنى زور ئىشتىياق بىلەن بىرمۇبىر ئوقۇپ چىقتىم. ئۇ كىتاب - ژۇرناللار ماڭا يېڭى – يېڭى بىلىملەرنى بەردى. نەچچە كۈنگە قالماي ئۆيدە بۇرۇن ساقلىنىپ قالغان بىر نەچچە كىتابنىمۇ ئوقۇپ بولدۇم. لېكىن بۇ كىتابلار مېنىڭ كىتاب ئوقۇشقا بولغان تەشنالىقىمنى قاندۇرالمىدى. چۈنكى ئۇ چاغدا مېنىڭ ھەر كۈنلۈكى يېڭى – يېڭى كىتاب – ژۇرناللارنى ئىزدەپ تېپىپ ئوقۇغۇم كېلىدىغان، بىر كۈن كىتاب ئوقۇمىسام كۈن ماڭا تولىمۇ ئەھمىيەتسىز ئۆتكەندەك بولۇپ تۇيۇلىدىغان بولۇپ قالغانىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ مەن ئۆزۈمدە كىتاب – ژۇرناللارنى قىممەتلىك بايلىقىم سۈپىتىدە يىغىپ ساقلاپ قويىدىغان ئادەتنى يېتىلدۈردۈم. مانا بۇ ئۆيدىكى كىتاب – ژۇرناللارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ نەچچە ئون يىللاردىن بېرى يىغىپ ساقلىغان قىممەتلىك بايلىقلىرىم. راستىنى ئېيتسام، ماڭا بۈگۈنكى بۇ ياخشى كۈنلەرنىمۇ مۇشۇ كىتاب – ژۇرناللار بەرگەن. شۇڭا مەن ھازىرغا كەلگۈچە بۇ كىتاب – ژۇرناللارنى قىممەتلىك بايلىقىم سۈپىتىدە چوڭ بىلىپ ساقلاپ كېلىۋاتىمەن. ئەمدى، بىلدىڭمۇ؟
      - ھە، بىلدىم. ئەسلى سېنىڭ بۈگۈنكىدەك يازغۇچى، شائىر بولۇپ قېلىشىڭغىمۇ مۇشۇ كىتاب - ژۇرناللار سەۋەبچى ئىكەندە ؟
      - توغرا ئېيتتىڭ ئوغلۇم، يازغۇچى، شائىر بولۇش ئۈچۈن نۇرغۇن كىتاب – ژۇرنالنى ئوقۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئوقۇغاندىمۇ پىكىر يۈرگۈزۈپ، چۈشىنىپ ئوقۇش ھەممىدىن مۇھىم. كىتاب ئوقۇدۇم دەپ ئوقۇپلا قويساڭ بۇنىڭ ھېچقانداق پايدىسى بولمايدۇ ...
      دادام بىلەن بولۇنغان ئەنە شۇ سۆھبەتتىن كېيىن مەن كىتاب ئىشكابىمغا تىزىلغان كىتاب – ژۇرناللاردىكى ھەربىر ئەسەرنى ئالدىرىماي پىكىر يۈرگۈزۈپ ئوقۇشنى ئۆزۈمگە ئادەت قىلدىم. بىر قىسىم ھېكايە – چۆچەكلەردىن ئوقۇپ ئالغان تەسىراتلىرىمنى «كىتاب ئوقۇشتىن تەسىرات خاتىرىسى» تۇتۇپ يېزىپ قالدۇردۇم. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ھەربىر كىتاب خۇددىي ماڭا يېڭى بىر مەكتەپتەك يېڭى - يېڭى بىلىملەرنى بەردى. ئۇقۇغان كىتابلىرىم كۆپەيگەنسېرى، شۇ كىتابلارنى يازغان يازغۇچىلارغا بولغان ھۆرمىتىم ھەسسىلەپ ئاشتى. مېنىڭمۇ چوڭ بولغاندا شۇ يازغۇچىلارغا ئوخشاش يازغۇچى بولغۇم كەلدى ۋە دادامغا كەلگۈسىدە يازغۇچى بولۇش ئازۇيۇم بارلىقىنى ئېيتتىم. شۇ چاغدا دادام ماڭا كۈندىلىك خاتىرە يېزىشنى تەۋسىيە قىلدى. دادام شۇ چاغدا ماڭا :
      - ئوغلۇم، ئەگەر كەلگۈسىدە يازغۇچى بولىمەن دېسەڭ، ھازىردىن باشلاپ كۈندىلىك خاتىرە ياز. ئەگەر كۈندىلىك خاتىرە يېزىشقا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، ئۇنى كۈندىلىك ئادىتىگە ئايلاندۇرالىساڭ، ئۇ سېنىڭ يېزىقچىلىق سەۋىيەڭنى ئۆستۈرۈپلا قالماي، بەلكى يەنە تەھلىل ۋە مۇلاھىزە قىلىش ئىقتىدارىڭنىمۇ ئاشۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە بارا – بارا يېزىقچىلىق سەۋىيەڭ ئۆسۈپ، كەلگۈسىدە ياخشى يازغۇچىلاردىن بولۇپ چىقالايسەن. لېكىن، كۈندىلىك خاتىرە يازغاندا بىر نەرسە ئېسىڭدە بولسۇن، ھەر كۈنى بىر ئەھمىيەتلىك ئىشنى خاتىرىلەشنى ئۇنتۇپ قالما. ھەر كۈنى سېنىڭ باشقا كۈنلەرگە ئوخشىمايدىغان چوقۇم بىر ئىشىڭ چىقماي قالمايدۇ. مەسىلەن ، كۆرگەن كىنو، تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى، ئوقۇغان كىتابلىرىڭ ۋە يەنە ساڭا ئالاھىدە تەسىر قىلغان ئىشلارمۇ سېنىڭ خاتىرىلەپ مۇلاھىزە قىلىشىڭغا ئەرزىيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا كۈندىلىك خاتىرەڭگە ئوقۇغان كىتابلىرىڭدىكى يېڭى سۆز، يېڭى ئىبارىلەرنى يازساڭمۇ بولىدۇ. شۇندىلا سەن يازغۇچى بولۇشقا ھازىردىن باشلاپ ياخشى ئاساس سالالايسەن ۋە سەن يازغان كۈندىلىك خاتىرىلەر كەلگۈسىدە سېنىڭ ھاياتىڭدىكى مۇھىم دەستۇرغا ئايلىنىدۇ.
      دادامنىڭ مۇشۇ سۆزىدىن كېيىن مەن كۈندىلىك خاتىرە يېزىشقا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ ، ئۇنى ئۆزۈمنىڭ كۈندىلىك ئادىتىمگە ئايلاندۇردۇم. دېگەندەك كېيىنچە مېنىڭ يېزىقچىلىق سەۋىيەم بارا – بارا ئۆسۈپ، خېلى ياخشى ماقالىلەرنى يازالايدىغان بولدۇم ۋە مەكتەپنىڭ يېزىقچىلىق كۇرسىغا قاتنىشىپ بۇ جەھەتتىكى ئىقتىدارىمنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈردۈم. باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 6 – يىللىقىغا چىققان ۋاقتىمدا مەن يازغان «گۈزەل ئۈرۈمچى» تېمىسىدىكى ماقالەم ئاپتونوم رايون بويىچە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ماقالە يېزىش مۇسابىقىسىدە 1 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. دادام شۇ چاغدا ئۆيگە ئېلىپ كەلگەن تەقدىرنامەمنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇشال بولدى ۋە ماڭا:
      - يارايسەن ئوغلۇم. لېكىن ھەرگىزمۇ مەغرۇرلىنىپ قالمىغىن. داۋاملىق توختىماي ياز. يازغان ئەسەرلىرىڭنى «تارىم غۇنچىلىرى»، «ئۆسمۈرلەر گېزىتى» قاتارلىق ئورۇنلارغا ئەۋەت. ئايدا بىر ئەسەر يېزىپ ئەۋەتىشنى ئۆزۈڭگە ۋەزىپە قىل. چۈنكى يازغۇچىلىقتا ئىزچىللىق ھەممىدىن مۇھىم. مانا مۇشۇنداق ئىزچىل ماڭالىساڭ كەلگۈسىدە چوقۇم داڭلىق يازغۇچىلاردىن بولۇپ چىقالايسەن.
      دادام توغرا ئېيتىدۇ . ئۇمۇ ھەر كۈنى تاڭ سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ يېزىقچىلىق ئۈستىلىدە ئولتۇرۇۋېلىپ ئەسەر يازىدۇ. ئۇ بۇ ئادىتىنى بىر كۈنمۇ تاشلاپ قويماي، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئىدى. مانا مۇشۇ ئىزچىللىق بولغاچقا دادامنىڭ ئەسەرلىرى ھەرقايسى مەتبۇئات ئورۇنلىرىدا ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇرۇۋاتقان بولسا كېرەك؟ دادامنىڭ شۇ گېپى بىلەن مەن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن باشلاپ ، ھەر ئايدا بىر ئەسەر يېزىشنى ئۆزۈمگە ۋەزىپە قىلىپ، يازغان ئەسەرلىرىمنى ئۆزۈم ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان «تارىم غۇنچىلىرى» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىگە  ئەۋەتتىم. لېكىن نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسمۇ مېنىڭ بىرە ئەسىرىممۇ بۇ ژۇرنالدا ئېلان قىلىنمىدى. «تارىم غۇنچىلىرى» ژۇرنىلىنىڭ ھەر ئايلىق يېڭى سانىنى قولۇمغا ئېلىپلا مۇندەرىجىسىگە قاراپ ئۆزۈمنىڭ ئىسىم - فامىلەم ۋە ئەسىرىمنىڭ ماۋزۇسىنى ئىزدەيتىم. لېكىن ھەر قېتىم يوق بولۇپ چىقاتتى. دادام بۇ چاغلاردا ماڭا:
      - ئوغلۇم ھەرگىز كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما، يازغۇچى بولۇش ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس. مەنمۇ كىچىك چاغلىرىمدا ساڭا ئوخشاش بولغان. ئەينى چاغلاردا مېنىمۇ كۆڭلۈم يېرىم بولغان. لېكىن مەن قەتئىي بەل قويۇۋەتمىگەن. كەلگۈسىدە يازغۇچى بولىمەن دەيدىغان نىيتىڭ بولسا، سەندىمۇ چوقۇم ماڭا ئوخشاش مۇستەھكەم ئىرادە بولۇش كېرەك. شۇندىلا لاياقەتلىك يازغۇچى بولالايسەن. خاتىرجەم بول، سېنىڭ ئەسىرىڭ چوقۇم بىر كۈنى  ئېلان قىلىنىدۇ، مەن ساڭا ئىشىنىمەن. سەنمۇ ئۆزەڭگە ئىشەن. ئادەمدە ئىشەنچ بولمىسا ھېچ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمايدۇ. - دەپ نەسىھەت قىلدى. ئويلاپ باقسام دادامنىڭ ئېيتقانلىرىمۇ ئورۇنلۇق ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن مەن يەنە داۋاملىق تىرىشتىم.  «تارىم غۇنچىلىرى» ژۇرنىلىنىڭ ھەر ئايلىق يېڭى سانىنى قولۇمغا ئېلىپلا مۇندەرىجىسىگە قارايدىغان ئادىتىمنى تاشلىدىم. ئېلان قىلىنسا قىلىنمىسا ئەسەر يېزىش ئادىتىمنى تاشلىمىدىم.
      تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 2 – يىللىققا چىققان ۋاقتىم ئىدى. بىر كۈنى قار تولىمۇ قېلىن ياغدى. سىنپتىكى ئوغۇل ساۋاقداشلار شۇ كۈنى مەكتەپكە سەھەر كېلىپ، بىزنىڭ سىنىپقا تەقسىم قىلىنغان مەكتەپ ۋاسكىتبول مەيدانىدىكى بىر بۆلەك يەردىكى قارنى تازىلىدۇق. شۇ كۈنىدىكى قار قېلىن بولغاچقا، قار تازىلاشقا خېلى كۆپ ۋاقىت كەتتى. قار تازلاش ۋەزىپىمىزنى تۈگەتكەندىن كېيىن سىنىپقا قايتىپ كىردۇق. سىنىپقا كىرسەك قىز ساۋاقداشلارنىڭ ھەممىسى ئاساسەن كېلىپ بولۇپ، كىتاب كۆرۈپ ئولتۇرۇشۇپتۇ. شۇ كۈنى «تارىم غۇنچىلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 12 – ئايلىق يېڭى سانىنى تارقاتقان ئىكەنتۇق. مەن سىنىپقا كىرىپ بولغۇچە، ئۆگىنىش باشلىقى قولىنى پۇلاڭلاتقىنىچە ماڭا ۋارقىردى:
      - ئەكبەر، مۇبارەك بولسۇن! سىزنىڭ بىر ھېكايىڭىز «تارىم غۇنچىلىرى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنىپتۇ.
      - نېمە؟! – ئۆزۈمنىڭ قۇلىقىغا ئىشەنمەيلا قالدىم ۋە يۈگۈرۈپ بېرىپ «تارىم غۇنچىلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2002- يىلى 12- ئايلىق سانىنى قولۇمغا ئالدىم. راست دېگەندەك بۇ سانغا مېنىڭ «تاۋۇزچى بالا» ناملىق ھېكايەم بېرىلىپتۇ. شۇ چاغدىكى خۇشاللىقىمنى دېمەيلا قوياي. خۇشاللىقىمدا نېمە قىلارىمنى بىلەلمەيلا قالدى. ئۆزۈم يازغان ھېكايىنى ئۆزۈم نەچچە ئون قېتىملاپ ئوقۇپ چىقتىم. شۇ كۈنلۈك چۈشتىن بۇرۇنقى 4 سائەتلىك دەرس ۋاقتى ماڭا تولىمۇ تەستە ئۆتتى. چۈنكى چۈشلۈك دەم ئېلىشتا بالدۇراق ئۆيگە قايتىپ، دادامغا بۇ نەتىجەمنى كۆرسىتىشكە ئالدىرايتىم  دادام بۇنى كۆرسە قانچە خۇش بولۇپ كېتەر – ھە؟  ئاخىرى 4 – سائەتلىك دەرستىن چۈشۈش قوڭغۇرىقىمۇ چېلىندى، ژۇرنالنى ئېلىپ ئۆيگە قاراپ چاپتىم ...
      دادام تۇنجى ئېلان قىلىنغان بۇ ئەسىرىمنى كۆرۈپ، ھەقىقەتەنمۇ بەك خۇش بولدى. تېخى مېنى تەقدىرلەپ 50 يۈەن پۇل بىلەن مۇكاپاتلىدى.
      - يارايسەن ئوغلۇم، - دېدى ئۇ شۇ چاغدا مۆرەمگە شاپىلاقلاپ، - بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ ئەسەرلەرنى يېزىپ ئېلان قىل. مۇشۇنداق ئىزچىل ماڭالىساڭ كەلگۈسىدە كىتابمۇ يېزىپ چىقىرىسەن تېخى.
      شۇنىڭدىن باشلاپ مەن بۈگۈنكى دەۋردىكى بالىلارنىڭ تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن ھېكايىلەرنى ئارقا – ئارقىدىن يازدىم. تەلىيىمگە شۇنىڭدىن كېيىن مەن يازغان ھېكايىلەر «تارىم غۇنچىلىرى» ژۇرنىلىنىڭ ھەربىر سانىدا دېگۈدەك ئېلان قىلىنىپ تۇردى. ھەر قېتىم ئەسىرىم ئېلان قىلىنغاندا دادام مەندىن تولىمۇ خۇش بولاتتى. تېخى ئۆتكەن يىلى، يەنى 2011 – يىلى 1 – ئايدا شىنجاڭ ياش ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن «مەن نېمىشقا قورقۇنچاق» ناملىق تۇنجى كىتابىم نەشىردىن چىققان ۋاقىتتا دادام مەندىن ئالەمچە خۇشال بولغان، كىتابىمىنى قولىغا ئېلىپ يېنىش – يېنىشلاپ قارىغانىدى. دادام ئۆز ھاياتىدا 54 پارچە كىتاب يېزىپمۇ بۇنچىلىك خۇش بولۇپ باقمىغانىدى. شۇ چاغدا مەن ئۆزۈمگە «كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ كىتاب يېزىپ، دادامنى خۇشال قىلىمەن» دەپ ۋەدە بەرگەنىدىم.
      ئەپسۇس، تۇنجى كىتابىم نەشر قىلىنىپ بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتا مەن دادامدىن ئايرىلىپ قالدىم. خۇددى دادام شۇ بىرلا كىتابىمنى كۆرۈۋېلىش ئۈچۈن ياشىغاندەك. مەن يەنە نۇرغۇن كىتابلارنى يېزىپ ئۇنى خۇش قىلماقچى ئىدىمغۇ؟! مەن ئۇنىڭدىن يەنە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەنمەكچى بولغانغۇ ؟! رەھمەتلىك دادام ھەتتا ئۆزىنىڭ نەشردىن چىقىپ كىتابخانىلارغا سېلىنىش ئالدىدا تۇرغان «مۇقام ۋارىسلىرى»، «سىرلىق ئۆڭكۈر» دېگەن بالىلار رومانلىرىنى كۆرۈشكىمۇ ئۈلگۈرەلمىدى. ئۇنىڭ يەنە ئۇيغۇر بالىلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ نادىر ئەسەرلەرنى يېزىش، مېنى ئۆزىگە ئوخشاش ئىز باسار قىلىپ تەربىيەلەش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆڭلىگە پۈككەن ئارزۇلىرى تېخى كۆپ ئىدى. لېكىن رەھىمسىز ئەجەل ئۇنى بىزنىڭ ئارىمىزدىن ئاشۇنداق گۈزەل ئارزۇلىرى بىلەن بىللە قوشۇپ تولىمۇ بالدۇر ئېلىپ كېتىپ قالدى. دېمەك، دادامنىڭ تېخى ئەمەلگە ئاشمىغان شۇ ئارزۇلىرىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئەمدى مېنىڭ زىممەمدە قالدى. خاتىرجەم بول دادا، مەن سېنىڭ ئۈمىدىڭنى چوقۇم ئاقلايمەن!!!


      ئەسكەرتىش : بۇ ئەسەر «تارىم غۇنچىلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2012 - يىللىق 4 -سانىدا ئېلان قىلىنغان!



نەگە كەتتىڭ جانىجان دادا

(مەرھۇم دادام ئەخمەتجان قۇربان سابىرىغا مەرسىيە)

ئەكبەر ئەخمەتجان سابىرى

جان دادا، پانا ئىدىڭ مېنىڭ بەختىمگە،
مەلھەم ئىدىڭ سەبىي قەلبىمگە.
ئەقىل قوشقان ئىدىڭ ئەقلىمگە،
نەگە كەتتىڭ جانىجان دادا.

ھېكايەڭگە ئىدىم مەھلىيا،
چۆچەكلىرىڭ ئىدى بىر دۇنيا.
قوشاقلىرىڭ ئەمدى تۇتىيا،
نەگە كەتتىڭ جانىجان دادا.

سەن يوق بۈگۈن قالدىم تەمتىرەپ،
يېتىم بولۇپ قالدىمغۇ ئەجەپ.
تاپالمىدىم مەن سېنى ئىزدەپ،
نەگە كەتتىڭ جانىجان دادا.

بەك تۇيۇقسىز كەلدى بۇ قىسمەت،
باغرىڭ ئىدى خۇددى بىر جەننەت.
سەن بەرگەنتىڭ ماڭا كۈچ مەدەت،
نەگە كەتتىڭ جانىجان دادا.

مەن ئاھ ئۇرسام زېمىن تىتىردى،
يېتىمچىلىك جاننى قىينىدى.
مەن بىلەن تەڭ ئانام يىغلىدى.
نەگە كەتتىڭ جانىجان دادا.

ياد ئېتىمەن سېنى دىلىمدىن،
خاتىرجەم بول چوغلۇق قىزىڭدىن.
مەن ماڭىمەن باسقان ئىزىڭىن،
تىنچ ياتقىن جانىجان دادا.


ئەسكەرتىش: بۇ شېئىر «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلىنىڭ 2012 - يىللىق 1 - سانىدا ئېلان قىلىنغان.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-11 21:17  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2012-5-17 03:02:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەدىمىڭىزگە مۇبارەك ئىنىم!
ئەخمەتجان قۇربان سابىرى ئەپەندىنىڭ ئىز باسارى بار  بوپتۇ مانا!  

ۋاقتى: 2012-5-17 09:06:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەدىمىڭىزگە مۇبارەك ئىنىم.
مەن ئەخمەتجان قۇربان سابىرىنىڭ بالىلارغا ئاتاپ يازغان ئەسەرلىرىنى تولىمۇ سۈيۈنۈش ئىچىدە ئوقۇپ چىقاتتىم.سىزنىڭمۇ دادىڭىزنى ئىزىنى بېسىشىڭىزغا تىلەكداشمەن.

ۋاقتى: 2012-5-17 09:15:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
未命名sabiri.jpg
مەرھۇم ئۇستاز ئەخمەتجان قۇربان سابىرى ھەممىمىزنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ھايات. سىزنى بۇ يەردە ئۇچرىتىپ ھەمدە يۈرەك سۆزلىرىڭىزنى تىڭشاپ ھاياجان ياشلىرىمنى توختىتالماي قالدىم. اللاھ ئىگەم سىزنى دادىڭىز ماڭغان نۇرلۇق يوللاردا ئىز بېسىپ تېخىمۇ نۇسرەتلىك مەنزىللەرگە يەتكىلى نىسىپ قىلسۇن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سائادەت ساتتار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-17 09:17  


未命名sabiriy.jpg
ۋاقتى: 2012-5-17 09:45:54 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Ekber inimizning maqalisidin belkim merhum ata ehmetjan sabiri ependining rohimu Hursen bolghandu.alla rehmet qilsun inim!

ۋاقتى: 2012-5-17 09:51:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىچىك سابىرى، سەندىن كۆپ مىننەتدار بولدۇم. ساڭا يېڭى نەتىجىلەر بىلەن بىرگە ئامان-ئېسەنلىك تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2012-5-17 10:06:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەخمەتجان قۇربان سابىرى ئاكا بالىلار ئۈچۈن 50نەچچە كىتاپ يېزىپ بەرگەن ، كۆپ قىرلىق ئىستىدات ئىگىسى ئىدى . ئۇنىڭ بىلەن مەن 80-يىللاردا ئالى ئوقۇلدا ئوقۇۋاتقاندا تونۇشقان ئىدىم  . ئۇنىڭ شۇ چاغلاردا ‹‹ئۈرۈمچى قىزى ›› ناملىق بىر ساتىراسى بولىدىغان . ئادەمگە بىر خىل ھەقىقى ساتىرا تۇيغۇسىنى بېرىدىغان . ئۆزى تولىمۇ خۇش-پىئىل ، خۇش - چاخچاقچى ئاكىمىز ئىدى . ئۇنىڭ ئوغلى ئەكپەر ئىنىمىزنىڭ بۇ ئەسلىمىسى مېنى شۇ چاغلارغا ئېلىپ كەتتى . ئۇ - چاغدا ئۇ تېلىۋىزىيە ئىستانىسىدا ئىشلەيتى ، بىز بولساق ئوقۇغۇچى ئىدۇق ، ئۇنىڭ  بىز قورغاسلىقلارنى ئىزدەپ كېلىپ بېشىمىزنى بىرگە قىلىپ داستىخان سېلىشلىرى تولىمۇ سەمىمى ئىدى . ئۇ چاغلارنى تولىمۇ سېغىنىمەن . اللا - مەرھۇمنىڭ ئاخىرەتلىكىنى خەيرىلىك  قىلسۇن (ئامىن)...  ئىنىمىز ئەكبەرنىڭ ئۇ باشلاپ بەرگەن يولدا تېخىمۇ جەۋلان قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ...

ۋاقتى: 2012-5-17 10:41:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزدىن سۆيۇندۇم ئىنىم ،دادىڭىزنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي.
ئەخمەتجان قۇربان سابىرى ئاكىمىزنىڭ بالىلارغا ئاتاپ يازغان رومانىمى رادىيولدا ئاڭلىتىۋاتىدو . ئەستايدىل ئاڭلىدىم.
سىزدەك ئوغلىنىڭ بارلىقىدىن سۇيۇندۇم.

ۋاقتى: 2012-5-17 11:01:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇم ئۇستاز ئەخمەتجان قۇربان سابىرىنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن. دادىڭىزنىڭ ئىزباسارى بولۇپ چىقىشىڭىزغا تىلەكداشمەن!

ۋاقتى: 2012-5-17 11:18:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن.

ۋاقتى: 2012-5-17 13:46:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز دوستۇم ئەكبەر سابىرى. سېنى مۇنبىرىمىزدە كۆرۈپ بەك خۇش بولدۇم.
       مەرھۇم ئەخمەتجان قۇربان سابىرى ئاكا سېنىڭ داداڭ بولۇپلا قالماستىن، مۇقەددەس يۇرتىمىزدىكى مىليونلىغان ئۆسمۈرلەرنىڭمۇ مەنىۋىي ئاتىسى، ئۇستازى، سىردىشى ئىدى. مەنمۇ مەرھۇم قەلەم ساھىبىنىڭ «يالغانچى توسۇق» تىن باشلانغان گۈزەل چۆچەكلىرىنىڭ مەپتۇنى ئىدىم. ئاللاھ سۆيۈملۈك ئۇستازنىڭ ئاخىرەتلىكىنى ياخشى قىلسۇن. سېنىڭمۇ بارلىق ياخشى ئىشلىرىڭ ئوڭۇشلۇق بولسۇن.
                                دوستۇڭ: مەھمۇدجان خوجا ئۈمىدۋار.

ۋاقتى: 2012-5-17 13:58:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەكبەر،قەدىمىڭىز نۇرلۇق،قەلىمىڭز بەرىكەتلىك،پىشانىڭىز ئوڭ بولغاي ئۇكام!

ۋاقتى: 2012-5-17 15:31:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەكبەر، سىزنىڭ دادىڭىزنى ئەسلەپ يازغان ئەسلىمىڭىزنى ئوقۇپ،  بىر تەرەپتىن ئەخمەتجان سابىرى ئۇستازنىڭ كېتىپ قالغىنىغا يۈرىكىم يىغلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇستازنىڭ سىزدەك ئىز باسارى بولغانلىقىدىن تولىمۇ سۆيۈنمەكتىمەن، بولسا يىقىن دوستلاردىن بولۇپ، كىيىنكى ھايات سەپىرىمىزدە تەڭ ئۇتۇق قازانساق، دەيمەن.

ۋاقتى: 2012-5-17 17:09:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      مەرھۇم ئەخمەتجان قۇربان سابىرى بىلەن ئۇچۇراشقان چاغلاردا گېپىمىز بىر يەردىن چىقاتتى، بەزىدە تېلىۋېزۇردىكى سۆزلەر ئۈستىدىمۇ سۆھپەتلىشىپ قالاتتۇق. «تارىم غۇنچىلىرى»دا بېسىلغان ئەسەرلىرىمىز ئۈستىدە پىكىرلىشەتتۇق. ئىزباسار سابىرىنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدىمۇ پىكىرلىشەتتۇق. ھەي، مۇسىبەت خەۋىرىنى كونمىڭدا ئاڭلاپ تىڭىرقاپ قالغان ئىدىم. شۇ كۈنى بىز شىئەن ئايدۇرۇمىدا دولقۇنكام (شائىر دولقۇن روزى، ئەخەتجانكامنىڭ قىينى ئىنىسى)، شەۋكەتكام (شائىر شەۋكەت ئىبراھىم)لار ئەخمەتجانكامنىڭ ئەمگەكلىرى ئۈستىدە كونمىڭغا كەلگىچە پاراڭلاشقان ئىدۇق. يىراق شەھەردە تۇرۇپ ئەخمەتجانكامغا ئۈنسىز سۈكۈتتە تۇرغان ئىدۇق. ئەكبەرجاننىڭ ئاتا ئەخمەتجانكامنىڭ قەلىمىنى ئېلىپ ئاتىسىدىنمۇ ئىشىپ كېتىشىنى تىلەيمەن. ئەسلىرىڭىزنى ئوقۇپ ئەخمەتجانكام بىلەن پىكىرلەشكەن چاغلار يادىمغا كېلىپ كۆڭۈم يەنە يېرىم بولدى. داۋاملىق تىرىشىڭ...مۇمكىن بولسا ئەخمەتجانكامنىڭ بارلىق ئەسەرلىرىنىڭ كاتولۇگىنى تۇرغۇزۇپ چىقىڭ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-5-18 21:07:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Erchin يوللىغان ۋاقتى  2012-5-17 03:02
قەدىمىڭىزگە مۇبارەك ئىنىم!
ئەخمەتجان قۇربان سابىرى ئە ...

رەھمەت ئاكا ، مەن چوقۇم تىرىشىمەن ...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش