ياسىنجان سادىق چوغلان ئوقۇرمەنلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارىدۇ
; m# V8 s5 M1 P7 V
( شىنجاڭ بىلكۈچ كۇتۇپخانىسىنىڭ «ئاپتور بىلەن سۆھبەت» پىروگراممىسىنىڭ 6-سانى )
- Q' Z1 z1 v% J; X
ئوقۇرمەنلەرگە ئايان بولغىنىدەك ، ياسىنجان سادىق چوغلان خەلقىمىزگە «باھادىرنامە» ، «جاللات خېنىم» ، «ئادالەت ھامىيسى – سەئىدخان» قاتارلىق كۆپلىگەن داڭلىق رومان ، پوۋېست ، ھېكايىلەرنى تەقدىم قىلغان دەۋرىمىزدىكى ئەل سۆيگەن ئىستېداتلىق يازغۇچىلىرىمىزنىڭ بىرى . ئۇنىڭ 2010-يىلى نەشىر قىلىنغان «باھادىرنامە» ناملىق 6 توملۇق تارىخىي رومانى نەشىر قىلىنغاندىن بېرى ، بۇ رومان خەلقىمىز ئەڭ ياخشى كۆرۈپ ئوقۇيدىغان ئەسەر بولۇپ كەلمەكتە . شۇ تۈپەيلى، ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا، «ياسىنجان سادىق چوغلان قىزغىنلىقى» كۆتۈرۈلۈپ ، ئۇنىڭ ئەسىرى «باھادىرنامە» ھەققىدە ئاپتور بىلەن سۆھبەتلىشىش ئىستىكى تۇغۇلدى ۋە كۈنسېرى كۈچەيدى . ئوقۇرمەنلەرنى بۇ ئارزۇسىغا يەتكۈزۈش مەقسىتىدە، شىنجاڭ بىلكۈچ مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتى بىلەن بىلكۈچ كۇتۇپخانىسى 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى (يەكشەنبە) چۈشتىن كېيىن سائەت 1:30دا ، «ئاپتور بىلەن سۆھبەت» پىروگراممىسىنىڭ 6-سانىدا، داڭلىق يازغۇچى ياسىنجان سادىق چوغلان بىلەن ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى «باھادىرنامە»ھەققىدە يۈزتۇرانە سۆھبەت ئۇيۇشتۇرماقچى.
سۆھبەت ۋاقتى :2015-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى (يەكشەنبە) 1:30 دا (ئۈرۈمچى ۋاقتى) .
يېڭى يىللىق سوۋغات : بۇ قېتىمقى ىسۆھبەتكە قاتناشقانلارغا بىلكۈچ كۇتۇبخانىسى بىر يىلغىچە كىتاب ئارىيەت ئالغىلى بولىدىغان 49 يۈەنلىك «بىلكۈچ كۆمۈش كارتىسى» سوۋغا قىلىدۇ.
رىياسەتچى :«بىر كىتاب بىر ئالەم» پروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى كۈرەش بارات مۇئەللىم .
ئورنى: بىلكۈچ كۇتۇبخانىسى (يەنئەن يولى ، رۈيداچېگرا رايون دۇنيا سودا مەركىزى بىناسىنىڭ 12-قەۋىتىدە) .
ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى : 2556408-0991، 13999980408
قۇشۇمچە پائالىيەت : ئاخىرىدا ئىمزالىق كىتاب سېتىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىدۇ.
تىزىملىتىش ھەققى : 100 يۈەن، 10 نەپەر ئوقۇغۇچىغا باھادا %50 ئېتىبار قىلىنىدۇ.
2 R8 d8 C9 Z$ q
تاھىر خالىق خەۋىرى
& ^ T; U, Q' i4 T% z' A' z