ئىككى تېكىست
ھەسەنجان تىلىۋالدى
تۇرپان
گۈلدەك گۈزەل دىيارىم قوينى كەك ماكان،
يالقۇنلايدۇ باغرىڭدا ئوت كەبى ۋولقان،
نىمىجانلار سىنىڭدىن شىپالىق ئالغان ،
تەنگە داۋا دىيارىمسەن ئاستانە تۇرپان.
مېھرى ئىللىق ماكانىم ئاستانە تۇرپان،
بارچە خەلىق ھۆسنىڭگە مەستانە ھەيران.
كۆڭۈللەرگە زوق بىرەر بۇيلۇق باغلىرىڭ،
جىسمىمىزنى تاۋلايدۇ يالقۇن تاغلىرىڭ ،
تۈمەن يىللار ياشنىدى ئالتۇن چاغلىرىڭ،
شەرەپ شانىم پەخىرىمسەن ئاستانە تۇرپان.
باغرى ئىللىق ماكانىم ئاستانە تۇرپان،
سىنىڭ ئۈچۈن ئەرزىيدۇ يازساممۇ داستان.
سۆيۈندۈرگەچ دۇنيانى مېھماندوس خەلقىم،
گۈزەل بولۇپ يېتىلدى سەن بىلەن قەلبىم،
سەندەك گۈزەل ئۇزماكانلار تېپىلماس بەلكىم.
مىھىر بەرگەن ئۆزئانامسەن ئاستانە تۇرپان.
قوينى ئىللىق ماكانىم ئاستانە تۇرپان،
سىنى كۈيلەپ ھارمايمەن كۈيلىرىم خەندان.
ئۇيغۇر ساداسى
ئۇيغۇرنىڭ بۇلبۇلدەك ئاۋازى ياخشى،
ناخشىدا ياڭراتقان ساداسى ياخشى،
قۇت -تىلەك جەملەنگەن ھەركەتلىرى بار،
كۆكلەرگە تاشلانغان ساماسى ياخشى.
گۆھەردەك بايلىقتۇر ئون ئىككى مۇقام ،
ئەۋجىدىن ئوخچىغان ناۋاسى ياخشى.
زوق بىرەر كىشىگە ھەربىر تىنىقمۇ،
مېھنەتكە تويۇنغان ھاۋاسى ياخشى.
كۆڭۈللەر يايرايدۇ مەشرەپلەر ئارا،
شوخ ئۇسۇل قاينىغان جۇلاسى ياخشى.
قەدىمدىن تارقالدى پارلاق ئەنئەنە،
ئەجدادلار قالدۇرغان مىراسى ياخشى.
ئۇيغۇربىز ئەزەلدىن خۇشچاقچاق خەلىق،
تارىختا ياراتقان ئىزناسى ياخشى .
ئۇيغۇربىز ئەزەلدىن ھالال ياشىغان ،
يۇرىتىمىز كەڭرىتاش سەيناسى ياخشى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-30 16:14