ئالىيە
زۇلتاپ
لېۋىڭدە مۇز تۇتقان لەۋدە پەسىلسىزلىك گۈلى
ئۇ سۇلماس گۈل
شائىرلار تەسۋىرلەيدىغان « گۈل»نى ئىنكار قىلىدىغان گۈل
مەنىسىز گۈل
چۈشەندۈرۈشكە بولمايدىغان گۈل
غەرەزسىزلىك گۈلى ۋە قەيسەر گۈل
سېنى سۆيەلمەيمەن
چېچىڭنىڭ شاقىراتمىسىدىن كۆزۈڭنىڭ بۇلاقلىرىغا غۇلاپ كەتكۈچىمەن
تىلىڭنىڭ ئېدىرلىقلىرىدىن تېنىمنىڭ تۇمانلىقلىرىغا تۇلاپ كەتكۈچىمەن
قۇياش- كۈندۈزى مۇساپىردۇر، ئاي –كېچىسى
ئۇلار قەستەن ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان
ئەمما مۇشۇ دەمدە
مەن كېچىدىكى قۇياش ۋە كۈندۈزدىكى ئاي
ھەم سېنى شۇنچە ئەسەبىي سۆيگۈچى
شەكىلسىز ئۆلۈك ئات
بۇلۇتلىرىڭ پەسكە چۈشەلەمدۇ؟
يامغۇرلىرىڭ مېنىڭ ئاسمانغا ئېلىپ چىقالامدۇ؟
مەجھۇل پېئىلنىڭ ئىگىسىمەن
ئەي سەن دەپنە مۇراسىمىدىكى بىپەرۋالىق
سېنى بارلىق ئادەملەر بولۇپ سۆيگۈچىمەن
ئاستا-ئاستا
تاماكا ئىسلىرى كەبى
روھىڭغا سىڭىپ كەتكۈچىمەن
ئايرىلىش تىكەنلىرى ئېچىلدى
بىر قىز ئۇنىڭدىن ھۇزۇرلانماقتا