كەل، تونۇشۇپ قالايلى گۈل
غۇنچە كۆزىنى يۇمۇپ ئۇخلاۋاتىدۇ
كۆزىنى ئاچتى ئاھ، لىپپىدە
قانات كەردى شاخلاردا ھالرەڭ ئاپتاپ
ئاندىن يوپيورۇق بىر چىشلەم قان
ئاندىن
جانان ناز ئىلكىدە كىيىم سېلىۋاتقاندەك
لەرزان
يالىڭاچ پەرىشتىلەر ئۇسۇلغا چۈشتى...
ھاياجان بېسىققاندا خازانغا كەل
تونۇشۇپ قالايلى گۈل.
رىئاللىق ئويغىنىپ كەتكەن چۈشتۇر،
قۇياش ئاستىدىكى كېچىدە.
مۇھەببەت ئىشىكنى چېكىدۇ مەڭگۈ،
ھېچكىشى يوق، ئۆينىڭ ئىچىدە.
ئاھ،
شۇڭا
بىر تامچە- بىر تامچىدىن قېنىمنى ئىچىمەن
بىر چىشلەم- بىر چىشلەمدىن گۆشۈمنى يەيمەن
ئۇنىڭسىز ماڭا نە ھايات
مۇھەببەتنىڭ ئاچ- زارلىقىدا؟
شاخلىرىمنى سۇندۇرىمەن، گۈللىرىمنى چەيلەيمەن
ئاندىن خازان بولغان بېغىمغا قاراپ يىغلايمەن
ئۇنىڭسىز ماڭا نە شادلىق
نەپرەتنىڭ گۈلزارلىقىدا؟
بىلمەيسەن، مۇھەببەت گۈلى
نەپرەت بېغىدا ئېچىلىدۇ...
ھاياجان بېسىققاندا خازانغا كەل
تونۇشۇپ قالايلى گۈل.
تۆكۈلۈپ كەتمىسۇن، ھەسرىتىم بىر پىيالە
ئىچىۋىتىپ گۈپپىدە
سىردىشاي لېۋىڭنىڭ مەيخانىسىدىكى بۇلبۇللار بىلەن
شائىرغا تاڭ ئاتمايدۇ، تاڭ ئاتقۇزىدۇ
ئاشىق ئىزدەيدۇ يوق يارنى
ناخشا ئاۋازغا ئەگىشىپ جىمجىتلىققا بارار
رەسىم- ئۆلۈكنىڭ تىرىكى
ئۇرۇشلار مۇھەببەت ئۈچۈن
ئادەم ئۆلتۈرۈش-
ئادەمنىڭ جېنىنى ئېلىش ئۈچۈن
ئادەمنىڭ جېنى
مۇھەببەتنىڭ ئەڭ ئەشەددىي دۈشمىنىدۇر.
مۇھەببەت ئۈچۈن
ئوت سۇغا قانماس
سۇ ئوتقا كىرىشتىن يانماس!...
ھاياجىنىڭ بېسىققاندا خازانغا كەل،
تونۇشۇپ قالايلى گۈل.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا غوجىمۇھەممەد تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-30 06:10