ئۆيدىكى ماتىرىياللىرىمنى رەتلەۋىتىپ، سىنئالغۇ لىنتىلىرى ئىچىدىكى تۇنجى سان«مەدەنىيەت بوستانى»غا دىققەت قىلىپ قالدىم.-دە، بۇ ساننىڭ ئاجايىپ مەنىلەرگە تولغان سۆھبەتلىرى ئېسىمگە چۈشتى. بىلىشىمچە تۇنجى سان تولىمۇ گۈزەل ئارزۇلار بىلەن باشلانغان ئىكەن. بۇ تۇنجى ساندا ئاتاقلىق ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى ئازات رەھمىتۇللا سۇلتان، ئابدۇقادىر جالالىدىن قاتارلىقلار ناھايىتى چوڭقۇر مەنىلەرگە تولغان كۆڭۈل سۆزلىرىنى بايان قىلىپتۇ. شۇڭا بۇ ساننى كۆرمىگەن ياكى ئېسىدىن چىقىپ قالغان دوستلارنىڭ سەمىگە قايتىدىن ھاۋالە قىلدىم.
|