يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 518|ئىنكاس: 5

تاجدار: قايتىپ كەلگەن سارجا (ئېتوت)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-12-29 17:24:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
قايتىپ كەلگەن سارجا
(ئېتوت)
تۇرادىن ئابدۇرېھىم تاجدار
قاتناشقۇچىلار
دىلبەر ــ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى، 40 ياشلاردا.
يالقۇن ـــ دىلبەرنىڭ يولدىشى، يېزا كادىرى، 45 ياشلاردا.
مېھرىگۈل ـــ دىلبەرنىڭ خوشنىسى، كادىر. 38 ياشلاردا.
ۋاقتى: ياز پەسلى. كەچقۇرۇن.
ئورنى: يالقۇننىڭ ئۆيى.
سەھنە: زامانغا لايىق زىننەتلەنگەن مېھمانخانا ئۆي. سافادا بىر مۇنچە رەختلەر دۆۋىلەكلىك. چاي ئۈستىلىدە كۆرۈنەرلىك پومپىيىپ كەتكەن قىزىل سومكا،دىلبەر بىر قولىدا ئېلىكتىرونلۇق ھېساپلىغۇچنى كۆتىرىۋالغان، بىر قولىدا قېلىن بىر خاتىرىنى ۋاراقلاۋاتقان ھالدا پەردە ئېچىلىدۇ.
دىلبەر: كونىلار ئەجەپ توغرا دەپتىكەن«توي» دەپ. توي قىلساڭ ھەممە نەرسىگە تويىسەن دېگەن گەپكەن بۇ . ۋاييەي، بۈگۈن ئوغلۇمنىڭ سۈننەت تويىنى قىلىپ راستلا ھەممە نېمىگە تويدۇم. مېھمانغىمۇ، ئۇششاق گەپ- سۆزگىمۇ، يەنە ئاۋۇ ممېھمانلارنىڭ كەپسىز بالىلىرىغىمۇ تويدۇم. لېكىن ماۋۇ سومكىدىكى پۇل بىلەن ماۋۇ رەختلەرگە تويىمەنمۇ تويمايمەنمۇ ھازىر بىلىمەنغۇ.( مېھرىگۈل كىرىدۇ)
مېھرىگۈل: قانداق خوشنام، ھاردۇقلىرى چىقىپ قاپتىمۇ؟
دىلبەر: نەدىكىنى خوشنام، بىر ھەپتە قوپماي ياتسام چىقارمىكىن بۇ ھاردۇق.
مېھرىگۈل:چىقىپ قالا خوشنام، ماۋۇ سوۋغاتلارنى رەتلەپ بولغاندا.
دىلبەر: مۇشۇ يالقۇننىڭ تەتۈرلىكى ھاردۇرۋەتتى دېسىلە مېنى. ئەسلى توي دېگەننى رېستۇراندا، توي - مەرىكە زاللىرىدا قىلغان بولساق ئۇنچىلىك ھېرىپ كەتمەستىم. خەپ، ئۆيدىمۇ توي قىلامدىغان.
مېھرىگۈل: ئۆيلىرى كەڭرى بولغاندىكىن قىينالمايلا ئۇزىتىۋالدىلا خوشنام. مۇشۇنداق كەڭرى ئۆي – جايىڭلار بولغاندىكىن توينى ئۆيدە قىلسىمۇ بولىدىكەن جۇمۇ.
دىلبەر: ۋاي قويسىلا. مۇشۇ يالقۇن: داچىدەك ئېسىل ئۆيلەرنى سالدۇق. مېھمان كەلسە كۆرسۇن دېمىسە نېمە قىلىدۇ ئۆي ياساپ؟ دەپ تۇرۋېلىپ ئاخىر ئۆيدە قىلغۇزدى قارىسىلا.
مېھرىگۈل: دېگەن بىلەن يالقۇننىڭ گېپىمۇ توغرا جۇمۇ خوشنام، توي – تۆكۈنلەرنى رېستۇران، مەرىكە زاللىرىدا ،نەزىر – چىراقلارنى مەسچىتلەردە قىلساق، ئادەتتىكى مېھماندارچىلىق، چاي – پاي، ھەتتا ھېيت پەتىسى، رامىزاندىكى ئىپتارلىتىشتىن تارتىپ تېز تاماقخانا ۋە رېستۇرانلارغا كۆنۈۋالدۇق. شۇنچە پۇل خەجلەپ ياسىغان ئۆيلىرىمىزنى ھېچكىم بىلمەيدىكەن. تاكى شۇ ئۆيدە بىرەرسى قازا قىلسا ئاندىن ئۆيدە ئۇزىتىدىكەنمىز.
دىلبەر: بۇمۇ بىر ھېسابتا ياخشى بولدى خوشنام. قانداق دېسىلە، ئىۋۇ بىزنىڭ مەكتەپتىكى ئىچى قوتۇر خانىملارغا ئۆزۈمنى كۆرسىتىشكە پۇرسەت چىقتى دېسىلە.
مېھرىگۈل: شۇنى دېمەيلا، مەن سىلىگە دېسەم بارغۇ، بۈگۈن قارىسام ئەرلەرنىڭ كۆزى تورۇستىكى گۈل نەقىشلەردىن، ئاياللارنىڭ كۆزى سىلە ئۈرۈمچىدىن ئەكەلگەن ئېسىل ئۆي جابدۇقلىرىدىن ئۈزۈلمىدى دېسىلە.
دىلبەر:سىلىنىڭ ئىدارىدىغۇ ئاياللاردىن نەچچىڭلارلا بار. ئۇششاق گەپ ئازراق بولىدىغاندۇ. ما بىزنىڭ مەكتەپتە ئايال ئوقۇتقۇچى دېگەن ساماندەك. بىر- بىرىنىڭ كەينىدىن تاپمايدىغان گېپى يوق بۇ خانىملارنىڭ مېنى: ئۆي ئالغىلى پۇلى يوقيەي، ئىككى بالىسى بولغىچىمۇ مەكتەپنىڭ كونا ئۆيىدە ئولتۇرىدۇ يەي، دەپ گەپ تېپىپ يۈرگەن زۇۋاندازلارنىڭ زۇۋانى بېسىقار ئەمدى.
مېھرىگۈل: ۋاي ئۇنى بىر دېمىسىلە، بىزنىڭ ئىدارىدە غەيۋەت قىلىشتا ئەرلەر ئاياللارنى بېسىپ چۈشىدۇ دەيمە. قايسى ئايالنىڭ كىيگەن كىيىمى ياراشتى، قايسىسىنىڭ ياراشمىدى. كىمنىڭ سومكىسى مودىدىن قالدى. كىم كىمنىڭ خوتۇنى بىلەن مۇناسىۋىتى بار، كىم ئۆتكەن ھەپتە كىيگەن كىيىمىنى بۇ ھەپتە يەنە كىيىپ كەلدى دېگەندەك غەيۋەتنى بىر باشلىسا بىز ئاياللار زېرىكىپ قوپۇپ كېتىمىز. خوشنام.
دىلبەر: ۋاي توۋا دېسىلە، شۇنداق ئىشمۇ بارمۇ تېخى؟
مېھرىگۈل: بولمامدىغان، ھەتتا بىز بىرنەچچە ئايالنىڭ قايسى كۈنى چاچ تارىغان – تارىمىغىنىغىمۇ سەپ سالىدىغان ئەرلەر بار.
دىلبەر: ۋاي خوشنام، گەپ بىلەن بولۇپ كېتىپ ئۇنتۇپ قالغىلى تاس قاپتىمەن. ماۋۇ تىزىملىكتىكى پۇل سانىنى ھېساپلىشىپ بەرگەچ رەختلەرنى رەتلىشىپ بەرسىلە. (دەپتەرنى بېرىدۇ)
مېھرىگۈل: مەنمۇ ئەسلى شۇ ئىشلارغا ياردەملىشەيمىكى دەپ كىرگەن خوشنام، گېپىمىز ئاۋۇپ كەتتى. ئەمىسە مەن تىزىملىكنى ئوقۇيمەن. سىلە ھېساپلىغۇچتا ھېساپلىسىلا.
دىلبەر: ماقۇل. ئەمىسە باشلىسىلا.
مېھرىگۈل: جەمىلە يۈز يۈئەن.
دىلبەر:نېمە؟ ۋاي ئارانما؟ بۇلتۇر دادىسى ئۆلگەندە يۈز يۈئەن قوشتۇم. ئۆتكەندە تۇغۇت چېيىغا يەنە يۈز يۈئەن قوشتۇم. ئۆزەمنىڭ ئاپارغىنىنىمۇ بولسا ئەكەلمەپتۇ ئۇ سەت قارا مەدەك.
مېھرىگۈل: گۈلئايشەم يۈز يۈئەن پۇل، بىر كىيىملىك ئەتلەس.
دىلبەر: ھە، ماۋۇ خانىم خېلى ئىش بىلىدىكەن. ئۆزى تېخى توي قىلمىدى. ئۆتكەندە ئاغرىپ قالغاندا ئەللىك يۈئەن قوشقانتىم. مەندىنمۇ ئاشۇرۇپ ئەكەپتۇ. توي قىلسا مەنمۇ ئاشۇرۇپ ئاپىرىمەن.
مېھرىگۈل: تاجىگۈل ئىككى يۈز يۈئەن.
دىلبەر: ۋاي نىمانداق چۈپەي بۇ تاجەك؟ مەن مۇشۇ مەكتەپكە كەلگەندىن بۇيان ئۆيىدە ئەڭ جىق ئىش چىققىنىمۇ مۇشۇ خوتۇن. ھېلى بالىسىنىڭ تويى، ھېلى نەۋرىسىنىڭ سۈننەت تويى دەپ يىلدا بىر – ئىككى قېتىم توي قىلىپ نۇرغۇن پۇلۇم كەتتى ئۇ قېرى مېكىيانغا.( يالقۇن قولىدا كىتاپ ئىچكىرى ئۆيدىن چىقىپ ئىككىسىگە قاراپ تۇرىدۇ. ئۇلار كۆرمەيدۇ)
مېھرىگۈل: مۇنىرە ئۈچيۈز يۈئەن.
دىلبەر: ۋېييى، سەت مونەك شاپتۇل، مۇشۇ بىر مەۋسۇم ئىچىدىلا ئوغلىنىڭ سۈننەت تويىنى قىلدى. كەينىدىنلا چوڭ قىزىنىڭ تۇغۇت چېيى بولدى. قېيىنئانىسى ئۆلدى، قېرىغاندا نومۇس قىلماي ئېرىدىن تاياق يەپ بالنىستقا كىرىپ ياتتى. جەمى بەشيۈز يۈئەندىن جىق پۇلۇم كەتكەندۇ. خىجىل بولماي ئاران ئۈچيۈز ئيۈئەن ئەكەپتۇ، ھۇ قىلغىنىنى بىلمەيدىغان مېكىجىن.
يالقۇن: ۋاي نىمانداق كاللاڭ كومپىيۇتېردەك ئىشلەيدىكىنا سېنىڭ؟ شۇنچە جىق ئۇچۇرلارنى بىخەتەر ساقلىيالايدىكەن.
دىلبەر: (بېشىنى كۆتۈرۈپ) كاللا دىگەننىچا ئاشۇنداق كومپىيۇتېردەك ئىشلەتمىسەك بولمايدۇ . پۇلنىڭ ئىشى ئۇ غوجام، پۇلنىڭ.(قولىدا پۇل سانىغان ھەركەتنى قىلىدۇ) تولا ئادەمنىڭ كاللىسىنى بۆلمەي كىتابلىرىنى كۆرسىلە . ھە ئوقىۋەسىلە خوشنام.
يالقۇن: ماقۇل، ماقۇل، بوغالتىر خېنىم. ھېساباتلىرىدىن ئېزىپ كەتمىسىلە يەنە. مەن كىتابىمنى كۆرۈۋېرەي.
مېھرىگۈل: ئامانگۈل، يۈز يۈئەن پۇل، بىر كىيىملىك سارجا.
دىلبەر: ئامانگۈل؟ مەكتىپىمىزدە ئۇنداق ئىسىملىك ئايال يوقتىغۇ؟ ئادرېسىغا قاراپ باقسىلا قېنى؟
مېھرىگۈل: ئەدلىيەئىدارىسى ئامانگۈل، دەپتىغۇ؟
دىلبەر: ۋاي ھە، ھېلىقى ئامان سېرىق ئېشەك. ما بىزنىڭ يالقۇننىڭ ساۋاقدىشى. ئۆتكەندە قېرىغاندا تۇغقان بالىسىنىڭ تۇغۇت چېيىنى قىپتىكەن، بارمايلى دېسەم يالقۇن ئۇنىماي. ئىككى يۈز يۈئەن ئاپىرىمىز دەپتى مەن ئۇنىماي،  ئاخىرى يۈز يۈئەن پۇل بىلەن بىر كىيىملىك سارجا ئاپارغان. ئۆزىمىزنىڭكىنى ئەكەلگەن بولمىسۇن يەنە. قېنى ئۇ سارجا؟(رەختلەرنىڭ بۇرجىكىدىكى ئىسىم يېزىلغان قەغەزگە قاراپ بىر پارچە رەختنى ئايرىپ ئالىدۇ) ۋاي خۇدايىم، ۋاي ئۆلەي، ماۋۇ يەر پاپىسى سېرىق ئېشەكنىڭ يامانلىقىنى.
مېھرىگۈل: نېمە بولدى خوشنام؟
دىلبەر: يالقۇن، مانى كۆردىڭىزمۇ مانى؟ سىزنىڭ ھېلىقى ئامراق ساۋاقدىشىڭىز ئامان سېرىق ئېشەك مەن ئاپارغان سارجىنى يەنە ئۆزەمگە ئەكەپتۇ قاراڭ.( قولىدىكى رەختنى يالقۇننىڭ كۆزىگە تەڭلەپ پۇلاڭلىتىدۇ)
يالقۇن دىلبەرنىڭ قولىدىكى رەختنى ئېلىپ قاراپ) سەن نېمە بىلىسەن ئۆزەڭ ئاپارغىنىمۇ، يا بازاردىن ئالدىمۇ، رەخت دېگەن رەختكە ئوخشايدىغان تۇرسا.
دىلبەر: ۋاي مانا قاراڭلار، بۇ سارجىنى مەن نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا بىر تويغا ئاپىرىمەن دەپ بازاردىن ئالغان. لېكىن ئۇ تويغا پۇل ئاپىرىدىغان بولۇپ ئۇنى ساندۇقنىڭ ئاستىغا سەپ قويغان. ئۆتكەن ئايدا ئۇ خوتۇننىڭ تۇغۇت چېيى بولدى. شۇ يەرگە ئاپىراي دەپ قارىسام بىر بۇرجىكىنى كۈيە يەپ ئىككى-ئۈچ يېرى تۆشۈك بوپ قاپتىكەن. ئاچچىقىمدا تۆشۈككە قەغەز چاپلاپ ئىسمىمنىمۇ يازماي ئاپىرىۋەرگەن. ئامان مەن چاپلىغان قەغەزگە ئىسمىنى يېزىپلا ئەكەپتۇ. مانا مۇشۇ تۆشۈك شۇ.
مېھرىگۈل: توۋا، ھەجەپ يامان خوتۇنكىنا ئۇ؟
يالقۇن: ھە، بەك ياخشى بوپتۇ، ساڭا بوزەك بولىدىغان ئامانگۈل ئەمەس ئۇ. مەكتەپتىمۇ بەك يامانتى.خەخنى ياراتماي تۆشۈك سارجىنى ئاپارغاندىكىن خوپ بوپتۇ. خەخمۇ قولىنى يۇيۇپ تاماق يەيدىغاندۇ؟
دىلبەر: ھۇييي،ئا ئۆتمۈشتىكى ساۋاقدىشىغا يان بېسىپ كەتكىنىنى. كونا ئوتنىڭ يالقۇنلىرى يالقۇنلاۋاتامدۇ يا يالقۇنجان؟
يالقۇن: نەدىكى گەپنى قىلما ھەي، مېھرىگۈلنىڭ ئالدىدا سەت تۇرىدۇ دەيمە.
دىلبەر: نىمىشقا خەخكە يان باسىسىز ئەمىسە؟ خەخ يامان بولسا مەن بوزەكمىكەنمەن؟
يالقۇن: «كىشىگە سانىساڭ ئۆزگە،قاشقا سانىساڭ كۆزگە» دەيدىغان گەپ بار خوتۇن، بىز  باشقىلارنى كۆزگە ئىلمىساق باشقىلارمۇ بىزنى كۆزگە ئىلمايدۇ. چۈنكى سەن بىزدە بار كۆڭۈل باشقىلاردىمۇ بار ئەمەسمۇ. سەن بىر ئالىي مەلۇماتلىق ئوقۇتقۇچى تۇرۇپ شۇنچىلىك ئەقەللىي ساۋاتنىمۇ بىلمەمسەن؟
دىلبەر: ۋاي نېمە ئەكەلسە ئەكەلمەمدۇ ئۇ يەر پاپىسى سېرىق ئېشەك؟ بولدى ئەمدى، ئۇ بىر نېمىنىڭ ئۆيىدە بىرەر ئىش بولسىمۇ بارمايمەن. ئەگەر بارىمىز دەپ تۇرۋالسىڭىز يەنە مۇشۇ سارجىنى ئاپىرىمەن تازا.
يالقۇن: ئۇنداق قىلساڭ ماۋۇ بىچارە سارجىغا ئۇۋال بولىدۇ خوتۇن. ئىككى ئۆينىڭ ئارىسىدا تولا قاتراپ كىيگۈسىز بوپ كەتمىسۇن يەنە.( دەپتەر ۋاراقلاپ ھېسابلاپ ئولتۇرغان مېھرىگۈل كۈلۈپ كېتىدۇ)
دىلبەر: نېمە بولسا بولمامدۇ، مەن ئۇنى يەردە سۆرەپ ئاپارمايمەن، چىرايلىق ئوراپ، ئېسىل سومكامغا سېلىپ كۆتۈرۈپ ئاپىرىمەن قاراڭ. ئۇنىڭدىن خاتىرجەم بولۇڭ.
يالقۇن: چاقچاقمۇ قىلدىم خوتۇن. ئۇنداق قىلساڭ تونۇش – بىلىش ئادەم سەت تۇرىدۇ دەيمە. ئادەم دېگەن ئادەم بىلەن ئادەم ئەمەسما. ئۇنىڭ ئۈستىگە مېنىڭ ساۋاقدىشىم تۇرسا ئۇ .
دىلبەر: ئەمىسە ئەجەپ ساۋاقداشلىقنىڭ يۈزىنى قىلماپتىغۇ خەخ؟
يالقۇن: سەن ئاپارغاننى ئەكەپتۇ شۇ. سەن تۈزۈك نەرسە ئەكەلگەن بولساڭ ئۇمۇ تۈزۈك بىر نەرسە ئەكىلەتى. ھەممە ئىشنى خەختىن كۆرسەڭ بولامدۇ؟
مېھرىگۈل: يالقۇننىڭ گېپىمۇ توغرا خوشنام. ئۇمۇ بوش خوتۇن ئەمەس، قولىغا ئالغانلىكى ئەنزىسىنى بىر تەرەپ قىلماي قويمايدىغان مىجەزىگە قاراپ، تېگىپلا كەتسە چاقماي قويمايدىغان «سېرىق ئېشەك» دېگەن لەقەمنى قويۇپتىكەن خەخ. ئەمىلىيەتتە ئۇنچىۋالا ئەسكى ئايال ئەمەس بولمىسا.
دىلبەر: ۋاييەي، ما ئىككىسىنىڭ بىر بولۇپ مېنى تەنقىد قىپ كەتكىنىنى قانداق قىلاي. ۋاي بولدى، شۇ تەۋەرۈك سارجىنى ئەتە خوشنىمىزنىڭ ماشىنىچى قىزىغا ئاپىرىپ نۇسخىلىق قىلىپ ئۆزەمگە پەلتۇ تىككۈزىمەن تازا.رازى بولدىڭىزمۇ ئەمدى. ھە،  كىرىپ ئۇيقۇڭىزنى ئۇخلاڭە مېڭىڭ.
يالقۇن: ئەمدى ئەقلىڭنى تاپتىڭ خوتۇن . ماقۇل مەن ئۇخلاي.سەنمۇ بۇرۇنراق ئۇخلا.( كىرىپ كېتىدۇ)
مېھرىگۈل: خوشنام، باياتىن سىلە يالقۇن بىلەن سارجىنىڭ پارىڭىنى قىلىپ بولغىچە مەن ھېساۋاتنى قىپ بولدۇم. مانا ماۋۇ پۇلنىڭ ئومۇمىي سانى. مەن ئاستا ئۆيۈمنى تاپايمىكى ئەمدى(دەپتەرنى كۆرسىتىدۇ)
دىلبەر: (دەپتەرگە قاراپ چىرايى ئېچىلىپ كېتىدۇ) ۋاي خوشنام، سىلە نىمانداق چاققان دەيمە. رەھمەت، سىلىنى ئاۋارە قىپتىمە. بىردەم ئولتۇرماملا؟
مېھرىگۈل: ھېچقىسى يوق خوشنام، قالغان ئىشلارنى ئەتە قىلىشامىز. خوش ئەمىسە. مەن چىقاي.(چىقىپ كېتىدۇ، دىلبەر ئۇزىتىپ قويىدۇ)
دىلبەر:ۋاي بۇ مىرەك ماڭقىنىڭ يامانلىقىنى. تويغا نەچچە پۇل چۈشكەندۇ دەپ ئولتۇرالماي مارىلاپ كىرىپ بوپتۇ بىردەمدە. شۇڭا ئىچى تازا ئۆرلىسۇن دەپ باياتىن ئۆزەم قوشۇپ قويغان ئۈچ ۋاراق يالغان تىزىملىكنىمۇ بىللە تۇتقۇزۇپ قويدۇم. كېچىچە ئۇيقۇسى كەلمەيدىغان بولدىدە ئەمدى، بىچارە ماڭقىسىنى تارتىپ. لېكىن ماۋۇ سارجىنىڭ ئىشىنى ھەممە يەردە ھېكايە قىلىپ يۈرمىسىلا بولاتتىغۇ بۇ ماڭقا. (ئەسنەيدۇ)
يالقۇنئىچكىرىدىن ۋاقىرايدۇ) بولدى خوتۇن، ئەتە قىلە ئەمدى. ئۇخلا بەك كەچ بوپ كەتتى.
دىلبەر: مانا، مانا، مېنىڭمۇ ئۇيقۇم كەلگەن، لېكىن ماۋۇ پۇللارنى ساناپ ھېساپ توغرىلىمىسام قانداق ئۇيقۇم كېلىدۇ؟ (سومكىسىى بىلەن دەپتەرنى كۆتۈرۈپ ئەسنىگىنىچە ياتاق ئۆيگە كىرىپ كېتىدۇ.
(پەردە چۈشىدۇ)

2013-يىلى 3- نويابىر يېزىلدى. 2014-يىلى 27- نويابىر قايتا تۈزىتىلدى. ئۈرۈمچى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-29 23:45  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-12-30 15:51:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەلەن يېزىپسىز. قۇلىڭىزغا بەركەت يار بولسۇن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-30 16:55:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ئەسقەرجان مۇئەللىم

ۋاقتى: 2014-12-30 18:42:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەلەن يىزىپسىز . ئۇتۇق تىلەيمەن

ۋاقتى: 2014-12-30 22:17:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەھنە ئەسەرلىرى ئىجادىيتىڭىز توختاپ قالمىسۇن!

ۋاقتى: 2015-3-10 18:32:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دېئالوگلار تەبىئىي چىقىپتۇ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش