شائىر ۋە نەسىر يازغۇچىسى قۇربان ئەمەت1968-يىلى يېڭىشەھەر ناھىيسىنىڭ ياندۇما يېزىسىدا تۇغۇلغان.1989-يىلى قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن.ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەلىك1—ئوتتۇرا مەكتەپ، يېڭىشەھەر ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى ،يېڭىشەھەر ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى قاتارلىق ئورۇنلاردا ئىشلىگەن. ھازىر قەشقەر ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىدا ئىشلەۋاتىدۇ. ئۇ1987-يىلى قەشقەر گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان«يۈرىكىم قۇياشنىڭ بىر پارچىسى» نامىلىق ئەسىرى بىلەن ئەدەبىيات ساھەسىگە قەدەم قويغان. شۇنىڭدىن بۇيان ئاپتونۇم رايۇنىمىزدىكى گېزىت-ژۇرناللاردا نۇرغۇن شېئىر ۋە نەسىرلىرى ئېلان قىلىنغان. 1998-يىلى شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن «كۆكلەيدىغان قاناتلار»نامىلىق نەسىرلەر توپلىمى نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلغان.2011 -يىلى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيتىنىڭ ئەزالىقىغا قۇبۇل قىلىنغان.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ghenizatuyghur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-30 11:24
|