تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
كۆرۈش: 423|ئىنكاس: 7

ئودۇنلۇق: ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن ۋە «كروران» تەخەللۇسى توغرىسدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1115
يازما سانى: 1475
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 3753
تۆھپە : -1
توردا: 167
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-1-12

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-12-28 22:21:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن ۋە «كروران» تەخەللۇسى توغرىسدا




سادىر تۇرسۇننىياز ئودۇنلۇق





سۆز بېشى



   كىتاپ ئۇقۇشنى كەسىپ قىلغان ئادەم كىتاپ ئۇقۇغان ، ئۇقۇيدىغان ئالاھىدىلىگى، قىزىقىشى سەۋىبىدىن كىتاپخان ، دىگەن نام بىلەن ئاتىلىدۇ . كىتاپخانغا نىسپەتەن ئالغاندا    ھاياتىدا ئەدەبىي ئەسەر ئۇقۇماي ھاياتىنى ئۇتكۇزۇش مۇمكىن ئەمەس، ئادەتتە  بىر ئادەمنىڭ كىتاپخان  دىگەن  بۇنداق  نامدا ئاتىلىشى ئاسان ئەمەس. كىتاپ ،ژۇرنال سېتىۋالىدىغان ، يىغىپ –تۇپلايدىغان ، ئۇقۇيدىغان ، ئۇنى مۇلاھىزە قىلىدىغان ، زۇرۇر بۇلغاندا بۇ ھەقتىكى تەسىراتلىرىنى كىتاپخانلار بىلەن ئۇرتاقلىشالايدىغان  ، بۇنداق ئادەتنى بىر ئۇمۇر داۋاملاشتۇرالايدىغان ئادەملەرلا مۇشۇنداق نامغا  ئىگە بۇلالايدۇ . بۇنداق ئادەم ئۇچۇن كىتاپسىز بىر كۇننى ئۇتكۇزۇش بىر ئۇمۇر ھاياتىنى بىكارغا مەنىسىز ئۇتكۇزگەن بىلەن باراۋەرئىش ھىساپلىنىدۇ .  كىتاپخاننىڭ كىتاپ ئۇقۇش ئۇسۇلى ، شەكلى ، ئادىتى ئۇخشاش بۇلمايدۇ  بەلكى  ھەر خىل بۇلىدۇ .بەزىلەر بىرەر ئادەمنىڭ كىتابىنى ئۇقۇغاندا ، ئۇقۇماقچى بۇلغاندا  ئۇزى بىلەن شۇ  يازغۇچى –شائىر  ۋە ياكى كىتاپ ئىگىسى بىلەن بۇلغان مۇناسىۋىتىنى ئېتىبارغا ئالىدۇ ،     بەزىلەر  تەبىئى ھالدا ئۇزى ئۇقۇماقچى بۇلغان كىتاپ ئىگىسىنىڭ  ئەسەرلىرىنىڭ ئۇز مېڭىسىدىكى تەسىرىنى ئېتىبارغا ئالىدۇ ، بەزىلەر بىرەر كىتاپنى ئۇقۇماقچى بۇلغاندا باشقىلارنىڭ شۇ كىتاپ ھەققىدىكى تۇنۇشتۇرىشىنى ئاساس قىلىدۇ ، بەزىلەر يازغۇچى-شائىر قۇللانغان تەخەللۇسنى شۇ ئەدىپنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۇقۇشتىكى ئاساسى سەۋەپ قىلىدۇ .ئۇچۇر ئىشلىرى تەرەققى قىلغان بۇگۇنكى كۇندە يەنە بىر قىسىم كىشىلەر بىرەر كىتاپنى ئۇقۇماقچى بۇلغاندا شۇ كىتاپنىڭ ئاخبارات  ئۇرۇنلىرى تەرىپىدىن تەشۋىق قىلىنىش ئەھۋالىنى ئاساس قىلىدۇ . بەزىدە كىتاپخاننىڭ بىرەر قەلەم ساھىبىنىڭ ئەسەرلىرىنى تەبىئى ھالدا ئۇقۇپ  شۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ ئىجادىيىتىگە مەپتۇن بۇلۇپ قالىدىغان ئەھۋاللارمۇ بۇلىدۇ . مەن ئۇزەمنى   بىر كىتاپخان ھىساپلايمەن ،كىتاپخان بۇلۇش سەۋىبىدىن نۇرغۇن يازغۇچى-شائىرلارنىڭ تالاي ئەسەرلىرىنى ئۇقۇپ چىقتىم .ھازىرغىچە قانچىلىك يازغۇچى-شائىرنىڭ قانچىلىك ئەسەرلىرىنى ئۇقۇپ چىقتىم ،بۇنى ئېنىق ئېيتپ  بىرەلمەيمەن . ېكىن بىر نەرسە ماڭا ناھايتى ئېنىقكى ، مەن  ئۇقۇغان ھەر قانداق ئەسەردىن دىگۇدەك ھۇزۇر ئېلىپ كەلدىم .مەن ھازىرغۇچە نۇرغۇن يازغۇچى-شائىرنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۇقۇغان بۇلساممۇ لېكىن تۇرلۇك سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن بۇگۇنكى كۇنگە كەلگەندە ئەسەرلىرى دائىم  بىلەن تۇنۇشلۇق بۇلىدىغان ، ئەسەرلىرىنى  ھەر ۋاقىت ئۇقۇيدىغان قەلەم ساھىبلىرنىڭ سانى پەقەت 15 نەپەر ئەتراپىدا بۇلىۋاتىدۇ .مەن بۇلاردىن  بەزىللىرىنىڭ  ئەسەرلىرىنى ئۇقۇۋاتقىلى چارەك ئەسىردىن ئاشقان بۇلۇپ مۇنداقچە ئالغاندا مەن  ئۇلارنىڭ ئىجادىيىتى باشلانغان ۋاقتىدىكى ئەسەرلىرىنىڭ تۇنجى كىتاپخانى بۇلۇپ ھىساپلىنىمەن . بۇ جەھەتتە شائىر ئۇمەر مۇھەممەت ئىمىن كروران دەل ئەنە شۇنداق شائىرلارنىڭ بىرىدۇر. مەن ئۇنىڭ شېئىرلىرى بىلەن 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ تۇنۇشلۇقمەن ، ھازىر ئۇيلاپ باقسام دەسلەپتە  مەن ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى  ئالىي مەكتەپتە  ئىككى يىل   بىر پاكۇلتېتتا ئۇقۇش جەريانىدىكى تۇنۇشلۇقۇم يۇزىسىدىن   ئۇقۇغان ئىكەنمەن ، كىيىنكى  يىللاردا  مەن ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى ئۇنىڭ  شېئىرلرىدىكى ياشلارغا خاس جۇشقۇن كەيپىياتنىڭ قۇيۇقلىقى سەۋىبىدىن ئۇقۇغانلىقىمنى سەزدىم ، 2000-يىللاردىن كىيىن بۇلسا ئۇ قۇللانغان « كروران » دىگەن تەخەللۇسنىڭ سېھرى كۇچىنىڭ مېنى ئۇزىگە جەلپ قىلىۋالغانلىقى سەۋىبىدىن ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى ئۇقۇدۇم ، نەتىجىدە  ئۇزەمنى ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ خېرىدارى ، دەپ ھىساپلايدىغان بۇلدۇم . بەزىدە ئۇنى مەن ئۇچۇنلا شېئىر يازىدىغاندەك ھېس قىلدىم . ئەمىلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس ئىدى ، ئۇ پۇتكۇل ئۇيغۇر خەلقىنىڭ شائىرى ئىدى ، ئۇ تېتىملىق شېئىرلىرى بىلەن ئۇيغۇر جامئىتى، جەمئىيىتىنىڭ نەزىرىگە ئېلىنغان شائىرغا ئايلانغان ئىدى .بۇنىڭ بۇنداق بۇلىشىدا ئىككى سەۋەپ بار ئىدى ، بىرى ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ مەزمۇن ۋە ئىپادىلەش جەھەتتىكى يىڭىلىقىنىڭ  جامائەتنىڭ ، كەسىپداشلارنىڭ ئېتىرابىغا ئېرىشكەنلىگى ، يەنە بىرى ، ئۇ قۇللانغان « كروران » دىگەن  تەخەللۇسنىڭ سېھرى كۇچكە ئىگە بۇلغانلىقى ئىدى . مەن ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ قىزغىن ئۇقۇرمىنى بۇلۇش سۇپىتىم بىلەن ئۇ تاللاپ قۇللانغان تەخەللۇسنىڭ نامى ، مەزمۇنى ، ئۇنىڭ بۇ تەخەللۇسنى قۇللۇنۇشنىڭ ئارقا كۇرىنىشى ، بۇ تەخەللۇسنىڭ ئۇنىڭ ھاياتى ، ئىجادىيەت يۇلى، ئەسەرلىرى بىلەن بۇلغان مۇناسىۋىتى ، ئۇنىڭ غايىسى ، ئىجادىيەت مۇددۇئاسى قاتارلىقلار بىلەن  زىچ مۇناسىۋىتى بارلىقى  ھەققىدە تۇنۇش ھاسىل قىلدىم . ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا  تەخەللۇس قۇللۇنۇش يۇقىرى پەللىگە كۇتىرىلگەن، يازغۇچى-شائىرلار قۇللانغان تەخەللۇسلارنى  يۇقىرقى نۇقتىلار  بۇيىچە تەتقىق قىلىشنىڭ زۇرۇرلىگى تەكىتلىنىۋاتقان ئەھۋالدا مەن بۇ ھەقتە قەلەم تەۋرىتىشنى  لايىق كۇردۇم . چۇنكى، مۇشۇنداق قىلغان ۋاقتىدىلا ئۇنىڭ چارەك ئەسىرلىك ئجادىيەت ھاياتىغا ئادىل باھا بەرگىلى بۇلىدىغانلىقى ماڭا ئايان ئىدى. مەن بۇ ماقالىنى يېزىشتا ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىدار مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىرلىشىشنى ئۇيلىغان بۇلساممۇ لېكىن تۇرۇۋاتقان ئارىلىقىمىزنىڭ يىراق بۇلىشى سەۋەپلىك بۇ ئارزۇيۇمغا يىتەلمىدىم .ئۇچۇر-ئالاقە ئىشلىرى تەرەققى قىلغان بۇگۇنكى دەۋردە ئالاقە قىلىشقىلىمۇ بۇلار ئىدى ، ئەمما كىتاپخاننىڭ بىرەر قەلەم ساھىبىغا  ئۇزى ھەققىدە بىرەر  نەرسە يازماقچى بۇلغانلىقىنى  ئاشكارا ئېيتىشنىڭ بىئەپ ئىش  بۇلىدىغانلىقى ماڭا ئايان بۇلغاچقا بۇ نىيىتىمدىن ياندىم .   لېكىن ئۇنىڭ ئۇزىنىڭ ئىجادىيەت تەجىربىسى ھەققىدە  ئېلان قىلغان بىر قىسىم ماقالىلىرىنى ئۇقۇپ كىرەكلىك ماتېريالغا  ئېرىشتىم . بۇ جەرياندا ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ ئاتىلىشىدا ئىككى  قېتىم  ئۇزگۇرۇش بۇلغانلىقىنى سەزدىم . بىرىنچى  قېتىملىق ئۇزگۇرۇش . ئۇ، يۇرۇق دۇنياغا كۇز ئاچقاندا  ئاتا-ئانىسى تالاي  ئۇيلۇنۇشلاردىن كىيىن ،  ئەنئەنىمىز بۇيىچە  ئۇنىڭغا ئۇمەر ، دەپ ئىسىم قۇيغان ،  كىيىن ئۇ  ، قۇيۇلغان ئىسىمنى ئاتاش ئادىتىمىز بۇىيچە ئۇمەرجان ، دەپ ئاتالغان. مەكتەپ يېشىغا تۇشۇپ ، بۇقچىسىنى يۇدۇپ ، چەرچەننىڭ تۇپىلىق يۇللىرىدا تال چىۋىقنى ئات ئېتىپ ئۇينىغىنىچە مەكتەپكە بېرىپ سىنىپقا كىرگىنىدە ئۇقۇتقۇچىسىنىڭ قايتا-قايتا سۇرىشى بىلەن مەكتەپنىڭ ئۇقۇغۇچىلارنى تىزىملايدىغان دەپتىرىگە  ۋە سىنىپ مۇدىرىنىڭ خاتىرسىگە ئۇز ئىسمىنىڭ ئۇمەرجان ئىكەنلىگىنى ، دادىسىنىڭ ئىسمىنىڭ  ئىمىن ئىكەنلىگىنى ئېيتىپ بەرگەن ، شۇندىن كىيىن ئۇ ئۇمەر  ئىمىن ، دەپ ئاتالغان ، چۇڭ بۇلۇپ ئەقلىنى تېپىپ ،  ئۇزى يۇرۇق دۇنياغا كۇز ئاچقان ، ئۇزىنى بېقىپ چۇڭ قىلغان ئانا تۇپراقنىڭ  ئەژداتلىرى ياشىغان ۋە شانلىق مەدەنىيەت يارىتىلغان  خىسلەتلىك زىمىن ئىكەنلىگىنى بىلگىنىدە ،بۇ زىمىنغا بۇلغان مۇھەببىتى قەلبىدە تەكلىماكان قۇملىقىنىڭ تۇمۇز پەسلىدىكى ئۇتلۇق ھارارىتىدەك يالقۇنلاشقا باشلىغان ، بۇ خىل يالقۇنلۇق ھارارەت ئۇنىڭغا شئىېرىي ئىلھام ئاتا قىلغان ، شۇنىڭ بىلەن  ئۇ شئىېر يېزىشقا باشلىغان .ئۇ، 1983-يىلى « تارىم » ژۇرنىلىغا ئەسەر ئىۋەتىشكە باشلىغان ، شۇ چاغدا  مەزكۇر ژۇرنال تەھرىر بۇلىمىدىن كەلگەن بىر پارچە خەتتە ئەسكەرتىلگەن ئەدەبىيات ساھەسىدە « ئۇمەر ئىمىن » ئىسىملىك يەنە  بىر پىشقەدەم شائىرنىڭ بارلىقى ، شۇڭا  بىر-بىرىدىن   پەرقلىنىشكە  ئاسان بۇلسۇن ئۇچۇن   ئۇز ئىسمىنى ئۇزگەرتىشنىڭ زۇرۇرلىگى ھەققىدىكى ئەسكەرتىش بىرىلگەن بۇ خەتكە   ، ئۇزىنىڭ ئۇمەر دىگەن ئىسمى بىلەن دادىسىنىڭ ئىمىن دىگەن ئىسمىنىڭ ئۇتتۇرسىغا چۇڭ دادىسىنىڭ « مۇھەممەت » دىگەن ئىسمىنى قۇشۇپ ئۇمەر مۇھەممەت ئىمىن دىگەن  ئىسىمنى قۇللانماقچى بۇلغانلىقى تۇغرىلىق جاۋاپ خەت يازغان ۋە شۇنىڭدىن  باشلاپ بۇ ئىسىمنى قۇللانغان .  « تارىم » ژۇرنىلىنىڭ شۇ يىللىق 5-سانىدا « كۇلدى » ناملىق غەزىلىنىڭ  ئېلان قىلىنىشى بىلەن ئۇنىڭ ئۇنىڭ « ئۇمەر مۇھەممەت ئىمىن  » ،دىگەن نامى  جامائەتكە تۇنۇلۇشقا باشلىغان .گەرچە بۇ شئېر ئۇنىڭ تۇنجى شېئىرى بۇلمىسىمۇ ( ئۇنىڭ تۇنجى شېئىرى 1982-يىلى « بۇستان » يەنى ھازىرقى ‹ كروران › ژۇرنىلىنىڭ 1982-يىلى كىيىنكى يېرىم يىللىق سانىدا ئېلان قىلىنغان ) شۇندىن كىيىن ئەسەرلىرىنى مۇشۇ نامدا ئېلان قىلىشقا باشلىغان .ئىككىنچى قېتىملق ئۇزگۇرۇش. ئۇ  شئىېرلىرىدا ئۇزى تۇغۇلغان ، ئۇزىگە ساپ ھاۋا، پاراسەت، غۇرۇر، ئۇزلۇك ئېڭى ئاتا قىلغان زىمىننى كۇيلىگەن ، بۇ زىمىنغا بۇلغان مۇھەببىتىنى  شېئىر ئارقىلىق نامايەن قىلغان، بۇ زىمىننىڭ خىسلەتلىرىنى  ھەر بىر پارچە شئىېرىدا ھەتتا ھەر-بىر مىسرا شئىېرىدا ئىپادە قىلغان،  بارا-بارا شئىېرلىرى بىلەن قۇشۇلۇپ ، ئۇزىنى بۇ زىمىن قۇينىغا سىڭىپ كىتىۋاتقادەك ھېس قىلغان، ئۇزىنىڭ مۇشۇ كرۇران دىيارىنىڭ پەرزەنتى ئىكەنلىگىنى، مۇشۇ زىمىن بىلەن تەقدىرىنىڭ زىچ باغلاغانلىقىنى ، مۇشۇ زىمىندىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى  تۇنۇپ يەتكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇزىگە  2000-يىللاردىن كىيىن  «كروران » تەخەللۇسىنى قۇللۇنۇپ ئەسەر ئېلان قىلشقا باشلىغان .  نەتىجىدە ئو ئومەر مۇھەممەت ئىمىن  كروران ،  دەپ ئاتالغان .   


« كروران»  دىگەن نام تۇغرىسىدا




     ئۇنىڭ كروران دىگەن تەخەللۇسنى قۇللۇنۇپ شېئىر ئېلان قىلىشى مىنىڭ كروران دىگەن نام ھەققىدە چۇشۇنچە ھاسىل قىلىشىمغا تۇرتكە بۇلدى . مەن،  دەسلەپتە ئۇنىڭ شئېىرلىرىنى   شېئىر ئۇقۇشقا بۇلغان قىزغىنلىقىم سەۋىبىدىن ئۇقۇغان بۇلسام، كىيىنچە ئۇنىڭ  تەخەللۇسۇغا قىزىقىپ ۋە تەخەللۇس بىلەن شېئىرلىرىدىكى مەنا قاتلىمىنىڭ  يۇقۇرى ماھارەتتە ئۇرگانىك بىرىكىپ ,  قايىل قىلارلىق نامايەن قىلىنغانلىقى سەۋبىدىن ئۇقۇدۇم . بۇلۇپمۇ ھەر –بىر ئادەمنىڭ مۇئاييەن ماكاندا تۇغۇلۇپ ، ياشايدىغانلىقى ، بۇ ماكاننىڭ شۇ ئادەم ئۇچۇن بىر مۇقەددەس ۋەتەن ھىساپلىنىدىغانلىقىنى ئۇنىڭ تەخەللۇسى ئىپادىلىگەن مەزمۇندىن بىلىپ ئالغانلىقىم ، مىنىڭ ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى  ئۇقۇش ئارقىلىق ھاسىل قىلغان چۇڭ ھاسىلاتىم   بۇلدى. مەن كىچىك ۋاختىمدىن چۇڭ بۇلۇپ ئەقلىمگە كەلسەم ،تۇغۇلۇپ ئۇسكەن  جايىمنىڭ  جەينەك كۇچىسى دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى بىلگەن ئىدىم.جەينەك مىنىڭ ئانا تەرەپ جەمەتىمنىڭ لەقىمى بۇلۇپ ، كىيىن بىلسەم  بۇ يەر جەينەك لەقەملىك كىشىلەر مەھەللىسى  ، دىگەن مەنانى بىرىدىكەن. ئۇ چاغلاردا بۇ يەردىكى كىشىلەر بىر لەقەمنى مەركەز قىلغان  جەمەت  تۇپىنى بىرلىك قىلىپ ئۇلتۇراقلىشىدىكەن. بۇ ئەلبەتتە تەكلىماكان بۇيىدىكى كىشىلەرنىڭ ئۇلتۇراقلىشىش ئادىتى بۇلۇپ ، بۇنىڭ ئىزنالىرىنى بۇ يەردىن ھېلىھەم تاپقىلى بۇلىدۇ . مەن چۇڭ بۇلۇپ ئۇزەم چۇڭ بۇلغان جاينىڭ شەرق قىزاردى گۇڭشېسى ، دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى ، ناھىيەمنىڭ ئىسمىنىڭ چىرا ، دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى بىلدىم .ئارىدا چىرا ناھىيىسى تەۋەسىدىكى يېزىلارنىڭ ئىسمىنى ، خۇتەن ، قەشقەر، ئۇرۇمچى،جۇڭگۇ ،  ...دىگەندەك يەر-جاي ناملىرىنى بىلدىم ، جاھاننىڭ شۇ قەدەر چۇڭ ئىكەنلىگىنى چۇشەندىم  . لېكىن كروران دىگەن نامنى تاكى 80-يىللارغىچە ئاڭلاپ باقمىغان ئىدىم . 80-يىللاردا ئالىي مەكتەپتە ئۇقۇۋاتقاندا مەن ياشاۋاتقان تارىم بۇيلىرىنىڭ قەدىمدە ھەر خىل ناملاردا ئاتىلىپ كىلىنگەنلىگىدىن ۋاقىپلاندىم . شۇ قاتاردا كروران دىگەن ناممۇ بار ئىدى. مەن بۇ ئاتالغۇنى تۇنجى بۇلۇپ شۇ ۋاقىتتا يىڭىدىن  نەشىر قىلىنىشقا باشلىغان «شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەرتەتقىقاتى  »  دىگەن ژۇرنالغا بېسىلغان بىر پارچە ماقالىدىن كۇرگەن ئىدىم . لېكىن بۇ نامنىڭ تارىخى، ئىجتىمائى قىممىتى ، مەدەنىيەت قىممىتى ھەققىدە چۇڭقۇر چۇشەنچە ھاسىل قىلالمىغان ئىدىم . 90-يىللاردا لۇپنۇر قۇملىقىدىن بىر جەسەتنىڭ بايقالغانلىقى، جەسەتنىڭ  ياش ئايال كىشىنىڭ جەسىتى ئىكەنلىگى ،جەسەتنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىگى ، جەسەتنىڭ ياپۇنىيەدە كۇمپىيۇتېر تېخنىكىسى ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۇرۇلگەنلىگى ، بۇ جەسەتنىڭ قەدىمقى كروران مەلىكىسى بۇلىشى مۇمكىنلىگى ھەققىدىكى ئاخبارات خەۋەرلىرىنى كۇرۇپ مەندە كروران دىگەن يەرگە قارىتا قىزىقىش پەيدا بۇلغان ئىدى .كىيىنچە بۇ جەسەت « كروران گۇزىلى» دەپ ئاتالدى ، بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردىن كىيىن ئۇزاق ئۇتمەي داڭلىق ياش سەنئەتكار زاھىر بۇرھان ئىجراسىدا « كروران گۇزىلى » ناملىق بىر ناخشا بارلىققا كىلىپ ، كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىغا ئېرىشتى ۋە ئۇلاردا كروران ئېلىگە ، كروران دىگەن نامغا قارىتا قىزىقىش پەيدا قىلدى. شۇ قاتاردا مەنمۇ بۇ نامغا قىزىقىپ قالدىم . ئارىلىقتا كروران نىمىدا ھەر خىل ناملار بارلىققا كەلدى ،يەنى  « كروران گۇزىلى » ھەققىدە خاس ئەسەرلەر يېزىلدى ، مۇشۇ نامدا تاۋار ماركىللىرى بارلىققا كەلدى ، شىنجاڭ تېلۋېزىيە ئىستانسىسى بۇ ھەقتە مەخسۇس پىرۇگىرامما ئىشلىدى، چاقىلىق ناھىيىسى تەۋەسىدە جۇڭگۇ بۇيىچە 10 داڭلىق مەدەنىيەت تارىخ مۇزىيىنىڭ بىرى بۇلغان چاقىلىق  كروران مۇزىيىنىڭ  قۇرۇلغانلىقى خەۋەر قىلىندى ،  ئەلى  ئىسىمىلىك بىر ناخشىچى  سەنئەت ساھەسىدە بۇ نامنى قۇللاندى ، كروران نامىدا تۇر بەتلىرى ئېچىلدى ، ئارىمىزدا غالىپ بارات ئەركتەك مەخسۇس كروران تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللۇنىدىغان  تەتقىقاتچىلار  بارلىققا كەلدى ، ئۇنىڭ « كرۇراننىڭ سىرى » ناملىق كىتابى ئالقىشلانغان كىتاپلارنىڭ بىرى بۇلۇپ قالدى. مەن بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللاردىن دىگۇدەك خەۋەر تېپىپ تۇردۇم ، ماتىرياللاردىن كرو رانغا  دائىر خەۋەرلەرنى ، تەتقىقات نەتىجىللىرىنى كۇردۇم ،  مەن  بۇ ھەقتە ئۇزەم ئىگەللىگەن ئەھۋاللارغا قاراپ كروران دىگەن نامنىڭ يىپەك يۇلىدىكى بۇيۇك مەدەنىيەتكە، قەدىمىي سەلتەنەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدىم .ئۇمەر مۇھەممەت ئىمىننىڭ   دىيارىمىزدا كروران   قىزغىنلىقى كۇتۇرۇلگەن دەل مۇشۇنداق   ئەھۋال ئاستىدا  كروران  دىگەن   بۇ نامنى     ئۇزىگە  تەخەللۇس قىلىپ قۇللۇنۇپ ، دۇنياۋىي تۇس ئېلىشقا باشلىغان    كروران  قىزغىنلىقىغا ئەدەبىي ئىجادىيەت نۇقتىسىدىن يانداشقانلىقى مىنى تۇلىمۇ سۇيۇندۇردى   . مەن ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى خېلى بۇرۇنلا ئۇقۇشقا باشلىغان بۇلساممۇ، لېكىن مىنىڭ ئۇنىڭ ئەسەرلىرىگە ئالاھىدە مەپتۇن بۇلغان ۋاقتىم ، ئۇنىڭ « كرۇران » دىگەن نامنى تەخەللۇس قىلىپ قۇللانغاندىن كىيىنكى مەزگىلى بۇلدى . مۇنداقچە ئالغاندا ئۇ قۇللانغان « كروران » دىگەن تەخەللۇس مېنى ئۇنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيىتىگە قىزىقتۇرغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى بۇلۇپ قالدى . بۇنىڭدا مەن مۇشۇ كروران دىگەن يەر ئۇرنى ۋە ئۇنىڭ تارىخمىزىدكى ئۇرنىنى بىلىشنى  ئۇمەر مۇھەممەت ئىمىن كروران ئىجادىيىتى ھەققىدە چۇشەنچە ھاسىل قىلىشتىكى يىپ ئۇچچى  مەنبەسى قىلدىم .لېكىن بۇنى تۇلۇق چۇشۇنىشكە  ئىمكانىيەت بۇلمىدى. بۇنىڭ ئەكسىنچە « كروران »  نامىدا تاۋار ماركىللىرى بارلىققا كىلىشكە باشلىدى، خۇتەن شەھرىدە « كروران  تاللا بازىرى » ناملىق  سۇدا ئۇرۇنلىرى كۇپۇيۇشكە باشلىدى . مەن مۇشۇ نام ھەققىدە ئۇيلۇنۋاتقان مەزگىللەردە    مۇيدىن سايىت بۇستان ئەپەندىنىڭ  « كروراندىكى ئىزچىلار » ناملىق ئىككى تۇملۇق يىرىك رۇمانى خۇتەنگە يىتىپ كەلدى. رۇماننى سېتىۋېلىپ تۇلۇق ۋە ئەستايىدىل ئۇقۇپ چىقتىم . رۇمان 2008-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى تەرپىدىن نەشىر قىلىنغان بۇلۇپ ، ئۇقۇش ئارقىلىق  رۇماننىڭ تەكلىماكاندىكى بۇ  قەدىمقى ، سىرلىق شەھەرنىڭ   تارىخى ئەھۋالى تۇغرىسىدا يېزىلغانلىقىنى چۇشەندىم .  مەن كروران ئىلىنىڭ تارىخى ئەھۋالىغا بۇلغان قىزىقىشىم  سەۋىبىدىن بۇ رۇماننى تۇلۇق ئۇقۇپ چىقتىم .    رۇماننىڭ   بىزدىن يىراق قەدىمدە قالغان ھەم ئۇنتۇلۇپ كەتكەن ئەژداتلىرىمىزنىڭ ئىزىنى ئىزلىگۇچىلەرگە يۇل باشلىغۇچى بۇلغان ئۇردەك قاتارلىق سۇيۇملۇك كىشىلەرنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى تەسۋىرلەپ ،ئۇلارنىڭ نۇرانە ئۇبرازىنى يارىتىشقا بېغىشلانغان  ئالاھىدىلگى  ۋە يەنە رۇماننىڭ   1860-يىلدىن 1934-يىلغىچە بۇلغان يەتمىش بەش يىللىق تارىخى جەرياننى   ئەكس-ئەتتۇرۇپ  ، بۇ ئارقىلىق  كروران ئىلىدىكى   لۇپنۇرلۇقلارنىڭ تىل، ئۇرۇپ-ئادىتى، تۇرمۇش ئادىتى، مەدەنىيىتى، پىسخىكىسىنى تەسۋىرلەپ ، ئەپسانىۋىي پەردىلەر ئىچىدىكى سىرلىق دۇنيا-لۇپنۇر ۋە لۇپنۇرلۇقلارنىڭ ئەھۋالى تۇغرىلىق قىممەتلىك مەلۇماتلارنى بىرەلگەنلىگى  مەندە بۇيەرنى كۇرۇش ئىستىگىنى كۇچەيتتى.شۇنىڭ بىلەن مەن رۇماندا تەسۋىرلەنگەن ۋەقەلىك ئىچىگە شۇڭغۇپ ، كروران ئىلى ھەققىدە ۋە  رۇماندا تەسۋىرلەنگەن « لۇپ »،« لۇپنۇر » ئاتالغۇسى بىلەن كرورانلىكلەرنىڭ  مۇناسىۋىتى ھەققىدە چۇشەنچە ھاسىل قىلىشقا باشلىدىم .
       رۇماندا ۋەقەلىك يۇز بەرگەن ۋە قانات يايدۇرۇلغان جاي قىلىپ تەسۋىرلەنگەن جاي –  يەنى تارىختا   ‹ لۇپ › ۋە ‹ لۇپنۇر › دىگەن نامدا ئاتىلىپ كىلىنگەن يەرلەر ھازىرقى  تارىم،كۇنچى ۋە چەرچەن دەريالىرىنىڭ ئۇتتۇرا ۋە تۇۋەن ئېقىنلىرىنى ئۇز ئىچىگە ئالغان يەرلەر بۇلۇپ،  بۇ يەرلەر ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىدىكى تارىم ئۇيمانلىقىنىڭ شەرقىي قىسمىدا كۇزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان  ھىلال ئاي شەكلىدىكى بۇستانلىقلارنى  كۇرستىدۇ . بۇ جايلار تارىختا تار  مەنىدە ‹ لۇپ › دەپ ئاتالغان . بۇ بەلباغ چاقىلىق ناھىيىسى ۋاششەھرى يېزىسىنىڭ غەربىدىن شەرققە سۇزۇلۇپ جەنۇپتا ئالتۇنتاغ بىلەن ، شەرقتە قۇرقتاغ بىلەن ، شىمالدا لۇپنۇر ناھىيىسىنىڭ تارىم يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ . مۇشۇ رايۇندا ياشىغان قەدىمكى ئاھالە ئۇزلىرىنى يۇرتىنىڭ نامى بىلەن ‹ لۇپلۇق› دەپ ھىساپلايدۇ ۋە باشقا كىشىلەرمۇ ئۇلارنى ‹ لۇپلۇق › ، دەپ ئاتايدۇ . رۇماندا مۇشۇ رايۇندا ياشىغان كىشىلەرنىڭ يەنى ‹ لۇپلۇق› لارنىڭ ئېتىنىك كىلىپ چىقىشى، تىلى ئۇرۇپ –ئادىتى ، ياشاش ئۇسۇلى، ئادىتى، ئىجتىمائى ئەھۋاللىرى ، ئۇلارنىڭ ئۇز ئەژداتلىرىنىڭ رۇھىغا سېغىنىپ،  ئەژداتلىرىنىڭ مەنبەسەىنى تىپىپ ئەژداتقا ساداقەتمەن بۇلۇپ ياشاشتەك   تۇرمۇش ئالاھىدىلىكلىرى يۇقۇرى ماھارەت بىلەن تەسۋىرلەنگەن. بۇ يەردە ياشىغان لۇپلۇقلار ئېتىنىك مەنبە جەھەتتىن قەدىمقى كرۇرانلىقلارغا  مۇناسىۋەتلىك بۇلۇپ ئۇلارنىڭ مەنبەسىنى كرۇران دەۋرىدىن باشلاشقا تۇغرا كىلىدۇ. چۇنكى ، كرۇرانلىقلارنىڭ مۇشۇ لۇپلۇقلارنىڭ ئەژدادى ئىكەنلىگىنى ، لۇپلۇقلارنىڭ كرۇرانلىقلارنىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىگىنى  تارىخى مەنبەلەر ، تەتقىقاتلار  ئىسپاتلاۋاتىدۇ . ئاپتۇر رۇماندا مۇشۇ ماتىريالىزىملىق  تارىخى مەنبەنى  تۇتقا قىلىپ ئۇماق بىلەن ئايقۇت ۋە ئۇنىڭ پەرزەنتى ئۇردەكنىڭ كۇنچى دەرياسىنىڭ تۇۋەن ئېقىنى بۇيىغا سەپەر قىلىپ ئۇز ئەژداتلىرى ياشىغان ۋە بىنا قىلغان  كرۇران قەدىمىي شەھرىنى ۋە بۇ يەردىكى مەدەنىيەت ئىزنالىرىنى  بايقىغانلىقىنى تەسۋىرلەش  ئارقلىق كرۇرانلىقلار بىلەن لۇپۇلۇقلارنىڭ ئايرىلماس بىر ئېتىنىك گەۋدە ئىكەنلىگىدەك پاكىتنى بەدىئى يۇسۇندا كۇرسۇتۇپ بەرگەن. خەلقىمىزنىڭ چەتئەللىكلەرنىڭ  مەدەنىيەت تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرۇپ ، ئەژداتلىرى  يارتقان مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قۇغداشقا ئەھمىيەت بىرىشتەك ۋەتەنپەرۋەرلىك رۇھىنى تەسىرلىك بايان قىلغان . غالىپ بارات ئەركنىڭ ‹ چاقىلىق تارىخ ماتىرياللىرى›نىڭ 3- قىسمىغا كىرگۇزۇلگەن ‹ لۇپلۇقلارنىڭ ئېتىنىك مەنبەسى  ۋە ئئىجتىمائى ئەھۋاللىرى ھەققىدە › ناملىق ماقالىسىدا بايان قىلىنىشىچە كرۇران – مىلادىدىن بۇرۇنقى 76-يىلىدىن بۇرۇن قۇرۇلغان بىر خاندانلىق بۇلۇپ ئۇنىڭ ھۇكۇمرانلىق دائىرسى تارىم ۋە كۇنچى دەريالىرىنىڭ ئاياغ ئېقىنى بۇيلىرىغا تۇغرا كىلىدۇ. بۇ خاندانلىق بىر مەزگىل گۇللەنگەندىن كىيىن  مىلادىدىن بۇرۇنقى 77-يىلى تۇرلۇك سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن ئىككىگە پارچىلانغان . جۇملىدىن كرۇران خانلىقى  ۋە چەرچەن خانلىقى بۇلغان . مىلادىيە 2-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى  چەرچەن خانلىقى كۇچىيىپ كرۇران خانلىقىنىمۇ بۇيسۇندۇرغان . بۇ خاندانلىق كۇچەيگەن ۋاقىتلىرىدا ھازىرقى چاقىلىق ،  چەرچەن ، نىيە ناھىيىللىرى تەۋەسىنى ۋە لۇپنۇر ناھىيەسىنىڭ بىر قىسىم يەرلىرىنى ئۇز ئىچىگە ئالغان  زىمىنلارغا ھۇكۇمرانلىق قىلغان . كرۇران ( چەرچەن ) خانلىقى دائىرسىدە كرۇران شەھرىنى مەركەز قىلغان ھالدا نۇرغۇن بۇستانلىقلار بۇلغاندىن سىرت مىرەن  بۇستانلىقىدىكى ئىشەم ، چاقىلىق ناھىيە تەۋەسىدىكى كىتىك، مەردەك، نىيە تەۋەسىدىكى ئەندىر ۋە نىران شەھەرلىرى بۇلغان . كىيىن تارىم ۋە كۇنچى دەريالىرىنىڭ  ئېقىن ئوزگەرتىشى  مۇشۇ دەريالارنىڭ ئاياغ ئېقىنىغا جايلاشقان كرۇران ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بۇستانلىقلارنىڭ خاراپلىشىشىدىكى  مۇھىم ئامىل بۇلۇپ قالغان . ئۇرۇش –يېغىلىقلارنىڭ كۇپ بۇلىشى شۇنداقلا ئاساسلىقى  مۇشۇ ئىككى دەريانىڭ ئېقىن ئۇزگەرتىشى سەۋەپلىك بۇ شەھەرلەر ۋەيران بۇلغاندىن كىيىن بۇ يەردىكى ئاھالە سىرتقا كۇچۇشكە باشلىغان، بۇلار مىلادىيە 3-، 4- ئەسىرلەردىكى ئىشلار بۇلۇپ  كۇچكەن ئاھالىلار تارىم ۋە كۇنچى دەريالىرىنىڭ يۇقۇرى ئېقىنىغا ۋە قۇشنا بۇستانلىقلارغا كۇچكەن ، بۇلار كۇچكەن جايلار ئاساسلىقى لۇپ ۋە لۇپ بۇستانلىقىغا يېقىن بۇلغان شەھەر-بازارلار بۇلغان ، بەزى تارىخى مەنبەلەردە كۇرسىتىلىشىچە بۇ يەردىكى كىشىلەر يىراق بۇلغاندا چەرچەن ۋە قۇمۇللارغا كۇچكەن ، ھاتتا تۇرپان ، پىچانلارغا كۇچكەن . بىر تۇركۇم ئاھالىلار تارىم ، كۇنچى ، چەرچەن دەرياسى بۇيلىرىدىكى يۇرت –ماكانلارغا كۇچۇپ يىڭى ھاياتىنى باشلىغان . كرۇران قاتارلىق جايلاردىن ئاھالىلار زۇر تۇركۇمدە كۇچۇپ كەتكەن بۇلسىمۇ لېكىن بۇ يەردىكى دەريا-كۇل بۇيلىرىدا ، بىر قىسىم بۇستانلىقلاردا بىر بۇلۇك ئاھالە داۋاملىق ياشاپ كەلگەن. بۇ يەردىن كۇچۇپ كىلىپ تارىم دەرياسىنىڭ يۇقۇرى ئېقىنىدا لۇپلۇقلار نامىدا ياشاپ كەلگەن كىشىلەر ئۇز ئەژداتلىرىنىڭ ئىزىنى بىلىش ئىستىگىدىن يانمىغان ، ئىزچىل ھالدا ئەژداتلىرى ياشىغان زىمىن ۋە ئەژداتلىرىنىڭ كىملىگى  ھەققىدە ئۇيلانغان ۋە ئىزدەنگەن، ئاخىرى ئۇردەكتەك باتۇر، جەسۇر  كىشىلەرنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن كرۇرانلىقلارنىڭ ئۇزلىرىنىڭ ئەژدادى ئىكەنلىگىنى ، ئۇزلىرىنىڭ كرۇرانلىقلارنىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىگىنى بىلىپ يەتكەن . رۇمان مانا مۇشۇنداق تارىخنى ئۇزىگە مەنبە قىلغان . رۇماندا قاراقۇشۇن ، ئابداال، مىرەن ، قۇمچاپقان ، يىڭىسۇ، ئۇتەڭ، قاراكۇيۇك، چاينۇت، ئاختارما، چېكە، تەگىرمەن ، چارا، بۇلاقكۇل، قارچۇغا، دۇڭقۇتان ، سىڭگىر، مىرسالى، غۇداي، ئۇلۇغكۇل، كۇكئالا، كۇزلەك، ئۇيمانكۇل دىگەندەك يەر ناملىرى بار بۇلۇپ بۇلار لۇپلۇقلارنىڭ مەھەللىلىرىنىڭ  نامىدۇر، رۇماندا قاراقۇشۇنلۇقلار، يانلار، قىرغىززار، قالۇچىلار، جۇداقتار، قالماقلار  دىگەندەك ناملار بۇلۇپ بۇلار  لۇپلۇقلارنىڭ ئىجتىمائى تۇپىدىن ئىبارەتتۇر. ئەينى ۋاقىتتا لۇپلۇقلار مۇشۇنداق تۇپقا بۇلۇنۇپ ياشىغان . رۇماندا مانا مۇشۇ تۇپقا تەۋە كىشىلەرنىڭ  كرۇران شەھرىدىن تارىم دەرياسىنىڭ ۋە كۇنچى دەرياسىنىڭ يۇقۇرى ئېقىنىغا كۇچۇش سەۋىبى، يىڭى مەھەللە قۇرۇش ئەھۋالى، ئۇلتۇراق ئادىتى، چىراي  ۋە  تىل ئادىتى،  كۇڭۇل ئېچىش ئادىتى ، ئىگىلىك ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرى ، ئىشلەپچىقىرىش ئادىتى ئەكس-ئەتتۇرۇلگەن. ئۇلارنىڭ ئەژداتلىرىغا سېغىنىش  ھېسياتى بايان قىلىنغان ، ئۇلارنىڭ تارىم ۋە كۇنچى دەريا بۇيلىرىدا يىڭى ھاياتلىق بارپا قىلىش جەھەتىكى ئىزدىنىشلىرى ، لۇپ دىيارىنى گۇللەندۇرۇش ئۇچۇن كۇچ چىقارغان ئەمگەكسۇيەر رۇھى تەسۋىرلەنگەن. ئۇلارنىڭ ئۇم –ئىناق ياشاش ئارزۇسى گەۋدىلەندۇرۇلگەن. رۇماندا تارىختا  لۇپ دىيارىدا شەكىللەنگەن يەر-جاي ناملىرى بىلەن بۇ يەردە ھەقىقى ياشاپ ئۇتكەن تارىخى شەخسلەر ئۇرگانىك ھالدا بىرلەشتۇرۇلۇپ تەسۋىرلىنىپ رۇماننىڭ جەلپكارلىقى ، تارىخى قىممىتى ئاشۇرۇلغان . رۇماندا يەنە ھەقىقى تارىخى شەخسلەر  بىلەن تۇقۇلما شەخسلەر  ئۇرگانىك بىرلەشتۇرۇلگەن. رۇماندا ئاتا-بالا ئۇماق، ئۇردەك، كۇنچىققانبەگ، جاھانبەگ ، قاسىم سالتاڭ  ، ئەجنەبىلەردىن سېۋىن ھىدىن ، سىتەيىن، پىرژىۋالىسكىي  قاتارىلىقلار تارىخى رىئيال شەخسلەردۇر. تايۇق، ئايسۇلۇ، تۇختاق قاتارلىقلار تۇقۇلما ئۇبرازلاردۇر. رۇماندا تارىخى شەخسلەرنىڭ  ئېكىسپىدىتسىيە ۋە باشقا چۇڭ ، مۇھىم پائالىيەتلەردىكى ئۇرنى ، رۇلى دىگۇدەك ئەينەن ئەكس-ئەتتۇرۇلگەن، رۇماندا ئاساسى پىرسۇناژلار بۇلغان  ئۇماق بىلەن ئۇردەكنىڭ ئۇبرازى  خېلى مۇئاپىقىيەتلىك يارىتىلغان . بۇلار نەچچە يۇز يىللىق بىكىنمىلىكتە دۇنيادىكى ھەتتا يېقىن قۇشنا يۇرتلاردىكى ئىشلاردىن بىخەۋەر ، ئۇتمۇشى تۇغۇرلۇق ھېچنىمىنى بىلمىگەندەك  ، كەلگۇسى تۇغرۇلۇقمۇ   ھېچنىمىنى  ئۇيلىمايدىغان ،سۇ، ئۇتلاق، بىلىقنىلا ئۇيلايدىغان ، تۇغراقلار بىخ چىقارسا ئەتىياز بۇپتۇ، ئۇجۇل يىغىشقا ئاز قاپتۇ دەيدىغان ،تۇغراق يۇپۇرماقلىرى ئالتۇن رەڭگە كىرسە كۇز بۇپتۇ، قىشلىق بىلىقنى غەملىۋالساق بۇلغۇدەك دەپ ئۇتكەن لۇپنۇرلۇقلارنىڭ تىپى بۇلۇپ،  ئاپتۇر ئۇلارنىڭ ھاياتقا بۇلغان قارىشىنى ، پۇزۇتسىيەسىنى ئەينەن ئەكس-ئەتتۇرۇشكە تىرىشقان .مەن بۇ ئەھۋاللارغا قاراپ كروران ئىلىنى كۇرۇشكە نىيەت قىلدىم ، بىر تەسادىبىيلىق تۇپەيلىدىن بۇ ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشتى.  2012-يىلى 10-ئايدا مەن  خۇتەن شەھەرلىك سىياسى كېڭەش تەشكىللىگەن خۇتەندە « بۇستانلىق سىرتىدا يەنە بىر  خۇتەن بۇستانلىقى بارپا قىلىش » تەجىربىللىرىنى ئۇگىنىش ئېكىسكۇرسىيە ئۇمىگى تەركىبىدە  جەنۇبىي شىنجاڭنى كۇزدىن كەچۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم ، سەپەردە چەرچەن ، چاقىلىق، لۇپنۇر ناھىيىللىرى ۋە كۇرلا شەھرىدىن كىسىپ ئۇتىدىغانلىقىمىزنى ئاڭلاپ خۇشال بۇلدۇم . بىز سەپەرنىڭ بىرىنچى بىكىتى بۇلغان چەرچەن ناھىيىسىگە يىتىپ كەلدۇق .    چەرچەنگە قەدەم باسقانلىقىمدىن خۇشال بۇلدۇم، بۇ يەر مەن شئېىرلىرىنى ياقتۇرۇپ ئۇقۇپ كىلىۋاتقان  بۇ  شائىر – ئۇمەر مۇھەممەتئىمننىڭ ئانا يۇرتى ئىدى .   مەندە كىتاپ ئۇقۇشقا باشلىغان ۋاقىتتىن باشلاپلا  پۇرسەت بۇلسا ئۇزەم ئەسەرلىرىنى  ئۇقۇغان  يازغۇچى-شائىرلارنىڭ كىندىك قېنى تۇكۇلگەن ئېزىز دىيارلارنى كۇرۇش ئىستىگى بار ئىدى ، شۇڭا مەن سەپەردە ھاردۇق يەتكەنلىگىگە قارىماي ۋە چەرچەنگە كەلگەنلىگىمىز مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان كۇتىۋېلىش زىياپىتىگە قارىماي، ھەمراھلىرىمدىن ئايرىلىپ چەرچەننىڭ كۇرۇشكە تىگىشلىك جايلىرىنى كۇرۇشكە باشلىدىم    .  چەرچەننىڭ كۇچىللىرىنى ئايلىنىۋېتىپ ، يۇللىرىدا مېڭىۋېتىپ  ئۇمەرجاننىڭ باسقان ئىزلىرىنى كۇرگەندەك بۇلدۇم .   بۇ قېتىم  مەن تۇغۇلغان يۇرت بىلەن ئۇ تۇغۇلغان يۇرتنىڭ ئالاھىدىلىگى ئۇتتۇرسىدا نۇرغۇن  ئۇخشاشلىقنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدىم ، ھەر ئىككىلىمىز تۇغۇلغان يەر تەكلىماكان قۇملىقىنىڭ گىرۋىگى ئىكەن ، دۇلەت يۇلىنىڭ 315-نۇمۇرلۇق بۇلىگى  ئىككى يۇرتنى تۇسالغۇسىز چېتىپ تۇرىدىكەن،  ھەر ئىككى يۇرتنىڭ تۇپرىقى مۇنبەت ئىكەن ، يەرلىرىدە مىۋىلىك دەرەخلەر، ماتىريال ئۇرمانلىرى ئۇستۇرىلىدىكەن ، ھەر ئىككى يۇرتنىڭ  زىمىنىدا قۇملۇق، تۇغراقلىق، قۇمۇشلۇق، ساسلىق ، سايلىق ، يۇلغۇنلۇق  بار ئىكەن ، ھەر ئىككى يۇرت ئادەملىرىنىڭ ئۇلتۇراقلىشىش ئادىتى ئۇخشاش ئىكەن .  كىيىنىشىمۇ ئۇخشايدىكەن .كىشى ئىسىملىرىمۇ ئۇخشاش ئىكەن، ھەر ئىككى يۇرتتىكى كىشىلەر ھەيۋەتلىك قاراقۇرۇم  تاغلىرىدن ئېقىپ كەلگەن زەمزەمدەك تاتلىق سۇنى ئىچىدىكەن .  مەن بۇ ئەھۋاللارغا قاراپلا   شائىرنىڭ شېئىرلىرىنىڭ ماڭا شۇنچە يېقىملىق تۇيلىشىدىكى سەۋەپنى چۇشەنگەندەك بۇلدۇم .  . ئەتىسى چاقىلىق ناھىيىسىگە كەلدۇق ،مەن ئۇزەم كۇرۇشنى ئارزۇ قىلغان زىمىنغا قەدەم باسقانلىقىمدىن خۇشال بۇلدۇم . بىزگە چاقىلىق ناھىيىسىدە  ۋە چاقىلىق ناھىيىسىدىن كۇرلا شەھرىگىچە بۇلغان مۇساپە جەريانىدا  ھەمراھ بۇلغان  ساھىپخان – چاقىلىق ناھىيلىك سىياسى كېڭەشنىڭ  مەخسۇس ۋەزىپىدىكى  دائىمى ھەيئەت ئەزاسى   تۇرسۇن    ئىسلام           ئەپەندىدىن  كروران ئىلىنى مەركەز قىلىپ، بىلشكە تىگىشلىك بۇلغان سۇئاللارنى سۇراپ، نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىپ ئالدىم . بۇ يەردە قۇرۇلغان چاقىلىق كروران مۇزىيى مېنى ئۇزىگە تۇلىمۇ جەلپ قىلدى، بۇ مۇزېينى كۇرۇش ئارقىلىق  كروران ئىلىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا چۇشەنچە ھاسىل قىلدىم .   بۇ يەردىن خۇشلۇشۇش ئالدىدا چاقىلىق ناھىيىلىك سىياسى كېڭەشتىكى يۇلداشلارنىڭ ياردىمىدە « چاقىلىق ناھىيىلىك سىياسى كېڭەش تارىخى ماتىرياللىرى»نىڭ 3-، 4- قىسمىنى  تېپىۋالدىم ، گۇھەر تېپىۋالغاندەك خۇشال بۇلدۇم ،كېچىچە كىتاپتىن غالىپ بارات ئەرك ئەپەندىنىڭ كروران ئىلىگە دائىر قىممەتلىك باينلىرىنى ئۇقۇدۇم .   چاقىلىق  ، لۇپنۇرنى بېسىپ ئۇتۇپ كۇرلىغا بارغۇچە بۇلغان مۇساپە جەريانىدا  ئۇچرىغان كۇز يەتكۇسىز تۇغراقلىقلار ، قۇملۇقلار، يۇلغۇنلۇقلار، سايلىقلار ماڭا كروران ئىلىنىڭ سەلتەنىتىنى ئەسلەتتى.   يۇل باشلىغۇچىنىڭ  كروران ھەققىدىكى بىلىمى خېلى مۇل  بۇلسا كېرەك ، سۇئاللىرىمغا بىخۇدۇك ھالدا جاۋاپ بىرىپ قايىللىقىمنى قۇزغىدى . شۇنداق قىلىپ كروران ئىلى ھەققىدىكى چۇشەنچەم ئايدىڭلاشتى .  
     تارىم ۋادىسى بۇنىڭدىن نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى ئۇدۇن  خانلىقى ، كروران  خانلىقى ،  ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى ، بېشبالىق ، كۇسەن ئىلى، قاراخانىيلار  خانلىقى  دىگەن ناملاردا ئاتالغان . بۇ ناملار ھەم جۇغراپىيەلىك ئۇقۇمغا ئىگە ھەم مەدەنىيەت  خاسلىقىغا ئىگە ناملار بۇلۇپ ، رايۇنىمىزنىڭ قەدىمقى ئەھۋالىنى مۇشۇ ناملارنىڭ ئالاھىدىلىگىنى بىلمىگەن ، چۇشەنمىگەن  ئەھۋالدا تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس.رايۇنىمىزنىڭ  قەدىمقى ئەھۋالىنى چۇشىنىشىمىزدە مۇھىم رۇل ئۇينايدىغان بۇ ناملار ئىچىدە  ئۇمەر مۇھەممەتئىمىن  ئۇزىگە تەخەللۇس قىلىپ قۇللانغان « كروران » دىگەن نام ئۇزگىچىلىككە ۋە ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە بۇلۇپ ، ئۇمەر مۇھەممەتئىمىن ئەسەرلىرىنى چۇشۇنۇشتە  بۇ نامنىڭ مەنىسىنى چۇشەنمىسەك بۇلمايدۇ. چۇنكى، بۇ نام ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ، ئىجادىيەت مۇددۇئاسىنى چۇشۇنىشنىڭ ئاچقۇچى . كروران  ئىككى  خىل مەنىگە ئىگە بۇلۇپ بىرى كروران ئىلىنى كۇرسىتىدۇ، يەنە بىرى كروران ئىلىنىڭ   مەركىزى شەھرى بۇلغان كروران قەدىمقى شەھرىنى  كۇرسىتىدۇ . ھازىر  كىشىلەر ئېغىزىدا دىيىلىۋاتقىنى دەل كروران شەھرى بۇلۇپ  بۇ كروران شەھرى  - قەدىمقى زاماندىكى بىر يەرنامى بۇلۇش سۇپىتى بىلەن  ئۇنىڭ ئۇرنى ھازىرقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ لۇپنۇر كۇلىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى بىر قۇملۇققا تۇغرا كىلىدۇ  ، يەنى مۇشۇ قۇملۇقتىكى بىر خارابە ئىزىنى كۇرسىتىدۇ . بۇ جاي چاقىلىق ناھىيىسى تەۋەسىگە تۇغرا كىلىدۇ . بۇ جاي بىلەن چاقىلىق ناھىيە بازىرىنىڭ ئارىلىقى 220 كىلۇمېتىر، لۇپ كۇلىنىڭ ئارىلىقى 28 كىلۇمىتېر،  كۇنچى دەرياسىنىڭ ئېقىنىغا يەتتە كىلۇمېتىر كىلىدۇ .  بۇ نام كەڭ  دائىرە  جەھەتتىن تارىم ئۇيمانلىقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋەكلىرىدىكى  قۇمغا كۇمۇلۇپ كەتكەن قەدىمقى بۇستانلىق ۋە  شەھەرلەرىنىڭ  تارىخى نامىنى كۇرسەتسە ، تار دائىرىدە نۇرغۇن شەھەرلەردىن تۇزۇلگەن ئەمما ۋەيران بۇلغان  شەھەر خارابىسى  ئىچىدىكى بىر  قەلئەنى  كۇرسىتىدۇ . ئەمما بۇ نام  ھازىر قانداق ئۇرۇننى كۇرسىتىشىدىن قەتئى نەزەر  بىزنىڭ قەدىمقى مەدەنىيەت ، مەۋجۇتلۇق ھالىتىمىزنى كۇرسۇتۇپ بىرىدىغان نام بۇلۇپ ، كروران دىمەك – تارىم دىمەكلىكتۇر، كروران مەدەنىيىتى دىمەكلىك – تارىم مەدەنىيىتى دىمەكلىكتۇر. تارىم مەدەنىيىتى دىمەكلىك – ئۇيغۇر مەدەنىيىتى دىمەكلىكتۇر. مۇنداقچە ئالغاندا كروران – ئاتا-بۇۋىللىرىمىزنىڭ  تارىم ۋادىسىغا قالدۇرۇپ كەتكەن سىرلىق مەدەنىيەت مۇزىيىدۇر، سىرلىق تىلسىمات دۇنياسىدۇر، بىباھا ئەنگۇشتەرىدۇر، دۇنيا ئىلىم ئەھلىنىڭ نەزىرى چۇشكەن ماكاندۇر، تارىخ بەتلىرىدن مەڭگۇ ئۇڭۇپ كەتمەيدىغان ئىزنادۇر، قەدىمقى تارىم مەدەنىيەت  ئۇپىقىدا بالقىغان    قۇياشتۇر. بىز بۇ يەردىكى قۇملۇقتىن ، ھەر بىر  قۇم دانچىسىنىڭ ئەكسىدىن ، خارابە ئىزىدىن ، يارداڭلىقتىن ئەژداتلارنىڭ سىماسىنى كۇرۇپ ئالالايمىز، ئۇلار بىلەن خىيالەن ئۇچىرىشىمىز، رېشتىمىزنى باغلايمىز. كروران دىگەن بۇ نام قەدىمقى نام بۇلۇپ،  ئۇ ئەژداتلىرىمىز قۇرغان بىر خانلىقنىڭ دۇلەت نامىدۇر.  بۇ نام بۇگۇنكى زاماندا  ئەينى دەۋردە  زىمىنى چۇڭ بۇلغان ، مەدەنىيىتى تەرەققى قىلغان  كروران ئىلىنىڭ پايتەختى بۇلغان بىر شەھەر نامىنى بىلدۇرۇدىغان نام بۇلۇپ قالدى.  ئەمما شۇنداق بۇلسىمۇ بۇ نامنىڭ قىممىتىنىڭ تۇۋەنلىگىنى يۇق ، بەلكى بۇ نام بۇگۇنكى كۇندە بىزنىڭ قەدىمقى پارلاق تارىم مەدىنىيىتىنىڭ ئىگىللىرى بۇلۇشتەك ئۇبرازىمىزنى ئىپادە قىلىشنىڭ ۋاستىسى سۇپىتىدە دۇنياۋىي تۇس ئالماقتا.مانا بۇ ، شائىر ئۇزىگە تەخەللۇس  قىلىپ تاللىغان ۋە ئەسەرلىرىدە قۇللانغان كروران دىگەن نامنىڭ مەنىسدۇر.مەن بۇ قېتىمقى سەپەردە  ئۇزۇن مۇساپىنى بېسىپ لۇپنۇر ناھىيىسىگە يىتىپ كەلدىم .  لۇپنۇر ناھىيىلىك سىياسى كېڭەش  بىزنىڭ شەرىپىمىزگە  لۇپنۇر ناھىيە داشى كانتە تەۋەسىدىكى لۇپنۇرلۇقلار ئارامگاھىغا  كۇتېۋىلىش سۇرۇنى ھازىرلىغان ئىكەن ، بىز بۇ يەردە قەدىمقى كرورانلىقلارنىڭ ئەژدادى بۇلغان   لۇپنۇرلۇقلارنىڭ  ئەنئەنىۋىي تائاملىرىغا ئېغىز تەگدۇق . كۇتۇۋېلىش سۇرۇنى رەسمۇ باشلانمىغان پۇرسەتتە بىز ئۇزىمىزنىڭ لۇپنۇرلۇقلار كەنتىنى كۇرۇش ئارزۇيۇمىزنى بىلدۇرۇدۇق ، ئۇلار بىزنى ئەتىگىچە ئاپىرىدغانلىقىنى بىلدۇردى ، لېكىن بىزمۇ پىكىرىمىزدە چىڭ تۇرۇپ ، ئۇلارنى بىزنى ئۇ يەرگە باشلاپ بېرىشقا كۇندۇردۇق . مەن بۇ يەرگە كىلىپ   قەدىمقى كروارانلىقلارنىڭ ئۇلتۇراق ئادىتىنى كۇرۇپ ، بۇنىڭدىن نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى لۇپ كۇلى بۇيلىرىدا ياشىغان كرورانلىقلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتىنى كۇرگەندەك بۇلدۇم . تارىم دەرياسىنىڭ ئاياغ ئېقىنى ، ئېقىندا ئېقىۋاتقان سۇ ، ئېقىن بۇيلىرىدا قەد كۇتۇرۇپ تۇرغان قەدىمقى بەھەيۋەت تۇغراقلار ، چەكسىز كەتكەن قۇم بارخانلىرى ، سۇلۇق يەرلەر، قەدىمقى ئۇسۇلۇپتىكى ئۇلتۇراق ئۇيلەر ، تۇرمۇش لاۋازىمەتلىكلىرى  ... بۇنداق يەرلەرنى مەن پەقەت رەسىملەردىنلا كۇرگەن ئىدىم ، لۇپنۇر مەشىرىپىنىڭ كۇرىنىشلىرىدىنمۇ كۇرگەن ئىدىم . شۇ چاغلاردا مەن  بۇنداق يەر ئېھتىمال فۇتۇگرافلارنىڭ تەسەۋۇرىنىڭ نەتىجىسى بۇلىشى مۇمكىن ، دەپ ئۇيلىغان ئىدىم . لېكىن ئەمىلىي ئەھۋالنى كۇرۇپ بۇنىڭ تەسەۋۇرنىڭ مەھسۇلى ئەمەس بەلكى ئەمىلىيەت ئىكەنلىگىگە ئىشەندىم . بۇ يەر قەدىمقى كرورانلىقلارنىڭ ئەژداتلىرى بۇلغان  لۇپنۇرلۇقلار  ياشىغان جايلار بۇلۇپ ، بۇ يەرنى كۇرۇۋېتىپ ئۇردەك ئۇماق ( ئەسلى ئىسمى ئۇسمان ) نىڭ سۇغا چۇمۇلىۋاتقان ھالىتىنى ، ئۇنىڭ ئەژداتلىرىنىڭ قەدىمقى  ھياتلىق ئىزلىرىنى يەنى كروران شەھرىنى تېپىش ئۇچۇن بۇ يەردىن يۇلغا چىققان ھالتىنى كۇز ئالدىمغا كەلتۇردۇم . ۋاقىتنىڭ قىسقا بۇلىشىغا قارىماي كروران ھەققىدە ، كرورانلىقلار ۋە لۇپنۇرلۇقلار ھەققىدە نۇرغۇن يىڭى بىلىمگە ئىگە بۇلغانلىقىمدىن مەمنۇنىيەت ھېس قىلدىم .

ئۇمەر مۇھەمەت ئىمىننىڭ كروران نامىنى  تەخەللۇس قىلىشىنىڭ ئارقا كۇرىنىشى ھەققىدە



     دۇنيادا سەۋەپسىز ئىش بۇلمايدۇ ، ھەرقانداق بىر ئىشنىڭ ئۇزىگە لايىق سەۋىبى بۇلىدۇ ، ئەلبەتتە ئۇمەر مۇھەممەت ئىمىننىڭ  كروران دىگەن نامنى تەخەللۇس قىلىپ  قۇللۇنىشىنىڭمۇ  ئۇزىگە لايىق سەۋىبى بار.بۇ يەردىكى  سەۋەپ دەل ئۇمەر مۇھەممەت ئىمىننىڭ يۇقىرىقىدەك خىسلەتكە باي ماكاندا تۇغۇلۇپ   قۇيۇق  كروران مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرى بىلەن ئەقلىگە كىرىپ چۇڭ بۇلغانلىقى شۇنداقلا  كروراندىن ئىبارەت بۇ نامنىڭ تارىخىمىزدا    مۇھىم  ئۇرۇن تۇتىدىغانلىقىنى بىلىپ يەتكەنلىگىدە.
   مەن ئالىي مەكتەپتە ئۇقۇغان ۋاقتىمدا نۇرغۇن يازغۇچىلارنىڭ ھەر خىل ئېھتىياج تۇپەيلىدىن ئۇزلىرىگە تەخەللۇس قۇيىدىغانلىقى  ، تەخەللۇسنىڭ ئاپتۇرنىڭ قانۇنلۇق نامىغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى  بىلىملەرنى ئۇقۇغان ۋە ئۇزىمىزنىڭ كىلاسسىك ئەدەبىياتىدا ، چەتئەل ئەدەبىياتىدا ، جۇڭگۇ ئەدەبىياتىدا  تەخەللۇس قۇللانغان يازغۇچىلارنىڭ ئەھۋالى بىلەن تۇنۇشقان ئىدىم ، ئۇلار قۇللانغان تەخەللۇسلارنىڭ  مەنىللىرى ، ئەھمىيىتى ، قىممىتى ،  بۇ  تەخەللۇسنىڭ  تەخەللۇس  قۇللانغۇچى قەلەم ساھىبلىرىنىڭ ئىجادىيىتى ، دۇنيا قارىشى بىلەن بۇلغان ئۇرتاقلىقى ھەققىدىكى تەتقىقات ئەھۋاللىرىدىنمۇ خەۋەردار بۇلغان ئىدىم . شۇندىن كىيىن مەندە يازغۇچى-شائىرلار قۇللانغان تەخەللۇسقا  قارىتا بىر خىل قىزىقىش تۇيغۇسى پەيدا بۇلدى ، رەسمىي كىتاپخانلىق ھاياتىمنى باشلىغاندىن كىيىن بىزدىمۇ 20-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدىن باشلاپ بىر تۇركۇم ئۇت يۇرەك قەلەم ساھىبلىرىنىڭ تەخەللۇس قۇللۇنۇشقا باشلىغانلىقى  ۋە قۇللانغانلىقى ھەققىدىكى مەلۇماتلاردىن خەۋەردار بۇلدۇم . بۇگۇنكى كۇندە  بۇ ھەقتىكى ئەھۋالغا نەزەر سالسام تەخەللۇس قۇللۇنۇش بىزدىكى بىر خىل ئەنئەنە  ئىكەن ، نۇۋەتتە ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۇز قۇشۇنىدىكى يازغۇچى-شائىرلارنىڭ  تەخەللۇس قۇللۇنۇش نىسپىتى يۇقۇرى پەللىگە يەتكەن باسقۇچتا تۇرىۋاتىدۇ . بىزدە يىڭى بىر قېتىملىق ئەدەبىي تەخەللۇنۇس قۇللۇنۇش باسقۇچى 21-ئەسىرنىڭ ئالدى-كەينىدە باشلانغان بۇلۇپ ، نۇۋەتتە تەخەللۇس قۇللانغان قەلەم ساھىبلىرىنىڭ سانى خېلى بار. تەخەللۇس قۇللانغان  قەلەم ساھىبلىرى ئىچىدە پىشقەدەملەرمۇ بار، ئۇتتۇرا ياش  ۋە ياشلارمۇ بار،  ئىجادىيەت يۇلىغا ئەمدىلا قەدەم بېسىش ئالدىدا تۇرغان ھەۋەسكارلارمۇ بار، ئاياللارمۇ بار.ئەرلەرمۇ بار. ھەتتا  تۇنجى ئەسىرىنى تەخەللۇس بىلەن ئېلان قىلىۋاتقانلارمۇ بار.تەخەللۇس قۇللانغانلار ئىچىدە ساپ ئەدەبىيات بىلەن شۇغۇللانمايمۇ ئاخبارات ئەسەرلىرى ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللۇنۇۋاتقانلارمۇ بار .ئەمما بىزدە تەخەللۇس قۇللانغانلار كۇپ بۇلسىمۇ ، قۇللۇنۇلغان تەخەللۇسلار   كۇپ بۇلسىمۇ لېكىن قۇللۇنۇلغان تەخەللۇسلارنى تەتقىق قىلىش، تەخەللۇسنى يازغۇچىنىڭ ئۇمۇمى ئىجادىيەت ئەھۋالى بىلەن قۇشۇپ تەتقىق قىلىش ئىشى ئىشلەنمىدى، بۇ ھەقتىكى گەپ-سۇزلەر باشقا مىللەتلەرنىڭ تەخەللۇسنى مەخسۇس تەتقىق قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش ۋە ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتە خاس ئەسەرلەرنى يازغانلىقىنى ئەسكەرتىشنىڭ نېرىسىغا ئۇتمىدى . شۇڭا تەخەللۇسنى قۇيۇش، قۇللۇنۇش مەسىلىسىدىكى تەتقىقات  بىزدە ئېچىلمىغان بۇز يەر پېتى قېلىۋەردى ، 20-ئەسىرنىڭ 80-، 90- يىللىرى بىزدە شائىر ئابدۇخالىق  ئابدۇراخماننىڭ « ئۇيغۇر » دىگەن ئېتنىك نامىمىزنى تەخەللۇس قىلىپ قۇلانغانلىقىنى ، 90-يىللاردا زۇردۇن سابىرنىڭ « سەبرى » دىگەن سۇزنى تەخللۇس قىلىپ قۇللانغانلىقىنى ئازراق تەتقىق قىلغانلىقىمىزنى ھىساپقا ئالمىغاندا كۇپلىگەن قەلەم ساھىبلىرى قۇللانغان تەخەللۇسلار  تەتقىقاتنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلدى .  شۇڭا بىز بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتنى قانات يايدۇرىشىمىز كىرەك. بىلىشىمىز كىرەككى، تەخەللۇس  بىر خىل  ئەدەبىي ھادىسە،ئۇنىڭ بارلىققا كىلىشى  تەسادىبىيلىقنىڭ ئەمەس بەلكى ئەدەبىياتنىڭ تەرەققى قىلغانلىقىنىڭ مەھسۇلى. شۇڭا ئۇنى قۇللۇنۇشمۇ بىر خىل ئەدەبىي ھادىسە ھىساپلىنىدۇ . ئۇ تەسادىبىي ھالدا مەيدانغا كەلمەيدۇ ، يازغۇچى-شائىرلارنىڭ ئىجادىيەت مۇددۇئاسى ، مەقسىدى ، ئارزۇسى ، غايىسىنى ئاشكارىلاش زۇرۇريىتىىدىن بارلىققا كىلىدۇ .  تەخەللۇس- مەزمۇنلۇق  ، ئىخچام ، سىمۋۇللۇق مەنىسى چۇڭقۇر  سۇزلەردىن تۇزىلىدۇ .  مۇئاييەن بىر تەخەللۇس شۇ تەخەللۇسنى قۇللانغان قەلەم ساھىبىنىڭ ئىجادىيەت مۇددۇئاسىنى ، ئارزۇ- ئىستىكىنى . قىممەت قارىشىنى ، كەچۇرمىشىنى نامايەن قىلىپ بىرەلەيدۇ .  تەخەللۇس قۇللۇنۇش ئىجادىيەت بەيگىسىدىكى قەلەم ساھىبلىرىنىڭ ئىختىيارىدىكى ئىش بۇلۇپ  ھىساپلىنىدۇ . ئەمما ئۇنى قۇللۇنۇش ئىختىيارى ئىش بۇلغىنى بىلەن قۇللانغاندىن كىيىنكى  تەخەللۇس بىر خىل مەجبۇرىيەت، مەسئۇلىيەت بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ .ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭ ئەھدىسدىن چىقىش ، تەخەللۇس بىلەن ئىجادىيەتنى ، كىتاپخانلارنىڭ نەزىرىنى ئۇرتاقلىققا ئىگە قىلىش – تەخەللۇس قۇللانغۇچى ئادا قىلىش زۇرۇر بۇلغان شەرت ھىساپلىنىدۇ . بىزدە تەخەللۇس قۇللانغۇچىلار كۇپ بۇلغاننىڭ ئۇستىگە بۇ تەخەللۇسلارنى ئىجادىيەت نۇقتىسىدىن تەھلىل-تەتقىق قىلىش خىزمىتى ئىشلەنمىدى، تەخەللۇس قۇللانغۇچىلاردا قۇللانغان  تەخەللۇسنىڭ  مەنا قاتلىمىنى ئادا قىلىشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ، مەجبۇرىيەت ئېڭى سۇس بۇلدى ، شۇڭا قۇللۇنۇلغان تەخەللۇسلار كۇپ ، ھەيۋەتلىك ، دەبدەبىلىك بۇلسىمۇ ئۇنىڭ ئېتىبارى بۇلمىدى.بەزىدە  تەخەللۇس تەخەللۇس قۇللانغان قەلەم ساھىبلىرىنىڭ ئۇزى تەرپىدىن ئېتىبارغا ئېلىنمىدى. بەزى قەلەم ساھىبلىرى ئۇزى قۇللانغان تەخەللۇسلارنىڭ ئەھدىسىدىن چىقىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلالمىدى،( مەنمۇ تەخەللۇس قۇللانغۇچى ، مەن بۇ تەخەللۇسنىڭ ئەھدىسىدىن چىقتىممۇ ياكى  چىقمىدىممۇ بۇنىڭغىمۇ  تارىخ باھا بىرىدۇ )  بەزى يازغۇچىلارنىڭ ، شائىرلارنىڭ تەخەللۇسى بىلەن ئىجادىيىتى ئۇتتۇرسىدىكى ئۇرتاقلىق ، بىردەكلىك ئەمەلگە ئاشمىدى، بەزىلەر تەخەللۇسنى قۇللۇنۇپ قۇيۇپ خالىسا ئىشلەتتى، خالىمىسا ئىشلەتمىدى ، يېرىم يۇلدا تاشلاپ قۇيدى ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا يەنە بىر خىل تەخەللۇسنى بىر نەچچە ئادەم ئۇرتاق قۇللۇنىدىغان  ئەھۋال مەۋجۇت بۇلدى.بۇنىڭ بىلەن بىزدە تەخەللۇس پاخاللىقى، تەخەللۇس ئېتىبارسىزلىقى ئەھۋالى كىلىپ چىقتى .  ئەمما ئۇمەر مۇھەممەت ئىمىن  بۇ تەخەللۇسنى قۇللانغاندىن كىيىن تەخەللۇسنىڭ يىڭى ، ئۇزگۇچە ، مەزمۇنلۇق ۋە مۇستەقىل ، سىمۋۇللۇق بۇلۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلىپ ۋە ئەسەرلىرىنىڭ مەزمۇنىدا  كروران ئىلىنىڭ قەدىمقى ، ھازىرقى ئەھۋالىنى نامايەن قىلىپ ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا تەخەللۇسشۇناسلىق سەھىپىسىدە يىڭى بەت ئاچتى .   بۇ نام ئۇنىڭغا خۇددى ئالتۇن ئۇزۇككە ياقۇت كۇز قۇيغاندەك ياراشقان بۇلغاچقا ئۇ، جامائەت  تەرىپىدىن مۇشۇ نامدا ئاتىلىشقا باشلىدى ،  جامائەت ئۇنى شۇ نامدا ئاتاشقا ئادەتلەندى ، ئۇنىڭ شۇنداق نامدا ئاتىلىشىنى مۇئاپىق كۇردى.  ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۇقۇغان ئادەملەر بۇگۇنكى كۇندە ئۇنىڭ مۇشۇ نامدا ئاتىلىشىنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىگىنى ئېتىراپ قىلىشتى ،  بۇگۇنكى كۇندە كىتاپ ئۇقۇيدىغان  ئادەملەر، ئەدەبىيات ئەھلى، مەدەنىيەت  ۋە تەرەققىياتقا ئىنتىلىدىغان ئادەملەر سۇھبەت قۇرۇشۇپ ، كىتاپ، ئەدەبىيات، مەدەنىيەت ھەققىدە گەپ قىلىشسا ۋە گەپ  ئۇمەر مۇھەممەت ئىمىن ئەسەرلىرى ھەققىدە  بۇلسا  ئۇنى ئىككىلەنمەي « كرۇران » دەپلا ئاتىشىدىغان بۇلدى. « كرۇران »دىگەن تەخەللۇس « ئۇمەر مۇھەممەت ئىمىن » دىگەن خاس ئىسىمغا ۋەكىللىك قىلىدىغان نامغا ئايلاندى .ئۇمەر مۇھەممەت ئىمىننىڭ    كروران دىگەن نامنى تەخەللۇس قىلىپ قۇللۇنىشىنىڭ ئەھمىيىتى ئۇنىڭ خاسلىققا ، يەرلىك ئالاھىدىلىككە ، ئۇزاق تارىخقا ئىگە بۇلغان پارلاق مەدەنىيىتىمىزنىڭ شانلىق سەھىپىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان نامنى جۇلالاندۇرغانلىقىدا بۇلدى . بۇ تەخەللۇسنى ئۇزىنىڭ پەقەت قەدىمقى كروران ئىلى تەۋەسىدە تۇغۇلغانلىقىنى نامايەن قىلىش ئۇچۇنلا قۇللانماي ئەكسىنچە ئۇنى نامىغا قېتىپ ، شېئىرلىرىغا يۇغۇرۇپ ، تەخەللۇس ۋە شئىېر ئارقىلىق كىشىلەرگە  ئۇنتۇلغان تارىخنى ، مەدەنىيەتنى ، ئىزلارنى بىلدۇرمەكچى  بۇلغانلىقى ، بىلدۇرگەنلىگى بۇلدى  ، ئەژدات رۇھى بىلەن ئەۋلاد رېشتىنى چاتقانلىقى ، بىزگە يىلتىزىمىزنى بىلدۇرگەنلىگى بۇلدى.  . بۇ نامنى قۇللۇنۇش ئۇنىڭ شئىر بىلەن مىللەت، شېئىر بىلەن  مەدەنىيەت، تارىخ   ،مەۋجۇتلۇق ،  شېئىر بىلەن ئۇتمۇش  ،  ھازىر ۋە كەلگۇسىنىڭ مۇناسىۋىتى  ھەققىدە ئەتراپلىق ئۇيلۇنۇپ ، شئىېر مىللەتنىڭ  مەنىۋىي بايلىقى ، شئىېر ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىدە يۇقىرىقى ئەھۋاللار ھەققىدە ئىزگۇ چۇشەنچە پەيدا قىلغىلى بۇلىدۇ ، دەپ يەكۇن چىقارغانلىقىنىڭ نەتىجىسدۇر.شۇڭا ئۇنىڭ بۇ نامنى تەخەللۇس قىلىپ قۇللانغانلىقى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئەدەبىي تەخەللۇسشۇناسلىق  ساھەسدىكى بىر بۇسۇشتۇر، تەخەللۇسشۇناسلىق تارىخىمىدىكى يارقىن نامايەندەدۇر.
     شۇنى ئالاھىدە كۇرسۇتۇش كىرەككى، ئۇ مەزكۇر تەخەللۇسنى قۇللۇنۇپ بۇلغاندىن كىيىن يەنى 2000-يىللاردا  ئۇزى  باش بۇلۇپ نەشىر  قىلدۇرىۋاتقان ئەسلىدىكى ژۇرنال « بۇستان »نىڭ   ئاشكارا  تارقىتىلىشىنى قۇلغا كەلتۇرۇش، تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىش ، ژۇرنالنى تېخىمۇ كۇپ كىشىلەرنى كۇرۇش ئىمكانىيىتگە ئىگە قىلىش جەھەتتە ئىزدىىپ ، ياخشى ئۇنۇمگە ئېرىشكەن . بۇ جەھەتتە بۇ ژۇرنالنىڭ كىتاپخانلار قەلبىدىكى تەسىرىنىڭ  ھېلىھەم يۇقىرلىقى قارىشىمىزنىڭ دەلىلىدۇر.ئۇ ، بۇ جەرياندا بايىنغۇلىندا   چىقىرىلىۋاتقان خەنزۇچە ، مۇڭغۇلچە  يېزىقتىكى ژۇرناللارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كېڭىشىپ  ، بۇ ژۇرناللارنى ئاشكارا تارقىتىش ئىمكانىيىتگە ئىگە قىلشنىڭ پىكىر-يۇللىرى ئۇستىدە ئىزدىنىپ ، ئاخىرقى ھىساپتا بۇ ژۇرناللارنىڭ نامىنى بىردەك « كروران » دەپ ئاتاشقا كىلىشكەن . لېكىن بۇ  ھەقتىكى  ئىشى  ھە دىگەندە  خەيرىلىك بۇلىۋەرمىگەن. لېكىن ئۇ رەھبەرلىكنىڭ قۇللىشىنى قۇلغا كەلتۇرۇپ ژۇرنالنى « كروران » نامىدا چىقىرىش ئارزۇسىغا يەتكەن . شۇنداق قىلىپ  ئۇنىڭ تەخەللۇسى جۇغراپىيەلىك ئۇقۇمنى بىلدۇرىدىغان كروران ، مەدەنىيەت يىلتىزىنى بىلدۇرۇدىغان كروران ،  بايىنغۇلىندا ئۇيغۇر تىلىدىا چىقىدىغان  ئەدەبىي ژۇرنال « كروران» نىڭ نامىدىن ئىبارەت ئۇچ نامنىڭ يۇغۇرۇلمىسى بۇلۇپ قالغان . مىنىڭ يۇقىرىدا  ئۇنى تەخەللۇسشۇناسلىق ساھەسىدە يىڭى بەت ئاچتى، ئۇنىڭ ئۇزىگە بۇ  نامنى قۇيىشى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئەدەبىي تەخەللۇسشۇناسلىق  ساھەسدىكى بىر بۇسۇشتۇر، دەپ تەرىپلىشىم ۋە بۇ تەخەللۇسنى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا  تەخەللۇسشۇناسلىق تارىخىمىدىكى يارقىن نامايەندەدۇر، دەپ تەرىپلىشىمنىڭ سەۋبى دەل مۇشۇ يەردە.


    كروران نامىنىڭ ئۇمەر مۇھەممەتئىمىن ئەسەرلىرى بىلەن بۇلغان باغلىنىشى تۇغرىسىدا .



      ئۇمەر مۇھەممەتئىمىن – بۇ نامنى 2000-يىللارنىڭ باشلىرىدا  تەخەللۇس قىلىپ قۇللانغان بۇلۇپ ، بۇ مەزگىل ئۇنىڭ شئىېرىيەت ئىجادىيىتىدە نىمىنى يېزىش ۋە قانداق يېزىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ بۇلغان ۋاقىتلىرى ئىدى .  يۇقۇرىدا كۈرسۈتۈپ ئۆتكۈنىمىزدەك     ئۇ ،بۇ تەخەللۇسنى 2000-يىللاردىن باشلاپ قوللۇنۇشقا باشلىغان  بۇلۇپ ، ئۇنىڭ  بۇ مەزگىلدە بۇ نامنى تەخەللۇس قىلىپ قۇللىنىشى ،  ئۇنىڭ شئىېىريەت ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللۇنۇشنى    خەلق ، مىللەت ، دەۋر ئالدىدىكى بىر خىل مەجبۇرىيەت ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلغانلىق  ، دەپ قارىغانلىقىدىن بولغان .شۇڭا  ئۇنىڭ « كروران » دىگەن بۇ نامنى تەخەللۇس قىلىپ قۇللانغان ۋاقىتىنى ئۇنىڭ  ئىجادىيەت قارىشى ، دۇنيا  قاراشى جەھەتتە يۇكسۇلۇش ھاسىل قىلغان دەۋرى ، دەپ ئېيتىشقا بۇلىدۇ .جۇملىدىن مۇشۇ تەخەللۇسنى قۇللانغانلىقىنىڭ ئۇزىنىلا شائىرنى  ئىجادىيەت مۇددۇئاسى جەھەتتە بۇرۇلۇش ياسىدى، ئىجادىيىيەت يۇلىدا  يىڭى سەھىپە ئاچتى،  ئىجادىيەتنى كۇڭۇل خۇشى ئۇچۇن ئەمەس بەلكى خەلق ، مىللەت ئۇچۇن خىزمەت قىلدۇرۇشقا باشلىدى ، دەپ قاراشقا بۇلىدۇ . بىز ئۇنىڭ 2000-يىللاردىن كىيىن ئېلان قىلغان ئەسەرلىرىنىڭ كىتاپخانلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەنلىگىنىڭ سەۋىبىنى يۇقىرقى نۇقتىلاردىن كۇرۇشكە ھەقلىقمىز .چۇنكى ،ئىلگىرى شائىرمۇ  قىممىتى ، ئەھمىيىتى بۇلمىغان تۇرمۇش دېتاللىرى ھەققىىدە ئەسەر يېزىپ كۇڭلىنى  خۇش قىلىش خاھىشىدىن خالى بۇلالمىغان ئىدى . ئۇنداق بۇلسا شائىر 2000-يىللاردىن كىيىن نىمىنى يازدى؟  قانداق يازدى ؟ مۇھاكىمىمىز مۇشۇ سۇئاللار ئاساسىدا بۇلىدۇ .
    شۇنى كۇرسۇتىش كىرەككى، بىز يۇقىرىدا ئۇمەر مۇھەممەتئىمىننىڭ بۇ نامنى تەخەللۇس قىلىپ قۇللۇنىشىنىڭ سەۋىبى ھەققىدە تۇختالدۇق . بۇ يەردە ئاپتۇرنىڭ  بۇ نامنى تەخەللۇس قىلىپ قۇللۇنۇش ئارقىلىق ،  تەخەللۇس  بىلەن شئېرنىڭ ئۇرگانىك باغلىنىشنى  نامايەن قىلىپ  ، تارىخىمىزنى ، مەدەنىيىتىمىزنى   ئۇزىمىزگە ، جاھان ئەھلىگە بىلدۇرمەكچى بۇلغانلىقىنى ئۇنىڭ  ئىجادىيەت  مۇددۇئاسى ، دەپ چۇشەندۇق . بىز بۇ قارىشىمىزنى ئىسپاتلاش ئۇچۇن ئۇنىڭ شېئىرلىرىغا مۇراجەت قىلىمىز. ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى ئۇقۇساق   كۇز ئالدىمىزدا چەكسىز كەتكەن قۇم بارخانلىرى ، تۇغراقلىقلار،يۇلغۇنۇلقلار،  يارداڭلىقلار، تەبىئى ئېقىنلار، تەپتى تۇنۇردەك قىززىپ كەتكەن تەبىئى مۇھىت، تاقىرباش تاغلار،  تەكلىماكان بۇيلىرىدا قەد كۇتۇرۇپ تۇرغان قەدىمقى شەھەر قەلئەلىرى ، خارابىلىقلار، بۇ يەردە ئۇتكەن ئالىم ئەللامىلار، پالۋانلار، قەھرىمان – باتۇر شەخسلەر ، ئۇز تۇرمۇشى بىلەن ھەلەك بۇلىۋاتقان ھازىرقى زامان ئادەملىرى  كۇز ئالدىمىزدا نامايەن بۇلىدۇ .بۇ كۇرىنىشلەرنى  بىز كروران ئىلى ۋە تارىم بۇيلىرىنىڭ ئىخچام كۇرىنىشى دىسەك ، ئۇ ھالدا ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى  دەل مۇشۇنداق كۇرىنىشتىكى ماكاننىڭ ئۇخشاش بۇلمىغان دەۋر، زاماندىكى ھالتىنىڭ بەدىئى كارتىنىسىدۇر، دەريمىز .  بىز بۇ تەسۋىرلەردىن  شائىرنىڭ كروران ئىلىنى ، تارىم بۇيلىرىنى ، تەكلىماكان قۇملىقلىرىدىكى ھاياتلىق ئىزنالىرىنى ئىجادىيەت ماكانى قىلىپ ، مۇشۇ ئۇرۇننىڭ تارىخى، مەدەنىيىتىنى ، جۇغراپىيەلىك شارائىتىنى ، مۇشۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ياشاش ئادىتىنى ، تۇرمۇشىنى ، ئارزۇ-ئارمانىنى ئېستىتىك تەلىپىنى ، ئۇرۇپ-ئادىتىنى ، سەنئەت بايلىقىنى تەسۋىرلەشكە بەك ئەھمىيەت بەرگەنلىگىنى بىلىپ ئالالايمىز. ئىجادىيىتىنى ماكان ئامىلىغا ئىگە قىلغان بۇ ئالاھىدىلىك دەل شائىرنىڭ ئىجادىيەتتە مۇئاپىقىيەت قازىنىشىنىڭ تۇپكى ئامىلىدۇر.  ئەگەر ئۇ ، ئىجادىيەتتە ئەسەرلىرىنىڭ مەلۇم  ماكانغا ئىگە بۇلۇشقا ئەھمىيەت  بەرمەي،  ئىجادىيەتتىكى ماكان ئۇقۇمىنى گەۋدىلەندۇرمەي ، دىققىتىنى چېچىپ ، نەزىرىنى   ھەممە ياققا چاچقان بۇلسا ، ھەممە تۇرمۇش ساھەسىنى تەسۋىرلەۋەرگەن بۇلسا ،ئۇ  ھالدا  ئۇنىڭ ئىجادىيىتىدە مۇئاييەن ماكاننى مەركەز قىلغان  مەزمۇن، پىكىر ئىزچىللىقى گەۋدىلەنمىگەن بۇلاتتى-دە ئۇ ھالدا ئەسەرلىرى ئۇقۇشچانلىققا ئىگە بۇلالمايتتى،  « كروران » دىگەن تەخەللۇسنىڭ ئەسەلىرىدە نامايەن قىلالمىغان بۇلاتتى. بۇ تەخەللۇسنىڭ  سالىمىقىنى گەۋدىلەندۇرەلمىگەن بۇلاتتى. ئۇزىمۇ تەخەللۇس ئىسراپچىلىقى   سادىر قىلغۇچىلاردىن بۇلۇپ قالغان بۇلاتتى. ئاپتۇرنىڭ شېئىرلىرى ئالدى بىلەن قۇيۇق مەدەنىيەت پۇرىقىغا ئىگە بۇلۇپ ، بۇ خىل پۇراق شائىرنىڭ كروران  ئىلىنى، تارىم ۋادىسىنى ئالدى بىلەن مەدەنىيەت ئاپرىدە بۇلغان جاي ، دەپ قارىغانلىقىدىن بۇلغان . تارىخى پاكىتلار شۇنى قايتا-قايتا ئىسپاتلىدىكى كروران ئىلى تەۋەسىدىكى كروران شەھرى  ئالدى بىلەن ئەژداتلىرىمىز مەدەنىيەت ئاپرىدە قىلغان جاي ھىساپلىنىدۇ . 1900-يىلى  ئۇيغۇر يىگىتى ئۇردەكنىڭ تەسادىبىي ۋەقە تۇپەيلىدىن بۇ يەرگە بېرىپ قېلىشى ۋە كىيىنكى يىلى شىۋېتسىيەلىك دۇكتۇر ، ئېكىسپىدىتىسيىچى سېۋىن ھېدىننىڭ بۇ يەردە تەكشۇرۇش ئېلىپ بېرىشى سەۋەپلىك بۇ يەردىكى قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئاشكارىلىنىپ ، دۇنيادا كروران قىزغىنلىقى كۇتىرىلگەن. كيىنىكى پاكىتلار بۇ جاينىڭ مەدەنىيەت ئاپرىدە بۇلغان جايلا ئەمەس بەلكى شەرق غەرپ مەدەنىيىتى ئۇچراشقان ،  تەسىر كۇرسۇتۇشكەن جاي ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلىغان . شائىر مانا مۇشۇنداق ئارقا  كۇرىنىشكە ئىگە بۇلغان زىمىندا تۇغۇلغانلىقى، چۇڭ بۇلغانلىقى ئۇچۇن بۇ يەرنىڭ مۇشۇنداق ئالاھىدىلىگىدىن ئۇزۇق ئالغان ۋە ئۇنى شئېىرلىرىدا ئىپادىلەپ ، ئاخىرىدا ئۇز ئەسەرلىرىنى مۇشۇنداق قۇيۇق مەدەنىيەت پۇرىقىغا ئىگە قىلغان . مەن ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ، 1991- يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان  «باشئەگىم نەزمىلىرى» ناملىق شېئىرلار  توپلىمى، 1993 - يىلى بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان  «قەبرىدىكى پالۋان» ناملىق شېئىرلار توپلىمى، 1995 - يىلى شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن  نەشىر قىلىنغان «قېرىماس ئانا» ناملىق شېئىرلار توپلىمى، 2004 - يىلى شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن  نەشىر قىلىنغان «كۆيۈك مەڭگۈ تېشى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى ۋە 2004 -  يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان  «مۇھەببەت كارىدورى» ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىكى ئەسەرلىرىنى ئۇقۇپ چىقتىم . لېكىن ئۇنىڭ شۇنچە كۇپ ئەسەرلەرنى   يېزىپمۇ لېكىن بىرەر پارچە ئەسىرىگە كروران دەپ ماۋزۇ قۇيمىغانلىقىنى بايقىدىم . مىنىڭچە بۇ يەردىكى سەۋەپ - كروران دىگەن نامنى ئەسەرلىرىگە ماۋزۇ قىلىپ ئاشكارا قۇللانماي ئەكسىنچە بۇ نامنىڭ  مەزمۇنىنى ئەسەرلىرىدە يۇشۇرۇن ئىپادە قىلىپ بۇ ئارقىلىق بۇ نامنىڭ جەلپكارلىقىنى ساقلاش ۋە يارقىن نامايەن قىلىش. ئەسەرلىرىنىڭ كروران ئىلىدىن ئۇزۇق ئالغانلىقىنى بىلدۇرۇش، ئەسەرلىرىنىڭ كروراننىڭ ئۇزاق ئەسىرلىك تارىخى ، باي مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ئۇچۇن تىكلەنگەن ئابىدە بۇلىشىنى كاپالەتلەندۇرۇش.ئەمما شائىر 2013-يىلى مىللەتلەر نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان « قىزلارنىڭ تارتىش كۈچى » ناملىق  شئىېرلار توپلىمىغا 2012-يىلى2-ئايدىن    2013-يىلى 6-ئايغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە يازغان    « كروران » ناملىق داستانىنى ( بۇ داستان « تارىم » ژورنىلىنىڭ 2013-يىللىق 9-سانىدا ئېلان قىلىنغان) كىرگۈزگەن بولۇپ ، بۇ شائىرنىڭ كروران دىگەن نام ھەققىدە تۇنجى قېتىم ئەسەر يېزىشى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. بۇ شائىرنىڭ كروران نامى بىلەن باغلىنىپ كەتكەنلىگىنى كۈرسىتىدۇ .   
      « خەلق تورى»نىڭ ئۇيغۇرچە بىلۇگىنىڭ « يازغۇچىلار » سەھىپىسىدە « ئۇمەر كروران مەخسۇس سەھپىسى » تەسىس قىلىنغان بۇلۇپ ، سەھىپىگە  ئۇنىڭ ئەسەرلىرى « شئىېرلار »،« ماقالىلار » دىگەن ئىككى نامدا بىرىلگەن. بۇنىڭدىن ئۇنىڭ مۇشۇ ئىككى تۇردە  ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى كۇرۇپ ئالغىلى بۇلىدۇ . ئەمما ئۇنىڭ « كروران » دىگەن  نامنى ھەقىقى تۇردە جۇلالاندۇرغان ئىجادىيەت مىۋىللىرى ئۇنىڭ شئېرلىرىدۇر. بولۇپمۇ « يېقىندا ئېلان قىلغان »كروران » ناملىق داستانىدۇر.   بۇ شئىېرلار ئىچىدە « ئەشۇ بۇۋاق مەن ئىدىم » ناملىق بىر پارچە شئىېر بۇلۇپ ، بۇ شئېرنى شائىرنىڭ بالىلىق ھاياتى ، ئىجادىيەت مۇساپىسى ، ئىجادىيەت مۇددۇئاسىنىڭ ئىخچام كۇرىنىشى ، دەپ ئېيتىشقا بۇلىدۇ. شئىېر ئۇنىڭ قىرىق يەتتە ياشقا كىرگەن يىلىدا يېزىلغان بۇلۇپ ،  شئىېرنىڭ بېشىدا  ئۇ ئۇزىنىڭ يەر شارىدىكى خىلۋەت بىر قۇملۇق دىياردا تۇغۇلغانلىقىنى قەيت قىلىدۇ ، كىيىن ، ئۇن ئىككى ياشقا كىرگەن يىلى دادىسىنىڭ ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىشى سەۋەبلىك ، قېقىلىپ –سۇقۇلۇپ چۇڭ بۇلۇپ ئاخىرى ئۇزىگە خاس بۇلغان ھاياتلىق يۇلىنى تاللىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ، ئۇ چۇڭ بۇلىۋاتقاندا، ئەقلىنى تېپىپ ئۇڭ بۇلىۋاتقاندا تۇساتتىن شئىېرىيەت ئىشقىغا گىرىپتار بۇلىدۇ-دە ، قۇلىغا قەلەم ئېلىپ شئىېر يېزىشقا باشلايدۇ ، قىزلارغا كۇڭۇل بەرمەيدۇ، كۇڭلى قىزلاردىن كۇرە قەلەمنى ، شئىېىرىيەتنى تارتىدۇ. خەلقنىڭ ئۇزىنىڭ ئەمگىگىنى ھۇرمەتلىگەنلىگىدىن سۇيىنىدۇ.  ئۇ تارىخىنىڭ  بەتلىرىنى ۋاراقلاپ ، تارىخنىڭ  سىر-ھىكىمەتلىرى بىلەن تۇيۇنغان زىمىننىڭ خىسلەتلىرىنى يېزىپ ، قەدىمقى قۇملۇققا كۇمۇلگەن رۇھنى ئەكس-ئەتتۇرۇشكە باشلايدۇ، تارىخ بىلەن يازمىسىنى ئۇرگانىك بىرلىكلىككە ئىگە قىلىدۇ ، تارىخ ئىزلىرىنى كۇن نۇرىدا پارقىرىغان مىسران قىلىچنىڭ بىسىدەك يالت قىلىپ چاقنىتىدۇ ، يەنە غايىپ بۇلىدۇ ، يەنە چاقنىتىدۇ ، شۇنداق قىلىپ ھاياتتىن لەززەت ئالىدۇ ، دۇنيانىڭ گۇزەللىگىنى ، ھاياتنىڭ قىممىتىنى چۇشۇنۇپ يىتىدۇ.ئۇنىڭ بۇ ئەمگىگىنىڭ  قىممىتىدىن مېھرىبان  ئانىسى سۇيىنىدۇ، ئانسى سۇيۇنگەنلىگى تۇپەيلىدىن  ئۇنىڭ ئەجرىگە تەھسىن ئېيتىپ  دۇئا  قىلىدۇ،  ئۇمۇ تۇرمۇشلۇق بۇلۇپ  ، مۇھەببەت گۇللىرىنى ئېچىلدۇرۇپ  ئىككى پەرزەنتلىك بۇلىدۇ ، مۇشۇنىڭ ئۇزىنى  بەخت ، خۇشاللىق ، دەپ بىلىدۇ ، قىرىق يەتتە ياشقا كىرگەندە تۇرمۇشتا ئاق-قارىنى پەرق ئېتىپ ، نىمىنى قىلىش- نىمىنى قىلماسلىق لازىملىقىنى تۇنۇپ يەتكەنلىگىنى  بايان قىلىدۇ ، شائىر شئىېرنىڭ ئاخىرىدا  ھەقىقەتنى ياقلىغانلىقىنى ، ھەقىقەت تۇغىنى ئىككى قۇللاپ  ئىگىز كۇتەرگەنلىگىنى يازىدۇ ، بۇ يەردە ئۇ ھەقىقەتنى شئىېردىكى تۇرمۇش چىنلىقىغا ، تارىخنىڭ  ئەينەنلىگىگە سىمۋۇل قىلغان بۇلۇپ ، شئىېردا ھەقىنى يازغانلىقىنى ، ھەقنى سۇزلىگەنلىگىنى ، ئەژدات رۇھىنى نامايەن قىلغانلىقىنى  ، شئىېر يازدىم دەپ شئىېردا ئالا-تاغىل جۇيلۇپ ، خەلققە ، زىمىنغا ، ئەژداتلارغا يۇز كىلەلمەيدىغان ئىشنى قىلمىغانلىقىنى جاكارلايدۇ .ئاخىرىدا خەلققە كۇپرەك ئىش قىلىپ بىرىشنى نىيەت قىلغانلىقىدەك سەمىمىيىتىنى ئىپادە قىلىدۇ .  شئىېرنىڭ پىكىرى  سالمىقى شۇنداق چۇڭقۇركى، ئۇنىڭدىن بىر داستاننىڭ ،  بىر قىسسەنىڭ  مەزمۇنىنى كۇرۇپ ئېلىشقا بۇلىدۇ .ئۇنىڭ قۇملۇقتىن يەنى كروران دىيارىدىن ھالقىپ ، ھاياتنى  چۇشۇنۇپ يەنە كروران دىيارىنىڭ ئۇتمۇشىگە نەزىرىنى ئاغدۇرۇش جەريانى بىر خىل تەرتىپلىك ، قانۇنىنىيەتلىك جەريان بۇلۇپ ، بۇ جەرياندىن بىز ئۇنىڭ   ئانا ماكاننى ھەممىدىن   يۇكسەك بىلىدىغان  قارىشىنى بىلىپ ئالالايمىز.ئۇنىڭ « خەلق تۇر» بىكىتىنىڭ « يازغۇچىلار سەھىپىسى» ئىستۇنىغا بىرىلگەن ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسى مەتبۇئاتلاردا  ئاشكار  ئېلان قىلىنغان نادىر شئىېرلار بۇلۇپ ، بۇ شئىېرلاردىن كروران ئىلىنى مەركەز قىلغان تارىم مەدىنىيىتىنىڭ سەلتەنەتلىك قامۇسىنى ئۇقۇپ چىقالايمىز. بۇ يەردىكى  « تارىم »،« ئۇچىنچى يېرىم شار »،« قەدىمقى ئۇتتۇرا ئاسىيا تارىخى »،« تۇنيۇقۇق»،« يارغۇل »،«  مىڭ يىلنىڭ نېرىسىدا »،« مۇللا بىلال ۋاپاتىنىڭ 100 يىللىقىغا ئاتاپ »،« مەھمۇد قەشقىرى سىزغان خەرىتە » قاتارلىق شئىېرلار دەل  مۇشۇ قاراشنىڭ جۇملىسىدىكى ئەسەرلەردۇر. ئالدى بىلەن بۇ شئىېرلارنىڭ  ھەر-بىرىنىڭ ماۋزۇسى ئايرىم ھالدىكى بىر چۇڭقۇر مەنىگە ئىگە ھىكىمەت ۋە قامۇستۇر. بۇلارنىڭ مەزمۇن ئۇرتاقلىقى تارىم ۋە تەكلىماكان ۋادىسىنىڭ گۇللىنىش،  خارابلىشىش جەريانىنىڭ ئىخچاملىنىشىدۇر. بىز شئىېرنى ئۇقۇش ئۇچۇن  ماۋزۇنى ئۇقۇغان ۋاقتىمىزدا كۇز ئالدىمىزدا گۇللەنگەن مەدەنىيەتنىڭ ، جاھاننى زىل-زىلگە سالغان  ئىستىلالارنىڭ،  مۇشۇ زىمىندا سەلتەنەت سۇرىغان بۇيۇك شەخسلەرنىڭ سىماسىنىڭ گەۋدىلەنگەنلىگىنى بايقايمىز.بىز ئۇنىڭ بۇ شئىېرلىرىنى ئۇقۇغان ۋاقتىمىزدا  قەلبىمىزدە  يىراق جايدا بىرەر تۇنۇشنى كۇرگەندە پەيدا بۇلغان ئىللىق بىر سىزىمدەك تۇيغۇ  پەيدا بۇلىدۇ-دە ،  شۇ خىل تۇيغۇنىڭ تۇرتكىسىدە بۇ شئىېرلارنى  يېنىشلاپ –يېنىشلاپ ئۇقۇپ كىتىمىز.ئاپتۇرنىڭ تۇنۇش  شەخسلەرنىڭ بىزگە تۇنۇش بۇلغان ئەھۋالىنى ۋە بىزگە قاراڭغۇ بۇلغان كەچمىشلىرىنى قەلەمگە ئېلىشتىكى يۇقۇرى ماھارىتىدن سۇيۇنۇش ھېس قىلىمىز.  
    تارىم دەرياسى ئەلمىساقتىن  تارتىپ كروران ئىلى  ۋە تارىم  ۋادىسىنىڭ   ھاياتلىق مەنبەسى بۇلۇپ كەلگەن بۇلۇپ  . بۇ دەرياسىز   بۇ يەردىكى ھاياتلىقنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بۇلمايدۇ . مەن ئۇمەر مۇھەممەتئىمىن كروراننىڭ بۇ دەريا ھەققىدىكى شېئىرىنى ئۇقۇپ ، ئۇنىڭ تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى  ھاياتلىق ۋە مەدەنىيەتنىڭ تەقدىرىگە كۇڭۇل بۇلگۇچى مەدەنىيەت ۋە ھاياتلىق ئېكىئۇلۇگىيەچىسى ئىكەنلىگىدىن سۇيۇندۇم .  بۇ دەريانىڭ   مەن ياشاۋاتقان خۇتەن شەھرىنى كىسىپ ئۇتۇدىغان باش قىسمىنىڭ   ئۇ ياشاۋاتقان باشئەگەىم ۋادىسىدىكى ئېقىنى قىسمىنىڭ قۇشۇلىشى   خۇددى ئىككىمىزنىڭ قەلبىنى بىر-بىرىگە چېتىپ تۇرغان  رىشتە يىپىگە ئۇخشايدۇ .مەن بۇ دەريانى ئىككىمزنىڭ ئالاقە قىلىشىپ ، مۇڭدىشىشى ئۇچۇن تارتىلغان ئالاقە سىمىمىكىن ، دەيمەن ، بۇ  دەريا قېنى مەن ياشاۋاتقان جايدا قاشتېشى قازغۇچىلار تەرىپىدىن قېزىلىپ ، قېنىنى بىلگىلى بۇلماس ھالغا كەلتۇرۇپ قۇيۇلدى ، دەريا قېنىنىڭ قالايمىقان قېزىلىشى  سەۋبىدىن يازدا كىلىدىغان سۇمۇ خاپا بۇلغان بۇلسا كېرەك، كىچىكىپ كىلىدىغان  بۇلىۋالدى. مەن مۇشۇ ماقالىنى يېزىۋاتقان كۇنلەردە يەنى  ، 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 24 –كۇنى خۇتەن شەھەرلىك سىياسى كېڭەشنىڭ ئۇيۇشتۇرىشى بىلەن تەشكىللەنگەن كۇزدىن كۇچۇرۇش گۇرىپىسى تەركىبىدە خۇتەن شەھرىگە   10 كىلۇمېتىر كىلىدىغان جامادا دىگەن يەرگە چىقىپ ، دەريانىڭ مۇشۇ جايدىن ئۇتىدىغان قىسمىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كەلكۇندىن مۇداپىيە كۇرۇش تۇسمىسى ياساش قۇرىلىش ئەھۋالىنى كۇردۇم ، بۇ جەرياندا دەريانىڭ قېنىنى كۇردۇم دەريا قېنى قالايمىقان قېزىلىش سەۋەپلىك بىلگىلى بۇلماس ھالغا كىلىپ قالغان ئىدى ، مەن بۇ كۇنى باشقا ئەزالار بىلەن بىرگە دەريانىڭ خۇتەن شەھرى تەۋەسىنى كىسىپ ئۇتىدىغان 20 كىلۇمېتىردىن ئارتۇق ئىقىن لېنىيىسىنى كۇرۇش پۇرسىىگە ئېرىشتىم ، ئەھۋال ئاساسەن ئۇخشاش ئىدى ، بۇ جايلار قاشتېشى قازغۇچىلارنىڭ قالايمىقان قېىزىشى سەۋىبى بىلەن ئەڭ ۋەيرا قىلىۋېتىلگەن جايلار ئىدى.(  لېكىن بۇ قېتىمقى  تەكشۇرۇشتە مەن  بۇ جايلاردا  ئالاقىدار ئۇرۇنلار تەرىپىدىن دەريا قېنىدا كۇلاپ دۇۋىلەپ قۇيۇلغان تاش-شىغىل دۇۋىللىرىنىڭ بىر تۇتاش ھالدا تۇزلەپ ، تىندۇرۇلۇپ ، ئېقىننىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش  قۇرىلىشىنىڭ ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى كۇردۇم ، بۇنىڭدىن خۇرسەن بۇلدۇم   )  . مەن بۇ قېتىم    سۇنىڭ  بۇ دەرياغا كىچىكىپ كىلىشىنىڭ سەۋىبىنى بىلدىم ، قاراقۇرۇم تاغلىرىدىن كەلگەن سۇلار قاشتېشى كۇلاش، شىغىل كۇلاشتىن ھاسىل بۇلغان غايەت زۇر ئۇيمانلىقلارنى تۇلدۇرىشى كىرەك ئىكەن ، تاغدەك دۇۋلەپ قۇيۇلغان شىغىللىقلاردىن ھالقىشى كىرەك ئىكەن ، بۇ يەردە دەريا سۇيىنىڭ ئادەملەر چىقارغان چىرىندىلار بىلەن بۇلغۇنىشىنى دىمەيلا قۇياي. بىر قېتىم بۇ يەرگە كىلىپ  سۇنىڭ ئېقىشىغا قارغىنىمدا  ، سۇنىڭ  دەريا قېنىغا  دەھشەتلىك  ئۇرۇلىشىدا بىر خىل سۇر-ھەيۋە ، غەزەپنىڭ بارىلىقىنى  تۇيغاندەك  ،  ئىلگىرىكى يېقىملىق شاۋقۇندىن ئەسەرمۇ  قالمىغانلىقىنى  سەزگەندەك ،سۇنىڭ رەڭگىنىڭ  دۇغ  ھالىتىدىن بۇ دەريانىڭ قاشتېشى دەرياسى ئەمەسلىگىنى ھېس قىلغاندەك بۇلغانلىقىم يادىمغا كەلدى.     دۇلقۇننىڭ دەريا قېنىنى يالىشىدىن ھاسىل بۇلغان  يارداڭلار ، جىرالار ئادەمگە زەربىدىن دەز ئالغان  يۇرەكنى ئەسلىتەتتى. بۇ ھالغا ئادەمنىڭ ئىچى سىيرىلاتتى. دەريا سۇيى ئاياغ ئىقىنغا بارغۇچە قالايمىقان بۇز يەر ئاچقۇچىلارنىڭ بۇزەك قىلىشىغا ئۇچرايتتى. شۇڭا بۇ دەريا ئېقىن ئۇزگەرتىشكە مەجبۇر بۇلغان ئىدى. بۇ ئەھۋاللار كروران ئىلىنىڭ ۋە تارىم ۋادىسىدىكى ھاياتلىقنىڭ ۋەيران بۇلىشىدىكى  تۇپكى سەۋەپلەر ئىدى. دەريانىڭ ئاياغ تەرىپىدە ياشاۋاتقان شائىر خۇددى  دەريا قېنىنىڭ كىچىكلەپ كەتكەن ھالىتىنى كۇرۇپ ، مىنىڭ دەريانىڭ باش ۋە ئۇتتۇرا قىسمىغا قاراپ ، كىشىلەرنىڭ ئانا دەرياغا قىلغان بۇ  رەھىمسىزلىكلىرىدىن   مىسكىن بۇلغان كۇڭلۇمنى چۇشەنگەندەك مىسكىنلىككە تۇلۇپ ، دەريانىڭ ئېچىنىشلىق ھالىتىنى  تۇلىمۇ ئازاپلىق ھېسياتتا تەسۋىرلەيدۇ ، دەريا قېنىنىڭ كىچىكلەپ كەتكەن كۇرىنىشىنى « ئەسلىدىكى دەريانىڭ كىچىكلىتىلگەن مۇدېلىمۇ ؟ » دەيدۇ .  دەريانىڭ بۇزغۇنچىللىققا ئۇچرىغان  قىسمىتىگە بۇلغان ئېچىنىشىنى ئىپادىلەپ كۇز  يېشى قىلىدۇ .زامانىۋىيلىقنى  قۇغلۇشۇپ قۇرۇلغان زاۋۇتلاردىن چىققان   بۇلغانغان   پاسكىنا سۇلارنىڭ  دەريانىڭ  قېنىغا تۇكۇلۇشى  سەۋەپلىك دەريا  سۇيىنىڭ بۇلغانغان  ھالىتىنى ھاراقكەشلەرنىڭ مەست ھالەتتە قۇسۇپ پاكىزە يەرنى ، سۇنى  بۇلغىغان ھالىتىگە  ئۇخشىتىدۇ .بۇ يەردەئۇنىڭ  مەزكۇر شئىېرنى يېزىشىدىكى مۇددۇئاسى بىلەن مىنىڭ بۇ شئىېرنى ئۇقۇپ ئېرىشكەن ھاسىلاتىم ئانا دەريانى قۇغداش كېرەك ، دىگەندىن ئىبارەت بۇلۇپ ، بۇ ئۇرتاقلىق ئىككىمىزنىڭ شئىېر ئارقىلىق مۇڭدۇشۇپ ھاسىل قىلغان پىكىر بىرلىگىمىزنىڭ مەھسۇلاتىدۇر.

بىزدە شائىرلار كۇپ ، يېزىلغان شئېرلارمۇ كۇپ ، ئەمما تارىم ھەققىدە تۇگۇل ئانا يۇرتى ھەققىدە بىرەر كۇبلىت شئىېر يېزىپ باقمىغان  شائىرلارمۇ خېلى بار.ئۇلار ھە دىسە شئىېر يازدىم دەپ ، تېتىقسىز ، چۇشۇنىكسىز ، قىممىتى بۇلمىغان ، ئادەمگە تەسىر قىلالمايدىغان يازمىلارنى ئېلان قىلىدۇ، مۇھەببەتنى يازدىم دەپ ،چۇشكۇن نەرسىلەرنى يازىدۇ ،   شۇڭا بىزدە ئانا يۇرت تىمىسىدىكى شئېرلار ئازلاپ كىتىۋاتىدۇ . بار بۇلغانلىرىمۇ تەسىرلىك بۇلمايۋاتىدۇ . ۋەتەنپەرۋەرلىك تېمىسى شئېرىيىتىمىز ساھەسىدە سۇسلاپ كىتىۋاتىدۇ .   ئەمما ئۇمەر مۇھەممەت ئىمىن كروران  شئىېرلىرىغا دىگۇدەك كرۇران ئىلى ۋە تارىم ۋادىسىنىڭ رېئاللىقىنى مەنبە قىلىپ ، شئىېرىيىتىمىزدە ۋەتەنپەرۋەرلىك تېمىسىنى يىڭى ھاياتى كۇچكە ئىگە قىلدى . بۇنىڭدا ئۇ قەھرېمانلارنى ، باتۇرلارنى يازدى، ئۇمىتنى يازدى ، بۇ ئارقىلىق كىتاپخانلارغا ئۇمىت ئاتا قىلدى .  « مەھۇد كاشغەرى سىزغان خەرىتە » - شائىرنىڭ مۇشۇ خىل مەزمۇندىكى ۋەكىللىك ئەسىرى. ئەسەردە شائىر مەھمۇد كاشىغەرىدىن ئىبارەت بۇ قامۇسنىڭ بىر ۋارىقىنى نەقىل ئېلىپ ، بۇ بۇۋىمىزنىڭ ئىنسانىيەت ئالىمىدىكى دۇنياۋىي قىممىتىنى نامايەن قىلدى . ئالدى بىلەن شئېرنىڭ نامى شۇنداق جەلپ قىلارلىق  قۇيۇلغانكى ،  شئىېرنىڭ نامى بىلەن ئۇچراشقان ئادەم شئىېر نامىنىڭ جالپكارلىقىغا قاراپ ، شئېرنى  ئۇقۇپ تۇگەتمەي قالمايدۇ ، شئىېرنى ئۇقۇپ بۇلۇپ ، بۇنىڭدىن مىڭ يىل بۇرۇن  مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ  تارىم ۋادىسىدا تۇرۇپ ، دۇنيا خەرتىسىنى سىزىپ ، دۇنيانىڭ ئەھۋالىدىن ، ئەژداتلىرىمىزنىڭ ئەھۋالىدىن مەلۇمات بەرگەنلىگىنى  بىلىپ ئالالايدۇ . بىزدە كىشى ئىسىملىرى بىلەن ئاتالغان ئەسەرلەر خېلى بار، بۇ ھال بۇلۇپمۇ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىغا دائىر ئەسەرلەردە، خەلق ناخشا-  قۇشاقلىرىدا  گەۋدىلىك ئىپادە قىلىنىدۇ . بۇنداق ئەسەرلەردە باتۇرلار، قەھرىمان شەخسلەر، مەرىپەتپەرۋەر كىشىلەر، سېخى-مەرت كىشىلەر، پاك مۇھەببەت ئىگىللىرى ، ئاقكۇڭۇل ، ۋاپادار، كۇيۇمچان كىشىلەر تەرىپلەندى.  شۇڭا،  بۇ ھەقتىكى ئەسەرلەر بىزدە بىر تەتقىقات تېمىسى  ھىساپلىنىدۇ . بۇنداق ئەسەرلەر بىزدە خەلقىمىزنىڭ ئۇزلىرىنىڭ باتۇر ئەزىمەتلىرىنى  ئەتىۋارلايدىغان ، ئۇلارنىڭ تۇھپىسىنى ئۇنتۇمايدىغان  خاراكتىرگە ئىگە قەۋىم ئىكەنلىگىنى كۇرسۇتۇپ بىرەلەيدۇ . بۇنداق كىشىلەرنىڭ  تەۋسىپىنى قىلىش ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەردە  ئۇلارنىڭ ئۇبرازىنى يارىتىشتەك بۇنداق  ئۇدۇم بىزنىڭ مىللىي تۇرمۇش خاراكتىرىمىزنىڭ يارقىن نامايەندىسى بۇلۇپ ، ئۇمەر مۇھەممەتئىمىن كرۇران بۇ شئىېردا دەل مۇشۇنداق مىللىي تۇرمۇش خاراكتىرىمىزنى  يۇرۇتۇپ بەردى.يەنى مەھمۇد كاشىغەرىدىن ئىبارەت بۇ بۇيۇك شەخسنىڭ نامىنى شئىېر ماۋزۇسى قىلىپ ، يۇقىرىقى ئالاھىدىلىگىمىزنى  جۇلالاندۇردى. بۇ شئىېر مەرھۇم شائىر نۇرمۇھەممەت ئېركىنىڭ 20-ئەسىرنىڭ  90-يىللارىدا يازغان « پەخىرلەن  دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى » ناملىق شئىېرىدىن كىيىن بۇ بۇيۇك ئەللامە  ھەققىدە يېزىلغان نادىر ئەسەر ھىساپلىنىدۇ . شائىرنىڭ بۇنداق ئەسەرلىرى يەنە خېلى بار.

     شائىرنىڭ شئىېرلىرى مەزمۇن جەھەتتىن پەقەت ئۇتكەن شانلىق تارىخ بىلەن پەخىرلىنىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغان ، كروران ۋە تارىم بۇيلىرىنىڭ ئابادلىقىنىڭ قايتىدىن ئەسلىگە كىىشىنى ئۇمىت قىلىشمۇ ئۇنىڭ شئېرلىرىنىڭ مەزمۇن قاتلىمىدا سالماق  ئۇرۇننى ئىگەللەيدۇ .  ئۇنىڭ « يىڭى يىلغا كىرىش » ناملىق شئىېرى مۇشۇ قاراشنىڭ جۇملىسىدىندۇر. بۇ يەردىكى يىڭى يىل – سىمۋۇللۇق مەنىگە ئىگە بۇلۇپ ، ئۇ ، ئۇچۇر، رىقابەت دەۋرى،  بىلىم ئىگىلىگى ئەسىرى ، ئىلىم –پەن ئەسىرى دەپ ئاتالغان 21-ئەسرنى كرسىتىدۇ. شئېردا  شائىرنىڭ 20-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە 20-ئەسىر بىلەن خۇشلۇشۇپ ، 21-ئەسىرگە قەدەم بېسىش ئالدىدىكى كەيپىياتى ، تۇغرىسى مىللىتىمىزنىڭ دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەر بىلەن بىر قاتاردا تۇرۇپ ، 21-ئەسىرگە كىرىشكە بۇلغان ئىدىيىۋىي تەييارلىقى ئەكس-ئەتتۇرۇلگەن.شائىر شئىرىدا باشقىلارنىڭ 21-ئەسىرگە قەدەم قۇيۇشتىكى رۇھى ھالىتىنى بايان قىلمىغان ، مۇھىم نۇقتىنى ئۇزىمىزنىڭ كەيپىياتىنى ئەكس-ئەتتۇرۇشكە قاراتقان . بىز 21-ئەسىرگە تەييارلىقسىز كىردۇق ، ئۇيۇن –تاماشاغا بىرىلگەن ھالەتتە كىرىپ كەلدۇق ،  ھاراق بۇتۇلكىللىرىنى تۇتقۇنىمىزچە ، ھاراقنىڭ بەت-بۇي بۇسلىرىدىن مەست بۇلغان  ھالەتتە بۇ پەن –تېخنىكا دەۋرىگە كىرىپ كەلدۇق . كىتاپ ئۇقۇش، قەلەم تۇتۇش خىيالىمىزغا كىرمىدى ، تارىخىمىزنى پۇتۇشكە سەل قارىدۇق ، ماڭغان ئىزىمىزدىن گۇل ئۇنۇپ چىقسۇن دىسەك ، قۇلغا قەلەم ، كىتاپ ئالايلى. بۇنىڭدىن نۇرۇغن يىللار ئىلگىرى ئەژداتلىرىمىزنىڭ مەڭگۇ تاشلارغا تارىخىمىزنى  ئۇيغاندەك ئىشلارنى قىلايلى، دەيدۇ شائىر بۇ شئېرىدا. شئېرنىڭ مەزمۇنىنى ئارتۇقچە ئىزىپ شەرھىلىمىسەكمۇ ئەقىللىق كىتاپخانلار بۇ يەردىكى مەزمۇننى چۇشۇنۇپ ئالالايدۇ.شائىر مۇشۇ خىلدىكى ئەسەرلىرىدە ئۇز خەلقى ئۇچۇن قايغۇردى، خەلقىنىڭ غېمىنى يىدى ، خەلقىنىڭ ئۇتىدا كۇيۇپ ، سۇيىدە ئېقىشقا تەييار تۇرۇشتەك قەلبىنى ئىزھار قىلدى . بۇ شئېىر كرۇران ئىلى ۋە تارىم ۋادىسىدىكى  كىشىلەرنىڭ ئەسىر ھالقىش ئالدىدىكى رۇھى –دۇنياسىنى  چىنلىق بىلەن نامايەن قىلىپ بەرگەنلىگى بىلەن خاراكتىرلەندى .
          بۇ يەردە شائىرنىڭ « كروران » ناملىق داستانى ھەققىدە قىسقا بولسىمۇ توختۇلۇش ئارتۇقچە ئەمەس. چۇنكى ، بۇ داستان شائىرنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن بىرى، شۇنداقلا شائىرنىڭ « كروران »  نامىنى ئۆزىگە تەخەللۇس قىلغاندىن  كىيىن مۇشۇ نامدا يازغان تۇنجى  يىرىك ئەسىرى. بۇ داستاننى ئۇقۇش شائىر ئۆزىگە تەخەللۇس قىلىپ قوللانغان « كروران »نامىنىڭ  ناھىيىتىنى چۈشىنىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. داستان كروراننىڭ تارىخى ئەھۋالىنى نامايەن قىلىپ بىرەلەيدىغان ۋەقەلەر، ھىكايەتلەردىن تۈزۈلگەن ھەم لېرىك ھەم ئېپىكىلىق خۇسۇسيىەتكە ئىگە ئەسەر بولۇپ ، ئۇنىڭدا كروراننىڭ ئۆتمۈشى ، مەدەنىيەت قاتلىمى، يىپەك يولى مەدەنىيىتىدىكى ئورنى، بۇ يەرنىڭ بايقىلىشى ، بۇ يەرنىڭ بايقىلىشىدا شۇ يەرلىك لىشى –ئۆردەكنىڭ ئوينىغان رولى، ئاتالمىش چەتئەل« ئېكىسپىدىتسيەچىللىرى »نىڭ بۇ يەرنى تېپىش باھانىسىدا بۇ يەردىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغا قارىتا ئېلىپ بارغان  بۇلاڭ –تالاڭچىلىق ھەركەتلىرى ، بۇ يەرنىڭ خاراپ بۇلىشى قاتارلىق ئەھۋاللار بايان قىلىنغان . داستاننى ئۇقۇساق كروران ئىلىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە تۇنۇشقا ئىگە بولالايمىز. داستاندا كروران ئىلىدە بايقالغان جۇپ قەبرە ھەققىدىكى ھىكايەت ئارقىلىق كرورانلىقلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەر خاراكتىرى ، مۇھاببەتكە سادىق پىسخىكىسى ياخشى يۇرۇتپ بېرىلگەن. شائىر داستاندا كروران دىمەك- ئۇيغۇر ئىلى دىمەك ، كرورانلىقلار دىمەك – ئۇيغۇرلار دىمەك ، كروران دىمەك –تارىم مەدىنىيىتى دىمەك ، كروران دىمەك ئۇيغۇر ۋەتىنى دىمەك دىگەن ئىدىيىنى ئالغا سۈرگەن. قۇم دېڭىزى ئوتتۇرسىدىكى بۇ دىيارنى مەڭگۈ –مەڭگۈ ۋەتىنىم ، دەپ قارايدىغانلىقىنى جاكارلىغان . داستان ئادەمگە يىلتىز ئىزدەش تۇيغۇسى بېرىدۇ، ئادەمدە ئۆزىنىڭ  تەكتى ھەققىدە ئويلۇنۇش ھەتتا ئۆز تەكتىنى ، قەدەمىيىتىنى بىلىش ئىمكانىيىتىنى ئاتا قىلىدۇ ، شۇ ئان ئادەمدە كروران قىبلىگاھىمدۇر، كروران سەجدىگاھىمدۇر، كروران ئانا ماكانىمدۇر، دىگەن قاراش پەيدا بولىدۇ.

  ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروران  شئېرلىرىنىڭ خاسلىقلىرى ھەققىدە



مەن ئۇمەر مۇھەممەت كروران ئەسەرلىرىنى ئۇقۇپ  ، ئۇنىڭ  شېئىر يېزىش  ، شېئىردا پىكىر ئىپادە قىلىش ئۇسۇلى  ۋە شېئىرلىرىدىكى قۇرۇلما ئالاھىدىلىگىنىڭ ھېچكىمنىڭكىگە ئۇخشىمايدىغانلىقىنى    ھېس قىلدىم . مانا بۇلار ئۇنىڭ   شئېرلىرىنىڭ تۇپكى خاسلىقى بۇلۇپ ، بۇ ھەقتە قىسقا تۇختىلىشنىڭ زۇرۇرلىگىنى  كۇرسۇتۇپ بىرىدۇ . ئۇنىڭ شئېرلىرىدىكى پىكىر ، مەزمۇن ئالاھىدىلىگىنى يۇقۇرىدا تۇختالدۇق، كروران ۋە تارىم ۋادىسىنىڭ قەدىمقى ۋە ھازىرقى تۇرمۇش ئەھۋالىنىڭ ئۇنىڭ شئېرلىرىغا پىكىر مەنبەسى بۇلغانلىقىنى چۇشەندۇق ، شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا ئۇنىڭ شئېرلىرىدىكى خاسلىقنىڭمۇ قەدىمقى ئۇيغۇر شېئىرىيتىنىىڭ  ئىپادىلەش ئالاھىدىلىگىدىن كەلگەنلىگىنى ،  بۇلۇپمۇ كروران ئىلىنىڭ مۇل خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى بايلىقىدىن  ئۇزۇق ئالغانلىقىنى كۇرۇپ ئالالايمىز. شائىر شئېرلىرى بەدىئى ئىپادىلەش خاسلىقى جەھەتتىن  ئۇيغۇر شئېرىيىتىدىكى ئارۇز ۋەزنلىك شېئىرلارغىمۇ  تەۋە ئەمەس، بارماق ۋەزىنلىك شېئىرلارغىمۇ تەۋە ئەمەس، ئۇنىڭ شئېىرلىرىدا چاچما شېئىرلىق خۇسۇسىيەت گەۋدىلىك ، ئەمما يەنە ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى نۇقۇل چاچما شېئىرلار دەپ قاراشقىمۇ بۇلمايدۇ. ئۇنىڭ شئېىرلىرىنىڭ ئىپادىلەش ئالاھىدىلىگى لۇپنۇر خەلق قۇشاقلىرىنىڭ ئىپادىلەش ئالاھىدىلىگىگە ئۇخشايدۇ. مەن لۇپنۇر خەلق قۇشاقلىرىنى ئۇقۇپ باقتىم ، بۇ قۇشاقلارنىڭ ھەر-بىر كۇبلىتى دىگۇدەك ئالتە, تۇت، يەتتە، سەككىز، تۇققۇز  مىسرادىن تەركىپ  تەپقان  ئىكەن ، بىزنىڭ باشقا جايلاردىكى خەلق قۇشاقلىرى ئاساسەن تۇت مىسرادىن تۇزۇلگەن بۇلىدۇ ،  مەن يەنە لۇپنۇر خەلق ناخشىللىرىنىڭ تېكىستىنىمۇ ئۇقۇپ باقتىم ، بۇ تېكىستلەردىمۇ   ئۇخشاش بۇلمىغان  مىسرادىن تۇزۇلگەن ئالاھىدىلىك بار . ئەمدى بىز شائىرنىڭ شئېىرلىرىغا قاراپ باقساق شائىر شېئىرلىرىنىڭ قۇرۇلما جەھەتتىن چاچما شەكىلدە بۇلسىمۇ لېكىن كۇپۇنچە ئالتە مىسردىن تۇزۇلگەن ۋە شۇنىڭغا يېقىنراق مىسرالاردىن تۇزۇلگەن ئەسرلەر ئىكەنلىگىنى بايقايمىز . ئىشقىلىپ  شائىر شېئىرلىرىنىڭ   قاپىيە ، مىسرا  قۇغلاشماي ئەركىن ھالدا   ئىپادىلىنىشكە يۇزلەنگەنلىگى ئۇنىڭ كروران  ئىلىنىڭ ئېغىز ئەدەبىياتى بايلىقىدىن ئۇرنەك ئالغانلىقىنى كۇرسىتىدۇ . ئۇنىڭ شئېرلىرى ھەجىم جەھەتتىن   ئۇزۇن ئەمەس.  شۇڭا ، قىسقا، ئىخچام بۇلۇش ئۇنىڭ شئېرلىرىنىڭ  ئىجادىيەت ئالاھىدىلىگى. شائېر  ئىجادىيەتتە چاچما شئېرنىڭ پىكىرنى ۋەزىن ، تۇراق ، قاپىيە، رادىفلارنىڭ  چەكلىمىسىگە ئۇچرىمىغان ھالدا ئەركىن ئىپادىلەپ بىرىدىغان ئالاھىدىلىگىدىن پايدىلىنىپ ، پىكىرنى ئۇبرازلىق ، بىمالال ئىپادىلەپ ، ئىجادىيەتتە بىرى ئۇزى يەتمەكچى بۇلغان مۇددۇئاغا يەتكەن ، يەنە بىرى  ، ئۇز شئېرلىرىنى بىر ياخشى ئۇقۇشلۇققا ئايلاندۇرغان . بۇ دىگەنلىك ، ھەرگىزمۇ ئۇمەرمۇھەممەت ئىمىن كروران  شئېرلىرى چاچما  ھالدا قانۇنىيەتسىز يېزىلغان يازما، ئۇنىڭدا شئېرىيەتتە بۇلۇشقا تىگىشلىك قانۇنىيەتلەر يۇق ، دىگەنلىك ئەمەس.دەل بۇنىڭ ئەكسىنچە ، ئۇنىڭ شئېرلىرى بەلگۇلۇك قانۇنىيەت ئاساسىدا يېزىلغان ، پىكىرى چۇڭقۇر ، شەكلى ، ئۇسۇلى ئۇزگىچە بۇلغان نادىر شئېرىي ئەسەرلەر ،دىگەنلىك .

  تۇگەللىمە



      ئۇمەر مۇھەممەتئىمىن كروران – بىز ئۇچۇن  چارەك ئەسىر ۋاقىت يۇرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ ، سان جەھەتتىن كۇپ بۇلغان ئەسەرلەرنى تەقدىم قىلغان شائىر.  مەن ئۇنى شئېرىيەت يۇلىدىن خۇشپۇراق گۇل  ئېچىلدۇرغان شائىر، باسقان قەدەملىرىدىن رۇشەن ئىز قالدۇرغان شائىر ، دەپ ھىساپلايمەن . ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى گەۋدىلىك ئارتۇقچىلىقى  ئەسەرلىرىنى مەزمۇن جەھەتتىن ماكان خاسلىقىغا ئىگە قىلىپ  ، ئىپادىلەش شەكلى جەھەتتە لۇپنۇر خەلق قۇشاقلىرىنىڭ ئالاھىدىلىگىدىن ئۇرنەك ئېلىپ ،ئەنئەنىۋىي ئىپادىلەش ئۇسۇلى  بىلەن يىڭىچە ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى بىرلەشتۇرۇپ     شۇ ئاساستا  ئۇزگىچىلىك يارىتىپ  ،ئەسەرلىرىنى  ھاياتىي كۇچكە ئىگە قىلغانلىقىدا. تەخەللۇسشۇناسلىق ساھەسىدە خەلقىمىزنىڭ  ئېتنۇگرافىيەلىك ئالاھىدىلىگىنى ئىپادىلەپ بىرەلەيدىغان نامنى قۇللۇنۇپ ، بۇ نام بىلەن ئىجادىيەتنىڭ مەزمۇن ، شەكىل ئالاھىدىلىگىدە ئۇرگانىك گەۋدىگە ئايلىنىپ ، تەخەللۇس قۇللۇنۇش، ئۇنىڭ ئەھدىسىدىن چىقىش،تەخەللۇس ئالدىدىكى مەجۇبىيەرتنى ئادا قىلىش جەھەتتە ئۇلگە ياراتقانلىقىدا . شۇڭا ئۇ بۇنىڭدىن كىيىن ئەسەرلىرىنى كروران دىگەن تەخەللۇستا ئېلان قىلسىمۇ بۇلىدۇ . چۇنكى،  كروران دىمەكلىك ئۇمەر مۇھەممەتئىمىن دىمەكلىكتۇر.  

     ئەسكەرتىش:  مەرمۇز ماقالە ئاپتۇرنىڭ ھاۋالىسى بىلەن يوللاندى، كەڭ مۇنبەر ئەھلىنىڭ بەھىر ئېلىشىنى،  ئۆز كۆز قاراشلىرىنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرغا قويۇپ ئىلمىي بەس-مۇنازىرىگە ھەمدەم بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن!  

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-28 22:48  


Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  252
يازما سانى: 822
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2199
تۆھپە : 1
توردا: 632
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-1-12

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-12-28 23:28:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتورنىڭ مۇشۇنداق تەپسىلى ئىزدەنگەنلىكىگە رەھمەت.
بولسا ئاپتور ئىملاغا بەكرەك دىققەت قىلسا، بولۇپمۇ«ئو،ئۇ،ئۆ،ئۈ»لەرنىڭ پەرقىنى ئېنىق ئايرىسا دېگەن ئۈمىدتىمەن.

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  244
يازما سانى: 1197
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 4925
تۆھپە : -1
توردا: 1000
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-29 01:36:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كروران تەخەللۇسىنىڭ 14 يىللىقىنى قۇتلۇقلايمەن.

ئادەم ئۈچۈن ئەڭ چوڭ خۇشاللىق،ئەڭ زور بەخت ئۆزىنىڭ مەنىۋى كۈچىنى باشقىلارغا تەغدىم قىلىشتۇر.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8486
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 100
تۆھپە : 0
توردا: 15
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-29 14:04:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كروران ئەپەندىنىڭ ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق، «كروران» ژۇرنىلىنىڭ تېخىمۇ نۇرلىنىشىغا ياخشى تېلەكلەر يار بولغاي...

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5510
يازما سانى: 811
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2082
تۆھپە : 0
توردا: 712
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-29 16:51:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتورنىڭ  تەپسىلى ئىزدەنگەنلىكىگە كۆپ رەھمەت.

قېرىپ قالساڭمۇ قال ھېرىپ قالما،يىتىم قالساڭمۇ قال غېرپ قالما.

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  512
يازما سانى: 187
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 3473
تۆھپە : 2
توردا: 153
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-1-9

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-12-29 17:10:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇدۇنلۇق ئاكامنىڭ يەنە بىر سەمەرۋىلىك ئەسىرىنى كۆرگەنلىكىمدىن تولىمۇ خۇشالمەن. « كروران» غا مۇناسىۋاتلىك كىچىككىنى تەپسىلاتلارنى نەزەردىن ساقىت قىلماپتۇ، ئىزدىنىشلىرى ھەقىقتەن ئىنچىكە ئىكەن. بۇ بىزگە ئوخشاش ئەدەبىيات كوچىسىنىڭ ئىشىك ئالدىدا تىنەپ تۇرۇۋاتقان ياشلار ئۈچۈن ياخشى ئۈلگە بولدى. ئۇدۇنلۇق ئاكامنىڭ ئىزدىنىشلىرىگە مۇۋەپپىيەت تىلەيمەن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6037
يازما سانى: 203
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1482
تۆھپە : 0
توردا: 342
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-30 10:51:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سادىر موئەللىمنىڭ سەمەرىلىك ئەمگەكلىرى كۈندىن -كۈنگە كۈپىيىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ تىنىمسىز ئىزدىنىش روھى ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ.

ھايات ئېقىۋاتقان ئېقىن سوغا ئوخشايدۇ .

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4784
يازما سانى: 2053
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 11308
تۆھپە : 0
توردا: 1119
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-30 12:57:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كروران دىسە ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن ئىكەنلىكى  چىقىپلا تۇرىدۇ، ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروران ،كۆزگە كۈرۈنگەن شائىر ،ئۇنىڭ شېئىر ئەسەرلىرىلا  بىزنى جەلىپ قىلماستىن، ئەخلاقى پەزىلىتىمۇ جەلىپ قىلىدۇ ،بىز ئۆگىنىشكە تىگىشلىك  جايلىرىنى سۆزلىسەك  قەغەز،قەلەم ،سىياھ ئازلىق قىلىدۇ.ئۇنىڭ كورلا دىيارىدىن چىققانلىغىدىن  كورلا خەلقىمۇ بەك پەخرلىنىدۇ، بىزگە ھەر جەھەتتىن ئۇستاز،ئۇنىڭ كەمتەر ،كىچىك پېئىل،مەسئولىيەتچان،چوڭلارنى  ھۆرمەتلەپ،كىچىكلەرنى يىتەكلەيدىغان،مىللى ئۆرپە _ ئادەتكە ھۆرمەت قىلىدىغان،غورۇرلۇق، كەلگۈسىنى كۈرەرلىك روھى بىزنىڭ ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ. ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروراننىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بۇلىشىنى ،يېڭى بىر يىلدا يېڭى نەتىجە قازىنىشىنى  تىلەپ: ئايشەم سادىر

مەن  گۈزەللىكنى،خوشاللىقنى،ياقتۇرىمەن،دوستلۇرۇمنىڭ يامان گىپىدىن قورقىمەن،توردا ھەممەيلەننىڭ ئىتتىپاق،ئىناق ئۈتۈشىنى ئۈمۈت قىلىمەن
تور  ئادىرسى:
18099965554@189.com
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش