يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 3011|ئىنكاس: 34

ئېزىز تۇرسۇن: ئۈچتالاق (ھېكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-12-28 00:11:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
                                                                    ئۈچتالاق

                                                                     (ھېكايە)
                                                                   ئېزىز تۇرسۇن


   ئۇلار بۆگۈنمۇ تۈگىمەس بانايى سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئۇرۇشۇپ قېلىشتى. ئۇرۇشقاندىمۇ يىنىك ئەمەس؛ ياسىنقارى خوتۇنى سارەمنىڭ يۈز-كۆزلىرىنى كۆكەرتىپ قويدى. شۇڭا سارەم بۇ قېتىم ئۈچ بالىسىغا تارتىشىپ ئولتۇرمايلا ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە يامانلاپ كەتتى...
   بۆگۈنكى بۇ جىدەلنىڭ سەۋەبى مۇنداق ئىدى؛ بىزنىڭ بۇ يېزىدا قىش كۈنلىرى كىشىلەر بىكار قالغاچقا، كۈنلىرىنى قارت ئويناش دېگەندەك ئويۇن-تاماششالار بىلەن ئوتكۈزەتتى. يېقىنقى كۈنلەردىن بېرى نېمە بولدى، «توخۇ سوقۇشتۇرۇش»تىن ئىبارەت بىر ئويۇن ئەۋج ئالدى. ئويۇن دەسلەپتە كۆڭۈل ئېچىش، ئىچ-پۇشىغىنى چىقىرىشنى مەقسەت قىلغان بولسا، كىيىن بارا-بارا ئۇتۇش-ئۇتتۇرۇشنى كۆزلەيدىغان قىمارغا ئايلىنىپ قالدى.ئاخىرى كەنت كومتتى قىمار سورۇنلىرىغا  زەربە بىرىپ«تىنچ ئامان كەنت»قۇرۇش قەدىمىنى تىزلىتىش ئۈچۈن مۇشۇ يىلدىن باشلاپ ھەرقايسى كەنتلەردە سىياسى ئۆگىنىش قىلىش، مەشرەپ ئۆتكۈزۈش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزىۋاتاتتى. بۈگۈنكى بۇ پائالىيەت دەسلىۋىدە «دەرە ئويناش» بىلەن باشلىنىپ، ئاندىن كەنت مۇقامچىلىرىنىڭ چالغان سازلىرىغا ئۇسۇل ئويناشقا يۆتكەلدى؛ مانا ياسىنقارىنىڭ ئاغىنىسى مەخمۇت سارەمنى ئۇسۇلغا تارتتى، بۇ ئىككىسىنىڭ لەرزان ئوينىغان ئۇسۇللىرى مەيداندىن چاڭ چىقىرۋەتتى. ئويۇن -تاماششا مۇشۇ تەرەقىدە بىرەر سائەت داۋدملاشقاندىن كىيىن، كىشىلەر كەنت زالىدىن قوزغۇلۇپ ئۆيلىرى تارقىلىشتى...
               
                             +                 +                   +                  +
   ئەتىسى ياسىنقارى ئاخشامقى مەشرەپتە خوتۇنىنىڭ كۆرسەتكەن«كارامەت»لىرىنى ئاڭلاپ سارەمنى سوراق قىلىشقا باشلىدى؛
    - ئويۇنغا قانداق ۋاقىتتا، كىم بىلەن، قانداق باردىڭ؟ نېمىلەرنى قىلدىڭ؟...ھەممىنى قويماي سۆزلە!؟
   سارەم ئېرىنىڭ بۇنداق باش-ئايىقى يوق، تۇشمۇ-تۇشتىن سورالغان سوئاللىرىغا قانداق جاۋاپ بىرىشنى بىلەلمەي بىر ئاز گاڭگىراپ قالدى.
   -سىز خۇپتەن نامىزىغا چىقىپ كەتكەن ۋاقىتتا، ئوغلىمىز يۈسۈپقارى بىلەن باردىم، «نېمىلەرنى قىلدىڭ؟» دېگەنگە كەلسەك، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇسۇل...
   -ئاغزىڭنى يۇم! مۇشۇ كۇپپۇر گەپلەر ئاغزىڭدىن قانداق چىقتى؟ مەندىن بىسۇراق تېخى يات ئەرلەر بىلەن ئۇسۇل ئوينۇدۇم-دە، ھەي!-ياسىنقارى تىتىرەپ كەتتى.
   -ماڭا قاراڭ، ئۇ يەردە سىزگە خىيانەتتە بولىدىغان ناشايان ئىشلارنى قىلىش تۈگۈل،ئويلاپمۇ باقمىدىم. ئۇسۇلنىمۇ ئاغىنىڭىز مەخمۇتقارى بىلەن ئوينۇدۇم. سارەم ئامال بار ئېرىغا چۈشەندۈرۈپ بۇ جىدەلنى توختاتماق بولاتتى.
    - نومۇس قىلماي «ئوينۇدۇم» دەيسىنا!
    ياسىقارى سارەمنىڭ ئاغزىغا بىر كاچات سالدى. بۇنىڭسىزمۇ ئېرىنىڭ دائىم «پالانى ساڭا نېمىشقا قارايدۇ؟»،«مەن ھاشارغا كەتكەندە ئۆيگە كىم چىدى؟»-دېگەندەك بىكاردىنلا ئازار بىرىشلىرىگە ئاران چىداپ ئولتۇرغان سارەم بۇ بىر كاچات بىلەن تەڭلا پارتىلدى؛
    -سىزگە زادى نېمە بولدى؟ كىملەرنىڭ كەينىگە چىرىپ مۇشۇنداق بىمەنە گەپلەرنى قىلىپ يۈرۈيدىغانسىز! بىز بىر-بىرسىمىز ھەقىقى ياخشى كۆرۈشۈپ توي قىلىشقان تۇرساق، مەن سىزگە خىيانەت قىلارمەنمۇ؟ سىز مەمەتقارىمنڭ خوراپى گەپلىرىگە ئىشىنىپ ئائىلىمىزنى ۋەيران قىلماقچى بولىۋاتىسىز!؟
   -خوراپي گەپ دېدىڭما؟
   «چاڭ» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ سارەمنىڭ يۈزىگە ئىككىنچى تەستەك تەگدى ۋە ئارقىدىنلا ياسىنقارىنىڭ پۇت-قوللىرى تەڭلا ئىشلەشكە باشلىدى؛ -سەن ئىمانسىز دەۋزىخى«قۇرئان كېرىم»نىڭ ئولۇغ كەلىمىلىرىنى «خوراپي گەپ» دەۋاتامسەن؟-ھو يەر يۇتقۇر!سەندەك ئىمانسىز بىلەن ئۆي تۇتۇش ماڭا ھارام! بۈگۈندىن باشلاپ قويدۇم، ئۈچتالاق!

            +                      +                         +                        +
   ياسىنقارىنىڭ يالغۇز تۇرمۇشى باشلاندى. ئايال كىشى بولمىغان ئۆي، ئۆي بولامدۇ؟ ئۈچ بالىنىڭ قۇرسىقىنى بېقىش،تاھارىتىگە سۇ ئىسسىتىش، باشقا ئۆي ئىشلىرىچۇ تېخى! ئۇ بارا-بارا قىلغان ئىشلىرىغا پۇشايمان قىلىشقا باشلىدى؛ «مەھەللىدىكىلەرگە دېسەم ئېكىلىپ قويارمۇ؟ ھەي، تېخى ئاغزىمدىن گەپ چىقىرۋەتكىمچۇ؟! ئۇ كەلگەن تەقدىردىمۇ ماڭا ھالال ئەمەس، ھەي ئىست!...
   ئاخىرى ئۇ چىدىيالمدى؛ مەمەتقارىمنىڭ «ئۈچتالاقنى نىكاھلاش» پەتىۋاسىغا ئاساسەن، ئالدى بىلەن سارەمنى باشقا بىرىگە بىر كىچىلىك نىكاھ ئوقۇپ «شەرىئەت قائىدىسى»نى بىجا كەلتۈرگەندىن كىيىن ئۆزى قايتا يارشىۋالماقچى بولدى. بۇ پەتىۋاغا سارەمنىڭ ئاتا-ئانىسى دەسلىۋىدە قوشۇلمىغان بولسىمۇ، كىيىن ئۈچ بالىنىڭ يىتىم بولۇپ قالغاندىكى ھالىتىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرشۈپ نائىلاج ماقۇل بولۇشتى.
   قايتا-قايتا ئويلۇشۇپ سارەمنى مۇشۇ مەھەللىدە كىشىلەرنىڭ ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىنى قىلىپ بىرىشىپ كۈن ئېلىۋاتقان قاۋۇل ئىسىملىك 50ياشلار چامىسىدىكى بىر ئىشلەمچى بىلەن نىكاھ ئوقۇشنى قارار تېپىشتى. ئادەم ئاجايىپ نەرسە، بىر ئېغىز سۆزنى ئويلانمايلا قىلىپ سالدىڭمۇ، بولدى. مەڭگۈلىك پۇشايماندا قالىسەن، ھەتتا ئەشۇ بىر ئېغىز سۆزۈڭ سېنى ئۆلۈم گىردابىغا ئېلىپ بېرىشىمۇ مۈمكىن. ياسىنقارى ئۆزىنىڭ ئالدىراقسانلىق قىلىپ قويغۇنىغا مىڭ بىر پۇشايمان قىلدى.سارەم بولسا ئۆزىنىڭ يات بىر كىشىگە نىكاھلانماقچى بولغانلىقىنى ئاڭلاپ ،ئاتا-ئانىسىنىڭ ئالدىغا باش قويۇپ ھۆڭىرەپ يىغلىۋەتتى. ئاتا-ئانىسى ئاللىقاچان پۈتۈشۈپ بولغان تۇرسا، قانداقمۇ يورتنىڭ ئاتىسى ھىساپلانغان مەمەتقارىمىڭ ئالدىدا لەۋزىدىن يانالىسۇن؟ ئۇلار قىزىنىڭ ھەرقانداق يالۋۇرۇشلىرىغا قوشۇلماي بىر جۈمە كۈنىنى مۇۋاپىق تېپىپ سارەمنى قاۋۇلغا نىكاھلاپ قويۇشتى.

               +                     +                           +                       +
   تاڭ سەھەر. يۈرەكنى ئېزىدىغان يىغا ئاۋازى پۈتۈن كەنتنى بىر ئالغان. جامائەت توپ-توپ بولۇشۇپ قاۋۇلنىڭ ئۆيىگە كىلىشمەكتە. سارەمنىڭ ئاتا-ئانىسى تاڭ ئاتقۇچە بىر قانچە قېتىم ھوشىدىن كەتتى، 11ياشلىق ئوغلى يۈسۈپقارى تاكى جەسەتنى يويۇپ نامىزىنى چۈشۈرۈشكە ئېلىپ ماڭغانغا قەدەر ئانىسىغا ئكلزىنى ئېتىپ يىغلاپ كىشىلەرنىڭ يۈرەك-باغرىنى تىتىرتىۋەتتى. ياسىنقارى بولسا نېمە ئىش بولغانلىقىنى ئاڭقىرالمىغان سىياقتا يا يىغلىماي، يا بىرەرسىگە گەپمۇ قىلماي قاتۇرۇپ قويغان بۇتتەك ئۆرە توراتتى. ئەتراپتىكى كىشىلەر بولسا بىر-بىرىگە قولاق يېقىشقان ھالدا سارەمنىڭ قانداق قازا تاپقانلىقىنى سورىشاتتى. توپ ئىچىدىن ئورۇقراق كەلگەن بىر ئايال بۇلارنىڭ تەقەززالىق بىلەن سوراشقان سۇئاللىرىغا جاۋاپ بىرىشكە باشلىدى؛-ئاخشام سارەم كۆچۈرۈپ كىلىنىپ 3-4 سائەتلەردىن كىيىن قاۋۇلغا «-تالاغا ھاجەتكە چىقىپ چىرەي»-دەپ چىقىپ كىتىپتۇ. قاۋۇل يېرىم سائەتكىچە ساقلىغاندىن كىيىن «قاراپ باقاي، نېمانچە ھايال بولىدىغاندۇ؟»-دەپ چىقىپ قارىسا، سارەم ئۆينىڭ ئارقىسىدىكى ئۆژمىگە ئېسىلىپ ئۆلىۋاپتۇ! رەھمەتلىك تېخى ياش ئىدى، ھەي...كەم ئەقىللىق قىپتۇ-دە! ئاڭلىسام، مەمەتقارىم «ئۆلىۋالغان ئادەمنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈشكە بولمايدۇ»-دەپ كەلمەپتىمىش، سارەم دوۋزاققا چىرەمىش!....

     1991-12-1

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-28 21:19  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

qarakuz بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
ۋاقتى: 2014-12-29 00:55:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2014-12-29 15:56:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىكايە ئاز ھەم ساز يېزىلىپتۇ.تېخىمۇ قىزىق بولغان يېرى  بىرسى بىلەن ئۇچۇق ئاشكارە ئۇسۇل ئوينىغان ئايالىنى كەچۈرمىگگن بىر ئەرنىڭ ئۈچتالاق سۆزى بىلەن باشقا بىرىگە بىر كېچىلىك نىكاھلاپ قويغىنى ياسىنقارىغا بىر ساۋاق بوپتۇ .

ۋاقتى: 2014-12-29 16:40:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇسۇل ئوينىغانننى نامەھرەم دەپتتۇ يۇ بىر كىچىلىك نىكاھ ئوقۇشنى «ئەخلاق» قا ئۇيغۇن شەرئىئەت يولى بىلەن ئىش قىلىش دەپتۇ .ئىدىيەمدىن ئۆتمىدى

ۋاقتى: 2014-12-29 17:07:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يات بىلەن ئۇسسۇل ئوينىغان ئايالنى ئۇرغىنى ھەق بوپتۇ،
توغرا.

ۋاقتى: 2014-12-29 17:12:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھېكايىنىڭ مەركىزى ئىدىيەسىنى بايان قىلىۋەتمەمسىلە، بىلىۋالايلى!

qarakuz بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
ۋاقتى: 2014-12-29 17:15:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2014-12-29 17:22:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qarakuz يوللىغان ۋاقتى  2014-12-29 17:15
ئايالىڭىز باشقىلار بىلەن ئۇسسۇل ئوينىسا ئۇرماڭ!

ئەمسە باش تېمىسىچۇ؟

qarakuz بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
ۋاقتى: 2014-12-29 17:26:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2014-12-29 17:29:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qarakuz يوللىغان ۋاقتى  2014-12-29 17:26
ئۇرسىڭىزمۇ تالاق قىلىۋەتمەڭ!

ئاپتور بۇ ھېكايە ئارقىلىق بىزگە نېمە دېمەكچىدۇ؟

qarakuz بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
ۋاقتى: 2014-12-29 17:30:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2014-12-29 17:34:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qarakuz يوللىغان ۋاقتى  2014-12-29 17:30
ئۈچتالاق قىلىۋەتكەن ئايالنى باشقىلارغا نىكاھلاپ قوي ...

بۇ ھېكايە يېزىلغان دەۋر ئارقا كۆرۈنىشىنى بىر تەھلىل قىلىىۋىتىڭە

qarakuz بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
ۋاقتى: 2014-12-29 17:46:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2014-12-29 17:49:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qarakuz يوللىغان ۋاقتى  2014-12-29 17:46
خۇراپاتلىق بىلەن كەسكىن كۆرەش قېلىش دەۋرى ئارقا كۆرۈ ...

بۇ ھېكايىدىكى تىپ دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن ئوبراز قايسى؟

ۋاقتى: 2014-12-29 17:53:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرەر ئوبرازنى تىپ دەرىجىسىگە كۆتۈرۈش شۇنچىلىك ئاسانمۇ؟ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا  تىپ  دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن ئوبرازدىن زادى قانچىسى باردۇ؟

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش